«پوۋېست»تۈرىگە تەۋە بارلىق يازمىلار

ياشاپتىمەن، بىلمەپتىمەن (پوۋېست)

2010051522422494 تۈرمىگە كىرگەندىن باشلاپ ئۆزەمنى قەپەزگە سولانغان ھايۋاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، قورسىقىم ئېچىپلا تۇرىدۇ،ئۇ پاسكىنا ھازىر نەلەردە ئويناپ يۈرىدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ غۇرۇرى مېنى مۇشۇنداق پايخان قىلىۋەتسە بولامدۇ؟ مەن ئۇنى خېمىردەك ئەيلىگەندە ئۇنىڭ غۇرۇرى نەگە كەتكەن بولغىيدى؟ بۇ قىسمەتنى ئۆزەمنىڭ دۆتلۈكىدىن كۆرۈشمۇ مېنى ئازابلايدۇ، چۈنكى...

سوغۇق شامال (پوۋېست)

sad ئۇ چۈشىدە ئۆزىنى مۇخبىرلار زىيارەت قىلىۋاتقان ھالەتتە كۆردى. مۇخبىرلار سوئال سورىغاندا ئۇ كۆزەينىكىنى سۈرتكەچ جاۋاب بېرەتتى، يېنىدا گەپكە قوشۇق سېلىۋاتقان خوتۇنىغا پات-پات ئالىيىپ قاراپ قوياتتى، ناۋادا بۇ خوتۇنى بولمىغان بولسا تېخىمۇ ئەركىن گەپ قىلالايتتى-دە. − مەن،−دەپ گەپ باشلىدى ئۇ ياشلىقىنى ھاياجان بىلەن ئەسلىگەچ،− 55-يىلى بېيجىڭغا...

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (5)

روزاخۇن بەزىدە شۇ قىزلارنى، نازاكەتنىڭ ئاخىرقى نىگاھىنى ئەسلەپ قالاتتى، گۈزەللىك بەك قىسقا، خوتۇن ئالمىغان بولسا بەلكى شۇ قىزلاردىن گۈزەللىك، بەخت تەمە قىلىپ يۈرگەنمۇ بولاتتى. خوتۇنى ئۇنىڭغا بۇنداق پۇرسەت بەرمەيتتى، ئىشلە، پۇل تاپ، ھاجىتىمدىن چىق، مېنى خۇشال قىل دەيتتى. كۆز ئالدىدىكى تۇرمۇش، نەق نەرسىلەر بەئەينى ئوت كەتكەن ئۆيگە ئوخشاش...

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (4)

روزاخۇن تاڭنۇر خېنىم بىلەن توي قىلىپ زاكىرە خانىمغا 20 مىڭ يۈەندىن كۆپ قەرزادار بولدى، جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس، بىر-ئىككى يىل ئىشلىسەم تۆلەپ بولالايمەن دەپ ئويلىغانىدى، ئەمما تويدىن كېيىنكى چىقىملىرى ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى، تاپقان پۇللىرى ئۆي ئىجارىسى بىلەن خوتۇننىڭ خەجىگە يەتمىدى، بۇ ئەھۋالدا پۇل يىغىپ قەرز تۆلەش مۇمكىن...

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (3)

شۇنداق قىلىپ، روزاخۇن تولا خىيال سۈرۈپ، چۈش كۆرۈپ ھارمىدى؛ گۆش ئالغىلىمۇ بارمىدى، چۈشكە يېقىن كاۋاپداننى ئۆتكۈزۈۋالدى. گۆشنى خۇيزۇ قاسساپلار ئۆزى ئەكىلىپ بېرىدىكەن. كۈندە تۆت-بەش قوينىڭ گۆشى تۈگەيدىكەن. دېمەك، بۇ رېستۇراننىڭ سودىسى ياخشى ئىدى، ئۇ كاۋاپ چىقىرىشنى باشلىۋەتتى. باشقا ئاشپەز ۋە كۈتكۈچىلەر بىلەنمۇ بىر-ئىككى كۈندە تونۇشۇپ كەتتى....

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (2)

ئۇ ئاچچىق ۋە غەزەپتىن ھاڭۋېقىپ، تەتەينى قوغلاپ بېرىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئويلىدى، ئەمما دۇتتار بىلەن بىر ئادەمنىڭ جېنىنى تەڭلەشتۈرگىلى بولاتتىمۇ؟ بولىدىغان ئىش بولدى، ھەممىگە ئۆزى سەۋەبچى. ئۇ شەرمەندىلىك شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت پەيدا قىلدىكى، نىجىس بەدىنى كۆيدى، دېمى ئىس-تۈتەكتىن سىقىلدى، دۇتتارى چېقىلدى. راست بولسۇن، خىيال ياكى چۈش...

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (1)

     سىز بىر كىنو كۆرۈۋاتىسىز، ۋەقەلىكى يالغان، ئەمما كۆرۈنۈشلىرى راست. ئەگەر كىنو كۆرمەيۋاتقان بولسىڭىزمۇ مەلۇم  بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بۇ شەھەردە مانجۇلار ھاكىمىيەت قۇرغان، ئىپارخان راۋاققا چىقىپ غەربكە نەزەر تاشلاپ يۇرتىنى سېغىنغان، جىگدە پۇراقلىرىغا تەشنا بولغان. ئارىدىن يۈز نەچچە يىل ئۆتتى،...

گۇناھ (پوۋېست)

يەتمىشتىن ئاشقان بوۋاي ۋە ئۇنىڭ مومىيى بىر ئايدىلا كەينى-كەينىدىن قازا قىلىپ، ئۇنىڭ كەنجى ئوغلى سەمەت مەخسۇمغا كەڭتاشا ئۆي، باغ-ۋاران، كالا-قوي مىراس قالدى. سەمەت مەخسۇمنىڭ ئالتە ياشلىق ئوغلى ھىدايەت قارى تېخى ھەقىقىي قارىيلىققا يەتمەستىلا شۇ نام بىلەن سۈپەتلەندى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ئىپادىلىنەتتى....

قىيامەتلىك كېسەل (پوۋېست)

غوجامنىياز ئاخۇن: مۇشۇ كۈنلەردە ماڭا مەسچىت بىلەن مازارلىقتىن بۆلەك ھېچنەرسە قەدىناس كۆرۈنمەيدۇ، ئۆلۈمنىلا ياد ئېتىمەن. تېنىم ئاجىز، ئۇزۇن يول ماڭالمايمەن، كۆزۈم بىر نەرسىلەرنى غۇۋا كۆرىدۇ. كىيىملىرىم كونا، يۇيۇقسىز. ھاشىيخان باقىغا كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ قەدرى يامان ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. ئۇنى ئاز دەپ ئوغلۇم خوتۇنىنى قويۇۋېتىپ، ئوتتۇز كەپتەر...