چىرىك ئىدىيىنىڭ ئىجادىيەتتىكى تەسىرى (مۇنازىرە)

ئىجادىيەتنىڭ يەنە بىر يۈزى يازغۇچىنىڭ چىرىك خۇي-مىجەزى. ئەنگىلىيە يازغۇچىسى لاۋرېنس: ھەر قانداق تالانتلىق يازغۇچىدا رەزىللىك ئىدىيىسى، كۈچلۈك قارا نىيەت، ئاياللارنى ئېزىدىغان روھ بولمايدىكەن نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقالمايدۇ “ دېگەن. روس يازغۇچىسى لېۋ تېلىستوي ياش چېغىدا ناھايىتى ئەسەبىي، لۈكچەك بىر نېمە بولۇپ، كۈنبويى ھاراق ئىچىپ، قىمار ئويناپ، پاھىشىۋازلىق قىلىپ يۈرگەن. كېيىن 17 ياشلىق سوفىيە دېگەن بىر قىزنى تەلۋىلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋە بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنى كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ مۇرادىغا يەتكەن. تېلېستوي ناھايىتى شەھۋەتپەرەس ئادەم بولۇپ، خوتۇنىنى دائىم ئازابلاپ، ھەتتا ئۇنى ھاقارەتلەپ: ئايال خەق دېگەن ساراڭ، سەت، قەبىھ… ھەممىسىنىڭ كېسىلى بار، ئەجەللىك كېسەل…“ دېگەن. خوتۇنىدىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 13 پەرزەنت كۆرگەن، ئەمما بالىلىرى بىلەن ئانچە كارى بولمىغان، دېھقانلارغا ھېسداشلىق قىلغان. لاۋرېنس ئۆزىنىڭ مۇئەللىمىنىڭ خوتۇنىنى ئازدۇرۇپ ئېلىپ قېچىپ خوتۇن قىلىۋالغان. ھېمىڭۋاي تېخىمۇ مۇستەبىت ئەر بولۇپ، 4 خوتۇن ئالغان، خوتۇننى ئاسلاندەك مۇلايىم قىلۋەتكەن. ياۋروپا-ئامېرىكا مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدىكى كۆپلىگەن يازغۇچىلارنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ ئاياللىرىغا بولغان تەلۋە ھېسسىياتى، سىرتتىكى بۇزۇقچىلىقى، جىنسىي نەپسانىيىتىنى ئەسەرگە سىڭدۈرۈپ ئىپادىلەشلىرى… كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. خوتۇنلىرىنى خورلاش، ئاشنا ئويناش، شەھۋەت ئاستىدىكى رومانتىك مۇھەببەتكە مەستانە بولۇش، ھاراق ئىچىش… ۋە باشقا كەيىپ ساپالار غەرب مۇتەپپەككۇرلىرى، يازغۇچىلىرىنىڭ كۆپچىلىكىدە ئومۇملاشقان…
چىرىك ئىدىيەدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك… تالانت مەسىلىسى باشقا…

بۇ يازمىنىڭ داۋامىنى يېزىپ بولغىچە ۋاقىت، چەكلىمە، شارائىت تەرىپىدىن پارچە-پارچە قىلىنىپ تاشلاندىم.
شۇنداق، ياۋروپا، ئامېرىكا ئەدىبلىرىنىڭ تالانتىغا ئەسەبىيلىك ياندىشىپ كەتكەن. روس يازغۇچىسى دوستۇيىۋىسىكى ئېيتقاندەك: ھەر قانداق ئۇلۇغ تالانتقا ئەسەبىيلىك يانداشقان بولىدۇ. دوستويىۋىسكىنىڭ ئۆزىمۇ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ دارغا ئېسىلىشقا ئاز قالغاندا چار پادىشاھنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشىپ، سىبىرىيىگە ئۆمۈرلۈك سۈرگۈن قىلىنغان. ئۆلۈم ئۇنى قاتتىق زىل-زىلىگە سالغان، ھاياتلىققا، ئۆزىنىڭ روھىغا ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ كەتكەن. ئاندىن بارا-بارا ئۆزى بىلەن ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ مۇرەككەپ روھىي ھالىتىنى سېلىشتۇرۇپ، ئەسەرلىرىدە خىلمۇ خىل تىپلارنى ياراتقان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ھاياتلىققا، جىنسىي تەلەپ ۋە مۇھەببەتكە تەلپۈنۈش، نەپسانىيەت، جىنايەت بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن جەمئىيەتنى يېزىش ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئەسەرلىرىدىكى دىئالوگ ئۆزىنى پارچىلاپ ياراتقان پىرسۇناژلىرىنىڭ مۇرەككەپ روھىي ھالىتىنى شۇ قەدەر چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەنكى، شۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن دۇنيا ئەدەبىياتنىڭ چوققىسىغا چىقالىغان.
بىراق يازغۇچىدىكى چىرىك ئىدىيە ۋە شۇنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدىكى ئەسەبىيلىكنىڭ دەرىجىسى، مىقتارى، ئىجادىيەتتىكى تەسىرى قانچىلىك؟ بۇ بىر مەۋھۇم ئۇقۇم. رەزىللىك، قاباھەت بىلەن جۇش ئۇرغان ئىجادىي ئەسەرلەرلا ياۋروپا ئەدەبىياتىدا ھەقىقىي ئىنسان روھىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى يورۇتقان ھېسابلىنىپ، سەنئەت قىممىتى تىكلەنگەن. بولۇپمۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋروپادا ئەنئەنىۋى ئەخلەق ئۆلچەملىرىدىن قاتتىق گۇمانلىنىش، بۇ دۇنيانى بىمەنە ھېسابلاش ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن. مەۋجۇدىيەتچى ئەدىپ سارتېرىنىڭ: مەن ئەركىنلىككە مەھكۇم، باشقىلار مەن ئۈچۈن دوزاخ! دېگەن سۆزى مودىغا ئايلانغان. جىنسىي ئەركىنلىكنى تەرغىپ قىلىش، ئىنساننى بارلىق چۈشەكلەردىن ئازاد قىلىپ، ئەقلىي ھايۋانلىقنىڭ تەبىئىي شەكىللىرىدە ياشاشقا قىزىقتۇرۇش تۈپەيلىدىن غەرب دۇنياسىدا پەن تېخنىكا بىلەن جىنسىي لەززەتنى ئۇلۇغلاش تەڭمۇ تەڭ تەرەققىي قىلغان. كېيىنكى مودېرنىزىمچى يازغۇچىلار ئەلۋەتتە بۇ يۈزلىنىشتىن چەتتە قالمىغان. فىرانسىيىلىك بىر ياش ھەۋەسكار ئۆزىدىن چوڭ بىر ئايال بىلەن بولغان جىنسىي مۇھەببىتىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يېزىپ فرانسىيىدە بىر مەھەل قىزغىنلىق شەكىللەندۈرگەن. ئىدىيە، ھېسسىيات توقۇنۇشى دولقۇنلىنىپ تۇرغان غەرب دۇنياسىنىڭ شەخسىي راھەت ۋە قىممەتنى قوغلىشىش خاھىشى، ئەر-ئايال مۇناسىۋىتىدىكى ئەركىنلىك، ئېتىقاد چۈشكۈنلۈكى(بۇ ھەتتا كىرزىس بولۇپمۇ قالغان)، ھېچ نەرسىدىن كۆڭلى قانائەتلەنمەي ئۆلۈمدىن مەنە ئىزدەش… مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى شۇ مۇھىت قوينىدا غەرق مەست بولۇشقان غەرب يازغۇچىلىرى ئۆز ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرگەن… ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە خوتۇنلىرىنىڭ خاراكتېرى كىرىپ قالغان. چۈنكى بىر ئۆيدە ياشىغان ئادەمنىڭ خۇي-پەيلى، گەپ-سۆزى ئۇنىڭ ئېرى بولغان يازغۇچىنىڭ كاللىسىغا جەزمەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. يازغۇچىلارنىڭ خوتۇنىغا بولغان مۇئامىلىسىدىنلا ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىنى بايقىۋالغىلى بولىدۇ. تىنچ ئۆتكەن يازغۇچى ئاز، ھاياتى رەڭگا رەڭ، مۇرەككەپ ئۆتكەنلىرى تولا. ئەمما ھەممىسى ئۇنداقمۇ ئەمەسكەن. جامېس جۇيىس ”يۇلىشىس“نى يېزىۋاتقاندا ئۇنىڭ ساۋاتسىز خوتۇنى ئېرىنىڭ ساراڭلىقىنى باشتا ئەيىبلەپ، كېيىن ئۇنىڭ ئەسىرىنى بىرسى ئوقۇپ بەرگەندە ئېرىنىڭ تالانتىدىن ھەيران قالغان. جامېس جويىس ”قۇلاق تېچ تۇرىدۇ“ دەپ ساۋاتسىز، ئەمما ئۆينىڭ ئىشىغا پىششىق بىر خوتۇننى ئالغان. لاۋرېنس ئەكسىچە ئۆزى بىلەن تىنماي سوقۇشىدىغان بىر خوتۇننى ئېلىپ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى مەنىلىك قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: مەن كۈنبويى خوتۇنۇم بىلەن سوقۇشۇشقا رازىمەنكى، ماڭا مۇتلەق بويسۇنىدىغان، رايىش، مۆڭ، يۇۋاش، سۈيى يوق خوتۇن بىلەن بىللە ئۆتەلمەيمەن. ئۇنداق خوتۇن بىلەن بىللە ياشىغاندىن ئۆلىۋالغان ياخشى“. خوتۇنى ئۇنىڭ مۇشۇ مىجەزىنى بىلگەچكە قەستەن بولسىمۇ ئېرى بىلەن سوقۇشۇپ، داۋخورلۇق قىلىپ يۈرگەن. يەنى باشقا تىپلارمۇ بار ئىكەن، مەسىلەن، ئەنگىلىيە يازغۇچىسى بېرنارد شاۋ خوتۇنىنى ئانىسىدەك ھۆرمەتلەپ ئۇنىڭغا تايىنىدىكەن، تۇرمۇشتا كىچىك بالىدەك چېچىلاڭغۇ بولغاچقا خوتۇنى ئۇنىڭ بىر نەرسىلىرىنى رەتلەپ، ئالدىغا چاي قويۇپ، بېشىنى سىلاپ كىچىك بالىسىدەك ئەركىلىتىدىكەن… ئەمما خوتۇنى بىر بالا تۇغقاندىن كېيىن ئېرىگە بولغان ھېسسىياتى سۇسلىشىپ، پۈتۈن دىققىتىنى بالىسىغا قاراتقان، بېرناد شاۋ بۇنىڭدىن ئازابلانغان. بىر ئەسىرىدە خوتۇنىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن بىر ئەرنى يازغان، سەۋەب، خوتۇنى ئۆزىنىڭ باشقا ئېرىدىن بولغان بالىسىنى تېپىۋېلىپ ئېرىگە ئانچە قارىماي قويغان. بۇ بەلكىم بېرنارد شاۋنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنىڭ پارتىلاپ چىقىشى بولسا كېرەك.
قەلبىدە رەزىللىك تۇيغۇسى يوق يازغۇچى ياخشى ئەسەر يېزىپ چىقالمايدۇ… دېگەن قاراشنى لاۋرېنس ئوتتۇرىغا قويغان. ئۆزىدىن چىقىپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەن، بەلكىم پۈتۈن ياۋروپا ئەدەبىياتى تارىخىغا نەزەر سېلىپ شۇنداق دېگەن..
ئاياللارنىڭ يالىڭاچلىشىشى ماھىيەتتە ئاياللارنىڭ خارلىنىشى. ئۇلارنىڭ بەدىنىدە كۆز ئويناتقان ئەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇلارنى بىر لاتاپۇرۇچتەك ئوينىتىپ، ھاجىتىنى راۋا قىلىپ، ئەخلەتخانىغا چۆرۈۋېتىشنىلا ئويلايدۇ… يازغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاياللارغا تەلپۈنگەن، نەپرەتلەنگەن، يىرگىنگەن، ھەتتا ئەسەبىيلىشىپ، ئۇلارنى ھايۋاندىنمۇ بەتتەر غەيرى مەخلۇق قاتارىغا چىقىرىۋەتكەنلەرمۇ بولغان…
ئەدەبىياتتىكى مۇھەببەت، چىن مۇھەببەت، گۈزەل مۇھەببەت شەرق ئەدەبىياتىدىلا تېپىلىدۇ…ئەمما بۇ مۇھەببەت تەسەۋۋۇپ ئاشىقلىقى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن. بۇ بىر ئايرىم تېما. ياۋروپانىڭ يالىڭاچ خوتۇنلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىكى ئىسلام ئاياللىرى تەڭداشسىز لاتاپەتلىك… ئۇلاردىكى ئۇلۇغ دىن ۋە ئەخلاق بىزگە تۇتىيا بىلىنىشى كېرەك… كىيىم ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ زىننىتى… ئەمما بۈگۈنكى كۈندە تولا نەرسىلەر ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى… ناھىيە-يېزىلارغا سىچۈن، خۇنەننىڭ قىزلىرى يامراپ كىردى… ئەدەبىياتىمىز يالىڭاچلاندى، ھەممە ھەيرەتتە… شەيتاننىڭ يۈگۈرۈپ كىرمىگەن يېرى يوق. لېكىن شەيتانىي كۆڭۈللەرگە شەيتان تۈزۈت قىلمايلا كىرىۋېرىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ۋەزىپىسى… شەيتان كۆڭۈللۈك ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئائىلىسىنى بۇزۇپ، توزۇتىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئۇلار خوتۇنىدىن ئاجرىشىپ، بالىسىنى تىرىك يېتىم قىلغاندىن كېيىن، ئاچچىق ھاراقنى ئىچىۋېلىپ ئاجايىپ ئىلھاملارغا كېلىپ، ئەركىن-ئازدە ئولتۇرۇپ ئاجايىپ ئەسەرلەرنى يېزىشقا كىرىشپ كېتىدۇ…
بۇ تېمىدىكى مۇنازىرىدە بەزى تورداشلارغا يازغان ئىنكاسىم:
سالام دۇنيا:
ئەرتۈركنىڭ يازمىسىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغىنى غەيرى ئىسلام دىنىدا بولغان يازغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسى ساغلام ئەمەس ، ھەر قانچە مۇۋەپىقيەت قازانسىمۇ بىكار ، ئېتراپ قىلغىلى بولمايدۇ ، بىزدەك ”ئەھلى ئىسلام يازغۇچىلىلىرى “ بىلەن تەڭ بۇلالمايدۇ دىگەن مەركىزى ئىدىيە . مىنىڭ قايسى پىكىرىم تىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەسكەن ؟ قايسى سۇئالىم بىمەنە سۇئالكەن ؟ ئىسپات كىرەك .
____
سالام دۇنيا ئەپەندى، سىز تەبىئىي پەنچى ئىكەنسىز، تەبىئىي پەنچىدە تېخىمۇ ئىلمىي بىر مۇنازىرە قىلىش روھى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. بولسا ھېللو لايىف ئەپەندىمۇ بۇ مۇنازىرىگە قاتناشقان بولسا شۇنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ باققان بولسام بولاتتى. مېنى ”ئەھلى ئىسلام يازغۇچىلىرى“قاتارىغا چىقىرىۋەتسىڭىز، بۇنىڭدىن خىجىل بولۇپ قالىمەن، چۈنكى مەن تېخى ئالىي مەقامغا يەتمىدىم، مەن ئېنىق دېدىمغۇ، مەن ئىزدىنىش ئىچىدە، مەن بۇرۇنمۇ ھەم ھازىرمۇ غەربنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئېقىملىرىنى زور ئىشتىياقىم بىلەن ئۆگىنىپ كەلمەكتىمەن. ئۆز ھال ئەپەندى بۇنى ئوبدان بىلىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت مېتودلىرىنى، بىزگە كېرەكلىك جەۋھەرلىرىنى ئۆگىنىمەن، بۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىمەن. لېكىن شۇ مۇتەپەككۇر، يازغۇچىلارنى ھەممە جەھەتتىن دوراش كېرەك ئەمەس، ھەتتا خاتا (بۇ مېنىڭ ئىزچىل، ئەقەللىي قارىشىم)، ئۇلار باشقا بىر ئىدىيە، مەدەنىيەتكە تەۋە ئادەملەر، غەرب ئادەملىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشلىرى. ئۇلار ماڭا يات، ئۇلارنىڭ دۇنياۋى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ (مەنمۇ يازمامدا ئۇنى ئېتىراپ قىلمايمەن دېمىدىم، پەقەت مۇكاپات ئۆلچىمى ۋە ئۇنىڭ ئادىللىقى ئۈستىدە گۇمانلاندىم، مېنىڭ ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا ھوقۇقۇم بار. زادى ئويلاپ بېقىش كېرەك: كىملەرنىڭ مۇكاپاتى؟ قايسى قىممەت قارىشى ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇكاپات؟ بىز نېمىشقا ھە دېسە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ رىشتىسىدىن قۇتۇلالماي شالىمىزنى ئېقىتىپ يۈرىمىز؟( بۇنى سىز خەنزۇ مەدەنىيىتىدىكى چىدىماسلىققا تەققاسلاپ ئاكىيۇلارچە روھ دېسڭىز بولمايدۇ، خەنزۇنىڭ روھى بىزگە ياراشمايدۇ. ئەگەر دېيىشكە توغرا كەلسە، بۇ بىر ئادەتتىكى مۇسۇلماننىڭ غەرب قىممەت قارىشىغا بولغان گۇمانىي روھى) ، غەربلىكلەر ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ روھىنى ئازاد قىلغان، ھەممىگە گۇمان بىلەن، تەتقىقات روھى بىلەن قارايدىغان خەق، ئەجىبا مەن ئۇلارنىڭ شۇ مېتودى بويىچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئەخلاق، قىممەت قارىشىغا نىسبەتەن ئۆزەمنىڭ گۇمانىي (سىلەر دېگەندەك ھەتتا ئىنكار) قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسام بولمامدىكەن؟! ئەجىبا ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقاد، ئەخلاق ئىپارلىرىنى بۇ مۇنازىرە بېتىگە بىر ئاز چېچىپ قويسام بولمامدىكەن؟! ئىسلامنىڭ گېپى چىقسىلا چىچاڭلاپ بىئارام بولۇپ كېتىدىغان شۇ كۆڭۈللەرگە مەنمۇ ھەيران قالمايمەن. چۈنكى بىز نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان پەن-تېخنىكا، ئىقتىسادتا گۈللەنگەن غەرب ئىدىيىسىنىڭ ( ئۆز ھال دېگەندەك مۇشۇ ئەسىردىن بۇيان يەنە خەنزۇ جەمئىيىتىنىڭ) ھەممىباپ ئىدىيە-قىممەت قارىشى، مەپكۇرىسى تەسىرىدە ياشاپ كەلدۇق. شۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى شەھەرلىرىمىزدە، ھەتتا يېزىلىرىمىزدا ئاساسەن ئومۇملىشىپ بولدى. ئومۇملاشسۇن، تېخىمۇ تەرەققىي قىلايلى! ”ھەر قەدەمدە كونا تۇرمۇش بىلەن قېرىشىپ تۇرايلى، بىزنىڭ ياش غۇنچە گۈلىمىز پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتسۇن…“

سالام دۇنيا:
ئەر تۈرك ، سىز يازغان يازمىدا ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقىنى ئوتتۇرغا قويسام بولمامدىكەن دەپ يېزىپسىز ، مەن يازمىدا ئۇنداق نەرسىلەرنى كۈرۈپ باقمىدىم .

سالام دۇنيا ئەپەندى، تېگىدىن ئاختۇرسىڭىز، سىز يوق دېگەن نەرسە يازمامنىڭ ھەممە يېرىدە بار.. ئەخلاق ھەققىدە گەپ بولغانكەن، مەنمۇ بۇ ھەقتە ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي. چۈنكى مەن ئەخلاقنى ئەقىدە-ئېتىقاد بىلەن باغلاپ چۈشىنىمەن ھەم شۇنداق ئىزاھلايمەن.
مەن بۇ تېمىنى لاۋرېنىسنىڭ شۇ مەشھۇر سۆزىدىن ئىلھاملىنىپ (بۇ ئىلھام ئەلۋەتتە تەنقىدىي ئىلھام) ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان غەرب يازغۇچىلىرىنىڭ خوتۇنى بىلەن ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى تەھلىل (دىققەت قىلىنسا، بۇ ھەر قانداق باھا قىستۇرۇلمىغان تەھلىل) قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئوتتۇرىغا تاشلىغانىدىم، بۇ يازمىنى يېزىۋاتقاندا كۆڭلۈمدە ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى، مۇۋەپپەقىيىتى ھەتتا تۇرمۇش ئۇسۇلىغا قارىتا زوق-ھەۋەس پەيدا بولۇشقا باشلىدى (تۇنجى يازمىنى ئوقۇپ بېقىڭ)، ئەمما كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرىدە شەيتان مۆكۈنۈپ ياتقاندەك بىلىندى، تالانت گويا شەيتان بولۇپ تۇيۇلدى، شەيتان ئاشۇ جىنسىي ئەسەبىيلىكنى، رەزىللىكنى، قۇتراتقۇلۇقنى پەيدا قىلدى، بۇ تامامەن نورمال ئىش، مەيلى غەرب، مەيلى ئوتتۇرا شەرق، مەيلى ئۇيغۇر… قايسى ئادىمىزات بولسۇن، ئۇنىڭ كۆڭلىدە شەيتان ۋەسۋەسە قىلىۋېرىدۇ. شەيتان مېنى قىزىقتۇرىدۇ، گاھىدا چۆچۈتىدۇ، غەرب بىلەن شەرققە، ئىككىسىنىڭ ئەبجەش ھالەتلىرىگە ھەيرەتتە قارايمەن.. . شۇ چاغدا ئۆزەمنىڭ بىلىمسىزلىكىم بىلىنىشكە باشلايدۇ، ئىزتىراپ چېكىمەن. مەن تېخى ئەمدى تونۇۋاتقان بۇ دىن (ئىسلام دىنىمىز) نىڭ مۇكەممەل بىر ئېتىقاد، ئىنسانىيەتنىڭ ئىككى دۇنيالىقى ھەققىدىكى مۇكەممەل بىر پەلسەپە سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى خۇددى غەرب پەلسەپىسىنى، ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگەن ۋاقتىمدىكىدەك قىزغىنلىق ئىچىدە ئۆگىنىشنى ئويلاۋاتىمەن، ئەرەبچە ئۇقمايمەن، ئەمما ئۆگىنىشكە باشلىدىم. بىزنىڭ ئەدىبلەردە ئىسلام دىنى ئۆگەنسىلا ئىجادىيەتتە چېكىنىپ، تالانتىنى جارى قىلدۇرالمايدىغاندەك بىر خىل قاراش بار. ئۇلارچە بولغاندا، غەربنىلا ياكى خەنزۇلارنىڭ ئاۋانگارت ئەدەبىياتىنىلا ئۆگەنسە ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنى، تالانت قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. مەن بۇنىڭغا گۇمانىي قارايمەن. ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسان ئەقلىنى، ئىجادىي تەپەككۇرنى بوغۇپ قويىدىغان بىر يېرى بارلىقىنى مەن ھېچ ئۇچراتمىدىم، ئەكسىچە، ئەقلىم، تەپەككۇرۇم بۇرۇنقىدىن ئېچىلغاندەك بولۇۋاتىدۇ… ”سائادەت دەۋرى“دىكى ئالامەت تەقۋا بەندىلەر جىنسىي ئەزاسىنى پىچىۋېتىپ، گۇناھتىن پاك ياشاشنى ئويلىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئۇنداق قىلىشتىن توسقان، دېمەك، ئىسلام دىنى نەپسانىيەتنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ، بەلكى ئۇنى ئېتىقاد، ئەخلاق بىلەن باشقۇرۇپ تۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ. بۇ كۈنلەردە ئەمدى مۇشۇ تەكلىپ، تەۋسىيەلەرمۇ بىزلەرگە ئىنتايىن ئېغىر كېلىدۇ.. چۈنكى، شەيتان يامان، ئىنسان مۇرەككەپ، جاھان مۇرەككەپ، شەيتان ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىماقتا. ئاللاھ ئۇنى ھېكمەت بىلەن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان، زىتلىق ئىچىدىكى بۇ دۇنيادا بىز ئويلىنىدىغان، ئىزدىنىدىغان، ھەق بىر يولنى تېپىشقا تەكلىپ قىلىنغان مەخلۇق، ھايۋانلار ھەرگىز ئاللاھنى تونۇپ، پەرزنى ئادا قىلىشقا مۇكەللەف (تەكلىپ قىلىنغان) ئەمەس. ئەقلىنى قاتتىق ئىشقا سېلىپ: خۇدا نېمىشقا شۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ بۇنىڭ ھېكمىتى نېمىدۇ؟ مەقسەت نېمىدۇ؟ دەپ سوئال قويغۇزالىغان پەرۋەردىگارنىڭ سىر-ھېكمەتلىرى بىلەن ئازغىنە بولسىمۇ تونۇشۇش مېنى تولىمۇ قىزىقتۇرىدۇ، شۇ ئىلىمگە (ۋەھدەت، ئەقىدە ئىلمىگە) ئىنتىلدۇرىدۇ.
ئىنساننىڭ ئۆز ئەقلىگە قويۇپ بەرسە، شەيتان ئۇنىڭ گەدىنىگە مىنىۋالىدۇ، ئۇنىڭ ئەقلىگە ئۇيغۇن نەرسە كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ نەپسى خاھىشى دەرھال خالايدىغان، قوبۇل قىلىدىغان نەرسە.. شۇڭا ئەقىلنى ئېتىقادتىن ئۈستۈن قويۇش بەزى چاغدا شەيتاننى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىۋېلىشقا ئاپىرىپمۇ قويىدۇ… ئۇنى بىز شەيتانىي ئەقىل دەيمىز. كۆپلىگەن ئىنسانلاردا، ھەتتا ئەڭ تەقۋا ئىنسانلاردىمۇ شۇ ئەقىلنىڭ نېسىۋىلىرى بار. چۈنكى قېنىمىزدا، روھىمىزدا ئېقىپ يۈرگەن شەيتان ئىنساندىن نەچچە ھەسسە ئەقىللىق ھەم ئالىملار( بۇ يەردە تۇرۇپلا ياۋروپالىق پەيلاسوپ نېتزى، ماركىس ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ) نىڭ ئالىمى ، ۋە شەيتان دەيدۇ: ئەگەر ئىسلام دىنى دېگەن بۇ دىن بولمىغان بولسا، سىلەر ئەركىن قويۇۋېتىلگەن پادىلاردەك ھەممە ئىدىيە، ھەممە مەسلەك، ئېقىملارغا يۇقۇشۇپ، ئىلىنىپلا يۈرسەڭلار، قايسى يول نەپسىڭلارغا، مەنپەئەتىڭلارغا ئۇيغۇن، ئوڭاي بولسا شۇنىڭغا كىرىپ كېتىۋەرسەڭلار قانداق ياخشى بولاتتى-ﻫﻪ!
ئەمما ئاللاھ ئۆزى يارىتىپ، ئىمتىھان دۇنياسىغا تاشلىغان ئىنساننىڭ شۇ ئاجىزلىقىنى بىلگەچكە، كامالىي مېھرىبانلىقى بىلەن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، كىتاب چۈشۈردى. ئەڭ دەسلەپكى ئايەتنى ”ئوقۇ“ بىلەن باشلىدى، ”بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟“ دېگەن ئايەتنى چۈشۈرۈپ قەلبىمىزنى لەرزىگە سالدى. شەيتاننى تونۇشقا چاقىرىپ، ئۇنى بىزگە ئېنىق دۈشمەن دېدى. بۇنىڭدىن ئېنىق يەنە قانداق گەپ بار؟ ئاللاھ شەيتانغا مۆھلەت بەرگەن، مەن كېيىنكى ئۆمرۈمدە بەلكىم ”جىن“دەك پەيدا بولىدىغان ”شەيتانىي“ ئىلھام، تەپەككۇرۇم (بەلكىم تالانت) دىن پايدىلىنىپ يېزىقچىلىق قىلىشىم مۇمكىن. ۋاھالەنكى، باش پرىنسىپ ئېنىق: ئازغۇنلۇققا، گۇمراھلىققا چۆكۈپ كەتمەسلىك، ئىنسانلارنى ئىزگۈلۈككە ئۈندەش. بۇ قۇرۇق شوئار، چاقىرىق بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىجادىي ئىقتىدارىم، ئىزدىنىشلىرىم، سەنئەتلىك يول بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۆزەم قەدرىنى تېخى بىلىپ يېتەلمىگەن ئېتىقادىمنىڭ مېنىڭ خۇسۇسىي ئىجادىيىتىمگە كۆرسىتىدىغان پائال، ئاكتىپ تەسىرىنى ھېس قىلغىنىمدا ئۆزەمنى تولىمۇ ئەركىن، راھەت ھېس قىلىمەن.
خۇلاسە كالام، ھېللو ۋورلد، مېنىڭ ئىككىنچى يازمامدىكى ”شەيتان ئالىم ھەم ئىسيانكار ، شەيتاننى تونۇش كېرەك“ دېگەن گېپىمگە دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟ ئېتىقاد، ئەخلاق بىلەن شەيتاننى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ قارىيالمامسىز؟ ئەخلاق دېگەن ئۇقۇمنى مەن ئېتىقاد بىلەن باغلاپ چۈشىنىمەن. شۇڭا ئۇنى ئايرىم تەكىتلەپ ئولتۇرۇشۇم ھاجەتسىز.

HelloLife نىڭ ئىنكاسى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئادەم خىجىللىقتا قالىدىكەن……
مەن بۇ ئىنكاسىمدا ھېچكىمنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمايمەن، شۇنداقلا نوقۇل ھالدا ھېچبىر تەرەپنىمۇ چىشلەپ تارتمايمەن. (ئەمەلىيەتتە، ماھىيەت نۇقتىسىدىن ”تەرەپ“ دەرىجىسىدىكى تۈركۈملەرنى بۇ مۇنبەردە ئېنىق كۆرمىگەن بولساممۇ) شۇڭا مېنىڭ گەپلىرىم كونكىرىت بىر شەخسنىڭ تىتاڭ تومۇرىغا تېگىپ كەتمىسىكەن، دېگەن ئۈمىدتىمەن. شۇنداقلا بۇ يەردە مەن سىستېمىلىك بىر پىكىر تىزىندىسىنى ئەمەس، بەلكى پارچە-پارچە تەرمىلەرنىلا ئوتتۇرىغا قويىمەن. ئەقىل بولسا باغلىۋالسا، بولمىسا كاپشىۋالسا بولىۋېرىدۇ.
**** مەزكور ماقالىنىڭ باش تېمىسى ھەققىدە****
مېنىڭ بىلىشىمچە، ئىنساننىڭ ياشاش مەقسىدى ئەسەر يېزىپ نام چىقىرىۋېلىش ئەمەس. قەلەم تۇتقانلار قىل ئۈستىدە تۇرغانلار، دەپ قارايمەن. چۈنكى خۇددى ”زىيانكەشلىك ئۇرۇشتىنمۇ يامان “ دېگەن “ قۇرئان“ يوليۇرۇقى بويىچە بولغاندىمۇ ، ئىدىيەنىڭ زەھىرى غايەت يامان. بۇ ھەقتە بىز ئۆز تارىخىمىزدىنلا ئاپپاق غوجا، شۇ كەبىي سوپىلار ۋە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ”مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي“…. قاتارلىقلارنى بىلىمىز.
بىز مۇنداق ”تەبىر“لەرنى ئاڭلاپ كەلگەن ___ ”ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ يازغۇچى مېڭىسىدىكى ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى“ بەلكىم بۇنى ئوتتۇرىغا قويغانلار ”تەبىر“ ئەمەس، بەلكى بىر ”ئىزاھ“ دەپ ئوتتۇرىغا قويغاندۇ، لېكىن مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىم ئۇنى ”تەبىر“ دېگەن. يەنە ھېلىقى مەن 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئېسىمدە تۇتمىغان، تۇتۇشنىمۇ خالىمىغان ئەدەبىياتقا بېرىلگەن ئۇزۇنراق بىر ”تەبىر“ بار. ئۇنىڭدىمۇ ”ئىجتىمائىي تۇرمۇش“ نى مەركەر قىلىپ بىر نېمە دېگەن. نېمىلا بولمىسۇن، بۇ ”تەبىر“، ”ئىزاھ“لار يا ”رېئالىزىم“ ، يا بولمىسا ”سوتسىيالىستىك رېئالىزىم“ دىن كەلگەن. ئەمەلىيەتتە ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇھىمى روھىي تۇرمۇشنىڭمۇ سەنئەتلىك تىل ۋاستىسى بىلەن ئىپادىلىنىشى ۋە تەسۋىرلىنىشى . مەن ھېلىقى مەن ئوقۇغان توقۇم-توقۇم ئەدەبىيات نەزەرىيىسى كىتابلىرىدىكى ”تەبىر“، ”ئىزاھ“لار ئارىسىدا ھەممىدىن بەك ”ئەدەبىيات- تىل سەنئىتى“ دېگەن ئىزاھنى مۇۋاپىقراق كۆرىمەن. ئەدەبىي ئىجادىيەت ناھايىتى كۈچلۈك شەخسچانلىققا ئىگە. موشۇ مەنىدىن ئەدەبىي ئەسەر ياكى باشقا سەنئەت ئەسەرلىرى بولسۇن، ھامىنى سەنئەتكارنىڭ سوبىكتىپچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، موشۇ يەردە مۇنازىرە قىلىشىۋاتمىز دەپ قارىغانلارنىڭ ھەممىسى ئەدەبىيات ھەققىدىكى يۇقىرىقى ”تەبىر“، ”ئىزاھ“لارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىزنىڭ نەزەرىيىلىرىمىز ۋە ئەسەرلىرىمىزدە ”ئەدەبىياتنىڭ ئادەم تەربىيلەش رولى بار“ دەپ كۈچەپ تەرغىپ قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەدەبىياتقا يەنە ئۆزى كۆتۈرەلمەيدىغان بىر تالاي ”ۋەزىپە“ لار ئارتىلغان. بۇ ئەمەلىيەتتە ”پولات قانداق تاۋلاندى“، ”ئانا“، ”قىزىلتاغ باغرىدىكى گۈل چەمبىرەك“، ”ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىلەر كىم“ ….دېگەندەك ”ئەسەر“لەرنىڭ قېلىپى بولۇپ، بۇلارنى ھەققىي مەنىدىكى سەنئەت ئەسەرلىرى ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ”ئەدەبىي ئەسەر“ دەپ قاراش تۈپەيلىدىن بولغان، شۇنداقلا موشۇ قېلىپ كاللىغا سىڭدۈرۈلگەن.
شۇڭىمۇ بىز نىڭ كاللىمىزدا پەندى- نەسىھەت خاراكتېرىنى ياكى روشەن خۇلاسە چىقىرىلغان، ئاتالمىش ”ئىجابىي، سەلىبىي پېرسۇناژلار“ ئېنىق ئايرىلغان، ياكى ۋەقەلىك بىلەن لىپمۇ-لىق تولغان ئەسەرلەنى ”ئالامەت ئەسەركەن!“ دەيمىز. ھېچ بولمىغاندا ، ”ئەدەبىيات “ دېسىلا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا يا مۇھەببەت ھېكايىسى، يا نەسىھەت، يا بىر پاجئەنىڭ باش-ئاخىر تىزىندىسى، يا شۇنىڭغان ئوخشىغان ۋەقەلىك دۆۋىسى ….. كېلىدۇ.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، روھىي تۇرمۇش تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەر بىزگە نىسبەتەن زېرىكىشلىك، تۇتۇرۇقسىز…. بىر نېمە تۇيۇلۇپ قالىدۇ. چۈنكى بىز كۆنۈكمىگەن.
يېزىقچىلىق تامامەن ئۆزگىچە بىر جەريان . مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ گېپى بۇيىچە بولغاندىمۇ ”ئۇنى باشقا ھۆنەرلەرگە ئوخشاش، بىر يازغۇچىنىڭ پېشىگە چىڭ ئېسىلىپ، راسا جاپالىق تىرىشىپ ئۆگەنگىلى بولمايدۇ“.
ئەدەبىياتنىڭ راستىنلا ئادەم تەربىيلەش ۋەزىپىسى بارمۇ؟ بار، لېكىن ئەدەبىياتنىڭ بىۋاسىتە ۋەزىپىسى ئەمەس، شۇنداقلا ئەدەبىياتنىڭ بىردىنبىر ۋەزىپىسىمۇ ئەمەس، ئۇنداق بولمىغاندا ئېتىكا(ئەردەم بىلىك، ئەخلاقشۇناسلىق)، دېداكتىكا(ئۈگۈت بىلىك، نەسىھەتشۇناسلىق) ۋە پەلسەپە(ئويقۇرما)دىن پەرقسىز بولۇپ قالىدۇ.
يازغۇچىنىڭ ئىدىيىسى ئۆز ئەسىرىگە سىڭىشى مۇمكىن، لېكىن تولۇق ئەكىس ئېتىشى ناتايىن . (ئۆزىنىڭ تەرجىمھال ئەسىرى بولسا، تاڭ). بىر تۈركۈم رېئالىزىملىق ئەسەرلەردە پېرسۇناژ ئىدىيىسى بىر قەدەر ئاشكارە ئىپادىلەنگەچكە، ئادەتتە كىشىلەر بۇ پېرسۇناژلاردىن ئاسانلا ”يۇقۇملىنىدۇ“، شۇڭا بىز ”ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ھەممىسىدە ئىدىيە بار، ئادەم تەربىيلەيدۇ“ دېگەن خاتا قاراشقا كېلىۋالىمىز. شۇنى تەكرار ئېيتىش كېرەككى، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ بىر تۈرى. مەلۇم بىر ئەسەردە روشەن بىر تەربىيىۋىي قاراشلار بولۇشىمۇ، بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئابلىكىم ھەسەننىڭ بولسا كېرەك، ئاجايىپ ئېسىل بىر كوپلېىت شېئىرى بولىدىغان. …..
……..
…. بېلىقلار مەكتىپىدىن يېنىپتۇ،
”ئادىل “ دېگەن بىر بېلىق 60 نومۇر ئېلىپتۇ.
(تولۇق ئەسكە ئالالمىدىم، بىلىدىغانلار يېزىپ قويساڭلار بوپتىكەن) بۇ شۇ شېئىرنىڭ ئاخىرقى مىسرالىرى، بۇ شېئىرنى تولۇق ئوقۇسىڭىز شۇنداق بىر تاتلىق سېزىمگە چۈمىسىز، شېئىر سىزنى ھوزۇرلاندۇرىدۇ، لېكىن بۇ ئەسەر بىر پۈتۈن ئەسەر بولغىنى بىلەن سىز ئۇنىڭدىن ”مەركىزى ئىدىيە“ نى تاپالمايسىز، تاپسىڭىزلا خۇنۇكلەشتۈرۈپ قويىسىز.
ئەدەبىي ئىجادىيەت ئالاھىدە بىر جەريان. بۇنى پەقەت ھەققىي سەنئەت ئەسىرىدىن بىرنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغانلار ئازراق بولسىمۇ ھېس قىلىشى مۇمكىن. بىر قىسىم سەنئەتكارلار (جۈملىدىن يازغۇچى ، شائېرلار) قەلبنىڭ پاكلىقى ۋە ھەقنىڭ ساداسىنى يەتكۈزەلگەنلىكى ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يۇقىرى ئورۇندا تۇرالايدۇ، شۇنداقلا سەنئەتكارلار يەنە ئازغۇنلۇققا تولىمۇ يېقىن بىر تۈركۈم. چۈنكى سەنئەت ئىنساننى تەشكىل قىلغۇچى ئەقىل، بىلىم، سېزىم ۋە كۆڭۈل فۇنكىسىيىلىرى ئىچىدە سېزىم ۋە كۆڭۈلگە بەكرەك يېقىن. ”ئىنسان نەپسىدىن ئاجىز يارىتىلغان“ دېيىلگىنىدەك، قەلەم تىزگىنى ھەرقاچان كۆڭۈل تەرەپكە سۆرەپراق تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك بىر ئەۋھال شۇكى، مەن ئۇچراتقان سەنئەتكارلانىڭ كۆپ قىسمى شۆھرەتپەرەسلىككە بەكمۇ يېقىن، مۇنداقچە ئېيقاندا، ئۇلار سەنئەتنىڭ ئەسلى قانۇنىيىتىگە سادىق بولۇشتىن بەكرەك نام – شۆھرەتنىڭ كەينىدە سوكۇلداپ كېتىدۇ. قوپال ئېيتقاندا، ”مەن ھەققىي بىر سەنئەت ئەسىرىنى بارلىققا كەلتۈردۈممۇ- يوق؟“ دېگەن نىيەتتە ئەمەس، بەلكى ”خەق مېنىڭ ئەسىرىمگە قانداق باھا بېرىۋاتىدۇ؟“ دېگەن تامادا. بۇ خۇددى بەزىلەرنىڭ خىيالىدا ئۆزىنى ”كامىل مۇسۇلمانمەن“ دەپ گەپنى بولۇشىچە دېۋېلىپ، دىننى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزى بىلىپ – بىلمەي، ئىسلام دىنىدا ھارام قىلىنغان ”رىيا“ كوچىسىغا بېشىچىلاپلا كىرىپ كەتكەنگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
ئەمدى غەرب يازغۇچىلىرىغا كەلسەك، گەپنىڭ نەق يېرىنى دېگەندە، مەن يازغۇچى- شائېرلار ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرگە ئانچە قىزىقمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن غەربنىڭ ئېقىم ۋە نەزەرىيىلىرىنى خېلى ئوقۇغان ، ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرىنى ئوقۇغان بىلەن تەپسىلاتىنى كۆپ ئوقۇمىغان، لېكىن فىلىملىرىنى كۆپ كۆرگەن. گەرچە بۇ يەردە غەرب ئەسەرلىرىنى مەندىنمۇ ئاز ئوقۇغانلارنىڭ ئاۋازى ھەممىدىن بوم چىقسىمۇ، لېكىن مېنىڭ چۇڭقۇر تەتقىق قىلىپ باقمىغان بىر تېما ئۈستىدە بىلجىرلىغۇم يوق.
غەرب يازغۇچىلىرىنىڭ شەخسىيىتىگە كەلسەك، بەزى ئەھۋاللار مەن يۇقىرىدا دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن. سەنئەتكارلار ھەققىدىكى بۇ يەرگە يېزىلغان قاراشلارنى مەن ”ئىلھام“غا تايىنىپلا يېزىپ قويغىنىم يوق. يازغۇچىلىرىنىڭ شەخسىيىتى تامامەن ئۆزىگە تەۋە ئىشلار. مەيلى توغرا سۆكسۇن-خاتا سۆكسۇن، ئۇنى سۆكۈش-سۆكمەسلىكمۇ ھەركىمنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش. بىز بۇيەردە ئىسلام دىنىنى ئۆلچەم قىلىپ باھا بېرىمىز. ئۇنداقتا غەربلىكلەر ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە قانداق قارايدۇ؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىز ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىنى ياقتۇرمىسىڭىز، لەنەت ئوقۇڭ، ئەسەرلىرىنى ياقتۇرمىسىڭىز ئوقۇماڭ. بىر قىسىم غەرب يازغۇچىلىرىنىڭ شەخسىيىتىگە خالىغانچە باھا بېرىشكە بىر داغدام يول بار، يەنى، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرى بولمىغاندىكىن، بىرەرسى سىزنى سوتقا تارتىپمۇ يۈرمەيدۇ.
غەرب ئەدەبىياتىغا كەلسەك، مەن ئوقۇغان ئەسەرلەر، كۆرگەن فىلىملەر ئىچىدە پىسخك دۇنيا (روھىي دۇنيا)نى تەسۋىرلەشتە غەرب يازغۇچىلىرىغا يېتىدىغان يازغۇچىلارنى ئۇچراتمىدىم. رېئالىزىم نۇقتىسىدىن، شەخسەن مەن بىر بۆلۈك تۈرك يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى، شۇنداقلا ئەرەبلەردىن ئېھسان ئابدۇقۇددۇسنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.
ئۇيغۇر ئەدىبلىرىگە (ئەڭ ئەمەلىي گەپكە) كەلسەك، مېنىڭچە، غەرب ئەدبلىرىنىڭ شەخسىيىتىگە خالىغانچە باھا بېرىشكە بولغان بىلەن، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ شەخسىيىتىگە خالىغانچە باھا بېرىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، دوستلىرىمىز، قىسىقىسى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بار. شۇنداقلا دىن نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ بىر مۇسۇلمانغا كۆزىنى يۇمۇپلا قارا چاپلىسا، پاكىتسىز ھاقارەتلىسە گۇناھ بولىدۇ.
بۇ مۇنبەرگە ئىنكاس يازغانلارنىڭ ھېچقايسىنى تونۇمايدىكەنمەن، لېكىن مەن ئىنكاسچىلار تىلغا ئالغان يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ھەممىسنى دېگۈدەك تونۇيمەن، ھەتتا بەزىلىرى بىلەن بىر مەزگىل خېلى يېقىن ئۆتكەن. مېنىڭچە بولغاندا، ئەدەبىي ئەسەر يازغۇچىلار ئۆزىنى ”دىن ۋە مىللەتنىڭ ۋەكىلىمەن“ دەپ ئوتتۇرىغا چىقمىسىلا ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە ھوجۇم قىلىش توغرا ئەمەس. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خوتۇن ئېلىش – قويۇۋېتىش ئىشلىرىمۇ بىز ئارلىشىدىغان ئىشلار ئەمەس. روشەن نەسىھەت خاراكتېرلىك ئەسەرلەرنى يازغانلارنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدىكى تەشەببۇسلىرى بىلەن ئەمەلىيىتى ئوخشىمىسا، خەلق ئۇنى پاكىت بىلەن سۆكسە بۇ ھەق بولىدۇ. مەسىلەن مەن مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلىغان. (راست – يالغانلىقىغا ماڭا شۇ گەپنى دېگۈچى ئىگە)
بىر داڭلىق ناخشىچى بارئىكەن. بىر دېسكۇخانا ئېچپتۇ. شۇ يۇرتتا بىر نوچى لۈكچەك بار ئىكەن. بىركۈنى ھېلىقى ناخشىچىنىڭ دېسكوخانىسىغا ھەمراھلىرى بىلەن كىرىپ:“ پالانچى ناخشىچى! سەن ھېلىقى <سىڭلىمغا> دېگەن ناخشاڭنى ئوقۇ!“ دەپتۇ، ناخشىچى ئوقۇغۇلى ئۇنىماي تىل چايناپتۇ. شۇنىڭ بىلەن نوچى ”ھەي، سەن بىر چاغلاردا، <جېنىم سىڭلىم، تۈن بەزمىدە ئوينىما ئۇسۇل، قاۋاقلاردا بىر نېمە قىلما....> دەپ نەسىھەت قىلىپ ناخشا ئوقۇۋاتاتتىڭ، ئەمدى ئۆزۈڭ شوۋىخانىدىن بىرنى ئېچىپسەنغۇ؟!“ دەپ ھېلىقى ناخشىچىنى تازا دۇمبالاپ، ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنى چېقىپ، دېسكوخانىنى ۋەيران قىلغانىكەن.
ئەمدى ئەسەرنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، مەيلى غەربنىڭ بولسۇن-شەرقنىڭ بولسۇن، ئاشكارە ئېلان قىلىنغانلا بولسا، كىشىلەرنىڭ ئۇنى ”ياقتۇردۇم ”، ”ياقتۇرمىدىم “ دەپ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بار. لېكىن ھەممىلا سەنئەت ئەسىرىنى ”توغرا-خاتا“ ئۆلچىمىگە سېلىۋالغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بەزى ئەسەرنى ئوقۇيسىز، ھوزۇرلىنىسىز، ياكى ياقتۇرمايسىز، لېكىن ئۇنىڭدىن مەلۇم بىر توغرا- خاتا مەسىلىسىنى تېپىپ چىقالمايسىز. خۇددى ئۇيغۇر شائىرى قوغۇرسوۋ ئالتۇننىڭ مىلادىي 6- ئەسىردە يازغان مونۇ ئېسىل لېرىكىسىدەك:

چوغاينىڭ تاغلىرى ئاستىدا ئاقار،
تۇرالار دەرياسى ئويناپ-دولقۇنلاپ.
ئاسماننىڭ گۈمبىزى بارىگاھسىمان،
تۇرىدۇ جىمىكى ئەتراپنى قاپلاپ.

شۇنچە كۆك، غۇبارسىز ساماۋىي ئاسمان،
دالىلار بىپايان كۆرۈنمەيدۇ قاش.
كۆرۈنۈپ قالىدۇ سانسىز چارۋا-مال،
شاماللار يەلپۈسە، ئوتلار ئەگسە باش.

بۇنى مەلۇم بىرەيلەن ساقلىنىپ قالغان قەدىمكى خەنزۇچە نۇسخىدىن تەرجىمە قىلغانىكەن . ”ئەسلىسى قانچە ئېسىل بولغىيتتى؟“ دەپ قالىمەن ھەر قېتىم.
*** ئۇندىن باشقا مەن ”پالانچە پەن مۇھىم، بىز شۇنى ئۆگەنسەك مۇنداق بولىمىز“ دەپ كۆپچىلىككە خىتاپ قىلغان مۇنازىرىلەرگىمۇ ئانچە قىزىقمايمەن. چۈنكى بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم مەسىلە – نەتىجە. لېكىن تەبئەت پەنلىرى ئەقىلنى ئېچىشقا، ھەقنى تونۇشقا تولىمۇ يېقىن، دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى – قانۇنىيەتلەر سىستېمىسىدىن ئىبارەت. يەنى بىر كىشى فىزىكا ئۆگىنىپ بىرەر رادىئو رېمۇنت قىلالماسلىقى مۇمكىن، لېكىن دۇنيانىڭ قانۇنىيىتىدىن زەررىچە چۈشىنىپ، ئەقلى ئېچىلسا ھاياتى ئەھمىيەتلىك ئۆتۈشى مۇمكىن. شۇنداقلا بىر كىشى ناھايىتى جىق كىتابلارنى ئوقۇپ، بىر دۆۋە سان- سىپىرلار بىلەن دۇنيانى زىلزىگە كەلتۈرسىمۇ، لېكىن موشۇ تەتقىقاتتىن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر ھايات ھېكمىتىنى خۇلاسىلاپ چىقالمىسا، ھېچبولمىسا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى كىچىككىنە بىر ھېكمەت ئۈستىگە قۇرالمىسا، بۇنىڭ ھېچكىمگە ئەھمىيىتى يوق. چۈنكى ياشاشتىن مەقسەت ئەسەر يېزىۋېلىش بولمىغاندەكلا، ئىلىم-پەنگە قۇل بولۇشمۇ ئەمەس.
گېپىم تۈگەي دېدى. باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر نېمە دېيىش – دېمەسلىكنى تېخى ئويلىمىدىم.
كىچىككىنە بىر قىستۇرما: ”ئۆزھال“ ئىسىملىك تورداشنىڭ ئورۇنلۇق پاراڭلىرى ئارىسىدا ”يۈسۈپ خاس ھاجىپ(تايانغۇ) پەيلاسوپ ئەمەس، شائېر“ دېگەن باياننى كۆرۈپ قالدىم. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەڭ ئالدى بىلەن پەيلاسوپ، شۇنداقلا ئۇيغۇر پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ چوقىسىنى بەرپا قىلغان بىر ئۇلۇغ پەيلاسوپ. بۇ مېنىڭ ”قۇتادغۇبىلىك“ ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ 10 يىللىق ”قۇتادغۇبىلىك“ ئوقۇش ۋە ”قېدىرىش“ تەسىراتىمدىن، شۇنداقلا ئۇنى باشقا پەلسەپىۋىي ئەسەرلەرگە سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدىن كەلگەن. پەقەتلا يۈسۈپ خاس ھاجىپ غەربتە مودا بولغان نەسىرىي ئۇسلۇبنى ئەمەس، بەلكى شەرق ئەنئەنىسىدىكى شېئىرىىي ئۇسلۇب بىلەن پەلسەپىنى بايان قىلغان. شۇنداقلا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنى شائېر دېمىگەن، بۇنى سىز ”قۇتادغۇبىلىك“ نىڭ سەل ئاخىرىدىراق توختالغان شائىرلار ھەققىدىكى بايانلىرىدىنمۇ بىلەلەيسىز. پەلسەپە- ئىنساننىڭ تەڭرى، تەبئەت، جەمئىيەت ۋە ئىنسانىيەت ھەققىدە ئەقىلىي تەپەككۇر قىلىپ چىقارغان سىستېمىلىق خۇلاسىسى. بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى ”سىستېما“ ! موشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ”قۇتادغۇبىلىك“ بىر پۈتۈن پەلسەپىۋىي سىستېمىنى تەشكىل قىلسا، بۈگۈن ”پەيلاسوپ“ دەپ ئاتالغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدا ”ھېكمەتلەر“ ياكى ”پوبلىستىك ماقالىلار“ دەپ ئاتاشلا مۇمكىن.
سىزنىڭ ئىلىمگە ھۆرمەت قىلىش نۇقتىسىدىن ئىلمىي پاكىتلارنى قوبۇل قىلىدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن. ئەگەر ماتېرىيال كۆرەي دېسىڭىز ”قۇتادغۇبىلىك“ ۋە باشقا پەلسەپە ئەسەرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ باقسىڭىز، ئەگەر قىسقىراق بىر ئەسەر بىلەن كۇپايىلىنەي دېسىڭىز مەمتىمىن ئەلانىڭ ”تەكلىماكاندىن ياۋروپاغىچە“ دېگەن كىتابىغا نەزەر تاشلىسىڭىز.
كۆرۈشكىچە خەيىر!

مېنىڭ ئىنكاسىم:
بۇ مۇنازىرىنى ھېللو لايىف ئىلمىي تەپەككۇر تەرمىلىرى ئارقىلىق ئوبدان خۇلاسىلەپتۇ. بىز ئەدەبىياتنى ھەقىقەتەن ئادەمنى ئۆزگەرتەلەيدۇ دەپ چوڭ بىلىپ كېتىپتۇق، ھەممە كەسىپ ئەھلى ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنى شۇنداق ئۇلۇغلامدۇ ئەيتاۋۇر، شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭغا ئۆزىنى قوشۇپ تەرىپلىگەندە بىلىپ-بىلمەي ۋەزنىدىن ئاشۇرۇېۋېتىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇنى شۇنداقلا چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ خېلى بۇرۇنلا ئەدەبىياتنىڭ ئادەم تەربىيىلەش ۋەزىپىسى يوق، بولسىمۇ قىسمەن بار ، ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى يەنىلا كىشىلەرگە ئىستېتىك زوق بېرىش دەپ قارىغان، ئۆزەم كۆپرەك پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەچكە، مىلان كۇندىرانىڭ: ”پروزا مەۋجۇدىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ“ دېگەن گېپى ياراپ كەتكەچكە ھازىرغىچە شۇنىڭ تەسىرىنى يوقاتماي كەلمەكتىمەن، ئۆزەم تاللاپ قوبۇل قىلغان بۇ ئىجادىيەت قارىشىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئازدۇر-كۆپتۇر ئىزدىنىۋاتىمەن. مەن ئوتتۇرىغا قويغان تېما ئىجادىيەتنىڭ (بۇنىڭدىن پۈتۈپ چىققان ئەسەرنىڭ) ئوقۇرمەنلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئەمەس، بەلكى شۇ ئىجادىيەتنى بەرپا قىلغۇچى ئادەمنىڭ روھى، ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ شۇنىڭ ئىجادىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە كېتىۋاتقانىدى.. كېيىن بەزى ئىنكاسلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ ئىنكاسلار يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن ئىدىيە ئەخلاقىنىڭ مۇناسىۋىتى،.. پەرھات تۇرسۇن، ئادىل تۇنىياز ، شەرق، غەرب… بولۇپ ياڭيودەك كۆپىيىپ كېتىۋەردى.. تورداشلارنىڭ مەسلىكى، ئەقلى، ھېسسىياتى، تەپەككۇرى شاخلاپ ماڭىۋەردى، شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇنازىرە بىر-ئىككى كۈننىڭ ئىچىدىلا قىززىپ كەتتى. بۇ ئىنكاسلار بىلەن كارىم بولماي تۇرالمىدىم، ئۆز مەيدانىمدا تۇرۇپ بەزى قاراشلىرىمنى شەرھلىدىم. ئەسلى تېمىدىن بىر ئاز چەتنەپ كەتكەندەكمۇ بولدۇم، ئەمما ئاساسىي مۇقامىمنى توۋلاپ تۇرۇشقا دىققەت قىلدىم… تورداشلار يەنە قىزغىن مۇنازىرىگە چۈشۈپ كەتتى.. . بىرەرسىنىڭ غۇرۇرى ئازار يەيدىغان ئىش يۈز بېرىپ قالمىغىيدى، بۇ تېما تاقىلىپ قالمىغىيدى دەپ ئەنسىرىۋىدىم، خەيرىيەت، تورداشلار يەنىلا سۆيۈملۈك مۇنازىرىسىنى نورمال داۋام قىلىۋەردى (بۇنىڭدا ئەلۋەتتە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋاقتىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بار). بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولدۇم. ئىش مۇشۇنچىلىك ئاددىي.

يەنە بىر نەرسىنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ (تېمىدىن يەنە چەتنەپ كېتىۋاتىمەن، ئەمما بۇنى دېيىشىم زۆرۈر تۇيۇلدى، چۈنكى تېمىغا ئالاقىدار بەزى ئىشلارنى يەكۈنلەپ قويۇش سائىتى كەلگەندەك قىلىدۇ)
مۇنازىرە بېتىنىڭ مەتبۇئات ۋاسىتىلىرىدىن ئوخشىمايدىغان يېرى ۋە ئۇنىڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكى بۇ تېما ئۈستىدە خېلى ياخشى ئەكس ئەتتى دەپ قارايمەن. ھەممىمىز بىلىمىز، ”تارىم“ ياكى ”تەڭرىتاغ“ قا ماقالە ئەۋەتسەك نەچچە ئەلگەكتىن تاسقىلىپ، تاللىنىمىز يا شاللىنىمىز. ئۆتكەل كۆپ، ھەر خىل چەكلىمە ئاستىدىكى تەلەپ مۇھەررىر ھەم شۇنىڭغا لايىقلىشىشقا دىققەت قىلىدىغان ئاپتورنى ھارغۇزىۋېتىدۇ. يەنە كېلىپ مەتبۇاتتىكى ماقالىلاردا كۆپ ھاللاردا ئاپتورنىڭ تولۇق ئاياغلاشقان ئوي-پىكىرى بايان قىلىنىدۇ .
مۇنازىرە بېتىدە بولسا بىرسى بىر تېما تاشلاپ ئازراق پىكىر بايان قىلىپ باقىدۇ، قالغىنى ئۇنى ئىنكاس بىلەن تولۇقلاپ ماڭىدۇ ھەم شۇنداق بولسا ياخشىراق بولىدۇ. مۇنازىرە بېتى نەق مەيدان پىكىرلىشىش سەھنىسى بولغاچقا، نىسبەتەن ئەركىن بولغاچقا، مەيلى يازغۇچى، ئىنكاسچى بولسۇن، بىر نەرسە يېزىپ كېلىۋېتىپ تېمىدىن تولا ھاللاردا چەتنەپ كېتىشتىن ساقلىنالمايدۇ. بۇمۇ مۇنازىرە بېتىنىڭ مەتبۇئاتتىن پەرقلىق يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، شۇڭا ماقالىنىڭ تولۇق ئاياغلىشىشى جەھەتتە تەلەپنى قاتتىق قويۇۋالغىلى بولمايدۇ، بولمىسا مۇنازىرە بېتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئەھمىيىتى كۆرۈنمەيدۇ.
مەتبۇئات ۋاسىتىلىرىدا ئەگەر بىرسىنىڭ ئوتتورىغا قويغان قارىشى جەمئىيەتتە تۈرلۈك مۇنازىرە، سۆز-چۆچەككە سەۋەب بولسا، بىر-ئىككىسى چىقىپ ئۇنىڭغا قارشى ماقالە يېزىپ ئېلان قىلدۇرىدۇ، بۇ ماقالىنى ئوقۇسىڭىز كۆپىنچە مەسىلىنىڭ ئۆزىگە ئەمەس، بەلكى شەخسكە دارىتمىلانغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەم ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنى بۇ كۈندىكى خاراپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان سەۋەبلەرنىڭ ئەڭ چوڭى. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ”بۇرۇت ماجراسى“ ناملىق ھېكايىسى ئەدەبىي تەنقىدچى كېرىمجان ئابدۇرەھىم بىلەن يالقۇن روزىنىڭ تالاش-تارتىشلىرىغا سەۋەب بولۇپ، ئىش چوڭىغا چىقىپ كېتىپ، بۇنى ئاخىرى مۇھەررىرلەر بېسىقتۇرغانىكەن.
تور بېتىدىكى ئۇچۇرنىڭ تېزلىكىنى مەتبۇئات ۋاسىتىلىرىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، مۇنازىرىلەردىكى چاققانلىقنى ھەم سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى مۇنازىرە تور بېتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ھەم مەتبۇئاتقا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن. مانا مۇشۇنداق بىر مەيداندا بىز مەتبۇئاتتىن چاققان چىقىپ كېتىۋېرىمىز، ئەمما مەتبۇئاتتىكى كىشىلىككە ھۇجۇم قىلىشتىن ساقلىنالماسلىكتەك ئەنئەنىۋى كېسەلنى بۇ يەرگىمۇ يۇقتۇرۇشتىن خالىي بولالىساق قالتىس ئىش بولاتتى، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇچۇر تېزلىكى مەتبۇئات ۋاسىتىلىرىدىن نەچچە ھەسسە تېز بولغان بۇ سەھىپىلەر تىل-ھاقارەت، چۈشۈرۈش، سېسىتىش بىلەن ناھايىتى تېزلا بۇلغىنىپ كېتىدۇ. ئاقىۋەتتە بۇ تور بېتىنى بەرپا قىلغانلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلمىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشىنى نابۇت قىلىۋەتكەن بولىمىز. بۇ ئاقىۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ ساپاسىزلىقىنىڭ، شەرەپسىزلىكىنىڭ دەلىلى بولۇپ قالىدۇ.
گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، مەن بىر تېمىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، باشقىلار ئىنكاس يېزىپ تاماملىشىپ بەردى. ھېللو ۋورلد بۇ مۇنازىرىدە باشتىن-ئاخىر ئوت قالاپ بەرگۈچى رولىنى ئوينىدى، دۈشمەن رولىنى ئوينىدىمۇ، ئىتتىپاقداش رولىنى ئوينىدىمۇ، بۇ باھانى ھېچكىم قويالمايدۇ ھەم قويماسلىقى كېرەك. ھېللو لايىف ياخشى خۇلاسىلىدى، مەنمۇ بىر نەرسىنى قوشۇمچە قىلدىم. مېنىڭ ئەمدى بۇ تېمىغا ئالاقىدار بىر نەرسىنى يازغۇم يوق، دېگۈدەكمۇ گېپىم قالمىدى. راستىنى دېگەندە، گەپ دېگەنمۇ ئىزدىنىش، سەۋىيىگە بېقىپ شۇنچىلىك بولىدۇ. بىزگە يەنىلا باشقا ئەمەلىي ئىشلار، تىرىشچانلىقلار كېرەك.
ئىنكاسچىلار ھەممە گەپنى ھەر تەرەپتىن ئوتتۇرىغا تاشلاپ بىر پىرامىدا شەكىللەندۈردى، بۇنىڭدىكى رەڭگا-رەڭ پىكىرلەر كۆزنى ھەقىقەتەن قاماشتۇرىدۇ، بۇ بىر جەھەتتىن ئىزدىنىشنىڭ غالىبىيىتى. ئەگەر پىرامىدانىڭ تېخىمۇ يۈكسەكلىرىگە چىقىشنى خالىساق بولىۋېرىدۇ. بۇ ھەر ھالدا ئەركىن بىر مۇنازىرە سەھنىسى.

HelloLife نىڭ ئىنكاسى:
چالا قالغان گەپلىرىممۇ باردەك قىلىدۇ. بۇنى ”ئەرتۈرك“ ئەسكەرتتى. يەنى مۇنداق دەپتۇ:
”مەن ئوتتۇرىغا قويغان تېما ئىجادىيەتنىڭ (بۇنىڭدىن پۈتۈن چىققان ئەسەرنىڭ) ئوقۇرمەنلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئەمەس، بەلكى شۇ ئىجادىيەتنى بەرپا قىلغۇچى ئادەمنىڭ روھى، ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ شۇنىڭ ئىجادىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە كېتىۋاتقانىدى.“
ئۇنداقتا، ئىجادىيەتچىنىڭ ئىدىيىسى، تۇرمۇش ئادىتى…. قىسقىسى، ئۇنىڭ شەخسىيىتى ئۆز ئەسىرىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ-يوق؟
مەن بۇ سۇئالنى بۇرۇنمۇ ئويلىغان، لېكىن ئويلاپ – ئويلاپ چۈچۈپ كەتكەن ئىدىم، چۈنكى بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە نازۇك بىر جەريان بولغاچقا، بۇنى بىر-ئىككى ماقالە بىلەنلا ئەمەس، بىر نەچچە كىتاب بىلەنمۇ ئەتراپلىق بىر نېمە دېمەك تەس. شۇڭىمۇ ”يازغۇچىشۇناسلىق“ دېگەن پەن شەكىللەنگەن. مېنىڭچە بولغاندا، تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز ياغۇچىنىڭ شەخسىيىتىنى ئاي دەپ تۇرايلى. بۇ يەردىكى تەسىر يازغۇچىنىڭ سەرگۈزەشتىسى بىلەن باغلانغان ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە ئۇزۇن جەريان . ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئويى. بۇ خىل يوشۇرۇن ئوينى تەتقىقاتچىلا ئەمەس، يازغۇچىنىڭ ئۆزىمۇ بىلەلمەسلىكى مۇمكىن. بىر قەلەمكەشنىڭ كاللىسىدا مەلۇم ئۇقۇم بولمايدىكەن، ئۇنى روشەن بايان قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس.
يازغۇچى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئامىللارنىمۇ يازىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىمۇ ئۆز تۇرمۇشىدا بولمىغان ئامىللارنىمۇ ئۆز ئەسىرىدە ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. لېكىن بۇ خىل ئامىلنى بىز يازغۇچىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدىنمۇ ئىزدەپ تاپالماسلىقىمىز مۇمكىن. چۈنكى ئاشكارلانمىغان، ھەتتا ئەشۇ يازغۇچىنىڭ ئۆزىمۇ ئېنىق بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئاشكارە ئوينى مەلۇم ئۇسۇل بىلەن چەكلىگىلى بولغىنى بىلەن، يۇشۇرۇن ئوينى چەكلەش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭ مەلۇم بىر قىسمى پارتلىلاپ چىققان بىلەن مەلۇم بىر قىسمى پارتلاپ چىقىشى ناتايىن. خۇددى مونۇ تەلىمدەك : “ بىر كىشى ئۆمۈر بويى ياخشىلىق قىلىپ، جەننەتكە كىچىككىنە ئارلىق قالغاندا، پىشانىسىگە پۈتۈلگىنى بويىچە دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ (شۇ ئاقىۋەتكە لايىق قىلمىشنىڭ سادىر بولۇشى بىلەن بولۇشى مۇمكىن)، يەنە مەلۇم بىر كىشى ئۆمۈر بويى ناچار ئىشلارنى قىلىپ، دوزاخقا ئازغىنا قالغاندا، پىشانىسىگە پۈتۈلگىنى بويىچە جەننەتكە كىرىدۇ(شۇ ئاقىۋەتكە لايىق قىلمىشنىڭ سادىر بولۇشى بىلەن بولۇشى مۇمكىن) . بۇ يەردە دېيىلگىنى ھەرگىزمۇ ”خۇدا ئادەمنى ئەخمەق قىلىدىكەن، پىشانىسىگە پۈتۈپ قويۇپ خالىغىنىنى قىلىدىكەن“ دېگەن گەپمۇ ئەمەس، شۇنداقلا بۇ تەنقىدلەر ئاستىغا ئېلىنغان “ نوقۇل تەقدىرچىلىك“ مۇ ئەمەس، بۇنىڭ بىر ئۇچى تەقدىرگە چېتىلسا، يەنە بىر ئۇچى يوشۇرۇن ئويغا چېتىلىشى مۇمكىن. لېكىن چوڭ دائىرىدىن ئېيتقاندا، يۇشۇرۇن ئوينىڭ پارتىلاپ ئاقىۋەت پەيدا قىلىش- قىلماسلىقىمۇ يەنىلا تەقدىرنىڭ ئىچىدىكى بىر ئىش. تەقدىر – خۇدانىڭ ھەر بىر نۇقتىدا ئىنسان پائالىيىتىنى كونترول قىلىشى بولماستىن، بەلكى ھەر بىر نۇقتىدا خۇدالىقنىڭ ئەكىس ئېتىشى، لېكىن ھەر بىر نۇقتىدا خۇدانىڭ ئارلىشىشى ئەمەس، يەنى چوڭ قانۇنىيەت ۋە مۇكەممەللىك بولغانىكەن، ھەر بىر نۇقتىدا خۇدالىق ئەكىس ئېتىدۇ ۋە ھېلىقى مۇكەممەل قانۇنىيەتنىڭ ئىدارىسىدا بولىدۇ، لېكىن خۇددى باشقۇرغۇچىلار ھەر بىر ئىنكاسچىنىڭ تېمىسىنى تەھرىرلىگەندەك، خۇدامۇ ھەر بىر نۇقتىدا ئىنسان پائالىيىتىگە ئارلاشمايدۇ. بۇ خىل ئارلىشىش يۇقىرى دەرىجىلىك جانلىقلارنىڭ ئۆز ئارا، ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك جانلىقلار پائالىيىتىنى كونترول قىلغىنىغا چورتلا ئوخشىمايدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ جەريان بولغاچقا پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپمۇ ئۇنىڭ تېگىگە يېتىش مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس! ئەڭ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئىنسان ۋە دۇنيا ماددا ۋە روھتىن تۈزۈلگەن، شۇڭا مۇقەررەر ھالدا ماددا ۋە روھ چەكلىمىلىكىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئېنىق دېگەندە، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەكتە بىلىدىغىنى ماددا ۋە روھ ياكى ماددا ۋە روھ بىر لەشمىسى. شۇنداقكەن، ماددا ۋە روھتىن تامامەن خالىي ھالدىكى خۇدا ۋە ئۇنىڭ يۈكسەك ھېكمىتىنى مۇپەسسەل چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس! تەقدىر تېخىمۇ شۇنداق مەسىلە. مەسىلەن، ئەڭ ئاددىيسى، مېنىڭ مەسىلىلەرنى نېمىشقا پالانچە ھالەتتە ئويلىشىمنى ماتېرىيالىستىك نۇقتىدىن تەتقىق قىلىش ئۈچۈنمۇ كام دېگەندە بىرنەچچە ئەجدادىم، بىرنەچچە ماكاننى سۈرۈشتۈرۈش، ئاز دېگەندىمۇ نەچچە دەريا، نەچچە يۈز مەھەللە…. نەچچە مىليۇن ”ئەۋرىشكە“نى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. پۈتكۈل ئېشەكلەر بىرلىشىپمۇ بىر ئەقلى كەمتۈكرەك كىچىك بالىنىڭ ھاياتىنى ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر پەيتتىكى ئويلىرىنى بىلەلىشى مۇمكىن بولمىغىنىدەك، ئىنسان تەسەۋۇرمۇ قىلالمايدىغان ، ئىنساندىن ھەددىدىن زىيادە ئۈستۈن بىر قانۇنىيەت ھەققىدە (ياكى مەۋجۇتلۇق ھەققىدە) ، ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرى (ئىنسان سۆزى بىلەن ئىپادىلىگەندە) ھەققىدە مۇكەممەللا ئەمەس، بەلكى پەيتلىك قىسمىنى بىلىشمۇ بەسىي مۈشكۈل. ھەتتا ماددىغا خاس بولغان شەكىل ، شۇنداقلا روھقا خاس بولغان XXX (ئىپادىلىيەلمىدىم) لارغا تەققاسلاپمۇ قىياس قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنى پەقەت ”بار ۋە بىر، ئوخشىشى يوق، ھەممىگە قادىر….“ ….. دېگەن سۈپەتلەر بىلەنلا سۈپەتلەش مۇمكىن. بۇخىل تۈپ پىرىنسىپتىن چەتنىسە، ئىنسان ئۆز ئاقىزلىقىغا تەن بەرمەي ھاكاۋۇرلارچە پىكىر يۈرگۈزۈپ تەپەككۇرنىڭ تېگى يوق ھېڭى ۋە خاتالىق پاتقىقىغا پاتىدۇ!
چېچىلغان پىكىرلەرنى يىغىشقا تىرىشقاندا، يوشۇرۇن ئوي ئەنە شۇنداق تۈمەنمىڭ ”ئەۋرىشكە“ لەر تەسىرىدە جۇغلىنىدىغان بولغاچقا، يەنە كېلىپ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەر ئاساسەن دېگۈدەك ئۆچمەيدىغان ھەم ھەممىسىنىڭ ئەسكە ئېلىنىش مۇمكىنچىلىكىمۇ بولمىغاچقا، بىز يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنى ئۇنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشى (ئاشكارە ئوينىڭ بىزگە مەلۇم قىسمى) بىلەن باغلىيالماي قالىمىز. ”دۇرۇسلا بىر بالىتى، توۋا موشۇ گەپنىمۇ دېگەنمىدۇ؟“ دېگەن سۇئالنىڭ جاۋابىغا شۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر نەرسە دېيەلىشى ناتايىن. شۇنداقلا چۈش ۋە ھېپنوز ئۇسۇلى بىلەنمۇ ئۇنى تولۇق ئەمەس، ھەتتا مەلۇم بىر بۆلىكىنى ئاشكارلاشمۇ بەسىي مۈشكۈل.
يەنە بىر زىل مەسىلە: يازغۇچى ئۆز تۇرمۇش ئادىتىدە بولمىغان بىر ئامىلنىمۇ چىقاردى. يوشۇرۇن ئويدا مەۋجۇت، لېكىن بىلمەيدۇ. خۇددى 10 يىل بۇرۇن مېنىڭ قۇلاق تۈۋىمدىن غوڭۇلداپ ئۆتكەن بىر ھەرە مېنىڭ يوشۇرۇن ئويۇمدا ”ئىز“ قالدۇرۇپ، ئۆچمەس خاتىرە بوپ كەتكىنى بىلەن مەن ئۇنى مەڭگۈ ئەسلىيەلمەسلىكىم مۇمكىن، شۇنداقلا تاسادىبىي بىر ”ئۇلىنىش“ بىلەن ئەسلەپمۇ قېلىشىم مۇمكىن. مېنىڭ يوشۇرۇن ئويۇمغا تەۋە، لېكىن ماڭا تەۋەمۇ ئەمەس، يەنى مېنىڭ ئىچىمدە بولغىنى بىلەن ماڭا تەۋە بولۇشىمۇ ناتايىن. چۈنكى مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئەسلىنى ئەمەس، بەلكى ماڭا تەۋەلىكىنىمۇ بىلىشىم ناتايىن. لېكىن يەنىلا مەندە ساقلانغان. بۇ يەردە مەسىلىنى چىگىشلەشتۈرگىنى تىلىمىزدىكى ”مەن“ ئاتالغۇسىنىڭ يىگانە بوپ قالغىنى. موشۇ بويىچە بولغاندا، يازغۇچىنىڭ يوشۇرۇن ئويى ئەسەرگە ئاشكارلانسا، لېكىن ئۇنىڭ ئاشكارە ئويى (ئەمەلىي تۇرمۇشىدا) بۇ ئامىل زادىلا كۆرۈلمىگەن ھەم ئەسەردىن كېيىنمۇ كۆرۈلمىگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ”ئاقىۋەت“كە كىم ئىگە؟!!……..

مېنىڭ ئىنكاسىم:
يەنە بىر نەرسە يازماي بولمىدى، بۇ ئىزدىنىش ئەھلىنىڭ خۇمارى بولسا كېرەك. ھېللو ۋورلد، مېنىڭ سۆزۈمنى بىرىنچى خىل مەنىدە، يەنى مۇنازىرىنى قىززىتتى دېگەن مەنىدە چۈشەنسىڭىز توغرا. مۇنازىرىنى قىززىتقىنىڭىز راست، بۇ ھەممەيلەنگە ئايان پاكىت. ئەگەر بۇ ئىككى بىسلىق گەپكەن دەپ مېنىڭ سەمىمىيىتىمدىن گۇمانلانسىڭىز، ئىماننى قاچۇرىدىغان گۇماننىڭ قارا دېغىنى چىقىرىشقا مەن ئامالسىز…
مېنىڭ خېلى بۇرۇنلا “ ئەدەبىياتنىڭ ئادەم تەربىيىلەش ۋەزىپىسى يوق، بولسىمۇ قىسمەن، ۋاسىتىلىق ھالدا بار“ دېگەن قاراشتا ئىكەنلىكىم، غەرب ئەدەبىياتىنى ئاز-تولا ئۆگەنگەنلىكىم، ئۇنىڭ يېزىقچىلىقىمغا كەڭ، چوڭقۇر تەسەۋۋۇر ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرگەنلىكى ۋە ھازىرمۇ شۇنىڭ تەسىرى ئاستىدا بىر نەرسە يېزىۋاتقانلىقىم ئەمەلىيەت…مەن غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى بىلەن تونۇشۇۋاتقاندا كاللامغا: مۇشۇلار پەيدا قىلالمىغان بىرەر ئېقىمنى ياراتقىلى بولماسمۇ؟ دېگەن خىيال كەلگەنىدى، ئەمما شۇلارنىمۇ تۈزۈك چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىپ بولالمىغاندا كاللامغا بىرەر ئېقىم-پېقىم دېگەن نەرسىمۇ كەلمىدى، گويا ھەممىسىنى شۇلار يارىتىپ بولغاندەك…
كېيىنكى كۈنلەردە مۇنداق ئويلىدىم: ئېقىملارنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاساسەن دېگۈدەك بىر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش، ئۇنىڭ كەينىدە يەنە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى… ئۇنىڭ كەينىدە يەنە ئاللىقانداق بىر ئىجتىمائىي نەرسىلەر بار… بىزنىڭ كاللىمىز باشقا دۇنياغا تەۋە، ئۇلارنى پەقەت شۇنداقلا بىلىپ قويۇش كۇپايە، بىزگە ماس كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ ئەكەلسەك، ئىجادىي يوسۇندا يېزىقچىلىقىمىزغا تەدبىقلىساق بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممە ئېقىملىرىنى باش ئىدىيىسىدىن تارتىپ ئىلغىماي، يېڭىلىقكەن، مودىكەن دەپ ئەكىلىۋەرسەك، يېڭىلىقنى ئەزەلدىن تېز قوبۇل قىلىدىغان، شۇنچە ئۇلۇغ دىنىدا مەن مۇسۇلمانمەن دەپ تۇرسىمۇ، ئۆز دىنىنىڭ ئەسلى-ۋەسلىنى ياخشى بىلمەيدىغان، بىلمىگەچكە غەيرى ئىدىيەنىڭ ھوجۇملىرىغا ئوڭايلا تەسلىم بولىدىغان بىز خەقنىڭ كاللىسىنى تېخىمۇ ئۇماش قىلىۋەتسەك قانداق بولار؟ كىچىكىنە ئىدىيەمۇ بىر ئادەمنى، بولۇپمۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلارنى ، ئەقىلدە ئۆزىنى توختىتىپ بولالمىغان ياشلارنى زەھەرلەپ قويۇشى مۇمكىنغۇ؟ بۇ بىزدە باشقا مىللەت ئادەملىرىدىن تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشى مۇمكىنغۇ؟
غەربنىڭ نەرسىسىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ يەنە نېمىشقا غەربنى تىللايسەن؟ دېگەن مەنىدە تومتاق تەرەپبازلىق تۈسىدىكى سوئالغا مەن يەنىلا تومتاق جاۋاپ بېرىمەن: غەربنىڭ پايدىلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلىرىدىن پايدىلىنىش كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭدا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق مەنىۋى نەرسىلەر تېپىلىدۇ، شۇنىڭ ئىچىدىن يەنە بىزگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، كاللىمىزنىڭ ئېچىلىشىغا مەلۈم دەرىجىدە تۈرتكىسى بولىدىغان ئامىللارنى قېزىپ چىقىشقا، كېرەكسىزلىرىنى تاشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇمۇ بىر جاپالىق ئەمگەك. چۈنكى باشتا ئېيتقىنىمىزدەك، شۇلارنىڭ ئىجادىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بەزى ئىدىيىلىرى، ياشاش ئۇسۇللىرى بىزنىڭ ئېتىقادىمىزغا، ئەخلاقىمىزغا ھەقىقەتەن ماس كەلمەيدۇ. مەسىلەن، مەن غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىياتنىڭ پەلسەپە ئاساسلىرىنڭ بىرى بولغان نېتزىنىڭ ”خۇدا ئۆلدى“(نەئۇزۇبىللاھ) دېگەن ئەشەددىي خاتا قاراشلىرىنى، مەۋجۇدىيەتچىلىك پېشىۋاسى سارتىرىنىڭ: مەۋجۇدىيەت ماھىيەتنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ… باشقىلار مەن ئۈچۈن دوزاخ… مەن ئەركىنلىككە مەھكۇم… دېگەندەك ﯰ ئىدىيىلەرنى قوبۇل قىلىپ، مەرەز باكتېرىيىلەرنى ئەسەرلىرىمگە بىلىندۈرمەي سىڭدۈرۈۋەتسەم بولامدۇ؟! ئەينى چاغدا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بەزى ئۇيغۇر ياشلىرى نېتزى قاتارلىقلارنىڭ ”دەرىجىدىن تاشقىرى ئادەم“، ”خىسلەتلىك ئادەم“، ”خاسىيەتلىك ئادەم“، ”بۇ دۇنياغا بىز ئۇقۇشماي كېلىپ قالغان، شۇڭا دۇنيا بىمەنە، ياشاش بىمەنە“ دېگەندەك قاراشلىرىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇپ، ئاخىرىدا خۇدانى ئىنكار قىلغۇدەك ئەسەبىيلىككە يەتكەن… تۈركىي تىل مەدەنىيەت فاكۇلتېتىدا پەرھات تۇرسۇنلارنىڭ ۋاقتىدا چىقىدىغان ”ئۇچقۇن“ گېزىتى بىزگە كەلگەندىمۇ غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ تەشۋىقاتچىسىغا، ئاۋانگارت بايراقدارىغا ئايلىنىپ، خېلى بىر قىسىم ھەۋەسكار ياشلارنى، ئەدەبىياتقا قىزىقمىسىمۇ يېڭى ئىدىيىگە قىزىقىدىغان خېلى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى غەربنىڭ (غەربلىكلەر بەزىلىرىنى ئاللىقاچان تاشلىۋەتكەن) ئىدىيە، سەنئەت ماللىرى بىلەن تەمىنلىگەن. بەزى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ، بولۇپمۇ شېئىرلارنىڭ بىر قىسمى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى، تەرجىمىسىمۇ ياخشى چىققانىدى، ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايتتى. ئەمما ”ئۇچقۇن“دىن يانغىن چىقىرىشنى ئىستەيدىغان بەزىلەر شىنجاڭدا چىقىرىشقا مۇمكىن بولمىغان يېڭى نەرسىلەرنى بىز بۇ مەكتەپ گېزىتىدە چىقىرىمىز دەپ ھەتتا نېتزىنىڭ “ خۇدا ئۆلدى“ دېگەن سەپسەتىسىنى باش ماۋزۇ قىلىپ چىقىرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مەتبۇئات، مەكتەپ ئورونلىرىغا تارقاتتى. كېيىن قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى ۋە باشقا بەزى يەرلەردىن بىزنىڭ فاكۇلتېتقا ئەيىبلەش خەتلىرى، تېلېفون كەلگەندىن كېيىن، گېزىت خېلى بىر مەزگىل توختاپ قالدى ۋە كېيىن ئاساسەن چىقمىدى. بىزدە مانا مۇشۇنداق قىززىق قان تەلۋىلىكلەر، چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشلەر ماڭدامدا بىر ئۇچرايدۇ… بۇ جەھەتتىن بۇ مىللەت ھېچقانداق بىر مىللەتكە ئوخشىمايدۇ.. بىزدە ئۆزىنى زىيالىي دەيدىغان بىرى بىر يېڭى گەپ ئاڭلىۋالسا تېگى تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەيلا باشقىلارغا دەپ بەرگۈسى كېلىپ كېتىدۇ. ئېتىقادى ئاجىز، مەرەز ئىدىيىگە قارشى ئىممونېت كۈچى ئاجىز بەندىلىرىمىز بىزدە خېلى كۆپ بولغاچقا، ئىدىيىلەر مەكتەپتە، جەمئىيەتتە ۋابادەك يامراپ كەتسە كېتىۋېرىدۇ. شەيتان ھەقىقەتەن يۈگۈرۈك.
ھېللو لايىف مەن ئوچۇق دېيەلمىگەننى دەپ بېرىۋاتىدۇ، مۇنازىرە يەنە داۋاملاشسا، پىرامىدا ئىگىزلىسە تېخى ياخشى.
”چىرىك ئىدىيىنىڭ ئىجادىيەتتىكى تەسىرى“ نىڭ پايدىسى بارمۇ؟ زىيىنى بارمۇ؟ بەزىلەرنىڭ مۇشۇنىڭغا قىزىقىپ بىر جاۋاب ئاڭلىغۇسى بار. مەن ئەگىىتپ چۈشەندۈرۈپ بولسىمۇ ئېنىق دېگەندەك قىلىۋىدىم، ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىگە پايدا-زىيان تارازىسىنى تۇتىۋېلىپ تومتاقلا جاۋاب بەرسىمۇ قاملىشىدۇ: ئۆزىمىزدىكى ئەسلىدىن بار، يوشۇرۇن ئېڭىمىزدا قازاندەك قايناپ تۇرغان چىرىك ئىدىيىنىڭ ئېنىرگىيىسىدىن ئىجابىي ھەم ئىجادىي پايدىلىنىپ (خۇددى يەرگە گەندە، قىغ چېچىپ زىرائەت تېرىغاندەك ) ئەسەر يازساق بولىدۇ، تالانت، ئەسەبىي تالانتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ئۇنىڭ پايدىسى. فىروئىدنىڭ نەزەرىيىسىدە يازغۇچىلار ساراڭلاردىن بىر قەدەم پەرقلىق دېيىلگەن. ساراڭلار ئۆزىنىڭ خىيالىي دۇنياسىدىن قايتىپ كېلەلمەيلا قېرىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، يازغۇچى ئۇنداق ئەمەس، قايتىپ كېلەلەيدۇ، ھوشىنى تاپالايدۇ. ھوشىنى تاپتى دېگەنلىك ھەر ھالدا ئەقلىنى بىلىدۇ، كىملىكىنى بىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى ھەر ھالدا ئۆزىگە ئايدىڭ دېگەنلىك. ھەر قانداق ئىشتا نىيەت ئەلا، ئىدىيىمىز ئېنىق بولسۇن، كىملىكىمىزنى بىلىپرەك ئىش قىلساق ياخشى. ھەر قانداق يازغۇچى مەن ھېچ ئىدىيە- مەسلەككە تەۋە ئەمەس دەپ قارىۋالغان ياكى شۇنداق داۋراڭ سالغان بىلەن، ئۇنىڭ ئىدىيە-خاھىشى، نىيەت-مەقسەتلىرى ئەسىرىدە بىر يېرىدىن بولمىسىمۇ بىر يېرىدە چىقىپ قالىدۇ. چۈنكى ئىدىيە روھقا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەن نەرسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس، ئىدىيىدىن قۇتۇلىمەن دېيىش خۇددى ئاسمانغا ئۆرلەيمەن دەپ ئۆزىنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ تارتقانغا ئوخشايدۇ. بىزگە نىسبەتەن، ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىنى ئىسلام دىنى دائىرىسىگە ئىپتىخار، رازىمەنلىك بىلەن تەۋە قىلغان يازغۇچىغا نىسبەتەن ئۆزىنى تونۇش، ئۆگىنىش، سېلىشتۇرۇش، تاۋلىنىش جەريانى بەك مۇھىم. تۈرك، ئەرەب، پاكىستانلىق… بولۇپ خېلى كۆپ مۇسۇلمان يازغۇچىلار بار، ئۇلار بەلكىم نۇرغۇن ئىزدىنىش، زىددىيەت، تاۋلىنىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، شەيتان گەدىنىگە رودىپايدەك مىنىۋالسىمۇ ئۇنى بېشىغا__ ئېتىقادىنىڭ چوققىسىغا چىقارغۇزماي، ئۆز ئېتىقادى بىلەن ئىجادىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ھەل قىلىپ، نادىر ئەسەرلەرنى يازغان. مەن ئىراننىڭ كىنولىرىنى ياخشى كۆرىمەن، سىنارىستلار، رىژىسورلارنىڭ كۆزىتىش كۈچى، تاللىغان تېمىسى، رولچىلار، كىنوغا ئېلىش تېخنىكىسى مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ ھەم باشقا ئەللەرنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولماقتا. مەن بۇ كىنولارنى ھەر قېتىم كۆرسەم سىنارىستلىرىغا، رىژىسورلىرىغا ئاپىرىن ئېيتىمەن ۋە ئۆزىمىزگە (گەرچە پەرق بەك چوڭ بولسىمۇ) سېلىشتۇرۇپ ئاھ ئۇرۇپ قالىمەن.
بىز ئېھتىيات، گېزى كەلسە ئىنكار پوزىتسىيىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان يازغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە شەيتاننىڭ يەلپۈگۈچى بىلەن لاۋۇلداپ كۆيىدىغان چىرىك ئىدىيە ھەم ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى ئەسەبىي تالانت ئوتى ئەسەرگە باشتىن ئاخىر تۇتىشىپ ماڭىدۇ، ئەسەر كۆپ ھاللاردا ئەسلى ئىنسان تەبىئىتىنى يورۇتۇپ بەرگەن نادىر ئەسەر بولۇشى مۇمكىن {ئەسەر مۇۋاپپپىقىيىتىنى بىز بۇ يەردە يەنىلا غەربنىڭ سەنئەت، قىممەت قارىشىغا توغرىلاۋاتىمىز، كۆپىنچىلىرىمىزگە قارىسام، ئەسەرنى شۇنداق باھالايدىكەن. شەرق ئەدەبىياتىدا زادى ھەقىقىي مەنىدىكى (زادى قانداق مەنىدىكى؟ غەربچىمۇ، شەرقچىمۇ؟ بىز نېمىنى ئۆلچەم قىلساق ئادىلراق بولىدۇ؟ ، بۇ نادىر ئەسەر ئەدەبىي ئەسەر بولۇشىمۇ مۇمكىن ياكى يازغۇچىنىڭ ئىدىيىسى، ئەركىن مۇلاھىزىلىرى، ئەركىن خاتىرىلىرى، تەرجىمىھالى يېزىلغان ئەسەر بولۇشىمۇ مۇمكىن (نادىر ئەدەبىي ئەسەر كېيىن كىنو، تېلىۋىزىيە قىلىپ ئىشلىنىشىمۇ مۇمكىن)، ئەسەرنى ئوقۇغان ياكى شۇنىڭغا ئاساسەن ئىشلەنگەن كىنو، تېلىۋىزىيە فىلىمىنى كۆرگەن ئادەمگە (بولۇپمۇ ئېتىقادى، چۈشەنچىسى تېيىز، مەسلىكىنىڭ تاينى يوق، ئارىسالدى ئادەمگە) ئەسەر ياكى كىنولاردىن ئەجەللىك، يامان بىر ئوت تۇتىشىپ قېلىشى مۇمكىن.. بۇ چاغدا شەيتان قىن-قىنىغا سىغمايدۇ، ئۇنىڭ مۇۋاپپەقىيىتى بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىمىزدەك تۇيۇلىدۇ. بۇنى تورداشلار رازى بولغىدەك چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن، پەقەت شۇنداق ھېس قىلىمەن. غەربنىڭ مەرەز ئىدىيىلىرى بىزگە يۇقمايدۇ دەپ ئېيتالمايسىز، بولۇپمۇ ھازىر كىنو-تېلىۋىزىيەنىڭ تەسىر كۈچىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. سىنارىيە يازغۇچىلىرىنىڭ پۇل تېپىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىجادىيەتلىرىدە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان باش ئىدىيىسى مۇھىم بولۇپ قالدى. ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنىڭ دۇنيادا مۇنچە كۈچلۈك بولۇشىدا ھاللىۋودتىكى قەلەم ھەققى يۇقىرى سىنارىيە يازغۇچىلىرىنىڭ تۆھپىسى چوڭ. بۇنى مەدەنىيەت ئاسمىلاتسىيىسىنى تەتقىق قىلىپ ماقالە يېزىۋاتقانلارنىڭ قاراشلىرىدىن تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشىنەلەيسىز.
. ئەدەبىيات دېگەن بۇ سۆزمۇ بىزگە ئەرەبچىدىن كىرگەن، ”ئەدەب-ئەخلاق بابىدىكى پەن“ ( بەزىلەر ئۇنى ئەسلىدە “ ئەدەبلەپ قويۇش، كالتەكلەش“دىن كەلگەن سۆزمۇ دېيىشىدۇ)، بىزدە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن، ئۆگىنىشىكە، بىلىشكە، ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئەنئەنىۋى نەرسىلەر بار، پەن-تېخنىكىلىق تەرەققىيات دەۋرىدە بىز ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى تاشلىۋەتكەندەك قىلىمىز. غەربنىڭ يېڭىلىقى، جۈملىدىن ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇسۇللىرى بىزگە نىسبەتەن پەقەت ۋاسىتە، ئەمما بۇ ۋاسىتە كۆپ ھاللاردا ئىدىيىنىڭ قورالى. شۇڭا بۇ قورالنى ئىشلەتكەندە سەگەك بولۇشىمىز، بىلىپ-بىلمەي ئۆزىمىزنىڭ يۈرىكىگە، كاللىسىغا تەڭلەپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
قوشۇمچە شۇنى دەپ قويسام ئارتۇقلۇق قىلماس:
غەربلىكلەرنىڭ ئەقىل بىلەن ئىش قىلىش روھى، ئىستىلىغا مەن ئەزەلدىن قايىل. ماركىسىزىم ياۋروپادا پەيدا بولغان، ياۋروپالىقلار ئۇنى كېرەك قىلمىدى. نېتزى ”خۇدا ئۆلدى“ دېدى، ياۋروپالىقلار يەنىلا ئۆزىنىڭ دىنىغا ئىشىنىۋەردى..11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن غەرب ئەللىرىدە يەنە ئىسلام دىنىغا يوشۇرۇن قىزىقىش پەيدا بولغانلىقى ھەم بەزىلىرىنىڭ بۇ دىنغا كىرگەنلىكى مەلۇم.
HelloLife نىڭ ئىنكاسى:
بىردەم مۇڭدىشىپ قالىدىغاندەك قىلىمىز.
مېنىڭ تەكلىپىم شۇكى؛ بۇ يەردە موشۇ تېمىغا ئانچە مۇناسىۋىتى يوق پاراڭلار بولۇنمىسا.
”HelloLife بىر نېمە دەپ باقسا“ دېگەن ئىنكاسلارنى كۆرۈپ خىجىلچىلىق ئىچىدە بۇ سۆھبەتكە قاتنىشىپ قالغان ئىدىم. شۇ ”بىر نېمە دەپ باقسا“ دېگەن تىلەكنىڭ ئىچىدە ”غەرب ۋە شەرق“ مەسىلىسىمۇ بارغۇ دەيمەن. لېكىن مەن ھەقتە توختالمىدىم. بۇنى ئەسكەرتىپمۇ قويغۇم كەلدى.بۇ يەردە جىق گەپلەرنى دەپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا نەچچە قېتىم a=b, b=c دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە ”ئۇنداقتا a=cبولىدىكەن“ دېگەن خۇلاسسىگە كېلەلمىگەنلەر كۆپ.مەن مىسالدىن بىرنى ئېلىپ بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى يىغسام، مۇمكىن بولسا تورداشلارمۇ غەرب ۋە شەرق ھەققىدىكى سىياسىي مۇلاھىزىلەرنى قىلىشمىساق. ھېچ بولمىغاندا، ”تامغا چىقىۋالغانلار“ ئىتتىن قورقماي دېگەن گەپلەرگە ”تامغا چىقالمىغانلار“ ئەگىشىپ ھاياجانلىنىپ، بىھۇدە ئاۋارچىلىققا قالمىساق. چۈنكى ”ئىزدىنىش“ تورىنىڭ قولىدىن ئۇنچە چوڭ ئىش كەلمەيدۇ، ئۇنچە چوڭ مەسىلىلەرنى بۇ يەردە بىر تەرەپ قىلالمايمىز. مانا ئابدۇۋېلىگە ”ئىزدىنىش“ تور بېتى ئارقىلىق قىلىنغان نەق ياردەم بەلكى بۇنچە چوڭ سىياسىي مۇلاھىزىلەردىن نەچچە ھەسسە ئوڭ ۋە ساۋابلىق ئىش بولسا كېرەك. سادامنىڭ 30 يىل ۋارقىراشلىرى بىر پەشۋاغا يارىمىغاندەكلا بۇ يەردىكى چوڭ-چوڭ پاراڭلارمۇ ۋاقتى كەلگەندە ھېچنىمىگە دال بولالمايدۇ.
*** بۇ ھېكايىنى ماڭا دۇنيادىكى يۈز نەچچە شەھەرنى ئايلانغان، تارىخ ۋە باشقا بىلىملەرگە پۇختا بولغان بىر ناتىق ھاجىم سۆزلەپ بەرگەن ئىدى، راست -يالغانلىقىغا شۇ پېشقەدەم ھاجىم ئىگە:
سانىي بۇخارا قەشقەردىكى مۇنازىرە
19-ئەسرىنىڭ ئاخىرلىرى، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تاتار خەلقىنىڭ مۇسا جارۇللا ئىسىملىك بىر كاتتا ئالىمى ئۆتكەن ئىكەن. بۇ كىشى دىنىي بىلىملەردە پۇختىلىقى بىلەن تونۇلغان ئىكەن. ھەتتا ئۇنىڭ كاتتىلىقى لېنىننىڭمۇ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. لېنىن ئۇنى چاقىرتىپ خۇدا ھەققىدە سۆھبەتكە چۈشۈپتۇ. ”خۇدا ھەر بىر كىشىنىڭ دىلىدا بولىدۇ، دەيسەن، ئۇنداقتا بىر خۇدا قانداقمۇ شۇنچە كۆپ ئىنسانلارغا يېتىشسۇن؟“ دەپتىكەن، مۇسا جارۇللا كۆل بويىدا داس، چىنە دېگەندەك نەرسىلەرگە سۇ قاچىلاپ، ”قارا، كۆلدىمۇ، داستىمۇ، چىنىدىمۇ يىگانە بىر ئاينىڭ شولىسى تۇرمامدۇ؟!“ دەپ رەدىيە بەرگەنمىش. موشۇ تەرىقىدىكى سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە لېنىن:“ مەن بۇنىڭلىك بىلەن ماتېرىيالىزىم ۋە ئاتىئىزىمدىن ۋاز كەچمەيمەن، لېكىن سەن خېلى بىلىملىك ئادەمكەنسەن“ دەپتۇ ۋە باشقىلارغا ”بۇ بىلىملىك، مىجەزى ياخشى ئادەمكەن. بۇ كىشىگە چېقىلماڭلار، ئۆز ئىبادىتى بىلەن مەشغۇل بولىۋەرسۇن، لېكىن ئۇنى سۆۋىت چىگرىسىدىن چىقارماڭلار، باشقا ئاپەت بولىدۇ“ دەپ بۇيرۇق قىپتۇ.
مۇسا جارۇللا لېنىننىڭ شۇ بۇيرۇقى بىلەن تىنىچ ياشاپ قاپتۇ.
20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى جاھالەت ۋە ئىستىبداتلىك ھۆكۈم سۈرگەن بىر يىللاردا، قەشقەرلىك بىر كاتتا باي مۇسا جارۇللانى قەشقەرگە تەكلىپ قىلماقچى بوپتۇ. مۇسا جارۇللامۇ ”سانىي بۇخارا“ (ئىككىنچى بۇخارا) دەپ نام ئالغان قەشقەرنى بىر كۆرۈش ئىستىكىدە ئىكەن. ھېلىقى باي سۆۋىتكە چىققان كۈنلەردە قەشقەردىن بارغان بىر يېتىمچى قازا قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ”مۇسا جارۇللا ئۆلۈپ كەتتى“ دېگەن خەۋەرنى تارقىتىپتۇ ۋە ھۆكۈمەت تەرەپنى ئىشەندۈرۈپتۇ-ﺩﻩ، مۇسا جارۇللارنى باشقىچە ياساندۇرۇپ، يۇشۇرۇپ يۈرۈپ قەشقەرگە ئېلىپ كەپتۇ. مۇسا جارۇللانىڭ تۈگىمەس زىياپەتلەرگە كۆڭلى تارتماي، ”سانىي بۇخارا دەپ ئاتالغان بۇ ئۇلۇغ ئىلىم ماكانىنى زىيارەت قىلاي، ھېيتكاھ مەسچىتىدىكى كاتتا ئالىم – ئۆلىمالارنىڭ سۆھبەت-تەلقىنلىرىدىن بەھىر ئالاي“ دېگەن مەقسەتتە ھيتكاھ مەيدانىغا كەپتۇ. مۇسا جارۇللا يىراقتىنلا بۇ يەرگە بىرمۇنچە موللا-ئۆلىمالارنىڭ مەسچىت ئالدىغا يىغىلىۋېلىپ، قوللىرىدىكى ”قۇرئان“ ۋە باشقا كاتتا كىتابلارنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ، بىر مەسىلە ئۈستىدە بىر-بىرىگە گەپ بەرمەي قاتتىق مۇنازىرىگە چۈشۈپ، بىر-بىرىنىڭ ياقىلىرىدىن ئېلىشقۇدەك ھالغا كېلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ ۋە كۆڭلىدە ”مېنىڭ قەشقەرنى <سانىي بۇخارا>، كاتتا ئالىم-ئۆلىمالار كۆپ، ھەرقاچان ئۇلۇغ ئىسلامنىڭ ھەقىقىتى ھەققىدە سۆھبەت-تەلقىنلەر قاينايدۇ، دەپ ئاڭلىغىنىم راست ئوخشايدۇ، مانا بۈگۈن ئاپپاق ساقاللىق مۆتىۋەرلەرنىڭ بەھىس-مۇنازىرىسى قىزىپ كېتىپتۇ. بەلكىم دىننىڭ مۇھىم ھەقىقەتلىرىدىن بىرى- ئىسلامنىڭ يىلتىزلىق مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان بولسا كېرەك، مەنمۇ يېقىن بېرىپ، ئەشۇ مۇھىم سۆھبەتلەردىن بەھىر ئېلىپ، بىرەر مۇھىم ھەقىقەتنى بىلىۋالاي“ دېگەن ئۈمىد بىلەن يېقىنراق بېرىپ ئاڭلاپتۇ. مۇسا جارۇللا شۇنى بىلىپتۇكى بۇ يەرە قاتتىق مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان مەسىلە : ”كالاچنىڭ قونجى بوشاپ قالسا تەرەت سۇنامدۇ-يوق؟ “ دېگەندىن ئىبارەت ئىكەن. بىر گوروھ موللىلار ”تەرەت سۇنىدۇ“ دېسە، يەنە بىر گوروھ موللىلار ”تەرەت سۇنمايدۇ“ دەپ پاكىت كۆرسىتىشىۋاتقان ئىكەن. مۇسا جارۇللا بۇلارنى ئاڭلاپ قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ، پەشتاقنىڭ ئېگىز بىر يېرىگە چىقىپ جامائەتنى شۇك قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەپتۇ:
__ ھۆرمەتلىك ئۆلىمالار! كەمىنە شۇنچە يىراقتىن ”سانىي بۇخارا“ دەپ نام ئالغان قەشقەرنى زىيارەت قىلىش، مۇھىمى ھەرقايسسىڭىزلاردىن دۇنيا ۋە ئاخرەتنىڭ ئىشلىرى، ئۇلۇغ ئىسلامنىڭ تۈپ ھەقىقەتلىرى ھەققىدە تەلىم ئالاي دەپ كەلگەن ئىدىم. ئەپسۇسكى، مانا بۈگۈن بۇ يەردە يۇرتنىڭ ئالىملىرى بىر يەرگە يىغىلىپ، ”كالاچنىڭ قونجى بوشاپ قالسا تەرەت بۇزۇلامدۇ-يوق؟“ دېگەندىن ئىبارەت ئەرزىمەس بىر مەسىلىنى تالىشىپ، بىر – بىرىڭىزلارنڭ ياقىسىدىن ئېلىشىۋېتيىپسىزلەر. ئىسلام دىنى ئۇنچىۋالا پۈچەك دىن ئەمەس، “ تەرەت بۇزۇلىدۇ“ دەپ قارىغۇچىلار مەسە-كالاچنى تولۇق سېلىپ تەرەت ئېلىڭلار، ”بۇزۇلمايدۇ“ دەپ قارىغۇچىلار شەك كەلتۈرمەي نامىزىڭلارنى ئوقۇۋېرىڭلار، مۇبادا موشۇ تۈپەيلى گۇناھ بولسا كەمىنە مۇساغا بولسۇن! يەنە كېلىپ ، ۋەتىنىڭىزلاردا خەلق ئاچ-يالىڭاچلىق ۋە زۇلۇم دەستىدىن ئىڭراۋاتسا، ھەر قايسىڭىزلار بۇ يەردە دىننىڭ تۈپ ھەقىقەتلىرىنى ئاۋامغا بىلدۈرۈپ، ۋەتەن ۋە مىللەتنى قۇتقۇزۇش، خەلقنى ئويغىتىش كويىدا بولماستىن، ئەرزىمەس بىر مەسىلىنى تالاش-تارتىش قىلىپ، خەلقنىڭ دىققىتىنى يوقىلاڭ ئىشلارغا بۇراپ، ئاۋامنى تېخىمۇ ئاڭقاۋلىقتا قالدۇرغىنىڭىزلار نېمىسى؟ ئەجەبا ھەر قايسىڭىزلار ”ھەقنى باتىنغا ئوراپ يۇشۇرماڭلار“ دېگەن يوليۇرۇقتىن بىخەۋەرمۇ؟ ئەجابا ھەرقايسىڭىزلار ”ئالىملار – پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارسلىرىدۇر“ دېگەن تەلىمدىنمۇ بىخەۋەرمۇ؟ ئەجابا ھەرقايسىڭىزلار پەيغەمبىرىمىزگە موشۇنداق ۋارسلىق قىلماقچىمۇ؟ تاڭلا مەھشەر كۈنى ۋەتىنىڭىزلاردىكى جاھالەتتە قالغان ئاۋامنىڭ، قان-ياش تۆكۈۋاتقان مەزلۇملارنىڭ قىزىل تىرنىقى كىمنىڭ ياقىسىدا بولار…
دېگەن مەزمۇندا نۇتۇق سۆزلىگەن ئىكەن. مۇسا جارۇللا ”بۇ يۇرت ۋە مىللەتنىڭ ئالىملىرى موشۇنداق بولغان يەردە بۇ يەردىكى جاھالەتتىن، ئېزىش-ئىزىلىشتىن ھېچ ئەجەپ يوق“ دېگەن خۇلاسىگىمۇ كەلگەنىكەن.
مانا موشۇ ۋەقە بولۇپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، ھەر مىللەت خەلقى قولىغا قورال ئېلىپ ، زۇلۇم ۋە ئېزىلىشكە قارشى ئىنقىلاب قوزغىدى. بۇ ئىنقىلاب كېيىن ”ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي“ دەپ ئاتالدى. ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە خەلق قوللىرىغا قورال ئېلىپ، ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ كىشىنى كۆرەشكە ئۈندەيدىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ سۆزلىگەن كاتتا نۇتۇقلىرىنىڭ ئىلھامى بىلەن جەڭ مەيدانلىرىدا باتۇرلۇق بىلەن كۆرەش قىلىپ شېھىت بولدى. مەيلى بۇ ئىنقىلابنىڭ خۇلاسىسى قانداقلا بولمىسۇن، جەڭ مەيدانىدا دۈشمەن بىلەن كۆرەش قىلىپ، بىر پاي ئوق يەپ ئۆلگەنلەر ئەڭ بەختلىك سانالدى. چۈنكى خۇدا ئاخىرەتتە ئۇلارغا ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ كاتتا مۇكاپاتلارنى بەرگۈسى.
قىسقىسى، باتۇر جەڭچىلەر ئالدىنقى سەپتە قان كېچىپ جەڭ قىلىۋاتسا، مەسچىتلەردە دىننىڭ تۈپ ھەقىقەتلىرى تەبلىغ قىلىنىۋاتسا، قانخور گومىنداڭ ھۆكۈمىتى خەلققە ئۇلارنى ”ئالتە ئوغرى“ دەپ خۇنۇكلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلغان. قەشقەر ھېيتكاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى بولسا جۈمە كۈنى ”يۈسۈپ -زۇلەيخا“ قىسسىسىنى باشلاپ ، بۇنى تاكى ئىنقىلاب بىر يەرگە باغۇچە سۆزلەپ تۈگەتكەن.
مانا موشۇنداق ئىشلارنى كۆرگەندە بەزىلەر ماركىسنىڭ ”دىن – ئىنساننى زەھەرلەيدىغان ئەپيۇن!“(خۇدايىم مىڭ توۋا!) دېگەن ھۆكۈمىنى ئەسلەپ قالىدۇ. دىن مانا موشۇنداق ئادەملەرنىڭ قولىغا قالسا شۇ قەدەر پۈچەكلىشىپ، ئىنساننى ھىدايەتكە باشلاش بۇرچىنى ئۇنتۇپ ”زەھەرلەش“ رولىنى ئالىدۇ، دىن مەلۇم بىر گوروھ ياكى شەخسنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يامانلىق تەرەپكە خىزمەت قىلىدۇ، ھەتتا مەزلۇملارنىڭ كاللىسىدا ئوينايدىغان قىلىچقا ئايلىنىدۇ. ۋە ھالەنكى دىن، بولۇپمۇ ئىسلام دىنى ئەسلىدە مانا موشۇنداق جاھالەتنى يوقىتىش ئۈچۈن بەندىلەرگە نىئمەت قىلىنغان ئىدى.
بىلىپ بىلمەي، جاھالەت پىرلىرىنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ سالىمىز. ”كامىل مۇسۇلمانمەن“ دەپ قاراپ، كاپىرغا يانتاياق بولۇپ قالىمىز. ھېلى غەربنى، ھېلى پالانچىنى سۆككەندەك قىلغان بىلەن، بۇ يەردە ھېلىقى يەتمىش نەچچە شاخچىسى بار ئىماننىڭ بىر نەچچە مۇھىم شاخچىسىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ قالىمىز. جاھاننىڭ سىياسىي ئويۇنلىرى تولىمۇ مۇرەككەپ! ئۇنى سىز بىلىدىغان بىر نەچچە ئايەت ۋە بىرنەچچە ھەدىس بىلەنلا ھۆكۈم قىلسىڭىز ياخشى بولمايدۇ. سىز قارىغۇلارچە، دوگما ھالدا ھۆكۈم قىلىۋېرىسىز، لېكىن مەن بۇ يەردە سىزنىڭ ھۆكۈملىرىڭىزنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسلامنىڭ تۈپ روھىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تور بەت يۈزى دەروشەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر بىلەن ئىنكار قىلىپ ”ئەمدى دەڭە، بىزگە نىسبەتەن ئىسلامنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ چوڭ دۈشمىنى كىمكەن؟“ دېيەلمەيمەن. مەن دېيەلمىگەنسىرى سىز بەك ۋارقىرايسىز. چۈنكى بۇ گەپلەر ئاكىڭىزغا بەك ياقىدۇ!!
شۇڭا دەيمەن، بولدى. بۇنداق بەس-مۇنازىرىنى قىلمايلى. ”زىيانكەشلىك- ئۇرۇشتىن يامان!“ بىلىپ بىلمەي زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار جۈملىسىدىن بولۇپ قالىمىز. توردا ھېچنىمىدىن يانمىغان بىلەن، ھېساب ئېلىنغان چاغدا ئېغىر كېلىدۇ……
شۇڭا دەيمەن: چوڭ-چوڭ سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدە پەتىۋا چىقىرىپ، ئۆزى كۆرۈپ باقمىغان دۆلەت ۋە خەلقلەر ئۈستىدە بىر نەچچە تاختا گېزىتنىڭ باھاسى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىپ يۈرگەندىن، بۇ يەردە كېچىنى كېچە، كۈندۈزنى كۈندۈز دېمەي ”ئىزدىنىشنىڭ قاراۋۇلى“ بولۇپ، تېتىقسىز ماقالە-ئىنكاسلانىڭ ھەممىنى مالتىلاپ، بىلىم ئۆگىنىشنىمۇ، ئىبادەتنىمۇ ئۇنتۇپ، “ مەن جىق بىمەيمەن“ دەپ ”كەمتەر“ بولۇۋېلىپ،لېكىن ئەمەلىيەتتە پەتىۋانىڭ يوغىنىنى چىقىرىپ، ئۆزى بىلىپ-بىلمەي ئازغىنە بىلىم بىلەن كېرىلىپ غاپىللىقتا قالغاندىن كۆرە، ۋاقىتنىڭ كۆپ قىسمىنى يەنىلا ئۆگىنىشكە ، يەنىمۇ كۆپ ۋە توغرا نەرسىلەرگە ئۆگىنىشكە، كۆپ تەرەپلىمە ئۆگىنىشكە، جاھاننى تازا يوغان كۆز، ساپ ئەقىل بىلەن كۆزىتىشكە، يېزا-قىشلاق ۋە بۇلۇڭ پۇچقاقلاردىكى ئۆز خەلقىنى كۆزىتىشكە سەرپ قىلغان تۈزۈك!!! يىراق قىرغاقلاردىكى مەسچىتلەرنىڭ ھەيۋىتىگە، خەلقلەرنىڭ يوغان سەللىسىگە مەپتۇن بولۇپ ”ﯪﻫ، پاھ!! ئاق بولدى، يېشىل بولدى !“ دېمەي، ”بەشناماز ئانام بىلەن دادام نېمە كويدا“ دېگەننى ئويلىغان ياخشى. ”غەربنىڭ چىرىك مەدەنىيىتىدە ئاق بولدۇق، سېرىق بولدۇق“ دەپ قويۇپ، ئۆزى تېلېۋىزورنىڭ يوغىنىنى ئېلىۋېلىپ، كىنونىڭ ياخشىسىنى كۆرىۋاتىمەن دەپ ئويلاپ، ھېلىقى قولتۇقىدىن مارىلاپ غەربنىڭ يېرىم يالىڭاچ كىنولىرىغا مەپتۇن بولۇۋاتقان سىڭلىسىغا ئۈلگە تىكلەپ بەرمەي، ئەمەلگە يۈزلەنگەن ياخشى! ئامېرىكىنىڭ ”قىزىل چىراغ رايونى“نى ئېغىزى كۆپۈك بولغۇچە سۆكۈپ، دىققەتنى يىراق قىرغاققا بۇرىماي، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ مەھەللىسىدىكى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتقان“ Ye Lai Xiang“ غا جۆنەپ كېتىۋاتقانلىقىغا بىر ئامال قىلىش كېرەك!
ئەرتۈرك، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتىكەن . ”تېمىنى چالمايلى“ دەپ مەنمۇ سەل چالدىم، لېكىن مەيلى راست بولسۇن-يالغان، ھېلىقى ھېيتكاھ مەيدانىدىكى مۇنازىرە جۈملىسىدىكى ئىشلارنى سادىر قىلىۋاتامدۇق-يوق؟ مانا بۇ مۇھىم نۇقتا.
خۇدا بۇيرۇسا، مەن ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن چىقىپ بۇ سۆھبەتكە داۋاملىق قاتنىشىمەن.
HelloLife نىڭ ئىنكاسى:
erqin مۇنداق يېزىپتۇ:
دىمەك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەدەبىياتنىڭ رۇلى ئادەم تەربىيلەش ۋە يىتەكەپ مېڭىشدىن ئىبارەت .
بۇ سۆزنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا نىسبەتەن توغرا دەپ قاراشقا بولىدۇ. لېكىن ئەدەبىياتنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە نىسبەتەن توغرا ئەمەس. ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ ئادەم تەربىيىلەش رولىنى ئىنكار قىلمايدۇ، لېكىن بىردىنبىر ۋە بىۋاسىتە رول ئەمەس. ئەدەبىياتنىڭ ئادەم تەربىيىلەش رولى ھامان دېداكتىكا (ئۈگۈت بىلىك، نەسھەتشۇناسلىق)، پەلسەپە (ئويقۇرما) ۋە ئېتىكا (ئەردەم بىلىك، ئەخلاقشۇناسلىق) قاتارلىق پەنلەردىن پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن؛ بىر رېئالىزىملىق ئۇسلۇبتىكى ئەسەر ئۆزىنىڭ مەلۇم خىل ئادەم تەربىيىلەش رولىنى بىۋاستە ھالدا ئەمەس، بەلكى ئوبراز ۋاستىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئەدەبىيات ھەممىگە قادىر ئەمەس، ئۇنىڭمۇ ئۆز قانۇنىيىتى بولىدۇ. ”ئەدەبىياتنىڭ رولى ئادەم تەربىيىلەش “ دېگەن يەكۈن نەدىن كەلگەن؟ بۇنى مەن ئالدىنقى بىر ئىنكاستا دەپ ئۆتكەن. رېئالىزىملىق ، بولۇپمۇ ئاتايىن نام قويۇلغان ”سوتسىيالىستىك رېئالىزىم“لىق نەزەرىيە ۋە ئەسەرلەردىن كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ دەرسلىك تۈزگۈچىلىرىمىزنىڭ قولىدا پەقەت ئەدەبىيات دەرسىنى تۈزۈش ھوقۇقىلا بولغاچقا، ئەجدادلىرىمىز ياراتقان يازما يادىكارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى موشۇ ئەدەبىيات دەرسىگە سىغداپ كىرگۈزىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىزگە ”ئەدەبىيات“ بولۇپ تۇيۇلۇپ قالغان. مەسىلەن: ئەسلىدە ”قامۇسشۇناسلىق“ ، ”تىلشۇناسلىق“، لۇغەتشۇناسلىق“، تارىخ“ ، ”فولكلور“، ”ئەدەبىيات“ … قاتارلىق پەنلەرگە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ”تۈركىي تىللار دىۋانى“ ئەدەبىيات دەرسىدىلا بار. ئەسلىدە مەزمۇن نۇقتىسىدىن پەلسەپە دائىرىسىدە، شەكىل نۇقتىسىدىن شېئىرىيەتتە تەتقىق قىلىنىدىغان ”قۇتادغۇبىلىك“نىمۇ بىز كىچىكىمىزدىن ”ئەدەبىي ئەسەر“ دەپ ئۆگىنىمىز، ھەتتا تولىمۇ كۈلكىلىك ھالدا ”داستان“، ”دىراما“…. دېگەندەك ناملارمۇ بېرىلىدۇ. دېداكتىك ئەسەر ”ئەتەبەتۇلھەقايىق“ تېخىمۇ شۇنداق.نوقۇل تارىخ كىتابى ”تارىخىي ھەمىدىيە“ مۇ ”ئەدەبىيات“ پېنى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. يەنە تېخى فارابىي، ئىبن سىنا قاتارلىقلارنىڭ تەبىئەت پەنلىرىگە مەنسۇپ بىرمۇنچە ئەسەرلەرمۇ ئەدەبىيات دەرسلىكىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ، ئەدەبىيات خۇددى بىزگە ”پەنلەرنىڭ داشقاينىقى“ دەپ تۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلاردا پەنشۇناسلىقنىڭ يوقلۇقىدىن پەن بىلەن پەننى ئايرىشمۇ نۇرغۇن ئادەملەرگە تېخى يېڭىلىق تۇيۇلىدۇ.
لېكىن رېئالىزىملىق خېلى كۆپ قىسىم ئەسەرلەر تەربىيىۋىي ئەھمىيەت ياكى ئۇچۇر ئەھمىيىتىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ روللار يەنىلا ۋاستىلىق ئىپادىلەنگەن بولىدۇ. چەتئەلنىڭكىنى قويۇپ تۇرايلى، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ئالساق، ئۇنىڭدىن ”تەربىيە“ نى تېپىپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس، لېكىن سىز ئۇنى ”ئەدەبىي ئەسەر ئەمەس“ دېيەلمەيسىز.ئېقىم:
نۆۋەتتە مەۋجۇت دېيىلگەن ئۇسلۇبلارنىڭ كۆپ قىسمى قەدىمدىمۇ مەلۇم پارچە شەكىلدە بولۇشى مۇمكىن، يەنى قەدىمدىمۇ مەلۇم خىل ئۇسلۇپ ۋە ئېقىمنىڭ ئېلېمىنىتلىرىنى تېپىش مۇمكىن. لېكىن نەزەرىيىۋىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلمىگەن. رېئالىزىم بىلەن رومانتىزىم بۇرۇندىن بار ئېقىم ئىدى. مەيلى قايسى ئېقىم بولمىسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ”ئېقىم“ دېگەن ئاتالغۇ بىلەن غەرب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ نەزەرىيىۋىيلەشتۈرۈشى بىلەن بىزگە بىلىنگەن بولدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىز مەيلى قانداقلا ئۇسلۇبتا بىر ئەسەر يازماڭ، ئۇنى تەتقىقاتچىلار مەلۇم بىر ”ئىزىم“غا كىرگۈزۈپ قويالايدۇ. مېنىڭ چولتا پىكرىمچە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېقىنقى تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن يازما ئەسەرلەردە دۇنيادا ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بىر ئۇسلۇبنى تاپقىلى بولمايدۇ. ھامىنى روسىيە ئارقىلىق غەربتىن ئۆگەنگەن رېئالىزىم ياكى غەربنىڭ بىرەر مۇدىرنىزىملىق ئېقىمىنىڭ ئۇسلۇبى بولۇپ چىقىدۇ. بۇ بىر نورمال ئەھۋال، دۇنياكى ھەممە خەلقلەر دېگۈدەك شۇنداق. ئېقىم ۋە ئۇسلۇبتىكى يېڭىلىق تولىمۇ ﯪﺯ. لېكىن ”قۇم باسقان شەھەر“ دۇنيا ئەدەبياتىدىكى باشقا ئەسەرلەرگە تامامەن ئوخشىمايدىغان ئۇسلۇب. ئۇنىڭغا ئات قويۇلمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ يىلتىزى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتنىڭ ئۇسلۇبى بولۇپ، بۇنى شەكىل جەھەتتىن تۇنجى ”ئۇيغۇرچە رومان“ دېيىش مۇمكىن.
پاكىتلىك ۋە ئورۇنلۇق رەدىيەلەر بولسا قوبۇل قىلىمىز.
belgiyar, سىز مۇنداق دەپسىز:
دىمەكچى بولغۇنۇم “ قۇتادغۇبىلىك “ ،“ئەتەبەتۇلھەقايىق“ ،“تۈركىي تىللار دىۋانى “ قاتارلىقلارنىڭ قانداق تىلدا يېزىلغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان ….بۇلار ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەمەس .
“ قۇتادغۇبىلىك “ ۋە ”ئەتەبەتۇلھەقايىق“ ئۇيغۇرتىلىدا يېزىلغان. ”تۈركىي تىللار دىۋانى “ تۇرك تىلىنىڭ قامۇسى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ”چوڭ لوغەت“، تۈرك تىللىرىنى ئەرەب تىل- يېزىقى بىلەن چۈشەندۈرگەن كىتاب. يۇقىرىقى ئۈچ كىتابنى ھېلىھەم شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىتابخانىلاردىن تاپقىلى بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ ھەقتە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئومۇمىيۈزلۈك چۈشەنچە بېرىلگەن.
ئەمدى سىزنىڭ كېيىن دېگەن يېزىق بىلەن ئەدەبىيات مۇناسىۋىتىنى مەن تىلغا ئالغاندەك قىلمىغان. بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 1- قىسىم ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن تېپىلىدۇ.
يۇقىرىقىلار تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى دەسلەپكى ساۋات خاراكتېرلىك مەسىلىلەر.
پەنلەر مۇناسىۋىتى، ئۇسلۇب، ئېقىم دېگەنلەرنى سۆزلەپ تېمىنى چالغىنىم راست، كەچۈرۈڭلار.لېكىن belgiyar ، مۇمكىن بولسا، سىز ئىنكاسلارنى تەپسىلىي بىر ئوقۇپ باقسىڭىز، يەنە ئەتە ۋە ئۆگۈنمۇ بىر قاراپ باقسىڭىز. سەۋىر قىلىپ كۆزەتسىڭىز بوپتىكەن. مەنمۇ شۇنداق قىلسام، چۈنكى بۇ يەردە گەپنىڭ يوغانلىرىنى قىلىۋېتىپ كېلىپلا ”قۇتادغۇ بىلىك ئۇيغۇرچە يېزىلغان ئەمەس“، ”قۇتادغۇبىلىك ئۇيغۇرچە يېزىلغان“ دېگەن ساۋات خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى تالىشىپ يۈرسەك سەت تۇرىدىكەن.
ئۆزھال:
پەرھات تۈرسۈن مەكتەپتە گىزىت چىقىرپ غەرىپنىڭ مەرەز . مەدەنيىتىنى تەشۋىق قىلىپ يۈرگەنمىدى؟ 89 -يىلى پۈتتۈرۈپ كەلگەن بولسا ئۈنداقتا سىز 96 -يىلى پۈتتۈردىڭىز. سىز باكلاۋىرلىقتا 10 يىل ئومۈمغانسىز ﻫﻪ؟سىز بارغاندا گىزىت چىقارغانلار تاھىر ھامۈتلاردۈ خاتالشىپ قالمىغانسىز، مەن بىلىمەن سىز خاتالشىپ قالمايسىز.
مىنىڭچە بۈ يەردە پەرھات تۈرسۈننىڭ گىپىنى قىلىپ يۈرۈش تازا ياخشى ئىش ئەمەسقۈ دەيمەن. مۈبادا ئۇ ئۆزى بۈ مۈھاكىمگە قاتناشقان بولسا مەيلى ئىدى. لىكن ئۈنىڭ ئسىمنى قەستەن قىستاپ بۈ مۈنازىرگە كىرگۈزۈپ قويغىنڭىزنى مەن تازا خالمىدىم.
يالقۈن روزى ئۈنى تىللاپ يۈرگەن كۈنلەردە ئۆيدىن چىقماي تىرلوگىيە “ باياۋاندىكى گۈلخان’ نامىلىق كىتاپنى يىزىپ ئىلان قىلدى. تىخى ئۈزىنىڭ ئسىمىدا ئەمەس. غۈلام ئۆمەر دىگەن بىر ئۈيغۈرنىڭ ئىسمدا. بەلكىم سىز ئۈنى مەندىن ياخشى چۈشەنسىڭىز كىرەك.دەپ ئويلايمەن. بەزى گەپلەرنى دىمسىەممۈ بۈلار خەيىر خوش. ئامان بۈلۈڭ. سىزگە سالامەتلىك خاتىرجەملىك قەلمىڭىزگە نۈسرەت يار بولسۈن.
مېنىڭ ئىنكاسىم:
ئۆزھال، مېنىڭ پەرھات تۇرسۇننىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشىم ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدىكى مودېرنىزىم ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا مەركەزلىك شەخس ئىكەنلىكى سەۋەب بولغان، ”ئۇچقۇن“گېزىتىنىڭ خېتىنىمۇ پەرھات تۇسۇن ئۆزى كۆركەم لايھىلەپ، گېزىتنىڭ سۈپەتلىك چىقىشىغا زور كۈچ چىقىرىپتىكەن. بۇ ئىشلارنى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ يېقىن دوستى تاھىر ھامۇتتىن كۈندە دېگۈدەك ئاڭلايتتۇق. ئاڭلاۋەرگەچكىمۇ ئۇنى خۇددى مەكتەپتە بىز بىلەن بىللە ئوقۇۋاتقاندەكلا ھېس قىلاتتىم. ئەسەرلىرى چىقسا ھەممەيلەن دېگۈدەك كۆرەتتى. كېيىن پەرھات بىز ئوقۇۋاتقان چاغدىمۇ مەكتەپكە نەچچە قېتىم كەلگەن. مەن ئۇنى كۆرمەستىلا ئۇنىڭ ”مۇزلىغان دەرىزە“دېگەن پوۋېستىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ تالانتىغا قىزىققان. كېيىن ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ ئۇنىڭ دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغان، بىلىملىك، كەمتەر پەزىلىتى مەندە ياخشى تەسىر پەيدا قىلغان. ھازىرمۇ مەن ئۇنىڭ تالانتىنى ھۆرمەتلەيمەن. ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشىم كېرەك، چۈنكى بىزگە ئەدەبىياتنىڭ يەنە بىر يۈزىنى كۆرسەتكەن“ئۇچقۇن“ گېزىتى بىلەن زىچ باغلانغان. ئۇنىڭ ۋاقتىدا بۇ گېزىت ياخشى چىققان، تاھىر بىزگە كۆرسەتكەن. بىزگە كەلگەندە بەزىلەر (بۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاتىسام بولمايدۇ) ئىدىيىدە ئەسەبىيلىشىپ كېتىپ، بۇزۇپ قويغان. مەن شۇنچە ئېنىق گەپ قىلسام، پەرھات تۇرسۇننىڭ ئىسمى چىقسىلا ئۆزىڭىز بىلىپ-بىلمەي، ئىشنى يامىنىغا ئويلاپ كېتىپسىز ئەپەندى، بۇ بەلكىم پەرھات تۇرسۇننى جىق ئادەم تىللاپ يۈرۈپ سىزدە پەيدا قىلىپ قويغان خاتا سەزگۈ بولسا كېرەك. ھازىر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىنىڭ ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ئوقۇش ئالدىدا. بىز بېيجىڭدا بىر ئايال كادىرنىڭ نامىزىدا كۆرۈشتۇق. ياداپ، كۆزلىرى چىراغدەك پارقىراپ قاپتۇ. بۇ ئىنساننىڭ توختىماي ئۆگىنىش، ئىزدىنىش روھى ھەر كىمنى قايىل قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئېتىقاد، ئىدىيە، نىشانىنى كېيىن قانداق بۇرايدۇ، ھېچكىمگە مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭ كاللىسىدىكى مۇرەككەپلىكنى ھېچكىم ئاڭقىرىپ بولالمايدۇ. ”باياۋاندىكى گۇلخان“نى ئۇنىڭ يازغانلىقىنى مەن ئەمدى ئاڭلاۋاتىمەن. تېخى كۆرۈپ باقمىدىم. جاللات ئەپەندى، پەرھات تۇرسۇن ھەققىدىكى بىر ماقالەمنى يەملەپ قويۇمەن دەۋاتاتتى، ئۆزىنىڭكىنى يەملەپ يۈرىدۇ… بولسا شۇ ماقالىسىنى كۆرۈپ باقساق… ئەدەبىيات دېگەندەك ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنساننىڭ مۇرەككەپ روھىغا، دوۋالغۇش ئىچىدىكى قەلبىگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ئوخشىمىغان پىكىرلەر، مۇنازىرىلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي، ماتېماتىكادىكى 1+1=2 بولىدۇ دەيدىغان ئىش تولىمۇ ئاز. ئەدەبىيات ئادەمنى تەربىيىلەيدۇ دېسەكمۇ بىر جەھەتتىن توغرا، ئەدەبىيات ئادەمنى قىسمەن تەربىيىلەيدۇ، ئۇنىڭ خۇسۇسۇسىيىتى باشقا دېسەكمۇ توغرا. مەيلى سىز ئۆز قارىشىڭىزدا چىڭ تۇرۇۋېرىڭ، مەيلى قانداق قاراشتا بولايلى، ئاقىۋەتتە بىزگە يەنىلا نەتىجە مۇھىم… بۇ دۇنيادا ئىدىيە-قارىشىمىز، ھەرىكىتىمىزنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ بولالماي ئۆلۈپ كەتسەك، دۇنيادا كۆرەرمىز.
سالام دۇنيا:
جەۋلان ئەپەندى ، بولدىلا ، گەپ قىلسام كۆڭلىڭىزگە تىگىپ كەتمىسۇن . تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە رىپىرلار ئادىل – خالىس مەيداندا تۇرۇشى كىرەك . ئىزدىنىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن سىز ئوخشىمىغان قاراش – پىكىرلەرگە ھۆرمەت قىلشىڭىز كىرەك . ئەركىنلىك تەرەققىياتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى . ناخشىچى بىلەن تەبئى پەن ئەھلىنى تەڭ قىلمايمەن دىسە ”مۇزىكا ھەۋەسكارى “ كىلىپ ئۈچۈرسە ، دىننى قاراشتىن ھالقىپ پىكىر قىلسا سىز ھەيۋە قىلسىڭىز ئۇنىڭدىن كۆرە مەسچىتنىڭ ئالدىغا كومپىيوتېردىن ئوننى قۇيۇپ تورغا ئۇلاپ ئولتۇرۇڭ .“قۇلاققا ياقىدىغان “ گەپ شۇ يەردە چىقىدۇ .
باشقىچە دىگەندە سىز ماڭا قەرزىدار !!!!!!!!!!!!
ئىزدىنىش ئاتامانى جەۋلان:
خېللو ۋورلد
ھەرقانچە ئېچىلغان كاللىڭىز بولسىمۇ ، ھەرقانچە بىلىمىڭىز بولسىمۇ ، قۇرۇق گەپكە ھېچنىمە كەلمەيدۇ !
ئاۋال ئۇيغۇر ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىڭ ، ئاندىن بۇ يەردە يۇقارقىدەك پوزىتسىيەدە سۆزلىسىڭىز بىزنىڭ كارىمىز يوق ، سىز ئۆزىڭىزنى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ”بالدۇر ئويغانغان كىشى “ ھىساپلىسڭىز ، بىز سىزنى ئالدىراقسان ، ئۆپكىسى يوق ھىساپلايمىز ، تەرەقىيات ئۈچۈن چوقۇم سىزدەك بولۇش زۆرۈر بولىدىغان ئىش بولسا ھاي ھاي ، ئاللىبۇرۇن ئامېركىغا ئالەم ئايروپىلانى ياساپ بېرەتتۇق ! ئۆزىڭىزنىڭ تۇرىۋاتقان مۇھىتىگە قاراپراق سۆزلەڭ
ئىزدىنىش ئۇيغۇر مۇنبىرى ، ئۇيغۇر مۇسۇلمان مىللەت ، شۇنداقكەن ، سىز بۇ يەردە چوقۇم ئىسلامنى ھاقارەتلىمەسلىكىڭىز كېرەك ، ئاۋال باشقىلار بىلەن (مۇسۇلمانلار بىلەن ) ئىتىپاق ئۆتەلىسڭىز ئىنكاس يېزىڭ ، مەن شەخسەن سىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىزنى ئۆچۈرۈپ باقمىدىم ، پەقەت دىن بىلەن تەرەقىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا چۈشەنگەن بولسا (بەلكىم بىز خاتا چۈشىنۋالغاندۇرمىز) دەپ ئويلاپ قالىمەن خالاس !
ئەگەر بۇ يەردە باشقۇرغۇچىلار بەك ساپاسىزكەن دەپ قارىسڭىز باشقا جايلاردا ئۆزىڭىزنىڭ بىلىم ۋە ”پايدىلىق“ گەپلىرىڭىزنى تەرغىبات قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ ، بىزگە ئىتىپاقلىشىش ئەڭ مۇھىم ، كۆرەڭلىك كېرەك ئەمەس !
مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە باش قاتۇرۋاتقان سىزدەك خاللولايىف دەك كىشىلىرىمىزنى ھۆرمەتلەيمىز ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئىسلامغا بولغان ھۆرمىتىمىز سۇسلاشمايدۇ ، مېنى قارى دىسڭىز مەن سىزنى غىتمەك دەيمەن ، دىمەك سىز باشقىلارنى ھاقارەتلىسڭىز ئوخشاشلا باشقىلارمۇ سىزنىڭ زىتىڭىزغا تېگىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە پايدىسىز بىر نىمىگە ئايلىنىدۇ .
سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە دىن بىزنىڭ تەرەقىياتىمىزغا توسالغۇ بولىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن ، سىز بىلەن تالاشقۇم يوق ، ئۆز كۆز قارىشىڭىزدا قېلىڭ ، ئەمما چوقۇم شۇنداق دەپ باشقىلارغا تاڭماڭ !
بۇندىن كېيىن ئىزدىنىش تور بېكىتى ئاللىقانداق ”غەرىپچى“ ياكى ”موللام“ لارنىڭ كىتاپلاردىن ، تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىپ چاپلىۋالغان ئىككى تۆت تال بايانلىرى بىلەن دىن ۋە غەرىپ ئۈستىدە خالىغانچە بىلجىرلاشلىرىغا يول قويالمايدۇ !
بۇ تېما تاقالدى ، ئىنكاس يازماڭ (خېللو ۋورلد ، ئۆزەڭ سۆزلىۋېلىپ تاقىۋاپسەن دەيدىغان ئىشىڭىز بولسا QQ 50378611 ئارقىلىق مەندىن ھىساپ ئالغايسىز.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*