مۇھەببەتنى قانداق يېزىش كېرەك؟

20150323_183027000_iOS

(ئوبزور)
غالىپ مۇھەممەد قارلۇق

مۇھەببەت ئۇلۇغ ۋە ئۆلمەس تېما. ئۇ دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈچ چوڭ تېمىسىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىدۇ. بىز مۇھەببەتتىن تۆرەلدۇق، مۇھەببەت ئارقىلىق ئاۋۇپ بۈگۈنگىچە كەلدۇق، مۇھەببەت ئارقىلىق يەنە «ئەسلىمىز»گە قايتىمىز. قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەتئەللەرگىچە مۇھەببەت تېمىسىدا قەلەم تەۋرىتىپ باقمىغان يازغۇچى، شائىر بولمىسا كېرەك. مۇھەببەت ھەم كونا تېما، ھەم يېڭى تېما. «چىڭگىزخان» فىلىمىدە تۆمۈرچىننىڭ بۆرتەگە بولغان مۇھەببىتى «مەسئولىيەت» نۇقتىسىدىن مۇقەددەسلىككە ئىگە قىلىنىپ تەسۋىرلەنسە، كورېيە ھېكايە فىلىمى «قىشتىكى مۇھەببەت ناخشىسى» دا «ھىجران» نۇقتىسىدىن بۈيۈك قىلىنىپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئادىل يىلدىرىمنىڭ «بۇ مەھەللىمۇ چېقىلغۇدەك» دېگەن ھېكايىسىدە بولسا مۇھەببەت يۇرت، ۋەتەن، ماكان يېقىدىن پەلسەپىۋى غەمناكلىققا تۇتاشتۇرۇلىدۇ. دېمەك، مۇھەببەتنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈلۈشتىكى چىقىش نۇقتىسى چەكسىزدۇر. تارىختا مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار ئۆزىگە خاس«مەۋقە»دە مۇھەببەت تېمىسىغا مۇراجىئەت قىلغان بولسا، يەنە بىر تۈركۈم يازغۇچىلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئەنئەنىسىنى تەكرارلىدى. ماھىيەتتە بۇ خىل ئەھۋاللار يازغۇچىلىرىمىزدىكى ئىزدىنىش بىلەن ئىزدەنمەسلىكنىڭ بارومېتىرى. «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2005- يىللىق 6- سانىدىكى «مۇھەببەت» ناملىق ھېكايە مۇھەببەت تېمىسىنى قېزىشتىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن ماڭا ئالاھىدە تەم ئاتا قىلدى.
ياش يازغۇچى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەت بىز بىلەن زامانداش بولۇش سۈپىتى بىلەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئېرىنچەك كۆزىگە چۈشۈپ قالغان مۇھەببەت تېمىسىغا يۈرۈش قىلىپ، كىرلىشىۋاتقان جەمئىيەت ۋە روھىيەتكە ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ ئىمانىنى ئىشارە قىلدى. ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «قىز-ئوغۇل ئوتتۇرسىدىكى پاك مۇھەببەت غايىۋى ئۇقۇم، ئۇنى جىنسى ھەۋەس، غاپىللىق، ئەسەبىيلىك ئارىلاشقان بەزى مۇھەببەتتىن پەرقلەندۇرۇش كېرەك.» يازغۇچىنىڭ «ھېكايە» دە تۇتقا قىلغىنى قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى تولىمۇ شېرىن بولغان سۆيگۈ رىشتىدۇر. قارىماققا بۇ كونا گەپتەك قىلسىمۇ، يازغۇچى ئۇنىڭغا باشقىچىرەك ماھارەت بىلەن بۆسۈپ كىرگەن. مۇھەببەتنىڭ ئۆلچىمى بارمۇ؟ (ئەلۋەتتە قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى دېمەكچى) بەلكىم باردۇ ھەم يوقتۇر. بىز بۇنىڭ جاۋابىنى تېپىپ بولغۇچە ئاپتور بىزگە نۇقتىلىق پاجىئەدىن ئۈچنى تاشلايدۇ:
* «بىر يىلغىچە خەت يېزىشتۇق، خەتلەر بىزنى كۆرۈشمەي تۇرۇپلا ھەشقىپىچەكتەك باغلىۋەتتى.
‹قاچان كۆرۈشەرمىز، تەشنا بولۇپ كېتىۋاتىمەن جېنىم…› دېگەن يەرگە كەلدى ئۇ قىز.»
* «كونا مۇھەببىتىمنى ئەسلەپ قالدىم…ئۇ ئورۇق، زىلۋا بىر قىز ئىدى، تۇرقىدىن پەخىرلىنەتتى، تۇرقىغا تايىنىپ مېنىڭدىنمۇ نوچىراق بىرسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئاخىر دېگىنىنى قىلدى، يەنە بىر ھەۋەسخورنىڭ قىلتىقىغا دەسسىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەئەينى ئۇچۇپ كەتكەن بىر تال سېرىق كېپىنەك بولۇپ ئەسلىمەمدە قالدى…ئەمما، ھېچ ئىش تاپالمىغان چاغدا ئۇنىڭغا يەنە تېلېفۇن قىلاتتىم. دېگەن چاغدا يېنىمغا جىندەك ئۈنەتتى، جىندەك يامىشاتتى…»
* «‹كۈمۈش ئاستانە› مېھمانخانىسى دېگەن بىر مېھمانخانىغا كىردىم. غىلجىڭ قىزلار قەۋەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ساغرىسىنى تولغاپ مېڭىپ يۈرەتتى…ئاخىر چەتتىكى بىر ياتاق بىر قەدەر ياخشى چىقتى…بىر چاغدا چۈشۈمدىمۇ يا ئوڭۇمدىمۇ ئەيتاۋۇر بىرلىرىنىڭ ئىڭرىغان، ھاسرىغان ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. سەگەكلەشتىم، ۋۇجۇدۇم تىكەنلەشتى. تام شۇ قەدەر نېپىز ئىكەنكى
ناشايان ئىشلار يېنىمدىلا…»
ئېھتىمال، يۇقۇرقىلار زامانىمىز «مودىلىرى» نىڭ كەسمە يۈزىدىن ئارىيە بولسا كېرەك. دەرھەقىقەت، ئايالدىن ئىبارەت نازاكەتنىڭ بارغانچە ئېچىۋېتىلىشى، تومتاقلىشىشى ياخشى ئاقىۋەتتىن دېرەك ئەمەس. نۆۋىتىدە بۇ
ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋى قىيامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ ۋەھىيسى ئاللىقاچان كۆز بىلەن ئەمەس، روھىيەت ئارقىلىق ئاقىللىرىمىزغا يېتىپ بولدى.
«— بۇنى مەن سىزدىن سوراي دەپ تۇرغان،ـ دېدى ئۇ بوينۇمغا گىرە سېلىپ
كۆزۈمگە قاراپ،ـ سىز چوقۇم مەندىن بىر ئاز ئۈمىدسىزلىنىپ قالدىڭىز. ھايا-
جانلىرىڭىز سۇسلاپ كېتىۋاتىدۇ.
— سىزنى بەك ئاۋارە قېلىۋېتىپ بارىمەن، ماڭا ئۇنچىلىك ئىشىنىپ ئۆزىڭىزنى
ئاتىۋەتمەڭ…
— ئەمما، مەن ھازىر يامان تەرىپىنى ئويلاپمۇ ئويلاپ بولالمايمەن. شۇ تاپتا مەن سىزگە كىرىشىپلا قالدىم. نېمىلا قىلىۋەتسىڭىز مەن رازى، مۇھەببەت ئۈچۈن مەن ھېچنىمىدىن يانمايدىغىنىدىن…»
ئىدىيە، كۆز قاراشلارنىڭ خاسلىقى بولمىغان ھالدا ئاينىپ كېتىشى نېمىدىگەن قورقۇنچلۇق-ھە!؟ ئويغاقلىرىمىزنىڭ «يېڭىچە قىيامەت قايىم بولدى» دېگىنى مۇشۇمىكىن يا؟ «دەۋرنىڭ ۋىجدانى» بولغان يازغۇچى بۇنىڭغا قارىتا كىرزىسلىك تۇيغۇدا مەسئۇلىيەت بىلەن شۇنداق دەيدۇ: «بىرسى سىزگە پالانى قىزنى ئۇنداق قىلىۋەتتىم دەپ پو ئېتىپ، شۇ ئىشلىرىنى يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە دەپ بەرسە، سىز ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ، كۆڭلىڭىزدە چوڭقۇر ئىلھاملىنىپ شۇنداق قىلماقچى بولسىڭىز، قىلالمىسىڭىزمۇ ئىزچىل شۇنى ئويلاپ يۇرسىڭىز، دېمەك، ئۇ سىزدىكى خاراكتېر، ئىرادە ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسى. سىز ئاۋۋال مۇستەقىل ئاڭغا، ۋۇجۇدىڭىزنى قوغدايدىغان ئېتىقاد، ۋىجدانغا ئىگە بولمىسىڭىز، سىزدىكى يۈرەك لەززەتنى دەپ قان – يىرىڭنى سۈمۈرىدىغان سۈلۈك قۇرتنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىدۇ. مۇشۇ گەپ دېيىلىۋاتقاندىمۇ يەنە بىر قانچە يۈرەك ئەنە شۇنداق قورقۇنچلۇق دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتتى. ھاياسىز جەمئىيەت نۇرغۇن يۇرەكلەرنى تاپتىن چىقىرىۋەتمەكتە. خۇداغا شۈكۈر! تەلىيىمىزگە «ئوزگەرمىگەن» يۇرەكتىن بىرى مۇھەببەتنىڭ چىن مەنىسى ۋە ئۆلچىمى ھەققىدە رېئالىستىك پروزا ئارقىلىق دەرس بەردى. بۇ «دەرس» نى «ساپا مائارىپى» بويىچە شۇنداق قاملاشتۇرۇپ سۆزلىگەن كىشى دەل ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەت. قاراڭ:
مۇھەببەت = كۆڭۈلنىڭ تاسادىپىيلىققا تولغان تاللىشى.
جەمئىيەت — تۇنجى سۆيگۈنى + باشقا بىرى + 3- كىشى + پاھىشە
مەن+ 3- شەخس = توي = مۇھەببەت
دېمەك، 3-شەخس = مەھبۇب.
مانا مۇشۇ «سېخىما» نىڭ بىزگە بەدىئىي يول ئارقىلىق يەتكۈزۈلۈشى —
«مۇھەببەت» تېمىسىنىڭ تۇيغۇ ۋە ئىجتىمائىي چىنلىق نۇقتىسىدىن تەڭلا ئەكس ئەتتۈرۈلۈشىدۇر. مانا بۇنى بىز مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان مۇھەببەت ھېكايىسى دەيمىز. دېمەك، ئادەملەرنىڭ مۇرەككەپلىكى جەمئىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۆۋىتىدە بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە يارىشا مۇھەببەت ئۆلچەملىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتىگە شەك چۈشۈرۈۋەتتى. ئەمەلىيەتتە مۇھەببەتنىڭ ئۆلچىمى پەقەتلا بىر. خۇددى يازغۇچىنىڭ ئۆزى ئېيتقىنىدەك: «مۇھەببەتنىڭ پاكلىقىنى قوغداش كېرەك.» قالغانلىرى مۇشۇ ئاساستا كېڭەيسە بولىدۇ. ئاپتور شۇنداق دەپ يازىدۇ: « ھاياتتا بىر قېتىم بولسىمۇ نەپسىنى يېڭىش خۇسۇسىي تارىخ بەتلىرىگە، كۈندۈلىك خاتىرىمىزگە پۈتۈشكە ئەرزىيدىغان ئىش.» مەزكۇر ھېكايىدىن بىز مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خۇرۇچلارنىڭ سايىسىنى كۆرەلەيمىز، ئىنسانىي يۇرەكنىڭ ساداسىنى ئاڭلىيالايمىز. دېمىسىمۇ نەپىس ــ مۇھەببەتنىڭ دۈشمىنىدۇر. ئاشىق ئەنە شۇ تۇرغۇچتا سىنىلىدۇ.ئەسەردىكى« مەن» نىڭ ئەڭ قىممەتلىك تەرىپى پاكىز ئىدىيىدە شەيتاندىن غالىپ كەلگەنلىكىدۇر. مۇشۇنداق ئەقىدە« سىمۋولى» نى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە ۋاقتىدا تاشلاپ بەرگەن يازغۇچىغا تەشەككۈر!
بۇ ھېكايىنىڭ يەنە بىر مۇۋەپپەقىيىتى شۇكى، ئاپتور ئۆزىنىڭ« تېما» غا مۇناسىۋەتلىك پەلسەپىۋى تۇغۇندىلىرىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن تەپسىلاتقا سىڭدۈرۈۋەتكەن بولۇپ،ئادەمگە تەبىئي ئۆزلىشىدۇ.
* «— ئۆزىنى سۆيگەن ئادىمىگە ئاتىۋېتىدىغان روھ مانا بىزنىڭ ئەنئەنىمىز.»
* «— ئۆز قەدىرىڭىزنى ئۆزىڭىز قىلمىسىڭىز سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەممۇ
سىزدىن قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ.»
* «پاك ھىسسىيات ئىشتان بېغىغا شەيتاننى باغلاپ قويالايدۇ.»
* «ھاياتنىڭ مەنىسى سېنىڭ قانداق چۈشىنىشىڭگە باغلىق. تاللاش شۇنىڭدىن كېلىدۇ.»
* «مەيلى يېزىقچىلىق ياكى باشقا ھەر قانداق ئىشتا بولسۇن،ئۆزۈڭگە ھېزى بول.»
* «ئادەم ئۆز مۇستەقىللىقى بىلەن ياشىشى كېرەك.»
«ھېكايە» دىن بۇنداق ئۈزۈندىلەرنى كۆپلەپ مىسالغا كەلتۈرەلەيمىز. ئادەمگە غايىۋى ئەمەس، ئەمەلىي نەپ بېرەلەيدىغان ھېكمەت سەتىرلىرىگە قاراپ بۇ ھېكايىنى پەلسەپىۋى ھېكايە،دەپ ئاتىساقمۇ ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ.
قىسقىسى،بۇ«ھېكايە» ئۆزىگە خاس بەلگىلىرى بىلەن نوقۇل بەدىئيلىك قوغلاشقان «تەمسىز» ھېكايىلەردىنمۇ، ئاجايىپ – غارايىپ ئۇسلۇپلارنى سىڭدۈرگەن، پايدىسىز، «سىرلىق» ھېكايىلەردىنمۇ پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
« — نېمەمگە قىزىقىپ قالغانىدىڭىز؟
— غەلىتە، ئەمما چىن يېزىشلىرىڭىزغا.»
دەرۋەقە، «مۇھەببەت» ناملىق ھېكايە مېنى بۇنىڭغا ئىشەندۇردى.

* * *
(ئاپتور: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 46-ئوتتۇرا مەكتەپتە)

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*