ۋالتېرنىڭ سۆزلىرى

voltaire

ياۋروپا ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى، فرانسىيەلىك يازغۇچى، تارىخچى ۋە پەيلاسوپ ۋالتېر (1694-1778) ئۇنتۇلغۇسىز پىكىرلىرى ۋە بۇلارنى ئىپادىلەش قابىلىيىتى بىلەن داڭ قازانغان شەخستۇر. ئۇ ئۆمۈر بويى مۇتئەسسىپلىك ۋە زوراۋانلىق بىلەن ئېلىشقان. ئۇنىڭ زامانداشلىرىدىن ئېشىپ چۈشكەن ئەقلى ۋە ئۆتكۈر تەنقىدىي پىكىرلىرى ياۋروپانىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن. تۆۋەندە ئۇنىڭ تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن ئۈچۈن نېمە دېگەنلىكىگە قاراپ باقايلى.

1. پۇلغا كەلگەندە، ھەممە ئادەم دىنىي قېرىنداش.

2. تۇنجى ھىيلىگەر تۇنجى ساددا بىلەن تونۇشقاندا دىنلار مەيدانغا كەلدى.

3. « ئىچكى بىخەتەرلىك» دېگەن گەپتىن ساقلىنىڭلار، بۇلار زالىملارنىڭ ئەزەلىي چوقانىدۇر.

4. ھەممە جايدا ئىنسانلارنىڭ قىلىدىغان مۇھىم ئىشى شۇ: تاماق ئېتىش، غەيۋەت قىلىش، تاغدىن-باغدىن پاراڭ سوقۇش.

5. سىلەرنى ئازدۇرالىغانلار سىلەرنى زالىملاشتۇرۇشقىمۇ قادىر بولالايدۇ.

6. بىر ئادەمگە ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابىغا ئەمەس، سورىغان سوئالىغا قاراپ باھا بېرىڭلار.

7. ئەسلىدە تەڭسىزلىك ئەمەس، بېقىندىلىق بىر ئاپەتتۇر.

8. قارىسىغا ھۆكۈم قىلىش ئەخمەقلەرنىڭ مەنتىقىسىدۇر.

9. ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەرنى قەدىرلەڭ، ئەمما ئۇنى تاپتىم دېگۈچىلەردىن ھەزەر ئەيلەڭ.

10. بۇ دۇنيادا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئەخمەق بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ.

11. سۆزۈڭگە قوشۇلمايمەن، ئەمما پىكرىڭنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقۇڭغا مۇتلەق ھۆرمەت قىلىمەن.

12. خوتۇنىنى قايمۇقتۇرماقچى بولغان ئەر كۆپ ھالدا ئۆزىنى قايمۇقتۇرىدۇ.

13. ئۆزىدىن سورالغان ھەر قانداق سوئالغا جاۋاب بېرەلىگەن ئادەم شەكسىزكى ناھايىتى جاھىل ۋە بىلىمسىزدۇر.

14. بىراۋنىڭ ئىچىنى سىقىمەن دېسەڭ، ھەممە گەپنى زىغىرلا.

15. زامانغا ماسلاشمىغان ئىنسان بۇ زاماننىڭ پۈتۈن دەردىنى تارتىدۇ.

16. «پۇل ھەممىگە قادىر » دېمەڭ، بولمىسا پۇل ئۈچۈن ھەممىنى قىلىدىغان بولۇپ قالىسىز.

17. بىر ئايال ئۆمرىدە بىرلا نەرسىنى سىر تۇتۇشى مۇمكىن؛ ئۇ بولسىمۇ، قانچە ياشقا كىرگەنلىكىدۇر.

18. قۇللار پادىشاھنىڭ نەزەرىدە نېمە بولسا، ئازغۇن مۇرىتلار ئالدامچى مۇرشىدنىڭ نەزەرىدە شۇنداقتۇر.

19. بۈگۈن ئازابلىنىپ ئۆلۈۋالغان ئادەم بىر ھەپتە سەۋر قىلغان بولسىدى، ياشاشنى ئارزۇ قىلغان بولاتتى.

20. قاتمال قاراش نادان خەلقنى يېتەكلەيدىغان نەرسىدۇر.

21. گەپ قىلىشىمىغا بىر نەچچە مىنۇت پۇرسەت بەرسەڭلار، فرانسىيە خانىشىنىمۇ كەلتۈرەلەيمەن.

22. ئەتراپىڭىزدا ئوڭلۇق ۋە خۇشال ئىنسانلار بولسا، ھەر ئىش مۇۋەپپەقىيەتتۇر.

23. مودا پەيدا قىلغۇچى نەرسە زوقلىنىش ئەمەس، تەسەۋۋۇردۇر.

24. ئەگەر مۇنازىرە ئۇزۇن داۋاملاشسا، شۇنى بىلىڭكى، ئىككىلا تەرەپ خاتا.

25. مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ رىم بىلەن ئالاقىسى يوقتۇر، مۇقەددەس ئېمپىرىيەمۇ ئەمەستۇر.

26. كىشىلەرنى قالاق، جاھىل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بۇيرۇق بېرىشتىن ئاۋۋال ئۇلارنى قايىل قىلىشتۇر.

27. يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى تەڭ دەرىجىدە كۈچلۈك بولالمايدۇ، ئەمما تەڭ دەرىجىدە ئەركىن بولالايدۇ.

28. تەڭرى مېنى دوستلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىسۇن، دۈشمەنلىرىمگە ئۆزەم تاقابىل تۇرىمەن.

29. سىياسەت دېگەن نەرسىنى قەستەن يالغان سۆزلەش سەنئىتى دېمىسەك، نېمە دەيمىز؟

30. ئەخمەقلەر مەشھۇر بىر يازغۇچى نېمە يازسا ياقتۇرىدۇ.

31. بۇرۇنقى زامانلار ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرىكى زامانلارغا ئوقۇلغان مەدھىيە بىلەن تولغان.

32. ھۆكۈمدارلىق دۆلەتنىڭ ئۈچتىن بىر پايدىسىغا ئۈچتىن ئىككى زىياننى بەدەل قىلىش دېمەكتۇر.

33. بىر قار دۆۋىسى ئىچىدىكى قار دانىسى ئۆزىنى بۇ ئەھۋالغا مەسئۇل دەپ قارىمايدۇ.

34. بايلارنىڭ راھەت-پاراغەتتە ياشىشى نامراتلارنىڭ كۆپ بولۇشىغا باغلىق.

33. ئاۋارە ئىنسانلار زالىمغا قارشى ئۆزلىرىگە يېڭى يول كۆرسەتكەن يولباشچىلارغا دائىم تاش ئاتىدۇ.

34. دىكتاتورلار كونا قانۇننى يوق قىلمىغىچە ئۇنى قوغدايدۇ.

35. كىمنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز، كىمنى تەنقىدلەشكە بولمايدىغانلىقىغا قاراڭ.

36. قېلىن-قېلىن كىتابلار ھەرگىز يېڭى بىر دەۋرنى ئاچالمايدۇ. ئەسلىدە قورقۇش كېرەك بولغىنى كىچىك-كىچىك تەشۋىقات ۋاراقلىرىدۇر.

37. ئاغزىڭىزدىن چىققان ھەر بىر سۆز دۇرۇس بولسۇن، ئەمما راست گەپنىڭ ھەممىنى دېيىش شەرت ئەمەس.

37. شېكىسپىر كانادا ۋە لوندوندىكىلەرنى خوش قىلىدىغان دراممىلارنى يازغان، بىر ئاز تەسەۋۋۇر كۈچى بولغان بىر پىيەنچۈك ئىدى.

38. زالىملار تا ھالاك بولغىچە بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ يۈرسۇن، زۇلۇم كۆرگەن پەيلاسوپلار ئۇلارغا ئېچىنىش بىلەن خۇشال بولىدۇ.

39. چېركاۋغا قارشى بىرەر ھەرىكەت، ئىنقىلاپ ياكى پاجىئە كۈچىيىپ كەتسىلا، ئۇنىڭدا تەڭرىنىڭ قولى بار دېيىشىدۇ.

40. مۇتئەسسىپلىك دەيدىغان بىر يالماۋۇز ھازىرمۇ ھايات، شۇڭا بەزىلەر يەنىلا ھەقىقەتنى ئىزدىشى، زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەتىرىدىن قورقماسلىقى كېرەك.

41. رىمدا كىتاب تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغان بولسا، بۈيۈك پەيلاسوپلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بۈگۈن ئوقۇيالمىغان بولاتتۇق.

42. چوڭقۇر پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالمايدىغانلار گەپدانلىق بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنىدۇ.

43. «مەن ئىشەنگەنگە ئىشەن، بولمىسا تەڭرى سېنى جازالايدۇ» دېگۈچىلەر بۈگۈن، «مەن ئىشەنگەنگە ئىشەن، بولمىسا جېنىڭنى ئالىمەن» دېمەكتە.

44. تەڭرىگە ئۆمرۈمدە بىر قېتىم دۇئا قىلدىم، ئۇ قىسقا بىر دۇئا ئىدى: ئەي تەڭرىم، دۈشمەنلىرىمنى ماڭا ھەر زامان كۈلكىلىك كۆرسەتكىن. دۇئايىم ئىجابەت بولدى.

45.ماتېماتىكىچىلارنىڭ «چەكسىزلىك» دېگىنىنى چۈشىنىشنىڭ بىردىنبىر يولى، ئىنسانلارنىڭ ئەخمەقلىقىنىڭ چەك-چېگراسى بارمۇ؟ دېگەننى ئويلاشتۇر.

46. يۇرتىڭىزدا ئىككى دىن بولسا، بۇ ئىككى دىننىڭ مۇرىتلىرى بىر-بىرىنى بوغۇزلايدۇ؛ ئەمما ئوتتۇز دىن بولسا، بىر-بىرى بىلەن قېرىنداشلارچە ياشايدۇ.

47. ئەڭ مەنتىقىلىق ھەرىكەت، ۋىجدانىمىزغا خىلاپ ئىش قىلماسلىقتۇر. شۇندىلا ھاياتىمىزنىڭ پەيزىنى سۈرىمىز ۋە ئۆلۈمدىن قورقمايمىز.

49. ئىنسان نەپسى دائىم قاچقاننى قوغلاشقا، قوغلىغاندىن قېچىشقا بۇيرۇيدۇ.

50. ئۆمرىمىزنى ياخشى-يامان ئۆتكۈزۈش ئۆزىمىزگە باغلىق، ئۇ ھالدا جاھىل خەلققە دىندارلاردىن مىراس قالغان خۇراپاتلىقنى تەرك ئېتىڭ.

51. ئىنسانلار تارىخىدا توي قىلىش بىلەن ئاجرىشىش دەۋرى تەڭ باشلانغان. مەنچە، توي قىلىشنىڭ تارىخى ئاجرىشىش تارىخىدىن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن باشلانغان.

52. ئېتىقادىڭىز سىزنى ئەقلىڭىزگە ئۇيغۇن كەلمىگەن بىر نەرسىگە ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنسا، ئەقىل- مەنتىقىڭىزنى تامامەن يوقىتىشىتىن ساقلىنىڭ.

53. ئوينايدىغان ۋاقىت بار، ئۆگىنىدىغان ۋاقىت بار، ياشلىقىڭىزنىڭ پەيزىنى قانغۇدەك سۈرۈڭ، ئەمما قېرىغاندا ئۇنىڭ دەردىنى تارتىپ قالماسلىققا دىققەت قىلىڭ.

54. بىر ئىنسان ئۇنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەنمەيدىغان بىرسى بىلەن پاراڭلاشسا، ئۇ ئىنسانمۇ ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمىسە، بۇنى مېتافىزىكا دەيمىز.

55. پاقىغا «گۈزەللىك دېگەن نېمە» دەپ سورىسا، پاقا: ياپىلاق بېشى، پولتايغان كۆزى، كەڭ ۋە تۈپتۈز ئاغزى، قوڭۇر رەڭ دۈمبىسى بولغان چىشى پاقا، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

55. خىرىستىيان دىن مەھكىمىسى رىم پاپىسى ۋە پوپلارنى كۈچلەندۈرۈش، بۈيۈك پادىشاھلارنى ئىككى يۈزلىمىچى قىلىش ئۈچۈن مەيدانغا كەلگەن، تامامەن خىرىستىيانلار ئىجاد قىلغان بىر ئورگاندۇر.

56. قاتىللىق مەنئىي قىلىنغان، شۇڭا بارلىق قاتىللار جازالىنىدۇ. ھالبۇكى، چوڭ كۆلەمدە قەتلىئام يۈز بەرسە ۋە بۇنىڭغا ھۆكۈمدارلار قېتىلغان بولسا، ئىش باشقا.

57. ۋالتېر سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، ئۆزىگە شەيتاندىن قېچىش ئۈچۈن دۇئا قىلماقچى بولغان پوپقا مۇنداق دېگەن: دىققەت قىل دوستۇم، ھازىر دۈشمەن ئىزدەيدىغان ۋاقىت ئەمەس».

58. ئىنسان مېڭىسى كىشى نېمىگە ئىشەنمەكچى بولسا ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن سەۋەب ئىزدەيدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە مۇرەككەپ ئورگاندۇر.

59. «ئىنسانغا ئەمەس، تەڭرىگە ئىتائەت قىل» دېگەن، ئاندىن سېنى ئۆلتۈرسە ئۆزىنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئادەمگە نېمە دىيەلەيسەنكى ؟

60. ئىنسان ئاددىيلىقتىن باشلىنىدۇ، ئاندىن مۇرەككەپلىشىدۇ. ئىلىم-ئىرپاندا كامالەتكە يەتكەندىن كېيىن يەنە ئاددىيلىققا قايتىدۇ.

61. كىتابلار شۇنچە كۆپ، ئوقۇرمەنلەر ئاز. كىتابلارنى چۈشىنىپ ئوقۇغىنىڭىزدا، ساپاسىزلار ھەر كۈنى ئالدىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ نەقەدەر كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز.

62. كۆپىنچە ئادەملەر خاتا مەنتىقە بىلەن تەپەككۇر قىلىدۇ، بەزىلىرى مەنتىقىلىق تەپەككۇر قىلالمايدۇ. قالغانلىرى مەنتىقىلىق تەپەككۇر قىلغانلارنى جازلايدۇ. شۇڭا، ئىنسانلىقىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن باتىل دىنلارنى رەت قىلايلى، مۇتئەسسىپلەرگە قارشى گەپ قىلغاندا ئۇلارغا ئوخشاپ قالمايلى. ئۇلار دوختۇرلارنى پالاققا تارتىدىغان كېسەللەردۇر، كېسەللەرگە شىپا تاپايلى، ئەمما ئۇلارنى ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرمايلى. ئۇلارنىڭ روھىغا مېھىر-شەپقەت ۋە كەڭچىللىك مەلھىمىنى ئاستا-ئاستا سۈرەيلى، بىراقلا سۈرمەكچى بولساق، ئۇلار قورقۇپ بىزگە قارشى چىقىدۇ.

63. توي قىلىش قورقۇنچاقلار ئارىلىشىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بىردىنبىر جېدەلدۇر.

64. تەڭرى ئەرلەرگە شىپا بولسۇن دەپ ئاياللارنى ياراتتى.

65. تارىخ تەكرارلانمايدۇ، ئەمما ئىنسانلار ئۆز خۇيىنى تەكرارلايدۇ.

66. پىكىر ئەركىنلىكى رۇھنى تىرىك تۇتۇپ تۇرىدۇ.

67. ئىمان ئىشەنچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما مەنتىق ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

68. ئەڭ ياخشىسى دېگىنىمىز ياخشىنىڭ دۈشمىنىدۇر.

69. ئىنسانلار بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ يۈرگەندە، تەبىئەت قىلىدىغىنىنى قىلىۋېرىدۇ.

70. ھەقىقەتنى سۆيۈڭ، ئەمما خاتالىقنىمۇ كەچۈرىۋېتىڭ.

71. يېتەرلىك سۆز ھېچقانداق نەرسىگە پاكىت بولالمايدۇ.

72. ئەقىللىق دىكتاتورلار ھېچقاچان جازالاندۇرۇلمايدۇ.

73. قۇلاق قەلبكە تۇتىشىدىغان مەيداندۇر.

74. ئۆلىدىغان ھەر جانلىق تەڭ-باراۋەر، پەقەت نىقابلىرى ئوخشىمايدۇ.

75. ھورۇنلۇق راھەتتۇر، ئەمما ئاقىۋىتى ئازابتۇر.

76. قارىغۇلارچە ھۆكۈم ئەقىلسىز پىكىر دېمەكتۇر.

77. جاھالەتنى بىلىش ئۈچۈن رەھبەرگە ھاجەت يوقتۇر.

78. چالا ئويلىساق چالا ياشىغان بولىمىز.

79. نېمە قىلسىڭىز قىلىڭ، ئەمما پەسكەشلىككە ئىچ ئاغرىتماڭ.

80. دۇئادا يوق نەرسە، رىياللىقتىمۇ يوق.

81. گىئومېتىرىيەدە مەزھەپ دېگەن نەرسە يوقتۇر.

82. ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ يۇرتى بولمايدۇ.

83. قورقۇشنى پەزىلەت دېگىلى بولمايدۇ.

84. ئىنسان قانچە كۆپ نەرسىنى بىلسە، شۇنچە ئاز گەپ قىلىدۇ.

85. بىر ئىنسان ئۆزى قىلمىغان ھەر بىر ياخشىلىق ئۈچۈن گۇناھكاردۇر.

86. ئاشۇرۇۋېتىش جاسارەتنىڭ ئايرىلماس ھەمراھىدۇر.

87. ھۆكۈمەت خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، سىزنىڭ توغرا بولۇشىڭىز خەتەرلىكتۇر.

88. ئاياللار نېمىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلاردىن نەپرەتلىنىمەن.

88. ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم قارارى خۇشال بولايمۇ-بولمايمۇ دېگەن قاراردۇر.

89. يازماق ئاۋازنىڭ رەسساملىرىنى سۆزلىتىشتۇر.

90. بەخت دېگىنىمىز تەبىئەت بىزگە ساتقان مالدۇر.

91. ئەخمەقلەرنى ئۇلار ھۆرمەت قىلغان زەنجىردىن قۇتۇلدۇرۇش تەس.

92. ئاھ، ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلىغان ئىنسان، ئەخمەقنىڭ دەل ئۆزى!

93. ھەر گۈزەللىك ئۆز ئورنىدا گۈزەل.

94. تارىخچىلار ئۆلۈكلەرنى تېرىكتۈرۈش بىلەن ھەپىلىشىدىغان غەيۋەتچىلەردۇر.

95. خۇشاللىق ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيمەن ۋە زوقلىنىدىغان كىتابلاردىنلا خۇشاللىق تاپىمەن.

96. ھايات دېڭىزدا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان يەلكەنلىك بىر كېمىگە ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا چىققاندا ناخشا ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

97. فەتھى قىلىش كۇپايە قىلمايدۇ، كۆڭۈلنى مايىل قىلىش كېرەك. قەلەمنى قولىڭىزغا ئالغاندا سىز ئەمەلىيەتتە جەڭ مەيدانىدا.

98. ھاياتلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىش، ئۆلۈكلەر ئۈچۈن ھەقىقەت ئىزدەش بىزنىڭ بۇرچىمىز.

99. بىر خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، ئۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغىچە كۈتۈش كېرەك.

100. مۇھەببەتنىڭ كۆزى كور ئەمەس، ئەممە ئۆز مەستانىلىقنىڭ كۆزى كوردۇر.

101. چۈشىنىشمەسلىك ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ كېسەللىكى، كەڭ قورساقلىق ئۇ كېسەللىكنىڭ بىردىنبىر شىپاسىدۇر.

102. تەڭرى توپ-توپ قوشۇننىڭ يېنىدا ئەمەس، ئەڭ ماھىر مەرگەنلەرنىڭ يېنىدا.

103. ئادالەتسىزلىك ئاخىر مۇستەقىللىققا بارىدىغان يولنى ئاچىدۇ.

104. پىكىر-ئىدىيەلەر بۇ دۇنيادا ۋابا ۋە يەر تەۋرەشتىن ئېغىر ئاپەتلەرنى كەلتۈردى.

105. گۇمان قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس، ئەمما ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ كېتىش تامامەن كۈلكىلىك ئىشتۇر.

106. قولىڭىزدىن كەلگەن ئىشلارنى ياخشى قىلسىڭىز، ئاتا-بوۋىلىرىڭىزغا ھاجىتىڭىز چۈشمەيدۇ.

107. ئەڭ ياخشى قانۇننى ئارزۇ قىلسىڭىز، ھازىرقى قانۇنلارنى يوق قىلىڭ ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىسىنى قويۇڭ.

108. ئىنسان خاتاسىز بولۇشنى ئەمەس، كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك.

109. جەسۇر بولۇڭ، ھەر جايدا جاسارىتىڭىزنى كۆرسىتىڭ، پەقەت جەسۇر ئادەملەرلا ھەقىقىي ياشايدۇ.

110. ئۆلىۋېلىشنى كۆپ قېتىم ئويلىدىم، ئەمما نېمىشقىدۇر ھاياتتىن كېچەلمىدىم. ئارىمىزدا باشقىلارنىڭ كەچمىشلىرىدىن ساۋاق ئالالايدىغان ئادەملەر بارمۇ ئەجىبا؟

111. پىكىر-ئىدىيەلەر ساقالغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ چىقىشى ئۈچۈن ئەرلەر بالاغەتكە يېتىشى كېرەك.

112. چوڭ ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن ئازغىنە يامانلىق قىلىش زۆرۈر.

113. بىر گەپ لاۋزا تۇيۇلسا ئۇنى ناخشا قىلىپ ئېيتىش مۇمكىن.

114. رازى قىلىش تەس بولغان ئادەمنىڭ كىشىنى رازى قىلىدىغان بىر تەرىپى باردۇر.

115. قىلغۇدەك گېپىمىز قالمىغاندا دائىم سەت گەپ قىلىمىز.

116. بىر نەرسىدىن خۇشاللىق تاپقىنىڭىزدا ئۇنىڭدىن قانداق ۋاز كېچىشنىمۇ بىلىشىڭىز كېرەك.

117. ئەڭ ياخشى تەقلىد ئەسلىسىنىڭ مۇمكىنقەدەر مۇكەممەل بولغىنىدۇر.

118. جىنايەتچى قانچە ئابرۇيلۇق بولسا، جازاسىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

119. ئادىللىقتىن باشقىنى بىلمىگەن ئادەم رەھىمسىزدۇر، ئالىملىقتىن باشقىنى بىلمىگەن ئادەم خۇش كەيىپسىزدۇر.

120. ئاڭسىز خەلق ۋەھشىي ھايۋاندۇر، ئۇنى زەنجىر بىلەن ئۇرۇش ياكى ئارقىغا قارىماي قېچىش كېرەك.

121. دوستلۇق ئىككى رۇھنىڭ تويىدۇر ۋە ئۇلار ئاجرىشىشقا تەييار تۇرىدۇ.

122. بىرەر پىكىر ياكى كۆز قاراشنى دەپ قوشنىڭىزنىڭ ئۆيىگە ئوت ياقماڭ.

123. قۇش بولۇش—كۆكتە ئۇچۇش ۋە خەقنىڭ بېشىغا چىچىپ قويۇش دېگەنلىك ئەمەس.

124. مەنتىقىلىق ئىنسانلار ھېسسىياتقا بېرىلىشنى شوئار قىلىشى كېرەك.

125. تارىخ نېمە بولسۇنكى –ئۇ ھەممە ئادەم كېلىشىۋالغان يالغانچىلىقتۇر.

126. ئەگەر بۇ دۇنيا دۇنيالارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولسا، باشقا دۇنيالار نەدە؟

127. ئەڭ گۈزەل ھايات يالغۇزلۇقتا ئۆتكەن مەنىلىك ھاياتتۇر.

128. ئەگەر باشقا پىلانېتلاردا ھايات ياشاۋاتقانلار بولسا، ئۇ ھالدا بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا ئالەمدىكى ساراڭلار دوختۇرخانىسىدۇر.

129. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەسەللىي ئىنساننىڭ نېمىنى ئويلىسا شۇنى دېيەلىشىدۇر.

130. كىتاب يېزىپ ناچار كىتابلارنى كۆپەيتكەندىن كۆرە، جىم يۈرگەن ئەۋزەل.

131. پىكىر-خىياللارنىڭ ھۇجۇمىغا ھېچقانداق مەسىلە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

132. بىز بىلىملىك، گۇناھسىز، ياخشى ئىنسانلار ئەمەس، ئەمما قولىمىزدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىمىز.

133. ئىچىمىز ئاچچىق بولغاندا ئېغىزىمىز ئۇنىڭغا كۆڭۈلسىزچە بويسۇنىدۇ.

134. ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلارنى كۆپ كۆردۈمكى، ئەمدى ھېچقانداق ئىش ماڭا ئاجايىپ كۆرۈنمەس بولدى.

135. قەلبنىڭ ئۆزىگە خاس بىر مەنتىقىسى باركى، ئەقىل-مەنتىقە ئۇنى چۈشىنىپ بولالمايدۇ.

136. پىكىر قىلىدىغان ئىنسانلار بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك ئاز ۋە بۇلار كۆپ سانلىقنى بىئارام قىلىش بىلەن مەشغۇل.

137. بىر غايە، چۈش ياكى ئارزۇنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى مۇۋەپپەقىيەتكە كۆرە پىلانلىشىڭىز كېرەك.

138. قانچە كۆپ ئوقۇسام شۇنچە بىلىملىك بولىدىغانلىقىمغا، ئەمما ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغانلىقىمغا شۇنچىلىك ئىشىنىمەن.

139. مىللەتچى بولىمەن دەپ باشقا ئىنسانلارنى دۈشمەن قىلىۋېلىش ئېچىنىشلىق ئىشتۇر.

140. بىر نەرسىدىن پايدىلىنىڭ، ئەمما سۈيئىستېمال قىلماڭ. بىر ئىشتىن قېچىش ياكى ئۇنى كۆككە كۆتۈرۈش بىلەن خۇشال بولالمايسىز.

141. ئەسلىسى دېگىنىمىز مۇبالىغە قىلىنمىغان تەقلىدتىن ئىبارەت. يازغۇچىلار بىر-بىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەقلىد قىلىشىدۇ.

143. ئۇ شۇنچىلىك ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر ئادەم ئىدى، بىراق ھازىر ئۆلۈك.

144. بارلىق ئىنسانلار بىر بۇرۇن ۋە ئوڭ بارماقلىرى بىلەن تۇغۇلىدۇ؛ ئەمما ھېچكىم تەڭرىنىڭ بارلىقىغا دائىر ئىشارەت ئىزلىرى بىلەن تۇغۇلمايدۇ.

144. ئۈمىدۋارلىق، شۇنچە ناچار ھالدا تۇرۇقلۇق ھەممە ئىشىمىز جايىدا دەپ چىڭ تۇرۇۋالىدىغان ئەسەبىيلىكتۇر.

145.ھەر ئىنسان ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ. پەقەت ئاز بىر قىسىم ئىنسان دەۋر ھالقىغان پىكىرلەرنى يۈرگۈزەلەيدۇ.

146. شۇنى بىلىمىزكى، سەنئەتلەر بىر-بىرىگە قېرىنداشتۇر، سەنئەت ئەسەرلىرى بىر-بىرىنى يورۇتىدۇ. نەتىجىدە، ئالەمشۇمۇل بىر نۇر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

147. ئۆمۈرۈمدە بىر ئەمەس، ئىككى قېتىم ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىدىم؛ بىرىنچى قېتىمدا، سوتتىكى بىر دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويدۇم. ئىككىنچى قېتىمدا ئۇ دەۋادا ئۇتتۇم.

148. ئەينەك كېرەكسىز كەشپىياتتۇر؛ ھەقىقىي سىمايىڭىزنى كۆرمەكچى بولسىڭىز باشقىلارنىڭ كۆزىدە ئەكس ئەتكەن شولىڭىزغا قاراڭ.

149. مەشھۇر تىۋىپ تۇمورىن ئۆلۈش ئالدىدا شۇنداق نەسىھەت قىلىپتۇ: سىلەرگە قالتىس ئىككى دوختۇرنى قالدۇرۇپ كېتەي: بىرى ئاددىي يېمەكلىكلەر، ئىككىنچىسى پاكىز سۇ.

150. ئىنسان ئوبدان ئويلانمىسا، ھەر ئىشتا ئۆزىنى ئۇستا چاغلايدۇ. ئەگەر ئوبدان ئويلىنىپ كۆرسە ئۆزىنىڭ قانائەتسىز، ئاچكۆز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

151. كۆزۈم ئاجىز، قۇلىقىم ئېغىر، پۇتۇم ئاقساق، يەنە بىر قانچە يامان ئەيىۋىم بار. ئەمما ھېچقانداق نەرسە ئۈمىدىمنى يوقىتىشقا سەۋەب بولالمايدۇ.

152. سەۋداسىنى كونترول قىلماي، بەلكى ئۇنى يوق قىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن ھەممە ئىش جائىزدۇر.

153. ئادەم ھەسەتخور بولسا، ئۇ بۇرۇنقى ئادەم ئەمەستۇر.

154. ئىنسانلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىنى تەقلىد قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى قوللىنىشىدەك كەڭ ئومۇملاشقان بىر ئىش يوقتۇر.

155. ھەممىمىز بەخت ئىزدەيمىز، شۇغىنىسى ئۆيىنىڭ بارلىقىنى بىلىدىغان، بىراق ئۇنى تاپالماي قالغان مەستلەردەك ئۇنى نەدىن تاپىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمىز.

156. بىر كۈنى ھەممە ئىش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ھەتتا قىيامەت قايىم بولغاندىمۇ ھەممە ئىش ئوتتۇرىغا چىقىشنى داۋام قىلىدۇ.

157. كىتابتىكى بىلىملەر ئوتقا ئوخشايدۇ، ئۇنى قوشنىمىزدىن ئېلىپ ئۆيىمىزدە تۇتاشتۇرۇپ، ئاندىن باشقا بىرسىگە بېرىمىز. ئاندىن ئۇ ئوت ھەممەيلەننىڭ بولىدۇ.

158. ئۆزگىرىشچانلىق تەبىئەتنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئىنسانلارنىڭ خاتاسىز، ئەقلى جايىدا بولۇشىنى تەلەپ قىلىش ئىتلارغا قانات، بۈركۈتلەرگە مۈڭگۈز چىقىشىنى تەلەپ قىلغاندەك ئەخمەقلىقتۇر.

159. ئادالەت ھامىيلىرى گويا «چاشقانلار غاجىلىمىسۇن» دەپ بىر پىشلاقنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرغان مۈشۈكلەرگە ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر مۈشۈكنىڭ پىشلاقنى چىشلىشى 20 چاشقاننىڭ چىشلىشىدىن ئېغىر زىيان سالىدۇ .

160. بۇ دۇنيادا 80 يىل ياشىغان بىلەن ھېچنېمە بىلمىدىم. تەقدىرىمگە بويسۇنۇپ شۇنداق دېدىم: ئۆمۈچۈك تورىغا ئىلىنىپ يەم بولۇش چىۋىننىڭ تەقدىرى بولسا، پىشانىسى تەتۈر كېلىپ ۋەيران بولۇش ئىنساننىڭ تەقدىرىدۇر.

161. ئاتېزىم بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ قايسىسى خەتەرلىك؟ شۇبھىسىزكى، دىنىي ئەسەبىيلىك مىڭ ھەسسە خەتەرلىك. چۈنكى ئاتېزىم قان تۆكۈشكە ئىلھام بەرمەيدۇ، ئەمما دىنىي ئەسەبىيلىك ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدۇ. ئاتېزىم جىنايەتكە قارشىدۇر، ئەمما دىنىي ئەسەبىيلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە سەۋەب بولىدۇ.

162. ھايۋان بولۇشنىڭ مۇنداق ئەۋزەللىكلىرى بار: سائەتنىڭ چىكىلداشلىرىنى ئاڭلىمايدۇ؛ ئۆلۈم دېگەن نەرسىدىن خەۋەرسىز ھالدا ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ «ئۇنى قىل، بۇنى قىلما» دەيدىغان موللىلىرى يوق؛ ئۆلىدىغان چاغدا كۆڭۈلسىز قائىدە-مۇراسىملارنى كۆرمەيدۇ. دەپنە مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلمەيدۇ، ئاددىيلا كۆمۈلىدۇ ۋە ھېچكىم بىرەر ۋەسىيەت تۈپەيلىدىن ئۇلار ئۈستىدىن ئەرز قىلمايدۇ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*