«ماقالە»تۈرىگە تەۋە بارلىق يازمىلار

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە جاھىت سىتكى تارانجى ئەسەرلىرىدىكى ياشلىق، قېرىلىق، ئۆلۈم تېمىلىرى

yusup has hajip تالات تېكىن[①] ئۆتۈپ كەتكەن ياشلىققا ئېچىنىش، قېرىشتىن ئەنسىرەش، شۇنداقلا ئۆلۈم قورقۇنچى ۋە ياشاش مۇھەببىتى دېگەندەك تېمىلار تۈرك شېئىرلىرىغا جاھىت سىتكى تارانچىنىڭ شېئىرلىرى ئارقىلىق كىرگەن دېيىلىدۇ. دەرۋەقە، كۆپىنچىلەر ئۇنىڭ «ياشلىق مانا مۇشۇنداق»، «دەم ئېلىش»، مەن قورققان ئىشلار»، « ئىنسان»، «يالغان دۇنيا»، «ئاقىۋەت»، «ئۆلدۇق» ۋە...

بېيجىڭدا نەۋرۇز

6xV5m تۈنۈگۈن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى زالىدا ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان “نەۋرۇز شادلىقى“ سەنئەت نومۇرلىرىنى  كۆرۈپ، تۈمەن مىڭ ھىسلارغا چۆمۈلدۈم، باھار گۈزەل، قىزلار گۈزەل، ناخشىمىز گۈزەل، چولپانلىرىمىز پارلاق، ئاۋازىمىز ياڭراق… سەھنىگە قاراپ ئولتۇرۇپ 10 نەچچە يىل ئاۋۋال ھاياجانلىنىپ، تەمتىرەپ ئولتۇرۇپ تەمبۇر چېلىپ، ناخشا...

يازغۇچىدىكى ئىشق ۋە دەرد

writer2 يازغۇچى ئۆز بىچارىلىكىنى كۆرۈپ يەتكۈچى، گۈزەللىكنى ئۇلۇغلايدۇ، تەبىئەتنى سۆيىدۇ. بىر دەقىقە تەپەككۇرىغا ئالەمچە ئىشلار سىغىدۇ، باشقىلار ئۇنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ، ئەمما ئۇ ئاسان تەسىرلىنىدۇ، ھەرىنىڭ ئۇۋىسىدەك چۇۋۇلۇپ كەتكەن پىكرىنى ئىپادىلەشنى ئويلايدۇ،  قەغەز، قەلەم، كومپيۇتېر بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، پۈتۈن مەۋجۇتلۇقىنى تەپەككۇرىغا...

پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت…

pul يېقىندا بېيجىڭدىكى مېترودا يانمۇ يان ئولتۇرغان ئىشلەمچى ئاشىق مەشۇقلار گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قاپتۇ، ئايال ئەرنى توختىماي ئەيىبلەپتۇ، ئۇ گۆشۋاشنىڭ بىرەر ئىشتا تىلى تۇتۇق بولسا كېرەك، گۈشىيىپ قاراپ ئولتۇرىۋېرىپتۇ، غەزىۋى كەلگەن ئايال توساتتىن ئەتراپتىكىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر گەپنى قىلىپتۇ: پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت! بۇ گەپنى...

نەچچە ۋاقىتتىن بېرى…

نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قانداق ياشىدىم؟  ھاياتتا بۈيۈك غايىلىرىم، تۇرمۇشتا ئاجايىپ پىلانلىرىم بار ئىدى، ئەمما ھەر كۈنى ئۇششاق ئىشلار، كەچمىشلەر بىلەن ھەرە كېپىكىدەك ھەرىدىلىپ، ۋاقىت شامىلىدا ئۇچۇپ تۇردۇم. تۇرمۇش ھەقىقەتەن كاتتا ئىشلاردىن ئەمەس، ئۇششاق-چۈششەك كەچمىشلەردىن، ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان تۇيغۇ-تەسىراتلاردىن، ئۆلگەندە تۈگەيدىغان پانىي...

ئەلكۈيى خەۋەرلىرىدىكى بەزى مەسىلىلەر

ئەلكۈيى خەۋەرلىرى ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەڭ ئاۋات سەھىپىسى. خەۋەرلەرنىڭ يېڭىلىنىشى تېز، جەلىپكارلىقى يۇقىرى، گېزىتخۇمار ئادەم ھەر كۈنى گېزىت ئوقۇپ ئارقىدىن بىر تال تاماكا چېكىشكە خۇمار بولغاندەك، تورخۇمار ئادەممۇ خەۋەرلەر سەھىپىسىگە كۆز يۈگۈرتۈشكە خۇشتار بولۇپ قالىدىكەن. ئەلكۈيىدىكى خەۋەرلەر ئاساسەن سىياسىي خەۋەرلەر، قىززىق نۇقتىلار، قىزىقارلىق...

ئەدەبىي تەرجىمە ماھىيەتتە ھەقىقىي تىل سەنئىتى

ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلىپ، ئىجادىيەت كوچىسىغا كىرگەندىن بېرى ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن ئىزچىل بەھىرلىنىپ كەلدىم، ئۇ ئەسەرلەردىن گويا ئەسلى ئىجادىي ئەسەرلەردەك ھۇزۇرلاندىم. بىلىشىمچە، بۇرۇن ياكى كېيىن بولسۇن، ئەدىب- شائىرلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ئۆزلىرىگە خۇرۇچ توپلىغان. جۈملىدىن...

دارۋازلىق ۋە قەھرىمانلىق

پەلەك شاھىنىڭ قەھرىمانلىقى   دارۋازلىق ماھارىتىنى كىچىكىمدە يېزا بازىرىدىكى كىنوخانىدا كۆرۈپ تاڭ قالغانىدىم. ئۇ قايسى دارۋازچى بولغىيدى ئېسىمدە يوق. يىللار ئۆتۈپ، 1997-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئادىل ھوشۇر چاڭجياڭ دەرياسى سەنشىيا بوغۇزىدىن 13مىنۇت 48 سىكونتتا ئۆتۈپ، كانادالىق كوكران 95-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ياراتقان 53مىنۇت 10 سىكونتلۇق رېكورتنى بۇزۇپ...

ئىدىيىۋى مەسىلە

تۈنۈگۈن بىر خەۋەر كۆرۈپ قالدىم، نەنجىڭ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى دوتسېنت ما شاۋخەي قاتارلىق 22 ئادەمنى «توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىش جىنايىتى» بىلەن سوتلاپ، 3 يىل ئەتراپىدا قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىپتۇ. 53 كە كىرىپ قالغان ما شاۋخەي نەنجىڭ شەھىرىدىكى مەلۇم سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى بولۇپ، باشقىلىرى شۇ شەھەردىكى «خوتۇن ئالماشتۇرۇش...

بىر يىللىق نادامەت

بۇ بىلوگقا بىر يىل بولدى، بىر نەرسە يېزىپ خاتىرىلەپ قويۇشنى ئويلىدىم، ئەمما ئۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بارلىقى ئۆزەمگىمۇ غۇۋا. بۇ خۇددى تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزگەننىڭ نېمە پايدىسى دېگەندەكلا گەپ. ئادەم بىر ئىشنى دوراپمۇ قىلىدۇ، قىلغىلى ئىش تاپالمايمۇ قىلىدۇ، بىرەر ئەھمىيەت، ئۈنۈم قوغلىشىپمۇ قىلىدۇ، بۈيۈك پىلان، غايە ئۈچۈنمۇ قىلىدۇ. مەن مۇھەببەتلىشىش...