كۇچادىكى كەچمىش

[color=Black]ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻼﻱ ﺑﯘ ﺗﯜﻛﻠﻪﺭ ﺗﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﺴﺎ، ﻳﺎ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﯬﻣﻪﺱ، ﻳﺎ ﺳﻮﻳﯘﻕ، ﻳﺎ ﭼﻪﺗﯭﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﯮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ﻳﺎ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻨﯩﯖﻜﯩﮕﻪ.. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻥ ﯪﻟﻤﯩﺴﺎﯓ ﺳﯧﻨﻰ ﻗﯧﺮﻯ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻏﯩﺮﺩﺍﺷﻘﺎ ﭼﻮﻻ ﻳﻮﻕ، ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻳﻮﻕ، ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ، ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻳﻮﻕ! ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯰﻗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ… ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﯲﺗﯜﭖ، ﻳﯘﺭﺕ ﯪﺭﯨﻼﭖ ﻛﯘﭼﺎﻏﺎ ﭼﯜﺷﺘﯜﻡ. ﺑﯘ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﻳﻪﻧﻪ ﯲﺳﯜﭖ ﯬﻟﭙﺎﺯﯨﻤﻐﺎ ﭘﯘﺗﻼﺷﺘﻰ، ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﻏﯘﺭﯗﺭ ﻫﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺷﺘﻼﺷﺘﻰ. ﯬﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﯰﺩﯗﻟﻼ ﺗﻪﺗﻪﻱ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﯪﭼﻘﺎﻥ ﺳﻪﺭﺗﯩﺮﺍﭼﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ "ﭘﺎﻻﻛﻪﺕ ﺗﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ"ﻧﻰ ﻏﯩﺮﺩﯨﻴﺎﻻﻣﺪﯗ-ﻳﻮﻕ.. ﺩﻩﭖ ﯮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ.. ﻛﻪﻝ ﺩﯦﺪﻯ، ﯴﭺ ﻛﻮﻱ ﺩﯦﺪﻯ، ﯮﻟﺘﯘﺭ ﺩﯦﺪﻯ، ﺑﻮﻳﻨﯘﻣﻐﺎ ﻟﯚﯕﮕﯩﻤﯘ ﺳﺎﻟﻤﯩﺪﻯ، ﯮﯕﺪﺍ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﺩﻯ، ﻧﻪﻣﺪﯨﺪﻯ، ﺳﻮﭘﯘﻥ ﺳﯜﺭﺩﻯ، ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺳﺎﻟﺪﯨﻢ، ﯪﻕ ﻳﯜﺯﻟﯜﻙ، ﺑﯧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺯﻟﯜﻙ، ﻛﯩﺮﭘﯩﻜﻰ ﺷﺎﻻﯓ، ﯬﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ. ﯰﺳﺘﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯩﻎ ﺳﺎﻟﺪﻯ، ﺋﯧﯖﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﻏﯩﺮﺩﺍﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﻗﻮﻝ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ، ﺗﯩﻎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ… ﯪﻏﺮﯨﻘﺘﯩﻦ ﻳﯜﺯﯛﻡ ﻗﻮﺭﯗﻟﯘﭖ، ﻛﯚﺯﯛﻡ ﭘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. "ﺘﻮﺧﯘ ﯮﻏﺮﯨﺴﻰ"ﺪﯨﻜﻰ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯜﻟﺪﯛﺭﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﻳﺎﺩﯨﻤﻐﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ:
__ ﯪﺧﺸﺎﻣﻘﻰ ﻛﯩﻨﻮﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﯕﻤﯘ ﯪﺩﺍﺵ…
_ ﻫﻪ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ..
__ ﯪﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ…
__ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﺎﺯﺍ ﯰﻗﻤﯩﺪﯨﻢ ﺟﯘﻣﯘ..
__ ﯰ ﻛﯩﻨﻮﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭ ﺟﯘﻣﯘ،.. ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﯬﺭﺯﯨﻴﺪﯗ…
ﯪﻏﯩﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﺘﺎ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﯞﺍﺭﺍﻗﻼﭖ ﺳﺎﺗﺮﺍﺷﻨﻰ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ، ﺳﺎﺗﺮﺍﺵ"ﻫﻪ.ﻫﻪ ﺩﻩﭖ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﯖﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻏﯩﺮﺩﺍﭖ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ، ﯪﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺟﻮﺑﻮ ﭼﺎﭘﻼﻳﺪﯗ… ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﻮﺯﺍﻱ ﻣﯚﺭﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ… ﺳﺎﺗﺮﺍﺵ: "ﯬﺟﻪﭖ ﻣﯚﺭﯨﺪﻯ ﻣﺎ ﻣﻮﺯﺍﻱ.. " ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭ : "ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﯰﻣﯘ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﯪﻟﻐﯘﺯﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯗ…" ﺩﻩﻳﺪﯗ
ﯮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ، ﯮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﯪﯞﺍﺯ، ﻳﺎﻛﻰ ﯮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﯪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ، ﺑﺎﻏﻼﻧﻤﺎ ﺧﯩﻴﺎﻝ.. ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭼﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯬﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ… ﺑﯘ ﺗﻪﺗﻪﻱ "ﻗﯩﺰ" ﻧﻰ ﺑﯩﺮﻯ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺗﯘﺗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯧﯖﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺗﻤﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﯬﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﻏﯩﺮﺩﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﯪﻏﺮﯨﻘﺘﯩﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﻪﺕ ﻗﻮﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﻳﻪﻧﻪ ﯪﻏﺮﯨﺘﯩﯟﻩﺭﺳﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﯩﺪﯨﻢ، ﯲﺯﻯ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﯪﭼﺘﻰ:
__ ﺗﯧﺮﻩﯓ ﻗﯧﻠﯩﻦ، ﺗﯜﻛﻠﯩﺮﯨﯔ ﻳﯩﺮﯨﻜﻜﻪﻥ… ﺗﯩﻎ ﯲﺗﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ..
__ ﺗﯩﻐﯩﯔ ﺳﺎﺧﺘﯩﻜﻪﻥ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻐﻘﺎ ﯪﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭ…
__ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯩﻎ ﺑﺎﺭ، ﻳﯧﯖﻰ ﯪﻟﻐﺎﻥ… ﺑﯘ ﺳﺎﻗﺎﻟﻐﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯲﺗﻤﯩﺪﻯ..
__ ﯰﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟ ﯪﻻﻻﻣﺴﻪﻥ- ﯪﻻﻟﻤﺎﻣﺴﻪﻥ؟!
__ ﯪﻻﻳﺘﺘﯩﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯩﻎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ…
__ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺗﯩﻐﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺗﯜﺯﯛﻙ ﺗﯩﻎ ﯪﻟﺴﺎﯓ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ؟ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ ﯬﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﺳﺎﻗﺎﻟﻨﻰ…
__ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﯪﻟﯩﻤﻪﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﻤﻪﻥ، ﻗﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﻙ ﻗﻮﺭﻗﯩﻤﻪﻥ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﯪﻟﻐﯘﺯﺳﺎﯓ ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﻜﯩﻦ، ﺑﻮﻟﺪﻯ ﭘﯘﻝ ﯪﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ…
__ ﺳﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﺎﻗﺎﻝ-ﺑﯘﺭﯗﺗﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻻ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﯓ ﻣﻪﻥ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯩﻘﯩﻤﻪﻥ، ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺳﻪﺗﺮﺍﭼﺨﺎﻧﺎ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﻳﻤﻪﻥ؟!__ ﺟﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺳﻪﺗﺮﺍﭼﺨﺎﻧﺎ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﯬﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﯩﻘﯩﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ،- ﻗﺎﺭﺍ، ﻣﺎ ﺑﯘﺭﯗﺗﻘﺎ، ﮔﯧﺘﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﺗﻰ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ..، ﻗﺎﺭﺍ ﻣﺎ ﺳﺎﻗﺎﻟﻨﻰ، ﻛﯜﻳﻪ ﻳﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ…
__ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻗﺎﻝ-ﺑﯘﺭﯗﺗﻘﯘ….._ ﺩﯦﺪﻯ ﯰ ﻏﯘﺩﯗﺭﺍﭖ…
__ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ، ﯰ ﺑﯩﺮ ﯬﺭﺯﯨﻤﻪﺱ ﺗﯜﻙ، ﺑﯘﺭﯗﺕ ﻳﺎﺳﯩﺘﯩﺸﻘﯩﻐﯘ ﯬﺳﻠﻰ ﺧﻮﺷﺎﻡ ﻳﻮﻕ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺘﻪﻱ ﺩﯦﺴﻪﻣﻤﯘ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﯪﻻﻟﻤﯩﺪﯨﯔ.. ﺑﯘﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﯓ..
__ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻛﯩﻢ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺳﯩﻨﭽﯩﻼﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ، ﯪﺯﺭﺍﻗﻼ ﻣﺎﯕﺴﺎﯓ ﯰﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯪﭼﻘﺎﻥ ﺳﺎﺗﺮﺍﭼﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﺴﻪﻥ… ﺑﺎﻳﺎ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﯨﯔ؟
__ ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ، ﯪﭼﻤﺎﭘﺘﯘ…
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﭼﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺳﺎﺗﺮﺍﭼﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ، ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﺎﯕﺪﺍﻣﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺳﺎﺗﺮﺍﭼﺨﺎﻧﯩﺴﻰ… ﯰﯞﯨﻼﻣﭽﯩﻼﺭ، ﺳﯩﻼﻣﭽﯩﻼﺭ، ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﻳﻮﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﯘﭼﯩﻼﺭ، ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎﭼﻼﺭ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭼﺎﭼﻼﺭ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺗﯜﯞﯨﺪﻩ ﯪﭘﺘﺎﭘﺴﯩﻨﯩﭗ، ﻟﯚﯕﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯪﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﺎﺗﺘﻰ. 500 ﻣﯧﺘﯩﺮﭼﻪ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯰﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﯞﯦﯟﯨﺴﻜﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺗﺮﺍﭼﺨﺎﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ، ﯰﺩﯗﻟﻼ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ، ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭ، ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﺎ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻧﺪﻯ، ﯬﻣﻤﺎ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭘﻼ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﯪﻻﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﯴﻣﯩﺪﻧﻰ ﯴﺯﺩﯛﻡ، ﯲﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ.
__ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﯪﻻﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟
ﺳﯧﻐﯩﺰ ﭼﺎﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﻣﺎﯕﺎ ﭘﻪﺭﯞﺍﺳﯩﺰﻟﯩﻖ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻣﻪﻧﺴﯩﺘﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﭼﺎﻳﻘﯩﺪﻯ، ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭼﺎﻻ ﺳﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﺪﻯ، ﯪﺳﺘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ…
ﺗﺎﺯﯨﻤﯘ ﺯﻩﺭﺩﯨﮕﯚﺵ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ، ﯰﻧﻰ ﯪﺯ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻗﯩﺴﺘﺎﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﻳﯧﻘﯩﻦ ﯬﺗﺮﺍﭘﺘﺎ ﻫﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻳﺘﺘﻰ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﻧﻪﺩﯨﻼ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ﻫﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﺎﻛﯧﺪﻭﻧﻨﺎﻟﺪ، ﻛﯧﻨﺘﺎﻛﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﯬﺧﻠﻪﺕ ﻳﯧﻤﻪﻛﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﺳﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﻩﺗﺘﻰ.. ﺳﺎﺗﺮﺍﭼﺎﺧﺎﻧﺎ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻫﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﺎ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ. ﺷﯘﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﻛﯘﭼﺎ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ..ﯪﻣﻤﯩﯟﻯ ﺧﺎﻻ. ﻣﯘﻧﭽﺎ، ﻫﺎﻣﻤﺎﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻢ ﺗﺎﻟﺪﻯ، ﯪﺧﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭ ﻛﻮﭼﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﯪﺭﻗﺎ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﯩﻼ ﻣﺎﯕﯩﯟﻩﺭﺩﯨﻢ، ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﻤﮕﻪ ﯬﺳﻜﻰ ﺗﺎﻣﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻧﺎﻗﻠﯩﻖ ﯰﭼﺮﯨﺪﻯ، ﯬﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﯬﺗﺮﺍﭘﺘﺎ ﻣﻪﻳﻨﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﯘﺕ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖ ﺗﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ…
ﻳﻮﻟﯘﻣﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﯬﺗﺘﯩﻢ، ﯰﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺳﺎﺗﺮﺍﭼﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﻫﯧﭻ ﯰﭼﺮﯨﻤﯩﺪﻯ، ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻢ، ﭼﺎﭺ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺩﯗﻛﺎﻧﻠﯩﺮﻯ 30 ﻏﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ، ﺧﯧﻠﻰ ﯰﺯﯗﻥ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻣﺪﻩ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ.. ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ، ﻳﻮﻕ. ﯪﺧﯩﺮ ﯪﻟﯩﻴﺮﺍﻕ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ، ﯪﻻ-ﺑﯘﻟﯩﻤﺎﭺ ﯪﻳﻼﻧﻤﺎ ﭼﯩﺮﺍﻏﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻨﻰ ﻗﺎﻳﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻛﯩﺮ ﺳﺎﺗﺮﺍﭼﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﯴﺳﯜﭘﻼ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ، ﺑﺎﻳﯩﻘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻗﯩﺰ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﯪﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ:
__ ﭼﺎﭺ ﻳﺎﺳﺎﻣﺴﻪﻥ؟ ﻳﯘﻏﯘﺯﺳﺎﯓ ﻣﺎﻧﭽﻪ… ﯰﯞﯨﻼﺗﺴﺎﯓ ﻣﺎﻧﭽﻪ…. ﺳﺎﯓ ﻣﺎﻧﭽﻪ…
__ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﯪﻟﺪﯗﺭﯨﻤﻪﻥ، ﺳﺎﻗﺎﻝ… ﯪﻻﻻﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟
__ ﯞﺍﻱ ﯪﻟﻤﺎﻣﺪﯨﻐﺎﻥ… ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﯧﻨﻰ ﯰﺧﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ..
ﻗﯧﻨﻰ ﯬﻣﯩﺴﻪ ﭼﺎﻻ ﺳﺎﻗﺎﻝ-ﺑﯘﺭﯗﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻟﺪﻯ… ﺩﯦﮕﻪﭺ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺭﺍﻫﻪﺗﻜﻪ ﭼﯚﻣﯜﭖ، ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﯮﺭﯗﻧﺪﯗﻗﻘﺎ ﭼﯚﻛﯜﭖ، ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﻳﯚﻟﻪﻧﭽﯜﻛﻜﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ.. ﺑﺎﻳﺎ ﺗﻮﻻ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻫﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ، ﯮﺑﺪﺍﻧﻼ ﺧﻮﺷﻴﺎﻗﺘﻰ.. ﻗﯩﺰ ﻳﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﻧﻪﻣﻠﻪﭖ، ﻣﺎﻏﺰﺍﭘﻼﭖ، ﯪﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻐﻨﻰ ﭘﯩﭽﯩﻘﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﻳﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﯬﭘﭽﯩﻞ، ﭼﯩﯟﻩﺭ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻏﯩﺮﺩﯨﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﯨﯟﯨﺪﻯ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯖﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻛﻼ ﺑﻮﻟﺪﻯ… ﻫﯘﺯﯗﺭﺑﻪﺧﺶ ﺳﻪﺯﮔﯜﻟﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ… ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ﻣﯜﮔﺪﻩﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ…
__ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯘﻝ؟- ﺩﯦﺪﯨﻢ ﭼﺎﭘﺎﻧﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ 10 ﻛﻮﻱ ﺩﯦﺴﯩﻤﯘ ﺑﯧﺮﯨﯟﻩﺗﻜﯜﻡ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ.
__ ﺗﯚﺕ ﻛﻮﻱ..
ﺗﯚﺕ ﻛﻮﻱ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ، ﻣﻪﻏﺮﯗﺭ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻛﻮﭼﺎ ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ، ﯪﺭﺍﻣﺒﻪﺧﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﯪﻟﻤﺎﺷﺘﻰ، ﻳﯜﺯﯛﻣﺪﻩ ﮔﻮﻳﺎ ﯪﭘﺘﺎﭖ ﭘﺎﺭﻟﯩﺪﻯ، ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻤﯘ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ… ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﻱ ﺩﻩﭖ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺴﺎﻡ ﻗﺎﺭﺍ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺯﺍﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﻳﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ، "ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺳﻪﺗﺮﺍﭼﺨﺎﻧﯩﺴﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﯞﯦﯟﯨﺴﻜﺎ ﺋﯧﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺩﯗﻛﺎﻧﺪﺍ ﯰﺳﺘﯩﻼﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﯬﻣﺪﯨﻼ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻟﯚﯕﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﻘﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ…[/color]

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*