«ھېكايە»تۈرىگە تەۋە بارلىق يازمىلار

نوچىلىقنىڭ بەلگىسى (ھېكايە)

IMG_0330 - بۈگۈن مەھەللەڭگە كەتمىسەڭ، ئەتە زىباگۈل بىلەن كۆرۈشىسەن،-دېدى ئۇ تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلەپ،- كەتسەڭمۇ نېمە ئىش قىلىسەن؟ - بولدىلا، كۆرۈشۈپ نېمە قىلاي. - گېپىڭنى يۈز تۇرانە دېمەمسەن، مۇشۇنداقلا بولدى قىلامسەن؟ - نېمە دەيمەن، ئىشقىلىپ ئۇ مېنى ياراتمايدۇ. - ياراتمايدىغىنىنى بىلگەن ئادەم نېمىشقا خەت يازغان؟ خېتىڭنى ئۆزەڭ ئاپىرىپ بېرەلمەي مېنى...

باشلىق بىلەن ئولتۇرىدىغان سورۇن (ھېكايە)

baxlik باشلىق بىلەن ئولتۇرۇش بەزىلەر ئۈچۈن قاتتىق پەخىرلىنىدىغان بىر ئىش. پەخىرلەنمەيمەن دېگۈچىلەرمۇ ئىختىيارسىز پەخىرلىنىپ كېتىدۇ، ئۆزىنىڭ سۈپىتىنى ساقلاپ، غۇرۇرىنى قوغداپ بىر دەم ئولتۇرۇپ باقىدۇ، ئەتراپىغا قاراپ باقسا قىزغىنلىق باشلىنىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي بۇ ئېقىمغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. بىر سورۇندا يېنىمدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى...

تاش ۋە قەلب (ھېكايە)

kalb مۇھەببەت تېمىسى مەڭگۈلۈك بولغىنىدەك، خوتۇن تېمىسىمۇ كونىراپ قالمايدۇ. «خوتۇنى يوقنىڭ خۇدى يوق» دېگەن ھېكمەتتىن تەلىم ئېلىپ، ئۇز بولسىمۇ، سەت بولسىمۇ بىر خوتۇن ئېلىپ چىرايلىق ئۆي تۇتۇۋالغانلارنىڭ كۈنى ئوبدان، ھەر خوتۇندىن كېلىدىغان خۇشاللىق ۋە دەرت-ئەلەملەرنى يېزىپ كەلسە يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، نوقۇل ۋەقەلىكنى دېگەندىمۇ بىر-بىرىگە...

كونا كادىر (ھېكايە)

1358694718 ئازاد شاڭجاڭ كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، مۇئاۋىنلىقتىن باش شاڭجاڭلىققا ئۆستى، بويى گويا بىر غېرىچ ئۆستى، ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كەتتى، قورساق سالدى، زۇۋانى چوڭايدى، مەجلىس ئاچسا مەيدىسىنى كېرىپ، ياقىسىنىڭ تۈگمىسىنى كەڭ ئېچىۋېتىدىغان بولدى. ئۇنى ئەمدى ھېچكىم قوڭالتاق يېزا كادىرى ياكى مۇئاۋىن غالچا دېيەلمەيتتى. خەقنى مۇشۇنداق دېگۈزمەسلىك ئۈچۈن قانچىلىك...

يۈرەك كېسىلى (ھېكايە)

ئۇ دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرۈپ يۈرەكلىرى سېلىپ كەتتى، قەغەزگە ئىشەنمەي دوختۇرنىڭ ئۆزىدىن سورىدى: __ يۈرەك يوغىناش دېگەن نېمە؟ __ يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ بىر تۈرى،_ دېدى دوختۇر كېسەل تەگكەن قوينىڭ يېنىدا پىچىقىنى بىلەپ تۇرغان قاسساپتەك بىخارامان،- قان-تومۇر ياكى نەپەس راۋان بولمىسا، يۈرەككە بېسىم چۈشۈپ، يۈرەك يوغىناپ كېتىدىغان گەپ. __...

دىيەت (ھېكايە)

دىيەت ئۆمەر سەيفىدىن(تۈركىيە)     تار ئىشىكىدىن باشقا ھېچقانداق يېرىدىن يورۇقلۇق كىرمەيدىغان دۇكاندا ئۆزى يالغۇز، كېچە-كۈندۈز ئوت چاچرىتىپ تۆمۈرچىلىك قىلىدىغان ئېلى چوڭ كىشىگە گويا قەپەزگە سولانغان، كۆندۈرۈلگەن شىرنى ئەسلىتەتتى. بويى ئېگىز، مۈرىسى كەڭ، بىلىكى توم، ئالقىنى يوغان بىر پالۋان ئىدى. ئون يىلدىن بېرى قاراڭغۇ ئۆيدە خام...

باش مۇھەررىر بىلەن تاكاللىشىش (ھېكايە)

ئىزدىگەندىكىن چوڭىنى ئىزدەي دەپ, باش مۇھەررىرنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم.   __ ھە كىرىڭ… ئىشىك ئوچۇق.   قارىغاندا سۈرى يوق،  مۇلايىم ئادەم بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. مەن كىرىپ تۇرۇشۇمغا بىر قىزسىرتقا ماڭدى، مەن بايا بۇ قىزنىڭ «تۇرپان ئۈزۈملىرىنى تېتىپ باقامدىكىن, دەپ ئالغاچ كەلگەن…» دېگەن گەپلىرىنى ئىشىكنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئاڭلاپ...

ئۆلىۋېلىش ئويۇنى (ھېكايە)

[color=Black]نۇرەك ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ كۆكتە ئۇچۇۋاتقان كەپتەرلەرگە مەپتۇن بولۇپ قاراپ قالغانىدى. موللاقچى كەپتەرلەرنىڭ ئويۇنى ئۇنى شۇنچىلىك جەلپ قىلىۋالغان ئىدىكى، ئاپىسىنىڭ پەستە تۇرۇپ توۋلىغىنىنى پەقەت ئاڭلمىدى. − ھەي… ھاڭۋاقتى…ھېلى ئۆگزىدىن يىقىلىپ چۈشەرسەن! نۇرەك ئاپىسىنى ئۇنتۇپ كەتتى. بەلكى ئۇنىڭ چىقىراق ئاۋازىنى ئاڭلاشنى خالىمىدى....

تالىپ بىلەن راھىپ (ھېكايە)

ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﻓﺎﻳﯜەﻧﺴﻰ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﻧﻴﯘﺟﯥ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﺭﺍﻫﯩﺒﻼﺭ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﻗﻮﺭﯗﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﻳﺰﯗ ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﻗﯘﺭﺍﻥ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺯﺍﻥ...

ئۇچتى، چۈشتى (ھېكايە)

   ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻟﺒﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﻨﯩﺶ-ﻳﯧﻨﯩﺸﻼﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ، ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﺩﯨﻦﻫﯧﭻ ﺳﻪﯞﻩﭘﺴﯩﺰﻻ ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﻪﻧﺪﻯ. ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ، ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﭼﯩﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺳﯧﻤﻮﻧﺖ، ﻗﺎﺭﺍﻣﺎﻱ، ﺑﺎﻏﺮﻯ ﺗﺎﺵ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﯞﻗﯘﻧﻠﯩﺮﻯ، ﻗﯩﺴﻤﺎﻕ ﻛﯚﺯﺩﻩﻙ ﺳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥﺗﺎﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﺯﮔﯜﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...