«2011- يىل 30- دېكابىر»يوللانغان يازمىلار

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (5)

روزاخۇن بەزىدە شۇ قىزلارنى، نازاكەتنىڭ ئاخىرقى نىگاھىنى ئەسلەپ قالاتتى، گۈزەللىك بەك قىسقا، خوتۇن ئالمىغان بولسا بەلكى شۇ قىزلاردىن گۈزەللىك، بەخت تەمە قىلىپ يۈرگەنمۇ بولاتتى. خوتۇنى ئۇنىڭغا بۇنداق پۇرسەت بەرمەيتتى، ئىشلە، پۇل تاپ، ھاجىتىمدىن چىق، مېنى خۇشال قىل دەيتتى. كۆز ئالدىدىكى تۇرمۇش، نەق نەرسىلەر بەئەينى ئوت كەتكەن ئۆيگە ئوخشاش...

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (4)

روزاخۇن تاڭنۇر خېنىم بىلەن توي قىلىپ زاكىرە خانىمغا 20 مىڭ يۈەندىن كۆپ قەرزادار بولدى، جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس، بىر-ئىككى يىل ئىشلىسەم تۆلەپ بولالايمەن دەپ ئويلىغانىدى، ئەمما تويدىن كېيىنكى چىقىملىرى ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى، تاپقان پۇللىرى ئۆي ئىجارىسى بىلەن خوتۇننىڭ خەجىگە يەتمىدى، بۇ ئەھۋالدا پۇل يىغىپ قەرز تۆلەش مۇمكىن...

ئەرتۈرك بلوگى يېڭىلاندى

كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، بۇ بلوگ ئون كۈندىن بېرى pJ blog دىن wordpress قا كۆچۈپ كىردى، ئەسلىدە كۆچمەي دېگەن، بۇرۇنقىسىغا كۆنۈپ قاپتىكەنمەن، ئەمما بلوگنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىلقۇت، مۇشاۋىر ئەپەندىلەرنىڭ يېڭىلىققا ۋە مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغان روھى مېنى تەسىرلەندۈردى، ئۇلارنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە...