ئۇ يېنىمغا كېلىپ ماڭا ئېچىنىپ قارىدى:
_ يەنە شۇ ”ئىزدىنىش“…
_ قانداق قىلاي، باشقا تور بەتلىرى تېتىمايدۇ.
_ 8 يىللىق كونا ئەزاكەنسەن، بالاڭمۇ 8 ياشقا كىردى، ئەمدى بولدى قىلساڭ بولمامدۇ؟ شۇ كەتكەن ۋاقىتلىرىڭغا ئىچىڭ ئاغرىمامدۇ؟ تېما يازىمەن، ئىنكاس يازىمەن دەپ زېھنىڭ كەتتى، كۆز نۇرۇڭ كەتتى، مۇشۇ ۋاققىچە تورغا يوللىغان نېمەڭگە يا بىر پۇڭلۇق ھەق كەلمىدى. تېما يوللاپ بولۇپ ئىنكاسقا قاراپ ئولتۇرىسەن، بىرسى بىلەن تالىشىپ قالساڭ تېخى، ئىچىڭ تىتىلداپ يۈرەك ئاغرىقى تېپىۋالىسەن، ھەتتا خوتۇن-بالىلىرىڭ بىلەن كارىڭ بولمايدۇ. جاھاندا بۇندىن ئارتۇق بىچارىلىك بولماس.
_ ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن، پايدىسىنى ئۆزەم بىلىمەن، ۋاقىتنى مەنىلىك ئۆتكۈزدۈم، ياخشى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولدۇم، مۇنازىرە ئارقىلىق تەپەككۇرۇمنى بېيىتتىم، مىجەزىمنى تاۋلىدىم.
- بۇ پەقەت ئۆزەڭگە بەرگەن تەسەللىي، ئەمەلىيەتتە سەن مۇنبەردە پەقەت ئۆزەڭنىڭ تېما، ئىنكاسلىرىڭنى چوڭ بىلدىڭ، باشقىلاردىن بىلىم، ئۇچۇر ئېلىشقا دىققەت قىلمىدىڭ، بەلكى بىر چاغلاردىكى توردىشىڭ سالام ھايات ئېيتقاندەك، تەسىرات ماراقچىسىغا ئايلىنىپ كەتتىڭ، ماختاش تەمە قىلدىڭ، تەنقىدنى ياقتۇرمىدىڭ. ئادەمنىڭ مىجەزى مۇنبەر ئارقىلىق ئۆزگىرەمدىكەن؟ قۇرۇق گەپ!
- توغرا، تاغ يۆتكەلسە يۆتكىلىدۇكى، مىجەز يۆتكەلمەيدۇ. ئەمما كىشىنىڭ بىلىمى ئۇنىڭ ساپاسىغا ھەم مىجەز-خۇلقىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ”ئىزدىنىش“ خۇددى سەر خىللار توپلاشقان ئېسىل سورۇنغا، بەزىدە كۆڭۈللۈك مەشرەپكە ئوخشايدۇ، چۇسا مىجەزلەر بۇ يەرگە كىرسە ئۆزىنى بېسىۋېلىشنى، بەك ئېغىر بېسىقلار سەل-پەل ھاياجانلىنىپ، سەكرەپ بېقىشنى ئۆگىنىدۇ…
_ بۇ سېنىڭ خىيالىڭ، ”ئىزدىنىش“ تا قانچىلىك ئادەمنى تونۇيسەن؟ قانچىلىك ئادەمنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى بىلىسەن؟ ھەممىسى سۈنئىي، ھەتتا مۇئامىلىلەردىمۇ بەزى سۈنئىيلىكلەرنى بايقايسەن. ئىزدىنىش سەركىلىرىدىن بەزىلەر كىرمەسلا بولدى، نېمىشقا؟ ”ئىزدىنىش“ تا ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنى خالىمىدى. سالام ھايات قانۇن ئۆگىنىپ ئادۋۇكات بولدى، بىكارچى ۋە سۈزۈكلەر مەۋھۇم دۇنيانىڭ كۆپۈك شادلىقىغا ئالدانماي، ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى ئىجتىھات ۋە بالا بېقىش شادلىقىغا چۆمدى. جاللات تېۋىپلىقىنى قىلىۋاتىدۇ. سەنمۇ بۇ يەردە قادىلىپ ئولتۇرماي باشقا ئەمەلىي ئىشلارنى قىلغان بولساڭ تۇرمۇشۇڭ مەنىلىك ئۆتەتتى.
- ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن، تورغا كىرمىگەن ۋاقىتلىرىمدىمۇ قانچىلىك مەنىلىك ياشاپ كەتكىنىمنى، قانچىلىك ئېسىل نەرسە يېزىپ باققىنىمنى بىلمەيمەن.
_ _ ئەمەلىيەتتە راۋرۇس ياشاپ باقمىغاندىكىن بىلمەيسەن-دە، تور خۇمارىڭنىڭ يامانلىقىدىن توردىكى ھەممە ئىشلىرىڭ توغرىدەك بىلىنىپ كەتكەن گەپ. ئىنگىلىزچەڭ تېخىچە چالا، ئوقۇغان كىتابلىرىڭنىڭ تايىنى يوق، بىرەر كىتابنى ئوقۇپلا تېخى ”ئىزدىنىش“ تا تەسىرات يېزىشقا ئالدىراپ كېتىسەن. ئاقىۋەت يازغان نەرسىلىرىڭ پۈچەك چىقىدۇ، ئەستايىدىللىق، ئىلمىيلىك دېگەنلەردىن يىراقلىشىپ كېتىسەن.
_ توردا بەك ئەستايىدىل بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ھەر ئىش ئۆز يولىدا، ئۆز خىلىدا بولسا ياخشى.
_ ئەمما پۈچەكلىككە ئادەتلەنمە، 8 يىلدىن بېرى ئىزدىنىش ۋە باشقا تورلاردا يازغان نەرسىلىرىڭ بىلەن يامان ئەمەس تونۇلۇپ قالدىڭ، ئاخىر نېمە بولدى؟ ئەرتۈرك دېگەن نامىڭنى بىرسى كىيىم ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىپ پۇل تېپىۋاتىدۇ.
- بۇ قانداق گەپ؟ ئۇ چوقۇم تورغا كىرىدىغان، مېنى بىلىدىغان بىرسى…
- ھەيران قالما، نام دېگەن شۇنچىلىك نەرسە، ۋاقتى كەلسە ھەر كىم پايدىلىنىۋېرىدۇ. شۇڭا دەيمەن، نام چىقىرىمەن، شۆھرەت قازىنىمەن دېگەن ھەر قانداق ئادەم ئاخىرىدا ئۆزىنى ئەخمەق قىلغان بولىدۇ.
- مەن نام-شۆھرەت قوغلاشمىدىم، پەقەت ئۆزەمنىڭ قىزىقىشىغىلا ئەگەشتىم. شۆھرەت دېگەن كۆپۈك!
- ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ شۇنداق دېگەن، ئەمما ئېغىزدا دېمەك ئاسان، چىن كۆڭلىدىن قايىل بولماق تەس.
-مېنىڭچە ئىزدىنىش ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنداق تەمەدىن يىراق. ھەممىسى خالىس، قىزغىن، ھەممىسدە بىر ئورتاقلىق، دىلكەشلىك بار.
- ئەمما ھەسەتخورلۇق، قىتىغۇرلۇقمۇ يوق ئەمەس.
- شۇ، ئىنسان بولغاندىكىن ھەممە خۇسۇسىيەت تېپىلىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئەقلى ھىيلىگەرلىككە تويۇنغان بولسا، بەزىلەرنىڭ ئاقسالىقى تۈزلۈك ۋە ۋىجدان بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن. بەزىلەرنىڭ بىلىمى تەكەببۇرلۇق بىلەن رەڭلەنگەن بولسا، بەزىلەرنىڭ مەپكۇرى مەمەدانلىق بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن… قىسقىسى خىلمۇ خىل ساپا، مىجەز، پىكىر، ھېسسىيات يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن مۇنبەر بۇ ”ئىزدىنىش“، بۇ يەردە بىر قېلىپقا كىرىۋالغان ئىنسان يوق دېيەرلىك، ھەممىسى ئۆز دېپىنى چالىدۇ، نوپۇزغا چوقۇنمايدۇ، شوئارغا ئەگەشمەيدۇ، چاپان كۆتۈرمەيدۇ، پۈچەكلىككە قارشى تۇرىدۇ… شۇڭا مەن 8 يىلدىن بېرى بۇ يەردىن كېچەلمەي يۈرۈپتىمەن.
- بۇ يەردىن كېچىپ كەت دېگىنىم يوق، ئەمما مەۋھۇم دۇنياغا زىيادە باغلىنىپ كەتمە. رېئال دۇنيانىڭ ئۆزىمۇ گويا چۈش، مەۋھۇم تۇرسا، بۇمۇ يەتمىگەندەك، ئەمدى تورغا كىرىۋالساڭ تېخىمۇ خىيالىي مەخلۇق بولۇپ كەتمەمسەن؟ ئۆزۈڭنى ئاسرا، كۆزۈڭنى ئاسرا، كىتاب جازاڭدا توپا بېسىپ ياتقان ئېسىل كىتابلارنى بىر قېتىم بولسىمۇ قولۇڭغا ئېلىپ سۈرتۈپ قوي، يېنىڭغا كەلگەن بالاڭنى قۇچىقىڭىغا ئېلىپ سۆيۈپ قوي…
ئۇ يەنە بىر مۇنچە گەپ قىلدى، سىرتتا پوجاڭزىلار ئېتىلىۋاتاتتى. ھېچ ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس، ئورنۇمدىن تۇرۇپ تالاغا قارىدىم، تۇشمۇ تۇشتىن پاڭىلداپ ئېتىلىۋاتقان پوجاڭزىلار مۇنبەردىكى ئىنكاسلارغا، چېچىلىۋاتقان خىلمۇ خىل ئۇچقۇنلار گويا ھەر كىمنىڭ خۇلقى، پىكىر جىلۋىسىگە ئوخشايتتى. ئۇ مېنىڭ ئاشۇ ئۇچقۇنلارغا مەپتۇن بولۇپ قاراپ قالغىنىمنى كۆرۈپ، بېشىنى چايقاپ ئاستا كېتىپ قالدى.
ئەجدىھا يىلى، چاغان ئاخشىمى
سەن يەنىلا «ئىزدىنىش» تا يۈرەمسەن؟
6 پارچە ئىنكاس بار
| خەتكۈچ: ئىزدىنىش
بەك ياخشى ئەسەركەن ….
سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزدىن مۇستەققىللىق ، جەڭگىۋارلىق ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب پۇراپ تۇردىكەن …. مۇشۇنداق ئەسەرلەردىن قانغۇچە پۇرسامكەن دەيمەن .
مەن ئىزدىنىشتا جاۋاب بېرىپ قويدۇم.
ئىزدىنىشتىكى مۇشۇ تىما ئاستىدا كىچىككىنە سۇئالىم سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
بۈگۈن چاغان،
توسۇۋالدى يۇلتۇزلارنى
پوجاڭزا ئىسى.
ئىلھاملارنى چۆچۈتىدۇ،
جىنلارنىڭ ھېسى.
تىمىسقىلاپ بىر توپ ئادەم يۈرەر ئاۋارە،
گومباڭشىتىپ پوجاڭ ئېتىپ قوغلايدۇ جىننى.
ئوت قاينىغان ئاسمان كۆزى چاقنىسا پال-پال،
ساليوتلارنىڭ قالدۇقلىرى بۇلغاپ زېمىننى.
تۈن يېرىمدا كېچىلەرگە بولىمەن ھەمراھ،
خىيالمنى سۆيۈپ قويار قەلبىمدە سەھرا.
سېغىنىمەن سەھرالارنىڭ جىمجىتلىقىنى،
يۇلتۇزلىرى چاراقلىغان كېچە قوينىدا.
ئېقىپ كەتكەن يۇلتۇزلارمۇ ئۈنسىز كېتىدۇ،
قاراۋۇلدەك بىر تۈپ كۆچەت يالغۇز ھويلىدا.
يۇلتۇزلىرى ئۆچكەن كېچە قالىمەن ئويغاق،
قەلەملىرىم بەت يۈزىدە يېگەندە تولغاق.
قەلب ئۆز قاراڭغۇلۇقىدا، پەقەت سۆزلەرلا ئۇنى يورۇتىدۇ. شۇندىلا مىسرالار تال-تال نۇردەك چاقنايدۇ.
ئالدىنقى قېتىم ئېقىن شىركىتىنىڭ 2011-يىللىق توپلامىنى كۆرۈۋېتىپ، «ئەرتۈرك كىيىملىرى» دېگەن چوڭ ئېلانلارغا كۆزۈم چۈشۈپ قاراپ ئېغىزىمنى ئېچىپلا قاپتىمەن. مەن ئۆزتۈرۈك كىيىملىرى دېگەن كىيىمنىڭ بارلىقىنى بىلەتتىم، خاتا يېزىلىپ قالمىغاندۇ ھە؟ دەپ قايتا-قايتا قارىدىم، شۇنى بايقىدىمكى ئۆزتۈرۈك كىيىملىرىمۇ بار ئىكەن. ھەر ئىككىسىنىڭ ئېلانىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن «ئەرتۈرۈك كىيىملىرى» نىڭ خاتا يېزىلىپ قالمىغانلىقىنى، بەلكى بۇنىڭمۇ بىر مۇستەققىل ماركا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، كۆڭلۈمدە «ماۋۇ ئەرتۈرك دېگەن ئىسىمنى ئەنۋەر ھاجى توردا راسا تونۇتقان ئىدى، مانا پايدىسىنى ماۋۇ ئاكىمىز ئاپتۇ، ئەنۋەر ھاجى بۇنى كۆرسە قانداق ھېسسىياتقا كېلەر؟» دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم.