سوغۇق شامال (پوۋېست)

sad

ئۇ چۈشىدە ئۆزىنى مۇخبىرلار زىيارەت قىلىۋاتقان ھالەتتە كۆردى. مۇخبىرلار سوئال سورىغاندا ئۇ كۆزەينىكىنى سۈرتكەچ جاۋاب بېرەتتى، يېنىدا گەپكە قوشۇق سېلىۋاتقان خوتۇنىغا پات-پات ئالىيىپ قاراپ قوياتتى، ناۋادا بۇ خوتۇنى بولمىغان بولسا تېخىمۇ ئەركىن گەپ قىلالايتتى-دە. − مەن،−دەپ گەپ باشلىدى ئۇ ياشلىقىنى ھاياجان بىلەن ئەسلىگەچ،− 55-يىلى بېيجىڭغا كەلگەن، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن بېيجىڭغا كەلگەنلەردىن ھېسابلىنىمەن. ئۇ چاغدا قالتىس كىيىنىپ يۈرەتتۇق، ئۆتۈكلىرىمىزنى پارقىرىتىپ كوچىلاردا ماڭساق بېيجىڭلىقلار بىزگە ھەۋەس بىلەن قاراپ قالاتتى، بىزنى چەت ئەللىك دەپ قالاتتى، ئۇ چاغدا ئۇلار تېخى موما خەي كىيىپ يۈرەتتى، ئاپتوبۇسقا چىقساق ئورۇن بوشۇتۇپ بېرەتتى…− نېمە خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن كەلگەن؟− دەپ سورىدى مۇخبىر ئۇنىڭ سۆزىنى دەررۇ بۆلۈپ. تەرجىمانلىق، نەشرىياتچىلىق…− پارتىيىگە قاچان كىرگەن؟

− 57-يىلى.

− ئايالىڭىز بىلەن قاچان توي قىلغان؟

− 63-يىلىغۇ دەيمەن.

− 64-يىلى كۈزدە− دەپ غۇدۇرىدى خوتۇنى،− توي قىلغان ۋاقتىنىمۇ بىلمەيدۇ تېخى!

− قانداق تونۇشۇپ توي قىلغان؟

− ھەي، تەقدىر قىسمەت،− دەپ ئۇلۇغ كىچىك تىندى ئۇ،− شۇ چاغدا پارتىيىگە ناھايىتى يېقىن تۇرىمىز دەپ بېيجىڭدا قالدۇق، پارتىيىگە كىرگەندىن كېيىن مىللەت دېگەننى ئويلىماي، كىملەر بىزنىڭ سىنىپىي دۈشمىنىمىز دېگەن مەسىلىنى كۆپرەك ئويلايدىغان بولدۇق. بېيجىڭ ئۇلۇغ پايتەختىمىز تۇرسا، ئۇلۇغ داھى ماۋجۇشى يېنىمىزدىلا ياشاۋاتسا، ھەر كۈنى ئاجايىپ ئىشلار يۈز بېرىۋاتسا، بۇنداق پارلاق ماكاندىن قانداق ئايرىلغۇمىز كەلسۇن؟ شۇنىڭ بىلەن بىر قانچىمىز مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن كەينى كەينىدىن بېيجىڭلىق بىلەن توي قىلدۇق. بەزىلىرى مانجۇ، بەزىلىرى خۇيزۇ، بەزىلىرى خەنزۇ ئالدى.

− ھازىرقىدەك ئەقلىم بولسا بۇنىڭ بىلەن توي قىلمايتتىم،− دېدى خوتۇنى ھەسرەتلىنىپ،− ئادەم دېگەن ياش چېغىدا ساراڭ بولىدىكەن.

− قېرىغاندا جۆيلۈۋاتىدۇ ما خوتۇن…

− ئۇ بەك جاپالىق كۈنلەر ئىدى، بولمىسا ئاتا-ئانام مېنى بۇنىڭغا ھەرگىز بەرمەيتتى.

− توغرا دەيسەن، شۇ قىيىنچىلىق كۈنلەردە مەن ساڭا ئەسقاتقان، بۇنى ئۇنتۇما.

− مەنمۇ ساڭا بىر ئۆمۈر خوتۇن بولدۇم، ياشلىقىمنى سەندە تۈگەتتىم، بالا باقتىم. لېكىن سەندىن قانچىلىك خوۋلۇق كۆردۈم؟  ھازىرمۇ ماڭا ياخشى قارىمايۋاتىسەن، مەن ھېلىمۇ چىداۋاتىمەن.

−سەنمۇ ماڭا قارىماي ئىتىڭ بىلەن بولۇپ كەتتىڭ، مېنى بەزىدە ئاشۇ ئىتچىلىكمۇ كۆرمەيسەن.

− ئىت ھېچ بولمىغاندا مەن بىلەن ئوينىشىپ بېرىدۇ، سەن شۇنىمۇ بىلمەيسەن،− دېدى خوتۇنى دېمىقىنى قېقىپ،− قاراڭ مۇخبىر ئۇكام، ئىت بېقىۋالغاندىن بېرى كوچا-كوي، باغچىلارنى ئايلىنىپ ياشىرىپ كەتتىم. بۇ ئادەم كۈندە كەچتە ئېرگوتو ئىچىۋېلىپ خورەك تارتىپ ئۇخلايدۇ، ئەتىگىنى چۈشكىچە قوپمايدۇ. يېتىۋېرىپ سەمرىپ، سەتلىشىپ كەتتى.

−ساڭا دەپ قوياي، ئەر كىشى دېگەنگە قېرىغانچە سالاپەت قونىدۇ، قۇرىغان كېسەكتەك چىڭىپ بارىدۇ. چۈنكى خۇدا ئۇنى توپىدىن ياراتقان. سەن بۇلارنى بىلمەيسەن.

− قوي ئۇ گەپلىرىڭنى، قېرىغانچە كىچىك بالىدەك گول، ئەخمەق بولۇپ كەتتىڭ،− دېدى خوتۇنى ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەردە قاراپ.

  ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلدى، مۇخبىر قاراپ تۇرمىغان بولسا بەلكىم يەرلىك بېيجىڭلىقتەك سېسىق گەپ قىلىۋەتكەن بولاتتى. مۇخبىر ئۇنىڭ كەيپىياتىنى سەزگەن بولسا كېرەك، گەپنى باشقا ياققا بۇرىۋەتتى:

− سىز پارتىيىگە سادىق بىر ئاز سانلىق مىللەت بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھازىرمۇ كوممۇنىزملىق ئېتىقادىڭىزدا چىڭ تۇرامسىز؟

− ياق، ھازىر مەن دېگەن مۇسۇلمان.

− بۇ دېگەن بۇرۇن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى ئىدى، ھازىر ئۆزگىرىۋالدى،− دېدى خوتۇنى داتلاپ، − شۇڭىمۇ بىز ياشلىقىمىزدا ياخشى ئۆتۈپ قېرىغاندا توختىماي سوقۇشىدىغان بولۇپ قالدۇق.

− سىز ھازىرمۇ كونا پارتىيە ئەزاسى، شۇنداققۇ؟ ئۇنداقتا ئېتىقادىڭىزنى نېمىشقا ئۆزگەرتتىڭىز، بىلىپ باقسام بولامدۇ؟

− بۇنىڭ جاۋابى ئاددى، چۈنكى ھازىر بۇرۇنقى سوتسىيالىزم قالمىدى، پارتىيىمۇ بۇرۇنقىدىن ئۆزگەردى، ھۆكۈمەتمۇ ئۆزگەردى، مەنمۇ ئۆزگەردىم.

− لېكىن ھەر بىر كومپارتىيە ئەزاسى كوممۇنىزمدىن گۇمانلانسىمۇ ماركىسىزمدىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك ئىدىغۇ؟

− ماركىسىزمدىن ۋاز كەچكىنىم يوق، راستىنى دېسەم ماركىسىزم نېمە، ئۆزەممۇ بىلمەيمەن،− دېدى ئۇ تۇنجى قېتىم راستىنى ئېيتىپ،− بىلىدىغىنىم پەقەت، ئەڭ بۇرۇنقى كومپارتىيىنى قۇرغۇچى ماركىس ئىنگىلىس، ئاندىن قالسا سىتالىن، ماۋجۇشى. ئەينى چاغدا پارتىيە ئەزاسى بولۇش شەرەپلىك ئىش ئىدى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىستىقبالى ياخشى بولاتتى، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويسىمۇ ئېتىلىپ كەتمەيتتى. شۇنى دەپلا پارتىيىگە كىرگەنمەن، ئەمەلىيەتتىمۇ نۇرغۇن سەپداشلىرىم، خىزمەتداشلىرىم خەلق مەنپەئەتىنى دەپ ئەمەس، ئۆز مەنپەئەتىنى دەپلا پارتىيىگە كىرگەن.

− لېكىن خەلق ئۈچۈن ئىشلەيدىغان پارتىيە ئەزالىرىمۇ بار، سەن ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمە− دېدى خوتۇنى ئۇنىڭغا ئالىيىپ.

− بار، لېكىن بەك ئاز،− دېدى ئۇ گېپىدە چىڭ تۇرۇپ،− قاراپ باقە، ھازىرقى پارتىيە ئەزالىرى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ھەممىسى ئۆزىنىڭ غېمىدە، كوللېكتىپ ئۈچۈن ئىشلەش روھى يوق. ئەمەل تۇتقان گۇيلارنىڭ گېلى پوق. جاڭ كەيشى شۇنچە زور ئەسكەر، قورال بىلەن يوقىتالمىغان كومپارتىيىنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھازىرقى پارىخور ئەمەلدارلار يوقىتىۋېتىشى مۇمكىن. مەسىلە چىقسا كومپارتىيىنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ، ئالما دېگەن ئىچىدىن سېسىيدۇ.  دېڭ شياۋپىڭمۇ شۇنداق دېگەن. سەن مۇخبىر بولساڭ، مېنىڭ ئېتىقادىم بىلەن تاقاشماي، مۇشۇ گەپلىرىمنى گېزىتىڭگە تولۇق ياز.

− بولىدۇ، يەنە بىر سوئالىم بار، بالاڭلار باردۇ؟

− بىر ئوغلۇم بار.

− ئۇ ئۆزىنى بېيجىڭلىق دەپ قارامدۇ؟

− ھەئە،− دېدى خوتۇنى پەخىرلەنگەن ھالدا،− بېيجىڭدا تۇغۇلغاندىكىن بېيجىڭلىق بولىدۇ-دە.

ئۇ ئۆزىگە نارازىلىق بىلەن قاراۋاتقان ئېرىگە مىقتەك تىكىلىپ: ”ئەينى چاغدا ئۆزەڭ بېيجىڭلىق بولىمەن دەپ مېنى ئالمىغانمىدىڭ، بالىنى مەن تۇغدۇم، مېنىڭ قارنىمدىن چىقتى، دېمەك ئۇنىڭ يىلتىزى مەن“ دەۋاتقاندەك قىلاتتى.

  −سىلەر نېمىلا دېگەن بىلەن 40 نەچچە يىللىق ئەر-خوتۇن،− دېدى مۇخبىر ئۇلارنىڭ ھۆمىيىشلىرىگە قاراپ بىئارام بولۇپ،− يەنە كېلىپ ئىككى مىللەتتىن. ھازىرقى ياشلار بىر مىللەتتىن تۇرۇپمۇ بىرەر يىل ئوڭلاپ ئۆي تۇتالماي ئاجرىشىدۇ. سىلەردەك ياشاش ئۇلار ئۈچۈن ئەپسانە. سىلەر بۇ ئىناقلىقنى قانداق بەرپا قىلدىڭلار؟

− بىز ياشىغان دەۋردە توي قىلىش شەرەپلىك، ئاجرىشىش نومۇس ئىدى. بولۇپمۇ ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى پارتىيە ئەزاسى تۇرۇپ بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈسە خائىنلىق ھېسابلىناتتى. سىياسىي مەيدان بىر بولسا نىيەتمۇ بىردەك بولاتتى، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق زىددىيەتلەرنى ئاسان ھەل قىلغىلى بولاتتى. كېيىن دېڭ شىياۋپىڭ چىقىپ ۋەزىيەتنى ئوڭشىغاندىن كېيىن پۇل تېپىش مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈپ،  سىياسىي ئاڭ، سىنىپىي مەيدان دېگەنلەر يوقالدى، ھەر كىم ئۆز يولىغا ماڭدى. بۇ چاغدا بالا چوڭ بولۇپ، بىزگە تازا مۇھتاج بولۇۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بالىنى ئويلاپ، ئۆزىمىزنى تاشلاپ قويدۇق. بالىنى دەپلا ياشىغان تۇرساق  بىر-بىرىمىزگە قارىغۇدەك، بىر-بىرىمىزدىن قۇسۇر ئىزدىگۈدەك ھالىمىز نەدە؟ مانا ئەمدى ئوغۇلمۇ خىزمەتكە چىقىپ ئىككىمىز يالغۇز قالغاندا بىر-بىرىمىزنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنگىلى تۇردۇق…

− توغرا دەيدۇ،− دېدى خوتۇنى ئەستايىدىللىق بىلەن،−توي قىلغان دەسلەپكى ئىككى يىلدا ياخشى ئۆتتۇق، ئارقىدىن بالا تۇغۇلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن بالىنى دەپلا ياشىدۇق، بالىنى دەپلا ھەمكارلاشتۇق. بالا چوڭ بولۇپ ئۆز تۇرمۇشىنى باشلىغاندىن كېيىن ئىككىمىز يات ئادەمدەك بولۇپ قالدۇق.  ھازىر خۇددى تونۇشمايدىغان ئىككى ئادەم بىر ئۆيگە كىرىپ قالغاندەك ياشاۋاتىمىز.

− نېمىشقا ئەمدى؟ قېرىغىچە بىللە ياشاش ئاسانمۇ؟ نېمىشقا بىر-بىرىڭلارنى قەدىرلىمەيسىلەر؟ − دېدى مۇخبىر گويا ئۇلارنى ياراشتۇرۇپ قويماقچى بولغان سوتچىدەك.

− قېرىغاندا بۇ ئۆزگىرىۋالدى،− دېدى خوتۇنى دەردىنى تۆكۈپ،−بالىنى ئۆزەڭگە تارتىپ كەتتىڭ دەپ توختىماي قاقشايدۇ. مەن ئۆزەمگە تارتىپ قانداق قىپتىمەن؟ بالا دېگەن نەدە تۇغۇلسا شۇ يەرلىك بولمامدۇ؟ ئورتاق تىلدا سۆزلىمەمدۇ؟ ئۇنىڭ مەقسىتىمۇ شۇ بېيجىڭلىق بولۇش ئەمەسمىدى؟

  ـــ بولدى سۆزلىمە، بالا سېنىڭ، زۇۋانىمۇ سېنىڭ، مىجەزىمۇ سېنىڭ، مەنمۇ ئۇنى بەك ئارزۇلاپ كەتمەيمەن. ئال ھەممىنى ساڭا بەردىم، قېرىغاندا مېنى ئارامخۇدا ياشىغىلى قويساڭلا بولدى.

ـــ ئارامخۇدا ياشاي دېسەڭ شىنجاڭغا كەت، بىزنى بۇ يەردە خاتىرجەم ياشىغىلى قوي.

ـــ ما يۈزسىز خوتۇننى كۆردۈڭمۇ مۇخبىر،  كۆزۈمگە چوشقىدەك سەت كۆرۈنىدىغان بولۇپ كەتتى!ــ دېدى ئۇ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ غال-غال تىترەپ.

ـــ سەن ئوغرىمۇ ماڭا تىلەمچىدەك كۆرۈنىسەن! ــ دېدى ئايال سەت چەكچىيىپ،ــ بىر كۈنى ھاراقنى جىق ئىچىۋېلىپ ئۆلسەڭ دەيمەن.

ـــ ۋاي-ۋاي، نېمە بولۇشۇپ كەتتىڭلار بىر دەمدە!ــ دېدى مۇخبىر ئوتتۇرىغا چۈشۈپ.

ـــ ما مىكىجىننى قويۇۋېتىمەن، ئەتىلا بۇ ئۆيدىن قوڭىغا تېپىپ ھەيدەيمەن!

ـــ كىم كىمنى قوغلايدىكىن تېخى، سەن يوقىلىسەن بۇ يەردىن! ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىز ئەخلەتنى سۈپۈرگەندەك سۈپۈرۈپ تاشلىۋىتىمىز سېنى!

ئۇ غەزەپتىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، مۇخبىرنىڭ توسۇۋېلىشلىرىغا قارىماي خوتۇنىنىڭ چاڭگا چېچىنى تۇتىۋېلىپ، بېقىنلىرىغا ئۇرغىلى تۇردى، خوتۇنى سەت چىقىراپ توختىماي ئوغلىنى چاقىراتتى. ئوغلى نەدىندۇر پەيدا بولۇپ مۇخبىرنى كەتكۈزۈۋېتىپ، ئىككىسىنى ئاجراتتى. ئۇ ئەمدى بۇ گۇيدىن تاياق يەيدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپ قورقۇپ ئويغىنىپ كەتتى…

2

بۇ چۈش يامان بولسىمۇ ئۇنىڭ يۈرەك يارىلىرىنى سىقىپ چىقىرىپ، جاراھەت ئېغىزىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەردى. تەتەينى 30 يىل خوتۇن قىلىپ، تېنىگە بۆسۈپ كىرەلىگەن بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى سىرلىق بۇتخانا، سىرلىق ئۆڭكۈرگە ئىچكىرىلەپ كىرەلمىگەنىدى. مىللەت، ئىرسىيەت، قان، ھۈجەيرىدىكى نەچچە مىڭ يىللىق پەرق  ئوتتۇرىنى تاغدەك توسۇپ تۇراتتى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنى جەلپ قىلاتتى، بۇ جەزىبە ياشلىقنىڭ كېتىشى بىلەن يوقالدى، ئوغلىمۇ ئۇ يېقىنلىقنى ساقلاپ قالالمىدى، چۈنكى ئۇمۇ مۇستەقىل گەۋدە، خالىغان ياققا ئېگىلەلەيدىغان نوتا ئىدى. سەبىيلىكىدە دادىسىنىڭ ساقىلىغا سۆيۈپ ئوينىغان بىلەن، ئېڭىكىگە ساقال چىققاندىن كېيىن تۇرقىدىن پەخىرلىنىدىغان، ئەمما مىللەت تەۋەلىكىدىن قاچىدىغان بولدى؛ جەمئىيەتكە چىقىپ، پايدا-زىياننى دەڭسەپ كۆرۈپ، غەيرى سورۇنلاردا “دادام چەت ئەللىك، ئانام بېيجىڭلىق” دەيدىغان بولدى، مودېللىق كەسپىگە قەدەم قويۇپ، ئوبدانلا داڭ چىقىرىپ قالدى.

قېرىغاندا خوتۇنى ئۆزىگە ئەمەك ئىزدەپ، ئىت بېقىپ، دوست تارتىپ، كۈتۈنۈش، ئۇۋىلاش، ئورۇقلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، چىقىملىرى ئېشىپ كەتكەنچە ئازغىنە پىنسىيە مائاشى بىلەن ياشاپ، ھاراق ئىچىپ يۈرۈۋاتقان ئېرىنى كۆزگە ئىلماس بولدى؛  ئۆي ئالىمەن دەپ پۇل يىغىۋاتقان ئوغلىغا « مۇشۇ ئۆي سېنىڭ، پۇل يىغىمەن دەپ ئاۋارە بولما» دەپ، ئۇنىڭدىن پۇل ئېلىپ خەجلەيدىغان بولدى؛ ئۆي خوتۇنى بولۇپ ئۆتكەن نەچچە ئون يىللىق ئۆمرىگە ئېچىنىپ، قازان بېشىغا ئاساسەن بارماس بولدى.

ئۇ دەسلەپتە كۆنەلمەي تولا قاقشىدى، “سەن ئۆزگىرىپ كەتتىڭ، نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ ماڭا شۇ ئىتىڭغا كۆيۈنگەنچىلىك كۆيۈنمەيسەن، بۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى” دېدى، ئەمما خوتۇنى “ھازىر ھەممە نېمە ئۆزگەردى، ئۆزگەرمىگەن سەنلا قالدىڭ، ئىككى تال مائاشىڭغا تەلمۈرۈپ ساڭا ئۆلگىچە ئىشلەپ  بېرەمدىمەن؟  مائاشىڭنى تالاشمىدىم، تاماق يېسەڭ سىرتتا يە، ھاراق ئىچسەك تالادا ئىچ، قېرىلىرىڭ بىلەن شاھمات ئوينا، ئەمما ماڭا دەخلى قىلما، قېرىغاندا بولسىمۇ ماڭا جاپا سالما، مەن بۇرۇنقىدەك ياشاشقا ئەمدى كۆنۈلمەيمەن” دېدى.  دېمىسىمۇ، شەھەردە ھەممە نېمە تەييار ئىدى، خۇيزۇ ئاشخانىسىغا كىرسە 10 سومغا توياتتى، ئىككى قۇتا پىۋا ياكى ئېرگوتو ئىچسە سىيىپ كىرىپ ئۇخلاپ قالاتتى. كۈندۈزى قېرى تونۇشلىرى بىلەن مۇڭداشقاچ دامكا، شاھمات ئوينايتتى، تاماق ۋاقتى بولغان ھامان ئۆيىدىكىلەر ئۇ قېرىلارغا تېلېفون ئۇرۇپ ياكى بىرەرسى كېلىپ ئېلىپ كەتسە، ئۇ ئۆزى يالغۇز قالاتتى، كەمپىرىنىڭ تولا كۆيۈنۈپ كېتىشلىرىدىن بىزار بولغان قېرىلار “بىر دەم ئوينىغىلى قويمىغان” دەپ خۇددى كىچىك بالىلاردەك غۇدۇراپ قويۇشاتتى، بۇنداق چاغدا ئۇ ئۆزىدىن مەغرۇرلىنىپ قوياتتى، ئەمما يالغۇزلۇق، غېرىبلىق دەردىدە ئىچى پۇشاتتى.

مەيلى قانداق بولسۇن، بۇ ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك تۇرمۇش ئەمەس ئىدى. خوتۇنى، ئوغلى ئۇنىڭدىن بارغانسېرى قېچىپ، بۇ شەھەرنىڭ قوينىغا سىڭىپ كەتتى. قېرىلار ئۆزىنىڭ ئۆيىدە خوتۇن-بالىلىرى بىلەن تاماق يەۋاتقاندا ئۇ ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىدا كۆزەينەك تاقاپ گېزىت كۆرەتتى، خارلىنىپ قالمىسۇن دەپلا تىزىپ قويغان كونا كىتابلىرىغا قاراپ خىيالغا چۆكەتتى، مۇشۇ كىتابلىرى تۈپەيلىدىن ئۆيىنىڭ ئىچى چاشقاننىڭ مايىقىدەك قاڭسىق پۇرايتتى، خوتۇنى قاقشايتتى، خوتۇنى كوتۇلداپ توختىغاندا، ئىشىڭنى قىل، بۇلار مېنىڭ تەۋەررۇكۇم دەيتتى. ئەمما بىرەرسىنى ئېلىپ ۋاراقلاپ قويمايتتى، ئىچى سىقىلىپ كەتكەندە “  بۇ كىتابلارنى ھامان بىر كۈنى خەققە بېرىۋېتىمەن ياكى كىلولاپ سېتىۋېتىمەن“ دەيتتى، ئەمما خوتۇنىغا قېيىشىپ يەنە ساتمايتتى، بۇ كونا كىتابلار، كونا پۇراقلار ئۇنىڭغا ئۆتمۈشىنى ئەسلىتەتتى، زەردىسىنى قاينىتاتتى، كونا خىيالىنى قوزغايتتى، ئاڭلىسام ئىملا قائىدىسى يەنە ئۆزگىرىپتۇ،   ئۆزگەرمىگەن مەنلا قالدىممۇ؟ ئۆزگىرىپ نەگە كەلدىم؟ كاللام قايسى يىللاردا توختاپ قالدى؟ 60-يىللاردىكى ئۇلۇغۋار غايىلىرىم قېنى؟ 80-يىللاردىكى جەڭگىۋارلىقىمچۇ؟ مىللىي تىل-يېزىق ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ نېمىگە ئېرىشتىم؟  تەرجىمە قىلغان، تەھرىرلىگەن نەرسىلىرىم توپا بېسىپ يېتىپتۇ. نۇرغۇن سىياسىي كىتابلار، رومانلار يېزىق ئۆزگەرتىش بىلەنلا ئەخلەتكە ئايلاندى. شۇنچە ئەجىر، زېھنىي كۈچ، سالامەتلىك زايە كەتتى، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن ئىشلەش شوئارى ساددا ئۆتمۈشنىڭ مەسخىرىلىك ساداسى بولۇپ قالدى، پارقىراق لەۋھە،    تەقدىرنامىلەر ئەسكى قەغەزدەك دۆۋىلەندى، ھازىر ئەچىقىپ ساتسا بىر تىيىنغا يارىمايدۇ.  خەق كىتاب ئوقۇمىسا، كىتابلىرىمىزنىڭ كىمنىڭ قولىدىن چىققانلىقىغا قاراپمۇ قويمىسا، بىزنى قانداق تونۇيدۇ؟ نامسىز قەھرىمان، قەغەز قالپاق،  كۆتەر ئۇنداق قەھرىمانلىقىڭنى…

ئۇ تولا يېزىق ئۆزگەرتىش، ئىملا ئۆزگەرتىشنىڭ زىيىنى ھەققىدە 10 يىل ئاۋۋال بىر ماقالە يازماقچى بولغانىدى، يازالمىدى، تېلكومدىكى ئاقساقاللارنىڭ ئۆز گېپىدە بەك چىڭ تۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، يازساممۇ بەرىبىر باسمايدۇ، دېگەنلىرىم ئاقمايدۇ، “سېسىق زىيالىي” نىڭ گېپى ئوسۇرۇققا تەڭ دەپ ئويلىدى. يەنە قايسى كۈنى ئۆز ھاياتى ھەققىدە بىرەر ئەسلىمە،  ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ھەققىدە بىر نەرسە(كىتاب ياكى كىتابچە) يېزىشنى ئويلىدى، ئەمما يەنە يالتايدى، بەل ئاغرىقى، كۆز ئاجىزلىقى، نېرۋا ئاجىزلىقى، ئۇيقۇسىزلىق، چارچاش.. ۋاھ نېمە تولا جاپا بۇ.  تەن دۇرۇس چاغدا قىلمىغان ئىشنى ئەمدى قىلىپ نېمە كەپتۇ؟ مەن قىلمىسام باشقا بىرى قىلىدۇ، شۇنداق  قىلىۋاتقان ئەخمەق قېرىلار كۈرمىڭ! ھاياتىمدىن ئىز قالسۇن دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچكىم ئۇنىڭ كىتابىنى ئوقۇمايدۇ، ساقلىمايدۇ، ھاجەتخانىغا تاشلاپ قويمىسا تېخى، بەرىبىر ئاقمايدىغان ئىش… دەپ ئويلىدى. دېمىسىمۇ، مۇشۇ كىتاب دېگەن بىر نېمە ئۇنىڭ ئۆمرىنى خورىتىۋەتتى، ھۆكۈمەتنىڭ تالاي سىياسىي كىتابلىرى، شەخسلەرنىڭ ئۇنۋان ياكى نام چىقىرىش ئۈچۈن يوللىغان سۈپەتسىز نەرسىلىرىگە كەتكەن ۋاقىتلار ئازمۇ؟  نۇرغۇن كىتابلارنى ئىشلىدى، ئەخلەتكە ئايلاندى. نۇرغۇن ئەسەرلەر، تەرجىمىلەر كەلدى، نەشر قىلىنماي قايتۇرۇلدى، دۆۋە-دۆۋە ئارگىناللار يىللاپ-يىللاپ بېسىلىپ قالدى، ھەتتا بىر قېتىم ئىشخانا كۆچكەندە ئۇلارنى ھارۋا بىلەن توشىدى، شۇڭا ھازىرمۇ  تولا كىتابلار ئۇنىڭغا ئەخلەتتەك كۆرۈنىدۇ. كىتاب يازىدىغان ئەخمەقلەر ئۆز ئىشىدىن ئۆزى خوش بولۇپ يۈرۈيدىغان بالىلارغا ئوخشايدۇ، بىر نەرسىلىرىنى داڭلىغۇسى كېلىدۇ. شۇنىڭغا سەرپ قىلغان كاللىسىنى باشقا ئىشلارغا ئىشلەتكەن بولسا كۆپرەك پۇل تاپالايتتى، ھوقۇق تۇتالايتتى، بەلكى كاتتا ئەربابلارغا ئايلىنالايتتى-دە، كىتاب يېزىپ نام قازىنىشنىڭ ھاجىتى قالمايتتى، ئۆز تەجىمىھالىنى ئۆزى ئەمەس، باشقىلار يېزىپ چىققان بولاتتى… نەشرىياتتا ئىشلەپ باقمىغان ئادەملەر بۇ ھەقىقەتنى مەڭگۈ چۈشىنىپ بولالمايدۇ!

ئۇ بۇ “ھەقىقەت”لەرنى ھاراق سورۇنىدا ئالدىراپ دېمەيتتى، چۈنكى ئۇنىڭدىن باشقا سەپداشلىرى بىر-ئىككىدىن بولسىمۇ كىتاب چىقىرىپ باققانىدى ھەم ئۆلۈپ كەتكۈچە يەنە بىر نەچچە كىتابىنى چىقىرىۋېلىپ، مۇقاۋىسىنى سىلاپ، ئىچىنى ۋاراقلاپ، ئۆزىنىڭ مۇبارەك ئىسمىغا يېنىشلاپ قاراپ  ئۆلۈپ كېتىشنى ئويلايتتى. ئۇ  بۇ قېرىلارنىڭ كۆڭلىگە تېگىپ قويماي دېسىمۇ، ئىچىپ قىززىۋالغاندا بەزىدە ئېغىزىدىن كېتىپ قالاتتى-دە، “ھەسەتخور” دېگەن لەنەتكە كۆمۈلۈپ، ئاخىرى ئۆزى يالغۇز قالاتتى. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ئۇلار بىلەن ئانچە ئىزدەشمىدى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئالاي دەپمۇ ئويلىمىدى. قېرىلار ئۆزى ”ھەقىقەت“نى چۈشەنگەندە بەرىبىر مېنى ئىزدەپ كېلىدۇ، يەنە مۇڭدىشىمىز دەپ يۈرىۋەردى، ئەمما ھېچكىم ئۇنى ئىزدىمىدى، تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە ئىزدىمىدى. ھازىر پەقەت ئۆزىدەك ھاراقكەش، كىتاب دېسە بېشى ئاغرىيدىغان، ئۆمرىدە كىتاب چىقىرىپ باقمىغان بىرلا سەپدىشى قالدى، ئۇمۇ يېقىندا كېسەلجان بولۇپ قالغاچقا كۆرۈشەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىتاب ئوقۇمايدىغان،ئۇيغۇرچە كىتاب دېگەننى تامامەن چۈشەنمەيدىغان خەنزۇ قېرىلار بىلەن تاغدىن-باغدىن مۇڭدىشىپ، بىللە ئىچىشىپ، شاھمات، ماجاڭ ئوينىشىپ كۈن ئۆتكۈزدى.

بىر كۈنى ئوغلى ئۆيگە بۇرۇن كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئوغلىدەك پاراڭلاشتى.

ـــ مۇخبىردەك بىر نېمىلەر كېلىپ سەندىن گەپ سورىمىغاندۇ- ھە دادا؟

ـــ سورىدى.

ـــ ھە؟ قاچان؟

ـــ نېمە ھۇدۇقىسەن؟ چۈشۈمدە گەپ سورىغان، ئاناڭ ئىككىمىز جاۋاب بەردۇق.

ئوغلى كۈلۈپ كەتتى:

ـــ ئەگەر ئۇ گۇيلار راست ئىزدەپ سەندىن گەپ سوراپ قالسا، رەت قىلىۋەت، بولامدۇ؟

ـــ نېمىشقا؟

ـــ سەۋەبىنى سورىما، ئىشقىلىپ ھېچنېمە دېمىسەڭلا بولىدۇ.

ـــ نېمىشقا؟ نېمىشقا دېمەيمەن؟

ـــ ماڭا قارا دادا،  مەن مودېللىق ساھەسىدە نام چىقارغاندىن كېيىن رېژىسورلار ئىزدەشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا مۇخبىرلار ئىتتەك ئەگىشىدىغان بولۇۋالدى. ئۇلار مېنىڭ كېلىپ چىقىشىمغا قىزىقىپ، قالايمىقان سوئاللارنى تولا سوراپ جىلە قىلىۋاتىدۇ. مەن ھازىرچە “دادام چەت ئەللىك، ئانام بېيجىڭلىق” دەپ قويۇپ تۇردۇم. ئۇلار يەنە بولدى قىلماي، “ داداڭ قايسى دۆلەتتىن، ئاناڭ بىلەن قانداق تونۇشقان…” دەپ ئىچكىرىلەپ سوراۋەردى، تېرىكىپ تىللاپ كەتسەڭ تېخى،  ئاخىر “بۇ دېگەن شەخسىي مەخپىيەتلىك” دەپ گەپنى تۈگەتتىم. ئەمما ئۇلار زادى بولدى قىلىدىغاندەك ئەمەس، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئەھۋالىمنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ. ئۇلارنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ، داۋراڭ قىلىدىغان بىرەر خەۋەرنى تىڭ-تىڭلاپ ھەر كۈنى تىمىسقىلاپ يۈرىدۇ، مەشەگىمۇ ئەتە-ئۆگۈن كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئىدىيەڭدە تەييارلىق بولسۇن، بىر نېمە دەپ قالسا، ئۆزەڭنى ھەرگىز ئاشكارىلىما، ئانامغىمۇ دەپ قويدۇم، ھەرگىز ئارتۇق گەپ چىقىپ قالمىسۇن…

ئۇ ئاچچىق كۈلدى:

ـــ دادام جۇڭگولۇق دېسەڭ بولمامدۇ؟

ـــ خەق ئىشەنمىسە قانداق قىلىسەن، شۇڭا ئامال يوق.

ـ نېمىشقا ئىشەنمەيدىكەن؟ جۇڭگودا 56 مىللەت بار، نېمىشقا ئىشەنمەيدىكەن؟ بۇ دۆلەتتە خەنزۇلا ياشامدىكەن؟ مۇخبىر دېگەن گۇيلارنىڭ كاللىسى يوقمۇ؟

ــ شۇنى دېگىنە، سەن ئۇلارغا ئۆزەڭنى چەت ئەللىك دېسەڭ ئىشىنىدۇ، جۇڭگولۇق دېسەڭ ئىشەنمەيدۇ.

ـــ ئاشۇنداق دۆت چوشقىلارنى ئېتىۋېتىش كېرەك.

ـــ توغرا، مەنمۇ بەك بىزار ئۇلاردىن…

ئوغلى كېتىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۆچۈن ئادەملەر پەيدا بولۇپ قالدى، ئۇ قېرىلار بىلەن شاراقلىتىپ ماجياڭ ئوينىغاچ ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە تېلېفون ئۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزىگە دىققەت بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇردى. قېرىلار كېتىپ ئۆزى يالغۇز قالغاندا بىرسى ھىجىيىپ كېلىپ گەپ سورىدى:

ـــ تاغا، سىزدىن بىر گەپ سورىسام بولامدۇ؟

ـــ نېمە ئادەمسەن؟

ـــ ھە، مەن مۇخبىر.

ـــ يوقال بۇ يەردىن، ساڭا دەيدىغان گەپ يوق!

ـــ تاغا، سىز كېلىشكەن ئادەم ئىكەنسىز، بىر قاراپلا ۋۇ رېننىڭ دادىسىكەن دېدىم.

ـــ توغرا، مەن ئۇنىڭ دادىسى، يەنە نېمە گېپىڭ بار؟

ـــ سىز قايسى دۆلەتتىن؟

ـــ مەن ھازىر نەدە تۇرۇۋاتىمەن؟

ـــ جۇڭگودا.

ـــ شۇنىمۇ بىلمەمسەن، كالۋا؟

ـــ بىراق بېيجىڭدا چەت ئەللىكلەر تولا.

ـــ سەن بايا كۆرمىدىڭمۇ؟ مەن  قايسى قېرىلار بىلەن ماجياڭ ئوينىدىم؟ قايسى چەت ئەللىك مۇشۇنداق قېرى بېيجىڭلىق بىلەن سائەت-سائەتلەپ ماجياڭ ئوينايدۇ؟

مۇخبىر ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى.

ـــ سەن يامان دۆت نېمىكەنسەن، مۇشۇ ھالىڭغا مۇخبىرلىق قىلىمەن دېمەي بېرىپ چوشقاڭنى باق!

ـــ ئۇنداقتا سىز چوقۇم شىنجاڭلىق،ــ دېدى مۇخبىر مۇھىم يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەندەك ھاياجان بىلەن.

ـــ نېمە دېسەڭ دەپ بۇ يەردىن چاققان يوقال، شىنجاڭلىق دەمسەن، بېيجىڭلىق دەمسەن، نېمە دەپ يازساڭ ياز. ئەمما سەن كالۋاغا دېمىسەم بىلمەيسەن، شىنجاڭلىق دېگەن تولا گەپ، مەن دېگەن ئۇيغۇر…

ـــ بىلدىم، رەھمەت تاغا.

كېيىن گېزىتكە نېمىلەر بېسىلدى، بىلمىدى، ئوغلى ئۇنىڭ ئالدىغا بىر گېزىتنى تاشلاپ غەزەپ بىلەن ھۆمەيگەندە، گېزىتتە ئۆزىنىڭ ماجياڭ ئويناپ ئولتۇرغان سۈرىتىنى كۆرگەندە ھەيران قالدى.

ـــ ساڭا شۇنچە دېسەم يەنە ئۆزەڭنى ئاشكارىلاپسەنغۇ؟ مېنى ياشىغىلى قويامسەن-قويمامسەن؟

شىنجاڭلىق دەپ قويسا نومۇستىن ئۆلگۈدەك بوپ كەتتىڭما؟ ــ دېدى ئۇ تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ مەسخىرە بىلەن،ـــ ـــ ئۆزەڭنى چەت ئەللىك دېمىسەڭ ياشىيالمامسەن؟

ـــ بىلىسەنغۇ، شىنجاڭلىقنىڭ نامى ياخشى ئەمەس. ئوغرى، كاۋاپچى، تېررورچى… مەن بۇ قالپاقنىڭ قايسى بىرىنى كىيىمەن؟ ئاغىنىلەردىن نەچچىسى تېلېفون قىلىپ بولدى،  رىژىسورغا تېلېفون قىلسام ئالمايۋاتىدۇ. ھازىر ھېچكىمگە ئۆزەمنى چۈشەندۈرەلمەيۋاتىمەن.

ـــ ھېچكىمگە ئۆزەڭنى چۈشەندۈرمە، ئاۋۇ قالپاقنىمۇ كىيىۋەر،  ئوغرى دېسە كىنودا ئوغرىنىڭ رولىنى ئال، كاۋاپچى بول دېسە چېن پېيسىنى دوراپ كاۋاپچى بول، تېرروچىنىڭ رولىنى ئال دېسە ئۇنىمۇ سىناپ باق. قارا، ھەممە رول ماس كېلىدۇ، رېژىسورغا مۇشۇنداق دەپ چۈشەندۈر.

ــ قېرىغانچە ئالجىۋاتىسەن، سېنىڭ كاساپىتىڭ بىلەن ھەممە ئىشىم تۈگىشىدىغان بولدى.

ئۇ غەزەبتىن تىترەپ كەتتى:

ـــ  ھەي ئاتىسىنى تونۇمايدىغان بەغەرەز!  سەن ئالجىدىڭمۇ، مەنمۇ؟  قارا ما گۇينى…

ـــ مەن ساڭا چىرايلىق دېمىدىممۇ؟ نېمىشقا گېپىڭدە تۇرمايسەن؟

ـــ مەن ساڭا قاچان ۋەدە بەردىم، ئۆزەڭ سۆزلەپ ئۆزەڭ ھىجىيىپ چىقىپ كەتتىڭ. مەن ئەزەلدىن يالغان گەپكە ئۆچ.

ـــ سەن بۇ جاھاندا ياشاشنى ئۇقمايسەن، يالغان سۆزلىمىسەڭ جان باقالمايسەن، مۇناسىۋەت تىكلىمىسەڭ ئىشىڭ ئاقمايدۇ. سەن ھازىر ھەممە ئىشىمنى بۇزدۇڭ، نامىمنى بۇلغىدىڭ…

ـــ ھەي كالۋا، مەن قايسى نامىڭنى بۇلغىدىم، ھارامدىن بولغان گۇيلارمۇ سەنچىلىك نومۇس قىلمىغاندۇ؟ قابىلىيىڭ بولسا سەنمۇ ھەممىنى بېسىپ چۈشۈپ ئاشۇنداق بولالايسەن. يالغاندىن چەت ئەللىك بولۇۋېلىپ خەقنى ئالدىساڭ بولامدۇ؟ بىر كۈن ئالدايسەن، بىر يىل ئالدايسەن، ئاخىر تۇمشۇقىڭدىن ئىلىنىپ رەسۋا بولىسەن.

شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ خوتۇنى كەلدى،  ئوغلىدىن ھەممە ئىشنى ئاڭلاپ ئېرىگە نەپرەت بىلەن ئالايدى، بۇ مۇدھىش كۆز نۇرى ئۇنىڭغا ھېلىقى قاباھەتلىك چۈشىنى ئەسلەتتى.

ـــ ئوغلۇڭنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن بىرەر قېتىم يالغان سۆزلىسەڭ بېشىڭ كېتەمدۇ؟

ـــ بۇ ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاتىسىدىن، ئۆزىنىڭ قېنىدىن تاندى. بۇ دېگەن خائىنلىق.

ـــ بالا پەقەت سېنىڭمۇ؟ ئۇنىڭدا مېنىڭمۇ قېنىم بار.

ــ گەپ مەشەدە، ھەممىسى سېنىڭ قېنىڭلا بولۇپ كەتكەن بولسا، چىرايىمۇ ساڭا ئوخشىغان بولسا بۇ گۇي تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ياشايتتى، بۇ جېدەلمۇ چىقمايتتى…

خوتۇنىنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ، ئېرىنىڭ ئالدىغا سەكرەپ باردى:

ـــ سەن تېخى ئىككىمىزنى كەمسىتىۋاتامسەن؟ دەرھال بىزدىن كەچۈرۈم سورا.

ـــ ئاۋۋال ئۆزىنى چەت ئەللىك دەۋالغان ئا گۇي مەندىن كەچۈرۈم سورىسۇن.

ـــ مەن سەندىن كەچۈرۈم سورىمايمەن، بەلكى سەندىن نەپرەتلىنىمەن!ـــ دېدى ئوغلى.

ـــ ئۇنداقتا مەندىن قالغان چىرايىڭغىمۇ نەپرەتلىنىپ، پىچاق بىلەن كېسىپ بۇزىۋەت!ـــ دېدى ئۇ ئاچچىق كۈلۈپ.

ـــ سەنمۇ ئەخمەق،ـــ دېدى خوتۇنى ئوغلىغا كايىپ،− دادام يوق ياكى ئۆلگەن دېسەڭ بولمامدۇ؟ تاپقان بالىسىغا ئىگە بولمايدىغان چەت ئەللىكلەر جىق تۇرسا، كىم سۈرۈشتۈرۈپ يۈرەتتى؟

ـــ بالاڭنى ھاراملىق دېمەكچىمۇ سەن؟ ئۇنداقتا سەن نېمە؟

ـــ مەن چەت ئەللىككە تەگمەي ساڭا تەگكەن ساراڭ، مانا تا ھازىرغىچە پۇشايمان قىلىمەن. ئويلىسام، شۇنچە يىلدىن بېرى تۆۋەن مائاشىڭ بىلەن تىلەمچىدەك  ياشاپ كەپتۇق، ئوغلۇم ئەمدى بىر پۇل تېپىپ ياخشى كۈن كۆرۈۋاتقاندا ئىشىنى بۇزۇپسەن، مەن بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايمەن.

ـــ ۋاي يۈزى قېلىن شاۋچىلار، خۇدانىڭ تەقدىرى بۇ، مەنمۇ ھەر قايسىڭغا مۇھتاج ئەمەس!.

ـــ سەندىن ئاجرىشىمەن!ــ دېدى خوتۇنى گېپىمنى پۈتۈن قوشنىلار ئاڭلىسۇن دېگەندەك ئۈنلۈك ئاۋازدا،− بۈگۈن بۇ ئىش چىقمىغان بولسىمۇ ساڭا دەيتتىم، سەندىن ئاجرىشىمەن! سەندىن ئاجرىشىپلا قۇتۇلمىسام ماڭىمۇ، بالامغىمۇ كۈن يوقكەن.

ئۇ بۇ گەپنى ئۆزىنىڭ باشتا دېمىگىنىدىن ئەپسۇسلاندى، قېرىغانچە ئۆزىنىڭ بۇ قەدەر پاسسىپ، لامزەللە بولۇپ كەتكىنىگە ئېچىندى. ئوغلى ئانىسىنىڭ بۇ كەسكىن قارارىدىن سۆيۈنگەن بولسا كېرەك، خاپىلىقى يوقاپ، زۇۋانى ئېچىلدى:

− توغرا، بىر-بىرىڭلار بىلەن بۇنداق تەتۈر قارىشىپ يۈرگەندىن تايىنلىق ئاجرىشىپلا كېتىڭلار. ھېلىمۇ بىرەر يىل بولدى، ئىككى دۇنيانىڭ ئادەملىرىدەك ياشاۋاتىسىلەر. ئاناممۇ ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلسۇن، دادام بولغان ئادەممۇ ئۆزىنىڭ ماجىڭىنى ئوينىسۇن. ھېچكىم بىر-بىرىگە ئېغىرچىلىقىنى سالمىسۇن.

ـــ ياخشى گەپ، مېنىڭ ھەر قايسىڭدىن قىيالمىغۇدەك ھېچنېمەم يوق، سەنلەردىن ھېچنېمە تەمە قىلمايمەن، يولىمىز ئايرىم بولسۇن…

ـــ ئاجراشقاندىن كېيىن ئۆينى قانداق قىلىمىز؟ ئۆي قائىدە بويىچە ئوغلۇڭغا قالىدۇ،− دېدى خوتۇنى سوت ئۈستىدە تۇرۇۋاتقاندەك جىددىيلىك بىلەن.

ئۇ خوتۇنى بىلەن ئوغلىنىڭ كۆزلىرىنىڭ تەڭلا چەكچىيىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ئەسلىدە ئەڭ مۇھىم ئىشنىڭ ئاجرىشىش ئەمەس، بەلكى بۇ ئۆي مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى باھاسى نەچچە قاتلىنىپ ئۆسۈپ كەتكەن بۇ كونا ئۆي گويا پارچىلاش تەس كېسەك ئالتۇندەك، ھەممىسىنىڭ كۆڭلىدىكى ئېغىرلىق مەركىزى بولۇپ قالغانىدى.

ـــ ئۆينىڭ ئىگىسى مەن، مەن ھايات تۇرۇپ ئۇنى ھېچقايسىڭ بىر نېمە قىلالمايسەن،− دېدى ئۇ مەغرۇرلۇق بىلەن.

ـــ ئەمما بۇ ئۆيدە بىزنىڭمۇ ھەققىمىز بار، بۇنى سوتتا ئېنىق ئايرىيمىز!

3

شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئاجرىشىپ كەتتى. سوتتا ئۆينى ھەر قانچە تالاشقان بىلەن بىر ئۆينى ئىككىگە بۆلگىلى بولمىغاچقا ئۆز ئىچىدىن كېلىشىم تۈزۈشتى، ئۇ ئۆزى تۇرۇۋاتقان چوڭ ھۇجرىدا قالدى، خوتۇنى ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىغا كۆچۈپ چىقتى، سالون، ئاشخانا، خالادىن تەڭ پايدىلىنىدىغان بولدى. ئوغلى ۋاقتىنچە سىرتتىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرىدىغان بولدى. خوتۇنى ئوغلىغا ” ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق بۇ، بىر نەچچە يىل چىدىغىن، بۇ ئۆي ھامان ساڭا قالىدۇ“ دەپ كۆڭلىنى ياسىدى.

ئۇنىڭ ئاجرىشىشتىن كېيىنكى تۇرمۇشىمۇ بۇرۇنقى پەدىدە كېتىۋەردى، بىرلا پەرقى شۇكى، كۆڭلىدە خوتۇن-بالام بار دەپ ئويلىمايدىغان بولدى. تۇرمۇشى، داۋالىنىشى كاپالەتكە ئىگە بولغاچقا، ئارتۇق غېمى يوق ئىدى؛ كۆڭلىنى توق، ئازادە تۇتۇشنىڭ، ھەر ئىشنى ئۆز يولىدا چۈشىنىشنىڭ پايدىسىنى بىلەتتى،  ”قېرىغاندا خام خىيال قىلماسلىق، ياشلىقىنى ئەسلىمەسلىك، ئۆتمۈشىگە ھەسرەتلەنمەسلىك“ پرىنسىپىغا ئەمەل قىلاتتى، مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم قۇرۇق ئارزۇ-ئىستەكتىن خالىي بولۇش دەيتتى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن قوپقاندا كوچىغا− جەڭگە ماڭغاندەك ئىشقا كېتىۋاتقانلارغا قاراپ، ھۇزۇرلىنىپ تاماكا چېكەتتى.  خىزمەت بېسىمى يوق، تۆھپە يارىتىش، نام قالدۇرۇش دېگەندەك قۇرۇق ئىستەكلەرمۇ يوق، ھەر كۈنى ئاپتاپقا قاقلىنىپ دامكا، ماجياڭ ئوينىيالىسا، كاللىسى ئىشلىمەيدىغان قېرىلارنى بىر-ئىككى قول ئۇتۇۋالالىسا، چۈشلۈك تامىقىنى يەپ، ئىككى رومكا قېقىۋېلىپلا ئۆيىگە كىرىپ ئۇيقۇسىنى ئۇخلىسا، شۇنىڭدىن رازى ئىدى.  بەزى كۈنلىرى ئىچى پۇشۇپ قالاتتى، بىللە ئوينىغىلى ئادەم چىقمايتتى، خەنزۇ قېرىلار ھەپتە ئارىلاپ دېگۈدەك دوختۇرخانىغا قاترايتتى، دورا-ئوكۇل دېگەننى توپ بازاردىن مال ئالغاندەك ئېلىپ كېلىپ، ئۆيىدىن چىقماي دورا يەيتتى، ماجياڭ ئويناپ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتسەك مەزى بېزى، گېمروي بولۇپ قالىدىكەنمىز دەپ بىر-ئىككى قول ئويناپلا قوپۇپ كېتىپ، ئۆيىگە كىرىپ ئارام ئالاتتى. ئۆيىدە ساقىيالمىسا دوختۇرخانىدا ياتاتتى، بىر نەچچىسى شۇ يەردە ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن قېرىلار ئۆز سالامەتلىكىگە بارغانچە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ماجياڭ، قەرت دېگەندەك پايدىسىز ئىشلاردىن قېچىپ، ئۇ ياق-بۇياقلارغا ماڭىدىغان، تەيجى گۇمپىسى ئوينايدىغان، قۇش ياكى ئىت باقىدىغان بولۇۋېلىشتى. ئۇ بۇ قېرىلارنىڭ ”ئەخمەقلىقى“گە كۈلەتتى، ھەممىسى كىچىك بالىغا ئوخشايتتى، بىرسى بىر ئىش قىلسا ھەممىسى دورايتتى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئىشىنى تاشلايتتى.

ئۇ يالغۇزسىراپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئاھالىلەر رايونىغا يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن خۇيزۇ بوۋاي بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ”سېلامىلەيكۇن“ دەيتتى بوۋاي ئۇنى ھەر قېتىم كۆرگەندە. ئۇمۇ ”ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام“ دەپ جاۋاب بېرەتتى. ئەمما كېيىن بىلدىكى، بۇ بوۋاي ماجياڭ، شاھمات، دامكا، قارت دېگەنلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى بىلمەيدىكەن، بۇنىڭ ئورنىغا قۇرئان ۋە باشقا دىنىي كىتابلارنى ئوقۇيدىكەن، جۈمەگە بارىدىكەن. بوۋاي بىر قېتىم ئۇنى جۈمەگە بىللە بېرىشقا تەكلىپ قىلدى، ئۇ مىجەزىم يوق دەپ بارغىلى ئۇنىمىدى. كېيىن ھەر جۈمە كەلسە ئۇ بوۋاينىڭ قارىسىنى كۆرسىلا قاچىدىغان بولۇۋالدى.  ۋاقىتنى مەيلىگە قويۇۋېتىپ، كۆڭلى نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ ياشاۋەردى. تۇرمۇشىدىن ھېچ زېرىكمەيتتى، بەلكى تەكرار كۈنلىرىدىن ئوخشىمىغان زوق ئىزدەپ، خوتۇن-بالىسىز تۇرمۇشۇممۇ مەنىلىك ئۆتۈۋاتىدۇ دېگەنگە ئۆزىنى ئىشەندۈرمەكچى بولاتتى.   قېرىلىقىدا بولسىمۇ ئەركىن ياشاش ئىستىكى يۈرىكىدە ئوت بولۇپ ياناتتى.

بىر كۈنى ئۇ چېچىنى ياسىتىپ، پۇتىنى ئۇۋىلاتقاندىن كېيىن بۇ ئىشنى ياقتۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ پۇتىنى مايلاپ ئۇۋىلاپ قويغان سىچۈەنلىك قىزنىڭ ئوماقلىقى، شوخلۇقى بىر نەچچە كۈنگىچە ئېسىدىن كەتمىدى. ھەپتە ئۆتۈپ يەنە شۇ قىزنى چاقىرتىپ خىزمىتىگە سالدى.  قىز  ئۇنى چەت ئەللىككە ئوخشىتىپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر  تولىمۇ قىزغىن ئىدى، پۈتۈن ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ ئۇنى يەنە رازى قىلدى، قىز ئۇنى ئۇزىتىپ چىقىۋېتىپ ”يەنە كېلىپ تۇرۇڭ“ دېگەندە، ”ئەلۋەتتە“ دەپ كۆزىنى قىسىپ مەغرۇر ئايرىلدى. ئۇ تۇرمۇشىغا بۇنداق يېڭىلىق، خۇشاللىق قوشۇلغانلىقىدىن خۇرسەن ئىدى، شۇڭا بۇرۇنقىدەك غېرىبسىنىپ، قورۇدا بىكار يۈرگەن قېرىلارنى زورلاپ ماجياڭ ئوينىمايدىغان بولدى. باشقا قېرىلار دوختۇرخانىغا قاترىسا ئۇ شۇ قىزنىڭ يېنىغا بارىدىغان بولدى، باشقا قېرىلار  ئاچچىق دورا يەپ ئىنجىقلاپ يۈرگەندە، ئۇ شۇ قىزنىڭ ئەپچىل، نازۇك قوللىرىنىڭ راھىتىدە بارغانچە ياشىرىپ كەتكەندەك بولدى. قىز ئۇنىڭ پۇتىنى ئۇۋىلاشتىن باشقا ئايرىمخانىدا پۈتۈن بەدىنىنى تۇتۇپ قويىدىغان بولدى، بۇ ئۇنىڭغا تېخىمۇ خوشياقتى ھەم قېرى خوتۇنى بىلەن ئۆتكۈزگەن مەنىسىز، ئازابلىق كۈنلىرىگە ئېچىندى، تېنىدە ماغدۇرى بار ئېسىل يىللارنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتكىنىگە پۇشايمان قىلدى. قىز ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ چىقىشىپ كەتتى، چەت ئەللىك ئەمەس، شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىنمۇ بۇرۇنقىدەك قىزغىن بولىۋەردى، بۇرۇن قايناق سۇ ئەكىلىپ بېرەتتى، كېيىن دەملەنگەن چاي سۇنىدىغان بولدى. بۇرۇن ئۇنىڭ پۇتىنى پۇل ئۈچۈنلا ئۇۋىلىغان بولسا، ئەمدى ھەقىقىي كۆيۈنۈپ ئۇۋىلايدىغان بولدى.

بىر قېتىم ئۇ قىزنىڭ بەك ياخشى تۇتۇشلىرىدىن ھاياجانلىنىپ كەتتىمۇ ئەيتاۋۇر، قان بېسىمى ئۆرلەپ قالدى، قىز قورقۇپ كېتىپ ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپاردى. دوختۇرلار ئۇنىڭ كېسىلىنى ۋاقتىدا كونترول قىلىپ، قان بېسىمىنى نورماللاشتۇرۇپ، دورا  يېزىپ بېرىپ يولغا سالدى. قىز ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ ئۆيىگە ئېلىپ چىقتى، بۇ چاغدا تەتەي سىرتقا چىقىپ كەتكەن، ئۆينىڭ ئىچى ئىت پوقى پۇرايتتى. قىز ئۇنى ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ قويۇپ ”مەن چىقاي“ دېگەندە ئۇ بىر دەمدىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك جىددىيلىشىپ قىزنىڭ قولىغا ئېسىلدى:

ـــ ماڭا بىر دەم ھەمراھ بول، قانچە پۇل دېسەڭ بېرىمەن.

ـــ بولىدۇ، بىردەم قاراپ تۇراي،ــ دېدى قىز كۈلۈپ،ــ بۇنىڭغا پۇل ئالمايمەن.

ـــ سەن بەك ياخشىكەنسەن، سېنى كۆرمىسەم كۆرگۈم كېلىدۇ،ــ دېدى ئۇ قىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ قولىنى تۇتۇپ،ـــ قوللىرىڭنى ھەر كۈنى سېغىنىمەن. نىمانداق ئاپپاق، چىرايلىق، يۇمشاق قول بۇ، بۇ قولنىڭ باشقا خەقنىڭ پۇتىنى تۇتۇشىغا چىدىمايمەن، لېكىن ئامال يوق، ئىشلەپ پۇل تاپمىساڭ بولمايدۇ،  جېنىڭنى مەن باقسام، مېنىلا تۇتۇپ قويساڭ بولمامدۇ؟ 50 كوي تاپساڭ، ساڭا خوجايىن ئاران 10 كوي بېرىدىكەن، مانا مەن تولۇق بېرىمەن ئەمەسمۇ؟

ـــ بۇنداق قىلسام بولمايدۇ، تۈزۈمگە بويسۇنۇشۇم كېرەك،ــ دېدى قىز خىجىل بولغاندەك كۈلۈمسىرەپ،ـــ يا بولمىسا تېلېفونۇمنى دەپ بېرەي، لازىم بولغاندا ماڭا تېلېفون قىلىڭ، ئۆيگە كېلىپ مۇلازىمەت قىلساممۇ بولىدۇ.

ـــ مەن بىلەن بىللە تۇرامسەن-يا، ئۆي بىكارلىق، مەشەدە تاماق ئېتىپ يەيمىز، قىلغان ئىشىڭغا ھەق بېرىمەن.

ـــ بىللە تۇرايلى دېمەكچىما؟

ـــ ھەئە، بىللە تۇرىمىز، بىللە ياتىمىز.

ـــ ياق، بۇ مۇمكىن ئەمەس.

ـــ مەن ساڭا چېقىلمايمەن، ۋەدە بېرەي، مەن ھايۋان ئەمەس.

ـــ شىنجاڭلىق ياۋايى كېلىدۇ دەپ ئاڭلىغانمەن،ــ دېدى قىز كۈلۈپ تۇرسىمۇ ئۆز گۇمانىغا ئىشەنگەن ھالدا،ـــ بىر ئۆيدە تۇرۇش خەتەرلىك.

ـــ قارا، سەن نازلانماي كۆڭلۈڭدىكى گەپنى قىل، مەن بىلەن بىر قېتىم بىللە بولساڭ قانچە پۇل ئالىسەن، شۇنى دېگىن، ھېساب-كىتاب ئېنىق بولسۇن!

ـــ سىز مېنى خاتا چۈشىنىپ قاپسىز، مەن ئۇنداق ئىش قىلىدىغانلاردىن ئەمەس.

ـــ راست دەۋاتامسەن؟

ـــ راست، مەن ھەرگىز نومۇسۇمنى ساتمايمەن.

ـــ ئەمىسە ماڭا تېگەمسەن،ــ دېدى ئۇ قىزنى گەپتە ئوينىتىپ،ـــ كېيىن مۇشۇ ئۆينى ساڭا بېرىمەن!

ـــ چاقچاق قىلماڭ، مەن قېرىلارنى ئالدايدىغان قىز ئەمەس.

ـــ ئالدىساڭمۇ مەيلى،  مەن بۇ ئۆيدىكى قېرى تەتەيدىن ئۆلگۈدەك بىزار بولدۇم، ئاشخانا، خالا، سالوننى تازىلىماي ماڭا بەس سالىدۇ، كىرىمنى ئۆزەم يۇيىمەن. قېرىغاندا بەك جاپا سالدى…

ـــ شۇڭا بۇ ئۆيدە تۇرسام بولمايدۇ.

ـــ ياق، ئويلىنىپ باق، ئەگەر بىللە تۇرۇش ئەپسىز دېسەڭ ماۋۇ قوش كىشلىك كارىۋاتنى تاشلىۋېتىپ، ئىككى قەۋەتلىك كارىۋات ئالايلى، ئۈستىدە سەن يات، ئاستىدا مەن ياتاي. مەن بۇ قېرى جېنىمدا ھەرگىز ئۈستىگە چىقىپ بولالمايمەن.

ـ لېكىن ئۈستىگە چىقىمەن دەپ يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلۈپ قالسىڭىزچۇ؟−دېدى قىز چاقچاق قىلىپ،ـــ ئاقىۋەتتە مەن بالاغا قالىمەن.

ــــ ئۆلۈپ كەتسەم داۋايىم يوق دەپ كاپالەتنامە يېزىپ بېرەي.

ــــ بولدى قىلىڭ، تاغا، كۆڭلىڭىزنى چۈشەندىم. مەن بۇ ئۆيدە تۇرۇپ بولالمايمەن.

ـــ مېنى ياراتمايۋاتىسەن، ماڭا ئىشەنمەيۋاتىسەن-ھە.

ـــ ئۇنداق ئىش يوق، مەن تېخى بۇ ئۆيىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەنمەيمەن. شۇڭا ئالدىراپ قارار چىقارسام بولمايدۇ.

ـــ نېمىدىن قورقىسەن، ئۆي مېنىڭ، كېنىشكا مېنىڭ نامىمدا، ھازىر ئۇ تەتەينىڭ تۇرىدىغان باشقا يېرى بولمىغاچقا ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتىدۇ. سەن كەلسەڭ ئۇ ئاچچىقتىن بالدۇر ئۆلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆي بىزگە قالىدۇ. مەن ئۆلسەم ساڭا قالىدۇ، قانداق؟

قىز كۈلۈپ كەتتى:

ـــ نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بار؟ بالىڭىز يوقمۇ؟

ـــ بالام يوق، ئاتىسىنى تونۇمايدىغان ئۇنداق گۇينى بالام دېمەيمەن.

ـــ بالىڭىز باركەن، ئۇنداقتا بۇ ئۆي ئۇنىڭغا قالىدۇ-دە؟

ـــ بۇ ئۆينى ئۇنىڭغا بەرمەيمەن، كىمگە بەرگۈم كەلسە شۇنىڭغا بېرىمەن، بۇ مېنىڭ ھوقۇقۇم.

ـــ لېكىن ۋاقتى كەلگەندە خوتۇن-بالىڭىزمۇ بوش كەلمەيدۇ.

ــ ئەگەر مەن سېنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، ئۆينى سېنىڭ نامىڭغا يازدۇرسامچۇ؟

قىزنىڭ كۆزلىرى ھاياجاندىن پارقىراپ كەتتى، ئەمما يەنە ئىشەنمىدى:

ـــ مېنى ئالدىماڭ.

ـــ قېرىغاندا سېنى ئالداپ نېمە قىلىمەن، ئاۋۋال مەن بىلەن بىللە تۇرىسەن، كۆڭلۈمگە يېقىپ قالساڭ ئەر-خوتۇن بولىمىز، كېيىن توي خېتى ئالىمىز، كېيىن ئۆي سېنىڭ نامىڭدا بولىدۇ.

ـــ ئويلىنىپ باقاي.

ـــ ئوبدان ئويلان، ۋاقتى كەلسە بۇ ئۆينى سېتىپ ئۆزەڭ دۇكان ئاچساڭمۇ بولىدۇ…

قىز چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ قالدى، ئەسەبىيلىكتە ئېيتقان گەپلىرىنىڭ نەقەدەر بىمەنە، كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلسىمۇ، ئۆزىنى ئاقلايتتى، چۈنكى ھەر كۈنى دېگۈدەك پىغانى ئۆرلەيتتى.  بىر ئۆمۈر تارتقان جاپا-مۇشەققىتى بەدىلىگە كۆرۈۋاتقان كۈنلىرى شۇغۇ؟      خوتۇن، بالىسىنى بىر ئۆمۈر بېقىپ، دەردى يەنە ئۆزىگە ئېشىپ قالدى.    ھۆكۈمەتكە ئىشلەپ ئېرىشكەن كاتەكتەك ئۆيدىن ئاخىرقى ئۆمرىدە پايدىلىنىۋېلىپ ئۆلۈپ كەتسە نېمە يامىنى؟ ئۆزىدىن چەك-چېگرا ئاجرىتىپ تامامەن بىر ياقلىق بولغان خوتۇن-بالىسىغا يەنە نېمە دەپ بۇ ئۆينى بەرگۈدەك؟ شۇنچە باققىنى يەتمىگەندەك ئۇلارغا يەنە ئۆي قەرزدارمۇ تېخى!

4

ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقى شۇ سىچۈەنلىك قىزغا باغلىنىپ قالدى، ھەر كۈنى ساتراچخانىغا قاتراپ، سائەت-سائەتلەپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ چىققاندىن كېيىن قىلغىلى ئىش تاپالماي ئىچى پۇشۇپ يۈرەتتى، ئۆيگە كىرىپ كىتاب، گېزىت ئوقۇسا كۆزى بىر دەمدە تورلىشىپ، مۈگدەپ ئۇخلاپ قالاتتى. مۇڭدىشىدىغان خوتۇنى، پاراڭچى ئاغىنىسى، بېشىنى ئاغرىتىدىغان نەۋرىسى يوق، خالىغاندا يېتىپ، خالىغاندا قوپۇپ، بىر دەم بولسىمۇ جېنى راھەتلىنىدىغان، كۆڭلى تارتىدىغان ئىشلارغا ئۇرۇنۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزەتتى.

بىر كۈنى خوتۇنى ” ماتۇڭنىڭ سۈيىنى چۈشۈرمەپسەن، قېرى گالۋاڭ “ دەپ بىر مۇنچە چالۋاقىدى. ئۇمۇ ئاران تۇرغاندا ”سېنىڭ چوشقا كۈچىكىڭ كۈندە مۇشۇ ئۆيگە سىيىپ چىچىپ سېسىق پۇرىتىپ يۈرىدۇ، مەنمۇ چىداۋاتىمەن“ دەپ تازا سۆزلىگىلى تۇرغاندا،  ئەرمەك كۈچۈك ئۇ ياتقان ئۆيگە كىرىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىپ ” مانا كۆردۈڭمۇ، بۇ مەينەت ھەر كۈنى مەشەگە كىرىۋالىدۇ“ دېدى.

ــ كىرسە كىرمەمدۇ، بىر نېمەڭنى ئوغرىلاپ كېتەمتى؟

ــ بۇ ئۆي ئىتنىڭ ئۇۋىسى ئەمەس؟ كۆزۈمدىن دەرھال يوقات!

ــ بۇياققا كەل پاقلىنىم، ــ دېدى ئايال پىستىنى چاقىرىپ،− پۇتۇڭنى مەينەت قىلىۋىتىسەن. ئەمدى ئىككىنچى كىرمە!

پىستە قايتىپ چىقمىدى.

ــ قايت دېدىم ساقام.

ـــ ئۆينى چوقۇم بۇلغىدى  بۇ  چوشقىنىڭ كۈچۈكى…

ئۇ ئۆيگە كىرىپ پىستىنى ھەيدەپ چىقىش ئۈچۈن ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ، پىستىنىڭ پۇتىنى كۆتۈرۈپ گىلەمگە سىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئېتىلپ بارغىنىچە ئۇنى تېپىپ غىڭشىتىۋەتتى.

ـــ نېمە قىلىۋاتىسەن!ــ دەپ ۋاقىرىدى خوتۇنى،− كىچىككىنە جانىۋارغا ئىچى ئاغرىمايدىغان ھايۋان!

ـــ ئاغزىڭنى يۇم، ھېلى بىكار دەسسەپ ئۆلتۈرۈۋېتىمەن بۇ  چوشقاڭنى!

     ئايال ئېتىلىپ بارغىنىچە كۈچۈكنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن ئالىيىپ قويۇپ، كۈچۈكىنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى سىلاپ كەتتى.

ـــ بۇ ئۆيگە ئەمدى كىرىدىغان بولسا ئۆلۈكى چىقىدۇ…ــ دېدى ئۇ غەزەپ بىلەن قولىنى شىلتىپ،ــ دەرھال ما گىلەمنى يۇي!

ـــ نېمە؟ ماڭا تېخى بۇيرۇق قىلىۋاتامسەن؟ بىلىپ قوي، مەن سىچۈەنلىك جالىپىڭ ئەمەس!

ـــ نېمىلا بولسا سەندىن ياخشى، ئىچىڭدىن قان كەتسىمۇ ئامال يوق.

شۇنىڭدىن كېيىن خوتۇنى ئۇ پىستىنى بەك ئاۋايلايدىغان، ئۆيىدە كۆپ تۇرغۇزمايدىغان، ئاخشىمى يېنىدىن ئايرىمايدىغان، ھەتتا قۇچىقىغا ئېلىپ ئۇخلايدىغان بولدى. ئۇ بۇ قېتىم خوتۇنىدىن ۋە ئۆزىنى نەچچە ۋاقىتتىن يىرگەندۈرۈپ كېلىۋاتقان شۇ مەخلۇقتىن ئۆچىنى ئالغان بولسىمۇ، قىلچە خوش بولالمىدى، بەلكى كۆڭلى  ئىت سىيىۋەتكەن شۇ گىلەمدەك ئەسكى بولدى. شۇنچە يىل بىللە ئۆي تۇتۇپ، ئۆتمۈشىنى تامامەن ئىنكار قىلىپ، پۇشايمان ئىچىدە ياش تۆككەن،  ئېرىدىن پۈتۈنلەي يۈز ئۆرۈپ، جىمى ھېسسىياتىنى كۈچۈككە بېرىۋەتكەن ئۇ ئايالنى ئىلگىرى قانداق خوتۇن قىلغان بولغىيدى؟ نامرات بولسىمۇ جەڭگىۋارلىقنى يوقاتماي، بالا، تۇرمۇش دېگەن مۇشۇ دەپ ياشاۋېرىش ھازىر نېمىشقا مۇمكىن بولمىدى؟ جاۋاب ئاددىي،  تارىخ چاقىنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگەردى،  ئىلگىرى كەمبەغەل ئىشچى-دېھقانلار دەۋر سۈرەتتى، نامراتلىق شەرەپ ھېسابلىناتتى، كەمبەغەل ئائىلىدىن كېلىپ چىققان زىيالىيلار ئەتىۋالىناتتى، ھەممە بىر نىيەتتە سوتسىيالىزم قۇرۇش، كوممۇنىزمغا يېتىشكە تىرىشاتتى،  مىللەت، دىن دېگەنلەر بىر ياقتا قالغانىدى، ئەمدى شۇ  نەرسىلەر باش ئورۇنغا ئۆتتى، بايلار، ھاللىقلارنىڭ خورىكى ئۆسۈپ، كەمبەغەل ئىشچى-دېھقانلار تاشلىنىپ قالدى،  ھەر كىمگە مىللەت تامغىسى چوڭقۇر بېسىلدى،  دەۋر ئۆزگەردى، ھەممە نېمە ئۆزگەردى، ئادەم تۈگۈل ئىت-مۈشۈكلەرمۇ ئۆزگەردى، ئورنى ئالماشتى، ھېسسىيات ئاستى-ئۈستۈن بولدى، كونا ئەر-خوتۇنلار بىر دەمدە ئاجراشتى، ھەتتا بىر-بىرىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەيدىغان دەرىجىگە يەتتى، ئىلگىرى ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشلار ئەمدى نورماللىشىپ كەتتى؛  ئۇ ئاخىر ھەممىنى چۈشەندى، ھەممىنى قوبۇل قىلدى، يۈز بېرىۋاتقاننىڭ ھەممىسى ھەيران قالىدىغان ئىش ئەمەس، ھاياتتا نېمىلەر يۈز بەرمەيدۇ، چاتاق نېمىلەردىن چىقمايدۇ؟

ئۇنىڭ بىر ئىشلاردىن ھەيران قالىدىغان، گاڭگىراپ ئويلىنىپ كېتىدىغان دەۋرى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن، تۇرمۇشتا مەغلۇب بولسىمۇ، مەغلۇبىيەتنى ئاچچىق شاراپتەك ئىچىۋېتەلەيدىغان جاسارەتكە ئىگە ئىدى.  يۈرىكى گويا 50-يىللاردىكىدەك سوقۇپ تۇراتتى، ئادەم مېڭىسىدىن قېرىيدۇ دېگەنگە ئىشەنگەچكە ھەر كۈنى دېگۈدەك شاھمات، ماجياڭ ئوينايتتى ياكى ئويناۋاتقانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ تاماشا كۆرەتتى، مەسلىھەت بېرەتتى. چۈپەي قېرىلار بىلەن سوقۇشۇپ قىزىرىشىپمۇ قالاتتى. خوتۇنى بىلەن ئاجراشقاندىن كېيىن بۇ قېرىلار تېخىمۇ نازۇكلىشىپ كەتتى، ھەممىسى تەڭ دىيىشىۋالغاندەك، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدىغان، گېپىگىمۇ جاۋاب بەرمەيدىغان بولۇۋالدى.

ئۇ بارا-بارا يالغۇز قېلىپ، كۈنلىرىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلەلمەي قالدى.  سەپداشلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ئۈرۈمچىدىن ئۆي ئېلىۋالغان بولۇپ، پات-پات كېتىۋالاتتى. بىر نەچچىسى تەتەي خوتۇنىنى قويۇۋېتىپ، ئۆز مىللىتىدىن ئۆيلەندى. ئۇ  بېيجىڭدا كەمدىن كەم ئۆتكۈزۈلىدىغان توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغلارغا بېرىپ قالسا، ئۆزى بىلەن پاراڭلىشالايدىغان يېقىنلىرىنى تاپالماي، ئىچى پۇشۇپ يېنىپ كېلەتتى. بىر نەچچىسى بىلەن پاراڭلاشقاندەك قىلغان بىلەن گەپلىرى ھېچ قولاشمايتتى. ئېقىم مەسىلىلىرى ھەققىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلىسا ئىچىدە كۈلەتتى. ھاماقەت قېرىلار گويا بىر يەرنىڭ زۇڭتۇڭىدەك سۆزلەيتتى، سورۇن تارقىغاندا ئۇلارنىڭ خوتۇنى ياكى نەۋرىسى قولىدىن تۇتۇپ ئېلىپ ماڭاتتى.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىلگىرى ئۇنىۋېرسىتېتتا بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ قالدى. گېپىگە قارىغاندا بېيجىڭغا كېلىپ، شىنجاڭ مېھمانخانىسىدا يېتىپ، 12 مۇقام تېكىسلىرىنى نەشرگە تەييارلاۋاتقۇدەك. “ كەل، كۆرۈشەيلى” دېدى ساۋاقدىشى. بېرىپ كۆرۈشتى، بىللە تاماق يېدى، ساۋاقدىشىنىڭ ئىلىمگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەنلىكىنى ئۇنىڭ سۆز-ھەرىكىتىدىن بىلدى. خەلق ئۈچۈن چوڭ ئىش قىلىۋاتقان ئالىم ئالدىدا قورۇنۇپ قالدى، ئەمما “ بۇ خەلق ئۈچۈن ئەمەس، ئالىم بولۇپ داڭ قازىنىش ئۈچۈن تىرىشتى، قەدىمىي ئەسەرلەرنى رەتلەپ نەشر قىلدۇرۇشتىن مەقسەت بۇ مىللەتنىڭ ئۆتمۈشىنى ماختاش، بۇ خۇددى بىر قېرىنىڭ ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىنى ماختىغىنىغا ئوخشايدۇ،  مۇقام تېكىستلىرى ئەمەلىيەتتە سوپىزم كۈيلىرى، ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ…” دەپ ئويلاپ ئۆزىنى تەمكىن تۇتتى.

ساۋاقدىشى ئۇنى ياتىقىغا باشلاپ، ئۆزى خالاغا كىرىپ كەتتى. ئۇ ساۋاقدىشى كۆرۈۋاتقان مۇقام تېكىستلىرىنى كۆرۈپ، بىر نەچچە يەردە ئىملا خاتالىقىنى بايقاپ قالدى-دە، بىكار ئولتۇرغىچە تۈزىتىپ قوياي دەپ بىر نەچچە بەتنى قىزىلغا بويىۋەتتى. ساۋاقدىشى خالادىن چىقىپ ئۇنىڭ ئاپئاق بەتلەرگە قەلەم تەگكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ نارازى بولدى:

ـــ قەلەمنى قولۇڭغا ئېلىۋاپسەنغۇ؟

ـــ ئىملادا كېتىپ قالغان يەرلەر بار ئىكەن، تۈزىتىپ قوياي دەپ…

ـــ نەرى كېتىپ قاپتۇ؟

ـــ گۈل دېگەن سۆز “گۇل” دەپ بېسىلىپ قاپتۇ.

ساۋاقدىشىنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ، ئۇ تۈزىتىپ بويۇۋەتكەن ۋاراقلارنى چۆرىۋەتتى:

ـــ نېمە قىلىق بۇ؟! ئەمدى قاچان تۈزىتىپ بولىمەن بۇنى، ئەتە نەشرگە بېرىمىز دەۋاتساق، قايتا نەدە بېسىپ چىقىرىمىز بۇنى؟! مۇقام تېكىستلىرىنىڭ ئىملاسىنى ھازىرقى ئىملاغا كەلتۈرۈپ قانداق قىلماقچىسەن؟ “گۇل” دېگەن پارسچە سۆز، شۇڭا ئۇنى ئەينەن يېزىش كېرەك. “گۈل” دېگىنىڭ ھازىرقى تەلەپپۇز، بىلەمسەن بۇنى؟ قاراپ تۇرۇپ ئىشىمنى بۇزغىنىڭنى قارا!…

ساۋاقدىشى غەزەپتىن تىترىگەنچە ئۇنىڭ پاچاقلىرىمۇ تىترەپ كەتتى. ساۋاقدىشى بۇ خاتالىقنى ھېچ بولدى قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى:

ـــ ئىملا تۈزىتىمەن دېگىچە ئىشىڭنى قىلساڭ بولمامدۇ؟ چاغاتاي ئۇيغۇرچىسىنى بىلمەيدىغان نېمەڭگە نەۋايىنىڭ غەزەللىرىنى تۈزىتىپ قانداق قىلاتتىڭ؟ سېنى بۇ يەرگە ئىشىمنى بۇزۇپ بەرگىلى چاقىرغانمىدىم؟ بەك خۇمارىڭ تۇتۇپ كەتكەن بولسا ئىملا تۈزىتىمەن دېمەي، بېرىپ بىرەر كىتابنى قولۇڭغا ئېلىپ جىجىپ ئوينا، بۇ دېگەن قەدىمىي ئەسەر، ئىلمىي تەتقىقات!  

بۇ غەزەپ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى، چۆرىۋېتىلگەن ۋاراقلارنى قولىغا ئېلىپ ساۋاقدىشىنىڭ ئالدىغا كەلدى:

ـــــ ئىككى ھەرپ ئالمىشىپ قالسا نېمە بولىدۇ؟

ــــ بولمايدۇ، “گۇل” دېگەن سۆز چوقۇم ئۆز ئەينى يېزىلىشى كېرەك.

ــــ “گۇل” دېسىمۇ، “گۈل” دېسىمۇ ئوخشاش گەپقۇ؟

ــــ ئەمما بۇ دېگەن قەدىمىي ئەسەر، ئىلىمگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك.

ــــ ئىلىمگە ھۆرمەت قىلغان ئادەم ماڭا نېمىشقا ھۆرمەت قىلمايسەن؟

ــــ سەن باشتا مېنىڭ ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلمىدىڭ!

ئۇ قولىدىكى ۋاراقلارغا تۈكۈرۈپ-تۈكۈرۈپ، يىرتىپ ئەخلەت چىلىكىگە تاشلىۋەتتى:

ـــــ مېنىڭ ئىناۋىتىم بىر پەش-چېكىتكە يارىمىغان بولسا، كۆتەر بۇنداق ئەخلىتىڭنى، بىلىپ قوي، سەن ئىشلىگەن كىتابنى مەنمۇ ئىشلىگەن، ئاقمايدىغان ئىش تولا، تەتقىقات دەپ كېتىشلىرى تېخى، ھەممىسى جانباقتىلىق، يالغانچىلىق، ئۇنۋان، پۇل ئۈچۈن. تۆت تال قەغىزىڭ ئىسراپ بولدى، تۆلەپ بېرەي. ئەمما مېنى قاتتىق ھاقارەتلىدىڭ، بۇنى قانداق تۆلەيسەن؟

ساۋاقدىشى چەكچىيىپ تۇرۇپ قالدى.

ــــ شۇنى بىلىپ قال، سەندەك دىۋەڭدىن ھەرگىز ئالىم چىقمايدۇ.

ئۇ ساۋاقدىشىغا نەپرەت بىلەن بىر قارىۋېتىپ، ياتاقنىڭ ئىشىكىنى يوغان ئېچىۋېتىپ چىقىپ كەتتى،  ئۆلگىچە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەسلىكنى ئويلىدى، ئەگەر كەچۈرۈم سورىمىسا ئۆلگىچە ئەپۇ قىلمايمەن دەپ قەسەم قىلدى.

                                                    5 

ئۇنىڭ كاللىسىغا بەزىدە مەسچىتكە بېرىش، ناماز ئوقۇش خىيالى كېلىپ قالاتتى، ھېلىمۇ پات-پات ئۇچراپ قالىدىغان ھېلىقى تۇڭگان قېرى ئۇنىڭغا ئىمان-ئىسلام، ئاخىرەتلىك غەم ۋە شۇنىڭغا يارىشا ھەرىكەت قىلىش ھەققىدە ئۆتكۈنچى خىياللارنى بېرىپ قويۇپ كېتەتتى. ناماز ئوقۇشنى بىلمەيتتى، قېرىغاندا ھېچ ئىش خوشياقماي تۇرغاندا دىندىن بىر نەرسە ئۆگىنىش تېخىمۇ ئېغىر كېلەتتى. يىللاردىن بېرى پارتىيە، ماۋجۇشى ئىدىيىسى، كوممۇنىزىملىق ئېتىقاد، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللىي مەدەنىيەت ۋە نەشرىياتچىلىقنى گۈللەندۈرۈش… دېگەندەك ئىدىيە، شوئار، چاقىرىقلار قوينىدا ياشاپ كەلدى، قۇلاققا، ھەتتا مېڭىگە قۇيۇلۇپ كەتتى ئۇ  يالدامىلار… ئىدىيىسى كونا قازناققا سولىنىپ قالغان قېرى چاشقاندەك تىپىرلاپ يۈرىدۇ، ئۆلەي دېمەيدۇ. ئەينى چاغدا كونىلىق دېگەن نەرسىلەرنىڭ قەدرى ئەمدى ئۆتۈلۈشكە باشلىدى، ئەينى چاغدا چوڭ بىلگەن نەرسىلەر ئۆلگەندىن كېيىن ئەسقاتمايدىغاندەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى. تۈمەنمىڭ يىل ياشىسۇن دېيىلگەن ماۋجۇشىمۇ ئۆلگەن تۇرسا، قالغىنى قانچىلىك بولماقچىدى؟ ئىشەنچسىز دۇنيا بۇ، ھېچكىم پو ئاتالمايدۇ. بىر كۈن ياشىغىنىڭ ياشىۋالغان، كۈلگىنىڭ كۈلۈۋالغان، ھاياتلىق نەق ھۇزۇردا، شاھماتتا، ئۇيقۇدا، تاماكىدا، ھاراقتا، كارىۋاتتا…  ئۇ  ساتراشخانىغا ئۇۋىلىتىشقا كىرسە سىچۈەنلىك قىزنىڭ يۇمشاق قوللىرى ئىلكىدە ئېرىپ، بۇ دۇنيانىڭ «شىرىن» پەپىلەشلىرىگە بېرىلىپ، ئۇ دۇنيالىق ھەر قانداق غەمدىن قۇتۇلغاندەك بولاتتى. شۇڭا ئۇ يەرگە تېخىمۇ ئۆگىنىپ قالدى، كۈن ئارىلاپ ئۇ يەرگە كىرىشنى بەخت سانايتتى، خۇمارى تۇتقان بەڭگىدەك ئالدىرايتتى،  ئىككى سەر ئىچىۋېلىپ، ئۇ قىزنىڭ مەخسۇس خانىسىغا كىرىپ لايدەك يېتىپ، بەدەنلىرىنى تۇتقۇزۇۋالسا ئۈگە-ئۈگىلىرىدىن راھەتلىنىپ بوشىشىپ كېتەتتى؛  ئارقىدىن بىر دەم ئۇخلىۋالسا شاھ ھۇزۇرىنى سۈرگەندەك تېتىكلىشىپ، خۇش كەيپ بولۇپ قالاتتى. بەزىدە ئۇيقۇسى كەلمىگەن ۋاقىتلىرىدا ئۇ قىزنى پاراڭغا سېلىپ، ساز قىلىپ ئوينايتتى. «ماڭا قاچان تېگىسەن، ساڭىلا قاراپ قالدىم» دەيتتى.

ـــ چاقچاق قىلماڭ، مەن تېخى كىچىك، ياش پەرقىمىز چوڭ، سىز شىنجاڭلىق، مەن سىچۈەنلىك، بولمايدۇ، قاملاشمايدۇ… ــ دەيتتى قىز كۈلۈپ.

بىر كۈنى يەنە شۇ گەپ بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ تەقەززالىقى رەسمىي كۈچىيىپ، ئىشنى ئەستايىدىل ئويلايدىغان باسقۇچغا كېلىپ قالغانىدى:

ــــ مېنى يامان ئۆگىتىۋالدىڭ، قېرىغاندا جاپا سالدىڭ، ئادەم قېرىسىمۇ كۆڭۈل قېرىمايدۇ دېگەننى بىلمەمسەن، ساڭا شۇ ئۆينى ئاتاپ قويدۇم، ئىككى كۈنلۈكۈم قالدى، مېنىڭ پۇخادىن چىقىرىپ ئاندىن ئۆزەڭمۇ راھەت كۆرسەڭ بولمامدۇ؟

ــــ مەن پەقەت سىزگە ئەلا مۇلازىمەت قىلىشنىلا بىلىمەن، ئۇنداق بولۇشىنى ئويلاپ باقمىدىم، مەن ئۇنداق پۇل ئۈچۈن ھەممىنى قىلىدىغانلاردىن ئەمەس…

ـــــ سېنى پەس كۆرۈۋاتقىنىم يوق، مەن بىلەن بىللە ياشاپ بەختىڭنى تاپقىن، ئۆي غېمىدىن قۇتۇلغىن دەۋاتىمەن. ھېچ بولمىسا، مەن بىلەن بىللە تۇرۇپ باققىن، قانداق ئادەملىكىمنى بىلىپ قالىسەن، شۇ چاغدا قارار قىلساڭمۇ بولىدۇ.

ـــــ چوڭ ئادەم بىلەن بىر ئۆيدە تۇرالمايمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيمەن، ئۇقمايدىغان ئىشقا تەۋەككۇل قىلغۇم يوق…

ـ مېنى قېرى كۆرۈپ قالدىڭ-ھە، مەندىن ئۆتە قېرىلارمۇ ياشاۋاتىدۇ قىزلارنى خوتۇن  قىلىپ، ھەممىسى باي ئوغرىلار، ئەمما ئۆيۈمنى ساتسام مەنمۇ مىليونېر، شۇ پۇلغا كۈندە نەچچە سەتەڭنى ئوينىسام ئوينىغۇچىلىكىم بار، بىراق كۆڭۈل كۆتۈرمەيدۇ،  بۇ  چاقچاق ئەمەس، پوچىلىق ئەمەس،  ئوبدان ئويلا، ساڭا مەيلىم بولمىسا نېمە قىلىمەن دائىم  بۇ گەپنى دەپ…

ـــــ مەن سىزنى ھۆرمەتلەيمەن، گېپىڭىزگە ئىشىنىمەن، ئەمما ئادەمنى قىستىماڭ، شۇ ئىشتىن باشقا ھەر قانداق ئىشىڭىز بولسا مەن تەييار، ئۆيىڭىزنى تازىلاپ بېرەي، پۇت-قولىڭىزنى تۇتۇپ قوياي، دوختۇرخانىلارغا ئاپىراي، تاماق ئەت دېسىڭىزمۇ مەيلى، لېكىن قالغان ئىشنى قىلالمايمەن.

ــــ بەدىنىمنى تۇتىۋەرسەڭ يەنە شۇ بەدەن، بىر ئىشنى قىلىۋېرشتىن زېرىكمەمسەن؟ باشقا تەلەپلىرىڭ يوقمۇ؟ مەن يېڭىلىققا، يېڭى-يېڭى خۇشاللىقلارغا ئىنتىلىدىغان ئادەم، سېنى دېمىسەم، بۇنداق ئۇۋىلىنىدىغان ئىشتىنمۇ ئاللىقاچان زېرىككەنمەن، سېنى دەپلا كىرىمەن، سېنى، بىلدىڭمۇ؟

سىچۈەنلىك قىز ئۇنىڭ ئورنىدىن قوپۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كەينىگە داجىدى، بۇ ئادەمنىڭ ئادەتتە تىنچ، مەست-ئەلەس كۆرۈنىدىغان  كۆزلىرى شۇ تاپتا چەكسىز ئېچىرقاشلارغا تولغانىدى.

ـــــ نەچچە پۇل بېرىمەن دېگىنە، راست گېپىڭنى قىل، خەقلەرنىڭكىنىمۇ تۇتىدىغانسەن، باشقا ئىشنىمۇ قىلىدىغانسەن، مەندىن نېمەڭنى ئايايسەن؟

ـــــ ياق، مەن ئۇنداق ئىش قىلمايمەن، قىلغان بولسام بۇرۇنلا قىلاتتىم، ئەگەر مەندىن يەنە مۇشۇنداق گۇمان قىلسىڭىز، سىزگە داۋاملىق مۇلازىمەت قىلىشقا ئامالسىزمەن…

ــــ ئاشۇمۇ مۇلازىمەتقۇ، كىم بىلمەيدۇ بۇ يەردە شۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى!؟

ــــ باشقىسى قىلسىمۇ مەن قىلمايمەن.

ــــ ۋاي كىم بىلىدۇ، سېنىڭ قانداقلىقىڭنى. مەندىن ياشراق بىرسى كىرىپ پۇل دېگەننى تۈكۈۋەتسە ماقۇل دەپ يېتىپ بېرىسەنغۇ دەيمەن؟

ــــ ماڭا ھاقارەت قىلىۋاتىسىز، سىزنى بۇنداق ئادەم دەپ ئويلىماپتىكەنمەن.

ــــ قېرى بولغاچقا يۇۋاش، مىجەزى بوش كۆرۈپ قالغانمۇ؟ بىلىپ قوي، قېرى بولساممۇ يىگىتتەك شاش ئادەممەن!

ــــ بوشراق گەپ قىلىڭ، خوجايىن ئاڭلاپ قالسا يۈگۈرەپ كىرىدۇ.

ــــ قارا ما تىترەپ كەتكىنىڭنى! ئىست ساڭا، شۇ خوجايىنغا قۇل بولغىچە، مىليون يۈەنلىك ئۆينىڭ ئىگىسى بولساڭ بولمامدۇ؟

ــــ ئۇنداق دېگەن بىلەن ئۇ ئۆيىڭىزنىڭ چاتىقى بارمۇ-يوق، كىم بىلىدۇ؟ـــ دېدى قىز قاپىقىنى تۈرۈپ،ــ  ھېلىقى خوتۇنىڭىزنى كۆرسەملا قورقىمەن، بۇ ئىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، شۇڭا ئىشەنمەيمەن. ئۇ ئۆيدە تۇرغۇممۇ يوق. ئىجارە تۆلىسەممۇ ئۆزەمنىڭ ياتىقى ياخشى، خاتىرجەم ئۇخلىيالايمەن.

ــــ ئىشەنمىگەن بولساڭ بوپتۇ، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا يالغانچى بولاي، ئەخمەق بولاي…

ئۇ مېڭىشقا تەمشىلىۋىدى، قىز سائەتكە قاراپ:

ــــ يەنە تېخى 20 مىنۇت باركەن،ـــ دېدى.

ـــ قىچىشمىغان يەرنى قاشلىما بولدى، ئال ما پۇلنى ـــ دېدى ئۇ پۇلنى بېرىپ سىرتقا ماڭغاچ،ـــ سەن راست گەپ قىلمىدىڭ، شۇ ئىشنى قىلىدىغىنىڭ راست، ئەمما بىر بولسا ماڭا ئىشەنمىدىڭ، بىر بولسا مېنى يارىماس كۆرۈپ قالدىڭ.

ئۇ جىلە بولۇپ قالدى، ساتراشخانىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ بۇ يەرگە ئىككىنچى قەدەم باسماسلىق نىيىتىگە كەلدى. ئەمما نەچچە كۈنگىچە شۇ قىزنى كاللىسىدىن نېرى قىلالمىدى، قىزنىڭ جەلىپكار يەرلىرىنى   كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەنچە يۈرىكى باشقىچە سوقىدىغان، بىر جايىدا مۇقىم ئولتۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى. ھەر قېتىم شۇ ئۆيدە ئىتى بىلەن ياشاۋاتقان چاڭگىۋاش خوتۇنىنى كۆرسە ئاشۇ قىزنى ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ، ئۇنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتىش ئىستىكىدە ئوت بولۇپ ياناتتى، ئەمما بۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەستەك قىلاتتى. قىزنىڭ پاكلىقىغا قىلچە ئىشەنمىسىمۇ، ساتراشخانىدا زادى شۇنداق مۇلازىمەت قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېيەلمەيتتى، ئۇنداق بولمىسىكەن دەيتتى. گاھىدا سىرتتىن كېلىۋېتىپ، شۇ يەرگە كىرىپ كېتىۋاتقان ياش ئەرلەرنى كۆرسە چەكچىيىپ قاراپ قالاتتى، نەپسى سىقىلاتتى، ماڭا شۇ نېمىنىڭ جىنى چاپلاشتى، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن نەپسىمنى قۇربانلىق قىلىشىم كېرەك دەپ ئويلايتتى، ئۇنىڭچە بولغاندا، نەپسىنى قۇربانلىق قىلىش ئۇ ھاۋايى نەپسىدىن پۈتۈنلەي كېچىپ ساق ياشاش ياكى نەپسىنى قاندۇرۇپ، ۋەسۋەسىدىن بىر يولىلا ئازات بولۇش ئىدى. ئۇ كېيىنكىسىگە بەك مايىل ئىدى.

بىر كۈنى كەچتە ئۇ ھاۋالىنىش ئۈچۈن سىرتقا مېڭىۋېتىپ، سالوندا ئولتۇرغان ئوغلى بىلەن مودا كىيىنگەن بىر قىزنى كۆرۈپ قالدى، قېرى خوتۇنى ئۇلارغا چاي توشۇش بىلەن ئاۋارە، ھېلىقى نىجىس، لەنىتى ئىت بىر ياندا تىلىنى چىقىرىپ، ھاسىراپ تۇراتتى، ئۇنى كۆرۈپ  غەزەبلىنىپ بىر نەچچىنى قاۋاپ قويدى. ئىتنىڭ كۆزلىرىدىكى ئۆچمەنلىك تەتەينىڭ كۆزلىرىدىكى نەپرەت ۋە پەرۋاسىزلىققا تولىمۇ ئوخشايتتى. ھېچكىم ئۇنى نەگە ماڭدىڭ دەپ سوراپمۇ قويمىدى، ئوغلى ئورنىدىن تۇرۇپ لايىقىنى تونۇتۇرۇش تۈگۈل،  تەتۈر قاراپ تۇرۇۋالدى،  قىز ئەجەبلىنىپ تۇرۇپ كەتتى . بولغۇسى ئېرىنىڭ كېلىشكەن دادىسىنى كۆردى، كۆڭلىگە بىر نەرسە سايە تاشلىدى.

ئوغلى توي قىلاتتى، بۇنداق كېلىشكەن مودېل گۇيغا قىزلار پەرۋانە، ئۇ گۇي شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ نوچىسىنى يۇلۇپ ئالالايدۇ، كارىۋىتىغا باسالايدۇ، ئارقىدىن خوتۇن قىلالايدۇ. ئەمما بۇ قىز ئۇنىڭغا نېمىشقىدۇر، سىچۈەنلىك قىزدەك جەلىپكار كۆرۈنمىدى، بەلكىم چىرايىنى، بەدىنىنى يېقىندىن كۆرەلمىگىنى ئۈچۈن شۇنداقتۇ…

ئۇ پەلەمپەيدىن چۈشىۋېتىپ ئوغلىنىڭ ئەيش-ئىشرەتلىك كېچىلىرىنى ھەسرەت ۋە ھەسەت بىلەن خىيال قىلدى، مەن بۇ گۇينى مۇشۇ زاماننىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقىتلىرىغا، ئەڭ ئەركىن چاغلىرىغا، ئەڭ رەسۋا راھەت-پاراغەتلىرىگە ئۈلگۈرتۈپ چوڭ قىپتىمەن، تارتقان جاپالىرىم ئاخىرقى ھېسابتا بۇ مەخلۇقنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بوپتۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يىللاپ-يىللاپ بەدەل تۆلەپتىمەن… دەپ ئويلىدى،  ئاچچىق كۈلدى، تاماكىسىنى كەينى-كەينىدىن شوراپ قېقىلىپ يۆتەلدى، گېلى قىچىشىپ، ئاخىر ئېرگوتودىن ئىككى سەر ئىچىپ جىمىقتى. كەيپى ئۆرلىگەندە كونا خۇمارى تۇتۇپ سىچۈەنلىك قىزنىڭ يېنىغا ماڭدى.

قىز ئۇنى كىرىپ بولغىچە يۆلەپ ئايرىمخانىسىغا ئېلىپ كىردى، بۇرۇنقىدەك كۆك چاي دەملەپ ئالدىغا قۇيدى.

ــــ نېمەڭ بۇ؟

ـــ سىز ئىچكەن چاي شۇغۇ؟

ـــ باشقا چايلىرىڭ يوقمۇ؟ باشقا تەملىرىڭچۇ؟…

ـــ بارى شۇ، لوڭچا ئىچەي دېسىڭىز سىرتتىن ئەكىرەي.

ـــ قويە بولدى، ماڭا سەن بولساڭ بولدى، ــــ ئۇ قىزنىڭ قولىغا ئېسىلىپ ئىلتىجا بىلەن تىكىلدى،ـــ مېنى بىر قۇچاقلاپ قوي، پۇلۇڭنى بېرىپ چىقىپ كېتەي.

قىز تەڭقىسلىقتا قېلىپ، ئەتراپىغا قاراپ قويدى.

ـــــ خالىمىساڭ مەيلى، زورلىمايمەن، تۇتۇپ قوي، سەندىن ئايرىلىشنى خالىمايمەن، بولۇپمۇ مۇشۇ يۇمشاق قوللىرىڭدىن…

قىز ئۇنىڭ گەپلىرىدىن تەسىرلىنىدىغاندەك ئەمەس، بۇرۇنقىدەكلا كۈلۈپ قويۇپ، ئۇنى جايىدا ياتقۇزۇپ بۇرۇنقى پەدىدە ئۇۋىلاشقا باشلىدى، كونا ھەرىكەتلىرىمدىن بىزار بولۇپ قالمىسۇن دېگەندەك، باشقىچە ماھارەت ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن تۇتۇپ، ئۇنى بىر دەمدىلا ئۇيقۇغا غەرق قىلدى.

ئۇ چۈش كۆردى، چۈشىدە ئوغلى ھېلىقى لايىقى بىلەن ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىدا توي كېچىسىنى ئۆتكۈزۈۋاتقۇدەك،  تۆت تامغا قاراپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ كۈلۈۋاتقۇدەك، چاڭگىۋاش خوتۇنى ئۆينىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرى ئىگىلىۋالغاندەك خوشلۇقتا ئەينەككە قاراپ، يۈزىگە  ماي سۈرۈپ گىرىم قىلىۋاتقۇدەك، ھەممە يەرنى پوقلايدىغان  نىجىس ئىت ئىشىك تۈۋىدە تىلىنى چىقىرىپ ھاسىراپ  تۇرغۇدەك…

ئۇ تىنالماي كۆزىنى ئاچتى، دۈم ياتقاچقا مەيدىسىنى بەك بېسىۋالغانىدى، سىچۈەنلىك قىز مۈگدەپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئويغىنىشى بىلەن تەڭ ئەندىكىپ تۇرۇپ قالدى. قىزنى بۇ ھالدا كۆرۈپ چۈشىنى ئۇنتۇپ قالدى، ئەمما ئوغلى ئېسىدە قالغان بولۇپ، ئەگەر شۇ تاپتا مېنىڭ ئورنۇمدا شۇ  گۇي بولسا، مەقسىتىگە ئاسانلا يېتەتتى دەپ ئويلاپ، ئىچى سىقىلدى. ئادەم بىر ئۇخلاپ قوپۇپلا ياپياش بولۇپ كەتسە-ھە، كۆڭۈل ياش بولغان بىلەن تەن ئاجىز، چەۋەنداز قىلىچىنى پۇلاڭلىتىپ ئاتنى بېقىنداپ تۇرغان بىلەن ئۇ قېرى ئات ماڭالمىسا ئامال يوق.

ــــ قانچىلىك ئۇخلىدىم؟ـــ دېدى ئۇ قىزنىڭ ئۇيقۇچان كۆزلىرىگە قاراپ.

ــــ ئۇقمىدىم، ئىككى سائەت بولغان ئوخشايدۇ.

ــــ بۇنداق جاپا تارتقىچە مەن بىلەن ئۇخلىساڭ بولمامدۇ؟

ــــ پۇلنى بىر سائەتكە ھېسابلاپ ئالاي،ـــ دېدى قىز گەپنى بۇراپ،ـــ قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىڭ.

ــــ شۇنداق قىلىپ، مېنىڭ تەكلىپىمگە زادى قوشۇلمامسەن؟

ــــ ئويلىنىپ باقاي،ـــ دېدى قىز ئۇنىڭدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇش ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتقاندەك.

شۇنداقتىمۇ قىزنىڭ بۇ ئىپادىسى ئۇنى سۆيۈندۈرۈۋەتتى:

ــــ ئەگەر ماقۇل دېسەڭ، ئۆينىڭ كېنىشكىسىنى ساڭا كۆرسىتىمەن، رەسمىيەت، ئىسپات ھەممىسى تولۇق، مېنى خوش قىلساڭ، ھەرگىز زىيان تارتمايسەن، مېنى قېرى كۆرۈپ قالما، كېيىن بىلىپ قالىسەن.

قىز كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمىدى، ئۇ پۇلنى تۆلەپ، كۆڭۈللۈك ئويۇندىن قايتقان كىچىك بالىدەك يەڭگىل قەدەم بىلەن ئۆيىگە ماڭدى. ئۆيىگە كىرگەندە  ئوغلى كەتكەن، ئىت باقار خوتۇنىمۇ ئۇخلىغان بولۇپ،  ئىتىنىڭ دۈشمەن كۆرگەندەك قاۋاشلىرىغا مىت قىلماي يېتىۋەردى . ئۇ بۇ ئىتنى بىر ئامال قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ياخشىراق چارە تاپالماي كېلىۋاتاتتى. شۇ تاپتا غەزىۋى بەك كەلدى، ئەمما كەيپى جايىدا بولغاچقا پىسەنت قىلماي،  ھۇجرىسىغا كىرىپ، ھەممە نەرسىنىڭ جايىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولدى. كەڭ، كونا كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ، ئۇ قىزنىڭ   ھەر ھالدا ئەيۋەشكە كېلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، كەلگۈسى تۇرمۇشنىڭ شىرىن خىياللىرىنى سۈرۈشكە باشلىدى. تەسەۋۋۇر ئاجايىپ نەرسىكى، ياش پەرقىنى ۋەيران قىلالايدۇ،  ياش-قېرى ھەممىسىنى ھاياجانغا سالالايدۇ، ياشلارنى ئەسەبىيلەشتۈرۈپ، قېرىلارنى قىزىققانلىققا كۈشكۈرتەلەيدۇ؛  ياشلىقنى ئالدىغا تارتسا، قېرىلىقنى كەينىگە تارتىپ ئۆمۈرنى ئۇزارتالايدۇ. ئۈمىدسىز ياشلار قانچە بالدۇر قېرىسا، تەسەۋۋۇر ۋە ئۈمىدكە تولغان قېرىلار ياشىرىپ كېتىدۇ.  ئۇ تەسەۋۋۇر خام خىيال بولسۇن،  بىمەنە ياكى ئىشەنچسىز بولسۇن، كۆڭۈللەرنى بىر دەم يېرىم دەم بولسىمۇ ئاۋۇندۇرۇپ، يۈرەككە قىزغىنلىق، شىپالىق بېغىشلىيالايدۇ…

ئۇ بۇ كېچە خۇددى ئەتىسى تويى بولىدىغان يىگىتتەك ئۇخلىيالماي، تولغىنىپ چىقتى. چۈش كۆرسە يەنە ئوغلىنى كۆرۈپ قالىدىغاندەك ئەنسىرەپ، سەگەك ياتتى.

                                                   6

ئۇ تەتەي خوتۇنىدىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن بېرى ئازادلىققا چىققاندەك يايراپ، ھەر كۈنلۈك تۇرمۇشىنى يېڭى-يېڭى خىياللار، يېڭى-يېڭى پىلانلار بىلەن ئۆتكۈزمەكتە ئىدى، يالغۇزلۇقتىن زېرىكسە قېرىلارنىڭ شاھمىتىنى كۆرەتتى، قورسىقى ئاچسا خۇيزۇلارنىڭ ئاشپۇزۇلىغا كىرىپ، ئاددىي، تەملىك سەيلەرنى بۇيرۇتۇپ قويۇپ پىۋا ئىچىپ ئولتۇراتتى، پىشۇرۇلغان خاسىڭغا تولىمۇ ئامراق ئىدى، ئارىدا سالار دەيدىغان بىر مۇسۇلمان خەق ئاشخانا ئاچتى، ئۇنىڭغىمۇ كىرىپ تېتىپ باقتى، تەمى خۇيزۇلارنىڭكىگە باققاندا ئۇيغۇرلارغا يېقىنراق، پاكىزراق ئىدى.

بىر قېتىم ئۇ سەينادا  شاھمات ئويناۋاتقان قېرىلارنىڭ ئويۇنىغا قاراپ ئولتۇرۇپ، بۇرۇنقىدەك ئاقساقاللىق قىلىۋىدى،  ئۆزى بىلگەنچە مېڭىپ بېشى قېيىپ قالغان لاۋجاڭ ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويدى :

ــــ سەن ئارىلاشما، ئۆزەمنى ماڭغىلى قوي.

ـــ بىراق، خاتا مىڭىۋاتىسەن-دە.

ـــ خاتا ماڭسام مەيلى، بۇ دېگەن قىمار ئەمەس ئۇتتۇرۇۋېتىدىغان.

نەتىجىدە ئۇ خاتا ئويناپ،  بىر دەمدىلا مات بولدى.

ــــ دېسەم ئۇنىمايسەن،  ئەسلى ئۇنداق ماڭمايتتىڭ!

ــــ سەن ئۆزەڭنى بىل، ــ دېدى لاۋجاڭ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ،ـــ ئۆزەڭنىڭ يولىدا توغرا ماڭالماي تۇرۇپ  باشقىلارغا يول كۆرسىتەلمەيسەن!

قالغان قېرىلارمۇ بۇ گەپنى تەستىقلىغاندەك رازىمەنلىك بىلەن سۈكۈتتە تۇرۇشتى، شۇئان ئۇ  بۇ گەپنىڭ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى گەپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

ــــ بۇ نېمە دېگىنىڭ !؟ـــ دېدى ئۇ ئادەتتە  يېقىن ئۆتۈپ كەلگەن بۇ قېرىغا مىقتەك تىكىلىپ،ـــ قورسىقىڭدا باشقا گەپ بار ئوخشىمامدۇ؟

ــــ گەپ شۇ،  بۇندىن كېيىن ئويۇنىمىزغا ئارىلاشما!

ـــ نېمىشقا؟!

لاۋجاڭ گەپ قىلماي قاپىقىنى تۈرۈپ، ئىككىنچى قول ئويۇنىنى باشلىدى. قالغان قېرىلارنىڭ دىققىتى يەنە شاھمات تاختىسىغا ئاغدۇرۇلدى.

قېرىلار گەپ قىلماي تۇرغان بىلەن ئىچىدە  ” خوتۇنۇڭنى قويۇۋېتىپسەن، قانداق ئادەملىكىڭ بىزگە ئايان بولدى، ئۆزەڭنى بىل، يولۇڭغا ماڭ، سەن بۇ يەردە ئەمدى قارشى ئېلىنمايسەن “ دەۋاتقاندەك بىلىندى. ئۇنىڭمۇ پەيمانى توشۇپ، ئۇلارنى يۈزسىزلىكتە ئەيبلىدى، بىر تۇرۇپ ھەيرانمۇ قالمىدى، شۇنچە يىل بىللە ياشىغان خوتۇنى يۈز ئۆرۈگەن يەردە، بۇ قېرىلاردىن نېمىشقا ھەيران قالغۇلۇق! شۇنداقتىمۇ  بۇلارغا قىلغان نەچچە يىللىق ھۆرمەت، يېقىنلىقلىرىغا قورسىقى كۆپتى.

بۇ قېرىلار ئارىغا ئالمىغاندىن كېيىن ئۇنى ھەقىقەتەن يالغۇزلۇق بېسىشقا باشلىدى، ئەتىگەندىن كەچكىچە سىچۈەنلىك قىزنىڭ كارىۋىتىدا خورەك تارتىپ ياتقىلى بولمايتتى، قورساق ئاچاتتى، بىر كىملەرگە گەپ قىلغۇسى كېلەتتى. شۇنىڭ بىلەن كۆپ يىللار بىللە ئىشلىگەن سەپدىشىنى كۆرگۈسى كېلىپ يوقلاپ باردى. ئىككىسىنىڭ ئۆيى بىر قورۇدا بولسىمۇ، پات-پات كۆرۈشۈپ سالاملىشىپ تۇرسىمۇ، ئۆيىگە چاقىرىشىپ، ئىزدىشىپ كەتمەيتتى. بۇنىڭغا ئاساسەن خوتۇنلىرى سەۋەبچى ئىدى. ئۇ خىزمەتدىشىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە خۇيزۇ خوتۇنى قارشى ئالدى، بۇ ئايال ئۆزىنى خۇيزۇمەن، مۇسۇلمانمەن دەيتتى،  ئۇنىڭ ۋاپادارلىقىنى، مۇلايىملىقىنى، قانائەتچانلىقىنى كۆرگەن كىشى ، بۇ خوتۇن ئۇيغۇرغا تېگىپ ئېسىل ئادەتنى ئۆگىنىپتۇ، تېگىدىن مۇسۇلمان بولغاچقا شۇنداق… دەپ ئويلايتتى. ھېچ بولمىسا، ئەتكەن تامىقىنى خاتىرجەم يەيتتى. بۇ ئايال ئۇنى كۆرۈپ تولىمۇ خوش بولدى، ئالدىغا چاي قويۇپ ھايال ئۆتمەي بىر نەچچە خىل ئاچچىق-چۈچۈك   قورۇما قورۇپ،  ئالدىغا تىزىپ بولدى.

سەپدىشى قورۇمىنىڭ مەززىلىك پۇرىقىغا چىدىماي، ساقلاپ يۈرگەن ئاق ھارىقىنى ئالدى.

ـــ مۇشۇنى ئىچمىسەكچۇ،ـــ دېدى ئۇ ئىچكۈسى كېلىپ تۇرسىمۇ،ــــ ئىككىلىمىزنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، ئۆزىمىزنى ئايىمىساق بولماس.

ــــ ئەتە قىزىم ئامېرىكىدىن كېلىدۇ، كۆڭلۈم خوش، شۇڭا ئىچىمىز!ـــ دېدى سەپدىشى سەل-پەل ھاياجان بىلەن.

ــــ ياخشى بوپتىغۇ، نەۋاق سىلەر كۆرۈشمىگىلى!

ــــ شۇنى دېگىنە، ئامېرىكىنىڭ نوپۇسىغا ئۆتۈپ بىراقلا كېلىمىز دەپ ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتى.

ئۇ سەپدىشىنىڭ چىرايىدىكى شادلىققا قاراپ، ئوغلىنىڭ ناچارلىقىنى ئويلاپ ئېغىر تىندى. ئوغلى كېلىشكەن بولغان بىلەن مىجەزى ئانىسىنى تارتقان، دادىسىغا تەتۈر قارايدىغان غەيرى مەخلۇققا ئايلانغانىدى. ئەمما سەپدىشىنىڭ قىزى چىرايى ئانىسىنى تارتقان بىلەن مىجەزى دادىسىغا ئوخشايتتى، ئامېرىكىغا چىقىپ ئۇيغۇرغا تېگىپ دادىسىنى خوش قىلغانىدى. ئىككى بالا كىچىكىدە مۇشۇ قورۇدا بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بىلەن، تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققاندىن باشلاپ ئىككى دۇنيا بولۇپ كېتىشكەنىدى.

ـــ ساڭا زوقۇم كېلىدۇ، بالىدىن تەلىيىڭ كەلدى،ــــ دېدى ئۇ ھاراقتىن بىر رومكا ئوتلاپ،ـــ ئوغلۇم دەپ باققان ئاۋۇ گۇي ھازىر ئادەم ياراتماي يۈرىدۇ.

ـــــ داڭ چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ كۈنىنى ئۆزى ئېلىپ ياشاۋاتىدىغۇ، ئارتۇق ئويلاپ كەتمە، دادا بولغان كۈنى قەدرىڭنى بىلىدۇ.

ـــــ دادا بولالامدۇ دەيسەن ئۇ گۇينى، ئوتتۇز نەچچىگە كىردى، بىر كۈنى ئۇنى، بىر كۈنى بۇنى يېتىلەپ ئانىسىغا كۆرسىتىپ يۈرىدۇ.  ئانىسىنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن  مەندىن پۈتۈنلەي كەچتى.

ـــــ بىراق سەن كېچەلمەيسەن، نېمىلا دېگەنبىلەن ئوغلۇڭ-دە!

ـــــ كىچىك ۋاقتىدا ئوغلۇم ئىدى، ھازىر باشقا بىر مەخلۇققا ئايلاندى. شۇڭا قارىغاندا ئادەمنىڭ چىرايى دېگەنمۇ شەكىل، نىقاپتەك بىر نەرسە ئىكەن،  ئۇنىڭ روھى، خۇي-پەيلى ھەممىدىن مۇھىمكەن.

ـــــ بۇ گېپىڭ توغرا، بىراق ئۇنى دەپ بىراقلا ئادا-جۇدا بولساڭ بولمايدۇ-دە!

ـــــ ھېچنېمە بولمايدۇ ئاغىنەم،  ھېچنېمە، جاھان يەنىلا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋېرىدۇ.  نەچچە ئون يىللاپ تەتقىق قىلىپ ئاسمانغا چىقارغان راكېتامۇ بەزىدە پارتىلاپ كېتىدۇ، مەن ئۇ گۇينى شۇ راكېتاغا ئوخشىتىمەن. ئۆزەمدىن كېتىپ قالغان يەرلەر تولا، ئىچىمدە لىق پۇشايمان، ئەمما ئاھ ئۇرۇپ ياشىسام، تىنالماي ئۆلسەم بولىدۇ. شۇڭا ئويلىمايمەن، بىر كۈن بولسىمۇ شۇ گۇينى ئويلىماي ياشايمەن. مۇبادا ئۇ كىچىدىلا ئۆلگەن بولسا ياكى مەن ئۆلگەن بولسام، قانداق بولاتتى؟ شۇڭا ئۆلۈمدىن باشقىسىنى جۇدالىق دېمەيمىز، تۇرمۇش دېگەندە بۇنچىلىك ئىش بولىدۇ، بۇنچىلىك ئىش بولمىسا بۇ ھەم تۇرمۇش بولمايدۇ. مېنىڭ پەلسەپەم شۇ: ھەممىنى قوبۇل قىلىپ خاتىرجەم ياشاش، ۋاقتى كەلسە خاتىرجەم ئۆلۈش. بۇ دۇنيادا ھېچكىمدىن ئاغرىنمايمەن، ھېچكىمگە ھەم دەرت تۆكمەيمەن.

ــــ شۇنداق ئويلايسەن، ئەمما ۋاقتى كەلسە ھەممە ئىش ئاسان ئەمەس. ئۆلۈمدىن قورقماسلىقمۇ ئاسان ئەمەس، ئالە ما ھاراقنى، ئىچىۋەت!

ئۇ رومكىنى بوشىتىپ، توخۇ قورۇمىسىدىن بىر چوكا ئاغزىغا سېلىپ، پىغانىنى باسالماي يەنە سۆزلەشكە باشلىدى:

ــــ سېنىڭ ئۇيغۇردەكلا ئېسىل خوتۇنۇڭ بار، ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ۋاپادار قىزىڭ بار، ئەتىگىچە نەۋرەڭمۇ بولىدۇ، تۇرمۇشۇڭ كۆڭۈللۈك، شۇڭا كېسەللىكتىن قورقىسەن، نەۋرە كۆرۈپ بولغىچە ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ دەپ ئەنسىرەيسەن. ئەمما مېنىڭ ھازىر تارتىشىدىغان ھېچنېمەم يوق، خوتۇن-بالام يالغان چىقتى، يەنە نېمە يالغان چىقتى؟ ھە، ئەينى ۋاقىتتا چوقۇنغان داھىيلار، ئىدىيىلەر، كۈرەشلەرنىڭ ھەممىسى يالغان چىقتى. ھازىر شۇ دەۋردىن قالغان بىرمۇ گەپنى تاپالمايسەن، پارتىيە دەيسەن، ئۇمۇ ھازىر يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى. ئادەم ئۆزگەرسە ھەممە نەرسە ئۆزگىرىدۇ . خوتۇن-بالام ئۆزگىرىۋىدى، مەنمۇ دەرھال ئۆزگەردىم؛ مەن ئۆزگىرىۋىدىم، ئۇلار تېخىمۇ بەك ئۆزگىرىپ،  مېنى تونۇماسلا بولدى، بۇرۇن ماڭا ئەركىلەيدىغان چوشقا ئىتمۇ ھازىر ماڭا قاۋايدىغان، قويۇپ بەرسە كېلىپ تالايدىغان بولدى. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەدرىجىي تەرەققىيات دەپ چۈشەندىم.  ھەممە نەرسە تەرەققىي قىلىپ يەنە ئەكسىگە يانىدۇ، خۇددى مېنىڭ تۇرمۇشۇمدەك. بۇنى مەغلۇبىيەت دېسىمۇ بولىدۇ، غەلىبە دېسىمۇ بولىدۇ، ھېچنېمە دېمىسىمۇ بولىدۇ…

ــــ كىم سېنى مەغلۇب بولدى دەيدۇ، تېنىڭ ساق تۇرۇپتۇ، مانا شۇنىڭ ئۆزى غەنىمەت، تېنىڭگە كېسەل چاپلاشسا باشقا ھەممىسى قۇرۇق گەپ! ـــ دېدى سەپدىشى  كونا بىماردەك زارلىنىپ.

ــــ شۇ،  بىرەر يېرىمىز ئاغرىسا جاندىن تويىمىز. مەنمۇ كۈن ساناپ ياشاۋاتىمەن، سىڭگەن نېنىمنى يەپ ئۇخلاۋاتىمەن. شۇنچە يىل ياشاپتىمەن، قايسىسى بەخت، قايسىسى ئازاب ئۆلچىمىدىم، باھالىمىدىم، سۆكمىدىم، قاقشىمىدىم، كاتتا غايىلەر ئۈچۈن كاللا قاتۇرمىدىم، جېنىم ئارام تاپسىلا بولدى، ياشاشتىكى مەقسەتمۇ شۇ، ئارتۇق، ئېغىر نەرسىنى تاشلىۋېتىش كېرەك، كۆرگەن كۈنلىرىمىز ئاز ئەمەس، يەنە قاچانغىچە تارتىپ يۈرۈيمىز بۇ دەرت-ئەلەملەرنى! بىز كالىمۇ، ئېشەكمۇ، توختىماي يۈك توشۇيدىغان!

ــــ قالتىس گەپ قىلدىڭ، سەن يازمىغان بىلەن سۆزلەيدىغىنى-دە!

ــــ يازساڭمۇ نېمە پايدا، ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ، بەرىبىر چىرىپ تۈگەيدۇ.

ــــ تۇرمۇشۇڭنى قايتا باشلاشنى ئويلىشىۋاتامسەن؟

ــــ ئويلاشمىدىم، ئويلاپ نەگە باراي، ياش بۇ يەرگە كەلگەندە خوتۇن خەقنىڭمۇ قىززىقى قالمىدى.

ــــ ئۇنداق دېمە،  ھېچ بولمىسا ساڭا ھەمراھ بولۇپ، تۇرمۇشۇڭدىن خەۋەر ئالىدىغانغا خوتۇن بولمىسا بولمايدۇ. ئۆمرۈڭدە بىر قېتىم بولسىمۇ ئۇيغۇردىن خوتۇن ئېلىپ ياشاپ بېقىشنى ئويلىمامسەن؟

ــــ سەن بەك ئويلايدىغان ئوخشىمامسەن؟ـــ دېدى ئۇ گەپنى چاقچاققا بۇراپ.

ــــ ئويلىمىدى دەمسەن، مۇشۇ خوتۇننى ئالغاندىن بېرى ئويلاپ كەلدىم. ئەمما بۇ خوتۇن ياخشى چىقىپ قالدى، قىزىممۇ چوڭ بوپ كەتتى، ئەمدى بولمايدۇ.

ــــ خوتۇن خەق قايسى مىللەتتىن بولسا ئوخشاش،ـــ دېدى ئۇ ئۆتمۈشتىكى تاللىشىغا قىلچە پۇشايمان قىلمايدىغاندەك،ــــ چوڭ جەھەتتىن ئويلىساڭ، ئىشلار شۇنچىلىك ئاددىي، بۇ دۇنيا ئەر بىلەن ئايالدىن ئىبارەت ئىككى مەخلۇقتىن تەشكىل تاپقان، ئائىلە دېگەنمۇ ئەمەلىيەتتە بىر دۇنيا.

ــــ ئەمما مەن زىل ئادەم، ئۇيغۇر خەق دېگەنمۇ مەن ئۈچۈن چوڭ ئالەم. ئۇيغۇر خوتۇننى ئالماي تۇرۇپ ئۇ دۇنيانى، ئۇ تۇرمۇشنى ھەرگىز چۈشەنگىلى بولمايدۇ.

ــــ ئەمىسە مۇنۇ خوتۇنۇڭنى قويۇۋېتىپ ئۇيغۇردىن ئال، خوتۇن يىغلايدۇ، قىزىم قويمايدۇ دەپ قورققان ئىكەنسەن، مۇشۇ تۇرمۇشۇڭغا شۈكرى قىل-دە، خاتىرجەم ياشا.

ــــ توغرا دەيسەن، ئەمما سېنىڭ تارتىشىدىغان ھېچنېمەڭ بولمىغاندىكىن يۇرتقا قايتىپ خوتۇندىن بىرنى ئېلىپ، جامائەتكە قېتىلىپ ياشىساڭ بولمامدۇ دەيمەن، ما ئۆيۈڭنى ساتساڭ يۇرتۇڭدا كاتتا داچا سالالايسەن، ياش، چىرايلىق خوتۇندىن بىرنى تاللاپ ئالالايسەن، مەن بولغان بولسام شۇنداق قىلاتتىم.

ــــ ئويلىمىدى دەمسەن، بىراق بۇ ئۆي يالغۇز مېنىڭلا ئەمەس،  بۇتساتىۋالىرىم مۈشۈكتەك تىكىلىپلا تۇرىدۇ.   يۇرتتا تۇغقانلىرىمنىڭ تايىنى يوق، قېرىغاندا كىم بىلەن تونۇشۇپ، كىم بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتىمەن؟ بۇ يەردىكى ۋەزىيەت بىلەن ئۇ يەردىكى ۋەزىيەت ئوخشىمىسا، قانداق خاتىرجەم ياشايمەن؟ ئادەم نەدىلا بولسا ئۆزى كۆنگەن يەردە ياشىغىنى تۈزۈك.

ــــ سەن بېرىپ باقماي تۇرۇپ نېمە بىلىسەن؟ـــ دېدى سەپدىشى ئەستايىدىللىق بىلەن،ـــ يۇرت، جامائەت دېگەن بىزگە ھەر قاچان ئەزىز. قاچان بارساق بىزنى قارشى ئالىدۇ،  ھەر يازدا يۇرتقا بېرىپ ئىككى-ئۈچ ئاي تۇرۇپ كېلىمەن. بىراقلا كېتەي دېسەم، ما خوتۇن بېيجىڭلىق،  تۇغقانلىرىغا تارتىشىپ ئۇنىمايدۇ؛ بېرىپ-كېلىپ تۇرغاندىكىن مەنمۇ مەيلى دېدىم، ئەمما كۆڭلۈم  شۇ ياقنى تارتىپلا تۇرىدۇ، ئەگەر دوختۇرلار مانچە كۈنلۈك ئۆمرۈڭ قالدى دېسە، ھېچنېمىگە قارىمايلا كېتىمەن.

ـــــ بۇ كۆڭلۈڭنى چۈشىنىمەن، بىراق مەن، نەدىلا ياشىسام ياخشى ياشىسام بولدى دەيدىغانلاردىن، ماكان ئايرىپ كەتمەيمەن، يۇرت-جامائەتلىرىمىزگە ھۆرمىتىم بار، ئەمما ئۇلارغا قېتىلالمايمەن، سەۋەب، 40نەچچە يىلدىن بېرى ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتتىم، ئۇلار بىلەن مەن ئىككى دۇنيا، كاللا ئوخشىمايدۇ. مەسچىتكە بارسام ھۆكۈمەت بىر نېمە دەيدۇ، بارمىسام خەقلەر ئەيبلەيدۇ، ئىچىپ سالسام قارا كاپىرغا چىقىرىدۇ.  بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قالساق، گەپلىرىمىزنىڭ بىر يەردىن چىقىشى ناتايىن. دىتىمغا ياقمايدىغان ئىشنى كۆرسەم چوقۇم ئەيبلەيمەن، ئاچچىقىم كېلىدۇ،  بىر كىملەرنى رەنجىتىپ قويۇشۇم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ مېنى ئارىغا ئالمايدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە، سىڭگەن نېنىمنى يەپ مەشەدە ياشىغىنىم تۈزۈك…

ــــ ئۇنچىلىك يامان ئويلاپ كەتمە، زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا بېقىپ، ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاپ، ھەممىنى ماسلاشتۇرۇپ ياشاپ كەتسەڭ بولىدۇ.

ـــــ ھەممىنى ماسلاشتۇرۇپ بولغىچە جان قىينىلىپ كېتىدۇ، مەن بۇنىڭغا ماس كەلمەيمەن.

ــــ قانداق قىلىسەن ئەمىسە، ئۆمرۈڭ ئاخىرىغىچە مۇشۇنداق يالغۇز ئۆتۈپ كەتمەكچىما؟

ــــ يالغۇز ئۆتسەم نېمە بوپتۇ!ـــ دېدى ئۇ سەپدىشىدىنمۇ بەكرەك ئەجەبلىنىپ،ــ نى زامان مەن بۇنداق  بىكار، ئەركىن  يۈرۈپ باقمىغىلى! ھەر تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە يارىشا پەيزىسى بولىدىكەن،  كۆنۈپ قالدىم، كۆنۈپ قالسا ھېچنېمە بولمايدۇ، كۆنمەي قالسا ئاندىن ئازاب بولىدۇ.

ئۇ يەنە بىر سائەتتەك ئولتۇرۇپ، خوتۇنى، بالىسى توغرۇلۇق جىق غەيۋەت قىلدى، كەلگۈسى تۇرمۇشى توغرۇلۇق ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى،  ھاراقنى ئۆيىگە كېتەلىگۈدەك دەرىجىدە ئىچىپ، ساھىبخان بىلەن خوشلىشىپ ئۆيىگە ماڭدى. ساتراشخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە،  جىمىرلاپ تۇرغان چىراغلارغا قاراپ كالپۇكىنى يالاپ قويدى. ئىچىگە كىرىپ سىچۈەنلىك قىزنى چاقىرتتى.  ئۇچىسىغا تېخىمۇ قىسقا كىيىملەرنى كىيىپ،  سەتەڭلىشىپ كەتكەن قىز ئۇنىڭ ئالدىغا كۈلۈمسىرەپ كەلدى:

ــــ قولۇم بىكار ئەمەستى،  بىر دەم ساقلاپ ئولتۇرالامسىز؟

ــــ ياق بولدى…  باشقا كۈنى كېلەي…  يولدىن ئۆتكەن كۆرۈشۈپ ئۆتەي دەپ…ـ

ــــ ئەمىسە ئەتە ساقلاي، چوقۇم كېلىڭ-ھە

قىز ئۇنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ، ئۆيىنىڭ ئالدىغىچە ئەكىلىپ قويدى، ئايرىمخانىسىغا قايتىپ كىرگەندە ئاشنىسى دۈم يېتىپ تاماكا چېكىۋاتاتتى، قىز كىرىشى بىلەن ساغرىسىغا بىرنى شاپىلاقلاپ قويدى:

ــــ  يوقاپ كەتتىڭغۇ؟ كىم ئىزدەپ كەپتۇ؟

ــــ كونا خېرىدار، دائىم مۇشۇنداق كېچىدە كېلىۋېلىپ ئاۋارە قىلىدۇ.  تېخى بەزىدە «ماڭا تەگسەڭ ئۆيۈمنى بېرىمەن» دەپ تۇرۇۋالىدۇ.

ــــ قانداق ساراڭ نېمە ئۇ؟  ئۆي بولسىلا خوتۇن دېگەن تولىغۇ؟

ــــ شىنجاڭلىق كونا كادىركەن،  مېنى خوتۇن قىلىپ، ئاجرىشىپ كەتكەن قېرى خوتۇنىغا كۆز-كۆز قىلغۇسى بار ئىكەن.

ــــ راست ئۆيى بارمىكەن؟ ئۆزىنىڭ ئۆيىمىكەن؟

ــــ ئۆزىنىڭ ئۆيى،  بۇنداق كادىرلارغا ھۆكۈمەت ئۆي بېرىدۇ-دە!

ـــــ  ئۆيۈمنى بېرىمەن دېسە، ماقۇل دەپ بېرىۋەتمىگەنسەن-ھە!

ــــ ماڭا ئىشەنمىسەڭ باشقىسىنى تاپ،ـــ دېدى قىز ئۇنىڭ دۈمبىسىگە بىرنى مۇشتلاپ،ـــ نامرات بولساممۇ غۇرۇرۇمنى ساتمايمەن.

ـــــ ئۇ قېرى ئۆيۈم بار دەپ سېنى ئالدىمايۋاتقاندۇ؟

ــــ ئۆيىگە مەن كىرگەن، كېنىشكام بار، ساڭا كۆرسىتىمەن دېگەن.

ــــ سەن ئۇنىڭغا تەگسەڭ، ئۆينى ساڭا بېرەمدىكەن؟

ــــ ئۆزى شۇنداق دېگەن.

ــــ نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بار؟ قېرى ئوغرى سېنى تازا قوياي دەپتۇ-دە!

ــــ نەچچە قېتىم دەپ بولدى، مەن ياق دەپ ئۇنىمىدىم… دەسلەپتە مەن بىلەن بىللە تۇرغىن دەپ تۇرۇۋالغان، بۇنىڭغا ئۇنىمىسام، ماڭا تەگكىن، ئۆينى سېنىڭ نامىڭغا ئۆتكۈزەي دېدى. مەن ھېچقايسىسىغا ئىشەنمىدىم.

ــــ توختا، بۇ قېرىنىڭ گېپى قانچىلىك راست، بىلىپ باقمايلىمۇ؟ــــ دېدى ئاشنىسى يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ،ــــ ئۆزەڭ كۆرۈۋاتىسەن، تاپقان پۇلغا ئىجارە تۆلەپ ئولتۇرۇۋاتىمىز، بۇ قېرىنىڭ نەچچە كۈنلۈكى قالدى، كىم بىلىدۇ، سېنى خوتۇن قىلغان ئاخشىمى يۈرىكى يېرىلىپ ئۆلەمدۇ تېخى، ئاندىن ئۆي بىزگە تەۋە بولىدۇ. شۇنىڭغىچە چىدىساڭ بولىدۇ، ھېلىمۇ خەقنىڭ بەدىنىنى تۇتۇپ، پۇتىنى يۇيۇپ چىداۋاتىسەنغۇ، ئۆيگە ئېرىشىۋالساق، بۇنداق پاسكىنا ئىشنى تاشلايسەن.

__ مۇشۇ گەپلەرنى دېيىشتىن نومۇسمۇ قىلمىدىڭ، سەن شۇ ئادەم ئالداشنى، ئادەملەردىن پايدىلىنىشنىلا بىلىسەن. مېنىمۇ ئالداپ سىلاپ، ھەقسىز پاھىشىدەك قىلىۋالدىڭ، كۆڭلۈم بولغاندىكىن بوپتۇ دېسەم، يەنە ھەددىڭدىن ئېشىۋاتىسەن. بولدى، بۇ يەردىن ئاستا چىقىپ كەت، پۇلنى تۆلەپ ماڭ،__ دېدى قىز ئۇنىڭ ئالدىراڭغۇ، دۆت چىرايىغا ئەلەم بىلەن تىكلىپ.

__ ساڭا مەسلىھەت بېرىۋاتىمەن، ئوبدان ئويلىنىپ باق، ئۆيگە ئېرىشىۋالغاندىن كېيىن مېنى يېنىڭدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتسەڭمۇ مەيلى. ئەمما ئۇ قېرىنى، ئۇ ئۆينى ھەرگىز قولدىن چىقىرىپ قويما، بولمىسا بۇنداق پۇرسەت ئىككىنچى كەلمەيدۇ. ئېسىڭدە بولسۇن، ئۇ قېرى سېنىڭ تېنىڭگە ئېرىشكەن بىلەن كۆڭلۈڭگە ئېرىشەلمەيدۇ، ئەمما سەن ھەممە نېمىگە ئېرىشىسەن.

__ ماڭ، ماڭ، ئاستا گەپ قىلىپ، چىقىپ كەت. قانداق قىلىشنى ئۆزەم بىلىمەن، ئۆزەمگە يۈز كېلەلەيدىغانلا ئىش بولسا، ساڭا مەسلىھەت سالماي قىلىۋېرىمەن.

__ شۇنداق قىل قەدىرلىكىم، قولۇڭنى ئىشلىتىۋەرمەي كاللاڭنىمۇ ئىشلەت!

ئاشنىسى خۇددى ئۇ ئۆيگە ئېرىشىپ بولغاندەك ھاياجانلىنىپ، سۇدىن بىر ئىستاكان ئىچىۋېتىپ چىقىپ كەتتى.

                                                  7

ئۇ ئوغلىدىن بۇرۇن خوتۇن ئېلىۋېلىش نىيىتىگە كەلدى، ئەمما ئۆينى سىچۈەنلىك قىزنىڭ نامىغا يۆتكەش ئۇنداق چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى، چۈنكى بۇ ئۆي كونا ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مۈلكى بولۇپ، ئۇلار سوتتا ئاجراشقاندا خوتۇنى ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسىغا بېرىپ كېنىشكىغا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قوندۇرۇۋالغانىدى. ئەگەر ئۇ سىچۈەنلىك قىزنى خوتۇن قىلىمەن دېسە كونا خوتۇنىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن كېنىشكىنى ئۆزگەرتەلەيتتى، كېنىشكىغا قىزنىڭ نامىنى يازدۇرالايتتى. ئۇ ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسىغا بېرىپ ئۇقۇشۇپ باقتى، بۇ ئۆي سوتتا بۇيرۇلغان بويىچە بۆلۈنگەن بىلەن، پەقەت ئىشلىتىش ھوقۇقىلا ۋاقىتلىق بۆلۈنگەن بولۇپ، مۈلۈك ھوقۇقىغا كونا-ئەر خوتۇن بىردەك ئىگىدارچىلىق قىلاتتى. قايسى تەرەپ ئۆينى ساتماقچى ياكى ئىجارىگە بەرمەكچى بولسا چوقۇم بىرسىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر يېڭىدىن توي قىلسا ئۆينى يېڭى خوتۇنىنىڭ نامىغا يۆتكەش ئۈچۈن توي خېتىدىن باشقا يەنە بىر مۇنچە  رەسمىيەتلەر كېتەتتى. ئۇ ئويلىنىپ قالدى، ئۆز نامىدىن كەچسە ئۆيدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئۆز نامىنىڭ كەينىگە سىچۈەنلىك قىزنىڭ نامىنى قوشاي دېسە، كونا خوتۇنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك، ئۇ چاغدا جېدەلنىڭ چوڭى چىقىدۇ، خوتۇن-بالىسى ئالەمنى مالەم قىلىدۇ. ئۇ يەنە ئىچكىرىلەپ سوراپ، بىر ئۆينى كەسكىن ئىككىگە بۆلۈپ، ئىككى ئادەمنىڭ ئايرىم مۈلكى قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭ رەسمىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن قانۇن ئورۇنلىرى ۋە ئۆي-مۈلۈك باھالاش ئورۇنلىرىغا ئىلتىماس قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدى. ئۆينى ھەقىقىي ئىككىگە بۆلۈش خوتۇن –بالىسى كۆز تىكىپ تۇرغان  كېسەك ئالتۇننى تەڭدىن پارچىلاپ، ئۆز نېسىۋېسىنى ئېلىپ كېتىش دېگەنلىك ئىدى. بۇنىڭغا ئۇلار چوقۇم چىدىمايتتى، ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سوتقا ئەرز سۇنۇپ، ئۆز ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولاتتى. تونۇشقىلى نەچچە ئاي بولغان بىر سەتەڭنى دەپ  نەچچە ئون يىل بىرگە ياشىغان خوتۇن-بالىسى بىلەن جەڭگە كىرەتتى. تىنچ، ئارامخۇدا كۈنلىرى بۇزۇلۇپ، نېرۋىسى چېچىلىپ، تېخىمۇ قېرىپ تۈگىشىپ كېتەتتى.

ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى شىرىن تەسەۋۋۇرغا بېرىلىپ، كاللىسىنىڭ ھەقىقەتەن قىززىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇ ئىشنى  قېرىلارچە تەمكىنلىك بىلەن ئويلىنىشقا باشلىدى. سەپدىشى بىلەن كۆرۈشۈپ مەسلىھەت سېلىشنىمۇ ئويلىدى، ئەمما ئۇنىڭدىن نېمە گەپ چىقسۇن؟ ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلىسا ھەيران قالغىنىدىن كاللىسى ئىشلىمەيلا قالىدۇ، مەسلىھەت بېرىش تۈگۈل ئۇنى ئەيىبلىگىلى تۇرىدۇ. قېرىغاندا پاكىز ياشىماي، خەقنىڭ پۇتىنى يۇيىدىغان بىرسىنى خوتۇن قىلىمەن دېسە، ساراڭ دېمەي نېمە دەيدۇ؟

ئۇ سىچۈەنلىك قىزغا ئەھۋالنى يوشۇرماي ئېيتتى، ئۇنىڭ كېنىشكىنى كۆتۈرۈپ، ئاتايىتەن ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسىغا بارغانلىقىدىن تەسىرلەنگەن قىز ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردى:

__ مەنمۇ ئويلىغان، بۇ ئىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس.

__ قېرىغاندا ئۇلار بىلەن سوتتا دەۋالىشىپ يۈرگۈم يوق.

__ دېمىسىمۇ ئۇ خوتۇنىڭىز بەك يامان كۆرۈنىدۇ.

__ شۇنداق قىلىپ، سېنى ئالالمايدىغان بولدۇم، بوپتۇ، مۇشۇنداق تۇتۇپ قويساڭمۇ راھەت، قېرىغاندا ئۇنىڭدىن ئارتۇقىنى تەلەپ قىلىپ نېمە قىلاي…

قىز ئاللىقانداق ئازۇ-ئۈمىدلىرى كۆپۈككە ئايلانغاندەك، بىر پەس جىمىپ قالدى، كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلدى، يولنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى بىنا ئۆيگە قارىدى، بۇ ئادەمنىڭ ئۆيى شۇ بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدە ئىدى، ھاكاۋۇر خوتۇنى ئىتىنى يېتىلەپ شۇ ئۆيگە شاھ سارىيىغا كىرگەندەك مەغرۇر كىرىپ-چىقىپ يۈرەتتى، بۇ ئادەم مۇشۇنداق ياتقان پېتى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ئۆي خوتۇن-بالىسىغا قالاتتى. قىزنىڭ ئۇنى تۇتۇۋاتقان قوللىرى بوشىشىپ كەتتى، ئۇنىڭغا ئۈمىدسىزلىك، ھارغىنلىق بىلەن قارىدى،  قېرىپ بوشاپ كەتكەن تەن، بۇ تەندە نە ياشلىق، شاشلىق، قىزىققانلىق ۋە بۆسكەك ئىرادە بولسۇن؟!  قايسى كۈنى قىزدىن ماقۇللۇق جاۋابىنى ئالغاندىكى خۇشاللىقى ۋە قەسەميادلىرىمۇ ئۇنتۇلغان، گويا قىزنى ماقۇل دېگۈزۈۋېلىش ئۈچۈنلا شۇنداق قىلغاندەك بىپەرۋا، ھىيلىگەر. قىز ئۆزىنى ئەخمەق قىلىنغاندەك ھېس قىلىپ ئىچى سىقىلدى، ئەمما نېمىشقا؟  بۇ ئادەم ئۇنىڭغاشىرىن ۋەدىلەرنى قىلىپ نومۇسىغا تەگمىدى، نومۇسلۇق يېرىگە قول ئۇزاتمىدى، يالغان ئېيتمىدى، بەدىنىنى بىكارغا تۇتقۇزمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانىكەن، قىزمۇ سۆزىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ.

- مېنى يارىماس دەپ ئويلاپ قالدىڭ-ھە؟- دېدى ئۇ قىزنىڭ ئۈندىمەي تۇرغىنىنى كۆرۈپ.

- ياقەي، مەن بىر كىمدىن ئارتۇق نەرسە تەلەپ قىلمايمەن.

- سەن شۇ ئۆينى دەپلا ماڭا تەگمەكچى بولدۇڭ، دېمەك، ئۇ ئۆي بولمىسا مەن ھېچنېمىگە ئەرزىمەيمەن.

قىز گەپ قىلماي تۇرۇۋالدى.

-چۈشىنىمەن، بۇ دېگەن مەنپەئەت دۇنياسى.

ـــــ چۈشەنگەندىكىن گەپ قىلماي جىم يېتىڭ.

ئەمما ئۇ قانداق جىم ياتالىسۇن، قىزنىڭ   قولى تېگىپلا تۇرسا ئۇنى خوتۇن قىلىش، ياش سەتەڭ بىلەن تەڭلا ياشلىق باھارىغا قايتىش  ۋەسۋەسىسىدىن قۇتۇلالمايتتى. بۇ ۋەسۋەسە ئۇنى ھايات چېغىدا، كۈچىنىڭ بار ۋاقتىدا بىر ئىشلارنى قىلىۋېلىشقا قىستاپلا تۇراتتى. چىشىنىڭ بارىدا گۆش چاينىمىسا ئەتە-ئۆگۈن شۆلگىيىنى ئېقىتىپ قاراپ قالاتتى. توسقۇنلۇقلارغا كۆكرەك كېرىپ، ”رەقىب“لىرىنى مەغلۇپ قىلالىسا، مەيدىسىگە مۇشۇ سەتەڭنى بېسىپ ياتالايتتى. ئەگەر قورقۇپ تۈگۈلۈۋالسا ھازىرقىدەك دۈم ياتقان پېتى ئۆلۈپ كېتەتتى. ئۇ جىددىي ئويلىنىشقا باشلىدى، ھاياتلىق كۈرەش دېمەكتۇر دېگەنىدى بىر پەيلاسوپ. ئۇ بۇ گەپكە ھېچقاچان بۇنداق قايىل بولۇپ باقمىغانىدى. تېنى ساق، روھى تېتىك ۋاقتىدا ئۆينىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۇۋالمىسا، ئەتە-ئۆگۈن كېسەل چاپلاشقاندا ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمايتتى، ھەتتا ئۇنىڭ پاتراق ئۆلۈشىنى تىلەيتتى. دېمەك،  ئۇ ئۆينىڭ مۈلۈك داۋاسىدىن قېچىپ، ئۆزىگە تېگىشلىك قىسمىنى ئېلىپ قالالمىسا، ئۆلۈپلا كەتسە ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىپ قالاتتى، ھەتتا ئۆلۈكى تالادا قالاتتى.

كونا خوتۇنى ئۇنىڭ ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسىغا ئۆينى بۆلۈش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى:

ــــ بۇ ئۆينى بىر قېتىم بۆلۈپ بولغان، يەنە نېمىگە بۆلىسەن؟ مەقسىتىڭ نېمە؟ مەن بۇنىڭغا قوشۇلمايمەن!

ـــــ قوشۇلمىساڭ ئۆينى سېتىپ پۇلنى تەڭ بۆلۈشىمىز، مېنىڭ بۇ يەردە تۇرغۇم يوق!ـــ دېدى ئۇ قەددىنى كېرىپ. ئىككى كۈندىن بۇيان ئۇ ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسىغا قاتراپ، ئادۋوكاتلىق ئورنىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ بولغانىدى.

ـــــ بۇ ئۆي بىزنىڭ ئورتاق مۈلكىمىز، ئوغلۇم ئىككىمىز بۇ ئۆينىڭ قانۇنلۇق ئىگىلىرى ھەم ۋارىسلىرى، شۇڭا بۇ ئۆينى خالىغانچە ساتالمايسەن!

ـــــ قۇرۇق گەپنى قوي، بۇ داداڭدىن قالغان ئۆي ئەمەس، ھۆكۈمەت ماڭا بەرگەن ئۆي! سوتتىن ئاجراشقاندا ئىسمىڭنى يازدۇرۇۋالدىڭ، بوپتۇ دېسەم، ئەمدى ھەممىنى مېنىڭ دەيسەنغۇ؟ بىلىپ قوي، ئۆينىڭ ئىگىسى مەن، باش ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى مېنىڭ قولۇمدا، سېنىڭ نامىڭ قوشۇمچە ئورۇندا. ئوغلۇڭنىڭ بۇ ئۆيدە تېخى ھەققى يوق، مەن ئىنساپ بىلەن، قانۇن بىلەن سۆزلەۋاتىمەن. ئۆينى يا ئىككىگە بۆلىمىز يا سېتىپ پۇلنى تەڭ بۆلۈشىمىز. بۇنىڭغا قوشۇلماسلىققا ئاساسىڭ يوق، مەن پەقەت ھەققىمنى قايتۇرۇۋالىمەن.

خوتۇنى نەلەردىدۇر تاشلىنىپ، ئۇنتۇلۇپ كەتكەن  نەرسىنى قايتا بايقىغاندەك ئەجەبلەندى ۋە ئۇنىڭ چىرايىغا چەكچىيىپ قاراپ كەتتى، ئۆينىڭ تۆت بۇلۇڭىغا بىر قارىۋېتىپ غەزەب بىلەن:

ـــــ سەن نېمانچە قارا كۆڭۈل؟ نېمانچە شەخسىيەتچى؟ مېنىغۇ ئويلىمىساڭ مەيلى، ئوغلۇڭنى بولسىمۇ ئويلىمامسەن؟  ئائىلەڭنىغۇ ۋەيران قىلدىڭ، ئەمدى بۇ ئۆينىمۇ پارچىلاپ سېتىپ تۈگەتمەكچىما؟ سېتىپ نېمە قىلماقچىدىڭ؟ مەينەت جالاپلىرىڭغا خەجلەپ بېرەمتىڭ؟-دېدى.

ــــ ئاغزىڭنى بۇزما! ـــ دېدى ئۇ بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىگە ئالدىن تەييارلىق قىلىۋالغاندەك تەمكىنلىك بىلەن،ــــ كۆڭلى قارا بولغان بولسام شۇ قىيىن كۈنلەردە ساڭا ياردەم قىلمايتتىم،  قىزلىقىڭنى ئېلىۋېلىپلا سېنى تونۇماس بولۇۋالاتتىم، ھېلىمۇ شۇنچە ئۇزۇن يىل خوتۇن قىلدىم،  ئاشنا ئوينىمىدىم، سېنى باقتىم، بالاڭنىمۇ باقتىم. مەن مۇشۇ جەرياندا ھەر قايسىڭغا شەخسىيەتچىلىك قىلىپ باقتىممۇ؟ ھەر قايسىڭغا خىيانەت قىلىپ باقتىممۇ؟ ئاخىرىدا كېلىپ ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلىشتىڭ؟ ئازراق كۈن كۆرۈۋېلىپلا مېنى ياراتماس بولۇۋېلىشتىڭ، سەن ئىتىڭ بىلەن ئەر-خوتۇن بولدۇڭ، ئا گۇي بولسا ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى دەپ، مەندىن ئىپلاسلارچە يۈز ئۆرىدى. ھەر ئىككىڭ ماڭا خائىنلىق قىلىشتىڭ، شۇنداق تۇرۇپ، يەنە بۇ ئۆينى ئىككىڭگە قالدۇرىمەنما؟ ئۇخلاپ چۈش كۆرۈشمە، مەن  بۇ ئۆيدىن ئۆزەمگە تەۋە بايلىقنى ئالماي قويمايمەن!

ـــــ قارا، قارا،  ما قارا يۈزنى، قېرىغاندا ئالجىپسەن! مەنمۇ سېنى دەپ ياشلىق باھارىمنى تۈگەتتىم، ساڭا بىر ئۆمۈر خوتۇن بولدۇم. بۇنىڭ بەدىلىنى كىم تۆلەيدۇ؟ سەن تۆلەيسەن، چۈنكى مەنمۇ سېنى دەپ تۈگەشتىم.  ئەر كىشى بولساڭ ۋىجدان بىلەن گەپ قىل، ئەگەر  ئۆينى بىزدىن تارتىۋالماقچى بولساڭ، ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلىمىز! مېنىڭ تارتقان روھىي زىيىنىم ئۈچۈن ئاز دېگەندەك بىر مىليون تۆلەيسەن، ئۆيۈڭنى ساتساڭمۇ بۇنى تۆلەپ بولالمايسەن!

خوتۇنىنىڭ ئەلپازىغا قاراپ ئۇ  ئاچچىق كۈلدى:

ـــــ ساۋاتسىز خوتۇن-دە سەن، قانۇن دېگەننى بىلەمسەن؟ ئۆز رازىلىقى بىلەن ئاجراشقان ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە روھىي تۆلەم بېرىدىغان ئىش نەدە بار؟ سېنى مەن قېرىتقان بولسام، مېنى كىم قېرىتتى؟ كىم كىمنى مەجبۇرلىدى؟ قانۇن سېنىڭ قۇرۇق گېپىڭگە ئەمەس، پاكىتقا قاراپ ھۆكۈم قىلىدۇ.  سوت بىر قېتىم كۆك تامغىنى بېسىپ، ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى، مۈلۈك ھوقۇقىمىزنى كېلىشتۈرۈپ بولدى. دېمەك، بىر-بىرىمىزدە مۇشۇ ئۆيدىن بۆلەك ھەققىمىز قالمىدى. ئەمدى مەن مۇشۇ ئۆيدىن ئۆزەمگە تېگىشلىك ھەققىمنى ئېلىۋالساملا بولدى، قانۇن بۇنى قوغدايدۇ.

ـــــ بۇ ئۆينى بۆلۈشكە مەن قارشى تۇرىمەن، ئوغلۇممۇ قارشى تۇرىدۇ. بۇ ئۆينى ساتمايمىز، سېتىشقا يول قويمايمىز. نەگە بېرىپ دەۋا قىلساڭ قىل، ۋاقتى كەلسە بىزمۇ دەۋا قىلىمىز. بۇ ئۆيدىكى ھەققىمىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز،  يېقىندا ئوغلۇڭ توي قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئۆي كېرەك، ماڭىمۇ ئۆي كېرەك. سەن بۇلارنى قىلچە ئويلىمايسەن، سەندە  ۋىجدان دېگەن نەرسە يوق.

ـــــ سەن ۋىجدان توغرۇلۇق گەپ قىلما، بىز ئاجرىشىپ كەتتۇق، دادىسىدىن تانغان ئاۋۇ مەخلۇقنىمۇ ساڭا بېرىۋەتتىم، شۇڭا ئۇنى ”ئوغلۇڭ“ دېمە، مەن ئۇنى تونۇمايمەن، سېنىمۇ تونۇمايمەن، بىزنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتىمىز يوق. شۇڭا بۇ ئۆيدىكى ھەققىمنى خەقتىن ئالغاندەك ئالىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن قانۇن ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مەنپەئەتىمنى قوغدايمەن.

شۇ ئەسنادا ھېلىقى ئىت ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قالغاندەك، تەتەينىڭ ھۇجرىسىدىن  چىقىپ، ئۇنىڭغا قاراپ قاۋاپ كەتتى، ئۇيقۇدىن ئېچىلغان چاپاق كۆزلىرىدىن زەھەرخەندىلىك يېغىپ تۇراتتى.

ـــــ قېنى كۆرەرمىز!ــــ دېدى خوتۇنى ئورنىدىن قوپۇپ ئىتىنىڭ يېنىغا بېرىپ،ـــ ئوغلۇم بۇنىڭدىن خەۋەر تاپسا،  دەۋا قىلغىنىڭغا تويغۇزىدۇ، ئۆزەڭنى چاغلاپ ئىش قىل!

                                                  8

سىچۈەنلىك قىزنىڭ ئاشنىسى بىر قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ ماتېرىياللىرىغا قاراپ بېرىۋاتقان ئىشلەمچى بولۇپ، يازدا دولىسىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرۈيدىغان ئورۇق بىر نېمە ئىدى، كېچە-كۈندۈز ئۆي ۋە بايلىق چۈشەپلا ياشايدىغاندەك، ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا ئۆي، ماشىنا، پۇل-بايلىق توغرۇلۇق پاراڭ قىلاتتى.  ئايرىمخانىدا ئىككىسى كوتۇلدىشىپ كەتسە، ئەتراپىدىكىلىرى ئۇلارنىڭ يەرلىك شېۋىسىنى ئۇقالماي قالاتتى.

ــــ سەن مېنى تولا زورلىما، بۇ ئىش ئاقمايدۇ! ـــ دەيتتى قىز قاپىقىنى تۈرۈپ.

ـــ كاللاڭنى ئىشلەت، ئۇ قېرىنىڭ كېنىشكىنى كۆتۈرۈپ، ئۆينىڭ مۈلۈك ھۇقۇقىنى ئۇقۇشۇپ كەلگىنى چوڭ ئىش، دېمەك، بۇ ئىشتا ئۈمىد بار.

ــــ سەن نېمىگە ئاساسەن ئۇ ئادەمنىڭ گېپىگە ئىشىنسەن؟

ــــ مەن ئۇنى بىر قېتىم كۆرگەن، مېنىڭچە ئۇ ھىيلىگەر ئەمەس، قىلىمەن دېگەن ئىشىنى قىلىدۇ.

قىز جىلە بولۇپ قالدى:

ــــ ئۇ ئاللىقاچان يالتىيىپ بولدى دېدىم ساڭا، يەنە نېمانداق كىرىشىۋالىسەن بۇ ئىشقا؟

ــــ ئۇ يالتىيىپ قالسىمۇ سەن ۋاز كەچمە، مېنىڭچە ئۇ سېنى قانداق قىلىدۇ قېنى دەپ سىناپ بېقىۋاتىدۇ. سەن ھازىرلا بەل قويۇۋەتسەڭ، سېنىڭ پەقەت شۇ ئۆيگە ئېرىشىش غەرىزىڭ ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ. سەن ئۇنى ياخشى كۆرگەن بولۇۋال، يېنىڭغا كەلسە بارلىق ھۈنىرىڭنى ئىشلىتىپ ئۇنى خۇشال قىل، شۇ ئىشتىن باشقا ھەممىنى قىلساڭ بولىدۇ.

ــــ پەسكەش نېمىكەنسەن، سېنى بۇنداق گەپ قىلار دەپ ئويلىماپتىكەنمەن.

ــــ مېنى نېمە دېسەڭ مەيلى، بىراق بۇ پاسكىنا ئىشتىن قۇتۇلىمەن دېسەڭ، مەن دېگەندەك قىل. ئۇ قېرىنىڭ ساڭا مەيلى بارلىقى راست، ئەگەر ئوينايمەن، ياشايمەن دېسە، ئەتراپىدا بۇنداق دۇكانلار، پاھىشخانىلار تولا، ئۇنىڭ پەقەت ساڭىلا كۆزى چۈشكەن گەپ، بۇنىڭدىن پايدىلانمىساڭ، قاراپ تۇرۇپ بىر ئېسىل پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويىسەن.

قىز ئۇنىڭغا ئەلەم بىلەن قاراپ يەنە ئويلىنىپ قالدى. ئۇ ئادەمدە ئىشق-مۇھەببەت نېمە قىلسۇن، پەقەت، بۇ قىزغا بىرەر ياخشى ھاراق ياكى تاماكىغا خۇمار بولغاندەك خۇمارى بار. ھاراق ئىچىۋالسىلا كىرىپ دۈم ياتىدۇ، نېرۋىلىرى غىدىقلىنىپ بىر دەم ھاياجانلانغاندىن كېيىن ئېزىلىپ ئۇخلايدۇ. ھۆكۈمەتكە ئېشەكتەك ئىشلەپ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنكى ھاردۇقىنى مۇشۇنداق چىقىرىدۇ. ئاۋارە قىلىپ تېلېفون ئۇرىدىغان ھېچكىمى يوق، يالغۇزلۇقتىن، بىكارچىلىقتىن شۇنداق ھۇزۇرلىنىدۇكى، جاھاندا بۇنىڭدەك بىغەم، ئەركىن ئىنسان يوق.

ــــ ئۇ مېنىڭ خېرىدارىم، باشقىسى بىلەن كارىم يوق،ـــ دېدى قىز ئۇھ تارتىپ.

ــــ بىر ئىشنى ماشىنا ئادەمدەك قىلىۋېرىشتىن زېرىكمىدىڭمۇ؟ 100 كوي تاپساڭ، خوجايىن ساڭا ئاران 10 كوي بەرسە، مۇشۇنىڭغا رازى بولۇپ ياشاۋېرەمسەن؟ سەن نومۇسۇم، ۋىجدانىم بىلەن ياشايمەن دېسەڭ، بەك بولسا 35 ياشلارغىچە ئىشلىيەلەيسەن، ئاندىن قېرىپ سەتلىشىپ كېتىسەن، ئۇ چاغدا سېنى ھېچكىم كېرەك قىلمايدۇ.

ــــ سەنمۇ كېرەك قىلمايسەن، شۇنداقمۇ؟

ــــ ياق، ئۇنداق دېمەكچى ئەمەسمەن،ـــ دېدى ئاشنىسى كۆزىنى چىمچىقلىتىپ، ـــ لاۋبەنلەر كېرەك قىلمايدۇ. چۈنكى سېنىڭ ھازىرقى چىرايىڭ، بەدىنىڭ، ياشلىقىڭ غايەت زور بايلىق، سەن بۇ بايلىقنى بايقىيالمايۋاتىسەن، ئۇنىڭدىن پايدىلىنالمايۋاتىسەن،   ياخشى كۆڭلۈم بىلەن گەپ قىلىۋاتسام خاتا چۈشىنىۋاتىسەن. سەن يۇرتتىن يېڭى چىققاچقا تېخى ساددا، بېيجىڭنى مەندەك بىلمەيسەن، بۇ جەمئىيەتنى مەندەك چۈشەنمەيسەن.

ــــ ئەمىسە قانداق قىلىمەن، دېگىنە!؟

ــــ ئۇ قېرىنىڭ پېشىغا چىڭ ئېسىلىسەن، ئۇنىڭغا مەدەت بېرىسەن. قېرىلار دېگەن كىچىك بالىغا ئوخشاش ماختانچاق، گول كېلىدۇ،  ئەگەر شۇ ئۆيگە ئېرىشسەڭ، ساڭا بارلىقىمنى بېغىشلايمەن، سېنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ نەچچە ئون ياش ياشارتىۋېتىمەن، كۆرمىگەن بەختنى كۆرسىتىمەن… دەپ سۆزلەپ تۇرىسەن، ئۆيىگە كىرىپ تاماقلىرىنى ئېتىپ، كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرىسەن…

ــــ لېكىن ئۇنداق قىلسام ئا خوتۇن ماڭا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ، ئېرى بىلەن قېرىشىپ، ئىشنى بۇزىدۇ. شۇڭا ئۆزەمنى ئاشكارا قىلماي تۇرغىنىم ياخشى.

ـــــ مانا، مانا، توغرا دېدىڭ، كاللاڭ ئىشلىدى، مانا مۇشۇنداق قىلىسەن! ئارقا سەپتە تۇرۇپ ئۇ قېرىغا يەل بېرىسەن، قالغىنىنى ئۇ ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ــــ لېكىن ئۇ خوتۇن-بالىسى بىلەن سوتقا چۈشۈشنى خالىمايدىكەن. خوتۇنىغا ئۆينىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايرىش توغرۇلۇق گەپ قىلسا، خوتۇنى ئۇنىماپتۇ، ئوغلۇم بىلەن ئەدىۋىڭنى بېرىمىز دەپ تەھدىت ساپتۇ. شۇنىڭدىن بولسا كېرەك، كەيپىياتى جايىدا ئەمەس، كۆپ گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى.

ـــــ مانا كۆردۈڭمۇ؟ جەڭنىڭ بېشى باشلىنىپتۇ. شۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويالىغاندىكىن بۇ قېرى ھەقىقەتەن نوچىكەن! سەندەك بىر گۈزەل ئۈچۈن ھېچنېمىسىنى ئايىمايدىغان، خوتۇن-بالىسىنىمۇ كېرەك قىلمايدىغان بۇنداق قېرىنى كىنولاردىلا كۆرەلەيسەن، بۇنىڭدىن  تەسىرلىنىپ يىغلىساڭ بولىدۇ سەن!

ـــــ ۋاي ماڭغىنە، خوتۇنى كۆزىگە بەك سەت كۆرۈنۈپ كەتكەن بولسا ياكى ئۇ ئۆيدە خورلۇق تارتىپ قالغان بولسا، قۇتۇلاي دەپمۇ ئويلىغاندۇ؟!

ـــــ مەيلى نېمىلا قىلسا شۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، ساڭىمۇ دەپتۇ. دېمەك، ئۇ قېرى بۇ يولنى ئاخىرىغىچە ماڭىدۇ، شۇڭا سەن ھېچ ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي، ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ تۇر، يېنىڭغا كەلسە، ئۇنى-بۇنى سوراپ ھالىغا يەت، باش-كۆزىنى سىلاپ، كۆكسۈڭنى يېقىپ قوي. شۇ ئۆيگە ئېرىشسەك بەختلىك بولىمىز دەپ تۇر، مەن دېمەي «بىز» دېگەن گەپنى كۆپ ئىشلەت. بۇ دېگەن جاھاندارچىلىق تاكتىكىسى.

ــــ ئەگەر ئۇ ئۆزىگە تەۋە ئۆيگە ئېرىشىپ قالسا، ئۆي يەنىلا مېنىڭ بولمايدۇ-دە!

ــــ ئەخمەق، ئاۋۋال توي خېتى ئالىسەن، ئاندىن ئۆي كېنىشكىسىغا ئىسمىڭنى يازدۇرىسەن، ئۇ قېرى ئۆلگەندە ئۆي ساڭا قالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئۆلمەستىن ئاۋۋال  ۋەسىيەتنامە ئېلىۋالىسەن، بۇنى قانۇن ئېتىراپ قىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ خوتۇن-بالىسى بۇ مۈلكۈڭگە ھەرگىز چېقىلالمايدۇ.

ــــ سەن مېنى ئۆزەم خالىمايدىغان ئىشقا مەجبۇرلاۋاتىسەن، سېنىڭ مەقسىتىڭمۇ شۇ ئۆيگە ئېرىشىش، ئەمما ھازىر دەپ قوياي، بۇ نىيىتىڭ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. مەن ئۇنداق ئاسان قولغا كېلىپ قالىدىغان ئامەتكە ئىشەنمەيمەن.

ــــ نېمە دەيدىغانسەن؟ مېنىڭ ئۇ ئۆيدە قىلچە تامايىم يوق، پەقەت سېنى بۇ جاپادىن قۇتۇلسىكەن دەيمەن، سەن ئۇ ئۆيگە ئېرىشكەن كۈنى مېنى ئۇنتۇپ كەتسەڭمۇ بولىدۇ، ياخشى كۆرسەڭ ئىزدەپ تۇرساڭمۇ بولىدۇ، ئىختىيار ئۆزەڭدە.

ــــ سەندىن ئۈمىدىمنى ئۈزدۈم،ــ دېدى قىز راست دەۋاتقاندەك،ــــ چۈنكى مېنى راھەتكە ئېرىشتۈرەلمىدىڭ، ئۇنىڭغا ئىشەنچىڭمۇ يوق، شۇڭا مېنى خەققە ئىتتىرىۋاتىسەن،  راست دەيسەن، مەن ئەخمەق، ئازراق چىرايىم بولغان بىلەن كاللام ئىشلىمەيدۇ. ئەسلىدە، نامرات بولساقمۇ ئادەتتىكىدەك، خۇشال ياشىغۇم بار ئىدى، ئەمما سەن  بۇ ئىشنى تولا دەپ، كاللامنى قايمۇقتۇرۇپ قويدۇڭ. نەتىجىدە، سېنى ئەمەس، ئۇ ئادەمنى تولا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. بۇنىڭ ھەممىسىگە سەن سەۋەبچى!

ــــ شۇنداق، مەن سەۋەبچى. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ كەلگۈسۈڭ ئۈچۈن.       

ــــ ئەمدى بۇ گەپنى ئىككىنچى تىلغا ئالما، بولمىسا يۈز-خاتىرە قىلمايمەن. بۇنداق پاراڭلارنى قىلىپ يۈرگەندىن ئايرىلىپ كەتكىنىمىز ياخشى.

ــــ ھېلىمۇ ئايرىلىپ بولدۇق، ئەمما بۇ دېگەن ۋاقىتلىق ئايرىلىش، نەدىلا بولسام سېنى ئەسلەپ تېلېفون قىلىپ تۇرىمەن، ئىشلىرىڭغا مەسلىھەت بېرىمەن. ئەگەر مەندىن ئايرىلساڭ، ئىشلىرىڭغا يۆلەنچۈك بولىدىغان ئادەم قالمايدۇ. ھەممىسى سېنى ئوينىساملا دەيدۇ، توي قىلىدىغان نىيىتى يوق. راست گەپنى قىلغاندا، سەندىمۇ مۇھەببەت دېگەن نەرسە قالمىدى، چۈنكى يېشىڭ 30 غا بېرىپ قالدى، ئىشنى ئەمەلىي ئويلايدىغان دەۋرىڭ كەلدى. ئىشقىلىپ، نېمىلا قىلساڭ قىل، ئۆزەڭ توغرا دەپ بىلگەن يولدا ماڭىۋەر،  ھەرگىز پۇشايمان قىلما.

   قىز ئۇنىڭ دولىسىنى تۇتۇشتىن بىزا بولۇپ، بېشىغا بىر نەچچىنى سالاي دەپ توختاپ قالدى.

                                          9         

    كۈنلەر ئۆتتى، ئايلار ئۆتتى، بېيجىڭنىڭ سوغۇق شامال ئۈزۈلمەيدىغان قارا قىشى ئۆتۈپ ئەتىيازمۇ يېتىپ كەلدى، ئەمما تولىمۇ كېچىكىپ كەلدى. ئۇ بىر كۈن بۇرۇن بولسىمۇ سىچۈەنلىك قىزنىڭ ۋەسلىگە يېتەي دەپ ئالدىرىغانچە ئىشلىرى يۈرۈشمىدى، ئۆي ئىشى زادى بىر ياقلىق بولمىدى. ئوغلىمۇ توي قىلىپ سىرتتىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇشقا باشلىدى. ھەپتە ئاخىرلىرىدا خوتۇنىنى ئېلىپ ئانىسىنى كۆرگىلى كېلەتتى، سەتەڭ كېلىنى ئۇنىڭغا گەپ قىلغۇسى باردەك قاراپ كېتەتتى، كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالغاندا بولسا كۈلۈمسىرەپ قوياتتى. مۇشۇ قىز جېنىدا ئېرىنىڭ تاپاۋىتىگە بۇ كېلىشكەن دادىسىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلگەن يەردە، ئاۋۇ ئىنساپسىز ئوغلى خۇددى تامنىڭ تۆشۈكىدىن چۈشۈپ قالغاندەك، دادىسىنى زادى تونۇغىلى ئۇنىمايتتى. يۈزسىز شاۋچى دەيتتى ئۇ ئىچىدە ئوغلىنى تىللاپ، ئاناڭنى مۇت دورىدىڭ.

بىر كۈنى ئۇ ئادىتى بويىچە سىچۈەنلىك قىزنىڭ قوللىرىنى سېغىنىپ، كارىۋاتقا چىقىپلا ھەممىنى ئۇنتۇپ، قىزنىڭ تۇتۇپ قويۇشلىرى بىلەن مەلەق ئۇيقىغا كەتكەندە خوتۇنى بىلەن  ئوغلى ئۆي ئىشى توغرۇلۇق باش قوشتى.

__ بېيجىڭنىڭ ئۆي باھاسى يەنە بىر ھەسسە ئۆسۈپ كەتتى، بۇ ئەتراپتىكى ئۆيلەرنىڭ ھەر كۇۋادرات مېتىرى 60 مىڭغا چىقتى ئانا، ۋاقتىدا سېتىۋەتمىسە كېيىن باھاسى چۈشۈپ كېتەرمىكىن دەيمەن.

__ ئۆينىڭ باھاسى چۈشۈپ بولالمايدۇ، پۇل دېگەن پاخال نېمە، شەھەرگە كىرىۋاتقانلار شۇنچە كۆپ، ئۆي ئالىمىز دەيدىغانلار ئاندىن تولا. شۇڭا مەن بۇ گەپكە ئىشەنمەيمەن.

__ مەن مۇنداق ئويلاۋاتىمەن ئانا، بۇ ئۆينى سېتىپ بۆلۈشىمىز دەپ ئولتۇرماي، ئا قېرى بىلەن يارىشىپ قالساڭمىكىن. شۇنداق قىلساڭ، بۇ ئۆي ھامان بىزگە قالىدۇ.

__ نېمە؟ ياراشقىن دەمسەن؟__ دېدى ئانىسى ئورنىدىن چاچراپ قوپۇپ،__ ئۆلسەممۇ ئۇنىڭ بىلەن ياراشمايمەن.

__ ئانا، بۇ دېگەن تاكتىكا، ئويلاپ باق، 75 كۇۋادرات مېتىرلىق بۇ ئۆينى ھازىر ساتساڭ قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى ئويلاپ باق، يېرىمىنى ئالساڭ قانچە پۇل، پۈتۈنىنى ئالساڭ قانچە پۇل؟

__ ئەمدى مەن شۇ بىر نەچچە مىليوننى دەپ ئاخىرقى ئۆمرۈمنى ۋەيران قىلامدىمەن؟ كۆتەر بۇنداق گېپىڭنى! ئۇ ئۆلۈپ بولغىچە مەن ئۆلەمدىمەن، كىم بىلىدۇ؟

ئوغلى ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى، قېرىلارنىڭ كاللىسى قاتمال دەپ ئويلاپ ئىچى سىقىلدى.

__ شۇنچىۋالا دۈشمەنلىشىپ كەتتىڭلارما؟ بۇرۇن قانداق ياشىغان؟مېنى قانداق باققان؟__ دەپ سوئال قويدى ئۇ.

__ مېنىڭمۇ ئەقلىم يەتمەيدۇ،_ دېدى ئانىسى خۇرسىنىپ،__ بەلكىم سەن ئۈچۈنلا چىداپ ياشىغاندىمىز. مەنمۇ بۇ ئىشقا ھەيران، ھەيران قېلىش تۈگۈل ئۆزەمگە غەزەبلىنىمەن تېخى! سەن بۇنى چۈشىنەمسەن؟  ئۇنىڭ بىلەن ياراشقىن دېمەي، ئۇنىڭدىن  تېزرەك قۇتۇلغىن دېسەڭ توغرا بولىدۇ.

__ بوپتۇ ئەمىسە، دېمىگەن بولاي. ئەمما بۇ ئۆي ھەقىقەتەن ئۆسۈپ چېكىگە يەتتى. ئوڭچە ئىگلىگىلى بولمىسا، سېتىپ پۇلىنى بۆلۈشسەك بولمامدۇ. شۇنداق قىلساق، چەترەك بولسىمۇ ئايرىم، كەڭرى ئۆيلەردە ئولتۇرالايمىز، سەنمۇ ئۇ ئوغرىدىن قۇتۇلىسەن، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىگە ئېرىشەلەيمىز.

__ بۇ گېپىڭ بولىدۇ، بۇ يەر بەك قىستاڭچىلىق بولۇپ كەتتى. قاتنىشى قولاي، مۇھىتى ياخشى، باغچىغا يېقىن رايونلاردىن ئۆي ئالساق تامامەن بولىدۇ.

__ يەنە تېخى ماۋۇ پىستەك بار،__ دەپ ئىتنى كۆرسىتىپ قويدى ئوغلى،_ بۇنىڭغىمۇ ئازادە مۇھىت بولمىسا بولمايدۇ.  ئەگەر ھەممىنى ئالالىغان بولساق، شەھەر سىرتىدىن داچا سېتىۋالالايتتۇق-دە، ئۆزىمىزنىڭ ھويلىسى، ماشىنا قويۇش ئۆيى بولاتتى.

__ ئۇ گەپنى قوي، مېنىڭ غەم قىلىدىغىنىم، ئايرىم ئۆيىمىز بولغاندا خوتۇنۇڭ بىلەن بولۇپ كېتىپ مېنى تاشلاپ قويارسەنمىكىن دەيمەن. شۇڭا ھازىرلا دەپ قوياي، ئۇ ئۆي چوقۇم مېنىڭ نامىمدا بولىدۇ، مەن ئۆلگەندىن كېيىن ساڭا قالدۇرىمەن.

__ ۋاي نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭ ئانا، سېنىڭ دېگىنىڭچە بولسۇن.

__ ئەمىسە بۇ ئىشقا تېزرەك تۇتۇش قىلايلى، ئۇنى ئۆينى سېتىشقا قىستايلى. ئۇمۇ شەھەر سىرتىدىن ئۆي ئالسۇن ياكى شىنجاڭغا كەتسۇن. كۆزىمىزدىن قانچە بۇرۇن يوقالسا شۇنچە ياخشى.

شۇنداق قىلىپ ئانا-بالىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە بۇ ئۆي سېتىلىدىغان بولدى. ئۆينىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئۇمۇ بۇ ئىشنى ئۆزىچىلا ھەل قىلىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ، شۇ كۈنىلا بۇ گەپنى سىچۈەنلىك قىزغا يەتكۈزدى. سىچۈەنلىك قىز ئاشنىسىغا تېلېفون قىلدى.

__ مانا ئەمدى بەختىڭ كەپتۇ مېيزى،__ دېدى ئاشنىسى ھاياجان بىلەن  ۋاقىراپ،__ ئۇ قېرىنىڭ پېشىگە ئېسىل، پۇتلىرىغا سۆي، بارلىق ھۈنىرىڭنى چىقىرىپ ئۇنى رازى قىل. ئالدىڭدا نېمە بولسام بولاي، پەسكەش دەمسەن، سولامچى دەمسەن، نېمە دېسەڭ دە، لېكىن بەختىڭ ئۈچۈن، بەختىمىز ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىڭ كېرەك.  ئەمدى بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويساڭ بولمايدۇ، كەلگەن پۇرسەت ئىككىنچى كەلمەيدۇ، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىمىز،  بۇ شەھەردە ئورنىمىز ئىسسىماي، ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرىمىز.

__ لېكىن ئۇ باشقا يەردىن ئۆي ئالغان بىلەن ئۆينىڭ كېنىشكىسىغا مېنىڭ نامىمنى قوشمىسچۇ؟

__ نامىمنى قوشساڭ ساڭا تېگىمەن، بىر ئۆمۈر خىزمىتىڭنى قىلىمەن دېمەمسەن؟ ئۇ بۇنىڭغا ماقۇل بولسا ئاندىن تېگىسەن ئۇنىڭغا، شەرت قويىسەن، ئالدىراپ بېرىۋەتمەيسەن، ئۇقتۇڭمۇ؟

__ ئۇقتۇم، نومۇسسىز ئەبلەخ،- دەپ كۈلدى مېيزى،__ لېكىن بۇ قېرىنى بەزىدە شۇنداق ھىيلىگەرمىكىن دەيمەن، ئەگەر ئۇ باشتا ماڭا شەرت قويۇپ تۇرۇۋالسىچۇ؟

__ ئۇنىمايسەن، قاچان مەن شۇ كېنىشكىدا ئىسمىمنى كۆرسەم، ئاندىن سەن بىلەن بىللە بولىمەن دەيسەن.

__ ئۇ قېرى ئۆلۈپ كەتسىچۇ؟ ئۆينىڭ ئاخىرقى ئىگىسى كىم بولىدۇ؟

__ ساڭا قالىدۇ-دە، ئۇ ئۆلۈپ كەتكىچە ئۇنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈپ ئوبدان ۋەسىيەتتىن بىرنى يازغۇزىسەن، سوت ئۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

__ ئۆلمەي تۇرۇپ ۋەسىيەت يېزىپ بەر دېسەڭ نېمە دەيدۇ؟

__ ۋاي سەن كالۋامۇ، ئاۋۋال ئۇ قېرىنى ئىندەككە كەلتۈرمەمسەن، قالغىنى كېيىنكى ئىشلار. ئېسىڭدە بولسۇن، ئۇ قېرىنى پادىشاھنى كۈتكەندەك كۈتۈپ، كېچە-كۈندۈز خىزمىتىنى قىل، ئىشلىرىغا ھەمدەمدە بول، ئەڭ باشتا ھازىرقى پاسكىنا ئىشتىن قول ئۈزۈپ، ئۇنىڭ مالىيى بول، كاتىپى بول، ئاشپىزى بول، شۇ ئىشتىن بۆلەك ھەممىنى قىلساڭ بولىدۇ.

                                            10

ئۇلار ۋاسىتىچى شىركەت ئارقىلىق ئۆيلىرىنى باھالىتىپ، ھازىرقى باھاسىدا سېتىپ، پۇلىنى بۆلۈشىدىغاندا يەنە بىر ھازا تالىشىپ، ئاخىر يەنىلا تەڭ يېرىمدىن بۆلۈشىدىغان بولۇپ، ئادا-جۇدا بولۇشتى. ئۇ ساتراشخانىدىن يېنىپ چىققان مېيزىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ، شەھەر سىرتىدىن ئۆي كۆرۈشكە باشلىدى، ئىلاجىنىڭ بېرىچە خوتۇنىدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن، خوتۇنى شەرقتىن ئۆي ئىزدىسە، ئۇ غەربتىن ئىزدىدى ۋە ئاخىر كۆڭلىدىكىدەك بىر رايوننى تاللاپ، بىر قېتىمدىلا پۇلىنى تۆلەپ 60 كۇۋادرات مېتىرلىق ئۆيدىن بىرنى ئالدى. قولىغا  ئازراق پۇلمۇ ئاشتى. ئەتىسى توي خېتى ئېلىپ، بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ئۆينىڭ كېنىشكىسىغا مېيزىنىڭ ئىسمىنى قوشتى، مېيزى ئۆزىگە مىليون يۈەنلىك لاتارىيە مۇكاپاتى چىققاندەك ھاياجانلىنىپ، شەپقەتچىسىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى.

__ مەن دېدىمغۇ، ئەر كىشى دېگەن لەۋزىدە تۇرۇشى كېرەك.

__ مەن ئالدامچىلارنى تولا كۆرۈپ كەتكەچكە، دەسلەپتە ئىشەنمىگەن.

__ سىلە خەقنىڭ تەبىئىتى شۇ.

__ ئەمدى سىزگە خوتۇن بولۇپ، بىر ئۆمۈر خىزمىتىڭىزنى قىلىمەن.

__ مەنمۇ سېنى خوتۇن قىلسام، ھەقىقىي ياشىغاندەك بولىمەن. ئۇزۇن زاماندىن بېرى خەقنىڭ كۆزىگە قاراپ ياشاپ كەلدىم، كۆڭلۈم خالىغاننى قىلالمىدىم، داۋاملىق بۇنداق ياشاپ ئۆلۈپ كەتسەم بولمايدۇ-دە، ھۆكۈمەتكە شۇنچە يىل ئىشلەپ، ئۆيگە ئېرىشىپ، بۇنچىلىك راھەت كۆرسەم بولمامدۇ سەنچە؟

__ بولىدۇ، نېمىشقا بولمايدۇ، سىز چوقۇم راھەت كۆرۈشىڭىز كېرەك. سىز تېخى قېرىپ كەتمىدىڭىز، مەن بىلەن ياشىسىڭىز ياشىرىپ كېتىسىز.

__ شۇڭا سېنى ئالدىم ئەمەسمۇ، ھەقىقىي پەيزىڭنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم.

__ كۆرۈڭ، ئەمدى قانغۇدەك كۆرىسىز.

__ ئۆينى بېزەپ بولغىچە بىرەر ئۆيدە ئىجارە ئولتۇرۇپ تۇرايلى.

__  شۇنداق قىلايلى! ھېلىقى قېرى، سەت خوتۇنىڭىز بۇنى بىلسە نېمە بولۇپ كېتەر-ھە؟

__ نېمە بولسا بولمامدۇ، ئۇنىڭغا ئەرمەك ئىتى بولسىلا بولدى. مېنىڭ نەزەرىمدە ئۇ شۇ ئىتنىڭ ئانىسىغا ئايلىنىپ كەتتى.

مېيزى كۈلۈپ كەتتى.

ئۇلار يېڭى ئۆيىگە يېقىن بىنادىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى باشلىدى. مېيزى ئاشنىسىنىڭ تەلىماتى بويىچە،  قېرى ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ، نەپسى تولۇق قانمىسىمۇ رازىلىق بىلەن چىداپ، ئارزۇ-تەلىپىنى يېڭى ئۆيىگە باغلاپ، كۈندۈزى قېرىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، ئۆي زىننەتلەشكە چۈشۈپ كەتتى. ھەممىنى ئۆز رايى بويىچە بېزەتتى، ماتېرىياللارنى ئۆزى بىر قوللۇق سېتىۋالدى، چىراغ، جۈمەك، ئۆي جاھازلىرى، دېرىزە پەردىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللىدى. ھەممە نەرسە پۈتكەندە رازىمەنلىك بىلەن ئۆينىڭ ئىچىدە چۆگىلىدى، دېرىزىنى كەڭ ئېچىۋېتىپ شەھەر مەنزىرىسىگە خۇشاللىق بىلەن نەزەر سالدى. يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندە ئېرىنى كارىۋاتقا تارتىپ، «مانا بىزنىڭ ئۆيىمىز، بىز نېمىدېگەن بەختلىك» دەپ پىچىرلىدى.

ئۇ ئېغىر خۇرسىندى، سەتەڭ خوتۇنىغا شۇنچە ئىنتىلسىمۇ، ئارمانىغا چۇشلۇق دەرمانى قالمايۋاتقانلىقىنى سېزىپ ئىچى پۇشتى:

__ شۇنداق، ئەمما بۇ كۈنلەرگە ئون يىل، يىگىرمە يىل بۇرۇن ئېرىشكەن بولسامچۇ، سېنى تېخىمۇ رازى قىلىۋېتەتتىم!

مېيزى ئۇنىڭ ئاغزىنى توسۇۋېلىپ:

__ ماڭا بۇنداق گەپلەرنى قىلماڭ، ئۇنداق ئىشلارغا پەرۋايىم پەلەك، سىز بىلەن قۇچاقلىشىپ ياتساممۇ ئۆزەمنى بۇ دۇنيادا چەكسىز بەختلىك ھېس قىلىمەن،__ دېدى. ئەمما ئۇ  بۇ گەپكە ئانچە ئىشەنمىدى، شۈكلەپ قالدى، چىرايىغا ھەسرەت ياماشتى.  مېيزى جىددىيلىشىپ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلدى:

__  ماڭا سىز بولسىڭىزلا بولدى،  بۇنداق ئىشلارنى ئۆزىڭىزگە ھەرگىز بېسىم قىلىۋالماڭ، چۈنكى مەن شۇنى بىلىپ تۇرۇپ سىزگە تەگكەن، سىز مېنى مۇشۇ كۈنگە ئېرىشتۈرگەن شەپقەتچىم، مېنى خەقنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلدۇرغان قەھرىمانىم،  سىزگە بىر ئۆمۈر قەرزدارمەن، مېنى ھەر قانداق ئىشقا بۇيرۇسىڭىز جان دەپ ئورۇنلايمەن،ئارتۇقچە تەلەپلەردە بولمايمەن، ئۇنداق قىلىشقا نېمە ھەددىم؟ بۇنىڭ ھەممىسىگە مەن رازى، مېنى نېمە قىل دېسىڭىز مەيلى، كۆڭلىڭىز نېمىنى خالىسا شۇنى قىلاي، نېمىدىن خوش بولسىڭىز شۇنى تەييار قىلاي…

ئۇ مېيزىنىڭ كۆز ياشلىرىدىن تەسىرلەندى،  يېشىنى سۈرتىۋېتىپ يېنىغا تارتتى. بۇ كۆز ياشلىرىنى يالغان دەي دېسە تېخى. قىزنىڭ مۇلايىمىلىقىنى، رايىشلىقىنى بىلمىگەن بولسا، ئۇنى خوتۇن قىلماس ئىدى. نى نى ياش خوتۇنلارمۇ ئۇنىڭدەك رايىش، ئۇنىڭدەك ئىشچان ئەمەس، مېيزى ھەممىگە رازى بولۇپ كەلدى، چىرايىدىن كۈلكە ئۈزۈلمىدى، ھېرىش-چارچاش ياكى بىزارلىق ھېچ كۆرۈلمىدى، ئازراق چىرايى ۋە بەدىنى بارلاردا كۆرۈلىدىغان ھاكاۋۇرلۇقتىن قىلچە ئەسەر يوق، ئېرىنى كۈتۈشنىلا بىلدى، كۈندە كەچتە تامىقىنى بېرىپ، پۇتىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۈرتۈپ، دۈمبىلىرىنى مايلاپ، سىلىق، چىۋەر قوللىرى بىلەن دولىسىنى تۇتۇپ، ئۈگە-ئۈگىلىرىنى بوشىتىپ، ئىشقىلىپ بارلىق ھۈنەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئېرىنى راھەتلەندۈردى، بۇنداق ئەستايىدىللىق، بۇنداق قىزغىنلىق بىر كۈن داۋاملىشار، ئىككى كۈن داۋاملىشار، ئۇدا ئىككى ئاي داۋاملاشقان نەدە بار؟

__ مەن سېنىڭدىن بەك رازى، ئەمما مەنمۇ سېنى رازى قىلسام دەيمەن-دە!__ دېدى ئۇ مېيزىنىڭ يۈزىنى سىلاپ.

__ سىز مېنى ئاللىبۇرۇن رازى قىلىپ بولدىڭىز، مەن سىزگە بىر ئۆمۈر قەرزدار، خىزمىتىڭىزنى قىلىپ ئۆتۈشتىن باشقا ئارمىنىم يوق.

__ سەن ماڭا ياشلىقىڭنى بەرگەن ئىكەنسەن، مەنمۇ سېنى ماددىي جەھەتتىن رازى قىلىشىم كېرەك. ئىنسان دېگەن مۇشۇنداق بىر-بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ ياشىسا بەختلىك بولىدۇ ئەمەسمۇ!؟

__ توغرا دېدىڭىز، بىز بىر-بىرىمىزنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ بەختلىك بولدۇق، بەخت دېگەن ئەسلى مۇشۇنداق نەرسىكەن.

ئەمما ئۇ مېيزىنى ھەقىقىي رازى قىلىشنى ئويلايتتى، ياشلىقتىكى كۈچ-قۇۋۋەتلىرىنى شۇ يۈزسىز، بەدچىراي، لەش پۇرايدىغان خوتۇنىغا ئىسراپ قىلىۋەتكەنلىكىگە ئېچىناتتى. جاھاننىڭ ئىشلىرى بىر-بىرىگە مۇشۇنداق ئۇدۇللاشمايدىكەن دەپ ھەسرەتلىنەتتى. قېرىغاندىمۇ كۈچ-قۇۋۋىتىدىن قالماسلىقنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنەتتى، جۇڭيى تېبابىتىدىكى دورىلارنى يەپ باقسام دەيتتى،  بىراق ئېلان قىلىنغان دورىلارنىڭ بىرسىگىمۇ ئىشەنمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پات-پات قان بېسىمى ئۆرلەپ قالاتتى، قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتسىمۇ بولمايتتى، ئۇنداق دورىلارنى يېگەن بىلەن ئەكس تەسىرى بولمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ شۇڭا  گۆش يەيمەن چىشىنى تۆكۈۋېلىشىدىن ئېھتىيات قىلاتتى. شۇڭا ئۇ ئۈرۈمچىدىكى بىر ئاغىنىسىگە تېلېفون قىلىپ،  دۆڭكۆۋۈكتە دۇكان ئاچىدىغان بىر تېۋىپنىڭ نومۇرىنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىدى. تىۋىپ ئۇنىڭغا بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، قاننى قىززىتىدىغان دورىلارنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدىغانلىقىنى، بىراق ياشىنىپ قالغانلارنىڭ بۇ ئىشتا سەل ئېھتىيات قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ دورىلارنىڭ ئومۇمەن ئەكس تەسىرىنىڭ يوقلۇقىنى، ئاز-ئازدىن يەپ بەرسە، بىر ھەپتە بولسۇن، بىر ئاي بولسۇن، ئۈنۈمىنى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ، شۇ دورىلاردىن ئەكەلدۈرۈپ ئىستېمال قىلىشقا باشلىدى. باشتا بۇ مەجۇنلار ھەقىقەتەن ئۈنۈم بەردىمۇ ياكى مۇشۇ دورىلارنى يەۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇۋۋەتلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلدىمۇ، روھى كۆتۈرۈلۈپ، ئىشلىرى خېلى ئوڭۇشلۇق بولدى. مېيزىنىڭ ھەيرانلىق ۋە خۇشاللىق چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىدىن ئالەمچە خۇشاللىققا تولدى. ئۇنىڭچە بولغاندا، ياشاشنىڭ ھەقىقىي لەززىتى ئەمدى باشلانغانىدى. ئەمما بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزاققا بارمىدى، ھاياجانلار ئۇزاق داۋاملاشمىدى، ھەر قېتىم شۇ دورىنى يەپ يوتقانغا كىرگەندە قان بېسىمى ئۆرلەپ قېلىپ،  بۇ بېسىمنى چۈشۈرىدىغان خىمىيەلىك دورىلارنى كاپ ئېتىپ، ھەسرەتتىن پۇچۇلىنىپ تولغىنىپ ياتىدىغان بولدى.
__ بولدى، بەك كۈچەپ كەتمەڭ، سالامەتلىكىڭىز مۇھىم،__ دەيتتى مېيزى ئۇنىڭ مەيدىسىنى سىلاپ،__ سىز بۇنداق بىئارام بولسىڭىز، مەن سىزدىن ئۆتە ئازابلىنىپ كېتىدىكەنمەن.

__ مېنى ئۆز ھالىغا باقمايدىغان جاھىل قېرىكەن دەپ قالدىڭ-ھە، ئىست ياشلىقىم، ياشلىقىمدا سېنىڭدەك بىرسىنى خوتۇن قىلالمىغىنىمغا ئىست، شۇ خوتۇنغا كەتكەن كۈچۈمگە، تاپقان بالامغىمۇ ئىست!

مېيزى كۈلۈپ، ئۇنىڭ قوينىغا تىقىلدى:

__ تولا ئاھ ئۇرۇپ كەتمەڭ، كۆڭلىڭىز قېرىمىغان ئادەمسىز، يىگىتتەك ئىش قىلىپ مېنى خوتۇن قىلدىڭىز، بۇنىڭدىن خوش بولمامسىز؟

__ خوشلۇقۇمنى بىر دېمە، ئەمما سېنى خوش قىلىشمۇ مۇھىم ئەمەسمۇ؟

__ ئۇنداق ئويلىماڭ، جىددىيلەشمەڭ، ئۆزىڭىزگە بېسىم پەيدا قىلماڭ، بولمىسا قان بېسىمىڭىزنى يەنە ئۆرلىتىۋالىسىز، كۆڭلىڭىز ئازادە بولسا سالامەت بولىسىز، ئۇزاق بىللە ياشايمىز.

__ كۆڭلۈمنى بەك چۈشىنىسەن -دە، ماڭا قارا،  ساڭا قانچە ئامراق بولغانچە، قېرىلىققا شۇنچە ئۆچ بولۇپ كېتىۋاتىمەن، ئۆلۈمدىنمۇ شۇنچە قورقۇۋاتىمەن. كەل مېيزىم، كۈچ-مادارىم تۈگىگىچە، نەپسىم ئۈزۈلگىچە سەن بىلەن يايراپ ئۆتەي…

                                              11

ئۇ ئۆزىنىڭ  توي قىلىۋالغانلىقىنى خېلىغىچە يوشۇرۇپ يۈرگەن بولسىمۇ،  ئۇ ئىشنى ئىچىگە ئېلىپ كەتكەن خوتۇنى پۇرسەت تېپىپ ئۇنىڭ سەتچىلىكىنى ئاشكارىلىۋەتتى.  پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە سەپداشلىرى، يېڭىدىن تونۇشقان كەسىپداشلىرى ئۇنىڭغا يۆچۈن نەزەردە قاراپ، سوغۇق سالاملىشىپ، كۇس-كۇس پاراڭلىرىنى باشلىدى، بۇ خەقلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلغىلى بولمايدىكەن، دەپ ئويلىدى ئۇ ئەتراپىغا كۆڭۈلسىز نەزەر سېلىپ، غەيۋەت دەستىدىن بىز خەق تاغدا ياشايدىغان مايمۇنلارچىلىكمۇ ئەركىن ئەمەس!

     يىغىن تۈگىگەندە ھېچكىم ئۇنىڭغا قاراپ قويمىدى، پەقەت ھېلىقى چاغدا ئىچىشكەن سەپدىشى بۇرۇنقى قىزغىنلىقى بىلەن ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ ماڭدى.

__ ئاڭلىسام ئۆيۈڭنى سېتىپ، تويمۇ قىلىۋاپسەن.

__ ھەئە، ئۇ ئۆينى تۇتقىلى بولمىدى، جان قاقشاپ كەتتى. شۇڭا كۆڭلۈم تارتقان يەرگە كېتىپ، كۆڭلۈم تارتقان خوتۇننى ئېلىپ ياشىدىم. سەنچە بۇنىڭ نېمىسى يامان، بۇلار نېمىشقا ماڭا بۇنداق يامان كۆزدە قارايدۇ؟

__ لېكىن خوتۇن ئالساڭمۇ تۈزۈكرەك خوتۇن ئالساڭ بولمامدۇ، ساتراشخانىدىن چىققان بىر سىچۈەنلىكنى ئاپتۇ دەيدۇ، راستمۇ بۇ گەپ؟

__ قارا ما خەققە! __ دېدى ئۇ  ئاچچىقتىن زارلاپ،__ بۇ خەقنىڭ ئىچى تارلىقىدىن ئاق نەرسىمۇ قارا كۆرۈنىدۇ! ئەدەم گۈل دەپ قىسقاننى تىكەن دەپ دەسسەشنى ئويلايدۇ. ھەر ئىشنىڭ بىرەر سەۋەبى باردۇر دېمەستىن، ھەممىنى ئۆزىنىڭ  پوقىغا مىلەپ، كۆردۈڭمۇ ما رەسۋاچىلىقنى دەپ چۇقان كۆتۈرىدۇ. 

__ شۇنداق قىلىپ، شۇ خوتۇن بىلەن بولۇپ كەتتىڭ دېگىنە، شىنجاڭغا كېتىپ ئۇيغۇردىن خوتۇن ئالغان بولساڭ  بۇ گەپلەرمۇ چىقمايتتى.

__ بىكار گەپ، ئۇيغۇردىن ئالساڭ، ياش ۋاقتىدا ئالماي قېرىغاندا ئاپتۇ دەيدۇ، ياشراقىنى ئېلىۋالساڭ، ئۆزىنىڭ ساقىلىغا باقماي ياشنى ئېلىۋاپتۇ دەيدۇ، جۇۋاننى ئالساڭ، ئالغاندىكى تايىنلىق قىزنى ئالماي، خەقتىن ئاشقاننى ئاپتۇ دەيدۇ… ۋاي-ۋاي، مەن بىز خەقنى بىلمەمدىمەن؟ شۇڭىمۇ گەپتىن قېچىپ يىراقراق ياشاي دېدىم، شۇنداق قىلساممۇ، گەپتىن قۇتۇلالمىدىم، كۆردۈڭمۇ ئۇلارنىڭ بەدرەڭ چىرايىنى! خۇددى بۇ جاھاندا ئۆزلىرىلا ئاليجاناپ، ئۆزلىرىلا مىللەتنىڭ قەھرىمانلىرى! يېڭى كەلگەنلىرىنىڭمۇ تېخى ماڭا قارىغۇدەك ھالى يوق، ۋۇي خوتۇن تالاق سويمىلار!  گەپ دېگەن ئاشۇنداق يامان نەرسە، بىر دەمدە تارايدۇ، بىر دەمدە يۈزۈڭنى قارا قىلىۋېتىدۇ. مەن بۇنداق ئىشلاردىن سەسكىنىمەن،  ھەر كىم ھەددىنى بىلسۇن، بىر كىمگە باھا بېرىشتىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ پوقىنى ئادالىسۇن، ھېچكىم ھېچكىمگە سوراقچى ئەمەس، شۇڭا ئاۋۋال ئۆزىنى سورىسۇن، بىز قىلغان ئىشلارنىڭ ئوندىن بىرىنى قىلىپ ئاندىن ماڭا بىر نېمە دېسۇنچۇ ئۇ  بەدرەكلەر!؟ مېنى پەس كۆرىدىغان نېمە ھەددى بار؟ مېنىڭ تارىخىمنى، ئەمگەكلىرىمنى بىلەمدىكەن؟ مېنى چۈشىنەمدىكەن؟ شۇڭا ئۇنداقلارنىڭ مۇئامىلىلىرىنى ئوسۇرۇققا تەڭ قىلمايمەن.  يىغىن دېمىگەن بولسا بۇ يەرگە ھەرگىز كەلمەيتتىم.

__ قايناپ كەتمە، جامائەت پىكرىنىڭ ھەممىسى توغرا، ئادىل بولمىسىمۇ، ئۇنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلساڭ بولمايدۇ. چۈنكى بۇ جەمئىيەتتە توپتىن ئايرىلىپ ياشاپ بولالمايمىز، بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەتچىلىك ئېڭى كۈچلۈك. يىراققا كېتىۋېلىپ، ھېچكىم بىلەن ئارىلاشماي يۈرسەڭ جامائەتتىن ئايرىلىپ قالىسەن.

__ ئايرىلسام نېمە بولماقچى؟ جامائەتنىڭ كۆزىگە قاراپ 30، 40 يىل ئۆلچەملىك ياشاپ نېمىگە ئېرىشتىم؟ بەرىبىر يەنە قارىغا بويالدىمغۇ؟ ھېچكىم مېنى بۇ ئادەم ئىلگىرى دۇرۇس ياشىغان دېمىدىغۇ؟ ئون ئىشنىڭ توققۇزىنى توغرا قىلىپ، بىرىنى مۇنداقراق قىلىپ قويسام، ئۇنى ئۆتكۈزۈۋەتمىدىغۇ؟ شەخسىي ئەركىنلىكنى بوغىدىغان، پىتنە-ئىغۋا تېرىشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ئۇنداق جامائەت جەھەننەمگە كەتسۇن!__ دېدى ئۇ يەرگە قېقىلىپ تۈكۈرۈپ، __ مەن شۇ جامائەتنىڭ گېپىدىن قورقۇپ توي چېيى بەرمىدىم. خەق بۇنى چۈشەنمەي، ئۈستۈمدىن گەپ تېپىپ سېسىتتى. شۇنچىلىك ئىش! بىر تاۋاق پولو بەرسە ئاغزى بېسىقىدىغان بۇ جامائەتنىڭ تەمەگەر ئىتتىن نېمە پەرقى؟!

__ ھاي-ھاي، بۇ نېمە گەپ ئەمدى؟!_ دېدى سەپدىشى ئاچچىقتىن تىترەپ،__ جامائەتنى ئۇنداق ھاقارەتلىسەڭ بولامدۇ؟ سەن ئۆلگەندە يەنە مۇشۇ جامائەت ئەسقاتىدۇ جۇمۇ ساڭا دەپ قوياي!

__ تىرىكلىكىمدە ئىززىتىمنى قىلمىغان جامائەت ئۆلگىنىمدە قانچىلىك قايغۇرۇپ كېتەر سەنچە؟!__ دەپ مەسخىرىلىك كۈلدى ئۇ سەپدىشىنىڭ ئۆڭۈپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ،__ شۇلارنىڭ ئىچىدە قانچىسىنىڭ خۇرسەن بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەمسەن سەن؟ مەن جېنىمدا ئۆزەمنى خېلى تۈزۈك ئادەم دەپ قارايدىغان تۇرۇقلۇق، مەندىن بۇرۇن بىرەر نوچام ئۆلۈپ كەتسە، ئىچىمدە خۇرسەن بولىمەن، ھەر نېمە بولسا ئۇنىڭدىن بىرەر كۈن ئۇزاق ياشاپتىمەن دەپ كۈلۈپ كېتىمەن. مانا بۇ ئىنسان تەبىئىتى، باشقىلارنىڭ بېشىغا بىرەر بالا-قازا كەلسە، شۇ ئادەمنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىدىن بۆلەك كۆپىنچە ئادەم ئۆز ھالىغا شۈكرى قىلىپ ھەمدۇ سانا ئوقۇيدۇ، مانا بۇمۇ ئىنسان تەبىئىتى!

__ سەن رەسمى ئالجىپسەن، ئۆزەڭگە ئوخشىماي قاپسەن،__ دېدى سەپدىشى ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قاراپ،__ جامائەت ئىچىدە ياشىمىغاننىڭ جاجىسى مانا، ئەقلىڭدىن ئادىشىپسەن.

__ ئەقلىم جايىدا، سەن راست گەپنى ھەزىم قىلالمايسەن، ئۆزەڭنى ئالداپ ياشايسەن، شۇڭا ساڭىمۇ بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ.

__ كاللاڭدىن راستىنلا چاتاق چىقىپتۇ، خەقلەرنىڭ گەپ تاپقىنى بىكار ئەمەسكەن، بولدى، ئەمدى سەن بىلەن دېيىشىغان گەپ يوق، نېمە قىلساڭ قىل!

__ مەسلىھەتىڭگە رەھمەت، ئۆيۈڭگىمۇ باشلىمايدىغان بولدۇڭ، بوپتۇ، يولىمىز ئايرىم بولسۇن. يولىمىز ئەزەلدىن ئايرىمغۇ بىزنىڭ، قاچان قەستەن بىرلىشىۋالدۇق؟ خوش ئەمىسە…

ئۇنىڭ كەيپى چاغ ئىدى، سەپدىشى ئالىيجاناپ سىياققا كىرىۋالغان بىلەن، غەيۋەتخورلارنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى، ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ، بىرەر بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئېلىپ، غەيۋەت تاغىرىنى تېخىمۇ كۆپ مال بىلەن تولدۇرماقچى ئىدى، بىراق مەقسىتىگە يېتەلمىدى. ئۇ  ئاۋات يوللاردا كېتىۋېتىپ، ھەر تەرەپتە ئالدىراش يۈرگەن مىغ-مىغ ئادەملەرگە نەزەر سالدى. مانا بۇلار غەيۋەت قىلمايدۇ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئوبدان قىلىدۇ، ئاددىي ياشايدۇ، قانائەتچان، ئىشچان، كىم بېشىنى سىلىسا شۇنىڭ قۇلى بولىدۇ. شۇ تاپتا ئۇنىڭ چىرايلىق خوتۇنى مېيزىنى كۆرگۈسى كېلىپ كەتتى.

                                                12                   

ئۇ ئىشىكنىڭ ئالدىغا بېرىپلا ئۆينىڭ ئىچىدىن چىقىۋاتقان تىۋىشتىن سەگەكلىشىپ تۇرۇپ قالدى،  گۇماندەك يامان نېمە يوق، ئۇ  كۆز، قۇلاق، ھەتتا ئالتىنچى سېزىمنىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىدارلارغا ئىگە قىلالايدۇ. ئۇ ئاڭلاۋاتقان ئاۋازلارنى بۇرۇنقى گۇمانلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شۇنداق غەزەپكە كەلدىكى، تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ئاچقۇچنى ئېلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ، ئۇدۇللا ياتاق ئۆيىگە كىردى:  نىلۇپەردەك يۇمران، ياش، چىرايلىق خوتۇنىغا بىر قارا پاقا يامىشىۋالغان بولۇپ، نىلۇپەر بوش ئاۋاز چىقىرىپ تەۋرەپ تۇرسىمۇ، ئۇ ئۆلگۈر پاقا چۈشەي دېمەيتتى، بەلكى ئۇنىڭغا ئۆلىدىغاندەك يېپىشىپ، ھاياجان بىلەن سەكرەيتتى… كىم ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىغا دەخلى-تەرۇز قىلسا، شۇ ھامان لەنەتكە ئۇچراپ،  قان قۇسۇپ ئۆلەتتى…

   ئۇ بۇ رەسۋاچىلىققا ئارتۇق تاقەت قىلىپ تۇرالمىدى، ئاشخانىغا كىرىپ پىچاق ئىزدەۋاتقاندا بېشى پىررىدە قېيىپ يەرگە يىقىلىپ چۈشتى…

ئۇلار ئۆلگۈر ھۇزۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تەڭ ھاياجانلىنىپ، غەلىبە تەنتەنىسى قىلغاندەك ئىڭراپ، توۋلىشىپ بولغاندىن كېيىن مېيزى ئاشنىسىنى ئۈستىدىن ئىتتىرىۋەتتى:

__ ئۆيگە ئۇ كىرسىمۇ نېمىشقا بولدى قىلمايسەن؟

__ كىم ئۇنى بۇرۇن كەلسۇن دەپتۇ، كىم ئۇنى پەيزىمىزنى بۇزسۇن دەپتۇ؟!

__ ئەمدى ھەممىنى يوق قىلدىڭ! نومۇسسىز بىر نېمىكەنسەن؟

__ نېمىنى يوق قىلدىم؟ ئەمدى بۇ قېرى مېنى بۇ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ، ئۆيدىن قۇرۇق قالىدىغان بولدۇم دەمسىنا؟ ھەي كالۋا،  بۇ ئۆي بەرىبىر سېنىڭ، كېنىشكىدا ئىسمىڭ بار، ساڭا ھېچنېمە بەرمەي ھەيدەپ چىقىرالمايدۇ. نەچچە ۋاقىتتىن مەنمۇ چىداپ كەلدىم، ئەمدى سېنى بۇ قېرىغا ھەرگىز تاشلاپ بەرمەيمەن!

__ ھەر قانچە بولسىمۇ، بۇ قىلىقىمىز بەك ئېشىپ كەتتى!

__ قۇرۇق گەپنى قويۇپ ئېرىڭگە بىر قاراپ باققىنا، پالاققىدە قىلاتتى، يىقىلدىمۇ،  نېمە بولدى، بۇمۇ بىر ھېسابتا ئىشىمىزنىڭ ئوڭ كەلگىنى.

مېيزى ئۇنىڭغا چەكچىيىپ، كۇسىرىنى كىيىپلا ئورنىدىن قوپۇپ ئاشخانىغا كىردى.

__ نېمە بوپتۇ؟ ئۆلۈپتىمۇ يا ھوشىدىن كېتىپتىمۇ؟!__ دېدى ئاشنىسى ئىشتىنىنى كىيىۋېتىپ،__  قارىغاندا، سېنىڭ دېگەنلىرىڭ توغرىكەن، ئۇ قېرى سېنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىدىكەن.

__ مەن ھېچنېمىنى بىلمىدىم، سەن كىرىپ قاراپ باققىنا؟!__ دېدى مېيزى ئەنسىزلىك بىلەن.

ئاشنىسى سوقۇشمايلا يەڭگەن باتۇردەك مەغرۇرلۇق بىلەن ئاشخانىغا كىردى:  

__ سەن ئۇنى ئاچچىقى يامان،  قان بېسىمى بار دېمىگەنمىدىڭ!

   __ بۇ ئادەمنىڭ كېسىلى جىق، قان بېسىمىدىن باشقا يەنە،  يۈرىكىدە ئازراق مەسىلە بار. دېمى سىقىلىدۇ، ئۆپكىسىدە چاتاق بار…

__ ئەمىسە ئۆلۈپتۇ.

__ ئۆلۈپتۇ؟ نېمە دەۋاتىسەن سەن؟!

__ ئۆلۈپتۇ، قارىمامسەن چىرايىغا، قارىداپ كېتىپتۇ.

مېيزى ئاشنىسىغا قاراپ داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى:

__ ئەمدى قانداق قىلىمىز؟

__ ئۆزى ئۆلدى، قانداق قىلاتتىڭ، تونۇشلىرىغا خەۋەر قىلىسەن.

__ مەن ئۇنىڭ ئۆلگىنىگە ئىشەنمەيمەن،__ دېدى مېيزى كۆزىگە ياش ئېلىپ،_ ئازراق تىنىقى بار، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى. 

__ ساراڭ بولدۇڭمۇ؟!__ دەپ ۋاقىرىدى ئاشنىسى،__  دوختۇرخانىغا ئاپارغىنىڭ بىلەن ئاز پۇلغا ساقايمايدۇ، ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالسا بىر ئۆمۈر باقمىساڭ بولمايدۇ، ئۇنىڭغا تاماق يېگۈزۈپ، پوق-سۈيدۈكلىرىنى ئادالىمىساڭ بولمايدۇ. ئۆزەڭگە ئىش تاپىسەن، مەقسەتكە يەتتۇق، بولدى، ئەمدى ئويۇنىمىزنى يىغىشتۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى.

مېيزى يەردە ياتقان شەپقەتچىسىنىڭ جان دىدارى قالمايۋاتقان يۈزىگە قاراپ ئىختىيارسىز يىغلىۋەتتى.

__ بولدى قىل، سەن تېخىچە ھوشۇڭغا كېلەلمەيۋاتىسەن، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئوڭشىلىپ قالىسەن.

__ بىز ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتۇق!…بىز ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتۇق!…__ دەپ ئېسەدەيتتى مېيزى.

__ بولدى قىل دەيمەن!__ دېدى ئاشنىسى تېرىكىپ،__  ئۇنىڭ كېسىلىنى بىز پەيدا قىلدۇقمۇ؟ ئۇنى بىز يىقىتىۋەتتۇقمۇ؟ ئۆزى ئۆلدى، ئۇقتۇڭمۇ، ئۆزى ئۆلدى، ئۆزىنىڭ ئەجىلى بىلەن ئۆلدى. ئەگەر سەن مۇشۇنداق دەپ ئىشنى يوغانتىدىغان بولساڭ، ھەممىدىن قۇرۇق قالىسەن، ھەتتا ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە كىرىسەن، شۇڭا ۋاقتىدا ھوشۇڭنى تاپ!

__ لېكىن ئۇ بۇنداق ئۆلسە بولمايتتى…

__ قانداق ئۆلسە بولاتتى؟! ئۇنىڭ قانداق ئۆلۈشىنى سەن بەلگىلەپ بېرەمتىڭ؟ قانداق سەۋەب بىلەن ئۆلسۇن، ئادەم ھامان ھېچكىم ئويلىمىغان بىر سەۋەب بىلەن ئۆلىدۇ. سەن بۇ ئىشنى تولا مۇرەككەپلەشتۈرمە، ۋىجدانىم بار دەپ ئۆزەڭنى ئالدىما، ۋىجدان دېگەنگە ھازىر قورساق تويمايدۇ، قورساق تويغۇزۇشقا يارايدىغاننىڭ ھەممىسى ۋىجدان ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ھەممە نەرسە سودا، ھەممە نەرسە ئۆزئارا قاندۇرۇش. ئۇ  بىر نەچچە ئاي بولسىمۇ قوينۇڭدا ھۇزۇرلىنىپ ياشىدى، سەنمۇ ئېرىشىدىغانلىرىڭغا ئېرىشتىڭ، بولدى ئەمەسمۇ؟!

__ ئۇ ياخشى ئادەم ئىدى….

__ مەنمۇ ئۇنى يامان دېمىدىمغۇ؟ شىنجاڭلىقنى ئوغرى، قاراقچى دەيتتىم، بۇ ئادەم كونا كادىركەن. بۇنداق ئادەمگە مېنىڭمۇ ھۆرمىتىم بار، گەنجىڭ قېرىكەن، دېگىنىنى قىلالايدىكەن، بۈگۈنمۇ مانا مەن بىلەن ئېلىشىمەن دەپ مەرتلىك بىلەن ئۆلدى. ئەگەر ئۇ ئىزدىگەن نەرسىسىنى تاپالىغان بولسا، مەن قۇچىقىڭدا ئۆلەتتىم. سېنى شۇنچىلىك سېغىنغاچقا نېمە بولسا بولسۇن دېدىم، سېنىڭ شۇنچىلىك پەيزىڭ بولغاچقا، بۇ قېرى مېنى ئۆلتۈرىمەن دەۋاتسىمۇ ئۈستۈڭدىن چۈشمىدىم…

__  نومۇسسىز…

__ سەنمۇ نومۇسسىز، ئىككىلىمىز نومۇسسىز، ئەمدى بولدى قىل، ئاقىۋىتىڭنى ياخشى ئويلا، بىر دەمدىن كېيىن بۇ قېرىنىڭ تونۇشلىرىغا خەۋەر قىل، يىغلايدىغان ئىش بولسا شۇ چاغدا يىغلا، بولمىسا ھېلى كۆزۈڭدىن بىر تامچە ياشمۇ چىقمايدۇ…

__ مەن قورقۇۋاتىمەن… بۇرۇنقى خوتۇنى چوقۇم مەندىن گۇمانلىنىدۇ، شۇڭا… شۇڭا بۇ ئادەمنىڭ ئۆلۈكى بۇ يەردە… بۇ ئاشخانىدا تۇرسا بولمايدۇ. دوختۇرخانىغا ئاپىرىشىم كېرەك…

__ مەنمۇ بۇ ئۆلۈكنى بۇ يەردە قالسۇن دېمىدىم، ئۇنىڭ تېلېفونىنى ئال، بىرەر تونۇشىغا دەرھال تېلېفون بەر، نېمە بولدى دېسە، توساتتىن ئايلىنىپ يىقىلىپ چۈشتى، دوختۇرخانىغا ئاپىراي دېسەم كۆتۈرەلمىدىم، خەقلەر ياردەم بەرمەيدىكەن، ئۆزەم يالغۇز قالدىم…دەپ يىغلا.

                                        13    

     ئۇ تېخى تۈنۈگۈنلا تىللىغان جامائەت ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ  «تۈنۈگۈنلا تېخى يىغىنغا قاتناشقان، قانداق ئۆلۈپ كېتىپتۇ؟ نېمە بولۇپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ؟ كېسەلمىكەن ياكى بىرسى قەستلەپتىمۇ؟…» دەپ غولغولا قىلىشتى. قېرى تەتەي بىلەن ئوغلىنىڭ ھېسسىياتى ھەممىدىن مۇرەككەپ، گۇمانى ھەممىدىن كۈچلۈك ئىدى، شۇڭا مېيىتنى يەرلىكىگە قويۇشقا قوشۇلماي، بۇ ئۆلۈمنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلايمىز دەپ ساقچىغا مەلۇم قىلدى،  قانۇن دوختۇرلىرى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، «ھېچقانداق يېرىدە زەخمە ياكى زەھەرلەنگەن ئالامەتلەر يوق، مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلگەن» دەپ ھۆكۈم چىقاردى، مېيزىمۇ ئۇنىڭ كېسەل ئارخىپلىرىنى كۆرسىتىپ، قان بېسىمى، يۈرەك تىقىلمىسى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. مېيتنى ئۇزاتقان كۈنى قېرى تەتەي ياش تەتەيگە نەشتەردەك قادىلىپ، سەن بىلەن سوتتا كۆرۈشىمىز دەپ جەڭ ئېلان قىلدى، مېيىت خۇيزۇ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىپ، ئىككى مېتىر يەرلىكىدە يېتىپ بولغىچە، جامائەتنىڭ دۇئاسى تۈگەپ بولغىچە  ئىككى تەرەپنىڭ شۇ ئۆيگە مۇناسىۋەتلىك يوشۇرۇن ئىستەك ۋە پىلانلىرى سوقۇلۇپ بولدى.

  ئۇزاق ئۆتمەي قېرى تەتەي سوتقا ئەرز سۇنۇپ، مېيزىنىڭ ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقىنى، قانۇن دوختۇرلىرىمۇ بىلەلمەيدىغان بىر ئۇسسۇل بىلەن ئېرىنى يوشۇرۇن قەستلەپ، بالدۇر ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغانلىقىنى، شۇڭا مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ، ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. سوت بۇ دەۋانى قوبۇل قىلىپ، مېيزىنى تۇتۇپ تەكشۈردى، مېيزى ئاشنىسىنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە ۋىجدانىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئېرىنىڭ ھەقىقەتەن كېسەل بىلەن تۇيۇقسىز ئۆلگەنلىكىدە چىڭ تۇردى، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقەتەن ئۆز رازىلىقى بىلەن بولغانلىقىنى، ئۈچ ئايدىن كۆپ بىللە ئەر-خوتۇن بولۇپ ياشىغانلىقىنى تەكىتلەپ، توي خېتى ۋە چۈشكەن بەختىيار سۈرەتلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۆزىنى ئاقلىدى. تەپتىشلەر ئۇنىڭ كۆرسەتكەن ئىسپاتلىرىنىڭ راستلىقىنى دەلىللەپ، ئەرز سۇنغۇچىنىڭ پاكىتلىرى يېتەرسىز دەپ ئۇنى قايتۇرۇۋەتتى. تەتەيخان يەنە بولدى قىلماي، قايتا ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، ئوخشاشلا رەت قىلىندى.  ئانا-بالا ئىككىسى ئۇ مۈلۈكتىن ھېچنېمە ئۈندۈرەلمەي «سەتەڭگە بۇزۇلۇپ ئۆز بېشىغا چىققان ئۇ قېرى ئەبلەخ»نى تىللاپ، قارغاپ، لەنەتگەردى قىلىۋەتتى.

مېيزى ئۇ قېرىنىڭ ھامان ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنسىمۇ لېكىن بۇ رەسۋاچىلىقنى كۆرۈپلا جېنىدىن جۇدا بولىدىغانلىقىنى قەتئىي ئويلاپ باقمىغانىدى. ئۇ قېرى نېمىلا دېگەن بىلەن مېيزىنى جېنىدەك ئەتىۋارلاپ، خەقنىڭ گېپىگە قارىماي خوتۇن قىلىپ، ئۆيگە ئېرىشتۈرۈپ، سېنى رازى قىلىمەن دەپ شۇنچە كۈچەپ كەتكەن ۋاپادار قېرى، ئەزىمەت قېرى، نوچى قېرى ئىدى، مېيزىنىڭ باشقا ئەرنىڭ ئاستىدا ياتقىنىنى كۆرۈپ جېنىدىن تويغانىدى. غەزەبلەنمىگەن، پىچاققا قول ئۇزاتمىغان بولسا، قاراگەدەننىڭ پاتىڭىغا بىرنى قويۇپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن بولسا، مېڭىسىگە قان چۈشمەيتتى. مېيزى ئۇنىڭ ئايىقىغا يىقىلىپ گۇناھىنى تىلەپ، بۇرۇنقىدىمۇ بەك بەجانىدىللىق بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلغان بولاتتى. قاراگەدەن ئاشنىسى ئۇ قېرىدىن ھامان مۇشۇنداق ئۇسۇلدا ئۆچ ئالىدىغاندەك، ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ كونتورۇللۇقىغا ئېلىپ، ئىشلارنى تەمكىنلىك بىلەن جۆندەپ، بىر دەمدىلا مەقسىتىگە يەتتى. بۇ ئۆيگىمۇ مېيزى بىلەن تەڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ بولدى.

مېيزى ئۇ قېرى بىلەن بىللە ياشاش جەريانىدا ئۇنىڭ ئېسىللىكىنى، مەرتلىكىنى، خۇشچاقچاقلىقىنى بۇرۇنقىدىن بەك بىلگەن، مىللەت ئايرىمايدىغان كەڭ قورساقلىقىدىن سۆيۈنگەن، ئۆزىمۇ ئۇنىڭ گېپى بويىچە چوشقا گۆشى يېمەي، قوي، كالا گۆشى يەپ، ئۇنى ھۆرمەتلەپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق ئېتىپ يەپ، بىللە يېتىپ پاراڭلاشقاندا، كەچمىشلىرىنى  ئاڭلىغاندا، قىززىق گەپلىرىنى ئاڭلاپ تېلىقىپ كۈلگەندە ئۆزىنى ھەقىقەتەن بەختىيار ھېس قىلىپ،  ئاشنىسىنى ئانچە ئويلاپ كەتمەيتتى، ھەتتا ئۇنىڭ تولا تېلېفون قىلىپ كاپىلداپ، خاتىرجەملىكى ۋە خۇشاللىقىنى بۇزۇشىنى خالىمايتتى. ئۇ نەچچە قېتىم ئۆيۈڭگە بارىمەن دەپ تېلېفون قىلغاندا، مېيزى رەت قىلغان،  سىرتتا ئەرزان باھالىق ياتاقتا ئۇنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇپ، ئارقىدىن ئازراق پۇشايمانمۇ قىلغانىدى. ئەمما ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ كېتەلمەيتتى، ئۇنىڭ بىلەن مەخپىي كۆرۈشۈپ تۇرسا، ئۇنى ھەم ئۆزىنى رازى قىلىپ، قېرىدىن كۆڭلى قالغان يەرلىرىنى تولۇقلىۋالىدىغاندەك ھېس قىلاتتى. ئۇ كۈنى ئۇ مېيزىغا ”يېنىڭغا چوقۇم بارىمەن، ئۆينى كۆرىمەن“ دەپ تۇرۇۋالدى. مېيزى باشتا ئۇنىمىدى. كېيىن ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئىچى پۇشۇپ، قېرىغا تېلېفون قىلىپ كەچلىك تاماقنى قانچىگە تەييار قىلىپ قويىدىغانلىقىنى سورىدى. يىغىندىن ئەمدىلا چىقىپ، سەپدىشى بىلەن بىرەر رومكا ئىچىشىۋېلىشنى ئويلىغان قېرى ”كەچرەك بېرىشىم مۇمكىن، ماڭا قارىماي ئۆزەڭ ئېتىپ يەۋەر“ دېدى. كىم بىلسۇن، يولدا سەپدىشى بىلەن گەپ تالىشىپ قېلىپ، ئۆيىگە بۇرۇن قايتتى. ھاراقنىڭ خۇمارىدىن خوتۇنىنىڭ خۇمارى كۈچلۈك كەلدى، قايسى خۇمار كۈچلۈك بولسا نەق شۇ يەردە توزاق قۇرۇلدى، ئەجەللىك توزاق…

سەپدىشى ”شۇ كۈنى ئۇنى ئۆيىگە باشلىۋالغان بولسام، تالاشساقمۇ، ئۇرۇشساقمۇ بىر دەم مۇڭدىشىۋالاركەنمەن“ دەپ ھەسرەتلەندى. ئەگەر ئۇنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى بىلگەن بولسا، ئۆزىنى قاتتىق ئەيبلىگەن، ئۇنىڭغا بەكرەك گۇناھنى ئارتىپ، ئۆزىگە تەسەللىي بەرگەنمۇ بولاتتى. بىلمىدى، بىلمەيلا قالدى. بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، يىغىپ قويغان بىر مۇنچە كىتابلىرى، خەت-چەكلىرىنى رەتلىدى. ئەسلىدە مېيزى بۇلارنىڭ ئارىسىدىن ۋەسىيەتكە دائىر بىرەر ۋەسىقە چىقىپ قالارمىكىن دېگەن ئۈمىدتە ئاختۇرۇپ، ھېچنېمە تاپالمىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە يېزىق بىلىدىغان بىرسىگە ئۇنىڭ خەت-چەكلىرىنى ئوقۇتۇپ بېقىشنى ئويلاپ، سەپدىشىغا تېلېفون قىلغانىدى. سەپدىشى ئۇنىڭ كونا كىتابلىرى، لۇغەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەچ، 10 يىلنىڭ مابەينىدە بىرمۇ يېڭى كىتاب ساقلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاخىرقى ئۆمرىدە ئۇنىڭ كىتاب دېگەن نەرسىدىن رايى يېنىپ كەتكەنلكىنى ھېس قىلدى. ساقلىغان كىتابلىرىنىڭ تولىسى ئۆزى ھۆرمەتلەيدىغان پېشقەدەملەرنىڭ قولى تەگكەن ياكى ئۆزى تەھرىرلىگەن كىتابلار ئىدى. خەت-چەكلىرىنىڭ تولىسى يېڭىدىن بېيجىڭغا كەلگەندە يۇرتتىكى قېرىنداشلىرى، دوست-يارەنلىرى بىلەن يېزىشقان خەتلەر بولۇپ، تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيماي ساقلاپ قويغاندەك قىلاتتى.

__ بۇ كىتابلارنى مەن ئېلىپ كەتسەم بولامدۇ؟__ دېدى سەپدىشى.

__ بولىدۇ، بۇ يەردە تۇرسا ئىسراپ بولىدۇ.

__ ئۇ بۇ كىتابلارنى بىرەر يەرگە ئىئانە قىلىۋېتىش توغرۇلۇق گەپ قىلغانمىدى؟

__ ياق، لېكىن ئۇ بۇ كىتابلارنى بەك ئاسرايتتى.

__ خەت-چەكلىرىنى قانداق قىلىمىز؟ كۆيدۈرۈۋېتەمدۇق؟

__ قانداق خەتلەركەن، ماڭا مۇناسىۋەتلىك بىرەر نەرسە يوقمىكەن؟

__ يوقكەن، ھەممىسى كونا سالام خەتلەر ئىكەن.

مېيزىنىڭ چىرايىنى مەيۈسلۈك قاپلىدى.

__ لېكىن بىر قانچە خاتىرىسىنى تاپتىم، بىرسىنى يېڭىدىن يازغاندەك قىلىدۇ. شۇنىڭغا قاراپ باقساق بولىدۇ.

__ ئەمىسە ھازىر ئوقۇپ باقسىڭىز.

سەپدىشى خاتىرىلەرنىڭ كونىسىنى كىتابلار ئارىسىغا سېلىپ، يېڭىسىغا كۆز يۈگۈرتۈپ باقتى، چىسلاسىنى يازمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەزمۇنىدىن قارىغاندا يېقىندا يازغانلىقى چىقىپ تۇراتتى:

ئادەم ئەركىنلىككە ئېرىشىمەن دەيدىكەن، كونا زامان، كونا ئادەتنىڭ قۇللۇقىدىن، يىللاردىن بېرى ئۆزى شەكىللەندۈرۈۋالغان تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلۇشى كېرەك ئىكەن، ئەمما بۇ ھەقىقەتنى 65 يىلدىن كېيىن تونۇپ يەتتىم، بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن مەنىسىز ھاياتىم ۋە خىزمىتىمگە تولىمۇ ئېچىندىم. تۈزۈك جاھان كۆرۈپ باقماپتىمەن، ئامېىرىكا، ياۋروپالارغا چىقىپ باقماپتىمەن، بىرەر يۈز كىشلىك ئادەمنىڭ ئالدىدا تەرجىمە، تەھرىرلىك خىزمىتىم ھەققىدە دوكلات بېرىپ باقماپتىمەن؛ ئالتاي، تارباغاتاي، تاشقورغان… قانداق يەرلەر كۆرۈپ باقماپتىمەن. بۇ يەرنىڭ توپىسى  ئېغىر كەلدى، سەددىچىننىڭ سىرتىدا ئات چاپتۇرۇپ يۈرۈيدىغان نوچى قەۋمنىڭ ئۇرۇق-پۇشتى تۇرۇپ، سەددىچىن سىرتىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالماي، مەڭگۈ بىر يەرگە بېكىنىپ ئۆتكەن قەۋمنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كەتكىنىم قىززىق. گۇگۇڭنىڭ خانلىق تەختىدە 50 يىلدىن ئارتۇق ئولتۇرغان كاڭشى، چيەنلۇڭدەك، روسىيەدىن باشقا يەرگە چىقىپ باقمىغان ماۋزېدۇڭدەك، پايتەختنى بېسىپ يېتىپتىمەن، يېتىپتىمەن، بىر ياتقانچە 40 يىلدىن ئارتۇق يېتىپتىمەن. سىنىپ، مىللەت تەركىۋى ئايرىماي، كوممۇمىزملىق غايىنى تىكلەپ قويۇپ، مۇشەققەتلەرگە پەرۋا قىلماي، ئۈمىدۋار ياشاپتىمەن.  قېرىپتىمەن، بولغان ئۆزگىرىش مانا شۇ، مەن قېرىغانچە دەۋر ياشلىشىپ كەتتى. تەرەققىياتلار  تېزلىشىپ كەتتى،  ئۆينىڭ باھاسى ئۆسۈپ، ئۆمۈر بويى ئالغان مائاش، مۇكاپاتلىرىمنى ئون ھەسسە قاتلىۋەتتى. بەزى نەرسىلەر كونىرىغانچە قىممەت تاپسا، بەزى نەرسىلەر خاراپ بولىدىكەن، يوقاتقانلىرىم كۆپ بولدى، ئېرىشكەنلىرىم ئاز بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا قانائەت تاپتىم. پۇتۇمنى ئاغرىتقان كونا كەشنى تاشلىۋېتىپ، يۇمشاق چىمەنلىككە دەسسىدىم، نىلۇپەر گۈلىنى پۇرىدىم، نەپەسلىرىم ئېچىلدى، گويا 18 ياش ھالىتىمگە قايتتىم،  يېنىمدا بىرى يىگىتلىكىمگە مەدەت بېرىپ تۇرسا، ياشارماي تۇرالامدىم؟ ئاھ يىگىتلىك، سېنى نەقەدەر سېغىنغانلىقىمنى بىر بىلسەڭ!

خاتىرە مەشەگىچە يېزىلغانىدى، قارىغاندا خاتىرە يېزىشقا خوشى بولمىسىمۇ،  يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىغان كۈنلەردە خۇشاللىقىنى باسالماي، بەزى تۇيغۇلىرىنى خاتىرىلەپ قويغانىدى.

_ بۇ خاتىرىدىمۇ مىراس توغرۇلۇق گەپ يوقكەن،_ دېدى ئۇ مېيزىنىڭ  تەلمۈرۈشلىرىگە جاۋابەن،- لېكىن قانۇنلۇق توي قىلغان بولساڭلار، ئۆينىڭ كېنىشكىسىدا ئىسمىڭىز بولسا بۇ ئۆي سىزگە تەۋە بولىدۇ.

سەپدىشى كىتابلارنى بىر نەچچە يەشىككە قاچىلاپ ئېلىپ كەتتى، قالغان ئۇششاق كىتاب، خەت-چەك، پارچە-پۇرات نەرسىلەردىن مىراس توغرۇلۇق ھېچنېمە تاپالمىغان، ھېچنېمە بىلەلمىگەن مېيزى بىر نەچچە كۈن قاراپ بېقىپ، ئاخىر ھەممىسىنى ئەخلەتكە چۆرىۋەتتى. قارا گەدەن ئەمدى ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئىشچىلار ياتىقىدىن بىراقلا كۆچۈپ كېلىپ،  مېيزىغا ۋە بۇ ئۆيگە ئىگە بولدى. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندە مېيزىغا ئۆينىڭ كېنىشكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قوشۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

__ مەن تېخى تۇل خوتۇن،_ دېدى مېيزى،- سەن بىلەن ھېچقانداق قانۇنىي مۇناسىۋىتىم يوق.

__ توي قىلىمىز، توي خېتى ئېلىۋالساقلا بولدى.

__ ماڭا مۇشۇنداقلا ئىگە بولماقچىما، توي قىلىسەن، راۋرۇس توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىمىز، شېرىن ئاي ساياھىتىگە چىقىمىز.

__ نېمە دەيدىغانسەن؟ ئۇ قېرى ساڭا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بېرىپتىكەنمۇ؟ سېنى ياۋرۇپاغا ئەچىقىپتىكەنمۇ؟

__ ئۇنداق قىلمىغان بىلەن،  مېنى مۇشۇ ئۆيگە ئېرىشتۈردىغۇ؟ كۆزۈڭ كۆرمەيۋاتامدۇ؟

__ بۇ ئۆيگە سېنى ئېرىشتۈرگەن كىم؟ مەسلىھەتنى ساڭا سالغان كىم؟ ساڭا ھەيدەكچىلىك قىلغان كىم؟

__ توغرا، سەن مەسلىھەت بەردىڭ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ھەممىگە ئىگە بولىمەن دەپ ئويلىما،- دېدى مېيزى قاپىقىنى تۈرۈپ،_ سەن ئويلىغاننى مەنمۇ ئويلىغان، ئەگەر ئۆزەمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن بولسا، سېنىڭ دېگىنىڭدەك قىلمايتتىم.

__ قارا ماۋۇ يۈزسىزنى،  شۇ ئەقىلنى مەن ئۆگەتمىگەن بولسام، كاللاڭ ھېچنېمىگە ئىشلىمەيتتى، ئۆمۈر بويى خەقنىڭ سېسىق پۇتىنى يۇيۇپلا ئۆتۈپ كېتەتتىڭ!

__ تولا چوڭچىلىق قىلما، مېنى شۇ قېرىنىڭ قوينىغا ئىتتىرگەن سەن ئەمەسمۇ؟ سەندىن شۇ چاغدىلا رايىم يېنىپ كەتكەن. بۇنداق دېسەم، ھەممىنى سەن ئۈچۈن، بىز ئۈچۈن قىلغان دەيسەن. لېكىن ئۆزەڭنى مىڭ ئاقلىساڭمۇ، بۇرۇنقى ھېسسىياتىمنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيسەن.

__ دېمەك، شۇ قېرىنىڭ قوينىغا كىرىپ، مېنى ئۇنتۇپ قالدىڭ دېگىنە! ئۇنى تېخىچە ئەسلەپ، ماتەم تۇتۇپ يۈرۈۋاتامسەن؟

مېيزى گەپ قىلمىدى، ئۇ گەپ قىلمىغانچە قارا گەدەن تېخىمۇ تېرىكىپ كەتتى:

__ سەن نېمانداق دۆت دەيمەن، كىمنىڭ ئاستىدىن يېتىپ چىقساڭ شۇنى ياخشى كۆرۈپ قالامسەن؟ ئۇ قېرى ئۆلدى، كەتتى، مەن بىلەن بەختلىك ياشايدىغان ۋاقتىڭ كەلدى، ھەممە ئىشىمىز ئىزىغا چۈشتى، كەلگۈسىدە قانداق ياخشى ياشايمىز، مانىڭ غېمىنى قىلماي، نېمىنى تالىشىپ يۈرىمىز دەيمەن؟

__ بۇ ئىشلار تېخى بېسىقمىدى، قېرى تەتەي ماڭا كۆز تىكىپ تۇرىدۇ، بىر نەچچە يىل ئۆتسۇن، ئاندىن سەن دېگەندەك بولسۇن…

__ بىر نەچچە يىل؟ نېمەدەپ جۆيلۈۋاتىسەن سەن؟ شۇنىڭغىچە مەن بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى ئەمەس، شۇنداقمۇ؟ ئاچقۇچنىمۇ بەرمەيسەن، خالىساڭ كىرگۈزۈپ خالىغاندا ئىتتەك قوغلايسەن، شۇنداقمۇ؟

__ ئارىلىقتا كېلىپ تۇرساڭ بولىدۇ، لېكىن توي خېتى ئالىمەن، كېنىشكىغا ئىسمىمنى قوندۇرىمەن دەپ مېنى قىستىمايسەن. مېنىڭمۇ بۇ شەھەردە ئەركىن-ئازادە ياشىغۇم بار.

قاراگەدەن ئۇنىڭغا باشقا ئايالغا قارىغاندەك، ئۆزى تونۇيدىغان بىرىنى تونۇپ بولالمايۋاتقاندەك ھاڭۋېقىپ قارىدى. ئاندىن ئۇشتۇمتۇت غەزەبلەندى:

__ مۇنداق دە، ئۆيۈم بولدى دەپ مېنى ياراتمايۋاتىسەن-ھە! قارا ئىشچى دەپ مېنى كۆزگە ئىلمايۋاتىسەن-ھە! قاراپ تۇر، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۆيگە ئۆزەمنىڭ ئۆيىگە كىرگەندەك كىرىمەن، خالىسام ئاشنا، خالىسام خوتۇن قىلىمەن، ئوينايمەن، يايرايمەن، تامىقىڭنى يەپ، مۇنچاڭدا يۇيۇنۇپ ئاندىن ئىشقا بارىمەن. غىدىڭ-پىدىڭ قىلىدىغان بولساڭ، كۆرگۈلۈڭنى كۆرسىتىمەن!

مېيزى ئۇنىڭ ئەلپازىغا قاراپ سەل قورقسىمۇ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ:

__ خالىغىنىڭنى قىل –دەپ قويدى.

__ شۇنداق قىلىمەن!_ دېدى قارا گەدەن چاپىنىنى ئارتىپ چىقىپ كېتىۋېېتىپ.

ئۇ كەتكەندىن كېيىن مېيزى ئۇزاققىچە ئويغا چۆكۈپ، ئۆينىڭ تۆت تېمىغا قاراپ ئولتۇردى. ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن بۇ چوڭ شەھەردە زېرىكىپ، تەبىئىي ئىنتىلىپ،  يۆلەنچۈك ئىزدەپ…ئارىلىشىپ قالغانىدى، مانا ھازىر بىزار بولدى، شۇنداق بىزار بولدىكى،  ساتراشخانىدىكى كۈنلىرىدىن قانداق يىرگىنگەن بولسا، ئۇنىڭدىنمۇ شۇنداق يىرگىنىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ بەختىيار ياشىيالىشىغا ھېچ كۆزى يەتمىدى، بۇرۇنمۇ كۆزى يەتمەيتتى، ئىشەنمەيتتى، كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىمۇ كەلمەيتتى. كۈن ئۆتكۈزسىلا ھېساب ئىدى، بۇ كۈننىڭ خۇشال ياكى كۆڭۈلسىز ئۆتۈشى بىلەن ئانچە كارى يوق ئىدى. ھازىر ئۆيى بار، پۇلى بار بولدى، كۆزى ئېچىلىپ، تېخىمۇ مەنىلىك، تېخىمۇ ئەركىن، تېخىمۇ ئېسىل ياشاشنى ئويلايدىغان بولدى.

قارا گەدەن ئۇنىڭغا بىر قارا سايە، غەم-غۇسسە، بېسىم، ئاخىرى چىقماس ئەنسىزلىك قالدۇرۇپ قويۇپ كەتتى. ھەر قېتىم كەلسە ئۆزىنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، ئۆيگە كىرىپلا ياۋايى نەپسىنى قاندۇرۇپ، رەتلىك، پاكىز ئۆينى مەينەت قىلىۋېتىپ كېتەتتى.  تەر پۇراپ كېتىپسەن، يۇيۇنۇپ بولۇپ كەل دېسە، سەن مېنى يەنە كەمسىتىۋاتىسەن، شۇنداق دېگىنىڭ ئۈچۈنلا يۇيۇنمايمەن دەپ، زورلۇق قىلاتتى. ئۇ كەتكەندىن كېيىن مېيزى كارىۋاتتىن قوپماي ئاچچىق خىيال سۈرۈپ ياتاتتى.

ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن قاراگەدەن يەنە قۇرۇلۇش ئورنىدىن شاپاشلاپ كېلىپ ئىشىكنى چەكتى، ئىشىك ئېچىلمىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئاخشىمى يەنە كەلدى، دېرىزە قاراڭغۇ ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئىشىكنى چېكىپ باقتى، ئېچىلمىدى. يۈرەكلىرى ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ پەرىزى توغرا ئىدى، مېيزى ئۆينى سېتىپ نەلەرگىدۇر كەتكەنىدى. ئاخىرقى قېتىم ئىشىكنى چەككەندە ئىشىكنى ئاچقان خەنزۇ ئۇنىڭغا گۇمان، ئەنسىزلىك بىلەن قاراپ: كىمنى ئىزدەيسەن؟ دېگەندىلا، «مېي… مېي» دەپ ئاغزىنى ئۆمەللەپ تۇرۇپ قالدى، پاچاقلىرى تىترەپ، غەزىۋى چېكىگە يەتتى.

ئۇ قۇرۇلۇش ئورنىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن قولى زادىلا ئىشقا بارمىدى، دىققىتىنى بىر يەرگە يىغالماي ئىشنى خاتا قىلىپ دەككىسىنى يېدى. خوجايىنى: سەن بۇنداق ھاڭۋاقتىلىق قىلىدىغان بولساڭ قۇرۇلۇش جازىسىدىن موللاق ئېتىپ، ئۆلۈكۈڭنى ئارتىسەن دەپ ئۇنى يەردە تۆمۈر كەسكىلى قويدى. ئۇ بۇ يەردە بىر نەچچە مۇددەت چىداپ ئىشلەپ، ئىش ھەققىنى مىڭ تەسلىكتە ئالغاندىن كېيىن مېيزىنى ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلاندى.

تۆت ئاي ئۆتكەندىن كېيىن«چېڭدۇ كەچلىك گېزىتى»گە بىر قاتىللىق خەۋىرى بېسىلدى. ئۆلگۈچى پۇت ئۇۋىلاش مەركىزىنىڭ ياش ئايال خوجايىنى؛  قاتىل، 33 ياشلاردىكى ئەر بولۇپ، كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەر شۇ كۈنى ئاخشىمى پۇت ئۇۋىلاش مەركىزىگە كىرىپ، خوجايىن بىلەن قاتتىق سوقۇشقان. ئاندىن ئۇنى  ئايرىم بىر خانىگە سۆرەپ ئەكىرىپ، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالغان، ئايال باشتا ۋاقىراپ-جاقىراپ، كېيىن جىمىقىپ قالغان. ساقچىلار يېتىپ كەلگەندە ئايال ئۆلگەن، ئەر تومۇرىنى كېسىۋالغان بولۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق تىرىك قالغان.

بۇ خەۋەرمۇ جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن جىنايى ئىشلار خەۋەرلىرىگە ئوخشاش، بىر نەچچە كۈن غولغولا پەيدا قىلغاندىن كېيىن ئۇنتۇلۇپ كەتتى.

(تۈگىدى)

37 پارچە ئىنكاس بار

  1. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    ئەسلى ئۇلار چۈشىدە ئۇرۇشۇپ كېتىپتىكەن-دە….
    «− بىز ياشىغان دەۋردە توي قىلىش شەرەپلىك، ئاجرىشىش نومۇس ئىدى. » ماۋۇ گەپ ئەجەپ كەپتۇ دېسە… ھازىرقى دەۋردە بولسا توي قىلىش نۇمۇس، ئاجرىشىش شەرەپ بولۇپ قالدىمىكىن دەيمەن….
    قارىغاندا، ھاجىمنىڭ نادىر بىر ئەسىرىنى ھوزۇرلىنىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدىغاندەك تۇرىمىز. بۇ ئەسەرمۇ ھېكايە دەپ تىرناق ئىچىگە ئېلىپ ئەسكەرتىپ قويۇپ، كېيىنچە رومان بولۇپ كېتەمدۇ تېخى….
    راستىنى دېگەندە، ھاجىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تۇرمۇش پۇرىقى ناھايىتى كۈچلۈك، ئاۋۇ ئەر-خوتونمۇ شۇ ھازىرقى رىئال تۇرمۇشنىڭ دەردى سوقۇشىۋاتىدۇ ھەر قاچان….

  2. خۇشخۇي مۇنداق يازغان:

    «− ماركىسىزمدىن ۋاز كەچكىنىم يوق، راستىنى دېسەم ماركىسىزم نېمە، ئۆزەممۇ بىلمەيمەن،− دېدى ئۇ تۇنجى قېتىم راستىنى ئېيتىپ،− بىلىدىغىنىم پەقەت، ئەڭ بۇرۇنقى كومپارتىيىنى قۇرغۇچى ماركىس ئىنگىلىس، ئاندىن قالسا سىتالىن، ماۋجۇشى. ئەينى چاغدا پارتىيە ئەزاسى بولۇش شەرەپلىك ئىش ئىدى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىستىقبالى ياخشى بولاتتى، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويسىمۇ ئېتىلىپ كەتمەيتتى. شۇنى دەپلا پارتىيىگە كىرگەنمەن، ئەمەلىيەتتىمۇ نۇرغۇن سەپداشلىرىم، خىزمەتداشلىرىم خەلق مەنپەئەتىنى دەپ ئەمەس، ئۆز مەنپەئەتىنى دەپلا پارتىيىگە كىرگەن.» پاھ! نڭمە دىگەن سەمىمى سۆزلەر بۇ ،چۇشىەكەپ بولسىمۇ مۇشۇنداق سەمىمى سۆزلەپتۇ ئاۋۇ كىشى، داۋامىغا تەشنامىز ھاجىىم

  3. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    يەنە بىر ئېسىل ئەسەردىن قانغۇچە زوق ھوزۇر ئېلىش ئۈچۈن بلوگىڭىز ئىشىكىگە كۈندە نەچچە رەت تەلمۈرىدىغان بولدۇق-دە!

  4. بىلدۈر مۇنداق يازغان:

    نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن… ئەجرىڭىزگە رەھمەت

  5. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    مۇمكىن بولسا تېمىنى بۇنداق يېڭىلىماي، ھەر يېڭىلىغاندا يېڭىدىن تېما ئېچىپ يېڭىلىسىڭىز دېگەن ئۈمىدتىمەن. بولمىسا ئادەم كىرىپ بلوگنى يېڭىلىماپتۇ دەپ قالىدىكەن.

    • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

      ئەمدى ھېكايىنىمۇ بۆلۈپ، بەش بەتنى كېلەڭسىزلەشتۈرمەي دېدىم، ئوقۇيدىغانلار يەنىلا كىرىپ ئوقۇيدىكەن. ۋاقىت يار بەرسە ھەممىنى بىراقلا يېزىپ تۈگىتەي دەۋاتىمەن.

  6. degiz مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ مۇشۇنداق ئىككى مىللەتتىن بولغان( خەنزۇ بىلەن ئۇيغۇر) بىر جۈپلەرنى تۇنۇيمەن، بۇ توي ئۇلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىنىڭ ئاۋانگارتى بۇلۇش شەرىپىنى ئاتا قىلدى. ئەمما مەن ئويلايمەن……«-تۇرمۇشنىڭ پەش،چېكىتلىرىگىچە سىڭىپ كەتكەن ئوخشىماسلىقلار ئۇلارنى قانچە چارچىتىدىغاندۇ، ياشلىق تۇيغۇلىرىغۇ ئۇتە، ئەممازە…. دەپلا ئارتۇقچە ۋايىم يەپ كېتىمەن-دە»، ئوي -خىياللىرىمغا يانداشقان بۇ ئەسەرنى كۆرۇپ ئاخىرىغا شۇنداق قىزىقىۋاتىمەن.

  7. تىلەك مۇنداق يازغان:

    ماۋۇ ھىكايىدىكى بوۋاي بارغانسىرى تۈگىشەپ كىتىپ بارىدا…………………….
    ھەي……………….
    ئېتىقاد يوق، ھېچنىمىگە ئىشەنمەيدىغان ئائىلىدىن ھەزەر ئەيلىسۇن.
    بىر نەرسىگە ئىشەنمىگەندىكىن ماۋۇ مىنىڭ دادام، ماۋۇ مىنىڭ يولدۇشۇم دىمەيدۇ، ھايامۇ قىلمايدۇ، ئاغزىدىن ھەنىم گەپنى چىقىرىۋېرىدۇ.
    توۋا……………….

  8. تىلەك مۇنداق يازغان:

    يازسىلا ھاجىم يازسىلا، بولسا ئايىغى چىقمىغاندەك قىلىپ يازسىلا، بىرنەچچە ئادەم كىرىپ ھىكايىنىڭ ئاخىرىدىن ئۆزى خۇلاسە چىقىرۋالماي، ئايىغى قېنى بۇ ھىكايىنىڭ دىگىلى تۇسا ، بىر يېزىپلا رومان قىلىۋىتىلا بۇنى.

    • تىلەك مۇنداق يازغان:

      ياسىنجان بولسا ماۋۇ يەرگە چىراي ئىپادىسى كىرگۈزۈپ بېرىڭە.
      بەزى چاقچاقلارنى قىلساق چىراي ئىپادىسىز تازا نوچى چىقمايدىكەن.

  9. مىھراي مۇنداق يازغان:

    ئەگەر ئۇ ئېلىقى سىچۈنلىك مايماقنى ئالسىمۇ ئوخشاش، ئىمانسىزدا ۋىجدان بامۇ؟ ئۇ چاغدا ئۆلىكىمۇ كوچىغا چىقىپ قالا، توۋا!!
    مۇشۇنداقلارمۇ باردۇ ھە جەمىئەتتە، ئىسىت …

  10. روھزات مۇنداق يازغان:

    ئەسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەنۋەر ھاجى ئاكا!
    ئالدىنقى قېتىمقى «كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى»دىن ئىپادىلەش جەھەتتىكى بۆسۈشنىڭ شامىلىنى تۇيغانىدىم. بۇ ئەسەردە تېما نىشانى يېڭىلىنىپتۇ. «لاي سۇ ئىچكەن جانلار»دىن باشلانغان قەلەم سەپىرىدە(مەن كۆرمىگەنلىرى يەنە باردۇر بەلكىم)، «لاي سۇ ئىچكەن جانلار»، « كۆپۈك»، «ئېچىلىش»، «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى»، «كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى»… بۇ تەرتىپ بويىچە بولغاندا(بەلكىم بەزىلىرىنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىنى ئالماشتۇرىۋەتكەندىمە، ئۆزرە سورايمەن)، ئەسەر باش قەھرىمانلىرى بىر قەدەر تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەر بولۇپ كەلگەن، يەنى دېھقاندىن كاۋاپچىغىچە بولغان ئىدى. بۇ قېتىم ئەمدى كونا زامان زىيالىيلىرىنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇشىنى يېزىش بوپتۇ. بۇنىڭدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاۋاپچى تېمىسى كۆپ بوپ كەتتى دېگەن ئىنكاسىغا بولغان جاۋاب بارمۇ ياكى باشقىچە سەۋەبمۇ ؟ بىلىپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ.
    ئەسەر ئىپادىلەش جەھەتتە ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ چىقىپتۇ. تىل ئىشلىتىش جەھەتتە، بۇ كونا زىيالىيلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى جاپالىرى(شۇ يىللارنى مېڭىپ كەلگەن كىشىدە ھامان ئۇنىڭ تامغىسى بولىدۇ)، ئاندىن چوڭ شەھەردە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە بولغان قاراشلىرىنى، ئانا تىل كىرىزىسى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، ھازىردىن ئۆتمۈشكە بىر بېرىپ، ئاندىن يەنە بۈگۈنكى پايتەختكە قايتىپ كەلسەك بۇ ئارىلىقتا نادىر روماندىن بىرى پۈتۈپ قالغۇدەك. قانداق دېدىم. ئالدىنقى يىلى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا تاماق يەۋېتىپ، ئۆز ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان مەلۇم پروفېسسورنىڭ ئوغلىنىڭ بىرىگە دېگەن « توختاپ تۇرۇڭ، ساڭا ئىككى ئېغىز گېپىم بار. 活在北京….»دېگەندەك ئەبجەش گەپلىرىنى ئاڭلىغانىدىم. بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە كېيىنكى بىر ئەۋلادنىڭ ئەخلاق كىرىزىسى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدۇ.
    كۆپ سۆزلەپ سالدىم، قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

    • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

      بۇ ھېكايىنى يېزىشتىن ئاۋۋال كۆپ ئىككىلەندىم، ھېلىمۇ ئىككىلىنىش ئىلكىدە يېزىۋاتىمەن، ئىجادىيەتتە قانداق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئەمەس، ھورۇنلۇقنى قانداق يېڭىپ، مۇشۇ ئەسەرگە دىققەتنى قانداق يىغىش ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسىلەم بولۇپ قالدى.

  11. روھزات مۇنداق يازغان:

    شۇنداقمۇ؟ يېقىندىن بۇيانقى يېڭىلىنىش بۇېۇنقىغا قارىغاندا تېزلەشتى. ئاللا خالىسا چوڭ مەسىلىلەرمۇ ھەل بولۇپ كېتەر.

  12. تىلەك مۇنداق يازغان:

    ھاجىم يازاملا يا، يازمايلا قۇتۇلاملا؟
    يەللا، يەللا ………….جۇمۇ.

    • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

      يازىمەن، ئەمما ماۋۇ ۋاقىت ئوقتەك ئۇچۇۋاتىدۇ، ئۇششاق ئىش تولا، مەن ئۆزەمنى ئوڭشاپ بولالمايۋاتىمەن. سەۋر قىلىشالا

  13. barbar مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھاجىكا، ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟ ھىكايىنىڭ ئاخىرى تېخىچە چىقماپتۇ، ۋاختىڭىز چىققاندا يازارسىز، …………….

  14. مالىك مۇنداق يازغان:

    بۇ ھېكايە تۈگىدىمۇ يا ئاخىرى بارمۇ؟ بىلىدىغانلار بولسا بىر ئۇچۇر بېرىۋەتسەڭلار ياخشى بولاتتى. بىزدەك 13- مىللەت بىلمىدۇق.

  15. huxhuy مۇنداق يازغان:

    داۋامىغا تەشنامىز. يېزىش ۋاقىتلىرى تىزرەك كەلگەي ئىلاھىم.

  16. ئاركان مۇنداق يازغان:

    ئاخىرىنى بىز يىزىپ تۈگىتەمدۇق يا ؟ (-:

  17. جەسۇر مۇنداق يازغان:

    2يىل ساقلاپتىمەن ئاخىرى ئاياقلاشتۇرۇپسىز ،رەھمەت سىزگە!!!

  18. ئا.ئا.سەئىدى مۇنداق يازغان:

    بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن ئۆزگىچە يېزىلپتۇ، ھارماڭ، ھاجىكا!..

  19. نۇرئېلى مۇنداق يازغان:

    تۇيۇقسىزلا بۇماقالىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم 5سائەت بوپتۇ ئۇقۇغىلى ھەقەقەتەن ياخشى ماقالە ئىكەن تۇلۇق ئوتۇرنى ئەمدىلا پۈتتۈرگەن بولساممۇ بۇكەمگىچە بۇنداق ئديىۋى تەربىيەسى كۈچلۈك ياخشى ماقالە كۆرمەپتىكەنمەن ! بۇنداق ماقالىنى بولسا بىزدەك ياشلارغا تەۋسيە قىلىشڭلارنى سورايمەن بۇماقالىنىڭ ئاخرى بارمۇ بولسا ماڭا چۇقۇم يەتكۈزپ قويۇشڭلانى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن! رەخمەت سىزگە ! ئاپتورغا ئۇزۇن ئۆمۇر تىلەيمەن ! ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

  20. نۇرئېلى مۇنداق يازغان:

    بۇماقالىنڭ ئاخرى بولسا ماڭا چۇقۇم ئەۋەتىپ قۇيۇڭلار ! qq:337130723 电话18040889285

  21. ئۇزدىل مۇنداق يازغان:

    «بىر كۈنى ئوغلى ئۆيگە بۇرۇن كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئوغلىدەك پاراڭلاشتى.» بۇ جۈملىدىكى «ئۇنىڭ بىلەن ئوغلىدەك» دېگەن سۆزنى ئارتۇقچە ھېس قىپ قالدىم. بولاپمۇ «ئوغلى ئوغلىدەك پاراڭلاشتى» دېگەن مەنە بىر خىل بىنورمال.
    ئوغلى « ھېچكىمگە ئۆزەمنى چۈشەندۈرەلمەيۋاتىمەن» دەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا «ھېچكىمگە كۆڭلۈمنى چۈشەندۈرەلمىدىم» ياكى «چۈشەندۈرۈشلىرىمنى ھېچكىم ئاڭلىمىدى» دەپ ئالسىڭىز تېخىمۇ راۋان بولامدىكىن دەيمەن؟! مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پىرسوناژ دېئالوگلىرىدا تازا راۋان ئەمەس جۈملىلەر خېلى جىقتەك بىلىندى، بەكرەك دىققەت قىلىپ باقسام بۇ گەپلەر خەنزۇچە گەپنى ئەينەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندەكلا، ياكى خەنزۇچە تەپەككۇر ئۇسۇلى بىلەن ئۇيغۇرچە گەپ قىلغاندەكلا، بۇ سىزنىڭ بېيجىڭدا يەرلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەشتە قوللانغان ئالاھىيدە ئۇسلۇبىڭىزمۇ ياكى شۇنداق توغرا كېلىپ قالدىمۇ؟

  22. ئىلھام مۇنداق يازغان:

    بىىر كۈنى ئوغلى ئۆيگە بۇرۇن كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئوغلىدەك پاراڭلاشتى – دىگەن بۇ جۈملە شۇنداق نوچى چىققان جۈملە ، ھاجىم بىر ئېغىز گەپكە نۇرغۇن مەنانى سىغدۇرىۋېتىپتۇ بۇ يەدە . قايتا – قايتا ئوقۇپ بېقىڭ ، چۈشىنىپ قالىسىز بۇ جۈملە ئۆزىگە سىغدۇرغان كەڭ مەنانى …

    • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

      ئىلھام بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، ئەسەرنى جۈملىمۇ جۈملە مەنىدار قىلىپ يېزىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بارغانچە چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمەن.

  23. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەرتۈرك ئەپەندىم! مۇمكىن بولسا سىلى بىلەن ئالاقىلىشاي دېۋىدىم. QQ ياكى ئۈندىدار ئالاقىلىرى كېرەك بولۇپ قالدى. مالال كۆرمەي قالدۇرۇپ قويغان بولسىلىرى سىلىدىن تولىمۇ مىننەتدار بولاتتىم. ئاۋارە قىلدىم. ھەر ۋاقىت ساقلىق يار بولغاي!

  24. تىلەك مۇنداق يازغان:

    2012 -يىلى ھاجىمنى تولا سۈيلەپ يازسىلا دەپ قويۇپ ئۆزەم يوقاپ كەتكەنچە بەش يىل بولاي دىگەن بۈگۈنكى كۈندە ئاخىرىنى ئوقۇپ تۈگىتىپتىمەن.
    باشتىن نۇرغۇن ئىسسىق سوغاقلار ئۆتۈپتۇ، پايتەختتىنمۇ كىتىپتىمەن، يەنە قايتىپ بارسام ھاجىم بىلەن كۈرۈشۈشكە نىسىپ بولۇپ قالار.
    خەيىر ھارماي يېزىپ تۇرسىلا.

  25. ۋىروسجان مۇنداق يازغان:

    ھازىر بامىدۇ ئەپەندىم

  26. ۋىروسجان مۇنداق يازغان:

    ھازىر بامىدۇ ئەپەندىم ئۇزۇن يىل بولۇپتۇ بۇ توربەتكە

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*