«ھېچنېمىزم»

ئەلكۈيى تورى بىر ئايدىن بېرى ھېچنېمىزم ھەققىدىكى كەسكىن مۇنازىرىلەر، جەڭگى-جېدەللەر قاينىمىغا غەرق بولدى، دىققەت بۆلۈندى، زېھىنلەر چېچىلدى، پىكىرلەر غىدىقلاندى، ئىمان ئۆلچىمى گويا ھەر كىمگە توغرىلاندى، كۆزلەر جامدەك ئېچىلدى، ئۇنتۇلۇپ قالاي دېگەن ئايەت، ھەدىسلەر توپا بېسىپ قالغان مۇبارەك كىتابلارنىڭ سەھىپىسىدىن كومپيۇتېر ئېكرانىغا يۆتكەلدى، دىن، ئىمان، مىللەت، ئىللەت ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر، ئىختىلاپلار ئەۋجىگە چىقتى، غۇرۇر دېگەن نەرسە ئەقىللەرگە شۇنداق ھاكىملىق قىلدىكى، ئىمان، ئەدەپ بىر يەردە قېلىپ، سۆز ھاياسىزلىقى ئەدەپ كەتتى. يىراق-يىراقلاردىن گويا تۈكرۈكلەر چاچرىدى… قېچىپ كەتتىم. ھەقىقەتنى ياقلاش بۇنداق بولىدىغان بولسا، ھەقىقەتنى ياقلايمەن دەپ كىچىككىنە ئىشلاردا ھەقىقەتكە ئاسىيلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ ھالى شۇ تۇرسا، ئۇنىڭدىن كۆرە بىر چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرەي دېدىم. بۇ نەدە تاماشا كۆرۈش بولسۇن، «ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ» دېگەن جانباقتىلىق، قورقۇنچانلىق… شۇنىڭ بىلەن يەنە سەكرەپ چۈشتۈم:
بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىنكاسىم، ئوڭچى ياكى سولچى تەرەپدارى ئەمەسمەن، پەقەت ئوقۇغان كەسپىم، چەكلىك بىلىمىم دائىرىسىدە پىكىر قىلدىم:
دىققەت قىلساق مەلۇم نەرسىلەر تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ:
1. تىلىمىزدىكى «ھېچ»كەلىمىسى تۈگەل يوقلۇق دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى مەلۇم مەۋجۇتلۇقنى كۆرسىتىدىغان ئالماش (ئەخمەتجان ئوسماننىڭ توردىكى نامى).
2. «ھېچ»كەلىمىسى ئاساسەن بولۇشسىز جۈملىلەردە كېلىپ، مەلۇم نەرسىنى بىلىدۈرىدۇ:
مەسىلەن: بىر ئادەم كەلدى (بولۇشلۇق جۈملە)؛ ھېچ ئادەم (ياكى ھېچكىم) كەلمىدى (بولۇشسىز جۈملە).
بىر گۇمان قالدى (بولۇشلۇق جۈملە)؛ ھېچ گۇمان قالمىدى (بولۇشسىز جۈملە).
3. «ھېچ» كەلىمىسى يەنە باشقا كۆرسىتىش ياكى سوئال ئالماشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كېلەلەيدۇ:
مەسىلەن: ھېچقانداق (مەسىلە)،  ھېچقايسى (كۆرۈنۈش)،  ھېچبىر (گۇمان)…
يەنە تېخى شەخس قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كېلەلەيدۇ:
ھېچقايسىڭىز (كەلمىدىڭىز)، ھېچبىرىڭىز (ھېچنېمىنى چۈشەندۈرەلمىدىڭىز)، ھېچنېمىڭىز (يوق مەندە)…
4. «ھېچنېمە» ئەسلىدە «بىر نېمە» دېگەن سۆزنىڭ بولۇشسىز جۈملىدىكى شەكلى بولۇپ، «بىر نېمە» بىر ۋاراق قەغەزنىڭ ئوڭ يۈزىگە، «ھېچنېمە» دېگىنىمىز تەتۈر يۈزىگە ئوخشايدۇ، ماھىيەتتە ئىككىلا سۆز شۇ قەغەزنى كۆرسىتىدۇ.
5.  «ھېچنېمىزىم» ئاتالغۇسى، يۇقىرىدىكى «ھېچنېمە» كەلىمىسىگە ئىنگىلىزچىدە مەسلەك ئوقۇمىنى يۈكلەيدىغان «ئىزم» قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان ئەبجەش سۆز بولۇپ، ئۇ ھەرگىز يوقلۇقنى بىلدۈرمەيدۇ، بارلىقنى ھەم بىلدۈرۈپ كەتمەيدۇ، مەسلەك دېسەك مەسلەك دېگۈچىلىكى يوق، ئۆز-ئۆزىدىن مۈجمەللىكى چىقىپ تۇرغان غەيرى ئاتالغۇ.
6. «ھېچنېمىزىم» شالغۇت ئۇقۇم، ئەبجەش ئاتالغۇ دېيىشىمىزدىكى سەۋەب، «ھېچنېمە» كەلىمىسىگە بىر يات قوشۇمچىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇ  بولۇشلۇق ھەم بولۇشسىز جۈملىلەردە ئەبجەش قوللىنىلىدىغان سۆزگە ئايلىنىپ قالدى. سۆز بۇزۇلدى دېمەك شۇ سۆز يۈكلىگەن مەنە، ئۇقۇممۇ قالايمىقانلاشتى دېگەن گەپ.
7. ھەر قانداق تىلدا بىر سۆز شۇ قەۋمدىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق چۈشەنچىسى، كېلىشىمى ئاساسىدا بارلىققا كېلىدىغان بىر بەلگە بولۇپ، قەشقەرلىك بىرسى «ھېچنېمە» دېسە، خوتەنلىك قوپۇپ، «بىر نېمە» دەپ چۈشەنمەيدۇ، بەلكى ھەر ئىككىسىنىڭ كاللىسىدا «ھېچنېمە» دېگەن سۆزنىڭ ئورتاق مەنىسى توختام تۈزگەندەكلا بىللە مەۋجۇت. ۋاھالەنكى، «ھېچنېمىزىم» قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئېڭىدا ئوخشاش ئۇقۇم، ئوخشاش ئايدىڭ چۈشەنچە پەيدا قىلالايدۇ؟ بۇنىسى قاراڭغۇ. بولۇۋاتقان جېدەللەر، چۈشىنىشمەسلىكلەر، ھەر ياڭزا ئىزاھلاشلار…  مەلۇم جەھەتتىن  بۇ ئاتالغۇنىڭ مۈجمەللىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
8. نەچچە تىل بىلىدىغان شۇ شائىرلار، شۇ سۆز ئۇستىلىرىنىڭ تاپقان ئاتالغۇسىغا قاراڭلار: ھېچنېمىزىم!  شۇ ئاۋانگارت بۆسكەكلەرنىڭ ئۇقۇملارنى مالىماتاڭ قىلىشلىرىغا قاراڭلار: غەيب دېمەك يوقلۇق دېمەكتۇر! سۆز ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگۈچىلەر دەل مۇشۇلار ئەمەسمۇ دېگۈسى كېلىدۇ كىشىنىڭ.
9. نوچى بولساڭ مۇرەككەپ نەرسىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ بايان ئەيلە، نوچى بولساڭ تەپەككۇر چوڭقۇرلۇقىغا غەۋۋاستەك شۇڭغۇپ، چاقناپ تۇرغان گۆھەردەك پىكىرلەرنى سۈزۈپ ئال-دە، كارامىتىڭگە ھەيران قالايلى.
10. بەزى ئاتالمىش شائىرلار دائىم تىلدىكى ناقىسلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قەستەن تىل بۇزىدۇ، مەنە، ھېسسىيات، ئوبرازلارنىڭ ھېچ باغلىنىشى يوق، ئۆزىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى بىلمەيدۇ ھەم بىلدۈرەلمەيدۇ.  روھىنى ئىپادە قىلالىغۇدەك بىرەر روشەن نەرسىسى بولمىغاچقا ئاڭ دېگەن ئەسلىدىنلا داشقايناق، شۇڭا ئۇنى ئۆز ئەينى، مۇرەككەپ، ئەبجەش، گۇڭگا، سىرلىق ئىپادىلەش كېرەك دەپ داۋراڭ سالىدۇ. نوچى بولساڭ، ئىچىڭدىكىنى سۈزۈك ئىپادىلەپ باق، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال قەلبىڭ سۈزۈك، پىكرىڭ ئوچۇق بولسۇن، بۇنىڭغا يەتمەك ئۈچۈن ئىمانىڭ ساغلام بولسۇن.

9 پارچە ئىنكاس بار

  1. ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

    ئادىمىيەت دەپ ئالسىمۇ بولغۇدەك

  2. ئۇيغۇرىيە مۇنداق يازغان:

    ھېشنىمزىم دىگنى يۈسۈپ قەقنۇس دىگەن ئادەم يازغان ئەسەرلەر توغىرسىدىكى مۇنازىرلەرمۇ؟! ئەدەبىيات ئىقىنلىرى توغرىسدىكى مۇنازىرمۇ؟!
    فىلولوگىيە دىگەننى ئادىمىيەت دەپ ئاتاشنى لايىق تاپتىم….سىزنىڭچۇ؟!

  3. كىتابپۇرۇش مۇنداق يازغان:

    ھىچنىمىزىم كىم بولغىيتتى مەن بۇ يەردە ئۇنداق كىشىنى كۆرمىدىمغۇ ‹؟

  4. مىھنەت مۇنداق يازغان:

    بىزدە نىمىشقا ئۇششاق ئىشلارغا تالاش تارتىش جىق بولدېغاندۇ؟؟؟؟؟؟ھە راس ئىسىمدە قىلىشچە بىز تالشىدېغان نى-نى چوڭ مەسىلىلەر باردەك قىلاتتى ؟ئۇنى تالشىشتىن قورقىمىز ھەقاچان؟

  5. مىھنەت مۇنداق يازغان:

    بىزدە نىمىشقا ئۇششاق ئىشلارغا تالاش تارتىش جىق بولدېغاندۇ؟؟؟؟؟؟

  6. تۇران مۇنداق يازغان:

    ئەنۋەر ئەپەندىم سىزنىڭ بىلىك تورىغا يوللىغان تۈرك تىلى ئۈگۈنىش ماتىريالىڭىزنى كۆرۈپ خوشاللىق بىلەن ئۈگۈنىشنى باشلىغان ئىدىم.ئەپسۇس ئۇ تورمۇ تاقىلىپ قالدى.ئەمدى مۇمكىن بولسا مۇشۇ بىلوگىڭىزغا يوللىغان بولسىڭىز.ياكى مۇكەممەل تۈرك تىلى ئۈزەۈنىش كىتابى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرسىڭىز.

  7. huxhuy مۇنداق يازغان:

    ئەستايىدىل،يىغىنچاق يەكۈنلىنىپتۇ. دېمىسۇ ئۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىش بەك ئەۋج ئەپكەتتى. «تۈن ئۇزۇن بولسا،چۈش كۆپ بولىدۇ»دېگەندەك، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى بۇ غەۋغالارمۇ ئۇلغىيىۋاتىدۇ. سىز يەكۈنلىگەندەك چۈشەنچىدە بولىدىغانلار كۆپرەك بولسىدى، ئۇ چاغدا…

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*