يوق دېسۇن

20150321_154951000_iOS

يوق دېسۇن

كېتەي بۇ دۇنيادىن يالغۇز يالىڭاچ،
بىر ياماق جەندىسى يوق ئۇنىڭ دېسۇن.
گېلىمغا يوقلۇقتىن پىچاق تەڭلەنسۇن،
ئىچ-قارنى ئاچلىقتىن پۇراپتۇ دېسۇن.

دېمىسۇن دۇنيانى قارنىغا يەپتۇ،
يېنىدا بىر تيىن پۇلى يوق دېسۇن.
دۇنياغا قارنى توق قۇرتتەك ئىدى،
پەقەت بىر خىيالغا بېرىلگەن دېسۇن.

ماختىناي پەقەتلا ئىمانىم قالسۇن،
نامەرتلەر قولىدىن يىرگىندى دېسۇن.
پەسكەشلەر ھەق دېسە مەن ئازغۇن بولاي
شۇڭا بۇ بالاغا قالدى ئۇ دېسۇن.

سارايدا ياشاشقا ئىمكانى تۇرۇپ،
ئۆزىگە كۆلبەلەر ياسىدى دېسۇن.
كەتمەستە بىر سۆزۈم قالسۇن سىلەرگە
مەيلى كىم مازاقلاپ، جۆيلىدى دېسۇن.

زاغرىغا سالغۇدەك قېتىقلىرىم يوق،
يېرىم ئاچ يېرىم توق ياتتى ئۇ دېسۇن.
پادىلار دەرياغا قاراپ ماڭغاندا،
يولدا تار پېتىققا پاتتى ئۇ دېسۇن.

دۆت، ساراڭ، گەپ يېمەس بىرى ئىدى ئۇ
يول بىلمەس، ئەقىلسىز، ئەخمەق ئىدى ئۇ
شۇ سەۋەب يانچۇقى قوپقۇرۇق ئىدى،
بۈگۈننى خىيالغا ساتتى ئۇ دېسۇن.

بىر قەبرەم بولسۇنكى يەر بىلەن يەكسان،
مانا بۇ غېرىپنىڭ تەختىدۇر دېسۇن.
كىم بۇ دەپ ھېچكىممۇ سوراپ قويمىسۇن،
بەختى ھېچ كۈلمىگەن ئاۋارە دېسۇن.

بىرمۇ بىر سانالسۇن گۇناھ كۈنلىرىم،
تەۋبەمنى ھېچ بىرى بىلمەيلا قالسۇن.
مېنى بىر نەمرۇد يا يەزىد دەپ ئويلاپ،
جەھەننەم تېگىنى بويلىدى دېسۇن.

ئاچكۆزلۈك قىلسام گەر فانىي دۇنياغا،
بېشىمغا ئاتەشتىن بىر جاللات بەرسۇن.
ئاللاھ بار، ئاللاھ بىر، ھەر ئىشقا قادىر،
مەيلى كىم پېقىرنى يوق بولدى دېسۇن.

(تۈرك شائىرى رامىزان ياماننىڭ تىۋىتتېرغا چىقارغان شېئىرىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى)

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*