ئوبدان ئويلاڭ

soal

بىز بۈگۈن ئېگىز بىنالار، كەڭ يوللارغا ئىگە بولغان بىلەن، مىجەزىمىز بارغانچە چۇسلىشىپ، نەزەر دائىرىمىز تارىيىپ كەتتى.
نۇرغۇن جاپا تارتقان بىلەن ئېرىشكەنلىرىمىز ئاز بولدى.
ئۆيىمىز چوڭايغان بىلەن، ئائىلىمىز كىچىكلەپ كەتتى.
ۋەدىلەشكەن ۋاقىتلىرىمىز كۆپ بولغان بىلەن ۋاقتىمىز ئازىيىپ كەتتى.
نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولغان بىلەن، پەملەش ئىقتىدارىمىز چېكىنىپ كەتتى.
نۇرغۇن دورىلارغا ئېرىشكەن بىلەن، كۆڭۈلدىكىدەك ساغلام بولالمىدۇق.
بايلىقىمىز ھەسسىلەپ ئاشقان بىلەن، ئۇنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتتى.
گەپنى تولا قىلغانچە مۇھەببىتىمىز ئازلاپ، نەپرىتىمىز كۈچىيىپ كەتتى.
ئاي شارىغا بېرىپ كېلەلىگەن بىلەن، بىر قەدەم نېرىدىكى قوشنىمىزنى يوقلىيالمايدىغان بولدۇق.
تاشقى دۇنيانى بويسۇندۇرالىغان بىلەن، ئىچكى دۇنيايىمىزنى بويسۇندۇرالمىدۇق.
كىرىمىمىز ئاشقان بىلەن، ئەخلاقىمىز چېكىنىپ كەتتى.
دەۋرىمىز بۇرۇنقىدىن ئەركىن بولغان بىلەن، خۇشاللىقلىرىمىز ئازلاپ كەتتى.
يېمەكلىكلىرىمىز بۇرۇنقىدىن مول بولغان بىلەن، ئالغان ئوزۇقلۇقلىرىمىز ئازىيىپ كەتتى.
ئائىلىلەر قوش كىرىملىك بولغان بىلەن، ئاجرىشىش كۆپىيىپ كەتتى.
ئۆيلەر نەپس بېزەلگەن بىلەن، ئائىلىلەر يەنىلا كۆپلەپ ۋەيران بولىۋەردى.
مانا بۇلار، بىز ئىشنى بۈگۈندىن باشلىشىمىز كېرەك دېيىشىمنىڭ سەۋەبى:
سىز بىر ئىشنى مەلۇم بىر ۋاقىتقا ئاتاپ قويماڭ، چۈنكى ھەر بىر كۈنىڭىز ئالاھىدە كۈندۇر.
كۆپرەك بىلىم ئىگىلەڭ، كۆپرەك كىتاب ئوقۇڭ، ھويلىڭىزدا، ئۆيىڭىزنىڭ بالكونىدا كۆز ئالدىڭىزدىكى تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىڭ، بۇنىڭغا ھېچقانداق خىيالنى ئارىلاشتۇرماڭ.
دوستلىرىڭىز، ئۆيدىكىلىرىڭىز بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇڭ، ئۆزىڭىز ئامراق نەرسىلەرنى يەڭ، بارىمەن دېگەن جايغا بېرىڭ.
تۇرمۇش دەستە-دەستە خۇشاللىق گۈللىرىدۇر، بىز پەقەت ياشاش ئۈچۈنلا ياشىماسلىقىمىز كېرەك.
يېگەن تاماقلىرىڭىز، كىيگەن كىيىملىرىڭىز، چاچقان ئەتىرلىرىڭىزگە چىدىماسلىق قىلماڭ، ھۇزۇرلىنىدىغان چاغدا ھۇزۇرلىنىش كېرەك.
لۇغىتىڭىزدىن ”ھامان بىر كۈنى“ دېگەن گەپنى چىقىرىۋېتىڭ، ئىشنى بۈگۈندىن، ھازىردىن باشلاڭ.
ئۆيدىكىلىرىڭىزگە، دوستلىرىڭىزغا ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.
تۇرمۇشىڭىزغا كۈلكە، خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق ئىشنى كېچىكتۈرمەڭ.
ھەر كۈن، ھەر سائەت، ھەر مىنۇتىڭىز ئالاھىدە ۋاقىتلاردۇر.
يەنە كېلىپ، سىز بۈگۈن ياكى ئەتىنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىڭىز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز.
(Imagine English دىن تەرجىمە قىلىندى)

2 پارچە ئىنكاس بار

  1. ئابدۇسادىق مۇنداق يازغان:

    راس گەپلەر ئىكەن.ھازىر ئىقتىسادى تۇرمۇشۇم يامان ئەمەس.ئۈزۈم شەھەردە ياشىۋاتىمەن.بىنا ئۆي ھەم ماشىنام بار.لېكىن ھاياتىمدىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك چاغلارنى ئەسلىسەم ئاشۇ سەھرادا نامراتراق لېكىن ئاق كۆڭۈل خۇلۇم-خوشنا،ئەل-ئاغىنىلىرىم بىلەن ئۆتكەن بالىلىق دەۋرىم ئەڭ گۈزەل.

  2. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    ئېسىل گەپلەر ئىكەن، بىر چاغدا خەنچىدىن خاتىرەمگە كۆچۈرىۋالغان ئىدىم

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*