ھېكايە سۆزلىگۈچى

moyan

مويەننىڭ نوبېل مۇكاپاتى ئېلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن سۆزى

شېۋىتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئاكادېمىكلىرى، خانىملار، ئەپەندىلەر:
مەن ئويلايمەنكى، مەشەدە ئولتۇرغان مېھمانلار تېلىۋىيە ياكى تور ئارقىلىق يىراقتىكى گاۋمى ناھىيەسى دۇڭبېي يېزىسى ھەققىدە ئاز-تولا تەسىراتقا ئىگە بولدۇڭلار. سىلەر توقسان نەچچە ياشلىق دادامنى كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن، ئاكام، ھەدەم، ئايالىم ۋە بىر ياشقا كىرىپ 4 ئاي ئاشقان نەۋرە قىزىمنى كۆردۈڭلار. ئەمما مەن مۇشۇ پەيتتە چوڭقۇر ياد ئەتكەن ئانامنى سىلەر مەڭگۈ كۆرەلمەيسىلەر. مەن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن خېلى كۆپ ئادەم بۇ شان-شەرەپتىن تەڭ بەھرىمەن بولدى، ئەمما ئانام بۇنىڭدىن بەھىرلىنەلمىدى.
ئانام 1922-يىل تۇغۇلۇپ، 1994-يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسەت كۈلى كەنتىمىزنىڭ شىمال تەرىپىدىكى شاپتۇللۇققا كۆمۈلگەنىدى. ئۆتكەن يىل بىر تۆمۈر يول شۇ يەردىن ئۆتىدىغان بولۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ قەبرىسىنى يېزىدىن تېخىمۇ يىراق يەرگە كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇق. قەبرىنى ئېچىپ قارىساق گۈەنسەي ئاللىقاچان چىرىپ، ئانامنىڭ جەسەت كۈلى لايغا ئارىلىشىپ كېتىپتۇ. بىز خاتىرە ئۈچۈن ئازراق لاي ئېلىپ، ئۇنى يېڭى قەبرىگە يۆتكىدۇق. شۇندىن بېرى مەن ئانامنى زېمىننىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى دەپ ئويلايدىغان بولدۇم، مېنىڭ زېمىندا تۇرۇپ سۆزلىگىنىم ئەمەلىيەتتە ئانامغا سۆزلىگىنىم.
مەن ئانامنىڭ ئەڭ كىچىك بالىسى، ئەڭ بۇرۇن ئېسىمدە قالغان بىر ئىش، مەن ئۆيدىكى بىردىنبىر چايداننى ئېلىپ گۇڭشېنىڭ ئاشخانىسىدىن قايناق سۇ ئالغىلى بارغاندا، ئاچلىق، ماغدۇرسىزلىقتىن قولۇمدىكى چايدان يەرگە چۈشۈپ چېقىلىپ كەتكەندە ئۆلگۈدەك قورقۇپ، چۆپلۈكنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ بىر كۈن چىقمىغانىدىم. كەچقۇرۇن ئانام مېنى ئەركىلىتىپ چاقىرغاندا ئاندىن چىقتىم، تىل-تاياققا قالىمەن دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما ئانام مېنى ئۇرمىدى، تىللىمىدى، پەقەت بېشىمنى سىلاپ ئېغىر-ئېغىر تىنىپ قويدى.
ئېسىمدىن چىقمايدىغان ئازابلىق بىر ئىش شۇكى ، ئانامغا ئەگىشىپ كوللېكتىپنىڭ ئېتىزلىقىغا باشاق تەرگىلى بارغاندا، ئېتىزلىقنى باقىدىغان ئادەم كېلىپ قالدى، باشقا تېرىۋاتقان ئادەملەر پېتىراپ قېچىپ كېتىشتى، ئانامنىڭ پۇتى كىچىك، ئىتتىك يۈگۈرەلمىگەچكە تۇتۇلۇپ قالدى، ھېلىقى تەتۈر ئۇستىخان ئادەم ئانامنى بىر شاپىلاق سالدى، ئانام سەنتۈرۈلۈپ يىقىلدى. ئۇ ئادەم بىز تەرگەن باشاقلارنى ئېلىۋېلىپ، ئىسقىرتقىنىچە كېتىپ قالدى. ئانامنىڭ جاۋغىيىدىن قانلار ئاقتى، يەردە بىر دەم ئولتۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ چىرايىدىكى شۇ ئۈمىدسىزلىكنى مەن ئۆمۈر بويى ئۇنۇتالمايمەن. كۆپ يىللاردىن كېيىن، ئۇ ئادەم قېرىپ چېچىغا ئاق كىرگەندە، بىر كۈنى بازاردا ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۆچ ئالاي دەپ ئالدىغا دىۋەيلەپ بېرىشىمغا ئانام مېنى تارتىپ سوغۇققانلىق بىلەن: ”بالام، مېنى ئۇرغان ئادەم بۇ بوۋاي ئەمەس“ دەپ تۇرۇۋالدى.
ئېسىمدىن چىقمايدىغان يەنە بىر ئىش، تاۋۇز چاغىنى بولغان كۈنى چۈشتە بىز ئائىلە بويىچە مىڭ تەسلىكتە بىر قېتىم جۇۋاۋا تۈگۈپ يېدۇق، ئەمما بىر ئادەمگە بىر قاچىدىنلا تەگدى. جۇۋاۋا يەۋاتساق بىر تىلەمچى قېرى ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىپ قالدى. مەن يېرىم قاچا تاتلىق ياڭيو قېقىنى بېرىپ ئۇنى يولغا سالماقچى بولدۇم، ئەمما ئۇ ئاچچىقىدا غۇدۇراپ: ”مەن قېرىغان ئادەم، ئۆزەڭلار جۇۋاۋا يەپ ماڭا قاتتىق قاقنى بېرىپ قويساڭلار، يۈرىكىڭلار قانداق خەق سىلەرنىڭ؟“ دېۋىدى، غەزىۋىم تېشىپ: ” بىزمۇ يىلدا ئاران بىر نەچچە قېتىم جۇۋاۋا يېيەلەيمىز، بىر ئادەمگە پەقەت بىر پىيالە جۇۋاۋا تېگىدۇ، يېرىم قاچىمۇ يېيەلمەيمىز، ساڭا ھېلىمۇ تاتلىق ياڭيو قېقى بەردۇق، ئالساڭ ئال، بولمىسا يوقال!“ دېۋىدىم، ئانام مېنى ئەيىبلەپ، ئۆزىنىڭ يېرىم قاچا جۇۋاۋىسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۇ قېرى تىلەمچىنىڭ چىنىسىگە تۆكۈپ بەردى.
مەن ئەڭ پۇشايمان قىلىدىغان بىر ئىش، ئانام بىلەن بىللە بەسەي ساتقىلى بارغاندا، بىزدىن بەسەي ئالغان قېرىدىن بىر موچەن پۇلنى ئارتۇق ئېلىۋاپتىمەن. پۇلنى ھېسابلاپ بولغاندىن كېيىن مەكتەپكە كەتتىم، مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە ئۆيگە كەلسەم، ئادەتتە ئاسان ياش تۆكمەيدىغان ئانام يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. مېنى كۆرۈپ تىللىمىدى، ئەمما پەس ئاۋازدا: بالام، سەن ئاناڭنىڭ يۈزىنى تۆكتۈڭ“ دېدى.
ئون نەچچە ياشقا كىرگەن چېغىمدا ئانام ئېغىر ئۆپكە كېسىلى بولۇپ قالدى، ئاچلىق، كېسەللىك، چارچاش بۇ ئائىلىمىزنى ھالسىراتتى، ئۈمىد ۋە خۇشاللىقنى كۆرەلمىدۇق. كۆڭلۈمدە ئانام تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتەمدىغاندۇ دەيدىغان ۋەھىمە پەيدا بولدى. ھەر قېتىم ئەمگەكتىن قايتىپ ئۆيگە كەلسەم دەرۋازىدىن كىرىپلا ئانامنى توۋلايتتىم، ئاۋازىنى ئاڭلىسام كۆڭلۈم جايىغا چۈشەتتى. ئەگەر ئاۋازىنى ئاڭلىيالمسام يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ، دەھلىز ئۆيدىن قازناققىچە ئىزدەيتتىم. بىر قېتىم ھەممە ئۆينى ئاختۇرۇپمۇ ئانامنى تاپالماي، ھويلىدا ئولتۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدىم، شۇ چاغدا ئانام بىر باغلام ئوتنى يۈدۈپ تالادىن كىردى. ئۇ مېنىڭ يىغلىشىمنى ياقتۇرمىدى، ئەمما كۆڭلۈمدىكى غەم-قايغۇنى ئۇنىڭغا ئېيتالمايتتىم. ئۇ مېنى چۈشىنىپ ” بالام، ئەنسىرىمە، گەرچە مەن تۇرمۇشنىڭ ھېچ خوۋلۇقىنى كۆرەلمىسەممۇ، تەڭرى مېنى چاقىرمىغىچە ئۇ يەرگە بارمايمەن“ دېدى.
مەن تۇغۇلۇشۇمدىنلا سەت بولغاچقا مەھەللىدىكى نۇرغۇن ئادەم كۆز ئالدىمدىلا مېنى مازاق قىلاتتى، مەكتەپتىكى بىر نەچچە ئوسال ساۋاقدىشىم ھەتتا مېنى ئۇرغانىدى. ئۆيگە يىغلاپ كەلسەم ئانام: ” بالام، سەن سەت ئەمەس، بەش ئەزايىڭ جايىدا، پۇت-قولۇڭ ساق، نەرىڭ سەتكەن؟ يەنە كېلىپ سەن ئاقكۆڭۈل بولساڭ، ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلساڭلا سەت بولساڭمۇ چىرايلىق ئادەمگە ئايلىنالايسەن“ دەيتتى. كېيىن شەھەرگە كىرسەم تەربىيە كۆرگەن بەزى ئادەملەرمۇ كەينىمدىن، ھەتتا ئالدىمدا چىرايىمنى مەسخىرە قىلىشتى، مەن ئانامنىڭ سۆزىنى ئەسلەپ، خاتىرجەملىك ۋە ۋەزمىنلىك بىلەن ئۇلاردىن ئەپۇ سورىدىم.
ئانام ساۋاتسىز بولغان بىلەن ساۋاتلىقلارنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيتتى. ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى قىيىن بولۇپ، دائىم بىر ۋاق تاماق يېسەك بىر ۋاق ئاچ قالاتتۇق، شۇنداقتىمۇ مەن كىتاب، دەپتەر-قەلەم ئالىمەن دېسەملا، ئانام پۇل بېرەتتى. ئۇ ناھايىتى ئىشچان ئايال بولۇپ، ھورۇن بالىلارنى ياقتۇرمايتتى، ئەمما مەن كىتاب ئوقۇيمەن دەپ ئىشىمنى ئاقسىتىپ قويسام، مېنى ھەرگىز تەنقىدلىمەيتتى.
بىر چاغدا بازارغا بىر مەدداھ كەلدى. مەن ئوغرىلىقچە بېرىپ قىسسە ئاڭلاپ، ئانام بۇيرۇغان ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئانام مېنى تەنقىدلىدى. ئاخشىمى ئۇ جىنچىراغنى يېقىپ قويۇپ، ئۆيدىكىلەرگە پاختىلىق كىيىم تىكىۋاتقاندا كۈندۈزى مەدداھتىن ئاڭلىۋالغان قىسسەنى ئانامغا سۆزلەپ بەرگۈم كەلدى، ئۇ كۆڭلىدە مەدداھلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ قىلىدۇ، كوچىدا يۈرىدىغان ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىن ياخشى گەپ چىقمايدۇ دەپ ئويلاپ باشتا ئانچە خالىمىدى؛ ئەمما مەن قىسسەنى سۆزلەشكە باشلىغاندا بارا-بارا قىزىقىپ قالدى. كېيىن ھەر بازار كەلسە مېنى ئىشقا بۇيرۇماي، بازارغا بېرىپ مەدداھتىن قىسسە ئاڭلاپ كېلىشىمگە يول قويىدىغان بولدى. ئانامغا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش ھەم ئۆزەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن، ھەر بازار كۈنى ئاڭلىغان ھېكايىلەرنى ئانامغا جانلىق، تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەپ بېرىدىغان بولدۇم.
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، مەن مەدداھنىڭ قىسسەلىرىنى تەكرارلاۋېرىشكە قانائەت قىلماي ئۇنىڭغا يېڭى گەپ، يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇشقا باشلىدىم. ئانامنى تەسىرلەندۈرۈش ئۈچۈن بەزى ۋەقەلىكلەرنى ئۆزەم توقىدىم، بەزىدە ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتىم. ئەمدى ئاناملا ئەمەس، ھەدەم، يەڭگەم، موماممۇ مەندىن قىسسە ئاڭلايدىغان قۇلاق موللىسىغا ئايلاندى. ئانام ھېكايەمنى ئاڭلاپ بولۇپ بەزىدە ئەنسىرەپ، ماڭا ھەم ئۆزىگە سۆزلەۋاتقاندەك: بالامەي، چوڭ بولساڭ قانداقراق ئادەم بولارسەن؟ گەپ سېتىپ جان باقىدىغان ئادەم بولامسەن نېمە؟“ دەپ قوياتتى.
ئانامنىڭ ئەنسىرەشلىرىنى چۈشىنەتتىم، چۈنكى بۇ مەھەللىدە تولا گەپ قىلىدىغان بالىنى كىشىلەر ياقتۇرمايتتى، بۇنداق بالا بەزىدە ئۆزىگە ھەم ئائىلىسىگە چاتاق تېپىپ بېرەتتى. مەن «كالا» دېگەن ھېكايەمدە يازغان، تولا گەپ قىلىپ مەھەللىدىكى كىشىلەرنى بىزار قىلغان بالىدا بالىلىق ۋاقتىمنىڭ ئىزنالىرى بار. ئانام ماڭا دائىم ئاز گەپ قىل دەيتتى، مېنىڭ كەمسۆز، ئېغىر-بېسىق بالا بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلاتتى. ئەمما مەن ياخشى سۆزلىيەلەيدىغان ھەم گەپ قىلغۇسى كېلىپلا تۇرىدىغان بالا ئىدىم، بۇ خەتەرلىك ئىش ئىدى، ئەمما مېنىڭ ھېكايە ئېيتىش ماھارىتىم ئانامغا يەنىلا خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئانام چوڭقۇر زىددىيەت ئىچىدە قالغانىدى.
كونىلاردا ”تاغ يۆتكەلسە يۆتكىلىدۇكى، خۇي يۆتكەلمەيدۇ“ دېگەن گەپ بار، ئاتا-ئانام ماڭا توختىماي تەربىيە بېرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما مېنىڭ گەپ قىلىشقا ئامراقلىقىمنى ئۆزگەرتەلمىدى، شۇڭا ”مويەن“ (مۆرىمەس) دېگەن ئىسمىم، ئۆزەمنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.
مەن باشلانغۇچنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا ئوقۇشتىن چېكىندىم، تېنىم ئاجىز، ئېغىر ئىش قىلالمايدىغان بولغاچقا جاڭگاللىققا بېرىپ پادا باقتىم. كالا-قويلىرىمنى ھەيدەپ مەكتەپ ئالدىدىن ئۆتسەم، كونا ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەكتەپ ھويلىسىدا ۋاقىرىشىپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسەم، كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ، مەيلى كىچىك بالا بولسىمۇ بىر ئادەمنىڭ توپتىن ئايرىلىپ قېلىشىنىڭ نەقەدەر ئازابلىق بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلاتتىم.
جاڭگاللىققا كېلىپ كالا-قويلارنى ئوتلاشقا قويۇۋېتەتتىم. كۆك دېڭىزدەك بىپايان ئاسمان، چەكسىز يايلاق، ئەتراپ خىلۋەت ھەم جىمجىت، پەقەت قۇشلارلا سايراپ ئۆتەتتى. تىكەندەك يالغۇز ئىدىم، غېرىبسىناتتىم، كاللام قوپقورۇق ئىدى. بەزىدە چىملىقتا يېتىپ ئاسماندا ئاستا ئۈزۈۋاتقان بۇلۇتلارغا قارايتتىم، كاللامدا تۈرلۈك-تۈمەن، ئاجايىپ-غارايىپ خىياللار پەيدا بولاتتى، بىزنىڭ ئۇ يەردە تۈلكە پەرىزاتقا ئۆزگىرىپ قالىدىغان چۆچەكلەر بار ئىدى. مەن، بىر تۈلكە ھۆر-پەرىگە ئايلىنىپ ماڭا ھەمراھ بولۇپ پادا بېقىشىپ بەرسە دەپ خىيال قىلاتتىم، ئەمما ئۇنداق قىز پەقەت چىقمىدى. بىر قېتىم بىر قىزىل تۈلكە ئالدىمدىكى چۆپلۈكتىن ئېتىلىپ چىققاندا قورقۇپ كېتىپ يەردە ئولتۇرۇۋالغانىدىم، تۈلكە قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا شۇ يەردە تىترەپ ئولتۇردۇم. بەزىدە كالىلارنىڭ قېشىدا ئولتۇرسام ئۇلارنىڭ توق كۆك رەڭلىك كۆزلىرىدىن ئۆزەمنىڭ ئەكس سايىسىنى كۆرەتتىم. بەزىدە قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى دوراپ ئۇلار بىلەن سۆزلەشمەكچى بولاتتىم، بەزىدە بىرەر دەرەخكە كۆڭلۈمنى چۈشەندۈرەتتىم. بىراق قۇشلارمۇ، دەرەخلەرمۇ ماڭا پەرۋا قىلمايتتى. كېيىن مەن يازغۇچى بولغاندا، شۇ يىللاردىكى نۇرغۇن خام خىياللىرىمنى ئەسەرلىرىمگە ئېلىپ كىردىم. كۆپ ئادەم مېنى تەسەۋۋۇرغا باي دەپ ماختاشتى، بەزى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى مەندىن تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى يېتىلدۈرۈشنىڭ سىرىنى سورىدى، مەن ئۇلارغا قاراپ ئاچچىق كۈلۈپلا قويدۇم.
جۇڭگونىڭ قەدىمكى دانىشمەنى لاۋزى ئېيتقاندەك، ” كۆپنى كۆرگەن كۆپنى بىلۇر“، مەن كىچىك تۇرۇپلا ئوقۇشتىن توختاپ قالغان، ئاچ قالغان، يالغۇزلۇق تارتقان، ئوقۇغىدەك كىتاب تاپالماي زېرىككەن، ئەمما پېشقەدەم يازغۇچىمىز شېن سۇڭۋېندەك، جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ كىتابنى بالدۇرلا ئوقۇشقا كىرىشكەن، مەن بايا دەپ ئۆتكەن، بازارغا بېرىپ مەدداھتىن قىسسە ئاڭلاش بولسا ئۇ چوڭ كىتابنىڭ بىر بېتى، خالاس.
ئوقۇشتىن توختاپ جەمئىيەتكە قېتىلغاندىن كېيىن، ئۇزۇن مەزگىللىك ”قۇلاق موللىسى بولۇش“ سەپىرىنى باشلىدىم. 200 يىللار ئاۋۋال، يۇرتىمىزدىن پۇ سۇڭلىڭ دەيدىغان تالانتلىق مەدداھ چىققان. كەنتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ۋە مەن ئۇنىڭ ۋارىسلىرى، مەن كوللېكتىپ ئەمگەك قىلغان ئېتىز قىرلىرىدا، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ كالا قوتىنى، ئات ئېغىللىرىدا، بوۋام-موماملارنىڭ ئىسسىق كاڭلىرىدا، ھەتتا ئەرۋاڭلاپ كېتىۋاتقان كالا ھارۋىلىرىدا جىن-ئالۋاستىلار، تارىخىي رىۋايەتلەر، ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار ھەققىدە نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئاڭلىدىم. بۇ ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يەرنىڭ مۇھىتى، نەسەپ تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كىشىگە ئىنتايىن راست تۇيۇلىدۇ.
ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە يېزىقچىلىقىمغا ماتېرىيال بولۇپ قېلىشىنى زادىلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، ئۇ چاغدا مەن پەقەت ھېكايە ئاڭلاشقا ئامراق بالا بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلايتتىم. ئۇ چاغدا مەن تەڭرىگە ئىشىنەتتىم، بارلىق نەرسىلەردە روھ بار دەپ قارايتتىم. بىر تۈپ دەرەخنى كۆرسەم ھۆرمىتىم قوزغىلاتتى، بىر قۇشنى كۆرسەم ئۇنى ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ دەپ ئويلايتتىم، ناتونۇش ئادەمنى كۆرسەم بۇ ئادەم قايسى ھايۋاندىن ئۆزگىرىپ ئادەم بولغاندۇ دەپ گۇمان قىلاتتىم. ھەر كۈنى ئاخشىمى ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ ئىش نورمىسىنى خاتىرىلەيدىغان ئۆيىدىن ئۆيگە قايتقىنىمدا مېنى قاتتىق قورقۇنچ بېسىۋالاتتى، قورقماسلىق ئۈچۈن يۈگۈرگەچ ناخشا توۋلايتتىم، ئۇ چاغدا بالاغەتكە يېتىپ ئاۋازىم ئۆزگىرىۋاتقان بولغاچقا كانىيىم بوغۇق، ناخشام قوپال ئىدى، مەھەللە كوينى بۇ سەت ئاۋازىم بىلەن زېرىكتۈرەتتىم.
مەن يېزىدا 21 يىل ياشىدىم، شۇ ۋاققىچە يۇرتتىن ئايرىلىپ ئەڭ يىراققا بارغىنىم پەقەت پويىزغا چىقىپ چىڭداۋغا بېرىشىم بولدى، بېرىپ ياغاچ ھەرىلەش زاۋۇتىنىڭ تاغ دۆۋىسىدەك ياغاچلىرى ئارىسىدا ئېزىقىپ قالغىلى تاس قالدىم، ئانام مەندىن چىڭداۋغا بېرىپ نېمە كۆردۈڭ دەپ سورىغاندا، مەيۈسلىنىپ: ”دۆۋە-دۆۋە ياغاچلاردىن باشقا ھېچنېمىنى كۆرەلمىدىم“ دېدىم. ئەمما بۇ قېتىمقى سەپەر مېنىڭ يۇرتتىن ئايرىلىپ جاھان كۆرۈش ئارزۇيۇمنى كۈچەيتىۋەتتى.
1976-يىل مەن چاقىرىق بويىچە ئەسكەرلىككە كىرىپ، ئانام ئۆزىنىڭ تويلۇق زىبۇ زىننەتلىرىنى سېتىپ ئېلىپ بەرگەن تۆت توملۇق « جۇڭگو ئومۇمى تارىخىدىن قىسقىچە بايان» ناملىق كىتابنى يۈدۈپ، گاۋمى دۇڭبېي يېزىسى دەيدىغان، مەن ئۈچۈن سۆيۈملۈك ھەم نەپرەتلىك بولغان بۇ ماكاندىن ئايرىلىپ، ھاياتىمنىڭ ئەڭ مۇھىم باسقۇچىغا قەدەم قويدۇم. ئېتىراپ قىلىشىم كېرەككى، ئەگەر 30 نەچچە يىلدىن بۇيان جۇڭگو جەمئىيىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر، تەرەققىياتلار بولمىغان بولسا مەندەك بۇنداق يازغۇچىمۇ چىقمىغان بولاتتى.
گازارمىدىكى زېرىكىشلىك تۇرمۇشتا ياشاۋېتىپ، 80-يىللاردىكى ئىدىيە ئازادلىقى ۋە ئەدەبىيات قىزغىنلىقىغا توغرا كېلىپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن مەن مەدداھتىن ئاڭلىغان ھېكايىلەرنى سۆزلەيدىغان بالىدىن، ئۇلارنى قەلەم بىلەن يېزىپ باقىدىغان ئادەمگە ئايلاندىم. دەسلەپكى قەدەم ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى، ئۇ چاغدا مەن 20 نەچچە يىللىق يېزا تۇرمۇشۇمىنىڭ ئەسلىدە زور ئىجادىيەت بايلىقى ئىكەنلىكىنى تېخى ھېس قىلمىغان، ئەدەبىي ئەسەر دېگەن ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلارنى، قەھرىمانلارنى، نەمۇنىچىلارنى يازىدۇ دەپ قارايتتىم، شۇڭا بىر نەچچە پارچە ئەسەر ئېلان قىلغان بولساممۇ ئۇلارنىڭ بەدئىي قىممىتى ناھايىتى تۆۋەن بولدى.
1984-يىل كۈزدە ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردىم. كۆيۈمچان ئۇستازىم، مەشھۇر يازغۇچى شۈ خۇەيجۇڭنىڭ ئىلھام بېرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن «شەھلا كۆز»، «قۇرۇپ كەتكەن دەريا»، «سۈزۈك سەۋزە»، «قىزىل قوناق» قاتارلىق بىر يۈرۈش ھېكايە-پوۋېستلارنى يازدىم. «شەھلا كۆز» ناملىق ھېكايەمدە تۇنجى بولۇپ ”گاۋمى دۇڭبېي يېزىسى“ تىلغا ئېلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر تەرەپتە سەرسان بولۇپ يۈرگەن بىر دېھقان گويا ئۆزىنىڭ بىر پارچە يېرىگە ئىگە بولغاندەك، ئەدەبىيات كوچىسىدا يۈرگەن مەندەك سەرگەردانغىمۇ پاناھلىنىدىغان بىر يەر چىقتى. ئېتىراپ قىلىشىم كېرەككى، ”گاۋمى دۇڭبېي يېزىسى“ نى ئىجادىيەت تۇپرىقىم قىلىش جەريانىدا ئامېرىكىلىق يازغۇچى ۋىليام فولكنېر، كولۇمبىيەلىك يازغۇچى گارسىيە ماركوزدىن ئىلھام ئالدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەستايىدىل ئوقۇمىدىم، ئەمما ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە جاسارىتى مېنى ئىلھاملاندۇردى، بىر يازغۇچىنىڭ چوقۇم ئۆزىگە تەۋە بىر ماكانى بولۇشى كېرەكلىكىنى چۈشەندىم. بىر ئادەم ئادەتتىكى تۇرمۇشىدا كەمتەر، مۇلايىم بولسا بولىدۇ، ئەمما ئەدەبىي ئىجادىيەتتە چوقۇم مەغرۇر، زوراۋان بولۇشى كېرەك. مەن بۇ ئىككى پېشىۋاغا ئىككى يىلدەك ئەگەشكەندىن كېيىن ئۇلاردىن دەرھال يىراقلىشىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم، مەن بىر ماقالەمدە مۇنداق يازغان: ئۇ ئىككەيلەن قىززىق مەش، مەن بولسام مۇز پارچىسى، ئەگەر ئۇلارغا بەك يېقىنلىشىپ كەتسەم پارغا ئايلىنىپ كېتىمەن. يازغۇچىنىڭ يەنە بىر يازغۇچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىكى سەۋەب شۇكى، تەسىر قىلغۇچى بىلەن تەسىرلەنگۈچىنىڭ روھىدا مەلۇم ئوخشاشلىق بار. ”قەلبتىن قەلبكە يول بار“ دېگەن مانا شۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ياخشىراق ئوقۇمىغان بولساممۇ، بىر نەچچە بېتىنى ئوقۇپلا ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى، قانداق قىلغانلىقىنى چۈشەندىم، ئارقىدىن ئۆزەمنىڭ نېمە قىلىشىم ۋە قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلىۋالدىم.
راستىمنى ئېيتقاندا، ھېكايە سۆزلەۋاتقاندا كىمنىڭ ماڭا قۇلاق سېلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ كەتمەيتتىم، بەلكىم ئانام ياكى ئانامغا ئوخشاش ئادەمدۇ ياكى ئۆزەم سۆزلەپ ئۆزەم ئاڭلايدىغاندىمەن دەيتتىم. مېنىڭ ھېكايىلىرىم دەسلەپتە ئۆزەمنىڭ كەچمىشلىرىدىن باشلاندى. مەسىلەن، «قۇرۇپ كەتكەن دەريا» دىكى قاتتىق تاياق يېگەن بالا، «سۈزۈك سەۋزە» دىكى ئۆمۈر بويى گەپ قىلمايدىغان بالا قاتارلىقلار. مەن بىر قېتىم خاتا ئىش قىلىپ قويۇپ ئانامدىن ھەقىقەتەن تاياق يېگەن، مەن يەنە كۆۋرۈك سېلىۋاتقان قۇرۇلۇش مەيدانىدا تۆمۈرچىلەرگە كۆرۈك تارتىشىپ بەرگەن. ئەلۋەتتە، بىر ئادەمنىڭ كەچمىشلىرى ھەر قانچە ئالاھىدە بولۇپ كەتسىمۇ ئۇنى ئۆز ئەينى ھېكايە قىلىپ يېزىشقا بولمايدۇ، ھېكايىدە چوقۇم توقۇلما ۋە تەسەۋۋۇر بولۇشى كېرەك. نۇرغۇن دوستلىرىم «سۈزۈك سەۋزە» سېنىڭ ئەڭ ياخشى ھېكايەڭ دېيىشىدۇ، بۇنى ئىنكار قىلمايمەن، توغرا دەپمۇ كەتمەيمەن. مەنچە بۇ ھېكايە ئەسەرلىرىم ئىچىدە سمۋوولۇققا ئەڭ باي، مەنىسى ئەڭ چوڭقۇر ئەسەر. ئازابقا چىداش كۈچى، تۇيغۇ ئىقتىدارى ئالاھىدە بولغان قارىۋاي بالا بارلىق ھېكايىلىرىمنىڭ جېنىدۇر. كېيىنكى ئەسەرلىرىمدە گەرچە نۇرغۇن ئادەملەرنى يازغان بولساممۇ ھېچقانداق پىرسۇناژ مېنىڭ قەلبىمگە شۇ بالىدەك يېقىنلىشالمىدى. ياكى مۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇ، بىر يازغۇچى ياراتقان بىر نەچچە پىرسۇناژ ئىچىدە ھامان بىرى يېتەكچى بولىدۇ، ئۇ جىمغۇر بالا ئەنە شۇ يېتەكچى ئورۇندا، ئۇ ھېچقانداق گەپ قىلمايدۇ، ئەمما ئۇ ھەر خىل پىرسۇناژلارغا باشچىلىق قىلىپ، گاۋمېي دۇڭبېي يېزىسىدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدە پۈتۈن ماھارىتى بىلەن ئويۇن كۆرسىتىدۇ.
ئۆزىمىزنىڭ ھېكايىسى ھامان چەكلىك، ئۇلارنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم باشقىلارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىمنىڭ، كەنتىمىزدىكىلەرنىڭ ھېكايىلىرى، پېشقەدەملەرنىڭ ئاغزىدىن ئۆزەم ئاڭلىۋالغان ئەجدادلىرىمىز توغرۇلۇق ھېكايىلەر ئۆتمۈش خاتىرىلىرىم ئارىسىدىن خۇددى يىغىلىش بۇيرۇقىنى ئاڭلىغان ئەسكەرلەردەك يوپۇرۇلۇپ كېلىشتى. ئۇلار ماڭا ئۈمىدلىك نەزەردە تىكىلىپ، ئۆزلىرىنى يېزىشىمنى كۈتۈپ تۇرۇشاتتى. بوۋام، مومام، ئاتا-ئانام، ئاكام، ھەدەم، ھامماچام، تاغام، ئايالىم، قىزىمنىڭ ھەممىسى ئەسەرلىرىمدىن ئورۇن ئالدى. يەنە گاۋمېي دۇڭبېي يېزىسىدىكى نۇرغۇن يۇرتداشلىرىم ئەسەرلىرىمدە تەسۋىرلەندى. ئەلۋەتتە مەن ئۇلارنى بەدئىيلىك جەھەتتىن پىششىقلىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزىدىنمۇ ھالقىغان بەدئىي ئوبرازلارغا ئايلاندى.
ئەڭ يېڭى رومانىم «پاقا» دا ھامماچامنىڭ ئوبرازى بار. مەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، نۇرغۇن مۇخبىرلار ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى زىيارەت قىلدى، دەسلەپتە ئۇ زېرىكمەستىن جاۋاب بەردى، كېيىن ئاۋارىچىلىقتىن قېچىپ، ناھىيە بازىرىدىكى ئوغلىنىڭ ئۆيىگە بېكىنىۋالدى.
ھامماچام ھەقىقەتەن «پاقا»رومانىدىكى پىرسۇناژىمنىڭ پروتوتىپى، ئەمما روماندىكى ھامما بىلەن رېئاللىقتىكى ھامماچامنىڭ ئاسمان-زېمىن پەرقى بار. روماندىكى ھامما ئۆكتەم، زوراۋان، بەزىدە ئايال باندىتقىمۇ ئوخشاپ قالىدۇ. رېئال تۇرمۇشتىكى ھامماچام بولسا ئاقكۆڭۈل، ئوڭلۇق ئايال، تەلەپكە لايىق خوتۇن، ياخشى ئانا. رېئاللىقتىكى ھامماچامنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشى بەختلىك. روماندىكى ھامما بولسا قېرىغاندا ئېغىر روھىي ئازابتىن ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، قارا ساراپان كىيىپ، قاراڭغۇلۇقتا ئەرۋاھتەك ئايلىنىپ يۈرىدىغان ئايال. مەن ھامماچامنىڭ كۆڭلى-كۆكسىنىڭ كەڭلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇ رومانىڭدا مېنى ئاشۇنداق يېزىپسەن دەپ خاپا بولمىدى؛ مەن ئۇنىڭ ئەقلىگە ئاپىرىن ئېيتىمەن، چۈنكى ئۇ روماندىكى پىرسۇناژ بىلەن رېئاللىقتىكى ئادەمنىڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋىتىنى توغرا چۈشەندى.
ئانام ۋاپات بولغاندىن كېيىن مەن قاتتىق ئازابلىنىپ، ئۇنىڭغا بېغىشلاپ بىر رومان يېزىش قارارىغا كەلدىم. بۇ رومان دەل «تولغان ئەمچەك، سېمىز ساغرا» رومانىدۇر. كاللامدا ھەممىسى شەكىللىنىپ بولغان، ھېسسىياتىم قايناپ تاشقان بولغاچقا، 83 كۈندىلا 500 مىڭ خەتلىك بۇ روماننىڭ ئورگىنالىنى قولدىن چىقاردىم.
بۇ روماندا مەن ئانامنىڭ كەچمىشلىرىگە ئائىت ماتېرىياللاردىن تولۇق پايدىلاندىم، ئەمما روماندىكى ئانىنىڭ مۇھەببەت كەچمىشلىرى توقۇلما، مەن يەنە گاۋمى دۇڭبېي يېزىسىدىكى باشقا ئانىلارنىڭ كەچمىشلىرىدىن ماتېرىيال ئالدىم. بۇ كىتابنىڭ بېشىغا مەن «تەبىئەتنىڭ روھى بولغان ئانامغا بېغىشلايمەن» دەپ يازدىم. ئەمەلىيەتتە بۇ، دۇنيادىكى بارلىق ئانىلارغا بېغىشلانغان ئەسەر، كىچىككىنە ”گاۋمى دۇڭبېي يېزىسى“نى جۇڭگو، ھەتتا دۇنيانىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى قىلىشقا قانداق ئۇرۇنغان بولسام، ئۇنىمۇ شۇنداق سىناپ باقتىم.
يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت جەريانى ھەر خىل بولىدۇ، ئەسەرلىرىمنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى، ئىلھام مەنبەسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بەزى ئەسىرىم چۈشۈمدىن بارلىققا كەلگەن، مەسىلەن، «سۈزۈك سەۋزە»، بەزى ئەسىرىم ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگەن بىرەر ئىشتىن كەلگەن. مەسىلەن، «جەننەتتىكى غول سامساق كۈيى». ئەسەرلەر مەيلى چۈش ياكى ئەمەلىيەتتىن مەيدانغا كەلگەن بولسۇن، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇ چوقۇم يازغۇچىنىڭ كەچمىشلىرى بىلەن بىرلىشىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئۇ روشەن خاسلىققا ئىگە، جانلىق دېتاللار ئارقىلىق تىپىل پىرسۇناژلار يارىتىلغان، تىلى رەڭدار، قۇرۇلمىسى پۇختا ۋە ئۆزگىچە بولغان ئەسەرگە ئايلىنالايدۇ.
تەكىتلەپ قويىدىغىنىم شۇكى، «جەننەتتىكى سامساق كۈيى» دېگەن ئەسەردە مەن ھەقىقىي مەدداھنى مەيدانغا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا مۇھىم رول بەردىم. ئەمما مەن ئەسەردە ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى ئىشلەتكىنىمگە ئەپسۇسلىنىمەن. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئەسەردىكى بارلىق ئىشلىرى توقۇلما. ئىجادىيىتىم داۋامىدا بۇنداق ئىش كۆپ سادىر بولغان: ئەسەرنى يېزىشقا كىرىشكەندە رېئاللىققا يېقىنلىشىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئەينەن ئالاتتىم، ئەمما ئەسەر پۈتۈپ، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرۇۋېتەي دېگەندە مۇمكىن بولمايتتى. شۇ سەۋەبتىن ئەسەردىكى پىرسۇناژلىرىمغا ئىسمى ئوخشىشىپ قالغانلار دادامنى ئىزدەپ كېلىپ قاقشاپ بېرەتتى. دادام مەن ئۈچۈن ئۇلاردىن ئەپۇ سورايتتى ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇنى ئۆزىگە ئېلىۋالماسلىقىنى ئېيتاتتى. دادام يەنە: ” ئۇ «قىزىل قوناق»نىڭ بېشىدىلا ’ئاتام دېگەن بۇ باندىتنىڭ پۇشتى…‘ دېگەن تۇرسا، مەن بۇنىڭغا خاپا بولمىسام، سىلەر نېمىگە خاپا بولۇپ كېتىسىلەر“ دەيتتى.
رېئال تۇرمۇشقا يېقىنلاشقان «جەننەتتىكى غول سامساق كۈيى» دېگەندەك ئەسەرلىرىمدە جەمئىيەتتىكى ناچار ھادىسىلەرنى تەنقىدلەشكە جۈرئەت قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسىگە ئەمەس، بەلكى قايناق ھېسسىيات ۋە غەزەبنىڭ سىياسىيلىقنى كۆتۈرۈپ، بەدئىيلىكنى چۈشۈرۈپ بۇ روماننى ئەدەبىي ئاخباراتقا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلدىم. يازغۇچىمۇ جەمئىيەتتىكى ئادەم بولغاچقا ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ مەيدانى ۋە كۆز قاراشلىرى بولىدۇ. ئەمما يازغۇچى يېزىقچىلىق قىلىۋاتقاندا چوقۇم ئادىمىيلىك مەيدانىدا تۇرۇپ، بارلىق ئادەمنى ئۆز تەبىئىتىدىن يېزىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئەدەبىيات ۋەقە-ھادىسىلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغان، سىياسىيغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەمما ئۇنىڭدىن ھالقىغان ئەدەبىيات بولالايدۇ.
مەن ئۇزۇن مەزگىل مۇشەققەتتە ياشىغاچقا ئادىمىيلىكنى چوڭقۇر چۈشىنىمەن، ھەقىقىي باتۇرلۇقنىڭ نېمىلىكىنى بىلىمەن، ھەقىقىي ھەسرەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىمەن. مېنىڭچە ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ياخشىلىققىمۇ، يامانلىققىمۇ ياتمايدىغان مەۋھۇم دائىرە بولىدۇ. ئەدىبلەرنىڭ تالانتى مانا مۇشۇ دائىرىدە قانات يايىدۇ. زىددىيەتكە تولغان بۇ مەۋھۇم دائىرىنى توغرا، جانلىق ئىپادىلەپ بېرەلىگەن ئەسەرلەر تەبىئىي ھالدا سىياسىيدىنمۇ ھالقىغان سۈپەتلىك ئەسەرلەر بولالايدۇ.
ئۆز ئەسەرلىرى ھەققىدە سۆزلەۋېرىش كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئىش، ئەمما مېنىڭ ھاياتىم ئەسەرلىرىم بىلەن باغلىنىپ كەتكەن. ئەسەر ھەققىدە گەپ قىلمىسام دېگۈدەك گەپ تاپالمايمەن، شۇڭا كۆپچىلىك، مېنى ئەپۇ قىلىڭلار.
دەسلەپكى ئەسەرلىرىمدە مەن زامانىۋى مەدداھ سۈپىتىدە ئەسەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان بولسام، بۇ روماندىن باشلاپ ئۆزەمنى نامايەن قىلدىم. دەسلەپكى ئەسەرلىرىمدە ئاڭلايدىغان ھېچكىم يوق، ئۆزەمگە ئۆزەم سۆزلىگەن بولسام، بۇ روماندىن باشلاپ چوڭ مەيدانغا چىقىپ، كىشىلەرنىڭ ئالدىدا جانلىق، تەسىرلىك ھېكايە سۆزلەيدىغان بولدۇم. بۇ دۇنيا ھېكايىچىلىقىنىڭ، بولۇپمۇ جۇڭگو ھېكايىچىلىقىنىڭ ئەنئەنىسى. مەن ئىلگىرى غەربنىڭ مودېرنىزملىق ئەسەرلىرىدىن ئۆگىنىپ، خىلمۇ خىل بايان شەكىللىرىنى سىناپ باققان، بىراق ئاخىرىداق يەنىلا ئەنئەنىگە قايتىپ كەلدىم. بۇ قايتىش ئەلۋەتتە ھېچقانداق ئۆزگەرمەي قايتىپ كېلىش ئەمەس، «ئاق سەندەل جازاسى» ۋە كېيىنكى رومانلىرىم جۇڭگونىڭ كىلاسسىك رومانچىلىق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ھەمدە غەربنىڭ رومانچىلىق تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئورتاق مەھسۇلى. رومانچىلىقتىكى ئاتالمىش ئىجادىيلىق ئاساسىي جەھەتتىن بۇ خىل بىرلىشىشنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، ئۇ پەقەت يەرلىك ئەدەبىيات ئەنئەنىسى بىلەن بىلەن چەت ئەلنىڭ رومانچىلىق ھۈنىرىنىڭ بىرلىششى بولۇپلا قالماي، رومان بىلەن باشقا سەنئەت تۈرلىرىنىڭ بىرلىشىشىدۇر، مەسىلەن، «ئاق سەندەل جازاسى»رومانىدا دراما بىلەن ئەلنەغمە بىرىكىپ كەتكەن، دەسلەپكى بىر قىسىم ئەسەرلىرىم گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا، ھەتتا سېرىك ئويۇنلىرىدىن ئوزۇقلۇق ئالغان.
ئاخىرىدا سىلەرگە «ھايات-ماماتلىق چارچاش» رومانىم ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي. بۇ روماننىڭ ئىسمى بۇددا نوملىرىدىن كەلگەن. ئاڭلىشىمچە، چەت ئەللىك تەرجىمانلار بۇ ئىسىمنى تەرجىمە قىلالماي بېشى قېتىپ كەتكەنمىش. مەن بۇددا نوملىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ باقمىغاچقا بۇددا دىنى ھەققىدىكى چۈشەنچەم ناھايىتى ئاددىي، بۇددا دىنىنىڭ كۆپلىگەن قاراشلىرى بۇ ئالەمنى ھەقىقىي چۈشەندۈرىدۇ دەپ قارىغاچقا ئاشۇ ئىسىمنى قويغانىدىم. دۇنيادىكى نۇرغۇن دەتالاشلار بۇددىستلارنىڭ نەزەرىدە بىھۇردە ئۇرۇنۇشتۇر. دۇنياغا بۇنداق يۈكسەك نەزەردە قارىغاندا ھەممە ئىش ناھايىتى ئېچىنىشلىق كۆرۈنىدۇ. ئەلۋەتتە مەن بۇ روماننى ۋەز-نەسىھەت بىلەن توشقۇزۇۋەتمىدىم، بەلكىم ئادەملەرنىڭ تەقدىرى ۋە ھېسسىياتىنى، ئاجىزلىقى ۋە كەڭ قورساقلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بەختكە ئېرىشىش، ئۆز ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قۇربان بېرىشلىرىنى يازدىم، روماندا دەۋر ئېقىملىرىغا قارشى ئۆزى يالغۇز كۈرەش قىلغان لەن ليەن مېنىڭ نەزەرىمدە ھەقىقىي قەھرىمان. بۇ پىرسۇناژنىڭ پروتوتىپى بىزنىڭ قوشنا كەنتىمىزدىكى بىر دېھقان، بالىلىق ۋاقتىمدا ئۇ دائىم غىچىرلاپ ماڭىدىغان يارىيار ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ بىزنىڭ ئىشىكنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتى، توكور ئېشىكى ھارۋىنى سۆرىسە، پۇتى كىچىك خوتۇنى ئۇ ئېشەكنى يېتىلەپ ماڭاتتى. بۇ جانىۋارلار ئەينى ۋاقىتتىكى كوپېراتسىيە زامانىدا شۇنچە غەلىتە ھەم باشقا دەۋردە ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. بىزدەك بالىلارنىڭ نەزەرىدە بولسا ئۇلار دەۋر ئېقىمىغا قارشى كېتىۋاتقان ھارامزادىلەر بولۇپ، ئۇلار كوچىغا چىقىپلا قالسا غەزەپ بىلەن تاش ئاتاتتۇق. يىللار ئۆتۈپ مەن يېزىقچىلىققا كىرىشكەندە ئۇ ئادەم ۋە ئاشۇ مەنزىرە يادىمغا كېلىۋالدى، ھامان بىر كۈنى ئۇنى رومان قىلىپ يېزىپ چىقىمەن دەپ ئويلايتتىم، پەقەت 2005-يىلى مەن بىر بۇتخانىدا ”ئالتە نېرۋانا“ نىڭ تام رەسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇ روماننى قانداق يېزىش كېرەكلىكىنى چۈشەندىم.
مەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئاز-تولا غولغۇلا قوزغالدى، دەسلەپتە كىشىلەرنى مەن توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلىۋاتامدىكىن دەپ ئويلاپتىمەن، ئەمما كېيىن ئۇلارنىڭ مەن توغرۇلۇق ئەمەس، مەن بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ئادەملەر ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن خۇددى تاماشىبىنغا ئوخشاش، كۆپچىلىكنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈپ ئولتۇردۇم. مەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۇ ئادەمنىڭ دەستە-دەستە گۈللەرگە كۆمۈلگەنلىكىنى ھەم چالما-كېسەك قىلىنغالىقىنى، ئۈستىگە يۇندا چېچىلغانلىقىنى كۆردۈم، مەن ئۇنى بۇ زەربىلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەمدىكىن دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما ئۇ گۈللەر ۋە چالما-كېسەكلەر ئارىسىدىن كۈلۈمسىرەپ چىقىپ، يۇندىلارنى سۈرتىۋېتىپ، خاتىرجەملىك بىلەن بىر چەتتە تۇرۇپ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: ” بىر يازغۇچىغا كۆرە ئەڭ ياخشى سۆزلەش ئۇسۇلى يېزىقچىلىقتۇر، دەيدىغان گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەسەرلىرىمدە دېدىم، ئېغىزدا قىلغان گەپ ھاۋاغا ئۇچۇپ كېتىدۇ، قەلەم بىلەن يازغان گەپ ساقلىنىپ قالىدۇ. ئەسەرلىرىمنى سەۋرچانلىق بىلەن ئوقۇپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؛ ئەلۋەتتە، مەن سىلەرنى ئۇنىڭغا زورلىيالمايمەن. رومانىمنى ئوقۇغان تەقدىردىمۇ ماڭا بولغان كۆز قارىشىڭلارنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەيمەن، دۇنيادا ھېچقانداق يازغۇچى بارلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلىگەن ئەمەس، ھازىرقى دەۋردە تېخىمۇ شۇنداق.
گەرچە ھېچنېمە دېگۈم بولمىسىمۇ، بۈگۈنكى بۇنداق سورۇندا چوقۇم سۆزلىشىم كېرەك، ئەمىسە يەنە بىر ئاز گەپ قىلاي:
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا مەكتەپ بىزنى جەبىر-زۇلۇم كۆرگەزمىسىنى كۆرسەتكىلى ئاپاردى. بىز مۇئاللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھۆكۈرەپ يىغلاشتۇق. مۇئەللىمگە يىغلىغىنىمنى كۆرسىتىش ئۈچۈن يۈزۈمدىكى ياشنىمۇ سۈرتىۋەتكۈم كەلمىدى. قارىسام بىر نەچچە ساۋاقدىشىم يالغاندىن ياش پەيدا قىلىش ئۈچۈن تۈكۈرۈكلىرىنى يۈزىگە سۈرگىلى تۇرۇپتۇ. راست-يالغاندىن يىغلاۋاتقان ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا بىرەيلەننىڭ يۈزىدە ياش يۇقى يوقلۇقىنى، ئاۋازىنىمۇ چىقارمىغانلىقىنى، يۈزىنى قولى بىلەن توسۇۋالمىغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ بىزگە كۆزىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇراتتى، كۆزلىرىدىن ھەيرانلىقى ياكى گاڭگىراپ قالغىنى چىقىپ تۇراتتى. كۆرگەزمىدىن كېيىن مەن مۇئەللىمگە ئۇنىڭ قىلمىشىنى دوكلات قىلدىم، مەكتەپ ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى. يىللار ئۆتۈپ شۇ چېقىمچىلىقىم ئۈچۈن مۇئەللىمدىن كەچۈرۈم سورىغان ۋاقتىمدا، مۇئەللىم ماڭا ئۇ كۈنى بۇ ئىشنى چاققان بالىنىڭ 10 نەچچە بالا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ساۋاقدىشىم 10 نەچچە يىل ئاۋۋال ئۆلۈپ كەتتى، ھەر قېتىم ئۇنى ئويلىسام ئازابلىنىمەن. بۇ ئىش ماڭا مۇنداق بىر ھەقىقەتنى بىلدۈردى: ھەممە ئادەم يىغلىغاندا چوقۇم بەزىلەرنىڭ يىغلىماسلىقىغا يول قويۇش كېرەك، يىغلاش بىر ماھارەتكە ئايلانغاندا تېخىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك.
مەن يەنە بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي: 30 نەچچە يىل ئىلگىرى مەن قىسىمدا خىزمەت قىلىۋاتاتتىم. بىر كۈنى ئاخشىمى ئىشخانىدا كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرسام بىر قېرى باشلىق كىرىپ قالدى، ئالدىمدىكى ئورۇنغا بىر قاراپ قويۇپ ئۆز-ئۆزىگە ”ھە، ئادەم يوقكەن-دە“ دەپ غۇدۇڭشىپ قويۇپ ماڭدى. مەن دەرھال ئورنۇمدىن قوپۇپ يۇقىرى ئاۋازدا: ” مەن ئادەم ئەمەسمىكەنمەن؟“ دېۋىدىم، قىزىرىپ-تاتىرىپ چىقىپ كەتتى. بۇ ئىشتىن مەن ئۆزەمنى قەھرىمان ھېسابلاپ خېلىغىچە كېرىلىپ يۈردۈم، ئەمما يىللار ئۆتۈپ يەنە پۇشايمان قىلدىم.
ئەمدى ئاخىرقى بىر ھېكايەمنى سۆزلىۋېتەي، بۇ كۆپ يىللار ئىلگىرى بوۋامدىن ئاڭلىغان ھېكايە. سىرتقا پۇل تاپقىلى چىققان 8 تامچى قارا يامغۇردىن پاناھلىنىش ئۈچۈن بىر بۇتخانىغا كىرىۋاپتۇ. سىرتتا ئارقا-ئارقىدىن قاراسلاپ چاقماق چېقىپ، توپ-توپ ئوت-ئۇچقۇلار بۇتخانىنىڭ ئالدىدا دومىلاپتۇ، ئاسماندا ئەجدىھانىڭ سۈرەن-چوقانى ئاڭلانغاندەك بوپتۇ. تامچىلار قاتتىق قورقۇپ، چىرايلىرى تاتىرىپ كېتىپتۇ. ئارىدىن بىرسى: ”بىز سەككىزەيلەننىڭ ئىچىدە بىرىمىز چوقۇم ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان، ياخشىلارغا ئۇۋال بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، كىم يامان ئىش قىلغان بولسا ئۆزىنى سوراپ بۇتخانىنىڭ ئالدىغا چىقىپ جازاسىنى تارتسۇن“ دەپتۇ. ئەلۋەتتە ھېچكىم سىرتقا چىقىشنى خالىماپتۇ. شۇ چاغدا بىرسى تەكلىپ بېرىپ:” ھېچكىم تالاغا چىقىشنى خالىمىغاندىكىن، ئۇنداقتا ھەممىمىز چىغ قالپىقىمىزنى تالاغا ئاتايلى، كىمنىڭ قالپىقىنى شامال ئۇچۇرتۇپ بۇتخانىدىن چىقىرىۋەتسە شۇنىڭ ئەسكى ئىش قىلغانلىقى مەلۇم بولسۇن-دە، سىرتقا چىقىپ جازاسىنى تارتسۇن“ دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممىسى قالپىقىنى تالاغا ئېتىپتۇ، يەتتىسىنىڭ قالپىقى بۇتخانىغا قايتىپ كىرىپ، بىرسىنىڭ قالپىقى ئۇچۇپ كېتىپتۇ. كۆپچىلىك ئۇنى تالاغا چىقىپ جازاسىنى تارتىشقا بۇيرۇپتۇ، ئەمما ئۇ چىقىشنى خالىماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى كۆتۈرگەن پېتى بۇتخانىنىڭ سىرتىغا تاشلىۋېتىپتۇ. ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى كۆپچىلىك بەلكىم پەرەز قىلىپ بولدى، ئۇ ئادەم تالاغا تاشلىۋېتىلگەن ھامان بۇتخانا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ.
مەن ھېكايە سۆزلىگۈچى، ھېكايە سۆزلەپ يۈرۈپ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم.
مەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن قالتىس ھېكايىلەر مەيدانغا كەلدى، بۇ ھېكايىلەردىن مەن ھەقىقەت ۋە ئادالەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەندىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۆز ھېكايىلىرىمنى داۋاملىق سۆزلەيمەن. كۆپچىلىككە رەھمەت!
(ئەرتۈرك تەرجىمىسى)

6 پارچە ئىنكاس بار

  1. پولات مۇنداق يازغان:

    ھە، ماۋۇ تەرجىمە جايىدا بوپتۇ. تەشەككۈر قولۇڭغا دەرت كەلمىسۇن. ئۆتكەندە مەن ئەۋەتكەن مويەننىڭ ھېلىقى يازمىسىنىمۇ تەرجىمە قىلىۋەتكەن بولساڭ تولىمۇ ياخشى ئىش بولاتتى.

  2. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    ماۋۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشتا ئەمگەك تەكرارلىقى بولدىمۇ قانداق؟ بۇنى ئەلكۈيىدە ئوقۇغان ئىدىم. ئۇ ماقالىنى تاھىر ئىمىن ئاكىمىز تەرجىمە قىپتىكەنتۇق.

    • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

      بۇنى مەن تەرجىمە قىلىپ ئىزدىنىشقا يوللاي دەپ قارىسام، تاھىر ئىمىننىڭ تەرجىمە قىلغىنى يوللىنىپ بوپتۇ، ئۇنىڭ بېشىنى ئازراق ئوقۇپ باقسام، تەرجىمىسى دېگەندەك ياخشى چىقماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزەمنىڭ تەرجىمىسىنى بلوگىمغا يوللاۋەردىم.

  3. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    بۇ كىشىنىڭ بىرقانچە ئوبزۇرىدىن باشقا ئەسەرلىرنى ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن، بۇ تەرجىمىنى كۆرۈپ قىزىقىش قوزغالدى،بۇ كىشىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسلۇبى بىلەن ھاجىم سىزنىڭ ئۇسلىبىڭىزدە ئورتاقلىق باردەك سەزدىم ، بولۇپمۇ كىشى تەبئىتىدىكى ياخشى يامان خاراكتىرنى تەبئىي ئىپادىلەشتە تېخىمۇ شۇنداقتەك بىلىندى، بۇ كىشىنىڭ مۇنۇ گەپلىرىنى بەكمۇ ياقتۇردۇم:: ‹‹ھەممە ئادەم يىغلىغاندا چوقۇم بەزىلەرنىڭ يىغلىماسلىقىغا يول قويۇش كېرەك،›› ‹‹يىغلاش بىر ماھارەتكە ئايلانغاندا تېخىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك.››
    ئانىسى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئوقۇۋېتىپ بىر ئادەمنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا قانداق ئادەم بولۇشىدا ئانىنىڭ رولىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشەندىم، ھەم جۇڭگونىڭ ئاشۇ يىراق يېزىسىدا جاپادا ئۆتكەن بۇ ئانا ئارقىلىق جاپاكەش ئانىلىرىمىزغا ھۆرمىتىم قوزغالدى، بالا تۇغۇش تەبئىي ئىقتىدار بالىنى قانداق تەربىيلەش بولسا يۇقۇرى تالانت- دە!!!!!

  4. ئۇزدىل مۇنداق يازغان:

    تەرجىمە ئەمگىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*