نېمىگە ئالدىرايمىز؟

بەزىدە تولىمۇ ئالدىراپ كېتىمىز، پۇل تېپىشقا ئالدىرايمىز، مېڭىشقا ئالدىرايمىز، يەپ-ئىچىشكە ئالدىرايمىز، گەپ قىلىشقا ئالدىرايمىز، ئۆزىمىزنى كۆرسىتىشكە ئالدىرايمىز، تۈزۈك ياشىيالماي قالدىممىكىن دەپ قالتىس ياشاش خىياللىرىنى سۈرۈپ، ئەتراپقا قاراپ، ئاللىكىملەرگە ھەۋەسلىنىپ تىپىرلاپ كېتىمىز، قېرىغانچە ئۆمۈر ئاز قالدى دەپ، كۆڭۈلدىكىدەك ياشاشقا تېخىمۇ ئالدىرايمىز. غايە-ئارمانلىرىمىز تاغدەك يۈكسەك ، ئارزۇلىرىمىز شۇ تاغدىكى چىمەنزاردەك گۈزەل. يۈرەكلەر ئارمانلارغا لىق تولغان، يۈرىكىمىز شار، ئارمانلار يەل، بەك چوڭايتىۋەتسەك ئېتىلىدۇ، كۆپۈككە ئايلىنىدۇ، سولىشىمىز، چۈشكۈنلىشىمىز. چامى يەتمەيدىغان چوققىلارنى بىر گۈزەل رەسىمدەك تاماشا قىلالايدىغان كىم بار؟
يېزىپ مەشەگە كەلگەندە ”بىز“ دېگەن گەپنى ياقتۇرماي قالدىم، تىلىمىزدا”بىز“ دېگەن گەپ بەزىدە بىرىنچى شەخسنى كۆرسەتسىمۇ، ”مەن“ نى دەل ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. مەن پەقەت ئۆزەمگىلا ۋەكىللىك قىلالىغۇچى، ئۆزەمدىن باشقا ھېچكىمنى چۈشەنمەيمەن، ئۆز دەردىمنى ئۆزەم بىلىمەن، شۇڭا ئۆزەمنى سەمىمىيلىك بىلەن ئىپادىلىگىنىم ياخشىكەن، بۇ ھالدىمۇ ئوقۇرمەنلەر ئۆزىگە دىلكەش تەسىراتلارنى ئالالايدۇ دەپ ئويلايمەن.
بىر چاغلاردا ئوقۇغۇچى ئىدىم، پۇلۇم يوق ئىدى، مائاشلىق بولدۇم، يەنىلا كەمبەغەل، ياغلىشىپ، كىرلىشىپ كەتكەن ئۆيدە مايقۇرتلار ئۆمىلەپ يۈرەتتى، ئۇمۇ جانلىق ئىدى، ياغنىڭ پۇرىقىغا خۇمار ئىدى، بۇ گويا ئوغۇللارنىڭ قىزخۇمار بولغىنىغا ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ قاراڭغۇلۇقتىكى جىددىي ھەرىكىتىگە قاراپ، نەپسى ئاۋارە جانۋارلارنىڭ تەبىئەت قانۇنۇنىيىتى جەھەتتىن بىرەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتىم. نەپسى بالا ئىنسان ئۇلاردىن ئەقىل ۋە ھېسسىيات جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولسىمۇ ئۇنى قايسى شەكىلدە كۆرسىتەلىدى؟ شۇ ئوي ۋە غەزەپتىن بولسا كېرەك، كىتاب قېتىغا كىرىۋالغان مايقۇرتلارنى قېقىپ تازىلاپ، غەپلەت ئۇيقۇنى ئاز ئۇخلاپ كىتاب كۆردۈم، ئىجادىيەتكە كىرىشىپ كەتتىم، ھورۇنلۇقنى بىر مەزگىل يەڭدىم. بەزى ئەسەرلەرنى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلغان بولدۇم، كېيىن ئۇنىڭمۇ قىزىقى قالمىدى، دىققىتىم، ئارزۇيۇم باشقا ئىشلارغا تارتىلىپ كەتتى، ئىشلار قېتىدا چېچىلدىم، كەيپىياتىمغا بېرىلدىم، ھەر ئىشنىڭ ئوڭىيىغا قاچتىم، ئىنگىلىزچە، ئەرەبچە ئۆگىنىپ بېقىپ ئۇنىڭدىنمۇ زېرىكتىم، ئىزچىللىقتىن ئايرىلغان ئىلىم ۋە ئىجادىيەت ئۆزەمنىمۇ ئاخىر زېرىكتۈردى، جاھاندا ئۆز ئىشتىياقىدىن زېرىكىشتىن ئارتۇق ئۈمىدسىزلىك، ھارغىنلىق، چۈشكۈنلۈك بولمىسا كېرەك. قىزغىنلىق بولمىسا ھېچ ئىش ئاقمايدۇ دەپ ئىچىمدە مىڭ قېتىم شوئار توۋلاپ باقتىم، بۇنىڭ ھەيدەكچىلىكىمۇ ۋاقىتلىق بولدى. ھەر ئىش ۋاقىتلىقكەن، قايىدىكەنمەن، قايدۇرۇلىدىكەنمەن، ئىچىمدىن كېلىدىغان ئىلھام-مەدەتلەر تۇرۇپلا ۋەسۋەسىلەرگە ئايلىنىپ كەتتى. توۋا دېدىم، مەن تېخى ئۆزەمنى تولۇق چۈشەنمەيدىكەنمەن.
ئىلگىرى شۇنداق ئويلايتتىم: ئەدەبىي ئىجادىيەت ماڭا چاپلاشقان بىر جىن بولسا ئىدى، كېسەل ئازابىنى تارتىشقا رازى ئىدىم؛ ئەمما ھازىر بۇ جىندىن ئەسەر يوق، ساپساق يۈرۈۋاتىمەن، ساق يۈرگەنچە مەن ئەسلى يازغۇچى بولاتتىم، بۇنداق يۈرسەم قىممىتىم بولمايدۇ… دەپ ئويلاپ ئىچىم سىقىلىشقا باشلىدى. بۇ تۇيغۇ، بۇ ھەسرەتمۇ بىر نەچچە كۈنلۈك زۇكامدەك ئاۋارە قىلىپ، ئۆتۈپ كەتتى. ئىككى يىلچە بولدى، تۈزۈك ئەسەر يېزىپ باقمىدىم، چېكىنىپ كەتتىم، سەپتىن چۈشۈپ قالدىم، تۇيۇقسىز بىر ئىلھام ۋە غەيرەت بىلەن باشلىغان ئەسەرنى تولا سوزۇۋېتىدىغان، ئارىدىن ئۈزۈۋېتىدىغان، ئاخىرىنى چالا-پۇلا تۈگىتىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈۋالدىم، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ھارغىنلىق بېسىۋالدىمىكىن دېسەم، مەندىن چوڭ يازغۇچىلار ئىككى-ئۈچ ئايدا بىر روماننى يېزىپ، يىلدا بىر ئەمەس، بىر نەچچىنى نەشر قىلدۇرۇپ، يازغۇچىلىق جاسارەت، چىدام غەيرەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ يولغا خاتا كىرىپ قالدىممىكىن دېسەم، ئۇنداق ئەمەستەك. مەسىلە تولا، ئۆزەمدىن ئىزدىسەم بىر تالاي، تاشقى مۇھىتتىن ئىزدىسەم بىر تالاي باھانە-سەۋەبلىرىم بار، ھەممىسى ئورۇنلۇق، ھەممىسى مۇستەھكەم.
بىز جىنلارنى كۆرەلمەيمىز، ئەمما ئۇلار بىز بىلەن ياشايدۇ. كۆرۈنمەس چۈشەكلەر، چەكلىمىلەر، زۆرۈرىيەتلەر ئىشخانامنىڭ تېمىدەك، ئۈستەلدەك، ئەخلەت چىلىكىدەك مەۋجۇت، بۇلاردىن ئاتلاپ ئۆتكىلى، تاشلاپ چىقىپ كەتكىلى بولمايدۇ. نېمىگىدۇر ئالدىرايمەن، ئۆمۈر ئاز قالدى دەپ ئىچ-ئىچىمدىن تىتىلدايمەن، يىلدا بىر رومان يازسام بولاتتى، بىرەر كىتابىم نەشر قىلىنسا بولاتتى، ئۆچمەس ئىزلىرىم بۇ يىل قالمىسا، كېلەر يىلى قېلىشى كېرەك، بولمىسا ھېچ ئىش قىلالماي ئۆلۈپ كېتىمەن، تارىخ سەھىپىسىدىن ئۆچۈپ كېتىمەن… دەپ ئىزتىراپ چېكىمەن. ئەمما نامازغا تۇرغىنىمدا بۇ كۆپۈك ھەۋەسلەر بىر دەم بولسىمۇ يوقايدۇ.
بىز چوڭ بىلگەن، ئۇلۇغلىغان ئىشلار ئەسلىدە ئىدىيىمىزنىڭ، قىممەت قارىشىمىزنىڭ مەھسۇلى. كەشپىيات ۋە ئويۇن-تاماشىغا، ئۆزئارا پەخىرلىنىشلەرگە تولغان بۇ دۇنيادا ئەسلى ھەقىقەتلەرنى بايقاش، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش ۋە ئۆز قىممىتىنى تېپىش تولىمۇ مۇھىم. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 60 يېشىنى ئارىفلىق يېشى دەپتىكەن، خاتا ئېقىم، خاتا ئىدىيەنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلۇپ، ھاياتلىق ھەقىقەتلىرىنى بايقىغانلىقىنى مۇبارەكلەپ شۇنداق دېگەن بولسا كېرەك. ئەمما 60 ياش بەك كېيىن، 40 ياش، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن توغرا يولنى تېپىش كېرەك، تاپماق بىلەنلا ئىش تۈگىمەيدۇ، شۇنداق ياشاش كېرەك. ياشاشنىڭ يوللىرى تولا، تاپتىن چىقىشقا ئارانلا تۇرىدىغان نەپسىمىز بۇ كۆڭۈلنى ھەر ياققا تارتىدۇ، شۇڭا ئىزچىللىق كېرەك.
كۆپۈك نەرسىلەر ۋەسۋەسە قوزغىغاندا سوپىلارچە زاھىدلىقنى سېغىنىمەن-دە، مېنىڭ ئەڭ چوڭ تەلىپىم ھچ نەرسىنى تەلەپ قىلماسلىق، دەيمەن. پۇل، ھوقۇق، سەتەڭ، شۆھرەت… ۋاھاكازالارنىڭ ھەممىسى كۆپۈك. ئەگەر شۇ نەرسىلەر راستىنلا نېسىپ بولۇپ قالسا، گۇناھتىن قارىيىپ كەتسەممۇ، شۇ ئىدىيىدە چىڭ تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆپۈك. ئەمما مەئىشەت نۇرىدا رەڭدار، جەزبىلىك كۆرۈنىدىغان كۆپۈك.
بۇ كۆپۈكلەرگە قاراپ كۆز تالغاندىن كېيىن، مېڭەمنى سەگىتتىم، بۇرۇن ئاجايىپ ئالدىرايدىغان ئىشلارغا ئەمدى ئالدىرىماس بولدۇم. بىرەر يىل ئەسەر يېزىپ ياكى كىتاب چىقىرالماي قالسام، بەزى ئەخلەت كىتابلارنى ئېسىمگە ئېلىپ، ھېچنېمە بولمايدۇ، بەلكىم بىرەرسىنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلمىدىم، دەپ ئويلايمەن. رىقابەت دەۋرى بۇ، ئالدىرىمىسام بولمايدۇ، مەندىن ئۇزاپ كەتكەنلەرگە يېتىشىپ، بولسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتمىسەم بولمايدۇ، دەپ ئۆزەمگە بېسىم قىلماقچى بولغىنىمدا، ئۆپكەمنى بېسىۋېلىپ، ئۇلار ئۇزاپ نەگە كېتىپتۇ، سەن نەدە قاپسەن؟ بۇ پەللىنى، نىشاننى ۋە يۈگۈرۈشنى كىم بەلگىلىدى؟ نېمىدە بەسلەشمەكچىسەن، ئىلىمدىمۇ؟ بايلىقتىمۇ؟ شۆھرەتتىمۇ؟… دەپ، ئويلاپ قالىمەن. بۇرۇنقى ساھابىلەر تەقۋادارلىقتا بەسلىشەتتىكەن، ساۋابلىق ئىشلارغا ئالدىرىشاتتىكەن، بىر-بىرلىرىگە ھېكمەت ۋە بايلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشاتتىكەن.
جاھان غەۋغالىرىغا ئالدانمايدىغان، ئۆتكۈنچى نەرسىلەرنى مەڭگۈلۈك دەپ ئويلىۋالمايدىغان، خاتا ئېقىمغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەيدىغان، ھەممە ئادەم بىر نەرسىنىڭ كەينىدە پالاقلاپ يۈرگەندە بىر دەم دېمىنى ئېلىۋېلىپ، باشقا نەرسىلەرنىمۇ ئويلىيالايدىغان، ھەممە ئادەم مەست بولۇپ كەتسىمۇ سەگەك تۇرالايدىغان، قىززىپ كەتكەندە ئۆزىنى توختىتالايدىغان، ئىشلارنى سالماق بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئادەملەرگە زوقلىنىمەن، بۇ زوقمەنلىكنىڭ مەندىمۇ بىر پەزىلەت ۋە ياخشىلىق پەيدا قىلىشىنى تىلەيمەن.

ئىنكاس يېزىش چەكلەندى