«تەرجىمە»تۈرىگە تەۋە بارلىق يازمىلار

چۈشكۈنلۈك ھەققىدە

Man with uniform writes a letter - 1896 Tim Parks نېمىشقا بىز تولىمۇ چۈشكۈن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيمىز؟ كۈندىلىك مەنىسىز ھاياتىمىزدا ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ مەن دەۋاتقان ئۈمىدسىزلىك قانداقتۇر بىرەر پرېزىدېنتنى سايلىغاندىن كېيىنكى ئۈمىدسىزلىك، ياكى دۇنيادىكى ئاچارچىلىق ۋە يەر شارىنىڭ ئسسىپ كېتىشى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولماسلىقىدىن كېيىنكى  ئۈمىدسىزلىك...

ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۆت ئىستەك

Rossu   Maria Popova بېرتراند رۇسسېل (1872–1970) داڭلىق مۇتەپەككۇر، يازغۇچى بولۇپ، 1950-يىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ بەختلىك ھاياتنىڭ نېمىلىكىنى، مۇھەببەت، جىنسىيەت، ئەخلاقنىڭ بەختنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.   «ئىنسانلارنىڭ بارلىق ھەرىكىتىنى ئۇنىڭ نەپسى باشلاپ ماڭىدۇ.  بۇ يەردە بەزى سەمىمىي ئەخلاقشۇناسلار تەرغىپ قىلىدىغان،...

يازغۇچى، پەيلاسوپلارنىڭ مۇزىكا ھەققىدە ئېيتقانلىرى

tanbur Maria Popova مۇزىكا بىزنىڭ ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتىمىزدۇر. مۇزىكا روھىمىزدىكى تەۋرىنىشنىڭ ئاۋازىدۇر. پىسخولوگلار باشقا ھەرىكەتكە قارىغاندا مۇزىكا چېلىشنىڭ  مېڭىگە تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ مېڭىنى ئارام ئالدۇرىدىغانلىقى ۋە كۆڭۈلنى شادلاندۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى. ۋاھالەنكى، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغىنى مۇزىكا ئىنسان...

يېزىڭ ۋە ئارتۇق ئويلىماڭ

kathryn-2-290x218 يازغۇچى كەترىن ھاررىسون بىلەن سۆھبەت Kathryn Harrison داڭلىق رومان يازغۇچىلىرىدىن بولۇپ، «ھەسەت»، «ئەسەبىي شادلىق»، «پېچەتلەنگەن خوتۇن»، «سۇدىن قېلىن» قاتارلىق رومانلىرى ۋە «ئانا رىشتى»، «ساندىياگو يولى» ناملىق ئەسلىمىلىرى بار. ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق كىتابى 1997-يىل نەشر قىلىنغان «سۆيۈش» ناملىق ۋەھىمىلىك  ئەسلىمىسى بولۇپ، ئاتىسى تەرىپىدىن مەجبۇرلانغان،...

ئىشنىڭ بېشى تالانتتۇر، كۈچ-ماغدۇرۇڭ قاناتتۇر

Haruki-Murakami   مۈشۈككە ئامراق قۇلاق موللىسى يازغۇچى  خارۇكى مۇكارامى بۇ يىل 70 ياشقا كىردى. 70 يىل! ياپونىيە ۋە خەلقئارادا داڭ قازانغان بۇ يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى ياشلىقنىڭ شادىيانە چۇقانلىرى ۋە ئىجادىيلىقنىڭ سېھرىي كۈچىگە تولغان بولۇپ،  14 رومانى ۋە ھېكايىلەر توپلىمى  ئەڭ بازارلىق كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.  بىز ئۇنىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش...

مەڭگۈلۈك غېرىبلىق يوق

ئەمدى مەن بۇ قېتىملىق ئۇزۇن سەپىرىمنى سۆزلەپ بېرەي. مەن يىراق دۆلەتتىن كەلدىم، ئۇ يەر دۇنيانىڭ يەنە بىر چېتىدە شېۋىتسىيە بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، ئۇ يەردىكى مەنزىرە ۋە جۇغراپىيەلىك بېكىنمە مۇھىت شېۋىتسىيە بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇ مېنىڭ دۆلىتىم چىلى، ئۇ شىمالدىن جەنۇبقا، يەر شارىنىڭ جەنۇب چېگرىسىغا سوزۇلىدۇ، ھەتتا جەنۇبىي قۇتۇپقا تۇتىشىپ...

«ئەپەندى لەتىپىلىرى»

151 nasrettin hoca 1 ئەپەندىنى جۇڭگودىكى ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلىدۇ. شىنجاڭدىن چىققان بۇ مەشھۇر نام خەنزۇ تىللىقلار دۇنياسىغا كىرىپلا كەڭ تارالدى.ئەمما دۇنيادا، ياۋروپالىق ياكى لاتىن ئامېرىكىلىق بولسۇن ئۇنى كۆپىنچە ”خوجا نەسىردىن“ دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ھەقتىكى خەنزۇچە تەرجىمە ئەسەرلەرمۇ ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، گې باۋچۈەن ئەپەندى رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغان «نەسىردىن...

مەلىكە بىلەن يەتتە پالۋان

images ئۈچىنچى ئاي كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئاسماندىن ئاق پەيلەر تۆكۈلگەندەك لەپىلدەپ ياققان قارلار دالىنى ئاق لىباسقا پۈركەپتۇ، يەر-جاھان تولىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىپتۇ. بىر خانىش ياغاچ رامكىلىق دېرىزىنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ، جەڭگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغان پادىشاھقا كىيىم تىكىۋاتقانىكەن. توساتتىن بىر سوغۇق شامال چىقىپ، خانىش ئىختىيارسىز تىترەپ كېتىپتۇ-دە،...

ئالتۇن خورازنىڭ ھېكايىسى

is (1) بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدە، بىپايان ياۋروپا-ئاسىيا تۈزلەڭلىكىدە توپ-توپ قوي-كالىلار ئوتلايدىكەن، سېپىل-قورغانلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىكەن. بۇ زېمىندا ياش بىر ھۆكۈمران غەيرەتكە كېلىپ قۇدرەتلىك بىر دۆلەت قۇرماقچى بوپتۇ، ھە دېگەندە سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، بىپايان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈزلەڭلىكىنى بويسۇندۇرۇپ، دارتون چار...

قانداق يېزىش مەسىلىسى

literature رومان بىر مىللەتنىڭ مەخپىي تارىخىدۇر. –بالزاك رومان- قۇرۇلما سەنئىتىدۇر. تۇرمۇشتىن قالسا، يازغۇچى ئۈچۈن مۇھىم بولغان نەرسە كىتاب ئوقۇش. كىتاب ئوقۇش ئەسلىمە ۋە تەسەۋۋۇرنى قوزغىتىدۇ، ئىلھام پەيدا قىلىدۇ. ئەدەبىيات رەھىمسىز نەرسە. تالانت بولمىسا ئاقمايدۇ. تۇخۇنىڭ پوكىنىدا تۇخۇم بولمىسا ئۇ ھەر قانچە ئىنجىقلىغان، قەقەسلىگەن بىلەن تۇغالمايدۇ....