«2009- يىل 24- ئاپرېل»يوللانغان يازمىلار

ئەدەبىياتىمىز ۋە ياشلار

كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان پېشقەدەم ئەدىبلەر ئۈمىدنى ياشلارغا باغلىغانىدى. زوردۇن سابىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدىكى بىر قېتىملىق لېكسىيسىدە ئۇسلۇب ھەققىدە گەپ بولغاندا: ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئۇسلۇبى بار، دەپ كېلىپ، مېنىڭ ئۇسلۇبۇم تېخى شەكىللىنىپ بولالمىدى دېگەنىدى. بىز ھەيران قالغانىدۇق، بۇ كىشى ساختا كەمتەرلىك قىلىۋاتامدۇ قانداق دەپ...

بەزى ئەسلىمىلەر (2)

ﻗﺎﻗﺸﺎﻳﻤﯩﺰ، ﻗﺎﻗﺸﺎﻳﻤﯩﺰ، ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ… ﺳﻪﭘﻪﺭﻗﯩﻞ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯘﻳﯩﻠﻘﻰ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﯞﻭﮔﺰﺍﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﻠﻪﺕ ﮬﺎﻳﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﺎﮬﺎﺩﺍ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯧﻠﻪﺕﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ...

بلوگ ئىشقى

جېكنىڭ تور خاتىرىسىدىن 2008-يىلى ئۇيغۇرلاردا شەخسىي بلوگ قۇرۇش مودا بولدى دېگەن گەپنى كۆرۈپ مۇشۇ ھەقتە ئويلىنىپ قالدىم، ئۆتكەن يىلى بىر زات ھېكىمنىڭ خالىس كۆڭلى، دىلكەشلىكى، غەمخورلۇقى بىلەن مېنىڭمۇ بىر بلوگىم بولغان، ئۇنى ئېچىپ گويا بويتاقلىقتا ئايرىم ئۆيۈم بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ خۇشال بولغانىدىم، كىممۇ ئۆزىنىڭ ئايرىم دۇنياسى، ئايرىم...

بەزى ئەسلىمىلەر (1)

توردىكى مارافونچە يېزىقچىلىق

توردا ئەڭ بۇرۇن ئۇلاپ ئەسەر يېزىشىم «مودىدىن قالمايدىغان سالام خەت»تىن باشلاندى، ئۇ چاغدا ھېچكىم ئاخىرىنى يېزىڭ دەپ قىستىمىغان، مېنىڭ ئەڭ قىيىن-قىستاققا چۈشۈپ قالغان ۋاقتىم «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز»دىن باشلاندى. تورداشلار ھەر كۈنى ئىككى-ئۈچ بەتتىن ئىنكاس يېزىشىپ ئالدىرىتىپ كەتكەندە ھەر كۈنى قىلىۋاتقان ئىشىمنى تاشلاپ، ھەتتا...

گۇناھ (پوۋېست)

يەتمىشتىن ئاشقان بوۋاي ۋە ئۇنىڭ مومىيى بىر ئايدىلا كەينى-كەينىدىن قازا قىلىپ، ئۇنىڭ كەنجى ئوغلى سەمەت مەخسۇمغا كەڭتاشا ئۆي، باغ-ۋاران، كالا-قوي مىراس قالدى. سەمەت مەخسۇمنىڭ ئالتە ياشلىق ئوغلى ھىدايەت قارى تېخى ھەقىقىي قارىيلىققا يەتمەستىلا شۇ نام بىلەن سۈپەتلەندى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ئىپادىلىنەتتى....

قىيامەتلىك كېسەل (پوۋېست)

غوجامنىياز ئاخۇن: مۇشۇ كۈنلەردە ماڭا مەسچىت بىلەن مازارلىقتىن بۆلەك ھېچنەرسە قەدىناس كۆرۈنمەيدۇ، ئۆلۈمنىلا ياد ئېتىمەن. تېنىم ئاجىز، ئۇزۇن يول ماڭالمايمەن، كۆزۈم بىر نەرسىلەرنى غۇۋا كۆرىدۇ. كىيىملىرىم كونا، يۇيۇقسىز. ھاشىيخان باقىغا كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ قەدرى يامان ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. ئۇنى ئاز دەپ ئوغلۇم خوتۇنىنى قويۇۋېتىپ، ئوتتۇز كەپتەر...

بەدئىيلىك بىلەن سىياسىيلىقنىڭ مۇناسىۋىتى

[color=Black] بەدئىيلىك ئەدەبىياتنىڭ، جۈملىدىن ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ سەنئەت قانۇنىيىتىدۇر. سىياسىيلىق دېگىنىمىز ھاكىمىيەت ئىشىدۇر، مۇنداقچە ئېيتقاندا”سىياسەت كۆپچىلىكنىڭ ئىشىدۇر“(دېڭ شياۋپىڭ). دۆلەت سىياسىتى كۆپچىلىكنىڭ ئىشى، ھەم كۆپچىلىك ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش بولغانىكەن، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنى يازىدىغان ۋە شۇ تۇرمۇشنى ھەر خىل ئىجتىمائىي...

باش مۇھەررىر بىلەن تاكاللىشىش (ھېكايە)

ئىزدىگەندىكىن چوڭىنى ئىزدەي دەپ, باش مۇھەررىرنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم.   __ ھە كىرىڭ… ئىشىك ئوچۇق.   قارىغاندا سۈرى يوق،  مۇلايىم ئادەم بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. مەن كىرىپ تۇرۇشۇمغا بىر قىزسىرتقا ماڭدى، مەن بايا بۇ قىزنىڭ «تۇرپان ئۈزۈملىرىنى تېتىپ باقامدىكىن, دەپ ئالغاچ كەلگەن…» دېگەن گەپلىرىنى ئىشىكنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئاڭلاپ...

ئۆز ھالىم، ئەدەبىي ھاياتىم، دەردىم

   مەتبۇئاتلاردا ئانچە-مۇنچە چېلىقىپ قالىدىغان ئىسمىم ئەنۋەر مۇھەممەد، كېيىن ھەج قىلغاندىن كېيىن ئۆزەمنى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد دەپ ئاتاشقا باشلىدىم، بۇنىڭدا ئاتا-بالىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ھاجى ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدىكەن، شۇنداقلا باشقا ئەنۋەر مۇھەممەد ئىسىملىك ئاپتورلاردىن پەرقلىنىدىكەنمەن. تەخەللۇس قوللانمىغاندىكىن، بۇمۇ بولغىدەك...