ئۆلۈك دەيمىزمۇ ئەمدى ئۇلارنى

edip cansever

 

ئۆلۈك دەيمىزمۇ ئەمدى ئۇلارنى

يۈرەكلىرى سوقۇشتىن خېلى بۇرۇن توختىغان

ئۆلۈك دەيمىزمۇ ئەمدى ئۇلارنى

كۆز قارىچۇقلىرى ھېچ مىدىرلىمايدۇ

ئۆلۈك دەيمىزمۇ ئەمدى

پرىستانلارغا بەنت قىلىنغان

چوڭ كېمىلەردەك

مىدىرلىمايدۇ كۆز قارىچۇقلىرى

ئۆلۈك دەيمىزمۇ ئەمدى ئۇلارنى.

چىرايلىرىدا خاپىلىق

چىرايلىرىدا قەتئىيلىك

قارىغاندا بەك ئۇزاق كۈتكەن

پوستىدىن چىقىدىغان ئاپېلسىندەك تاڭ ۋاقتىنى

چىرايلىرىدا خاپىلىق

جەڭ مەيدانىغا ئوخشايدۇ ئۇ چىرايلىرى

كالپۇكلىرى نەم

ئاخىرقى رەت ئۆز تېنىنى

يەنى ھەقىقىي ئىنساننىڭ تېنىنى سۆيۈپ

شادلىق بىلەن كۆمۈلگەن.

بەدىنى ئۆتكۈزمەيدۇ سوغۇقنى

ئۆتكۈزمەيدۇ ھەم ئىسسىقنى

ئىككى دەريادەك ئايرىلغان پاچاقلىرى

چەكسىزلىككە ئاقىدۇ

ئۆلۈك دەيمىزمۇ ئەمدى ئۇلارنى.

ھېچكىم ئاھ ئۇرمىسۇن

ئازابلىق پەيت تېخى كەلمىدى

بىر كۈنى شەھەردە

مەرمەر كۆزلەرگە

مۈرىلەرگە چۈشسە چىنار ياپرىقى

تىرىكلەر شۇ چاغدا ئاھ ئۇرسۇن

ھازىر تېخى ئازابلانمىسۇن.

شۇنداق چىڭ تۈگۈلگەن مۇشتۇملىرى

قاتتىق تۈگۈلسۇن مۇشتلار

سوۋغات بولۇپ قالسۇن بۇ قاتتىقلىق.

ھېچكىم ئاھ ئۇرمىسۇن دەپ

چىڭ تۈگۈلگەن مۇشتۇملىرى

ئازابلىق پەيت تېخى كەلمىدى.

ئۇنتۇلسۇن بىر تەننىڭ ھەسرىتى

ئۇنتۇلسۇن ئۇ كونا ھېسسىيات

شۇ قەدەر ساددا، شۇ قەدەر تولا

ئۇنتۇلۇشى كېرەك ئۇلارنىڭ تەنلىرى

چوقۇم ئۇنتۇلۇشى كېرەك

ئاندىن يۈرەكلەرگە

تومۇرلارغا تولۇشى كېرەك.

ئۆلۈك دەيمىزمۇ

ئۆلۈك دەيمىزمۇ ئەمدى ئۇلارنى.

ئەدىپ جانسۆيەر (1974)

ئەرتۈرك تەرجىمىسى

 

Ölü mü denir şimdi onlara

Ölü mü denir şimdi onlara
Durmuş kalpleri çoktan
Ölü mü denir şimdi onlara
Kımıldamıyor gözbebekleri
Ölü mü denir peki
En büyük limanlara demirlenmiş
En büyük gemiler gibi
Kımıldamıyor gözbebekleri
Ölü mü denir şimdi onlara.
Suratları gergin
Suratları kararlı
Belli ki çok beklemişler
Kabuğundan çıkan bir portakal gibi gelen sabahı
Suratları gergin
Bir savaş alanına benziyor suratları
Dudakları nemli
Son defa kendi etini öpüp
Yani son defa gerçek bir insan etini
Hazla kapanmışlar öyle
Geçirmiyor gövdeleri soğuğu
Geçirmiyor sıcağı da
Ve ikiye ayrılmış bir nehir gibi bacakları
Akıyorlar sonsuza
Ölü mü denir şimdi onlara.
Kimse hüzünlü olmasın
Sırası değil hüznün daha
Bir gün bir şehrin alanında
Bir mermer yığınının gözlerine
Omuzlarına düşerse bir çınar yaprağı
Hüzünlensin yasayanlar o zaman
Sırası değil hüznün daha.
Öylesine sıkılmış ki yumrukları
İyice sıkılsın yumruklar
Saklansın diye bir armağan gibi bu katılık
Öylesine sıkılmış ki yumrukları
Kimse hüzünlü olmasın
Kimse hüzünlü olmasın diye
Sırası değil hüznün daha.
Unutulsun bir gövdeye duyulan hasret
Unutulsun bu alışılmış duyarlık
O kadar sade, o kadar kalabalık ki
Unutulmaya değer onların insan gövdeleri
Ve unutulmalı mutlaka
Dolsunlar diye yüreklere
Dolsunlar damarlara.
Ölü mü denir
Ölü mü denir şimdi onlara.

Edip cansever (1974)

تۈركىيە شائىرى ئەدىپ جانسۆيەر 1928-يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان، ئىستانبۇل ئوغۇللار ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن يېپىق بازاردا ساياھەتچىلەرگە مال سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان، 1976-يىلدىن كېيىن شېئىر يېزىش بىلەنلا ئۆتكەن. 1986-يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنى مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان.
ئۇ تۈركىيىدىكى «ئىككىنچى يېڭىلىق» (كېيىنكى مودېرنىزم) ئېقىمىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، شېئىرنى ئابستراكىت، تۇتۇق قىلىۋېتىشنى خالىمىغان، بەلكى باشتىن ئاخىر پىكىر چوڭقۇرلۇقىنى ساقلاپ، ئىدىيە-ھېسسىياتنى تىلدا ئېرىتىشكە، كونكرېت نەرسىلەر ئارقىلىق پىكىرنى جانلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن؛ شەكىل جەھەتتە شېئىرىي تىل بىلەن نەسرىي تىلنى، ھەتتا درامما تىلىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشنى سىناپ باققان. دەسلەپكى شېئىرلىرىدا ياشلارنىڭ جەمئىيەت خاراكتېرلىك ئىسيانكارلىقى، ئامالسىزلىقى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇشتىكى مۇرەككەپ ھېسسىياتى، گاڭگىراشلىرى ئىپادىلەنگەن بولسا، كېيىنكى شېئىرلىرىدا ئاخىرقى ئۆمرىدىكى ھەسرىتى، بۇ دۇنيا، جەمئىيەت ۋە ۋەزىيەت ئالدىدىكى ئامالسىزلىقى، بىچارىلىكى ئىپادىلەنگەن. شېئىرلىرىنىڭ پىكرى چوڭقۇر، شەكلى رەڭدار، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولۇپ، «ئۈمىدسىزلەر باغچىسى»، «چاقىرىلمىغان ياقۇپ»، «سەۋدا بىلەن سۆيگۈ» قاتارلىق 17 پارچە شېئىر توپلىمى نەشر قىلىنغان، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن «گۈللەر قايتماقتا ئالقىنىمغا» ناملىق نەسرىي ئەسەرلەر توپلىمى، «شېئىرنى شېئىر بىلەن ئۆلچەش» ناملىق ماقالە ۋە سۆھبەت خاتىرىلىرى نەشر قىلىنغان.

5 پارچە ئىنكاس بار

  1. زەيتۇنشېخى مۇنداق يازغان:

    گۈل ھىدى پۇراقلىق قوللىرىڭ سۇلاشمىسۇن! ماشائاللاھ

  2. چىن ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    بىزدە ئاشۇنداق شائىرلار كۆپلەپ چىققان بولسىچۇ كاشكى …

  3. كىتابپۇرۇش مۇنداق يازغان:

    1-ئىنكاسنى يازغان «دانا» مۇ يا، كۆرەلمەسلىككە يازغان «بانا» مۇ ؟

  4. دانا مۇنداق يازغان:

    بۇ شائىردەك، بىزدە شېئىرنى شېئىر بىلەن ئۆچلىگۈدەك مادار بولسا ئىدى، ئەلكۈيىدىكى ئەخلەتلەر ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولاتتى…ھەي ساۋاتسىزلىق، ساۋاتسىزلىق!…قاچانغىچە ئەگىشىپ كېلىسەن-ھە، بىزدەك قارا قورساق بىر مىللەتكە؟!
    ئۆز باش ياشىسۇن! ئەنىۋەر مۇھەممەت ياشىسۇن!…قالغانلار ئۆلسۇن، شۇنداقمۇ؟!

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*