«خاتىرە»تۈرىگە تەۋە بارلىق يازمىلار

كېسەللىك

IMG_0415 كېسەللىك ۋە خۇمار ئىنساننىڭ بىر يېرىگە كىرىۋالىدۇ ۋىرۇستەك، قۇرتتەك، جىندەك، شەيتاندەك، تومۇرلاردا قان بىلەن تەڭ يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ، بوۋاقلار قولىنى ئېمىدۇ، يوغانغاندا تاماكا شورايدۇ، بىر ئۆلگۈر لەززەت نېرۋىنى بويلاپ مېڭىگە بارىدۇ، ھۇزۇردەك تۇيۇلىدۇ بەزى سەزگۈلەر، گويا جان يايرايدۇ، قان يەنە تومۇرلاردا قاينايدۇ. بەدەندىن ئىبارەت غايەت...

سەن يەنىلا «ئىزدىنىش» تا يۈرەمسەن؟

ئۇ يېنىمغا كېلىپ ماڭا ئېچىنىپ قارىدى: _ يەنە شۇ ”ئىزدىنىش“… _ قانداق قىلاي، باشقا تور بەتلىرى تېتىمايدۇ. _ 8 يىللىق كونا ئەزاكەنسەن، بالاڭمۇ 8 ياشقا كىردى، ئەمدى بولدى قىلساڭ بولمامدۇ؟ شۇ كەتكەن ۋاقىتلىرىڭغا ئىچىڭ ئاغرىمامدۇ؟ تېما يازىمەن، ئىنكاس يازىمەن دەپ زېھنىڭ كەتتى، كۆز نۇرۇڭ كەتتى، مۇشۇ ۋاققىچە تورغا يوللىغان نېمەڭگە يا بىر...

تىرىكلىك نىشانى (5)

39 ھازىردىن باشلاپ، تۈنۈگۈندىن باشلاپ، بەلكىم تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئاللاھ دەرگاھىغا كېتىۋاتىمەن. ئەسلىمىلەر يوقالدى، ھالبۇكى ياخشى-يامان ئەمەللىرىمىزنى مالائىكىلەر خاتىرىلەپ تۇرىدۇ؛ بىھۇدە سۆز، ئوسال قىلىق، ئىتائەتسىز خىيال ۋە ئىسيانكارلىقلىرىمىزنى ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسام گۇناھلىرىم تاغدەك دۆۋىلىنىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى پەخەس بولۇپ...

تىرىكلىك نىشانى (4)

31 ئىشتىياق باغلىدىم خەۋەرلەرگە، ھەقىقىي ۋەقەنى بىلگۈچى ئاللاھ، نىجاتكارىمىز ئاللاھ، بەختكە بىر ۋەسىلىنى بەرگۈچىمۇ ئاللاھ، پەرۋەردىگارىمىز بۇ دەۋرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ئىنسان ھەقىقەتنى بىلىشكە شۇنچىۋالا ھېرىسمەن، ئەمما غەيبىي مەسىلىلەرگە كاللىسى يەتمىگەچكە، ھېس- تۇيغۇسى رېئاللىقتىن، ماددىدىن چەتنەپ كېتەلمەي، نەق...

تىرىكلىك نىشانى (3)

21 ناماز بىر زىكرى-تەسبىھتۇر، مۇئمىننىڭ مىئراجىدۇر ؛ روھنىڭ مۇجەسسىمىدۇر؛ گۇناھقا گەدەنگىچە كۆمۈلگەن بىر مەخلۇقنىڭ پاكلىنىش جەريانىدۇر؛ دۇنيانىڭ چاڭ-توزانلىرىغا كۆمۈلگەن قاساۋەتلىك ۋۇجۇدنىڭ پاكىزلىنىشىدۇر؛ جاھان غەۋغالىرىغا ئالدىنىپ خارلانغان، بوينى پۈكۈلگەن بەندىنىڭ ئەسلى ئىززەت كامالىغا، غۇرۇرىغا قايتىشىدۇر؛ روھنىڭ نۇرىدۇر ناماز؛...

نەۋرۇز خاتىرىلىرى

نەۋرۇز خاتىرىلىرى           ھاۋا ئوچۇق، بىر قانچىمىز دېيىشىپ نورۇزغا بارماقچى بولدۇق. جەيتاغدا كاتتا پائالىيەت بولاتتى، مېنىڭ ئات بەيگىسى بىلەن چاقپەلەك ئۇچۇرتۇشنى بەك كۆرگۈم بار ئىدى. يېزىلىق بانكىدا ئىشلەيدىغان ئاكام مېنى ئاپىرىدىغان بولدى، ۋەلىسپىتىنىڭ كەينىگە مىندىم، ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئىككى خىزمەتدىشى بىللە ماڭدى.  ”كەپتەر“...

تىرىكلىك نىشانى (2)

11 خەيرىيەت، ئۆتۈپ كەتتى جىمى ھېسسىيات. ۋاقىت كۆرۈنۈپ تۇرغان ھەقىقەت، ئۇ دائىم كۆرۈنمەس سىماسى، شامالدەك راھەت شىۋىرلاشلىرى بىلەن پېقىرغا نەسىھەت قىلىدۇ. خىيالنىڭ چېكى يوق، نەزەر دائىرە ئېچىلغانچە ئېچىلىدۇ.  بۇ دۇنيالىق پىكىر- تەپەككۇر ئۆلۈمگە بارغىچە چوڭقۇرلىشىدۇ، تىرەنلىك ئەنە شۇنداق شەكىللىنىدۇ. توختىماي ئېچىلىمىز، كېڭىيىمىز، كېڭەيگەنچە...

تىرىكلىك نىشانى(1)

1 ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى؛ قۇياش نۇرىدەك، شامالدەك، كېچىدەك ئۆتۈپ كەتتى. ئېزىلىپ ياتقان چاغدا، خىياللارنىڭ كىرمىگەن تۆشۈكى قالمىغان چاغدا، نېمە قىلىشنى بىلمەي ئىچىم پۇشقان چاغدا يەنە قەلەمنى قولۇمغا ئالدىم. ئالتە كۈن ئۆتۈپتۇ، ئالتە كۈنلۈك ئالەم بۇ، ئايروپىلان ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، تۈرۈلۈپ-تۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدىن شىددەت بىلەن...

ئوقۇش ھەققىدە

9. ئوقۇ، شۇنى ئۇنۇتماكى، ئوقۇش يەنىلا بىلىم ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. ئېسىڭدە بولسۇن، ئوقۇيدىغان نەرسە  كىتابلا ئەمەس، ئۇ پەقەت ئوقۇيدىغان نەرسىنىڭ بىرىدۇر. كىتابنىڭ سىرتىدا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت بولغان ھادىسىلەر، شەيئىلەر، كائىنات ۋە ئىنساننىڭ ئۆزىمۇ ئوقۇشقا تېگىشلىك نەرسىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدۇر. 10. مەنىۋىيىتىڭنى ئاچلىقتىن...

بەزى ئەسلىمىلەر (2)

ﻗﺎﻗﺸﺎﻳﻤﯩﺰ، ﻗﺎﻗﺸﺎﻳﻤﯩﺰ، ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ… ﺳﻪﭘﻪﺭﻗﯩﻞ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯘﻳﯩﻠﻘﻰ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﯞﻭﮔﺰﺍﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﻠﻪﺕ ﮬﺎﻳﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﺎﮬﺎﺩﺍ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯧﻠﻪﺕﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ...