ئەرتۈرك بلوگى http://www.tepekkur.com ئەرتۈرك ئەدەبىي ئەسەرلىرى Fri, 20 Sep 2019 05:21:33 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.3 قانداق يېزىش مەسىلىسى http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1744.html http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1744.html#comments Fri, 20 Sep 2019 05:15:02 +0000 ئەرتۈرك http://www.tepekkur.com/?p=1744 رومان بىر مىللەتنىڭ مەخپىي تارىخىدۇر.  –بالزاك

رومان- قۇرۇلما سەنئىتىدۇر. تۇرمۇشتىن قالسا، يازغۇچى ئۈچۈن مۇھىم بولغان نەرسە كىتاب ئوقۇش. كىتاب ئوقۇش ئەسلىمە ۋە تەسەۋۋۇرنى قوزغىتىدۇ، ئىلھام پەيدا قىلىدۇ. ئەدەبىيات رەھىمسىز نەرسە. تالانت بولمىسا ئاقمايدۇ. تۇخۇنىڭ پوكىنىدا تۇخۇم بولمىسا ئۇ ھەر قانچە ئىنجىقلىغان، قەقەسلىگەن بىلەن تۇغالمايدۇ. ئەگەر پوكىنىدا تۇخۇمى بولسا كاتەكتە تۇغمىسىمۇ، نەدىلا بولسا تۇغىۋېرىدۇ.   –چېن جۇڭشى

ئەدەبىياتقا يۈكسەك نەزەر ۋە گۈزەل تۇيغۇدا قاراش كېرەك.

ئەسەر ئاۋۋال ئۆزەڭنى تەسىرلەندۈرۈشى كېرەك.

يېزىقچىلىقنىڭ مۇقىم قېلىپى بولمايدۇ، قانداق يازساڭ بولىۋېرىدۇ. ئۇ پۈتۈنلەي ئۆزلۈك ئاڭنىڭ سىرغىپ چىقىشىدۇر. كەيپىيات چوقۇم ئەركىن، يەڭگىل ھالەتتە بولۇشى كېرەك. ئاۋۋال ئۆزەڭ تەسىرلەن.

سەنئەت تېخنىكىلىق، مېخانىكىلىق نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ قىزغىنلىقنىڭ مەھسۇلى. ئەسەر ئاۋۋال ئۆزەڭنى تەسىرلەندۈرسە، ئاندىن ۋولقاندەك پارتىلاپ باشقىلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.

بەزىلەر ھېكايە، رومان يازغاندا بايان قاتماللىقىغا پېتىپ قالىدۇ. بايان نۇقتىسى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ-دە، قىينىلىپ قەلىمى توختاپ قالىدۇ.بۇ چاغدا ئۇلار ئەسەرنى باشقا نۇقتىدىن يېزىشقا كىرىشسە، باياندا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئەسەرنى سترولۇققا ئىگە قىلالايدۇ، قەلىمىمۇ راۋانلىشىپ كېتىدۇ .     –گاۋ جيەنچۈن

ماڭلاي تەرىم ۋە روھىم بىلەن يازىمەن.     –فېڭ جىچى

پروزا بىلەن (سىياسىي) ۋۇجۇدنى ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك      –چىن بازى

ئەدەبىيات ئاۋىياماتكا ياكى چوشقا گۆشىنىڭ باھاسى ئەمەس، خەلق ئىگىلىكى بىلەن تاناسىپ تۈزىدىغان؛  ئەدەبىيات تارىختىن بۇيان توقلۇقتىن چىقىدىغان شوخلۇق. بەك ئەستايىدىل بولۇپ كەتسەڭ رومانتىكىلىقنى يوقىتىسەن؛ بەك يەڭگىلتەكلىك قىلساڭ پۈچەك كۆرۈنىسەن؛ بىر كىم مېنى ”يېيەلمىگەن ئۈزۈم ئاچچىق“ دەيدىغان تۈلكىگە ئوخشاتسىمۇ مەيلى. نېمە گەپ بولسا دەۋېرىمەن؛  مەردانىلىق ۋە سەمىمىيلىك ئەمەلىيەتتە خاسلىقنىڭ بەلگىسى. بىلمەك ۋە ئۆزىگە ئەڭ لايىق ئۇسۇلدا ياشىماق ئالىيجاناپ، ئېسىل تۇرمۇشتۇر. ئوقۇماق (ۋە بەلكى يازماق) بۇ خىل تۇرمۇشنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك جەريانىدۇر.

بۇ دەۋردە ئۇلۇغ يازغۇچى چىقمايدۇ.    –فاڭ يىڭۋېن

 

 

 

 

 

]]>
http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1744.html/feed 1
دۇنياغا داڭلىق پىسخولوگلار ھاياتلىققا قانداق قارايدۇ؟ http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1736.html http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1736.html#comments Mon, 02 Apr 2018 03:17:24 +0000 ئەرتۈرك http://www.tepekkur.com/?p=1736 سىگموند فروئىد (Sigmund Freud):

1. چاقچاق پەقەت چاقچاقلا ئەمەس، ئۇنىڭ راست تەرەپلىرى بولىدۇ.

2. روھى ساغلام ئادەم تىرىشىپ ئىشلەيدۇ ۋە باشقىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. مۇشۇ ئىككى ئىشنى ئورۇنلىيالىغانلارغا قالغان ئىشلار ئېغىر كەلمەيدۇ.

3. ئېغىزدىن كېتىپ قېلىش دەيدىغان ئىش يوق، خاتا كېتىپ قالغان ھەر قانداق گەپ يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسىدۇر.

4. ھاياتلىقتا ئىككى چوڭ كېلىشمەسلىك بار: بىرى، ياخشى كۆرگەن نەرسەڭگە زادىلا ئېرىشەلمەيسەن؛ يەنە بىرى، ياخشى كۆرگەن نەرسەڭگە ئېرىشىسەن. ھاياتلىقتا ئىككى چوڭ خۇشاللىق بار:ياخشى كۆرگەن نەرسەڭگە ئېرىشەلمىگەچكە ئۇنى توختىماي ئىزدەيسەن ۋە ئۇنى بارلىققا كەلتۈرىسەن؛ يەنە بىرى، ياخشى كۆرگەن نەرسەڭگە ئېرىشكەچكە، ئۇنى تېتىپ ھۇزۇرلىنىسەن.

5. ئەقىلسىز ئادەم يوق، ئەمما ئەقىلنى قوبۇل قىلمايدىغان ئادەم بار. 

ئالفرېد ئادلېر (Alfred Adler):

ئاۋسترىيەلىك روھىي ئانالىزچى، شەخسىيەت پىسخولوگىيەسىنىڭ ئاساسچىسى، شەخسىيەتچىلىك پىسخولوگىيەسىنىڭ باشلامچىسى، زامانىۋى ئۆزلۈك پىسخولوگىيەسىنىڭ ئاتىسى، ئىلگىرى فروئىدقا ئەگىشىپ نېرۋا كېسەللىكلىرى مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان، كېيىن روھىي ئانالىزچىلار ئېقىمىدىن ئايرىلىپ، فروئىدقا بىرىنچى بولۇپ قارشى چىققان.

1. باشقىلارغا قىزىقمايدىغان ئادەم ئۆمرىدە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ ۋە باشقىلارغىمۇ كۆپ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ مەغلۇبىيىتىگە كۆپىنچە مۇشۇنداق ئادەملەر سەۋەبچى بولىدۇ.

2. بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشتىكى مۈشكۈلاتلارغا تاقابىل تۇرۇش جاسارىتى ئۇنىڭ بۇ تۇرمۇشقا بەرگەن ئېنىقلىمىسىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەر كىمدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆزىنى كەمسىتىش خاھىشى بار، چۈنكى ھەر كىم ئۆزىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. 

3. بىر ئادەم ھېچكىم ئامال قىلالمايدىغان مۈشكۈلاتقا يولۇققان ۋە مەن بۇنى ھەل قىلالايتتىم دەپ قارىغان چېغىدا ئۆزىنى كەمسىتىدۇ.

4. دۇنيا ئاددىيدۇر، ھاياتلىقمۇ شۇنداق. دۇنيا ئەسلىدە مۇرەككەپ ئەمەس، ئەمما سەن ئۇنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىسەن.

5. ھېچكىم ئوبيېكتىپ دۇنيادا ياشىمايدۇ، بەلكى ئۆزىچە ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان سۇبيېكتىپ دۇنياسىدا ياشايدۇ.

كارل گۇستاۋ جۇڭ (Carl Gustav Jung):   

شۋېتسىيارىيەلىك پىسخولوگ، 1907-يىلدىن باشلاپ فروئىد بىلەن ھەمكارلىشىپ روھىي ئانالىز ئىلمىنى 6 يىلدىن كۆپرەك تەتقىق ۋە تەشۋىق قىلغان. كېيىن فروئىد بىلەن ئىختىلاپلىشىپ، ئۆز ئالدىغا روھىي ئانالىز نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلغان. ئۇنىڭ نەزەرىيىسى ۋە ئىدىيەسى پسخولوگىيەگە ھازىرغىچە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

1. بىر ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك تىرىشچانلىقى ئۇنىڭ بالىلىقتا يېتىلدۈرگەن مىجەزى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.

2. يالغۇزلۇق يېنىڭدا ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى دەردىڭگە دەرمان بىر مۇڭدىشىڭنىڭ بولمىغانلىقىدىن پەيدا بولىدۇ.

3. بۇ ۋاپاسىز دۇنيا ئالدىدا سەۋرچان بول، ھەم ئۆزەڭنى بەك مۇكەممەل چاغلىما.

4. روھىمىزدىكى توقۇنۇشلارنى يېڭەلىسەك ئاندىن خاتىرجەم ۋە ئازادە بولالايمىز. ھالبۇكى ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولغان ۋە ئۇزاق داۋاملىشىدىغان خاتىرجەملىك ۋە پاراغەتكە (روھىي ئازادىلىككە) ئېرىشىش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق توقۇنۇشلارنىڭ پارتلاپ چىقىشىغا مۇھتاجمىز.

5. بىزنى باشقىلارغا دىققەت قىلغۇزىدىغان ھەر قانداق ئىش ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ.

6. بىر يىلدىكى كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ سانى ئوخشاش، ۋاقتىمۇ ئوخشاش. بىر خۇشاللىقنىڭ بىر قايغۇسى، بىر كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار. ئەگەر قايغۇ بولمىسا خۇشاللىق نەدە تۇرۇپتۇ. شۇڭا بۇ  دۇنيانىڭ ئىشلىرىدا تەمكىن بول، سەۋرچان بول، جاھاندارچىلىقنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئەنە شۇدۇر.

7. يارىتىش (ئىجادىيەت) ئەقىلدىن ئەمەس، بەلكى ئويۇن ئويناش ئىستىكىمىزدىن بارلىققا كېلىدۇ. ئىجادكار كاللا ئۆزى ئامراق نەرسە بىلەن بىللە ئوينايدۇ.

8. ئەگەر بىرەر ئىشنى ئىسلاھ قىلماقچى بولساڭ ئاۋۋال ئۇنى قوبۇل قىل. چۈنكى ئەيبلەش بىلەن ئىش ھەل بولمايدۇ، بەلكى مەسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.

9. شەيئىلەرنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ شەيئىلەرگە قاراش ئۇسۇلىمىز ھەممىنى بەلگىلەيدۇ.

ئېرىخ فروم (Erich Fromm):

ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن گېرمانىيەلىك يەھۇدى، ئىنسانچىلىق (ھيۇمانىزم)پەيلاسوپى ۋە روھىي ئانالىز پسىخولوگى. ئۇ ئۆمۈر بويى فروئىدنىڭ روھىي ئانالىز تەلىماتىنى ئىسلاھ قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ئۇنى ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى غەربلىكلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلغان. مەزكۇر روھىي ئانالىز تەلىماتىنىڭ دۇنياۋى تەسىرىمۇ ناھايىتى زور.

1. ھەر كۈنى 15 مىنۇت جىم ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىشىڭنى تىڭشا، ئۇنى ھېس قىل، ئۆزەڭنى ھېس قىل ۋە بۇ پەيتتە ھېچنېمىنى ئويلىماسلىققا تىرىشقىن.

2. مۇھەببەت ياش پەرقىگە قارىمايدۇ. ئەگەر مىجەزىڭنى كامالەتكە يەتكۈزۈشكە تىرىشمىساڭ مۇھەببەتتىكى ئۇرۇنۇشلىرىڭمۇ  مەغلۇپ بولىدۇ؛ ئەگەر بىراۋنى ياخشى كۆرۈشكە قادىر بولالمىساڭ، ئۇنى كەمتەرلىك، سەمىمىيلىك ۋە دادىللىق بىلەن ئىزچىل سۆيەلمىسەڭ، ۋىسال شارابىدىن مەڭگۈ مەھرۇم قالىسەن.

3. ئەگەر بىراۋنى ياخشى كۆرسەڭ ئۇنىڭغا دىلكەش بول، مىجەز-خۇلقى قانداق بولسا شۇ بويىچە قوبۇل قىل؛ ئۇنىڭدىن پايدىلانسام دېگەن ئۈمىدتە، ئۆز ئارزۇيۇم بويىچە «مۇنداق بولسىكەن» دېمە.

4. بىر ئادەم كىتاب كۆرمەي، رادىيو ئاڭلىماي، تاماكا چەكمەي، ھاراق ئىچمەي تۇرۇپمۇ بىر دەم يالغۇز ئارام ئېلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك، بۇ بەك مۇھىمدۇر. يالغۇزلۇقتا دىققىتىنى يىغىش ۋە ئارام ئېلىش قابىلىيىتى ئۆز نۆۋىتىدە مۇھەببەتنى ئۆگىنىشنىڭ بىر شەرتىدۇر. چۈنكى مەلۇم ئىشتا ئۆزىمىز يالغۇز كۈچ ئېلىشىپ بولالمىغاندا باشقا بىرىگە مۇھتاج بولىمىز. بۇ ئادەم بەلكىم بىزنىڭ نىجاتكارىمىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ مۇھەببەت بىلەن ئالاقىسى يوق.

5. مۇھەببەت ئاۋۋال بىراۋ بىلەن بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئەمەس، بەلكى بىر خىل پوزىتسىيە ۋە مىجەزدىكى بىر مايىللىقتۇر. بۇ خىل پوزىتسىيە ۋە مايىللىق بىر ئادەمنىڭ ئاشىق ياكى مەشۇقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەيدۇ.

6. ئەگەر بىر ئادەم پەقەت بىرسىنىلا مەجنۇنلارچە ياخشى كۆرۈپ، باشقا ئىنسانلار بىلەن كارى بولمىسا ئۇنىڭ مۇھەببىتى مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى سەۋدايىلىق ياكى ھەددىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىكتۇر.

7. ساڭا مۇھتاجمەن، شۇڭا سېنى سۆيىمەن دەيدىغان مۇھەببەت چالا مۇھەببەتتۇر؛ سېنى سۆيىمەن، شۇڭا ساڭا مۇھتاجمەن دەيدىغان مۇھەببەت كامالىي مۇھەببەتتۇر. 

]]>
http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1736.html/feed 2
«ئالتۇن باش» ستىفېن خاۋكىڭ http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1720.html http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1720.html#comments Fri, 16 Mar 2018 08:05:21 +0000 ئەرتۈرك http://www.tepekkur.com/?p=1720 داڭلىق ئالەمشۇناس، فىزىكا پروفېسسورى ستىفېن خاۋكىڭ 76 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇ ئالبېرت ئېينىشتيىندىن قالسا دۇنيادا ئەڭ كۆپ تونۇلغان فىزىكا ئالىمىدۇر. ئۇنىڭ كۋانتۇم فىزىكسى ۋە قارا ئۆڭكۈر ھەققىدىكى قاراشلىرى ئالىملار ئىچىدە زور تەسىر قوزغىىدى، كىتابلىرى 40 نەچچە خىلغا تەرجىمە قىلىندى، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن پۇل تېپىپ باياشات ياشىدى، ئۇنىڭدىن ئېشىنىپ كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەمەلىي ماتېماتىكا ۋە نەزەرىيە فىزىكىسى تەجرىبىخانىسى قۇردى.

21 يېشىدا مۇسكۇل نېرۋىلىرى يىگىلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ بارا-بارا پالەچ بولۇپ قالغان خاۋكىڭ، دۇنيادا مۇنازىرە قوزغىغان كۆز قاراشلىرى، نەزەرىيەلىرى ۋە تۇرمۇشتىكى مۇھەببەت ھېكايىلىرى بىلەن دۇنيا تارىخىغا يېزىلغۇدەك داڭلىق شەخسكە ئايلاندى. ئۇ ئالەمنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. Roger Penrose بىلەن بىرلىكتە ئېينىشتىيىننىڭ ماكان ۋە زاماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى BigBang(بۈيۈك پارتىلاش) ۋە قارا ئۆڭكۈر نەزەرىيىسى ئارقىلىق شەرھلەپ بەردى. 

خاۋكىڭنىڭ A Brief History of Time«ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ئەسىرى 10 مىليوندىن كۆپ سېتىلدى. بۇ كىتابتا زامان ۋە ماكان Bigbang(بۈيۈك پارتىلاش)دىن باشلىنىپ Black Holes (قارا ئۆڭكۈر)دە ئاياغلىشىدۇ دېگەن نۇقتىئەنەزەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خاۋكىڭنىڭ قارىشىچە: قارا ئۆڭكۈر تامامەن قارا (زۇلمەت قاراڭغۇ) ئەمەس، بەلكى رادىئاتسىيە تارقىتىۋېرىش نەتىجىسىدە قۇرۇقدىلىپ  يوقاپ كېتىدىغان بىر بوشلۇق.

خاۋكىڭ، 1942-يىل 8-يانۋار كۈنى تۇغۇلدى. 8 يېشىدا لوندوندىن 20 چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئالبانىسقا كۆچتى، بۇ يەردە باشلانغۇچنى تۈگەتكەندىن كېيىن دادىسى ئوقۇغان ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇدى. دادىسى ئۇنىڭ دوختۇر بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، ئۇ ماتېماتىكىنى ياخشى كۆرەتتى. 1960-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇنىڭغا مۇسكۇل يىگىلەش كېسىلى چاپلاشتى. مۇسكۇل نېرۋىلىرىنىڭ 80 پىرسەنتىنى كاردىن چىقىرىپ بەدەننى پالەچ قىلىپ قويىدىغان، ئەمما مېڭە نېرۋىلىرىغا تەگمەيدىغان بۇ كېسەللىك ئۇنى چاقلىق ئورۇندۇققا مەھكۇم قىلدى.

ئۇ 1985-يىلى ئاۋازىنىمۇ چىقىرالماس بولۇپ قالغاچقا چاقلىق ئورۇندۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئاۋازنى يېزىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان كومپيۇتېر ئارقىلىق كىشىلەر بىلەن ئالاقىلەشتى. ئۇ ئىلمىي تەتقىقات ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە ئائىلىسىنىڭ زور ياردىمىگە تاياندى. گەپ قىلماقچى بولغىنىدا قولىدىكى ئېلېكترونلۇق ئەسۋاپنى سىقىپ، ئورۇندۇقىغا باغلانغان ئالاھىدە كومپيۇتېر ئېكرانىغا مىنۇتىغا ئون سۆز يازاتتى. ئادەتتە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك پاراڭلىرى 2500 سۆز ئەتراپىدا بولغاچقا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوي-پىكرىنى ئىپادىلەشتە قىينىلىپ قالمايتتى، نېمە دېمەكچى بولسا تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيتتى.

ئۇ ئۆتكەن يىل 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋاتكاندا «ئالەمنىڭ مەنبەسى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات بېرىپ، پاپا فرانسىس بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

ستېفېن خاۋكىڭنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىمۇ دائىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كەلدى. Jane Wilde ئۇنىڭ تۇنجى ئايالى بولۇپ، ئىككەيلەن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقاندا پويىز ئىستانسىسىدا تونۇشۇپ قالغانىدى. 1964-يىلى خاۋكىڭغا مۇسكۇل يىگىلەش كېسىلى دىياگنوزى قويۇلدى ۋە بۇنى داۋالىغىلى بولمايدىغانلىقى مەلۇم بولدى.  ئۇلار بۇ كېسەلنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ 1965-يىلى دەرھال توي قىلدى. Jane Wilde شۇ چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ: ستىفېننىڭ قانچىلىك ياشىيالايدىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق، دەيدۇ. خاۋكىڭمۇ Jane بىلەن توي قىلغىنىنى «ھاياتىمنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى» دەيدۇ.

توي كۈنى ھاسىغا تايىنىپ ئاران تۆرە تۇرالىغان خاۋكىڭنىڭ تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ تايانچى ئەنە شۇ ئايالى بولدى. 1960-يىللارنىڭ ئاخىرى پۇت-قولى يىگىلەپ، ئۆرە تۇرالمىغۇدەك ھالغا كېلىپ قالغان خاۋكىڭ چاقلىق ئورۇندۇق ئىشلىتىشكە باشلىدى. 1967-يىلى روبېرت ئىسىملىك ئوغلى، 1970-يىلى لۇسى ئىسىملىك بىر قىزى دۇنياغا كەلدى. 1979-يىلى يەنە بىر پەرزەنتى تۇغۇلدى. ئۈچ بالىلىق بولغان بۇ قەدىناس ئەر-خوتۇن 1991-يىلى ئاجرىشىپ كەتتى. بۇنىڭغا خاۋكىڭنىڭ شۆھرەت قازىنىشى بىلەن تەڭ پەيدا بولغان بېسىملار، ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشى، چاقلىق ئورۇندۇقىدىكى ئالاھىدە كومپيۇتېرنىڭ لايىھىلىگۈچىسى داۋىد ماسوننىڭ خوتۇنى ۋە خاۋكىڭغا قاراۋاتقان خىزمەتچى ئەيلىن ماسون بىلەن خاۋكىڭنىڭ ئىش-پەش تارتىشىپ قېلىشى سەۋەب بولدى.  Jane Wilde مۇنداق دەيدۇ: «ستىفېننىڭ بىز بىلەن كارى بولمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇ مېنىڭ ئېرىم ۋە بالىلىرىمنىڭ دادىسى بولسىمۇ، ئەتراپىدا ئۇنىڭغا ۋاي دەيدىغان، «كارامەت ئادەمسەن، ئەۋلىياسەن،  ئايىغىڭنىڭ ياكى ئورۇندۇقۇڭنىڭ ئاستىدىكى يەرگە سەجدە قىلىمەن…» دەپ ئۇنى كۆككە كۆتۈرۈپ ئۇچۇرىدىغان ئادەملەر تولا ئىدى. بۇ ئەھۋال كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلاتتى. ئاخىردا ئۇ ئۆزىگە قاراۋاتقان چوكان بىلەن يېقىنلىشىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن سەۋر قاچام تاشتى. 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدا مۇناسىۋىتىمىز بۇزۇلدى، تۈگەشتۇق دەپ ئويلىدىم. مەندە گۇناھ يوق دەپ قارايتتىم. ئۆي خىزمەتچىسىنىڭ ماڭا ياردەمچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم، ئەمما بۇنداق ئەھۋال بەك ئاز كۆرۈلدى. ئۈمىدسىزلەندىم، بۇ بېسىمغا ئەمدى چىداشلىق بېرەلمەيمەن دەپ ئويلىدىم، چۈنكى ھەقىقەتەن تۈگىشىپ كەتكەنىدىم.»

ئۆي خىزمەتچىسى ئەيلىن ماسون خاۋكىڭنى تامامەن ئۆزىگە قارىتىۋالغان بولۇپ، خاۋكىڭنىڭ ئايالى Jane Wilde بىلەن خور ئۆمىكى باشلىقى Jonathan نى خاۋكىڭغا توختىماي چېقىشتۇراتتى. خاۋكىڭ بۇنىڭغا گەپ قىلمايتتى، ھەتتا ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنەتتى. Jane Wilde ئوڭلۇق، مېھرىبان ئايال بولۇپ، ئۆز قەلبىدە ئېرى ۋە باشقىلارغا يېتەرلىك مېھىر-مۇھەببىتى بار ئىدى.  Jonathan نىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىنى بۇزۇش نىيىتى يوق ئىدى.

1995-يىل ستىفېن خاۋكىڭ ئايالى  Jane Wilde دىن رەسمىي ئاجراشقاندىن كېيىن ئەيلىن ماسون بىلەن توي قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن 2006-يىلغىچە ئۆي تۇتتى. 2000-يىلى، «ئەيلىن ماسون ئېرى خاۋكىڭنى بوزەك قىلىدىكەن، ئۇرۇپ دۆشكەللەيدىكەن» دېگەن گەپ چىقتى. ساقچىلار بېرىپ تەكشۈردى. خاۋكىڭ بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېمىدى، 2006-يىلى بۇ خوتۇنىنى قويۇۋەتتى.

بىز ئىنسانلار ئالەم ۋە ئادەم، يەنى ئۆزىمىزنىڭ كېلىپ چىقىشىمىز ۋە بارىدىغان يېرىمىز ھەققىدە توختىماي ئىزدىنىپ، تەپەككۇر تەلقىنلىرىنى سۈرۈپ كەلدۇق. ستىفېن خاۋكىڭ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن فىزىكا ئالىمى، ئۇنىڭ نەچچە خوتۇن ئېلىپ قويۇۋەتكەنلىكى، نەچچە بالا تاپقانلىقى، نەچچە ئاشنا تۇتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن كۆرە،  ئۇنىڭ ئالەم، ماكان، زامان ۋە ھاياتلىق توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرى، زېھنىمىزنى ئاچىدىغان بىلىملىرى ۋە كۆز قاراشلىرى بەكرەك مۇھىم ھەمدە ئەنە شۇلارلا بىزنى بەكرەك قىزىقتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئالەمنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ياراتقۇچى ئىلاھنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى پىكىرلىرى خىلمۇ خىل بولۇپ، بەزىدە ئىلاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلسا، بەزىدە ئىنكار قىلغان ياكى شۇنىڭغا يېقىنراق گەپ قىلغان. مەسىلەن، 2010-يىل ئۇ «ئالەمنى بىر ياراتقۇچىنىڭ ياراتمىغانلىقىنى ئىلىم-پەن چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ» دېگەن بولسا، يەنە شۇ  يىلى «ئىلاھ بار بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئەمما ئالەمنىڭ بىر ياراتقۇچىغا مۇھتاج ئەمەسلىكىنى ئىلىم-پەن چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ» دېگەن. يەنە بىر قېتىمدا بولسا: «ئىلىم-پەن  دىنىي مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرماقتا» دېگەن.  ئاخىرقى قېتىم ۋاتكاندا پوپ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە ئۇ يەردە ئالەمنىڭ مەنبەسى ھەققىدە لېكسىيە بەرگىنىگە قارىغاندا ئىلاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بىر ئاز ئىشەنگەن، دىنغا بىر ئاز يېقىنلاشقان بولسا كېرەك.  ئۇنىڭ چەكسىز ئالەم ۋە بىز ياشاۋاتقان بۇ چەكلىك دۇنيانى تەتقىق قىلىمەن دەپ چەككەن رىيازەتلىرى ۋە شۇنىڭ بەدىلىگە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىگە، نوپۇزلۇق كۆز قاراشلىرىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. 76 يىللىق ئۆمۈرنى ئۇنىڭدەك ئۆتكۈزمەك بەسى مۈشكۈل، نۇرغۇن ئوي-پىكىر ۋە سىرلىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتى، بەلكىم ئۆلۈش ئالدىدا ئۆزى بىر ئۆمۈر ئىزدەنگەن مەسىلىلىرىنىڭ جاۋابىنى روھىنى تەسلىم قىلغاندىن كېيىن تاپالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەندۇ، چۈنكى ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىزدىنىش روھى ئۆلۈمنىمۇ ئۇنىڭغا قىزىقارلىق تۇيۇلدۇرغان بولۇشى مۇمكىن.  تۆۋەندە ئۇنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن، زېھنىمىزنى ئاچىدىغان پىكىرلىرىگە نەزەر ئاغدۇرۇپ باقايلى:

1. جىمغۇر كىشىلەر ئەمەلىيەتتە ئەڭ جۇشقۇن تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلەردۇر.

(قارىماققا تىنچ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ ئاستىدىكى شىددەتلىك دولقۇنلارنى كۆرەلمەيمىز)

2. بىز ئادەتتىكى بىر يۇلتۇزنىڭ كىچىك سەييارىسىدە ياشاۋاتقان تەرەققىي تاپقان مايمۇنسىمان ئادەملەرمىز، شۇغىنىسى ئالەمنى تونۇيالايمىز. بۇ بىزنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىمىزدۇر.

3. ئەگەر تاشقى پىلانېت ئادەملىرى بىزنى زىيارەت قىلغىلى كېلىپ قالسا، كولۇمبۇنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىغىنىدەك بىر ئىش بولىدۇ. ئىندىئانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى بىلىمىزغۇ، دېمەك ئاقىۋەت ئانچە خەيرلىك بولمايدۇ.

4. ئالەمنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ناھايىتى مۇھىم بىر ئۇچۇر (بەلگە ياكى ئالامەت) بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى چەكسىز ئالەمدىنمۇ ئۆزگىچە نېمە بار؟

5. ئۆمۈر بويى چوڭ سوئال، قىيىن مەسىلىلەرگە يۈزلىنىشتىن زور خۇشاللىق تاپتىم ۋە ئۇنىڭغا ئىلمىي جاۋاب بېرىشكە تىرىشتىم. شۇڭىمىكىن، نەزەرىيىۋى فىزىكا ھەققىدە يازغان كىتابلىرىم مادوننانىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ھەققىدە يازغان كىتابلىرىدىنمۇ بەكرەك سېتىلدى.

6. بىز تارىختا نەچچە مىليون يىل ھايۋاندەك ياشىدۇق. ئاندىن توساتتىن بىر ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، كاللىمىز ئېچىلىپ كەتتى، خىيال-تەسەۋۋۇرىمىز قاناتلاندى. ئاندىن بىز گەپ قىلىشنى ۋە گەپكە قۇلاق سېلىشنى ئۆگەندۇق، پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرالىدۇق ۋە مەلۇم بىر ئىشتا (ئەمگەكتە) ھەمكارلىشالىدۇق، نەتىجىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۇق. ئىنسانلارنىڭ بۈيۈك نەتىجىلىرىمۇ، چوڭ-چوڭ خاتالىقلىرىمۇ ئۆزئارا سۆزلىشىش، پىكىرلىشىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلدى. پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ھەممە ئىشنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز ئېشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىمىزنىڭ پەقەت پىكىر قىلالايدىغان، گەپ قىلالايدىغان ئەقىللىق ھايۋان ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.

7. 1942-يىلى،  گالېلىي ئۆلۈپ 300 يىلدىن كېيىن تۇغۇلدۇم. پەرىزىمچە، شۇ پەيتتە مېنىڭ بىلەن تەڭ 2000 بوۋاق تۇغۇلدى. ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇپ ئاسترونومىيەگە قىزىققان-قىزىقمىغانلىقىنى بىلمەيمەن… پۇتىڭىزغا قاراپ ئولتۇرماي ئاسمانغا قاراڭ، ئاسماندىكى نەرسىلەرنىڭ سىرىنى بىلىشكە ئىنتىلىڭ، ئالەم نېمە سەۋەبتىن، قانداق بارلىققا كەلدى دېگەنلەرنى ئويلاپ بېقىڭ، بىر نەرسىگە قىزىقىڭ.

8. كەلگۈسى 1000 يىلدا ئەگەر ئىنسانلار باشقا پلانېتلارغا كۆچمىسە يەر شارىدا  جان ساقلاپ تۇرالمايدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى (يەر شارىدەك)  سەييارىلەر پالاكەتكە ئۇچراپ تۇرىدۇ. يەر شارى بەلكىم كەلگۈسى 100 يىل، ياكى 200 يىل ئىچىدە چوڭ بالا-قازاغا يولۇقۇشى مۇمكىن.  شۇڭا بىز  تۇخۇمنىڭ بارىنى بىر سىۋەتكىلا قاچىلىۋالماسلىقىمىز، يەنى  بارلىق ئۈمىدنى بىر يەر شارىغىلا باغلىۋالماسلىقىمىز كېرەك.  مەن ئۈمىدۋارمەن، ئىنسانلار ھامان بىر كۈنى ئالەمنىڭ باشقا بىر يېرىدە ماكانلىشالايدۇ دەپ ئىشىنىمەن.

9. سۈنئىي ئەقىل دېگەن نەرسە ئىنسانلارنى ھالاك قىلىشى مۇمكىن.

10. بىر ئادەم بىر ئىشقا ئۆزىنى قۇربان قىلسا، تىلىگىنىنى تېپىپتۇ دەيمىز. ئۆلۈۋالغان بولسا بۇمۇ ئۆزىنىڭ شورى دەيمىز، مەن بۇنى غايەت زور خاتالىق دەيمەن. چۈنكى ھايات ھەر قانچە مەنىسىز، ئازابلىق بولسىمۇ،  بىزنى كۈتۈپ تۇرغان، بىز قىلىدىغان ۋە قىلالايدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپتۇر. جان بار يەردە ئۈمىد بار، ئاش بار يەردە قازان بار.

11. قارا ئۆڭكۈرنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، تەڭرى قارىسىغا «ئوشۇق» ئاتمايدۇ، بەلكى «كۆزىنى تېڭىپ قويۇپ» ئاتىدۇ، بەزىدە پات-پات كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان يەرگە ئاتىدۇ.

12. مېنىڭچە مېڭىمۇ كومپيۇتېرغا ئوخشاش بىر پروگرامما. شۇ سەۋەبتىن، نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا مېڭىنى كومپيۇتېرغا قاچىلاش مۇمكىن. مېڭە تەن جەھەتتىن (جىسمانەن) ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنى باشقا بىر شەكىلدە (ياكى ھالەتتە) ياشاتقىلى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ھازىرقى شارائىتتا بۇنى ئورۇنلاش مۇمكىن ئەمەس.

13. ئالەمشۇناسلىق دەرسىدە مەن:  BigBang (بۈيۈك پارتىلاش)دىن ئىلگىرى نېمە ھادىسىلەر بولغان؟ دەپ  پات-پات سورايتتىم. «بۈيۈك پارتىلاش»تىن ئىلگىرى ھېچنېمە يوق ئىدى دېيىلسە بۇنىڭغا گۇمان تۇغۇلماي قالمايدۇ. چۈنكى «بۈيۈك پارتىلاش» نەتىجىسىدە زامان(ۋاقىت) مەيدانغا كەلدى، بۇنىڭغا بىر ئىش سەۋەب بولغان بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى «سەۋەب»، «تەسىر» دېگەنلەر يەنىلا ۋاقىتقا مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملار بولۇپ،  ۋاقىت مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋالدا ئۇلار كارغا يارىمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەن سورىغان يۇقىرىقى سوئالمۇ بىمەنە سوئالدۇر.

14. ئالىملارنىڭ چۈشەنگىنىدەك، بىزمۇ ئاتوم ئۇرۇشى ۋە بۇنىڭ ھالاكىتىنى كۆرۈپ يېتەلىسەك، ئىنسانلارنىڭ پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ جان-جەھلى بىلەن تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇشى ۋە تەبىئەتنى ئۆزگەرتىشى نەتىجىسىدە كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ تەسىرىنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. دۇنيا ئەھلى بىر-بىرىنىڭ بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.

15. ئەگەر قەھرىمان بولۇشنى تاللىغان بولسام superman(خاسىيەتلىك ئادەم) بولاتتىم. خاسىيەتلىك ئادەمدە مېنىڭدە يوق جىمى خىسلەتلەر بار.

16. مەن ئىمكانقەدەر نورمال ياشاشقا تىرىشىپ كەلدىم ۋە بۇ مېيىپ، نىمجان ھالىتىمنى بەك ئويلاپ كەتمىدىم، بۇ كېسەللىك مېنى نۇرغۇن ئىمكانىيەت ۋە ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلدى دەپ قاقشاپمۇ يۈرمىدىم. بەلكى كېسىلىمنىڭ ئاستا-ئاستا ئېغىرلاشقانلىقىنى ئامەت دەپ بىلدىم. مېنىڭ مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشىم باشقىلارغا ئىلھام بېرەلىسە ئەجەب ئەمەس.        

]]>
http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1720.html/feed 0
كارخانىچى دېگەن قانداق بولىدۇ؟ http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1704.html http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1704.html#comments Fri, 15 Dec 2017 03:32:15 +0000 ئەرتۈرك http://www.tepekkur.com/?p=1704 يۈ يىڭ(سۇمرۇغ تېلىۋىزىيەسى رىياسەتچىسى)؛

رېن جىچياڭ (ئۆي-مۈلك ساھەسىدىكى داڭلىق كارخانىچى، ئىقتىسادشۇناس)

يۈ يىڭ: ئولتۇرغانلاردىن سوراپ باقاي، رېن جىچياڭنى تونىمايدىغانلار بارمۇ؟ قول كۆتۈرۈڭلار، دېمەك يوق، رېن لىدېرنىڭ نامى مەشھۇر، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىلىدىكەن. رېن لىدېر خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ماگېستېرلىقىنى ئالغان،  قانۇن ئوقۇغان ئادۋوكاتلار گەپكە بەكرەك دىققەت قىلىدۇ، لېكىن رېن لىدېر بىر ئاز ئاشۇرۇپ گەپ قىلىدۇ، ئوينىشىپراق گەپ قىلىدۇ. سوراپ باقسام، سىز دائىم مۇشۇنداقمۇ؟

رېن جىچياڭ: ئاۋۋال مەن گېپىڭىزدىكى خاتالىققا تۈزىتىش بېرەي: مەن قانۇن ماگېستىرى ئەمەس، خىزمەت قىلىۋېتىپ ئوقۇغان، چۈنكى چۈنكى ئوقۇش تارىخىم يوق، جەدۋەل تولدۇرغاندىلا بۇ روشەن پەرقلىنىدۇ. ماگېستېر دېگەندە چوقۇم ئۇنۋان ئېلىش كېرەك، ئەمما خىزمەت قىلىۋېتىپ ئوقۇسىڭىز سىزگە ئۇنۋان بەرمەيدۇ،  دەرسنىلا ئوقۇيسىز، ئۆگىنىشكە قاتنىشىسىز، لېكىن سىزگە بەرىبىر ماگېستېرلىقنى بەرمەيدۇ. بۇ سۆزىڭىزدىكى بىرىنچى خاتالىق. ئىككىنچى خاتالىق، سىز مېنى ئوينىشىپراق گەپ قىلىدۇ دېدىڭىز، ئەمەلىيەتتە مەن ناھايىتى ئەستايىدىل گەپ قىلىمەن، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئون يىلدىن بۇيانقى ئۆي باھاسى تەخمىنلىرىم توغرا چىقارمىدى؟

يۈ يىڭ: لېكىن سىز بىر نەرسە دېسىڭىزلا باشقىلار تولۇمدىن توقماق چىققاندەك گەپ قىلىدۇ دېيىشىدۇ.

رېن جىچياڭ: چۈنكى باشقىلار ئۇنداق گەپ قىلالمايدۇ. ئەگەر ھەممە ئادەم راست گەپ  قىلالىغان بولسا مەن نېمە ئىدىم؟!  كۆپچىلىك راست گەپ قىلالماي تۇرغاندا بىرسى چىقىپ كۆڭلىدىكىنى دېسە ئۇنىڭ گېپى ئەلۋەتتە تولۇمدىن توقماق چىققاندەك تۇيۇلىدۇ.  ئەگەر ھەممە ئادەم راست گەپ قىلىدىغان بولسا بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرەمدۇ؟ مەنچە، مەشەدە ئولتۇرغان ھەممىڭلار بالاڭلارنى تەربىيەلىگەن چاغدا ئۇلارغا راست قىل، يالغان ئېيتما دەپ تۇرىسىلەر. لېكىن ئۆزەڭلار تۇرمۇشتا، جەمئىيەتتە نېمىشقا راست گېپىڭلارنى دېمەيسىلەر ياكى يالغان ئېيتىىسلەر؟ بۇنىڭدىن بەك ئىچىم سىقىلىدۇ، مەنچە راست گەپ قىلىش ناھايىتى مۇھىم.

يۈ يىڭ: راست گەپ قىلىش ئەلۋەتتە مۇھىم، ئەمما جۇڭگو مەدەنىيىتى ئەزەلدىن ئۆزىنى تۇتىۋېلىش تىپىدىكى مەدەنىيەت، ئەگەر بىرسى راست گېپىنى دەۋەتسە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، بەزىلىرى يالغان گەپ قىلغاندىن كۆرە سۈكۈت قىلغان ياخشى دەيدۇ. ئەمما سىز ئىزچىل راست گەپ قىلىپ كېلىۋاتىسىز، بۇنىڭ سىزگە نېمە پايدىسى تەگدى، زىيىنىچۇ؟

رېن جىچياڭ: ئۆتكەندە بىر نەچچەيلەن نېمىلەرنى دېيىشتىكى، گېپىنىڭ ئاخىرىنىلا ئاڭلاپ قالدىم. باشقىلار راست گەپ قىلغاندا سىز ھېچ بولمىسا بىرەر ئۇچۇرغا ئېرىشىسىز. ئەگەر بىرەر ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىسىڭىز ھېچقانداق ئىشتا قارار چىقىرالمايسىز. كارخانىچى نېمە ئىش قىلىدۇ؟ كارخانىچى ئالدى بىلەن ئۇچۇر ئىگىلەيدىغان ئادەم، بۇنى ماشىنا ئادەملەر قىلالمايدۇ. ئەگەر قىلالىغان بولسا ئۇلارمۇ كارخانىچى بولالايتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئادەمنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئادەم دېگەن قارار چىقىرىدۇ، بۇ قارار نەدىن كېلىدۇ، ئەلۋەتتە بازار ئۇچۇرىدىن كېلىدۇ.

ئەگەر بازاردىكى ئۇچۇرلار ساختا بولسا، ماشىنا ئادەملەرمۇ خاتا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئەگەر بازاردىكى ئۇچۇرلار يالغان بولسا، كارخانىچىلارنىڭ خاتا ھۆكۈم چىقىرىشى ناتايىن. چۈنكى كارخانىچىلار بىرىنچى سەپتە مۇلازىمەت قىلىۋاتقىنىدا كۈندىلىك خەۋەرلەردىن پەرقلىنىدىغان ئۇچۇرلارنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا بىرەر ئىشتا قارار چىقارغاندا،  ھەقىقىي ئەھۋال زادى قانداق دېگەن نۇقتىدىن مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىدۇ، شۇندىلا ئۇ توغرا ھۆكۈم چىقىرالايدۇ.

بىز بۈگۈن ئۆي-مۈلك ھەققىدە پاراڭلاشمايمىز، ئەمما بۇ ساھەدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تولىسىنىڭ يالغانلىقىنى بىلىمىز. ئەگەر سىز ھازىر ئاشكارە ئېلان قىلىنغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن قارار چىقارسىڭىز، خاتا ھۆكۈم چىقىرىسز، بۇ دەل ماشىنا ئادەملەر سادىر قىلىدىغان خاتالىق. ئەگەر سىز بىرىنچى سەپتە بولسىڭىز، نۇرغۇن ھەقىقىي ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايسىز-دە، ئاشكارە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنىڭ نېمىشقا ساختىلىقىنى بىلەلەيسىز، ئاندىن توغرا ھۆكۈم چىقىرالايسىز.

ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر ھەر قانچە ئەقىللىق بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئادەمنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. ئۇ پەقەت ئادەمنىڭ بەزى ئىشىنى قىلالايدۇ. قالغىنى يەنىلا ئادەملەرنىڭ قارارىغا باغلىق.  مۇھىم قارارلارنى ئادەملەر چىقىرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشقا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.

بايا بىرەيلەن بانكىنىڭ كرېدىت مەبلىغى دېگەن نېمە دەپ سوراپ قالدى، ئۇ كىشىدە  بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلا بار، قالغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئالالمايدۇ. بۇنى كىم ئالالايدۇ؟ كارخانىچى ئالالايدۇ. چۈنكى كارخانىچى بىرىنچى سەپتە تۇرغاچقا ئەھۋالنى بەكرەك بىلىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئىگە بولالايدۇ، بۇ مەلۇماتلارغا كومپيۇتېرغا تايىنىپ ئېرىشكىلى بولمايدۇ.  شۇڭا كارخانىچى تېخىمۇ توغرا ھۆكۈم چىقىرالايدۇ. قارايدىغان بولساق، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بەزىدە خاتا قارار چىقىرىدۇ، ھالبۇكى كارخانچىلاردا بۇنداق ئەھۋال ئاز كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن ئالايلۇق، بىر ھاكىم قوپۇپ: بۇ يىل ناھىيەمىزدە پۈتۈنلەي يېسىۋىلەك تېرىلىدۇ، دېسە، پېشقەدەم دېھقاندىن بىرسى چىقىپ: ھاكىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماسلىق كېرەك، ئەگەر ھەممە يەرگە يېسىۋىلەك تېرىلسا زىيان تارتىمىز، دېيىشى مۇمكىن. ئويلاپ بېقىڭلار، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئۇلار يېسىۋىلەك تېرىماي بېيىغان بولسا، ئۆز تەپەككۇرى بويىچە چىقارغان قارارىغا ئاساسەن بېيىغان بولىدۇ؛ بىر ھېسابتا،  بازاردىكى ئۇچۇرلارنى زېرەكلىك بىلەن ئىگىلەپ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەن بولىدۇ.

يۈ يىڭ: بۇمۇ بىر خىل تەڭسىزلىككە سەۋەب بولىدىغان ئىش ئىكەن، چۈنكى ئۇچۇر ئىگىلەشتە تەڭ نىسبەت بولمايدۇ، بۇنى ئۆتكەندىمۇ دېگەن، جەمئىيەتتىكى ئورنىڭىزنىڭ ئوخشىماسلىقىغا بېقىپ ئېرىشەلەيدىغان ئۇچۇر مىقدارىڭىزمۇ ئوخشىمايدۇ، نەتىجىدە چىقارغان قارارىڭىزدىمۇ ئىگىز-پەسلىك بولىدۇ.

رېن جىچياڭ: توغرا دېدىڭىز.

يۈ يىڭ: ئەڭ ئاخىردا بولسىمۇ گېپىمنى تەستىقلىدىڭىز.

رېن جىچياڭ: ئەگەر سىز دۇنياۋى كارخانىچى بولسىڭىز، دۇنياۋى ئۇچۇرلارنى ئىگىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر مەھەللىۋى كارخانىچى بولسىڭىز، شۇ مەھەللىڭىزدىكى ئۇچۇرلارنى ئىگىلىسىڭىز كۇپايە. مەسىلەن، مەن بىر ناھىيە بازىرىنىڭ ئۆي-مۈلك كارخانىچىسى بولسام، مۇشۇ بازاردىكى ئاھالىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلسەملا بولدى، جۇڭگونىڭ بازىرى قانداق، ئامېرىكىنىڭ بازىرى قانداق دېگەنلەرنى ئويلاشمايمەن، چۈنكى مېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىم مۇشۇ دائىرە بىلەنلا چەكلىنىدۇ.

ئەمما ئۆتكەنكى سۆھبەتتە تىلغا ئېلىنغان پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىغا كېلەيلى، پۇل دېگەن نەرسە بۈگۈنىسى ئامېرىكىغا ئاقسا، ئەتىسى ياۋروپاغا ئاقىدۇ، 24 سائەت توختىماي ئايلىنىدۇ، ئۇ ھالدا  تار دائىرىلىك ئۇچۇرلارنى ئەمەس، كەڭ دائىرىلىك ئۇچۇرلارنى ئىگىلىشىڭىز كېرەك. بولمىسا بۈگۈنى بار پۇلىڭىز ئەتىسى يوقايدۇ، چۈنكى پېرىۋوت نىسبىتى ھەقىقەتەن يۇقىرى.

شۇڭا كارخانىچىلار قارار چىقارغاندا ئۆز ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، يېڭلىق يارىتىش دەيمىز،  يېڭىلىق يارىتىش دېگەن نېمە؟ مەنچە،  گۈرۈچ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، گۈرۈچ تامىقى يېمەي تۇرالمايسىز. گۈرۈچنىڭ ئورنىغا باشقا يېڭى نەرسە يارىتالمايسىز. ئەمما كارخانىچى بولسىڭىز، گۈرۈچتىن پايدىلىنىپ گۈرۈچ چۆپى دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلىيەلەيسىز، بەلكىم يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيسىز. يەنە بىرسى بەلكىم گۈرۈچتىن پايدىلىنىپ باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشى، ياكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى يېڭىلىشى مۇمكىن. نېمىلا قىلسا قىلسۇن، گۈرۈچ بەرىبىر گۈرۈچتۇر. كارخانىچىلار، بولۇپمۇ پىشقان كارخانىچىلار نېمىلا بولسا يېڭىلىق يارىتىمەن، نەتىجە قازىنىمەن دېمەيدۇ، چۈنكى كونا كەسىپلەرنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.  گۈرۈچ يەيدىغانلار يەنىلا گۈرۈچ يەيدۇ، ئۇن تامىقى يەيدىغانلار يەنىلا ئۇن تامىقى يەيدۇ، بولكا پىشۇرىدىغانلار يەنىلا بولكا پىشۇرىدۇ، بەلكىم بولكىنىڭ تەمىنى، شەكلىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن، قارا بولكىنى كۈندە يەۋەرگىلى بولمايدۇ، ئادەم بىر تەمنى يەۋەرسە زېرىكىدۇ.

شۇڭا يېڭىلىق يارىتىشنى خاتا چۈشەنمەسلىك، كونا نەرسىنى ساتقىلى بولمايدۇ، چوقۇم يېڭىنى ياساپ سېتىش كېرەك دەپ تۇرۇۋالماسلىق كېرەك. ئادەتتە پاختا رەخت ياكى يىپەك كىيىملەرنى كىيىمىز، خىمىيىۋى توقۇمىچىلىق ھەر قانچە تەرەققىي قىلسىمۇ، سۈنئىي تالالار  كىشىگە پاختا رەختتەك راھەت بېرەلمەيدۇ. شۇڭا بىر نەرسىنى كونا دەپلا تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ، ئەگەر تاشلىۋەتسەك ياشىمىساق بولىدۇ. شۇڭا ئۇچۇرلارغا ھۆكۈم قىلىشتا شارائىتقا قارايسىز، مۇئەييەن شارائىتقا بېقىپ ئاندىن ئۇچۇرلارنى مۇھاكىمە قىلىسىز، بۇ گېپىم سىلەرگە ئىلھام بولۇپ قالسۇن.

يۈ يىڭ: سىز گۈرۈچ مەڭگۈ گۈرۈچتۇر،  كىيىم مەڭگۈ كىيىمدۇر دەيسىز، ئەمما گۈرۈچ تېرىش ئۇسۇلى ئۆزگەرسە، مەھسۇلات ئاشىدۇ؛ كىيىم تىكىش ئۇسۇلى ئۆزگەرسە، ئوخشاشلا ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇلارمۇ يېڭىلىق يارىتىشقۇ؟

رېن جىچياڭ: بايا دېدىمغۇ، سىز گۈرۈچتىن گۈرۈچ چۆپى ئىشلەپچىقارسىڭىز بولىدۇ، تورت ياسىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇلار يېڭىلىق يارىتىشتۇر. ئەمما گۈرۈچنىڭ تەبىئىتى ئۆزگەرمەيدۇ. شۇڭا كارخانىچىلار نېمە ئىشلەپچىقارماقچى بولسا كاللىسىدا ئېنىق سان بولۇشى كېرەك. بازارغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقارغاندا، مەھسۇلاتىڭىز داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ-يوق، بۇنى بىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىسا، ئەتىسىلا ئەخلەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن. مەسىلەن، چاقىرغۇنى ئالايلۇق، بىر نەچچە يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا بازاردىن قالدى، چۈنكى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى نەرسىلەرنىڭ چىقىش ئېھتىمالى بار ئىدى، دەرۋەقە چىقتى.

گۈرۈچنى ئالساق، ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدىغان نەرسىنىڭ چىقىشى تەس، شۇنىڭدەك، مۇشۇ ۋاققىچە تۇخۇمنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغان باشقا نەرسە چىقىپ باقمىدى. كالا گۆشىمۇ شۇنداق،  ئامېرىكىنىڭ ياكى ئاۋسترالىيەنىڭ كالا گۆشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى كالا گۆشى.  كونا بىلەن يېڭىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرگىنىمىزدە، ئومۇمەن يېڭى بولسىلا ياخشى دەپ قارىماي، ئۇلارنى يەنىلا بازارغا ئاساسەن تەڭشىگەن تۈزۈك. كالىلارنى ئۆلتۈرۈپ يەپ تۈگەتسىڭىز، ئۇنىڭ ئورنىغا قاغا گۆشى يەمتىڭىز؟ شۇڭا ھەممە نەرسىنى كونا-يېڭى دېگەن قىممەت بويىچە ئۆلچىمەسلىك كېرەك. 

يۈ يىڭ: بىر كارخانىچى بولۇپ سۈپىتىڭىز بىلەن بىرىنچى سەپتە ئىشلەيسىز، ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىڭىز ئادەتتىكى پۇقرالاردىن نەچچە ھەسسە كۆپ، ئۇنداقتا بۇ ئۇچۇرلىرىڭىز ۋە قارارىڭىزنى كۆپچىلىككىمۇ بىلدۈرۈشنى بىر مەسئۇلىيەت دەپ قارىمامسىز؟

رېن جىچياڭ: جۇڭگو كارخانىچىلىرى خەلقئارا كارخانىچىلارغا ئوخشىمايدۇ، خەلقئارادىن ئېلىپ ئېيتىساق، كارخانىچىلار بىر نەچچە ئەۋلاد دەۋر سۈرىدۇ. مەسىلەن، روكفېلېر جەمەتى ھازىر بەشىنچى ئەۋلادقا كەلدى. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ تۈزۈمى ئۆزگەرمەي كەلدى. جۇڭگودىمۇ دەسلەپتە كارخانىچىلار بار ئىدى، چۈنكى ئۇ چاغدا شەخسىي مۈلۈك ھوقۇقى بار ئىدى، كېيىن پىلانلىق ئىگىلىك ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، بۇنداق مۇھىتتا كارخانىچىلار نېمە ئىش قىلسۇن؟ چۈنكى ئۆزىڭىزگە تەۋە ھېچنېمە يوق. شۇڭا دەيمىزكى، 1979-يىلى ئىسلاھات باشلىنىشتىن ئىلگىرى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى بەكلا كەينىدە قالغانىدى.

ئۇنداقتا بىزنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد كارخانىچىلار نەدىن پەيدا بولدى؟ راستىنى ئېيتقاندا، يەرلەرنى ھۆددىگە بېرىشتىن باشلاندى. بۇ تۈزۈم قانداق رول ئوينىدى؟ جۇڭگودا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئاستىدا سىزنىڭ ئازغىنە بولسىمۇ شەخسىي پايدا ئېلىشىڭىزغا يول قويۇلىدىغان بولدى، بۇ ھۆددىگەرلىك تۈزۈم دەپ ئاتالدى. دېھقانلار ھۆددىگە ئالغان يەردىن ئالغان ھۇسۇلىنىڭ بىر قىسمىنى دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان، ئاشقىنى ئۆزىنىڭ بولىدىغان بولدى؛ زاۋۇتنى ھۆددىگە ئالسىڭىز، ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولسىڭىز، مەسىلەن، ئۈچ مىليونلۇق ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولسىڭىز، ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان يۈز مىڭ سوم سىزگە تەۋە بولىدىغان بولدى. 

بۇ مەزگىلدە كارخانىچىلار بارلىققا كەلدىمۇ؟ ياق تېخى. چۈنكى سىزنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىڭىز قوغدالمايتتى.  پايدىغا ئېرىشىمەن دېسىڭىز، ئۈچ مىليونلۇق ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ قويسىڭىزلا بولمايتتى، چوقۇم ئۈچ مىليون 100 مىڭ سوملۇق ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولىشىڭىز كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئۇ مۈلۈك (زاۋۇت) سىزگە تەۋە ئەمەس ئىدى، پەقەت سىزنىڭ ھۆددىگە ئېلىپ پايدىلىنىشىڭىزغىلا بولاتتى.

ئىككىنچى ئەۋلاد كارخانىچىلىرىمىزغا كەلسەك،  1984-يىلدىكى شەھەر ئىسلاھاتىدىن كېيىن، يېزا ئىسلاھاتىدىن شەھەر ئىسلاھاتىغا بۇرۇلۇۋاتقان ئۆتكۈنچى دەۋردە بىر تۈركۈم پۇقراۋى كارخانىلار بارلىققا كەلدى. ئۇ چاغدىكى پۇقراۋى كارخانىلاردا، ماركىسزملىق ئۇسۇل بويىچە، بىر ئادەم پەقەت يەتتە ئادەمنى ئىشلىتەلەيتتى، بولمىسا قاماققا ئېلىناتتى. بۇ ۋەزىيەتتە قانداقمۇ كارخانىچى چىقسۇن؟ كارخانىچى دېگەن بىر يەرگە مەركەزلەشكەن زور كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش، بازارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش، نۇرغۇن ئادەمنى ئىشلىتىش داۋامىدا،  يۈرۈشلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئۆستۈرگەن ۋاقىتتا ئاندىن مەيدانغا كېلىدىغان تۇرسا، يەتتە ئادەمنى بىر كىچىك ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىدا ئىشقا سېلىش ئارقىلىق قانداقمۇ كارخانىچى بولغىلى بولسۇن؟ ئۇ مەزگىلدە بىزدە بىر تۈركۈم كارخانىچىلار مەيدانغا كەلدى دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەقىقىي مەنىدىكى كارخانىچىلار ئەمەس، نېمىشقا؟ چۈنكى مۈلۈك ھوقۇقى يەنىلا ئۆزىگە تەۋە ئەمەس.

1984-يىلدىن كېيىن، دىڭ شياۋپىڭ: بىر تۈركۈم كىشىلەر ئالدىن بېيىسا بولىدۇ، دېدى.  ئون مىڭ يۈەنلىك ئائىلىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئالدىن بېيىغانلارنىڭ كېيىنكىلەرگە تۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرايلى دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇشۇ ۋاقىتتىلا ئاندىن خۇسۇسىي مۈلۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى، كارخانىچىلار بارلىققا كەلدى، ئارىلىقتا يەنە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولدى. 1992-يىل دېڭ شياۋپىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە سۆز قىلدى، بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان كارخانىچىلار ئاساسەن دېگۈدەك 1984-يىلى بىلەن 1992-يىلى ئارىلىقىدا، بولۇپمۇ 1992-يىلدىن كېيىن مەيدانغا كەلدى. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە بازار ئىگىلىكى راۋاجلانغاندىن كېيىنلا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىمۇ تەرەققىي قىلدى، ئاندىن كارخانىچىلار قوشۇنىمىز بارلىققا كەلدى.

كارخانىچىلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟ كارخانىچىلار جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. نېمىشقا؟ چۈنكى قاراپ باقايلى، نەچچە ئون مىڭ يىللىق ئىنسانىيەت تارىخىدا، مۇشۇ 200 يىل مابەينىدە يارىتىلغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 95 پىرسەنت، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى تارىختا يارىتىلغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاران 5 پىرسەنت. سەۋەب نېمە؟ چۈنكى تارىختا زور كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش يوق ئىدى، كارخانىچىلار يوق ئىدى، خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغدايدىغان قانۇن يوق ئىدى. 17-ئەسرىگە كەلگەندىلا كارخانىچىلار ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسي مۈلكىنى قوغدايدىغان قانۇن بارلىققا كەلدى. ئەگەر دۆلىتىمىزدە خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغدايدىغان قانۇن بارلىققا كەلمىگەن بولسا، بازار ئىگىلىكى ۋە ئىسلاھات دېگەنلىرىمىز يالغان گەپ بولۇپ قالاتتى، ھەقىقىي بازار ئىگىلىكى شەكىللەنمىگەن بولاتتى. بازار ئىگىلىكىنىڭ ئالدىنقى شەرتى خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغداش، كارخانىچىلارنى قوغداش.

17-ئەسىردىن باشلاپ، كارخانىچىلار جەمئىيەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، غەرب ئەللىرى  كارخانىچىلارنى، خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغدايدىغان بىر يۈرۈش قانۇنلارنى تۇرغۇزدى، بولمىسا كارخانىچىلار تالان-تاراج قىلىنىش، بايلىقلىرى مۇسادىرە قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلەتتى-دە، مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمايتتى. ئۇ ھالدا روكفېللېر جەمەتى دېگەنلەر بەش ئەۋلاد ئەمەس، بىر ئەۋلادتىن كېيىنلا خانىۋەيران بولاتتى. 

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دەيمىز، ئەگەر كارخانىچىلار ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ بىر يۈرۈش ياخشى ئىجتىمائىي تۈزۈم بەرپا قىلمايدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ جان ساقلىشى تەس بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بۇ بىر يۈرۈش تۈزۈم بولمىسا ھېچكىم بايلىق يارىتىش ئۈچۈن بەجانىدىل تىرىشمايدۇ، جەمئىيەتمۇ «بىرگە نۆلنى كۆپەيتسەك نۆل» دېگەندەك قالاق پېتى قالىدۇ. كارخانىچىلار قوشۇنى بايلىق يارىتىدۇ، ئۇلار باشقىلارغا تەقسىملەپ بېرەلەيدىغان تورتنى تېخىمۇ چوڭ قىلىشى لازىم.

كارخانىچىلارنىڭ بايلىق تەقىسملەش نىسبىتى ئۆسمىگەن بىلەن، ئومۇمىي بايلىقى ئارتقان بولىدۇ، چۈنكى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ بايلىقى ئېشىۋاتىدۇ. ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى (GDP) تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ياپونىيە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتتى. بۇلار كارخانىچىلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۈگۈنكى پۇقراۋى ئىقتىسادىمىزغا قاراپ باقايلى، بۇ ئىقتىسادنىڭ  جەمئىيىتىمىزدە ئىگىلىگەن نىسبىتى GDPنىڭ 50 پىرسەنتىنى، سېلىنغان مەبلەغنىڭ 60 پىرسەنتىنى، باج كىرىمىنىڭ 70 پىرسەنتىنى، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ 80 پىرسەنتىنى، يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ 90 پىرسەنتىنى ئىگىلىدى، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ئەگەر جۇڭگودا كارخانىچىلار قوشۇنى بارلىققا كەلمىگەن، جەمئىيەت تەرەققىياتى مەزكۇر قوشۇنغا تايانمىغان بولسا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ۋە جۇڭگو جەمئىيىتىدە مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ناھايىتى تەس بولاتتى.

جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كارخانىچىلار يەنە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، باي-كەمبەغەللىك پەرقىنى يوقىتىشى كېرەك.  نېمىشقا شۇنداق قىلىدۇ؟ روكفېللېرنىڭ قارىشىچە، بايلار تېخىمۇ باي، كەمبەغەللەر تېخىمۇ كەمبەغەل بولۇپ كەتسە،  بايلارغا پايدىسىز  ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ، بايلار قىزغىنىشقا، ئۆچمەنلىككە، ھەتتا تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ سەۋەبتىن جىنايەت، ئۇرۇش، ھەتتا ئىنقىلاپ پارتلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بايلار چوقۇم كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىپ، جەمئىيەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىشى، كەمبەغەللەرگىمۇ ياشاش پۇرسىتى بېرىشى كېرەك.

ئەنئەنىۋى قاراش بويىچە ئېيتقاندا، كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىشتا، ئۇلارغا بېلىق بەرمەي، بەلكى بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىش كېرەك؛ كارخانىچىلار نامراتلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىشى، ئۇلارغىمۇ جان ساقلاش، ياخشى ياشاش پۇرسىتى بېرىشى كېرەك. كارخانىچىلار مۇشۇ تەرىقىدە ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئامېرىكىغا قاراپ باقايلى، فوت زاۋۇتىنى قۇرغۇچى كاپتالىست فوت، پايچىك شاھى باففېتتىن تارتىپ مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بېل گەيتىسقىچە چوڭ بايلار نېمىشقا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؟ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ باجنى ئازايتىمىز دەپ ئېلان قىلغاندا، نېمىشقا بايلارنىڭ ھەممىسى بايلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى ئازايتماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار بىلىدۇكى، ياخشى بىر ئىجتىمائىي تۈزۈم ئورنىتىلمىسا، ياخشى بىر ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىلمىسا ئۇلارنىڭ بايلىقى ھەر ۋاقىت تەھدىتكە ئۇچرايدۇ.

بىز يەنە شۇنى كۆرىمىزكى، ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى بىرسى جىجىۋەتسە ياكى قاسماق قىلىۋەتسە، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمايدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئاپتوبۇسى ئۇ، نېمە بولسا بولمامدۇ دەيسىز. ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ پىكاپىنى بىرسى جىجىۋەتسە ياكى مەينەت قىلىۋەتسە ئىچىڭىز ئېچىشىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشىش كېرەك. ئادەملەر ماشىنىڭىزغا قەست قىلمايدىغان پىسخىكىغا ئىگە بولغاندا ئاندىن بۇ جەمئىيەت ئەمىن بولىدۇ. شۇڭا كارخانىچىلار خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك. جۇڭگودىكى كارخانىچىلار گەرچە ئون نەچچە يىللىق تەرەققىياتنىلا بېسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ زېھنى، پۇلى ۋە بايلىقىنى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا بېغىشلىماقتا.

دېڭ شياۋپىڭ ”بىر قىسىملار ئالدىن بېيىسۇن، ئاندىن ئۇلار كېيىنكىلەرگە ياردەم قىلسۇن“‘ دېگەن بولسىمۇ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرگە ياردەم قىلىپ بولالمايۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا نەزەر سالساق، كارخانىچىلارنىڭ بۇ جەھەتتە بەزى ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئىلگىرى نېمىشقا بۇنداق ئىشلارنى قىلمىدۇق ياكى قىلالمىدۇق؟ چۈنكى كارخانىچىلارنىڭ ياشاش مۇھىتى يوق ئىدى، خەير-ساخاۋەت قانۇنى تېخى بارلىققا كەلمىگەنىدى. بۇ قانۇن تېخى يېڭى چىقتى. ئىلگىرى ساۋ دېۋاڭ ئەپەندى 3 مىليارد 600 مىڭ يۈەن بايلىقىنى ئىئانە قىلىمەن دېۋىدى، ئۇنىڭغا 600-700 مىليون يۈەندەك باج كەلدى، بۇ ئەھۋالدا قايسى كارخانىچى خەير-ساخاۋەت قىلىدۇ؟ يېڭى چىققان خەير-ساخاۋەت قانۇنىدا سىز باج تاپشۇرمايسىز ياكى ناھايىتى ئاز تاپشۇرىسىز.

مۇشۇنداق ئەۋزەل يېڭى باج تۈزۈمى يولغا قويۇلسا تېخىمۇ كۆپ كارخانىچى پاراۋانلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ نامراتلار ۋە ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىماي قالارمۇ؟ ئۇلارنىڭ چىقىرىدىغان پۇلى ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلىدىن كۆپ بولسا، نەتىجە، ئۈنۈم ھەقىقەتەن باشقىچە بولىدۇ. شۇڭا دەيمىزكى، كارخانىچىلار قوشۇنىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى دۆلىتىمىزدە چوقۇم ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرنى يۆلەيدىغان بىر دولقۇن پەيدا قىلىدۇ، نەتىجىدە ئىجتىمائىي مۇھىت تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ.

يۈ يىڭ: سىز بايا ساۋ دېۋاڭ ئەپەندىنى تىلغا ئالدىڭىز، مەنمۇ ئۆتكەندە ئۇنى زىيارەت قىلغان، ئۇ ئەمەلىيەتتە شىركەتنىڭ پېيىنى ئىئانە قىلىپ، بىر خەير-ساخاۋەت فوندى تەسىس قىلماقچى بولغان. بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ھەر خىل ئىدارە-بۆلۈملەرگە قاتراپ، ئەڭ ئاخىردا ئۇ فوندنى تەسىس قىلغان. بۈگۈنگىچە ئۇ 11 مىليارد يۈەن ئىئانە قىلدى. شۇڭا جۇڭگونىڭ كارخانىچىلىرىغا قارايدىغان بولساق، خەير-ساخاۋەت قىلسۇن ياكى ئىش-ئوقەت قىلسۇن، ئىشلىرى خېلىلا تەس. سىز بايا ياخشى تۈزۈم بەرپا قىلىش كېرەك دېدىڭىز، سىز دەۋاتقان بۇ ياخشى تۈزۈم ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت زادى نېمە؟ قەدىمكى جۇڭگودىن بۈگۈنگىچە، چەت ئەلدىن جۇڭگوغىچە بۇ ھەقتىكى قاراش خېلى ئايدىڭ، ئەمما ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا ھەر خىل شاۋقۇن-سۈرەنلەرنىمۇ ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز. شۇنداقتىمۇ جۇڭگو كارخانىچىلىرى يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە، جېنىنى ساقلاپلا قالماي بەلكى قالتىس ئىشلارنىمۇ قىلماقتا، سىزچە، جۇڭگو كارخانىچىلىرىدىكى روھ نېمە؟

رېن جىچياڭ: ئىككى يۈز يىللىق تارىختىن قارىغاندا، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلەر سىياسىيونلار ئەمەس، بەلكى كارخانىچىلار. چۈنكى سىياسىيونلار چىقارغان سىياسەت ۋە قارارلاردا مەسىلە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، بۈگۈن مەسىلە بار دەپ قارالمىغان ئىشلاردىن كەلگۈسىدە مەسىلە چىقىشى مۇمكىن.

يۈ يىڭ: نېمىشقا مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟

رېن جىچياڭ: ئەڭ تىپىك مىسالنى دەي، پار ماشىنىسى چىقمىغان مەزگىلدە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى كالا ھارۋىسى ۋە ئات ھارۋىسىنى قوغداش قانۇنى چىقاردى، بىز نېمىشقا يولنى «马路» دەيمىز؟ چۈنكى يوللار ئات ھارۋىسى بىلەن كالا ھارۋىسى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان-دە. پار ماشىنىسى چىققاندا ئات ھارۋىسى بىلەن كالا ھارۋىسىنى قوغداش ئۈچۈن «قىزىل بايراق قانۇنى» دېگەن بىر قانۇن چىققان، بۇ قانۇندا بېكىتىلىشىچە، پار ماشىنىسى قوزغالغاندا ئۈچ ئادەم قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ ماشىنىنىڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك، مانا بۇ قانۇن، چۈنكى قانۇن دېگەن مەڭگۈ كونىسىنى قوغدايدۇ. يېڭى تېخنىكا چىقىپ، نۆۋەتتىكى پايدا-مەنپەئەت توقۇنۇشىغا دۇچ كەلگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟ مەسىلە مانا مەشەدە. قىزىل بايراق قانۇنى چىققاندا پار ماشىنىسىنىڭ سائىتىگە ئاران 4 كىلومېتىر مېڭىشىغا يول قويۇلغان، بىز بەزى كونا فىلىملەردىن ئات مىنگەن چەۋەندازنىڭ پويىزغا يېتىشىۋالغانلىقىنى كۆرىمىز، نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇ چاغدا پويىز ئاتتىن ئۆتۈپ كېتەلمەيتتى. ھازىر قاراپ بېقىڭ، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز سائىتىگە 360 كىلومېتىردىن ماڭىدۇ، دۇلدۇل بولسىمۇ ئۇنىڭغا يېتىشەلمەيدۇ.

دېمەك، كارخانىچىلار شۇ دەۋردىن بېرى  پەن-تېخنىكا ئارقىلىق جەمئىيەتنى، ئىجتىمائىي تۈزۈمنى ئۆزگەرتتى، كالا ھارۋىسى بىلەن ئات ھارۋىسىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان قانۇن-تۈزۈممۇ ئاخىردا يېڭى تەرەققىياتقا باش ئەگدى، تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىماي بەلكى ئىلغار پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ھارۋىلارنى ئىسلاھ قىلىشقا، ئۇنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلدى. پويىز ۋە ماشىنا تۇرغان يەردە ھارۋىنىڭ نە ھاجىتى؟ مانا بۇ جەمئىيەت تەرەققىياتى بولماي نېمە؟

ئۆز دۆلىتىمىزدىن مىسال ئالساق، ئاممىۋى ۋەلىسپىتنى ھەممىمىز ياخشى دەيمىز، ياخشى نەرسىنىڭ قايسىبىرى قاتمال قائىدە-تۈزۈملەرنى ئۆزگەرتىشتىن كەلمىدى؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا،  كونا قائىدە-تۈزۈملەر  پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى چۈشەپ قويۇش بىلەن ئاۋارە، ئەمما تەرەققىيات داۋاملىق ئالدىغا ماڭىدۇ.  توردا ھەق تۆلەش دېگەندەك يېڭىلىقلارغا قاراپ باقايلى، بۇ يېڭى ھادىسىلەر بانكا، سودا-سانائەت دېگەندەك باشقۇرۇش تارماقلىرىنى ھۇدۇقتۇرۇپ قويدى، بۈگۈن بىر سىياسەت چىقارسا، ئەتىسى باشقا بىر سىياسەت چىقىرىش بىلەن ئالدىراش، نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇلار پەن-تېخنىكىدىكى ئىلگىرىلەشنى پەرەز قىلىپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايدۇ. كارخانىچىلارنىڭ جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئۇلارنى توسۇپمۇ توسۇپ بولالمايسىز. ئىنتېرنېت ماشىنا كىراكەشلىكى «دى دى» پەيدا بولۇۋىدى، قاتناش مىنىستىرلىكى بىر ھۆججەت چىقىرىپ پىكىر توپلىدى. نەتىجە قانداق بولدى؟ كىشىلەر مىنىستىرلىكنىڭ پىكرىنى قوللىمىدى. ئەڭ ئاخىرىدا قاتناش مىنىستىرلىكى ھۆججەت چىقىرىپ، ھەر قايسى جايلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن سىياسەت بەلگىلىسە بولىدۇ، بىزنىڭ كارىمىز يوق دېدى. شۇنداق قىلىپ، كارخانىچىلار بۇ ئىشتىمۇ غەلبە قىلىپ، پۈتكۈل دۆلەتنىڭ قاتناش تۈزۈمىنى (تاكسىچىلىقىنى، كىراكەشلىكىنى) ئۆزگەرتىپ، كىشىلەرگە قولايلىق ياراتتى. يېڭلىق يارىتىش روھى بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلغانلار ئاخىرقى ھېسابتا ئۇتۇپ چىقىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.  ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەردە مۇشۇ ئەھۋال  بار، يەنى كارخانىچىلار ئىلغار پەن-تېخنىكىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ، شۇ دەۋر، شۇ ماكاننىڭ سىياسىتى ۋە قائىدە-تۈزۈملىرىنى ئۆزگەرتمەكتە. ئۇنداق بولمىسا، ئىنسانىيەت قانداقمۇ 200 يىلدىن بۇيان تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كېلەلەيدۇ؟ كارخانىچىلار ھۆكۈمەتنى قايىل قىلىش، ھەتتا  شۇنداق قىلىشقا قىستاش ئارقىلىق تەرەققىياتنى سىلجىتىپ كەلدى.

مانا ھازىر ئاممىۋى ۋەلىسپىتلەر بېيجىڭنىڭ پۈتۈن كوچىلىرىنى بىر ئالدى، بۇنىڭغا بىر قائىدە-تۈزۈم بېكىتىشىڭىز كېرەك، بۇ ھەقتە قانۇن بارمۇ؟ يوق. بايا مەشەدە ئولتۇرغان بىرەيلەن: ئاممىۋى ۋەلىسپىت بىزنىڭ ئەمەس، بىز پەقەت ئۇنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغىلا ئىگە، دېدى. مەنچە بىزدە ئۇنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ھەم ئىشلىتىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. سىز ئۇنى مۈلكۈم ئەمەس دەيسىز، ئەمما ئۇ نەرسە بىراۋدىن مۈلۈك ھوقۇقى تەلەپ قىلىدۇ، كارخانىچىلار بۇنىڭغا كەلگەندە سەزگۈر، ئەگەر ئۇلار مۈلكىنى ھەممەيلەنگە ئورتاق تەقسىم قىلىپ بېرىۋەتسە قانداق بايلىق يارىتالايدۇ؟ بايلىق دېگەن نېمە؟ بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. بايلىق دېگەننى بىز ئۆتمۈشتە باي غوجاملار يەرگە كۆمۈپ قويغان ئالتۇن-يامبو دەپ قارايتتۇق. شۇڭا ئۆي چاققاندا يەرلەرنىڭ ئاستىدىن تىللا چىقىپ قالارمۇ دەپ كولاپ باقاتتۇق. ئەمما ئۇ بايلىق ئەمەس، ئۇنى بىز پۇل-پىچەك دەيمىز. بايلىق دېگىنىمىز، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ۋە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي رولىنى جارى قىلدۇرالىغان نەرسىدۇر.

شۇڭا كارخانىچىلار بايلىق يارىتىش داۋامىدا مەبلىغىنى توختىماي ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. مىسالەن، بېل گەيتىس مۇنچىلىك پۇلىنى پالانى نەرسىنى تەتقىق قىلىشقا ئىشلىتىپتۇ دېگەننى ئاڭلاپ تۇرىمىز. كارخانىچىلار ھازىر يوق نەرسىنى تەتقىق قىلىشقا مەبلەغ سالىدۇ، بەلكىم ئۇ نەرسە ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن ماددىلىرى ياكى ئىجتىمائىي تۈزۈمى يول قويمايۋاتقان نەرسە بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، غول ھۈجەيرە تېخنىكىسى، كېسەلنى گېندىن داۋالاش… دېگەندەك. بىر كارخانىچى چىقىپ:  مەن جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشۇم كېرەك، مەن كىشىلەرگە پايدىلىق تەتقىقات ئۈچۈن مەبلەغ سالىمەن،  مۇكاپات تەلەپ قىلمايمەن، دېسە،  ئەگەر ئىشىدا نەتىجە قازىنىپ يېڭى مەھسۇلاتنى (مەسىلەن، بىرەر يېڭى دورىنى) ھەقىقەتەن بارلىققا كەلتۈرسە، بۇنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. مەزكۇر يېڭى دورا داۋالاش سۇغۇرتىسى تىزىملىكىدىكى دورىلار قاتارىغا كىرمىدى دەيلى، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇ داۋالاشتا كەم بولسا بولمايدىغان دورىغا ئايلانغاندا، سۇغۇرتا تىزىملىكىدىكى دورىغا ئايلىنىدۇ، سۇغۇرتىنىڭ قائىدە-تۈزۈمىمۇ ئۆزگىرىدۇ.

شۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەككى، كارخانىچىلار قوشۇنى پۇل تېپىش ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان قوشۇن ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم رولى جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. كارخانىچى روھى دېگەن نېمە دېسىڭىز، مەن شۇنداق جاۋاپ بېرىمەن: كارخانىچى روھى دېگەن ھەر قانداق قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق، بەلكى ئۇنىڭدىن بۆسۈپ ئۆتۈش. ئەگەر سىز ھازىرقى تۈزۈم مۇشۇنداق تۇرسا، مەن بۇ تۈزۈم بويىچە ئىش قىلمىسام بولمايدۇ، دېسىڭىز، شۇنى ئويلاپ بېقىڭ: باشقا ئەللەردە شوپۇرسىز ماشىنا قانداق بارلىققا كەلدى؟ شوپۇرسىز ماشىنا ھەيدەش قانۇنغا خىلاپ. ئەگەر سىز بۇ قانۇننى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنسىز ئاۋۋال شوپۇرسىز ماشىنىڭىزنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ، قاتناش ئورۇنلىرىنى قايىل قىلىشىڭىز كېرەك، شۇندىلا سىز غەلىبە قازىنالايسىز. مانا بۇ كارخانىچىنىڭ رولى، ئەگەر كارخانىچىدا مۇشۇنداق روھ بولمىسا، ئۇنىڭ ئۇششاق سېتىقچىدىن نېمە پەرقى؟ كارخانىچىدا جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان جاسارەت ۋە بۆسكەك روھ بولغاندىلا سودا ساھەسىدە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ ۋە قىممەت يارىتالايدۇ.

يۈ يىڭ: سىز بايا كارخانىچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۆز بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ،  جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېدىڭىز. ئەمما جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، كۆپىنچى كىشىلەر كارخانىچى دېسىلا قاقۋاش، ۋىجدانسىز ئوقەتچىلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. چۈنكى كارخانىچى دەپ ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى سىز ئېيتقاندەك ئۇنداق يۈكسەك غايىگە ئىگە ئەمەس. مەن ئىلگىرى ئامېرىكىدىن كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن پاراڭلاشقان، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگودا يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىلار دەسلەپتىلا يۇقىرىغا يامىشىپ، كارخانىلىرىنى پاي چېكى بازىرىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنىدىكەن. ئامېرىكا كارخانىلىرىدا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمەيدىكەن، چۈنكى كارخانا ئاۋۋال ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ جەمئىيەتكە قوشالايدىغان تۆھپىسىنى، بۇنىڭغا كېرەكلىك قىزغىنلىق ۋە جاسارىتىنى ئويلىشىدىكەن. ئەمما جۇڭگودا تېخىچە «ھەممىدە پايدىغا قاراش» (向钱看) ھۆكۈم سۈرمەكتە، بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟ مەسىلەن، سىزدەك كارخانىچىلار جەمئىيەتتە قانداق باشلامچىلىق رول ئويناپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ؟

رېن جىچياڭ: بۇنى بىزدىكى تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان. نېمىشقا ئامېرىكىدا بۇنداق ئىش يوق؟ چۈنكى ئامېرىكىدا پاي چېكى بازىرىغا خالىغان چاغدا كىرەلەيسىز، كىرگەندىن كېيىن  بىر يۈرۈش قانۇن-تۈزۈملىرى سىزنى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ. مېنى خالىغانچە ئالدىيالمايسىز، پېيىڭىزنى بازارغا سالسىڭىز بولىدۇ، ئۇنى جەزمەن نەقلەشتۈرۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوق، پاينى سېتىۋالامسىز-يوق، بۇنىڭ بىلەن كارى يوق، ئەمما سىز ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئاشكارىلاپ تۇرىسىز، بۇلارنى ۋاقتىدا تاماملايسىز، پاي چېكىنى ئېلىش-ئالماسلىقىڭىز ئايرىم مەسىلە. ئامېرىكىدا ھەر خىل پۇل-مۇئامىلە يوللىرى بار، پېيىمنى بازارغا سالمىساممۇ ئوخشاشلا پۇل تاپالايمەن. تەۋەككۇل قىلىپ مەبلەغ سېلىش ۋە باشقا مەبلەغ سېلىش ئۇسۇللىرى بار، بۇلار بىر يۈرۈش سىستېما ۋە ئۆلچەم بويىچە ماڭىدۇ. ئەمما جۇڭگونىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى دېگەندەك ئىلغار ئەمەس ھەم تولۇق ئېچىۋېتىلگەن ئەمەس. پاي چېكى بازىرىمىز نەچچە تاقىلىپ كېيىن ئەسلىگە كەلمىدىمۇ؟ ئىلگىرى بار ئىدى، ئارىلىقتا توختىدى، كېيىن يەنە بار بولدى.  دۆلەت پېيى دەسلىۋىدىلا ئاقمىدى، كېيىن ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلدىغۇ، چۈنكى ھۆكۈمىتىمىز پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى قانداق باشقۇرۇشنى ئۆگىنىپ بولالمىدى، شۇڭا بىر قىسىم ساھەنى ئېچىۋېتىشىمۇ ئاستا بولدى.  قانداقلىكى بىر نەرسىنى تەستىقلاتسىڭىز پۇلغا يارايدىغان بولدى. ئەگەر لى كېچىياڭ زۇڭلىنىڭ ئېيتقىنىدەك، ھۆكۈمەت ئەگەر تەستىقلاش ھالقىلىرىنى ئازايتسا، بۇنداق مەسىلە چىقارمىدى؟ چىقمايتتى. پاي چېكى بازىرىغا كىرىمەن دەپ قانداق قىلاتتىڭىز؟ كىرسىڭىزمۇ ھېچكىمنىڭ سىز بىلەن كارى يوق، چۈنكى بۇ بازارغا كىملا كىرسە بولىۋېرىدۇ. كارخانىچىلار ھازىرمۇ ئۆز ئىچىدە شىركىتىمىز پاي چېكى بازىرىغا كىرسە بولامدۇ-بولمامدۇ، ئۇنىڭغا بېلەت تاشلامدۇق-يوق، دەپ ئېھتىيات بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ يۈرۈيدۇ، شۇ تەرىقىدە ئون مىڭلىغان شىركەت پاي چېكى بازىرىغا كىرىشنى تاللىسا، سىز يەنە ئۇ بازارغا كىرەمسىز؟ كىرمەيسىز. شۇڭا ئامېرىكىدىمۇ بۇنداق تۈزۈم شارائىتىدا ھېچقانداق شىركەت ئالدىراپ پاي چېكى بازىرىغا كىرىشنى ئويلاشمايدۇ. جۇڭگودا بۇ پۇرسەت ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن شىركەتلەر پايچىك بازىرىغا كىرىشكە قاراقچىنىڭ كېمىسىگە چىقىشقا ئالدىرىغاندەك ئالدىراپ كېتىشىدۇ، كېمىگە چىقىپ بولۇپ ئاندىن ئۇنىڭدىن چۈشمەكنىڭ تەسلكىنى ھېس قىلىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل-مۇئامىلە قانۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

تەستىقلاش تەس بولغان ھۆججەتلەر پۇلغا يارايدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان ئىشلار مەۋجۇت. مەسىلەن، نوپۇس بېجىرىش دېگەندەك.  شۇڭا جۇڭگو يەنىلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىمۇ داۋاملىق ئېچىۋېتىش مەسىلىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگودىكى ئىسلاھات نېمىگە تايىنىدۇ؟ بىرىنچىدىن، سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچېۋېتىشكە، ئىككىنچىدىن، دۆلەت ئىچىدىكى ئىشىكنى ئېچىۋېتىشكە تايىنىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دېگەنلىك، كۆپچىلىكىنىڭ پۇت-قولىنى چۈشەپ قويماي، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا يول قويۇش، قانۇن-تۈزۈم ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشىغا يول قويۇش دېگەنلىكتۇر. ئېچىۋېتىلگەن شەھەرلەردىكى ئەركىن سودا رايونى ئەنە شۇ قانۇن-تۈزۈم چەكلىمىسىنى «بۆسۈپ ئۆتۈش»نىڭ نەتىجىسى بولۇپ، سىناق ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن ئالاھىدە رايون قانۇنى تۈزۈلدى ياكى ئەسلىدىكى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇن-تۈزۈمنى «بۆسۈپ ئۆتۈپ» يېڭىلىق يارىتىشنىڭ نەتىجىسى.

يۈ يىڭ: ئەمما سىز چوڭ ۋەزىيەت، چوڭ مۇھىتتا بولۇۋاتقان ئىشلارنى دەۋاتقاندەك قىلىسز، بىز مۇشۇنداق مۇھىت، مۇشۇنداق بىر دەۋردە ياشاۋاتقان تۇرساق، «بۆسۈپ ئۆتكۈدەك» نېمە ئىشلارنى قىلالايتتۇق؟

رېن جىچياڭ: قانداق قىلالايتتۇق؟ ئاستا-ئاستا قىلىمىز، بۈگۈن بىر نەرسىنى ئىسلاھ قىلساق، ئەتىسى بىر نەرسىنى، ئۇنىڭ ئەتىسى يەنە باشقا نەرسىنى ئىسلاھ قىلىمىز. ئىسلاھ قىلغان نەرسىلەر كۆپەيگەنچە چوڭ ئۆزگىرىش مەيدانغا كېلىدۇ. سىز چوقۇم تىرىشىشىڭىز كېرەك. ھەممە ئادەم تۈگۈلۈۋېلىپ، مەن قىلالمايمەن، مەن بولمايتتىم، مەن چېقىلالمايتتىم دەپ قېچىپ تۇرۇۋالسا، ئىسلاھات-ئۆزگىرىش قانداق بارلىققا كېلىدۇ؟ شۇڭا ئاز-ئازدىن بولسىمۇ تىرىشىش، ھېچ بولمىسا نېمە قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك.  مەسىلەن، دۆلەتنىڭ يەر-زېمىن بايلىقى ئىقتىسادقا،  پۇل-مۇئامىلىگە  بېرىپ چېتىلىدۇ، سىز بۇنى بىلىشىڭىز ۋە چامىڭىزنىڭ يېتىشىچە ئىسلاھاتقا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىڭىز كېرەك. يەنە مەسىلەن،  REITs(ئۆي-مۈلۈك مەبلىغى ھاۋالە فوندى) غا يول قويدۇق دەيلى، ھالبۇكى ئامېرىكىدا بۇ خىل فوندلارغا باج ئېلىنمايدۇ، بىز نېمىشقا باج ئالىمىز؟ ئامېرىكا بۇ قېتىم باجنى ئازايتتى، بىزمۇ بۇنى ئويلىشىشىمىز كېرەك.

بۇ ئىشلار گەرچە ئاستا بولسىمۇ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىز، بىر جايىڭىزدا تۇرۇۋالماسلىقىڭىز كېرەك. بۇنىڭدا كىملەرگە تايىنىمىز؟ ئەلۋەتتە كارخانىچىلارغا تايىنىمىز. ئەگەر كارخانىچىلار سودىنىڭ، پۇلنىڭلا گېپىنى قىلىپ يۈرىۋەرسە بىر جايىدا توختاپ قالىدۇ. ئۆزەم بېيىساملا بولدى دەپ ئويلىسا ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ. يەنە شۇنى تەكىتلەيمەنكى، جەمئىيەت تەرەققىي قىلمىسا، كارخانىچىلار پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. شۇڭا كارخانىچىلار چوقۇم جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سەركىلىرىدىن بولۇشى لازىم، شۇندىلا ئالدىن بېيىش ئارقىلىق كېيىنكىلەرگە تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق كۈچكە ئايلىنالايدۇ. ئەمما ئۈمىدنى بەك چوڭ قىلىۋەتمەسلىك كېرەك، بىرىنچى ئەۋلاد كارخانىچى ھەل قىلالمىغان مەسىلىنى ئىككىنچى ئەۋلاد كارخانىچى ھەل قىلىشى مۇمكىن. بىر نەچچە ئەۋلاد مۇشۇنداق تىرىشىش ئارقىلىق چوڭ مەسىلىلىرىمىز ھەل بولىدۇ، تەرەققىيات داۋاملىشىدۇ.

يۈ يىڭ: دېمەكچى بولغىنىڭىز، بىرىنچى ئەۋلاد كارخانىچى كۈچىنىڭ يېتىشىچە تەرەققىياتقا تۆھپە قوشىدۇ، ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بەلكىم بۇ جەرياندا تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. سىزنىڭچە، ھاياتىڭىزدا دۇچ كەلگەن ئەڭ زور قىيىنچىلىق نېمە؟ ئۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟

رېن جىچياڭ: ئادەم ئۆمرىدە بىر تالاي مەسىلىلەرگە يولۇقىدۇ، مەنمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن. ئەمما مەنچە، مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگىنىڭىزدە بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغىنىڭىز باشقىلارغا كېرەكلىك بولغان  بىلىمىم، تەجرىبەم ياكى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمنى ئۇلارغا بىلدۈرۈش كېرەكمۇ-يوق؟ مەنچە بىلدۈرۈش كېرەك. مەن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، «مۇھىتقا ماس ئۆي-مۈلۈك» مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىشكە تىرىشتىم، مول نەتىجە قازاندۇق. بۇنىڭدىن ئېرىشكەن خۇشاللىقلىرىمىز ئۈندىدار ئويناپ ئېرىشكەن خۇشاللىقلاردىن كۆپ. بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتكە نۇرغۇن پايدىلىق ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدۇق.

تۈنۈگۈن كەچتە رەسساملار يىغىلىشىدا بىرەيلەن رەسىمىمنى سىزدى، دەسلەپتە كىمنى سىزغانلىقىنى ئۇقالمىدۇق، كېيىن ئۇ رەسسام زەر بوياقنى بىر پۈركۈۋىدى،  رەسىم روشەنلەشكەندە قارىسام مەن ئىكەنمەن. ئاندىن بۇ رەسىمنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىپ مۇھىت ئاسراش ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولدۇق. قانچە پۇلغا ساتتۇق، بىلەمسىلەر؟ بىر مىليونغا. رەسىمنى ئالغان ئادەم ماڭا، بۇ رەسىمنى يەنە بىر قېتىم كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى قاتناشتۇرۇپ،  تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى جەمئىيەتكە، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتەيلى، دېدى.

بىز يەنە دېھقانلارغا ھەمكارلىشىپ قۇمنى تىزگىنلەپ، تېرىق تېرىماقچى. ئىسرائىلىيەتنىڭ تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، پۈركۈپ سۇغىرىدىغان تېرىق تېرىيمىز. قۇملىشىش قانداق پەيدا بولىدۇ؟ يەر ئاستىدىن كۆپ مىقداردا سۇ تارتىش تۈپەيلىدىن سۇ قاتلىمى بارغانچە پەسلەيدۇ، ئاندىن بۇ يەردىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر قۇرۇپ كېتىدۇ، ئوت-چۆپ دېگەن نېمە قالمايدۇ. شۇڭا بىز قۇملۇققا كۆممىقوناقنىڭ ياۋىسى بولغان چۈژگۈن ۋە سۇ يېمەيدىغان تېرىقلارنى تېرىپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇ قاتلىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز. نەتىجىدە قۇملىشىشنى تىزگىنلەيمىز. نۇرغۇن ئادەم بىز تېرىغان تېرىقلارنى سېتىۋالىدۇ، بىز ئىككى يىل بۇرۇن 20-30 مو يەردىن ئىش باشلىغان، ھازىر ئون مىڭ موغا يەتكۈزدۇق. پىلانىمىزدا بۇنى 150 مىڭ موغا يەتكۈزمەكچى. مۇشۇنداق قىلساق، تېڭگېر چۆللۈكىدىكى سۇ بايلىقى قايتىدىن شەكىللىنىدۇ.

ئۆتكەن يىلى بىز 750مىڭ كۇپ مېتىر سۇ تېجىدۇق، بۇ سۇ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىر قېتىم يۇيۇنىشىغا يېتىدۇ. سىلەر شۇنچىلىك بىر تېرىقنىڭ قانچىلىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىلەر. شۇڭا مەن بارلىق كارخانىچىلارنىڭ ئاممىۋى ئىگىلىك، ھۈنەر-تېخنىكا، پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللاپ، مۇھىتىمىزنى ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ بۇ رەسىمىم بەلكى ئىككى مىليونغا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىشى مۇمكىن، سېتىلىپ قالسا يەنە بىرەيلەن چىقىپ: بۇ رەسىمىڭىزنى يەنە بىر قېتىم ئىئانە قىلىڭ، يەنە بىر قېتىم كىم ئارتۇق قىلىپ ئۈچ مىليونغا ساتايلى، تېخىمۇ كۆپ كارخانىچى پاراۋانلىق سېپىگە قېتىلسۇن، دېيىشى مۇمكىن. مەن بۇ ئىشلاردىن تېلېفون ئويناپ ئېرىشكەن خۇشاللىقتىنمۇ چوڭ خۇشاللىق تاپىمەن.

يۈ يىڭ: ھازىرچە سىزنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانىڭىز ۋە غايىڭىز نېمە؟

رېن جىچياڭ: مەن دەم ئېلىشقا چىققان ئادەم، يۈكسەك نىشان، ئۇلۇغ غايىلىرىممۇ يوق. ئۆمرۈمدە دۆلەت كادىرى بولۇپ باققانمۇ ئەمەسمەن. ئەمما بىر كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆڭلۈمدە شۇ نەرسە ئېنىقكى، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىنساۋى ۋە مەرتلىكىنى نامايەن قىلسۇن. ئەگەر شۇنداق قىلالىسا بۇ جەمئىيەت ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ئادەملەر ھوقۇق-ئەمەل، نام-مەنپەئەت كويىغا كىرىپ كەتسە، بۇ جەمئىيەت ناچارلىشىدۇ. شۇڭا مەن ھەر كىمنىڭ ئۆز قەلبىنى، مۇھەببىتىنى جەمئىيەتكە بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇندىلا جەمئىيىتىمىز گۈللىنىدۇ، پۇقرالار ياخشى ياشىيالايدۇ.

  (سۇمرۇغ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)             

]]>
http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1704.html/feed 0
ئورخان پامۇك ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1692.html http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1692.html#comments Tue, 21 Nov 2017 02:38:56 +0000 ئەرتۈرك http://www.tepekkur.com/?p=1692 تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ 30 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىيەت ھاياتى ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپلەرگە تولغان ھايات بولۇپ، تۇنجى رومانىدىن باشلاپ ھازىرغىچە تۈركىيە ۋە خەلقئارادا 24 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 2006-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالدى ۋە بۇ مۇكاپاتنى ئالغان تۇنجى تۈرك ھەمدە ئەڭ ياش ئىككى كىشىدىن بىرى بولدى. ئەسەرلىرى 60 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى، يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتتە نەشىر قىلىندى، 11 مىليون نۇسخىدىن ئارتۇق بېسىلدى. 2006-يىلى ”ۋاقىت“ ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى داڭلىق 100 شەخسىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. 2006-يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئامېرىكا يالى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 12 ئۇنىۋېرسىتېت ئۇنىڭغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى، 2005-يىلى ئامېرىكا يازغۇچىلار، سەنئەتچىلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي ئەزاسى، 2008-يىلى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسىنىڭ پەخرىي ئەزاسى بولدى.
ئورخان پامۇك نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن خەلقئارادا تېخىمۇ تونۇلدى، دۆلىتىمىزگە دەرھال تونۇشتۇرۇلدى، رومانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىنگىلىزچىدىن ياكى تۈركچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىندى. ئەدەبىياتىمىزدا بىر مەھەل ”ئورخان پامۇك قىزغىنلىقى“ يۈز بەردى، ئۇنىڭ «يېڭى ھايات»، «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»، «جىمجىت ئۆي»، «مەسۇمىيەت موزېيى» قاتارلىق رومانلىرى ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى، بۇ ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ تېز نەشر قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەرلەر نەشر قىلىنغاندىن كېيىن تورلاردا بەس-مۇنازىرىلەر بولدى. ئەدەبىيات قوشۇنىمىزغا يېڭى قېتىلغان ياشلارنىڭ ئورخان پامۇك ئەسەرلىرىنى ئوقۇشى، ئىجادىيىتىدىكى يېڭىلىقلارنى بايقىشى، ئىلھاملىنىشى ۋە ئۇنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن سېلىشتۇرۇشى نەتىجىسىدە بۇ قىزغىنلىق ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

پامۇك ئائىلىسى

ھەر قانداق بىر يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇنىڭ ئائىلىسى تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ڧرانز كاڧكانىڭ ئىچ مىجەز، چۈشكۈن، ئۈمىدسىز خاراكتېرىگە ئۇنىڭ دادىسى سەۋەبچى بولغان. لېۋ تولىستوينىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىگە خوتۇنى سەۋەبچى بولغان… دېگەندەك . ئورخان پامۇكمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، بەلكى ئائىلىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇنبەت بىر ئىجادىيەت تۇپرىقى، ئىلھام بۇلىقى بولغان، بىر نەچچە رومانىنى ئائىلىسىنى، جەمەتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ يازغان.
ئورخان پامۇك 1952-يىلى 7-ئايدا ئىستانبۇلنىڭ ياۋروپالىشىپ كەتكەن، ئەڭ باي رايونلىرىدىن بىرى بولغان نىشانتاش كوچىسىدا باي بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان. بوۋىسى مۇستاپا شەۋكەت ئىستانبۇل تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن تۆمۈر يول مۇتەخەسىسى بولۇپ، ئىسمەت پاشا دەۋرىدە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىپ، قىسقا مۇددەتتە نۇرغۇن پۇل تاپقان. ئۇ پاكىزە خانىم بىلەن ئۆيلەنگەن بولۇپ، ئۆزخان، ئايدىن،گۈندۈز (ئورخان پامۇكنىڭ دادىسى) ۋە گۆنۈل دېگەن تۆت بالىسى بولغان. ئۇ 1934-يىلى ۋاپات بولغاندا پۈتۈن ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى يىقىلغاندەك بولغان. ئورخان پامۇك بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: “ بوۋامنىڭ ۋاپات بولۇشى كۆپلەپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش دېگەنلىك ئىدى. ئىنژېنىرلىك كەسپىدە ئوقۇغان دادام بىلەن تاغام بوۋامدىن قالغان پۇل-مالنىڭ كۆپ قىسمىنى تاكى 1950-يىللارغا قەدەر ئۇنىڭ-بۇنىڭغا مەبلەغ سېلىش، زىيان تارتىش بىلەن تۈگەتتى. ھالىمىز بەك خاراپلىشىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، تۇرمۇشىمىز خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. مېنىڭ بالىلىقىم ئۆيدىكى ئۇ مال، بۇ مالنى سېتىش غەۋغاسى، مومامنىڭ يىغىسى ۋە نامراتلىشىپ كېتىشتىن قورقۇش ۋەھىمىسى ئىچىدە ئۆتتى. دادام مەبلەغ سالغۇچى ياكى قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى بولۇشتىن ۋاز كېچىپ، كارخانا، شىركەت باشقۇرغۇچى بولدى. بىزنى تاشلاپ پارىژغا كەتتى، بىر مەزگىل شۇ يەردە ياشىدى“.
ئورخان پامۇكنىڭ دادىسى گۈندۈز پامۇك قۇرۇلۇش ئىنژىنېرلىقىدا ئوقۇغان بولۇپ، ئىشلىرى ئاقمىغاندىن كېيىن پارىژغا كېتىپ، IBM شىركىتىدە ئىشلەيدۇ، كېيىن بۇ شىركەتنىڭ تۈركىيەدىكى ۋاكالەتچىلىكىنى ئېلىپ، 1959-يىلدىن 1964-يىلغىچە بۇ شىركەتنىڭ مۇدىرى بولىدۇ. 1964-يىلى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەردىن بولغان كوچ گۇرۇھىغا كىرىپ، بۇ شىركەتنىڭ مۇھىم مەسئۇللىرىدىن بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1978-يىلدىن 2001-يىلغىچە ئۆزى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. 2002-يىلى ۋاپات بولىدۇ.
ئورخان پامۇك ئانا تەرەپتىن 1720-يىللاردا گىرىتتا ۋالى بولغان ئىبراھىم پاشاغا تۇتىشىدۇ. ئىستانبۇل تىجارەتخانىسىنى قۇرغۇچىلاردىن باسماجىزادە ئىسىملىك كىشى ئورخاننىڭ چوڭ بوۋىسى (بوۋىسىنىڭ دادىسى) ئىبراھىم ڧەرىت بولۇپ، جەۋدەت، فۇئات، ئىززەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولغان. ”بىر زامانلار ئىش بانكىسىنىڭ باشلىقى بولغان ڧەرت باسماجىمۇ ئانا تەرەپ جەمەتىمىزدىندۇر، مېنىڭ پەقەت ياقتۇرمايدىغان، بىر كىمنىڭ بىلىپ قېلىشىنىمۇ خالىمايدىغان كىچىك ئىسمىممۇ ڧەرىتتۇر. بۇ جەمەتتىن بەزىلىرى باسمان، بەزىلىرى باسماجى دېگەندەك تەگئاتلار قوللاندى، ئەمما ھەممىسى بىر جەمەتتىن“ دەيدۇ ئورخان پامۇك. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ دادىسى جەۋدەت ڧەرىت (1882—1953) گېرمانىيەدە قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1933-يىلى مۇستاپا كامالنىڭ ئىسلاھاتىدىن كېيىن بۇ يەردىن ھەيدەلگەن. جەۋدەت ڧەرىت نىكڧال خانىم بىلەن ئۆيلەنگەن بولۇپ، تۇركان، شەكۇرە (ئورخان پامۇكنىڭ ئاپىسى)، گۈلگۈن ئىسىملىك ئۈچ قىزى بولغان. گۈندۈز پامۇك بىلەن شەكۇرە 1949-يىلى توي قىلغان. “ كىنوخانىنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى دادام بىلەن ئاپام كىنوخانىدا تونۇشۇپتىكەن. 1950-يىلى ئاكام شەۋكەت پامۇك تۇغۇلدى، 1952-يىلى مەن تۇغۇلدۇم، ئورخان دېگەن ئىسمىمنى ئاپام قويۇپتىكەن. ئاكام بىلەن پەقەت چىقىشالمايتتىم. چۈنكى ئۆيدە ئۇ دائىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىۋالاتتى، ھەممە ئىشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋالاتتى، مەن شۇمتەككە خىيال سۈرۈشتىن باشقا ئىش قالمايتتى. ئەسەرلىرىمدە بۇنى ئىپادىلەپ قويغاچقا مەندىن خاپا، بۇنى توغرا چۈشىنىمەن. ھالبۇكى مەن يازغۇچى، بىر ئەسەر يازغىنىمنى ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتىمەن، داۋاملىق يازىمەن. ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇپ يۈرۈشنى ۋە باشقىلارغا ناچار تەسىر بېرىشنى خالىمايمەن، ھازىرغىچە مۇناسىۋىتىمىزنى بەك ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ بىز يەنىلا قېرىنداش“ دەيدۇ ئورخان پامۇك.

ئورخان پامۇكنىڭ ھاياتى

ئورخان پامۇك دادىسى ۋە تاغىسى ئوقۇغان باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئىككى يىلدىن كېيىن دادىسى IBM شىركىتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئەنقەرەگە كەتكەندە، بۇ شەھەردىكى مىمار كامال باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگىنىدە بۇرۇنقى مەكتىپىگە كىرەلمەي، شىشلى تەرەققىيات مەكتىپىدە باشلانغۇچنى پۈتتۈرىدۇ. ئاندىن روبېرت كولېژ (ئىنگىلىز تىلنى ئاساس قىلىدىغان كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ) دە ئوقۇيدۇ. “ ئۇ چاغدا تىرىشمايتتىم، ھورۇن ھەم ھاكاۋۇر ئىدىم، تولا چاقچاق قىلاتتىم، نەتىجەم تۆۋەن ئىدى. باينىڭ بالىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كېتەلمەيتتىم، قىزلار بىلەن مۇھەببەتلىشەلمەيتتىم، ئىچىم ئاجىز ئىدى، ئۆزەمنى كەمسىتەتتىم. ھازىرقىغا قەتئىي ئوخشىمايدىغان بىر خاراكتېرىم بار ئىدى“ دەيدۇ ئورخان پامۇك. ئۇ 1970-يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىستانبۇل تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىناكارلىق كەسپىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۈچىنچى يىلىغا بارغاندا مەكتەپتىن چىقىۋالىدۇ، ئەسكەرلىك مەجبۇرىيىتىدىن قېچىپ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ، 1977-يىلى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ، يەنە ھەربىيلىككە بېرىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ماگېستىرلىق ئوقۇشىغا كىرىدۇ، يېرىم يولدا بۇ ئوقۇشتىنمۇ ۋاز كېچىپ، كېيىن ئامالسىز 4 ئاي ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
ئالتە، يەتتە يېشىدىن باشلاپ رەسىم سىزىپ كەلگەن ھەم رەسسام بولىمەن دەپ ئويلىغان پامۇك، 22 يېشىدا يازغۇچى بولۇش قارارىغا كېلىدۇ. تۇنجى رومانى “ قاراڭغۇلۇق ۋە نۇر“ نى يېزىشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا ئۇ باي ساۋاقداشلىرى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ھۇجرىسىغا بېكىنىپ، ئۆز دۇنياسىغا كىرىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ئۆيىدە ئادەم تولا، غەۋغا تولا ئىدى؛ پامۇك مۇنداق دەيدۇ: “ ئۇرۇغ-تۇغقان، جەددى-جەمەتىمىز كۆپ بۇ ئائىلىنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرى چوڭقۇر. ھالبۇكى تۈركىيەدە 70، 80 پىرسەنت ئائىلىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق. دادام بىلەن ئاپام ئۇرۇشۇپ قالغاندا مېنى باشقا بىر تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىگە، ئاكامنى يەنە بىرەيلەننىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قوياتتى. دادام دائىم ئۆينى تاشلاپ، گەپ قىلماي ڧرانسىيەگە كېتىۋالاتتى، ئايلاپ، ھەتتا يىللاپ كەلمەيتتى. مەن بۇنىڭدىن بەك ئاغرىنىپ كەتمەيتتىم، ھەتتا خوش بولۇپ قالاتتىم. چۈنكى ئۆيىمىز تىنجىپ قالاتتى، مەنمۇ ئەركىن نەپەس ئالاتتىم. ئاپام ھۇجرىسىدىن تالاغا قاراپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن ھەسرەت چېكىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. دادامنىڭ يوقلۇقىغا خۇرسەن بولىدىغىنىمنى بىلگەچكە “ داداڭ بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتسە خوش بولىسەن ھە، كەلمىسىكەن دەيسەن- ھە“ دەيتتى. ئىككىسى 1972-يىلى ئۆي ئايرىدى، 1978-يىلى رەسمى ئاجراشتى. ئۇ چاغدا ئاكام ئامېرىكىدا ئوقۇيتتى. ئاپام بىلەن شۇنچە چوڭ ئۆيدە يالغۇز قالدىم. بۇ مېنىڭ ئەڭ مۇشەققەتلىك كۈنلىرىم ئىدى. ھەر كۈنى ھۇجرامدا ئولتۇرۇپ رومان يازاتتىم. ئاپام ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ: ”يەنە يېزىۋاتامسەن؟ تاماكىنى ئاز چەك، كۆزۈڭنى ئاسرا…“ دەپ قوياتتى. مەن ھەر كۈنى ئون سائەت رومان يازاتتىم، قاچان پۈتىدىغىنىنى، قاچان نەشىر قىلدۇرالايدىغىنىمنى بىلمەيتتىم. ئاپام بۇنچە تۈگىمەيدىغان يېزىقچىلىقىمدىن بىزار بولۇشقا باشلىدى. شۇنچە ئوقۇپ بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتمىدىڭ، ھېچ ئىشقا يارىمىدىڭ، ئەتىدىن كەچكىچە ئاقمايدىغان ئىشقا كىرىشىۋالدىڭ… دەپ قاقشايتتى. بۇ ھال مېنىڭ كەيپىياتىمنى بۇزاتتى. 25 تىن ئېشىپ كەتكەنىدىم، تالاغا چىقماي، ئىشلەپ پۇل تاپماي بىكار يېتىپ يەيتتىم، بىر نېمىلەرنى يازاتتىم. ئۆزەمنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ، بولۇپمۇ دادام بىلەن ئاپامغا كۆرسىتىش، ئۆزەمنىڭ يارىماس ئەمەسلىكىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يازاتتىم.. يەنە كېلىپ، ياشلىق ئارزۇ-ئىستەكلىرىمگە يېتەلمىگەنىدىم، كۆڭلۈمدىكىدەك بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلىشەلمىگەنىدىم، جەلپ قىلىش كۈچۈم يوق ئىدى، بۇ ئازابمۇ مېنى بوش قويمايتتى. 30 غا يېقىنلاپ قالغانىدىم، تېخىچە بىرەر ئىشتىن نەتىجە قازىنالمىغانىدىم، ئۇرۇغ-تۇغقانلارنىڭ توي-تۆكۈنلىرىگە بېرىشتىن قاچاتتىم، بىلىدىغانلا كۆڭلۈمنى ئاياپ گەپ سورىمايتتى، بىلمەيدىغانلار ”نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟“ دەپ سوراپ قالسا، ناھايىتى تەستە، بوغۇلۇپ تۇرۇپ: ھېچ..ئىش.. قىلمىدىم، شۇ ئۆيدە…رومان…يېزىۋاتىمەن“ دەپ قوياتتىم. قاتتىق ئوڭايسىزلىناتتىم. چوڭلار مېنى بىر پىچاققا ساپ بولمايدىغان يارىماسقا چىقىرىۋەتكەن شۇ چاغلاردا ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكۈم كېلەتتى… يازغۇچى بولۇش بولماسلىق ئارىسىدا تېڭىرقاپ يۈردۈم، بۇ ھالدا مەن خۇددى 90 مىنۇتلۇق پۇتبول مۇسابىقىسىدا توپ تىقالماي ئۈمىدسىزلىنىپ يۈرگەن پۇتبۇلچىغا ئوخشايتتىم. ئانام پۇل بەرمەيتتى، بىرەر ئىش قىلىپ پۇل تاپ دەيتتى. ئېلان شىركىتىدە ئىشلەپ باقاي دەپ ئويلىدىم، ئەمما ئىشلىيەلمەيدىغانلىقىمنى بىلەتتىم. ئەھۋالىم چاتاق ئىدى، ئەمما بەل قويۇۋەتمىدىم. ئارىلىقتا توي قىلدىم، ئايالىم ئايلىن ئانا تەرەپتىن ئاق ئورۇسقا تۇتىشىدۇ، ئۇ ئېغىر كۈنلەردە ھەمراھ بولدى. 1979-يىلدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىمۇ نۇرغۇن داۋالغۇشلار، ئىنقىلاپلار يۈز بەردى. ئۆزەمنى سولچى ھېسابلايتتىم، ئەمما بىرەر پائالىيەتكە، نامايىشقا قېتىلمايتتىم، مېنى ئۆز قوينىغا ئالالايدىغان بىرەر تەشكىلات ياكى پارتىيەمۇ يوق ئىدى. يەنىلا ئۆز يالغۇزلۇقۇمغا مەھكۇم بولۇپ، ئۆيگە بېكىنىپ رومان يازاتتىم. بۇ مەزگىلدە يەنە كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە كىتاب ئوقۇدۇم. “
ئورخان پامۇك «جەۋدەت بەگ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى»(1982)، «جىمجىت ئۆي» (1983)، «ئاق قەلئە» (1985)رومانلىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ تۈركىيە ۋە خەلقئارادا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئامېرىكا لوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بېرىلگەن ”خەلقئارا يازغۇچىلار كۇرسى“ (IWP) غا قاتنىشىدۇ. بۇ كۇرستا 1985-يىلدىن 1988-يىلغىچە ئۈچ يىل ئوقۇيدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن، ئىستىقبالى پارلاق يازغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىنى تونۇشى ۋە بۇ يەردە ئوقۇغاچ ئەسەر يېزىشى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن بۇ قىممەتلىك پۇرسەت ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتىنى ئۆزگەرتىدۇ. بۇ يەردە ئۇ كۆپلىگەن ئاۋانگارت يازغۇچى-شائىرلار بىلەن تونۇشىدۇ، ئىنگىلىزچە كىتاب، رومانلارنى بىمالال ئوقۇغىدەك، ئوتتۇرىغا چىقىپ پىكىر بايان قىلالىغۇدەك ھەم دەرس بېرەلىگۈدەك سەۋىيەگە كېلىدۇ. نۇرغۇن ئەدەبىي ئېقىملار، بولۇپمۇ كېيىنكى مودېرنىزم ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولىدۇ، بەدئىي ماھارەت ۋە ئىجادىيەت تاكتىكىسىنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە يازغان ”قارا كىتاب“ ناملىق رومانىنى 1990-يىلى نەشر قىلدۇرىدۇ، تېمىدىكى يېڭىلىقى، قۇرۇلمىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى بىلەن تۈركىيەدە غولغۇلا پەيدا قىلىدۇ. چوڭ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىدۇ.
ئورخان پامۇك ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھۇجرىسىغا بېكىنىپ سائەتلەپ رومان يېزىش، كىتاب كۆرۈشتىن باشقا ئىش قىلمايدۇ. سىرتقا چىقسىمۇ پەقەت ئارام ئېلىش، شەھەر ۋە ئادەملەرگە قاراپ ئىلھاملىنىش ئۈچۈن چىقىدۇ؛ ساياھەتكە بارسىمۇ رومان ئىجادىيىتىدىگە ئالاقىدار ئىشلار، تەكشۈرۈشلەر، ئىزدىنىشلەر ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ. پىكىر-خىيالى روماندىكى قەھرىمانلاردىن ئايرىلمايدۇ، ئۇلار ياشىغان مۇھىت، زامان، ئەتراپىدىكى ئادەملەر، يولۇققان سىياسىي ۋەقەلەر، ئۆتمۈشكە ئالاقىدا خاتىرىلەر ياكى يېزىشقا يارىغۇدەك بىرەر ئۇچۇر ۋە ئاجايىپ ئىشلارنى خاتىرىلەشنى قولدىن بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ تەبىرىچە، ئىجادىيەت ”يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغاندەك“ جاپالىق، “ بىر خىش، بىر خىشتىن ئۆي قوپۇرغاندەك“ نازۇك ئىش بولۇپ، سەۋرچانلىق ۋە جاھىللىق تەلەپ قىلىدۇ. تۆت يىلغا يېقىن تىركىشىش نەتىجىسىدە ئۇ 1994-يىلى ”يېڭى ھايات“ رومانىنى تاماملايدۇ.
ئىجادىيىتىدە كونا سەنىمىگە دەسسەشتىن ئۆلگۈدەك قاچىدىغان پامۇك، ھەر بىر رومانىدا يېڭى بىر مېتود، ئۇسلۇب ۋە قۇرۇلمىنى سىناق قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىم بۇرۇنقى رومانلىرىغا ئوخشىمايدىغان رەڭدار بىر رومان يېزىش قارارىغا كېلىدۇ، رەسساملىققا بولغان كونا ئىشتىياقى ۋە بۇ سەنئەتكە بولغان تونۇشلۇقىنى رومان ئارقىلىق ۋايىغا يەتكۈزمەكچى بولىدۇ. نۇرغۇن ئىجادىيەت پىلانلىرى ئىچىدىن ئاخىر بىرنى تاللاپ، كونا ئۇسلۇبتىكى رەسساملىق، مىنياتۇر ۋە ئوسمانلى نەققاشچىلىرىغا ئائىت بىر رومان يېزىش خىيالىغا كېلىدۇ. ئىستانبۇل توپقاپى سارىيىغا نەچچە ئون قېتىم بېرىپ، مىنياتۈر ۋە نەقىشلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ، سائەت-سائەتلەپ خاتىرە يازىدۇ. مۇزېي ۋە ئارخىپخانىلارغا بېرىپ، 1591-يىلىغا ئائىت ئوسمانلى ئارخىپلىرىنى تەكشۈرۈپ، مىراس ھۆكۈملىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئەشيالارنى بىر-بىرلەپ خاتىرىلىۋالىدۇ ھەمدە بۇ ئەشيالاردىن ئەينى چاغدىكى ئوسمانلى پۇقرالىرىنىڭ ئۆيى ۋە ئاشخانىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. ئاكادېمىك تەتقىقات روھىدىن ئايرىلمىغان بۇ خىل ئىزدىنىشلەر كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ ”مېنىڭ ئىسمىم قىزىل“ رومانىنى يېزىشىغا ئىلھام، كۈچ بەخش ئېتىدۇ ۋە رومانغا بەدئىي قىممەت بېغىشلايدۇ. دەرۋەقە بۇ رومان ئىرلاندىيە، ئىتالىيە، ڧرانسىيەدىن تارقىتىدىلىدىغان كاتتا مۇكاپاتلارغا نائىل بولدى.
ئۇ ”بىردىنبىر ئاخىرقى سىياسىي رومانىم“ دەپ ئاتىغان ”قار“ رومانىنى 2002-يىلى نەشىر قىلدۇرىدۇ. بۇ روماننى يېزىشقىمۇ ئۈچ يىلدىن كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ، گېزىت مۇخبىرى سۈپىتىدە تۈركىيەنىڭ كارس ۋىلايىتىگە بېرىپ، رومانغا مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنى ۋە يۈز بەرگەن ئىشلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ. “ بۇ جاي تۈركىيە بىلەن روسىيەنىڭ چېگرىسى بولغاچقا ئاجايىپ ۋەقەلەرگە شاھىت بولغان بىر جايدۇر ،-دەيدۇ ئورخان پامۇك،- قىشى بەك سوغۇق بولىدۇ، كۆپ قار ياغىدۇ، مەن بۇ يەردىكى مەھەللىلەرنى، ئادەملەرنى مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن تەكشۈردۈم. بىر فوتوگرافچى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، ئۇنىڭ قولىدا بەزى كونا سۈرەتلەر بار ئىدى، بىر كۈن ئولتۇرۇپ تەتقىق قىلدىم، بۇ سۈرەتلەرنىڭ ئىچىدە بۇ يەردىكى بىر توي مۇراسىمىدا تارتىلغان سۈرەت دىققىتىمنى تارتتى، سۈرەتتىكى كىشىلەر بۇ يەرنىڭ يېقىنقى تارىخى، تۇرمۇش سەۋىيەسى، بايلار ۋە كەمبەغەللەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر بېرىپ تۇراتتى. مۇشۇنداق قىممەتلىك ئۇچۇرلار دائىم سىز دىققەت قىلمايدىغان يەردىن كېلىدۇ. بىر كۈنى كوچىدا كېتىۋاتسام بىر ساقچى ئەگىشىۋالدى، ماشىنىسىغا ئەكىرىپ بەش مىنۇت سوراق قىلىپ قويۇۋەتتى. سولچىلار ھەر دائىم ئوڭچىلاردىن ئەنسىرەپ تۇرىدىكەن. ئەمما ئۇ يەردە ئىسلامچىلار يوق، «قار» رومانىدىكى ئىسلامچىلارنى مەن تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ كىرگۈزۈپ قويغان. بۇ سىياسىي روماننىڭ بىر ئېھتىياجى. ئەگەر تۈركىيە ھەققىدە بىرەر سىياسىي رومان يازىمەن دەيدىكەنسىز، تۈرك، كۇرت، ئەرمەنى، ئوڭچى، سولچى، ئىسلامچى مەسىلىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلمەيسىز.“
ئورخان پامۇك «قار» ناملىق رومانى بىلەن خەلقئارادا، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا شۆھرەت تاپتى. تۈركىيە ۋە خەلقئارا ئەدەبىيات سەھنىسىدە تېخىمۇ مۇھىم ئورۇن تىكلىدى، چولپان بولۇپ چاقنىدى. ئەمما ئارقىدىن بىر ئېغىز گېپى بىلەن ئۆز بېشىغا بالا تېرىدى. 2005-يىلى شېۋىتسارىيەدە بىر ژۇرنال مۇخبىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە: ”بۇ زېمىندا 30مىڭ كۇرت، 1 مىليون ئەرمەنى ئۆلتۈرۈلدى. تۈركىيەدە مەندىن باشقا ھېچكىم بۇنى تىلغا ئېلىشقا پېتىنالمايدۇ.“ دەپ قويۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 301. ماددىلىق قانۇنىغا ئاساسەن، “ ئۆز مىللىتىنى ھاقارەتلەش جىنايىتى“نى بوينىغا ئارتىۋالدى. تۈركىيە ئىچىدە ئۇنىڭغا قارشى نارازىلىق، ھەتتا نەپرەت سادالىرى ئەۋج ئالدى. 2005-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى سوتقا تارتىلىدىغان بولدى. ئەمما ئادالەت مىنىستىرلىكىدىن رەسمى ئۇقتۇرۇش چۈشمىگەچكە، دەۋا-دەستۇر 2006-يىلى 2-ئايغا كېچىكتۈرۈلدى. بۇ دەۋاغا ئامېرىكا ئارىلىشىۋىدى، تۈركىيە خەلقى ئىچىدىن بۇنىڭغا قارشى نامايىش قوزغالدى. ئورخان پامۇكنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنىنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۇنى تىللىغان، سېسىق تۇخۇم ئاتقان كىشىلەرنىڭ كۆرۈنۈشى تېلىۋىزوردا كۆرسىتىلدى. خەلقئارالىق خەۋەرگە ئايلانغان بۇ ئىش تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىگە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش مەسىلىسىگە چېتىلىپ قالدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارلامنېت باشلىقى : تۈركىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنت (مىللىي مەجلىس) ئارقىلىق بۇ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى كېرەك، ئەڭ ياخشى چارە مۇشۇ، بولمىسا تۈركىيەنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىدۇ. بۇنداق مەشھۇر بىر يازغۇچىڭىزنى سوتلىسىڭىز، كوچىدا مىللەتچى پۇقرالىرىڭىز ئۇنىڭ ماشىنىسىغا ھۇجۇم قىلسا، دېمەك، بۇ يەردە جىددىي بىر مەسىلە بار، دېدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا ۋەكىللەرمۇ، ئەگەر تۈركىيە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلىسە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشتىن سۆز ئاچمىسۇن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىسلاھات ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، بۇ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى كېرەك، دېدى. نەتىجىدە بۇ دەۋا 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەمەلدىن قالدى.
مىللەتچىلەرنىڭ لەنەت-نەپرىتىگە قېلىپ، كوچىغىمۇ خاتىرجەم چىقالماس بولۇپ قالغان ئورخان پامۇك ئامېرىكىغا كەتتى. كولومىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركىيە ئەدەبىياتىدىن دەرس ئۆتۈش، كىتاب ئوقۇش بىلەن كۈن ئۆتكۈزدى. 2006- يىل 10ئاينىڭ 12-كۈنى شېۋتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى بۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئۇنىڭغا بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندا خۇشاللىقىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمىدى، تۈركىيەدە ئۇچرىغان ھاقارەتلىرىنى ئۇنتۇپلا كەتتى. دەرھال قىزىغا تېلىپون قىلىپ، بۇ خۇشخەۋەردىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. قىزى رۈيا بۇ چاغدا سىنىپىدا ئىدى، ھاياجاندىن پەس ئاۋازدا ساۋاقداشلىرىغا: دادام نوبېل مۇكاپاتى ئاپتۇ… دېدى. ساۋاقداشلىرى تەنتەنە قىلىشتى.
ئورخان پامۇكنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيىتى تۈركىيەدە قاتتىق غولغۇلا پەيدا قىلدى، ئۇ نوبېل مۇكاپاتىنى ئالماستا 2005-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان، ئەرول مانىسالى يازغان “ ئورخان پامۇك نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ“ ناملىق ماقالە تۈركىيەنىڭ ھەممە يېرىدە مەشھۇر بولدى. مىللەتچىلەر ۋە ئۇنى كۆرەلمەيدىغان يازغۇچى-شائىرلار تۇشمۇ تۇشتىن ماقالە يېزىپ، ئورخان پامۇك تۈركىيە ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى غەرب دۇنياسىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن مۇكاپاتى ئەمەس، بەلكى ئىش ھەققى دېيىشتى ۋە ئۇنىڭغا قارشى پىكىر توپلىدى. بەزى ئوبزۇرچىلار ئۇنىڭ «يېڭى ھايات» رومانىدا ئاتاتۈركنى ھاقارەتلىگەنلىكىنى ئېيتسا، بەزىلىرى «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» رومانىنىڭ بايان شەكلىنىڭ ئامېرىكىلىق يازغۇچى نورمان ماللېرنىڭ «كونا ئاخشام» رومانىنىڭ تەقلىدى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى. خەلقىئارادىكى بەزى مەتبۇئاتلارمۇ بۇ مۇكاپاتنىڭ سىياسىي سەۋەبتىن بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەمما خەلقئارادىكى كۆپلىگەن يازغۇچى ۋە ئوبزۇرچىلار ئورخان پامۇكنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى ھارولد پىنتېر، جۇڭگو يازغۇچىسى مويەن قاتارلىقلار بار.
ئورخان پامۇك ”ئۆز شەھرىنىڭ ھەسرىتىنى يېزىش داۋامىدا مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە توقۇنۇشىدىكى يېڭى سمۋوللارنى بايقىغانلىقى“ ئۈچۈن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى بۇ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قىزى بىلەن بىللە قاتناشتى. مۇراسىمدا «دادامنىڭ چامادىنى» ناملىق نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆز ئىجادىيىتىدە دادىسىنىڭ كىتابلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بايان قىلدى. تۈركچە بىلمەيدىغانلار قولىدىكى تەرجىمىسىگە قاراپ ئۇنىڭ سۆزىگە ئەگەشتى، كەيپىياتىغا ھەمنەپەس بولدى. نۇتۇق ئاياغلاشقاندا ئۇزۇن ئالقىش ياڭرىدى.
نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغان، تۈرلۈك ھاقارەت ۋە ھاياجانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ بۇرۇنقىدىن تەمكىن بولۇپ قالغان ئورخان پامۇك، سىياسىي پاراڭلاردىن قېچىپ يۈردى، مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا: مېنى ئەمدى سىياسىي ئىشلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋالماڭلار، ئەدەبىيات توغرۇلۇق گەپ بولسا سوراڭلار، دەپ تەكىتلەپ تۇردى. تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرىدىكى سۆھبەتلىرىدە ۋە ئۇنىۋېرستېتلاردىكى لېكسىيەلىرىدە ئۆزىنىڭ تۈرك تىلىدا ئەسەر يازىدىغان بىر يازغۇچى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، پۈتۈن دەردىنىڭ ئەدەبىيات ۋە يېزىقچىلىق ئىكەنلىكىنى، ئەلۋەتتە خەلقئاراغا تونۇلغان بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتى تۈركىيە جەمئىيىتىدىكى بەزى ئىشلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نوبېل مۇكاپاتى ئېلىپ كەلگەن شان-شەرەپ ئۇنى بوشاشتۇرۇپ قويمىدى، 2008-يىلى ”مەسۇمىيەت مۇزىيى“ ناملىق رومانى نەشر قىلىندى، بۇ رومانغا مۇناسىۋەتلىك بىر كىچىك مۇزېي قۇردى، بۇ مۇزېيدىكى ئەشيالارنى چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە “ نەرسىلەرنىڭ مەسۇمىيەتى“ ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇردى. پائالىيەتلىرى بۇرۇنقىدىن كۆپەيدى، ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە دەرس ئۆتتى. دەرستە تەييارلىغان لېكسىيەلىرىنى رەتلەپ، “ ساددا ۋە ئەقىللىق يازغۇچى“ ناملىق بىر كىتاب تەييارلاپ، 2011-يىلى نەشر قىلدۇردى. ئارقىدىن ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ «كاللامدىكى غەلىتە خىياللار» ناملىق بىر رومانىنى تاماملىدى. بۇ روماننى يېزىش ئۈچۈن ئىستانبۇل كوچىلىرىنى قايتا-قايتا ئايلاندى، ئۇششاق سودا-سېتىقچىلار، ھۈنەرۋەنلەر بىلەن كۆرۈشتى، كونا ئۆيلەرنى تەكشۈرۈپ چىقتى.
ئۇ رومان يېزىشتىن باشقا يەنە «باشقا رەڭلەر» (1999)، «ئىستانبۇل: خاتىرىلەر ۋە شەھەر» (2003)، «مەنزىرىدىن پارچىلار» (2010)، «مەن بىر دەرەخ» (2013) قاتارلىق كىتابلىرىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھايات كەچمىشلىرى، ئوقۇغان كىتابلىرى، يېزىقچىلىق ئەھۋالى ۋە ئىجادىيەت قاراشلىرىنى ئوقۇرمەنلىرىگە سۇندى. ھازىر بەزىدە ئامېرىكا، بەزىدە ياۋروپادا قىسقا مۇددەت تۇرۇپ قالغاندىن باشقا ئاساسەن ئىستانبۇلدىكى ئۆيىدە ئىجادىىيەت بىلەن شۇغۇللانماقتا. “ بۇ يىل 63 كە كىردىم، ئۆمۈر قىسقىراپ، ئۆلۈمگە قاراپ كېتىۋاتىمەن. ئەمما يازىدىغان نەرسە بەك كۆپ، كاللامدا نەچچە روماننىڭ ۋەقەلىكى بار، ھەممىسىنى يېزىپ بولالايمەنمۇ يوق، بىلمەيمەن، ئەمما چامىمنىڭ يېتىشىچە يازىمەن. مېنىڭچە رومان دېگەن نەرسە، قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئىلھامدىن ئەمەس، سەۋرچانلىق ۋە جاھىللىقتىن تۇغۇلىدۇ“ دەيدۇ ئورخان پامۇك.

ئىلاۋە: ئورخان پامۇك بىلەن كۆرۈشۈش

گېزىت خەۋىرى: ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ 2008-يىلى 5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21-ﻛﯜﻧﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨاشتى ﯞﻩ «ﻣﻪﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯩﻢ؟» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﺍ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ دېدى: “ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ، ﺋﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻗﺴﯩﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﻡ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻤﻼ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ“. ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ: “ ﻣﻪﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯧﺘﯩﻘﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﻤﻪﻥ، ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﻤﺪﺍ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﻮﻳﯘﻧﭽﯘﻗﻼﺭﻏﺎ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ. ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ ﺷﯘﻛﻰ، ﻧﻮﺑﯧﻞ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ 600 ﺑﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺭﻭﻣﺎﻧﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺪﯨﻢ“.
ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣوﻳﻪﻥ، ﺟﺎﯓ ﻳﯚﺭﻩﻥ، ئوبزۇرچىلاردىن ﭼﯧﻦ ﺷﻴﺎﯞﻣﯩﯔ، ﻣﯘ ﺧﻮﯕﻴﻪﻥ، ﻟﯘ ﺟﻴﻪﻧﺪې ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷتى. ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺳﻮﺯﯗﻟدى، ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، مۇھەببىتىنى ئېلىپ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﻏﯩﭙﭙﯩﺪﻩ ﺗﯩﻜﯩﯟﻩﺗتى، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ:“ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻢ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺴﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﺧﻮﺷﻴﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ“ ﺩﯦدى.
گېزىت خەۋىرى: ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ 2002-يىلى ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ 2006-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻙ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﻮﻟﻮﻣﺒﻴﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﻚ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﻗﯩﺰ ﺋﯘ ﺩﻩﺭﺱ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪﻧﻤﯩﺶ. 5- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 24-ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ئۇنىۋېرسىتېتى ﻗﺎﺭﯨﻤﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ”ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﺍ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ دېدى:“ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﻏﺎ ﺑﺎﻱ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ، ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺪﯗ، ﺑﯩﻠﯩﻨﮕﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﻧﻪﺯﯨﺮﻯ ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ 30 ﻳﯩﻞ ﺭﻭﻣﺎﻥ ﻳﺎﺯﺍﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﯩﻢ“. ﺋﯘ ﺑﯘ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺷﭙﻪﺯﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﺪﻩ ﺟﯘﯞﺍﯞﺍ ﺗﯜﮔﯜﺷﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﭖ باقتى، ﺑﯩﺮ ﺟﯘﯞﺍﯞﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﯕﻼﭖ ﺗﯜﮔﻪﻟﻤﻪﻱ ﺋﯩﭽﻰ ﭘﯘﺷﯘﭖ، ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯧﻤﯩﺮﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘپ، ﺳﻪﯞﺭ ﻗﺎﭼﯩﺴﻰ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﻗﯧﭽﯩﭗ چىقتى. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ قىلدى، ”ﻣﻪﻥ ﻛﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﺍ لېكسىيە سۆزلىدى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻤﯩﺶ. “ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﻩﯕﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻗﯩﺴﻪﻥ؟ ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ. ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺟﺎﯞﺍﺑﻪﻥ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﺗﯜﺳﺘﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﺎﺗﺘﻰ- ﺩﻩيدﯘ ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ،- ﺭﻩﯕﮕﺎﺭﻩﯓ ﺋﯘﭼﯘﺭ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﭘﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺭﻭﻣﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻐﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯩﺰﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ، ﺷﯘ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺷﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﺎﻟﻼ ﻗﺎﺗﯘﺭﯨﺪﯗ“.
5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﺋﻪﺕ 3 ﺗﯩﻦ 5 ﻛﯩﭽﻪ ﺷﯩﺪﻩﻥ ﻛﯘﺗﯘﺑﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ، ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭼﯧﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ، ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﻱ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﭼﺮﻩﺗﻜﻪ ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎﺩﻩﻙ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻗﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻗﻪﯞﻩﺗﻜﯩﭽﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺋﯚﭼﺮﻩﺕ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﺧﯧﻠﻰ ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ، ﺋﯚﭼﺮﻩﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﻟﯧﻔﯩﺘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺗﺎﻗﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ كەسىپداشلار ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ، ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﺳﻮﻗﯘﻧﯘﭖ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﺪﯨﻢ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯚﺯﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ”ﺳﻪﻥ ﺋﯚﭼﺮﻩﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﻣﺎﭘﺴﻪﻥ“ ﺩﻩﭖ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﻮﻳﯘﺷﻤﯩﺪﻯ، ﺳﻮﻗﯘﺷﯘﭖ ﺳﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﯦﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﻗﻪﯞﻩﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻛﻘﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﺎﻓﻜﺎ، ﺑﯘﺭﺧﯩﺲ، دوستويىۋىسكى، ﻟﯧﯟ ﺗﻮﻟﯩﺴﺘﻮﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﺍﺭﺍﻗﻼﭖ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﯛﻡ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭘﻤﯘ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻣﯘ ﺳﺎﻣﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﻮﻻ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺳﺎﺋﻪﺕ 5 ﻛﻪ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﭘﻪﺳﻜﻪ ﭼﯜﺷﺘﯜﻡ، ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺋﯚﭼﺮﻩﺕ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﭘﺘﯘ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ 8 ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ(ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺭﻭﻣﺎﻥ، ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ) ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﮬﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺗﻮﺷﯘﺷﯩﻨﻰ ﺯﺍﺭﯨﻘﯩﭗ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﭼﺮﻩﺗﻜﻪ ﺳﻮﻗﯘﻧﯘﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ”ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﺋﯚﻱ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺭﻭﻣﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﺪﯗﺭﺩﯗﻡ، ﺋﯘ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﻱ ﺷﺎﺭﺕ-ﺷﯘﺭﺗﻼ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﺩﻯ.
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﻠﺪﯗﻗﻜﻰ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 877 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺳﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ 23ﻣﯩﯔ 800 ﻳﯜﻩﻥ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ (ﺋﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩ) ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
-ﺳﺎﺋﻪﺕ 5 ﺗﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ،- ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ.
- ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ، ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯟﺍﻟﺴﺎﻕ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﺱ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻣﺎﯕﺪﻯ، ﺑﯩﺰﻣﯘ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﭘﺎﻧﺪﺍﭖ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ.
ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﺮﺍﻕ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﯞﻩ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ:
- ﺑﯘ ﻳﺎﻕ ”ﻳﯧﯖﻰ ﮬﺎﻳﺎﺕ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ…
ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻛﯜﻟﺪﻯ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﮬﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
- ﮬﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺴﯩﺰ، _ﺩﯦﺪﻯ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ،- ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻟﺴﺎﻕ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.
- ﺋﯩﺰﻣﯩﺮﺩﺍ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺑﯘﻳﺎﻗﻤﯘ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ…-ﺩﯦﺪﻯ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ.
- ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭙﻼ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ، – ﺩﯦﺪﯨﻢ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻻﻱ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪﻣﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ. ﻛﺎﻟﻼﻣﺪﺍ ”ﭼﻮﻙ… ﻣﻪﺭﺍﻙ.. ﺳﻪﯞﯨﻨﺪﯨﻢ، ﺋﯩﺴﺘﻴﻮﺭﺩﯗﻡ“ ﯞﺍﮬﺎﻛﺎﺯﺍﻻﺭ ﺋﻪﻟﻪﯕﮕﯩﻴﺘﺘﻰ.
ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻛﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﻓﯧﻴﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺩﻩﺭﻗﻪﻣﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻜﻪﭺ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺘﯘﻕ. ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ”ﻳﯩﻠﺪﺍ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺴﯩﻠﻪﺭ، ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﺮﺍﮊﺩﺍ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﺳﺎﯕﻼﺭ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﭘﯘﻝ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﻪﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺗﯜﺳﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ-ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ“ ﺩﯦﺪﻯ. ﺳﯚﺯ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺑﺎﺭﻏﯘﺳﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺳﯩﻐﺎ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﻳﯧﯖﻰ ﮬﺎﻳﺎﺕ»، «ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻢ ﻗﯩﺰﯨﻞ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯﻯ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺗﯚﻛﯜﻟﺪﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻗﯩﻘﻪ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﺎﺱ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﺘﯘﻕ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺭﻩﺳﯩﻤﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ.
ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ پامۇكنىڭ ھەمراھلىرى ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﺘﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺘﯘﻕ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﻨﯘﺕ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﺘﯘﻕ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﻨﯘﺕ، ﺩﯦﻴﻪﻟﻤﯩﺪﯗﻕ ﭼﻮﯓ ﺳﯜﭘﻪﺕ، ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﺗﯘﺭﯗﯓ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﻨﯘﺕ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﺗﯜﺯﯛﻛﻜﯩﻨﻪ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﭽﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻣﯘ ﻗﻮﻻﺷﻤﯩﺪﻯ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ، ﭘﯩﻜﯩﺮ-ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﻼﺭ ﺋﯚﺗﯜﺷﺘﻰ. 50 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﻩﻙ ﺟﯘﺷﻘﯘﻥ، ﺧﯘﺷﺨﯘﻱ، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﻩﻙ، ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻼﺭﺩﻩﻙ ﺗﯧﺘﯩﻚ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﯩﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﻥ، ﭘﺎﺳﺎﮬﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ.
ﻛﺎﻓﯧﻴﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ”ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﺑﻪﻱ، ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﻟﺴﺎﻕ“ ﺩﯦﯟﯨﺪﯨﻢ، ”ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻧﻐﺎ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ“ ﺩﯦﺪﻯ. ﭘﻪﺳﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺭﻩﺳﯩﻤﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﯞﯦﻠﯩﭗ ﺧﻮﺷﻼﺷﺘﯘﻕ.

ئورخان پامۇكنىڭ رومانلىرى

ئورخان پامۇكنىڭ تۇنجى رومانى «قاراڭغۇلۇق ۋە نۇر» 1982-يىلى «جەۋدەت بەگ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى» دېگەن نامدا نەشر قىلىندى. ئورخان پامۇك بۇ رومانىدا نىشانتاشتا ئولتۇرۇشلۇق باي بىر تۈرك ئائىلىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد ھېكايىسىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز جەمەتىنى پروتوتىپ قىلغان. بىرىنچى بۆلۈمدە ئوسمانلى دەۋرىنى، ئىككىنچى بۆلۈمدە 30 يىلدىن كېيىنكى دەۋرنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ چاغدا ئابدۇلھەمىد سۇلتان تەختتىن چۈشكەن، مەشرۇتىيەت دەۋرى مالىمانچىلىقلىرى ۋە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بالايى ئاپەتلىرى ئاياغلاشقان بولۇپ، تۈركىيەدە جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنىدۇ. جەۋدەت بەگنىڭ ئىشلىرى روناق تاپىدۇ ھەمدە نىشانتاشتىن بىر قورۇ سېتىۋالىدۇ. ئايالى نىگان خانىم ئوسمانلى پاشالىرىدىن بىرەيلەننىڭ قىزى بولۇپ، ئىككى ئوغلى، كېلىنلىرى ۋە بىر قىزى بىلەن بىللە ياشايدۇ. چوڭ ئوغلى ئوسمان دادىسىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولىدۇ. كىچىك ئوغلى رەپىق بولسا بىر ئىشقا ئالدىرىمايدىغان، ئويۇنخۇمار يىگىت بولۇپ، دوستلىرى ئۆمەر ۋە مۇھىددىن بىلەن دائىم پاراڭلىشىدۇ، مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرىلىشىدۇ. ئۆمەر ھوقۇق، بايلىق سەۋداسى، مۇھىددىن بولسا شائىرلىققا ھەۋەس قىلىدۇ. كېيىنكى كۈنلەردە رەپىق ئۆمرىدە بىرەر ئىش قىلىش ئۈچۈن ئىنقىلاپچىلارغا قېتىلىپ، يېزىلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن بىر ھەرىكەت پىلانى تەييارلايدۇ. ئۆمەر شەرقتە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ پۇل تاپىدۇ، ئەمما ئىستانبۇلدىن ئايرىلىدۇ. مۇھىددىن تۈرك مىللەتچىلىرىگە قېتىلىدۇ. جەۋدەت بەگنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بالىلىرى بىنا ئۆيگە كۆچىدۇ. روماننىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمى 1970-يىللاردىن باشلىنىدۇ، جەۋدەت بەگنىڭ بالىلىرى قورۇ جايىنىڭ ئورنىغا بىر بىنا سالىدۇ. رەپىق بەگ راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئوغلى ئەھمەت سولچىل ئىدىيەسى بار رەسسام بولۇپ، دادىسىنى ئانچە تونۇمايدۇ ھەم ياقتۇرمايدۇ. نىگان خانىمنىڭ ئۆلۈمى بىلەن رومان ئاياغلىشىدۇ. ئورخان پامۇك تۈركىيەنىڭ زامانىۋىلىشىش جەريانىنى بايلار قاتلىمىدىكى بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ئارقىلىق بايان قىلغان بولۇپ، جەۋدەت بەگ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى، ئۆمەر، مۇھىددىن، مۇختەر بەگ قاتارلىقلار زامانىۋىيلىشىش دەۋرىدىكى تۈركلەرنىڭ ئوخشىمىغان تىپلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ياۋروپالىقلاردەك زامانىۋىلىشالماسلىق تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئۈمىدسىزلىك ئۇلارنى ھەر خىل كويلارغا سالىدۇ، ھەر خىل يوللارغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ.
پامۇكنىڭ قەلەمدە خېلىلا پىشقان، ئەنئەنىۋى رومانلاردەك بەدئىي زوق بېرىدىغان بۇ رومانى 1983-يىلى ئورخان كامال رومان مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ تۈرك ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى دەسلەپكى قەدەمدە تىكلەيدۇ.
ئورخان پامۇكنىڭ ئىككىنچى رومانى «جىمجىت ئۆي» 1983-يىلى نەشر قىلىنىدۇ. پامۇك بۇ رومانىدا ئۈچ قېرىنداشنىڭ ئىستانبۇل ئەتراپىدىكى جەننەتھىسار بازىرىدا ئولتۇرىدىغان مومىسى پاتىمە خانىمنى كۆرگىلى بارغاندىكى بىر ھەپتىلىك كەچمىشىنى بايان قىلىدۇ. موماي جەننەتھىساردىكى كونا، چوڭ، جىمجىت بىر ئۆيىدە يالغۇز ياشايدۇ. ئۆي خىزمەتچىسى رەجەپ ئۆينىڭ بارلىق ئىشلىرىنى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا موماينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. موماينىڭ ئۈچ نەۋرىسى بۇ ئۆيدە بىر ھەپتە تۇرۇش ئۈچۈن كەلمەكچى بولىدۇ، موماي ئۇلار ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ تۇرىدۇ. كېچىسى ئۇخلىماي نەۋرىلىرىنى ئويلايدۇ، ئۇلار بىلەن قانداق پاراڭلىشىش، نېمە توغرۇلۇق پاراڭلىشىش ھەققىدە خىيال سۈرىدۇ. ئاندىن ئۆتمۈشىنى، ئۆلۈپ كەتكەن يولدىشى سالاھىدىن بەگنى ياد ئېتىدۇ. كەچمىش ھاياتى گويا بىر ڧىلىمدەك كۆز ئالدىدىن ئۆتىدۇ. دوختۇر سالاھىدىن بەگ كاللىسى ئوچۇق كىشى بولۇپ، ئوسمانلىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات ھاكىمىيىتىنى ياقتۇرمايتتى. شۇ سەۋەبتىن تەلئەت پاشانىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ، ئىستانبۇلدىن ئايرىلىپ گەبزەگە كېلىدۇ. پاتىمە خانىمنىڭ ھازىر ئولتۇرۇۋاتقان بۇ ئۆيى شۇ سۈرگۈن قىلىنغان يىللاردا سېلىنغانىدى. پاتىمە خانىمنىڭ نەۋرىلىرى كېلىدۇ، چوڭ نەۋرىسى فارۇخ ئۇنىۋېرسىتېتتا دوتسېنت، تارىخچى؛ ئوتتۇرانچىسى نىلگۈن جەمئىيەتشۇناسلىقتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى، پائالىيەتچى؛ مېتىن بولسا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. رەجەپ داستىخان ھازىرلايدۇ، تاماقتىن كېيىن فارۇخ بىلەن نىلگۈن ئۇزۇن پاراڭلىشىدۇ. رەجەپ دوستى ۋىداتنى ئىزدەپ تېپىپ باينىڭ بالىلىرىنىڭ سورۇنىغا بارىدۇ، مېتىن بۇ يەردە جەيلان دېگەن بىر قىزنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. ئەتىسى موماي نەۋرىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يولدىشى سالاھىدىن بەگنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ دۇئا قىلىدۇ، ئۆزىنى تۇتالماي يىغلايدۇ. نەۋرىلىرىنىڭ بۇتتەك تۇرۇشلىرىدىن ئاغرىنىدۇ.
فارۇخ گەبزە ئارخىپ ئىشخانىسىغا كىرىپ ماتېرىيال ئىزدەيدۇ. كونا گېزىت-ژۇرنال ۋە سوت ئارخىپلىرىنى تەكشۈرىدۇ، بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولىدۇ. بۇ ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، بۇ يەرنىڭ تارىخى ھەققىدە ماقالە يېزىش خىيالىغا كېلىدۇ. كەچتە تاماق ۋاقتىدا بۈگۈن كۆرگەن ماتېرىياللىرى ھەققىدە پاراڭ سالىدۇ. مېتىن بولسا ھەر كۈنى يەپ-ئىچىپ، ئويناپ-كۈلۈپ يۈرىدۇ. بىر قېتىم مەست بولۇپ قېلىپ، جەيلانغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىدۇ، ئەمما قىز ئۇنىمايدۇ.
رەجەپ كەچتە ئۆيدىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، تالاغا ئايلانغىلى چىقىدۇ. بويى پاكار بولغاچقا قۇرۇق سۆلەت بالىلارنىڭ مەسخىرىسىدىن قېچىپ، ئۆزى يالغۇز كوچا چۆگىلەيدۇ. ئۇنىڭ بىر تۇغقىنى ھەسەن ئوڭچى تېرورىست بولۇپ، تەشكىلاتىدىكى دوستلىرى بىلەن بىللە كېچىلىرى يوللارغا، تاملارغا سوتسىيالىزمنى، كوممۇنىزمنى تىللايدىغان تەشۋىقات ۋاراقلىرى چاپلايدۇ. كۈندۈزلىرى بولسا تەھدىت ۋە يالغان ھۆججەت ئارقىلىق تىجارەتچىلەردىن پۇل توپلايدۇ. ھەسەن نىلگۈننىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى دوستلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆڭلى بار ئىدى. قىز بۇنى سېزىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا يېقىن كەلمەيدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر كىتاب ئېلىپ دېڭىز بويىغا بېرىپ سۇ ئۈزىدۇ. قايتىشىدا «جۇمھۇرىيەت گېزىتى» نى ئېلىپ ئوقۇيدۇ. قىزنى پايلاپ تۇرغان ھەسەن بۇنى كۆرۈپ قىزنىڭ سولچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە دوستلىرىغا بۇنى ئاشكارىلىۋېتىدۇ. دوستلىرى ئۇنى بۇ قىزدىن مېھرىنى ئۈزۈشكە چاقىرىدۇ ھەمدە قىزنىڭ ئەدىۋىنى بەرمەكچى بولىدۇ. نىلگۈن دېڭىز بويىدىن قايتىۋاتقاندا ھەسەن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، دوستلىرىنىڭ ئۇنى ئەدەبلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما نىلگۈن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ، بەلكى “ لەنىتى فاشىست!“ دەپ ۋاقىرايدۇ. بۇنىڭدىن غەزەبلەنگەن ھەسەن قىزنى كوچىدا ئۇرۇپ قاچىدۇ. رەجەپ بىلەن بىر دورا ساتقۇچى ئايال نىلگۈننى ئۆيگە ئاپىرىدۇ. دورا ساتقۇچى ئايال يۈزى ئىششىپ چىققان، بەدىنى زەخمىلەنگەن نىلگۈننى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى ئېيتقان بولسىمۇ نىلگۈن ئۇنىمايدۇ.
ئاخشىمى ئۈچ قېرىنداش توپلىشىپ، بۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشلار توغرۇلۇق پاراڭلىشىدۇ. ئەتىسى ئىستانبۇلغا قايتىش قارارىغا كېلىدۇ. ئەتىسى رەجەپ نەۋرىلەرنىڭ بۇ قارارىنى مومايغا خەۋەر قىلىدۇ. نەۋرىلەر ناشتىلىقتىن كېيىن ئۈستىگە چىقىپ مومىسى بىلەن خوشلاشماقچى بولىدۇ. نىلگۈن ئورنىدىن قوپقاندا بېشى ئايلىنىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ، يىقىلىپ قالىدۇ. ئەھۋالى بارغانچە ناچارلىشىدۇ ھەمدە مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلۈپ قالىدۇ. نەۋىلەر بۇنىڭغا ئىشەنمەي قالىدۇ، ئازابتىن ھۇشىنى يوقىتىپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەيدۇ. مومىسى ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئۇلار بىلەن خوشلىشىشنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. رەجەپنى چاقىرىدۇ، ئەمما ئۇ كەلمەيدۇ. موماي ئاستىنقى قەۋەتكە چۈشەلمەيدۇ، كارىۋىتىدا يېتىپ بېشىنى يوتقانغا پۈركەيدۇ. ئۆي ئۆلۈمدەك بىر جىمجىتلىققا چۆمىدۇ. ھەسەن بېكەتكە بېرىپ كۈندىلىك گېزىتلەرگە قايغۇلۇق نەزەردە قاراپ، نىلگۈن ھەققىدە بىرەر خەۋەرنىڭ چىققان-چىقمىغانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ. پويىزغا چىقىپ جەننەتھىساردىن ئايرىلىدۇ.
بۇ رومان 32 بۆلۈمدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەر بۆلۈم بىر پىرسۇناژنىڭ كۆزىتىش بۇلۇڭىدىن، بىرىنچى شەخس بايانىدىن بېرىلگەن. ھەجىم جەھەتتىن بەش بايانچىنىڭ بىرىنچىسى ھەسەن، ئۇنىڭدىن قالسا چوڭ خانىم (موماي)، رەجەپ، ڧارۇخ ۋە مېتىن. بايان رەجەپ بىلەن باشلىنىپ، چوڭ خانىمدا تۈگەيدۇ.
ئورخان پامۇكنىڭ بۇ رومانى ھەققىدە ئېيتقانلىرى:
بوۋامنىڭ مومامغا يازغان بەزى مەكتۇپلىرى بۇ روماننى يېزىشىمغا ئىلھام بولدى. بوۋام بۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا قانۇندا ئوقۇش ئۈچۈن بېرلىنغا كېتىدۇ، كېتىشتىن ئاۋۋال چوڭلار ئۇنى مومام بىلەن چېتىشتۇرۇپ چاي ئىچكۈزۈپ قويىدۇ. بوۋام بېرلىندا مومامغا نۇرغۇن خەت يازىدۇ. بۇ خەتلەر سالاھىدىن بەگنىڭ پاتىمە خانىمغا قىلغان نەسىھەتلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. مومامنىڭ بۇ خەتلەرگە ئانچە ئېتىبار بەرمىگەنلىكىنى، گۇناھتىن قېچىپ، چەكلىمىلەردە سىقىلىپ ياشىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بۇ بەختسىز مۇناسىۋەتنى ئويلىغانچە بۇ روماننى يېزىش خىيالىم تۇغۇلدى. روماندىكى بۇ ئائىلە مۇھىتى مەن ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئائىلىگە ئوخشايدۇ، مەنمۇ مومام ۋە تاغىلىرىمنىڭ يېنىدا چوڭ بولغان. شۇڭا بۇنداق مۇھىتنى كەڭ-كۇشادە يازالايمەن. ياشلارنىڭ ھەممىدىن بەك بۇ رومانىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىمەن. بۇ بەلكىم مېنىڭ ياشلىق دەۋرىم بىلەن بۇ روماننىڭ زىچ باغلىنىپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك. بۇ روماندىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى مەن، ھەر بىرىدە ياشلىقتىكى ئوخشىمىغان روھىي ھالەتلىرىم مەۋجۇت، ئۇلارنى زوق-شوخ بىلەن يازدىم. روماندىكى ماشىنا مۇسابىقىسى، بىر ئۆيگە يىغىلىپ ئىچىپ مەست بولۇش، دېسكوخانىغا كىرىش، دېڭىز بويىغا بېرىش دېگەندەك ئىشلار 1970-يىللارنىڭ بېشىدا، بايرامئوغلى ساھىل مەھەللىسىدە دوستلىرىمنىڭ ۋە مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلاردۇر. دادىسىنىڭ ماشىنىسىنى ئېلىپ، سوقتۇرۇپ بۇزۇۋېتىپ قاراپ ئولتۇرىدىغان نوچىلارنى ئوبدان تونۇيمەن. روماننى يېزىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئەسلىدىم.
ئورخاننىڭ بۇ رومانى 1984-يىلى تۈركىيە مادارالى رومان مۇكاپاتىغا ، ڧرانسۇزچە تەرجىمىسى 1991-يىلى ”ياۋروپا كەشىپ مۇكاپاتى“غا ئېرىشتى.
1985-يىل ئورخان پامۇكنىڭ ئۈچىنچى رومانى « ئاق قەلئە» نەشر قىلىندى. بۇ ئۇنىڭ ”سۇلتان قانۇنى دەۋرىدىكى ئىستانبۇل“ دىن ئىلھام ئېلىپ يازغان، 17-ئەسىردىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان تارىخىي رومانىدۇر. ئوتتۇرا دېڭىزدا ناپولىغا قاراپ كېتىۋاتقان بىر كېمە ئوسمانلى دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىدۇ، كېمىدىكى بىر ۋېنىتسىيەلىك ئالىم ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىنىپ قۇل قىلىپ سېتىلىدۇ. ئوسمانلى سارىيىدا ئىلىم، ھۈنەر، ھەربىي سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئالىم ئۇنى سېتىۋالىدۇ. كېيىنكى كۈنلەردە بۇ قۇلىنىڭ ئادەتتىكى قۇل ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ، ئىلىم ئالدىدا تىز پۈكۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، تېخنىكىلىق ئىشلاردا ئۇنىڭدىن پايدىلانماقچى بولىدۇ. ئىككىسىنىڭ ياشىغان مۇھىتى ئوخشىمىسىمۇ ئىلىمگە، يېڭىلىققا بولغان ئىشتىياقى ئوخشىغاچقا، بارا-بارا سىرداش، پىكىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا سايىسىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلمىغۇدەك دەرىجىدە يېقىن بولۇپ كېتىدۇ. ئىشلاردا ھەمكارلىشىدۇ. ئوسمانلى ئالىمى: ئىنسانلارنىڭ تولىسى دۆت، ئەخمەقلەردۇر، ئىلىمگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، خۇراپاتلىقنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېتىدۇ، دەيدۇ. ئەسلىدە غەرب دۇنياسىمۇ بۇ دەۋردە ئوسمانلىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتتى، ئەمما ئىلىم-پەنگە ئەھمىيەت بېرىش جەھەتتە بىر ئاز ئالدىدا كېتىۋاتاتتى. سۇلتاننىڭ ئەمرى بىلەن ئىككەيلەن بىرلىشىپ غايەت چوڭ زەمبىرەكتىن بىرنى ياسايدۇ، ئوسمانلى ئەسكەرلىرى يېڭى زېمىنلارنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىدۇ، ئېغىر ھارۋىغا بېسىلغان زەمبىرەكنى ئات-ئۇلاغقا سۆرىتىپ، ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭىدۇ، بۇ زەمبىرەككە مەسئۇل ۋىنتسىيەلىك قۇل يىراقتىن بىر ئاق قەلئەنى كۆرىدۇ…
1990-يىلى ئۇنىڭ تۆتىنچى رومانى «قارا كىتاب» نەشر قىلىندى. روماندىكى غالىپ ئىستانبۇلدا ياشايدىغان بىر ئادۋۇكات، بىر كۈنى ئايالى رۈيانىڭ ئۆزىگە بىر تال باغاقچە يېزىپ قالدۇرۇپ ئۆينى تاشلاپ كەتكەنلىنى بىلىدۇ، ئايالىنى ئىزدەپ شەھەرنىڭ كوچىلىرىدا سوكۇلداپ يۈرىدۇ. ئايالىنىڭ بەلكىم قېرىندىشى، ”مىللىيەت گېزىتى“ ئوبزۇرچىسى جالالنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئويلايدۇ، ئارقىدىن جالالنىڭمۇ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ جالالنى ئىزدەش داۋامىدا ئۇنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئۇنىڭ تارىخى ھەققىدە يازغان، گېزىتكە يېڭىدىن بېسىلغان ماقالىسىنى ئوقۇيدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇ جالالغا ئوخشاش ياشاپ بېقىش ئارقىلىق ئۇنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى بىلىۋالالايدىغانلىقىغا، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇرۇۋاتقان جايىنىمۇ تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. مۇشۇ خىيال بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىنى تېپىپ ماكانلىشىدۇ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، ئۇنىڭ نامىدا گېزىتكە ماقالە يېزىشقا باشلايدۇ. بۇلار ئەسلىدە غالىبنىڭ ئارزۇسى بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا جالالنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى، جالالدەك ياشاپ بېقىشنى، ئۇنىڭ ئورنىدا ماقالە يېزىشنى خىيال قىلاتتى. نەتىجىدە ئۇ جالالدەك بولۇش ئارزۇسىغا يېتىپ، ئايالى رۈيانى ئىزدەشتىنمۇ ۋاز كېچىدۇ. ”گېزىت ئوبزۇرچىسى جالال“ سۈپىتىدە BBC تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىن كەلگەنلەر بىلەن سۆھبەت پروگراممىسىغا قاتنىشىدۇ، ”جالال مەستانىلىرى“ دىن كەلگەن تېلېپونغا جاۋاب بېرىدۇ. روماننىڭ ئاخىرىدا ھەقىقىي جالالنىڭ بۇرۇنقى مەستانىلىرىدىن بىرى بىر كۈنى ئاخشىمى يولدا كېتىۋاتقان جالال بىلەن رۈيانى كۆرۈپ قېلىپ ”جالال مېنىڭ خوتۇنۇمنى يولدىن چىقاردى“ دەپ غەزەبلىنىپ ئىككىسىنى ئېتىپ تاشلايدۇ. ئىككىسى ئۆلگەندىن كېيىن غالىپ داۋاملىق ئادۇكاتلىق قىلىدۇ، جالالنىڭ ئورنىدا گېزىت ئوبزۇرچىسى بولۇشنى ھەم داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئورخان پامۇك بۇ روماننىڭ «قارلىق كېچىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىلىرى» دېگەن بۆلۈمىگە ئاساسەن «يوشۇرۇن يۈز» ناملىق سىنارىيە يازغان بولۇپ، رىژىسور ئۆمەر كاۋۇك بۇنىڭغا ئاساسەن بىر كىنو ئىشلىگەن. بۇ فىلم 1991-يىلى ئىتالىيەدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
“ بىر كۈنى بىر كىتاب ئوقۇدۇم، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ھاياتىم ئۆزگەردى…“ ئورخان پامۇكنىڭ 1994-يىلى نەشىر قىلىنغان لېرىك، سىھىرلىك رومانى ”يېڭى ھايات“ مۇشۇ جۈملە بىلەن باشلىنىدۇ. ئوقۇغان بىر كىتابنىڭ تەسىرى بىلەن ئەقلى لال بولغان، كىتابتىن چېچىلغان نۇرغا ياشلىق ھاياتىنى، مۇھەببىتىنى بېغىشلىغان، كىتاب ۋەدە قىلغان مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەرلەرگە چىقىپ، ئاجايىپ سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بىر قەھرىماننىڭ ھېكايىسى بۇ. ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم ئارىسىدىكى غىل-پال كۆرۈنىدىغان نۇرغا شەيدا بولغان ئوسمان ئەبجەق ئاپتوبۇسلارغا چىقىپ ئەڭ خەتەرلىك يوللارنى تاللاپ سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. نەچچە بالا-قازادىن ئاتلايدۇ، ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ سېھىرلك يۈزىنى كۆرگەندەك بولىدۇ ھەمدە تىرىكلىك ھاياجىنىدا لاغىلداپ تىترەيدۇ. ئۆزىدەك ”تاپتىن چىققان“ بىر قىز جانان بىلەن يولدا ئۇچرىشىپ سەپىرىنى داۋام قىلىدۇ. سەپەر جەريانىدا تۈركىيەنىڭ قالاق، غېرىبانە يېزىلىرىنى، غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بېكەتلىرىنى، مىسكىن ئادەملىرىنى، مەخپىي تەشكىلات ئادەملىرىنى، يولدا قازاغا ئۇچرىغان ”بەختلىك ياشلار“نى، ”مەن تۈرك دېگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك“ دېگەن شوئار چاپلانغان گازارمىلارنى، يولدا چۈشۈپ قالغان ئەسكەرلەرنى، مەكتەپلەرنى، جېكسونغا ھەۋەسمەن ئوغۇللارنى، چىرايلىق ئېتىزلارنى، مەھەللىنىڭ خىلۋەت يېرىگە ماكانلاشقان بايلارنى كۆرىدۇ، ئومۇمەن ھەر جايدا ئاجايىپ-غارايىپ ئادەملەر ۋە ئىشلارغا شاھىد بولىدۇ. مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ غېمىنى قىلىدىغان، بۇ يولدا ئۆز ئوغلىنى قۇربان قىلىشتىنمۇ يانمايدىغان يەرلىك باي، دوختۇر نارىن ئوغلى مەھەممەتنىڭ ”سېھىرلىك كىتاب“ ئارقىلىق نۇرغۇن ياشلارنى ئازدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئوسمانغا مۇھىم بىر ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ. جاناننىڭ ۋەسلىگە يېتەلمەيۋاتقان ئوسمان ئۇنىڭ ئوغلى، جاناننىڭ كونا مۇھەببىتى مەھەممەتنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئەمما جاناندىن ئايرىلىپ قالىدۇ. كېيىن ئوسمان ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىپ، توي قىلىپ بالىلىق بولىدۇ. ئىككىنچى قېتىم كونا ئىزىنى بويلاپ سەپەرگە ئاتلىنىدۇ، ئاپتوبۇستىن تارتىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، بېكەتلەرنىڭ يېڭىلىنىپ، يېزىلارنىڭ قىياپىتىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىش بولغانلىقى كۆرىدۇ، دوختۇر نارىننىڭ بىر زامانلاردىكى خىلۋەت، چىرايلىق ئۆيى ۋە باغ-ۋارانلىرىنى تاپالمايدۇ، ئۆيلەر زاۋۇت، بىناغا، دەرەخلەر ئېلىكتىر تۈۋرۈكلىرىگە، چىغىر يوللار ئاسپالىت يوللارغا ئايلانغان، ھەممە يەرنى دېگۈدەك قاتناش بەلگىلىرى، بانكا ۋە شىركەتلەرنىڭ يوغان ئېلان تاختىلىرى ئىگىلەپ كەتكەنىدى. دۇكانلاردىن ئىلگىرىكى يەرلىك مەھسۇلاتلارنى تاپقىلى بولمايتتى، ئىستېمالدىكى خەلقئارالىشىشنىڭ تەسىرىدە يەرلىك كارخانا، يەرلىك سانائەت، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋەيران بولغان بولۇپ، ھەتتا يەرلىك يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنىمۇ تاپماق تەس ئىدى. ئوسمان بۇ سەپىرىدىن ئۆتمۈشىنىڭ ھېچقانداق ئىزناسىنى تاپالمايدۇ، ئىلگىرىكى تەۋەككۇلچىلىكى، قىزغىنلىقى، ھاياجانلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇرۇنقى سەۋدالىقى ۋە جاراھەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ، يېڭى ھاياتىنى قايتىدىن باشلاش قارارىغا كېلىدۇ. ئىللىق ئائىلىسىنى، قىزىنى ئويلايدۇ، كەلگۈسىگە ئۈمىدلىك قارايدۇ. ئەمما قىسمەت ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدۇ، ئىلگىرى سېھىرلىك ئۆلۈمنى قوغلىشىپمۇ ئۆلمىگەن قەھرىمان، بۇ قېتىمقى ئۆيىگە قايتىش سەپىرىدە ئۆلۈم بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا، ئەڭ بۇرۇن ئىنتىلگەن يېڭى ھايات ئۇنىڭغا قۇچاق ئاچىدۇ. ھالبۇكى بۇ پەيتتە ئۇ تىرىكلىك پىلانىنى سوقۇۋاتاتتى. ئەمما تەقدىر ھامان ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە باقمايتتى، قوغلىغاندا قاچقان ئۆلۈم ھامان بىر كۈنى ئۇنى كۈتۈلمىگەندە ئىزدەپ تاپاتتى.
«يېڭى ھايات»تىن كېيىن ئورخان پامۇك لىرىك ھاياجانلىرىدىن ئاستا-ئاستا قۇتۇلۇپ، رەسساملىق ئىشتىياقى ۋە تارىخقا بولغان قىزىقىشىنى جانلاندۇرۇپ، يۈكسەك مۇددىئاسىنى ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» رومانىنى يېزىپ چىقتى. ئوسمانلى تارىخىغا ئائىت مول ئۇچۇرلار ، دىن، پەلسەپە، سەنئەت، بولۇپمۇ رەسساملىق ھەققىدىكى بىلىملەرگە تويۇنغان، قۇرۇلمىسى پۇختا، ۋەقەلىكى ئۆزگىچە، بايانلىرىدىن شائىرانە پىكىر ۋە چىن ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇ نادىر رومان تارىخىي رومانچىلىقتا ھەقىقەتەن كەم كۆرۈلىدىغان بىر ئەسەردۇر.
مەزكۇر روماندا 1591-يىلدىكى ئوسمانلى سۇلتانى Ⅲ.مۇرات زامانىدا ئىستانبۇلدا 9 كۈن ئۇدا قار ياغقان كۈنلەردىكى ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ. ئوردا خەتتاتلىرى ۋە نەققاشلىرى سۇلتاننىڭ ئەمرى بىلەن مەخپىي ھالدا غەربچە ئۇسلۇبتا رەسىم سىزىدۇ. بۇ سەنئەتكارلارنى ئۆيىدە تۇرغۇزغان رەسسامنىڭ قىزى شەكۇرە ۋە ئۇنىڭغا ئاشىق بولغان كارا (قارا) بۇ روماننىڭ باش قەھرىمانلىرىدۇر. ئىستانبۇلدا قەھەتچىلىك ۋە ۋەھىمىگە تولغان كۈنلەر داۋام قىلىۋاتقاندا بۇ ئۆيدىكى خەتتاتلار ۋە نەققاشلار قەھۋەخانىلارغا يىغىلىپ، مەدداھلارنىڭ قىسسەلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭۈل ئاچىدۇ. شەكۇرەنىڭ دادىسى، ئۆلتۈرۈلگەن رەسسامنىڭ قاتىلىنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە باغلانغان گۇمان ۋە تەخمىنلەر روماننىڭ ئاخىرىغىچە بىر كۆرۈنۈپ، بىر يوقاپ تۇرىدىغان ئالۋۇندەك سىرلىق بىر نۇقتىغا ئايلىنىدۇ. ئوقۇرمەن بۇ نۇقتا ئايدىڭلانغىچە روماندىكى ھەر بىر شەخسنىڭ بايانلىرىنى دىققەت بىلەن ئوقۇشقا مەجبۇردۇر. بۇ ئالاھىدىلىك روماننىڭ قۇرولما، شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى بولۇپ، ھەر بىر شەخس (ھەتتا ئۆلۈك، شەيتان، ئىت ۋە باشقا نەرسىلەر) ئۆز تىلىدا ھېكايە سۆزلەيدۇ.
بۇ رومان كونا شەكىلنى بۇزۇپ يېڭى شەكىل بەرپا قىلغانلىقى، يېڭى بىر تارىخىي كەيپىيات، پەلسەپە ۋە ئىستېتىكا چوڭقۇرلۇقى ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن گويا ئەدەبىيات ئاسمىنىدا پارلىغان بىر يۇلتۇز بولدى، چوڭ تىللاردىن 20 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى، كۆپلىگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.
2002-يىلى ئورخان پامۇكنىڭ بىردىنبىر سىياسى رومانى «قار» نەشر قىلىندى. بۇر روماننى يېزىش ئۈچۈن ئۇنىڭ مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ كارس ۋىلايىتىگە بېرىپ، ماتېرىيال توپلىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق. بۇ رومانمۇ ئورخان پامۇكنىڭ ئەدەبىياتقا ئاكادېمىك رۇھ، ئەستايىدىللىق، جاھىللىق، سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. روماندىكى باش قەھرىمان كا ئەسلىدە گېرمانىيەدە سۈرگۈنلۈكتە ياشاۋاتقان بىر شائىر بولۇپ، تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ تۆت كۈندىن كېيىن كارس شەھىرىگە بارىدۇ. توختىماي قار يېغىۋاتقان كۈنلەردە بۇ شەھەرنىڭ كوچىلىرىنى، دۇكانلىرىنى ئايلىنىپ، بۇ يەرنىڭ ئەھۋالى ۋە دەرتمەن ئادەملىرى بىلەن تونۇشۇشقا باشلايدۇ. ئىشسىزلار بىلەن تولۇپ كەتكەن چايخانىلاردا ئولتۇرۇپ گەپ تىڭشايدۇ، سىرتتىن كەلگەن ۋە قار ئاپىتى سەۋەبىدىن قايتالمىغان بىر سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرىدۇ، بېشىغا ياغلىق چىگكەنلىكى سەۋەبىدىن بېسىمغا ئۇچراپ ئۆلۈۋالغان قىزلارنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلايدۇ، ھەر خىل سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىشلىرىغا شاھىد بولىدۇ. يەرلىك مېھمانخانىنىڭ خوجايىنى تۇرگۇت بەگ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى ئىپەك، كادىڧەلەر بىلەن تونۇشىدۇ، گۈزەل قىز ئىپەكنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، بۇ يەردىن كېتىشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ بىلەن ۋىسال تېپىشقا ئىنتىلىدۇ، جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولمايدۇ دېگەن پەلسەپە بويىچە، ھەر خىل توسقۇنلۇق ۋە خەتەرگە قارىماي سەۋرچانلىق بىلەن كۈتىدۇ، ھەرىكەت قىلىدۇ، پۇرسەت ئىزدەيدۇ. ئەمما ئارزۇسىغا يېتەلمەيدۇ، سولچىلارنىڭ تىياتىرخانىنى بېسىۋېلىپ، ئوڭچىلار ۋە ئىسلامچىلارغا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە جېنىدىن ئايرىلغىلى تاس قالىدۇ ۋە مىڭ بالالىقتا بۇ يەردىن ئايرىلىپ گېرمانىيەگە كېتىدۇ. ئۇ يەردىمۇ ئىپەكنى ئۇنتۇيالمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر سەتەڭنىڭ سېرىق ۋىدىيولىرىنى كۆرۈپ، ئۆزىگە تەسەللىي ئىزدەيدۇ. ئاخىردا تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن بىر جاسۇس تەرىپىدىن گېرمانىيەدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.
بۇ رومان غەرب ئەللىرىدە، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا شۆھرەت تاپتى. ئامېرىكلىقلار گويا بۇ رومان ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى چۈشەندى.
ئورخان پامۇك 2006-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالغاندىن كېيىن، سەككىزىنچى رومانى «مەسۇمىيەت مۇزېيى» نى نەشر قىلدۇردى. بۇ روماننى يېزىش پىلانى ئەسلىدە 10 يىل ئاۋۋال بېكىتىلگەن بولسىمۇ، «قار» رومانىنى تاماملىغاندىن كېيىن يېزىشنى باشلىدى ۋە ئارىلىقتا توختىتىپ قويۇپ، «ئىستانبۇل: خاتىرىلەر ۋە شەھەر» نى يازدى. بۇنى نەشر قىلدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن رومانىنىڭ داۋامىنى يېزىشقا باشلىدى، ئەمما نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ۋە ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇلىشىپ كەلگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۇنىڭ ئىشىنى ئاقسىتىپ قويدى، نەتىجىدە 2008-يىلى ئاندىن بۇ رومانىنى تاماملىيالىدى.
روماننىڭ قىسقىچە ۋەقەلىكى مۇنداق: توقۇمىچىلىق كارخانىسى قۇرۇپ بېيىغان باسماجى ئائىلىسىنىڭ ياخشى تەربىيە كۆرگەن ئوغلى كامال، سىبەل دېگەن قىز بىلەن توي قىلماقچى بولىدۇ. كامال سىبەلگە سومكا ئالماقچى بولۇپ بىر دۇكانغا كىرىدۇ، دۇكان ئېچىۋاتقان قىز فۈسۇن ئۇنىڭ شىرەم تۇغقىنى بولۇپ، كىچىك ۋاقىتلىرىدا كامالنىڭ ئۆيىگە ھېيتلىغىلى كېلەتتى، ئۇزاقتىن بېرى كۆرۈشەلمىگەن، ئەمدى 18 ياشقا كىرىپ بوي تارتىپ گۈزەللىشىپ كەتكەن بۇ قىزنى كۆرۈپ كامالنىڭ ئىچىگە ئوت كىرىۋالىدۇ. توي قىلىدىغان قىزى سىبەلنى ئۇنتۇپ، فۈسۇننى كەلتۈرۈۋالىدۇ. فۈسۇن دۇكان ئاچقاچ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىدۇ، كامال ئۆزلىرىنىڭ ھازىر ئولتۇرمايدىغان باشقا بىر ئۆيىدە فۈسۇنغا ماتېماتىكىدىن يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ھەر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىدۇ. نەچچە ئاي داۋاملاشقان بۇ مۇناسىۋەت كامال بىلەن سىبەلنىڭ مەسلىھەت چېيى مۇراسىمىدىن كېيىن ئاياغلىشىدۇ. كامال فۈسۇننى دەرس تەكرارلىغان شۇ ئۆيدە ھەر كۈنى كۈتىدۇ، ئەمما فۈسۇن كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىگەن كامال ئۇنى سېغىنىشقا، ئازابلىنىشقا باشلايدۇ. پەقەت چىدىمىغاندا فۈسۇن قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇششاق-چۈششەك ئەشيالار بىلەن كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ ياشايدۇ. كامال سىبەل بىلەن توي قىلغان بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئەر-خوتۇندەك ياشىيالماي ئاجرىشىپ كېتىدۇ. پۈتۈن سەۋداسى فۈسۇندا قالغان كامال ئۇنى ئىزدەپ بارىدۇ، كۆچۈپ كەتكەن يېرىنى تاپالمايدۇ، ئەمما ئىزدەشنى توختاتمايدۇ. كامالنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، كامالغا فۈسۇننىڭ كۆچۈپ بارغان يېرىدىن بىر خەۋەر(باغاقچە) كېلىدۇ. كامال بۇ يەرگە كەلگىنىدە فۈسۇننىڭ توي قىلىپ بولغانلىقىنى بىلىدۇ. فۈسۇننىڭ بەش ئاي بۇرۇن تەگكەن ئېرى فەرىدۇن فۈسۇنغا بالىلىق چېغىدىن باشلاپ ئاشىق بولغان يىگىت ئىدى؛ ئۆزى نامرات، ئىشسىز بولۇپ، كىنوچىلىق ئىشلىرىغا قىزىقاتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ كامال فۈسۇن ئائىلىسىگە داۋاملىق بېرىپ تۇرىدۇ ھەمدە فۈسۇننىڭ نېمىشقا ئۆزىنى ئىزدەپ قالغانلىقىنى بىلىدۇ، ئېرى فەرىدۇننىڭ كىنو ئىشلىشى ئۈچۈن بىرەر باي ياردەم قىلمىسا بولمايتتى. كامال فۈسۇندىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن فەرىدۇنغا ياردەم قىلماقچى بولىدۇ ھەمدە فۈسۇننى كىنودا باش رول ئېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ. ئۈچەيلەن ھەر كۈنى كىنوخانىغا بېرىپ كىنو كۆرىدۇ، ئىشلەيدىغان كىنوسى ھەققىدە مەسلىھەتلىشىدۇ. فۈسۇن كامالنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلغىنى بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلاشمايدۇ، فۈسۇننىڭ ئانىسى كامالغا قىزىنىڭ بۇ نىكاھىنىڭ ئۆز ئابرۇيىنى قوغداش ئۈچۈنلا قىلىنغان بىر نىكاھ ئىكەنلىكىنى، ئېرىدىن ھامان ئاجرىشىدىغانلىقىنى، سەۋر قىلسا غورىدىن ھالۋا پىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كامالغا تەسەللىي بېرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. كامال ڧۈسۇندىن ئايرىلىپ قالسىمۇ، ئەشيالىرىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق سەۋداسى بىلەن ھەر قېتىم كەلگىنىدە ئۇنىڭ قولى تەگكەن ياكى ئۇنىڭغا ئائىت نەرسىلەرنى (تاماكىسىنىڭ كۆتىكىدىن تارتىپ چاچ قىسقۇچلىرىغىچە ھەممە نەرسىسىنى) ئوغرىلىقچە ئېلىۋالىدۇ، ئەتىسى ئۇنىڭدىنمۇ قىممەت نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، ئەيىۋىنى يېپىشقا تىرىشىدۇ. كامال فۈسۇن باش رول ئالىدىغان فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن ”لىمون فىلىم شىركىتى“نى قۇرىدۇ. ئەمما ھەقىقەتتە، كامالمۇ، فەرىدۇنمۇ فۈسۇننىڭ فىلىمدە رول ئېلىشىنى خالىمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا فەرىدۇننىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى مەشۇقى پاپاتيانى تاللايدۇ. بۇ فىلىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا فەرىدۇن بىلەن فۈسۇننىڭ ئاتالمىش ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىمۇ ئاياغلىشىدۇ. كامال بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. فۈسۇننىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن كامال فۈسۇن بىلەن بىللە بولماقچى بولىدۇ. ئەمما فۈسۇن كامالغا رەسمىي توي قىلىشنى، كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى، ئۆزىنى ئۇنىڭ ئانىسى ۋە دوست يارەنلىرىگە تونۇشتۇرۇشنى شەرت قىلدۇ. كامال بۇنىڭغا قوشۇلىدۇ ۋە شۇنداق پۈتۈشىدۇ. توينىڭ ئالدىدا كامال فۈسۇننى ۋە ئانىسىنى ئېلىپ پارىژغا بېرىپ ساياھەت قىلماقچى بولىدۇ. ئۈچەيلەن ماشىنىدا سەپەرگە ئاتلىنىدۇ، ئەدىرنە تەۋەسىدىكى بىر مېھمانخانىدا كامال فۈسۇن بىلەن بىللە بولىدۇ. ئەتىسى ئىككەيلەن ماشىنىدا سىرتنى ئايلىنىپ كەلمەكچى بولىدۇ، يېڭىدىن ماشىنا ئۆگەنگەن فۈسۇن يولدا توساتتىن ئەسەبىيلىشىپ، ماشىنىنى تېز ھەيدەپ بىر دەرەخكە ئۈسىدۇ. فۈسۇن ئۆلىدۇ، كامال ئېغىر يارىلىنىدۇ. كامال دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ چىققاندىن كېيىن يىللاردىن بۇيان توپلىغان، (فۈسۇننىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەتكەن) ئەشيالارنى توپلاپ بىر مۇزېي ئاچماقچى بولىدۇ. فۈسۇننىڭ چۇقۇرجۇمادىكى ئۆيىنى مۇزېيغا ئايلاندۇرغان كامال، ئورخان پامۇكقا مۇزېيدىكى ئەشيالارنىڭ كاتالوگىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر رومان يېزىش تەكلىپىنى بېرىدۇ؛ پامۇكمۇ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىدۇ. روماننىڭ بېشىدىن باشلاپ كامالنى سۆزلىتىپ كەلگەن ئورخان پامۇك ئاخىردا ئۆزى گەپنى ”تارتىۋېلىپ“، كامالنىڭ ئاخىرقى كەچمىشى ۋە ئۆلۈمىدىن خەۋەر بېرىپ، ئەسەرنى ئاياغلاشتۇرىدۇ.
بۇ ئەسەر نەشر قىلىنىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتاب بولۇپ قالدى، ئوبزۇرچىلار ھەر خىل باھا بەردى، بەزىلىرى بۇ روماندا تۇيغۇلار (بولۇپمۇ جىنسىيەت) ئاشۇرۇۋېتىلگەن، ۋەقەلىك كۆپتۈرۈۋېتىلگەن دېسە، بەزىلىرى رىئاللىق بىلەن بەدىئىي تەسەۋۋۇرنىڭ ئارىلىقى يىراقلاپ كېتىپ، روماننىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزگەن، كامالنىڭ بۇ ئاشىقلىق، سەۋدالىق ھېكايىسىدە بىرئاز قەستەنلىك ۋە مۇبالىغە بار دېيشتى. يەنە بىر ئوبزۇرچى “ بۇ ئەسەردىكى مۇھەببەت ئەسەبىي سۆيگۈمۇ ياكى ئەسەبىي ساراڭلىقمۇ؟“ دەپ سوئال قويدى ۋە فۈسۇننىڭ چىرايى، بەدىنىدىن باشقا شۇنچە ئاشىق بولغۇدەك نېمىسى بار؟ ئوقۇرمەنلەر بۇنى چۈشىنەلمەي ئاۋارە، دېدى. بىر مۇنچە تەھلىللەردىن كېيىن، باش قەھرىماننىڭ ھېسسىياتى ئەسەبىي ساراڭلىق، بۇ ساراڭلىق ئاخىر ئۇنى نەرسىلەرگە چوقۇنىدىغان (فەتىشىزىم) كېسىلىگە گىرىپتار قىلغان، دەپ خۇلاسە چىقاردى. شۇنداقتىمۇ، بەزى ئوبزۇرچىلار پامۇك بايان قىلغان بۇ مۇھەببەت ھېكايىسىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زامانىۋى ئىنسانلىرى ئارىسىدا مەۋجۇت ئىشلار ئىكەنلىكىنى، ئىستانبۇلنىڭ 70-يىللاردىكى بايلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىشتى. يەنە بەزىلىرى، بۇ روماندا بىمەنە تىياتىرچىلىققا ئائىت بەزى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى، تەسەددىپىيلىق ۋە غەلىتىلىككە تولغان سەۋەب-نەتىجىلەرنىڭ روماننىڭ بىر پۈتۈن ۋەقەلىكىنى تەشكىل قىلغانلىقىنى، بايانچىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ رەڭدارلىقى نۇقتىسىدىن مارسېل پرۇستنىڭ «سۇدەك ئۆتكەن يىللارنى ئەسلەش» ناملىق رومانىغا ئوخشىشىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.
ئورخان پامۇكنىڭ توققۇزىنچى رومانى «كاللامدىكى غەلىتە خىياللار» 2014-يىلى نەشر قىلىندى. ئوقۇرمەنلەر يەنە ئۆچرەتتە تۇرۇپ بۇ روماننى سېتىۋالدى. روماننىڭ ئىسمى ئىنگىلىز شائىرى ۋىللىيام ۋوردسۋوردنىڭ “ كاللامدا بىر غەلىتە خىيال، ھېچقانداق ماكان ياكى زامانغا تەۋە ئەمەسلىك تۇيغۇسى بار…“ دېگەن سۆزلىرىدىن ئېلىنغان. روماندا ئاساسەن يېزىدىن شەھەرگە كۆچكەن، تالادا قېلىپ ئۆلمەسلىك ئۈچۈن تاغ تۆپىسىدىن يەر ئىگىلەپ ”نامراتلار كەپىسى“ سېلىۋالغانلارنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنغان. روماندا ھومېرنىڭ ”ئىلئادا ۋە ئودېسسا“ داستانىدا قوللىنىلغان ماھارەت قوللىنىلغان بولۇپ، باش قەھرىمان مەۋلۇتنىڭ ئۆزى سۆيگەن قىزنى ئېلىپ قېچىشى بىلەن ۋەقەلىك باشلىنىدۇ. مەۋلۇت قىزنى ئېلىپ يېزىدىن شەھەرگە-ئىستانبۇلغا كېلىپ ياشايدۇ. ئىككىنچى قىسىمدا مەۋلۇت 1994-يىلى كوچىدا ياما سېتىۋاتقاندا قارا گۇرۇھنىڭ بۇلاڭچىلىقىغا ئۇچرايدۇ. بۇ ئىككى مۇھىم ۋەقەلىكتىن كېيىن مەۋلۇتنىڭ 1968-يىلدىكى بالىلىق ھاياتىدىن باشلاپ 2012-يىلغا قەدەر بولغان كەچمىشلىرى بايان قىلىنىدۇ. روماندا مەۋلۇتنىڭ ھېكايىسى مەركىزىي ئورۇندا تۇرسىمۇ، باشقا بىر مۇنچە پىرسۇناژلارنىڭ بۇ ھېكايىگە قېتىلىشى بىلەن ئومۇمىي ۋەقەلىك روشەنلىشىدۇ. ئورخان پامۇك بۇ رومانىدا ئوبراز يارىتىشتىن ۋاز كېچىپ ئەسلىدە بار بولغان ئوبرازلارنى (كىشىلەرنى) ۋەقەلىككە تىزىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرگىمۇ تەپەككۇر بوشلۇقى، ئۆز ھېكايىسىنىڭ تەرتىپىنى شەكىللەندۈرۈش ئىمكانىيىتى ياراتقان. روماندا ئىنسانىيەت تەپەككۇرىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئەر بىلەن ئايال، زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنە، سولچىلىق بىلەن ئوڭچىلىق، شەھەر بىلەن يېزا، تىل بىلەن قەلب، نىيەت بىلەن قىسمەت دېگەندەك روبىرو كەلگەن ئۇقۇملارنىڭ بىر ئىنساننىڭ ماكان ئالماشتۇرۇشى نەتىجىسىدە قانداق مەنىلەرگە ئىگە بولىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. روماندىكى بىر مۇنچە پىرسۇناژلار ئورخان پامۇك نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ پاراڭلاشقان، ئىچ سىرىنى ئىگىلىگەن ئادەملەر بولۇپ، ماكان ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىدا، ئىدىيەسىدە، قىزىقىشىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقى، ھەتتا ئاۋازىنىڭمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قالغانلىقىنى ئورخانغا ئېيتىپ بېرىشكەن. بۇر ومانمۇ ”جىمجىت ئۆي“ ۋە ”مېنىڭ ئىسمىم قىزىل“ غا ئوخشاش بىر مۇنچە ئادەم ئۆزىنى بايان قىلىدىغان، ھەر بىرىدىن ئوخشىمىغان سادا چىقىدىغان رومان بولۇپ ، بىرلا ئوخشىمايدىغان يېرى، مەزكۇر روماندا ئۈچىنچى شەخس بىلەن بىرىنچى شەخس بايانى( يەنى ئاپتورنىڭ بايانى بىلەن پىرسۇناژنىڭ ئۆزىنىڭ بايانى) كىرىشتۈرۈۋېتىلگەن.
ئورخان پامۇك بۇ رومانىنى يېزىش جەريانىدا ئىستانبۇلدىكى كونا كوچىلار ۋە نامراتلار مەھەللىسىنى بىر نەچچە يىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان بولۇپ، يۈزدىن ئارتۇق كىشى بىلەن پاراڭلاشقان، تۈرك، كۇرت، ئوڭچى، سولچى، مىللەتچى، سۈننىي مۇسۇلمان، شىئە مۇسۇلمان، سوپى-دەرۋىش، دەھرى ياكى ھېچقانداق مەسلەككە يانداشمىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتقا بولغان مۇئامىلىسى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە، ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيەگە بولغان كۆز قاراشلىرى بىلەن تونۇشقان. ئاقسۆڭەك زىيالىي بولغان ئورخان بۇ تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن نامراتلارنىڭ دەردىنى چۈشىنىپ، يازغۇچى ئۈچۈن ئىنساننى چۈشىنىشتىن، ئىنساننى يېزىشتىن باشقا كاتتا ئىشنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلغان، ھەتتا بىر زامانلاردا ماشىنىسىنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ۋەتەن خائىنى دەپ سېسىق تۇخۇم ئاتقان مىللەتچىلەرنىمۇ توغرا چۈشەنگەن، شۇنداق مىللەتچىدىن بىرىنى رومانىغا كىرگۈزگەن.

ئورخان پامۇكنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى

ئورخان پامۇكنىڭ رومانلىرى كېيىنكى مودېرنىزم ئېقىمغا تەۋە بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئوبزۇرچىلار ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ئۇنى تۈركىيەدىكى ئاۋانگارت يازغۇچىلارنىڭ ئالدى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئوبزۇرچى يىلدىز ئەجەۋىت ”ئورخان پامۇكنى چۈشىنىش“ دېگەن كىتابىدا ئۇنىڭ “ ئاق قەلئە“ ، ”قارا كىتاب“، “ يېڭى ھايات“، ”مېنىڭ ئىسمىم قىزىل“ دېگەن رومانلىرىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ خىل ئىجادىيەت مېتودى ۋە ئۇسلۇبىنى بايان قىلىدۇ. ئەدەبىيات تارىخچىسى جالى پارلامۇ “ دون كىخوتتىن بۈگۈنكى دەۋرگىچە بولغان رومانچىلىق“ دېگەن تەتقىقات ئەسىرىدە ”مېنىڭ ئىسمىم قىزىل“ رومانىنى سېلىشتۇرما ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىدۇ. پارلاغا كۆرە، ئورخان پامۇك تۈرك رومانچىلىقى تارىخىدا غەرب-شەرق مەسىلىلىرى بىلەن ھېسابلىشىشقا يۈزلەنگەن ۋە بۇنى يۇقىرى ئىستېتىك سەۋىيەدە ئىپادىلەشكە تىرىشقان ئەخمەت ھەمدى تانپىنار (1901-1962)، ئوغۇز ئاتاي(1934-1977) قاتارلىق يازغۇچىلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان يازغۇچىدۇر. ئورخان پامۇكمۇ ئۆز ئىجادىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئەدىبلەرنىڭ قاتارىدا ئوغۇز ئاتاينى تىلغا ئالىدۇ.
ئورخان پامۇك غەرب-شەرق مەسىلىلىرىنى مەدەنىيەت ۋە پەلسەپە نۇقتىسىدىن ئەدەبىياتقا تەتبىقىلىغان بولۇپ، ”قارا كىتاب“ ناملىق رومانىدا بۇ ئالاھىدىلىك ئەڭ روشەن گەۋدىلىنىدۇ. كەمىنىنىڭ ھېس قىلىشىچە، ئورخان پامۇكنىڭ ئىجادىيىتىدە مۇنداق بىر نەچچە تۈرلۈك ئالاھىدىلىك بار:
بىرىنچى، ئىجادىيەت روھى. ئورخان پامۇكنىڭ ھاياتى ۋە رومانلىرىدىكى يۇقىرى سەۋىيەدىن شۇنى ھېس قىلغىلى بولىدۇكى، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۈچ ئامىل قىزغىنلىق، جاھىللىق ۋە سەۋرچانلىق. ئۇ ئىلھامغا ئىشەنمەيدۇ، ”يىڭنە بىلەن قۇدۇق قېزىش“ روھىغا ئىشىنىدۇ. نەچچە ئايدا بىر رومان يېزىشنى قاملاشتۇرالمايدۇ، بەلكى يىللارچە ئىزدىنىپ، يىللارچە قېتىرقىنىپ، ئۇستا بىناكاردەك نازۇكلۇق بىلەن ئىشىنى تاماملايدۇ. ئاكادېمىكلار بىر كىتابنى نەچچە يىل ماتېرىيال توپلاپ، نەچچە يىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېزىپ چىققان بولسا، ئۇمۇ شۇنداق ئەستايىدىللىق ۋە مۇشەققەت بىلەن بىر رومانىنى يېزىپ چىقىدۇ. ھەر بىر ئەسىرى كۆركەم بىر بىناغا ئوخشايدۇ؛ تەتقىقات ئەسىرىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇ ئەقلىيلىك، سوغۇققانلىق بىلەن كىشىنى چارچىتىپ قويمايدۇ، بەلكى ئىچىدىكى رەڭدار دۇنيا، ئىستېتىك گۈزەللىك بىلەن كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.
ئۇنىڭ ئىجادىيەت روھى كىتاب ئوقۇش روھىدىن ئىزچىل ئايرىلمىغان بولۇپ، ئىجادىيەتنى باشلىمىغاندا يېڭى بىلىم، يېڭى ئىلھاملارغا ئېرىشىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇغان بولسا، ئەسەرنى باشلىغاندىن كېيىن بۇ ئەسەرگە مۇناسىۋەتلىك تارىخ، ماكان ۋە ئادەملەر ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇغان، خاتىرە قالدۇرغان.
ئىككىنچى، ئىجادىيەت ئۇسۇلى. ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى كېيىنكى مودېرنىزمغا تەۋە قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما شۇ بىرلا كاتىگورىيە بىلەن چەكلەپ قويغىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ رومانلىرىدا نۇرغۇن ئىجادىيەت ئۇسۇلى بىرلىشىپ كەتكەن. ئەڭ مودېرنىست رومانى ”قارا كىتاب“، ”يېڭى ھايات“، مېنىڭ ئىسمىم قىزىل“ دىمۇ ئەنئەنىۋى رىئالىزم بىلەن رومانتىزمنىڭ ۋاز كېچىلمەس مېتودلىرى قوللىنىلغان. كېيىنكى يىللاردا يازغان “ مەسۇمىيەت مۇزېيى“، “ كاللامدىكى غەلىتە خىياللار“ دېگەن رومانى ئەڭ باشتا يازغان رومانى ”جەۋدەت بەگ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى“ دېگەن رومانغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبقا تېخىمۇ يېقىن بولۇپ، چۈشەنمەكمۇ بىر قەدەر ئاسان.
ئۈچىنچى، ئىجادىيەت تاكتىكىسى. ئورخان پامۇك يېزىقچىلىققا كىرىشىشنىڭ ئالدى كەينىدە لېۋ تېلىستوي، دوستويىۋىسكى، كاڧكا، بورخىس دېگەندەك ئەدەبىيات پېشىۋالىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئوقۇپ چىققان، مودېرنىزم ۋە كېيىنكى مودېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىملىرى بىلەن تونۇشۇپلا قالماي بەلكى ئۇلارنى ئىنچىكە تەتقىق قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ كۆپ پايدىسىنى كۆرگەن، نەزەر دائىرىسى ئېچىلغان، يېڭى ئىجادىيەت پىلانلىرى تۇغۇلغان، ئىجادىيەتنى ھەقىقىي مەنىدە بىر نەرسە ئىجات قىلىش، كەشىپ قىلىش دەپ چۈشەنگەن ۋە ھەر بىر رومانىدا بىر يېڭى ئۇسۇلنى سىناق قىلغان. بۇ خىل يېڭىلىق يالغۇز شەكىل ۋە قۇرۇلما جەھەتتىنلا بولغان بولسا چېنىپ قالاتتى ھەم ئۇنچىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان بولاتتى. يېڭىلىق ئاساسەن ئۇنىڭ پىكرىدە، تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىدە، ئۆزىنى ئىپادىلەشتىكى يۇقىرى ماھارىتىدە كۆرۈلدى. قارىماققا بۇنىڭ تاكتىكا بىلەن بەك ئالاقىسى يوق، ئەمما ئەقىللىق يازغۇچى تالانتىنى قانداق يەردە ئىشلىتىشنى بىلىدۇ، دېمەك بۇمۇ ئەقىل ۋە تاكتىكا مەسىلىسىدۇر. بۇنى ئۇنىڭ ”ساددا ۋە ئەقىللىق يازغۇچى“ دېگەن ماقالىسىدىنمۇ ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى، ئىپادىلەش سەنئىتى. رەسساملىق سەنئىتىدە رەڭ قانداق مۇھىم ئورۇندا تۇرغان بولسا، ئەدەبىي ئەسەردە، بولۇپمۇ شېئىردا ھېسسىيات شۇنچە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. رەسسام قانچە ئۇستا بولسا، سىزىق ۋە رەڭلەرنى ئۆز تەسەۋۋۇرى بويىچە شۇنچە ۋايىغا يەتكۈزۈپ بىر شەكىل ھاسىل قىلالايدۇ، شۇنىڭدەك، يازغۇچىمۇ قانچە تالانتلىق بولسا، ئەڭ مۇھىم ئىپادىلەش ۋاسىتىسى بولغان تىلنى شۇنچە ئۇستىلىق بىلەن قوللىنالايدۇ. ئەسلىدە رەسساملىققا قىزىققان ۋە رەسساملىقتىمۇ بەلگىلىك ماھارەت يېتىلدۈرگەن ئورخان پامۇك ئەدەبىي ئەسەرلىرىگىمۇ بۇ سەنئەتنىڭ بەزى ئېلىمېنتلىرىنى ئېلىپ كىردى. رومانلىرىدا ھەر خىل ئۇسلۇبتا سىزىلغان ماي بوياق رەسىملىرىگە ئوخشايدىغان بەدئىي كارتىنىلار ھېچ كەم بولمىدى. ”يېڭى ھايات“ رومانىدىكى يوللار، كوچىلار، بېكەتلەر، دوختۇر نارىننىڭ خىلۋەت مەھەللىسى، ”قار“ رومانىدىكى غېرىبانە مېھمانخانا، قېلىن قارنىڭ سۈكۈتىگە چۆمگەن كوچا، كونا تىياتىرخانا، ”مەسۇمىيەت“ مۇزىيىدىكى ئىستانبۇل تەسۋىرلىرى بۇنىڭ نادىر ئۆرنەكلىرىدۇر. شېئىر بىلەن رەسىم گىرەلىشىپ كەتكەن بۇنداق ئۆزگىچە تەسۋىرلەرنى ئورخان پامۇكنىڭ رەسساملارغا خاس رەڭ سەزگۈرلۈكى، يازغۇچىلارغا خاس دەل ئىپادىلەش قابىلىيىتىنىڭ مەھسۇلى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ “ ئاق قەلئە“، “ قارا كىتاب“، ”مېنىڭ ئىسمىم قىزىل“، ”باشقا رەڭلەر“ دېگەن ئەسەرلىرىنىڭ ماۋزۇسىدىنمۇ ئۇنىڭ سەنئەت تالانتىنىڭ بىر يېرىدە رەسساملىقنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئورخان پامۇكنىڭ ئەسەردە قوللانغان تىلى ئىجادىيەت ئۇسۇلى ۋە ئىجادىيەت تاكتىكىسىغا بېقىپ ئاددىيلىقتىن قىيىنلىققا ، ئارقىدىن يەنە ئاددىيلىققا يۈزلەنگەن. مەسىلەن، ”ئاق قەلئە“ رومانىدىن كېيىن يازغان ”قارا كىتاب“، ”يېڭى ھايات“نىڭ تىلى رومانلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر، جۈملىلىرى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، ئالدىراپ چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ”مېنىڭ ئىسمىم قىزىل“ ۋە ”قار“ دىن باشلاپ تىلى يەنە ئاددىيلىشىشقا باشلايدۇ، ”مەسۇمىيەت مۇزېيى“ بىلەن ”كاللامدىكى غەلىتە خىياللار“ دا قوللىنىلغان تىل بولسا تېخىمۇ ئاددىي.
ئورخان پامۇك ئۆز ھېكايىسىنى باشقىلارنىڭ ھېكايىسىدەك، باشقىلارنىڭ ھېكايىسىنى ئۆز ھېكايىسىدەك يېزىشقا، ئاجايىپ ۋەقەلىك قېتىغا غەلىتە دېتاللارنى قىستۇرۇشقا، ھېسسىيات ۋە تۇيغۇلىرىنى چوڭقۇر ئىپادىلەشكە، ئارىلاپ-ئارىلاپ سۆز ئوينىتىش ۋە كىنايە قىلىشقا ئۇستا بولۇپ، پىرسۇناژلىرىنى ئاساسەن ئۆزىنىڭ رايىچە سۆزلىتىدۇ، دىئالوگلارنى ئۆز ئېقىشىغا قويۇۋېتىدۇ، گەپنى ئۇزارتمايدۇ. شەيئىلەرنى كەيپىياتقا باغلاپ جانلىق تەسۋىرلەيدۇ، بەزى تەسۋىرلىرى سموۋلىزىملىق شائىر بودلىرنىڭ مىسرالىرىغا ئوخشاپ قالىدۇ. بىر يەرلىرىگە كەلگەندە ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ پىكىر بايان قىلىدۇ، يەنى لېرىك كەيپىياتتىن زېرىككەندە پەلسەپە ئويناپ قويىدۇ، ھېچنېمىگە بوي بەرمەيدىغان بۇ خىل جۇشقۇنلۇقى، ئەركىنلىكى ۋە تەنتەكلىكى دوستويىۋىسكىنىڭ: ھەر قانداق ئۇلۇغ تالانتقا بىر ئەسەبىيلىك (ساراڭلىق) يانداشقان بولىدۇ، دېگەن سۆزىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇنىڭ يېزىقچىلىقتىكى بۇ خىل شاشلىقى، ھېرىپ-چارچاشنى بىلمەيدىغان ئويۇنخۇمارلىقى ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرىدىغان يالغۇزلۇقى، غېرىبلىقىنىڭ دەل ئەكسى بولۇپ، تېنى ئورۇندۇققا مىقلانغان بىلەن روھى باشقا يەرلەردە كېزىپ يۈرىدۇ. بۇ خۇسۇسىيەتلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە ئۆزگىچە خاسلىق ۋە سېھرىي كۈچ بېغىشلىغان بولۇپ، شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك، بىر تۈركۈم ”ئورخان پامۇك ئوقۇرمەنلىرى“ شەكىللەندى ۋە ئەنگىلىيە يازغۇچىسى جامېس جويسنىڭ ”ھەر بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ“ دېگەن سۆزى ئىسپاتلاندى.

ئورخان پامۇكنىڭ سۆزلىرى

ماڭا نىسبەتەن يازغۇچى بولۇش ئىنساننىڭ ئۆز ئىچىدىكى يوشۇرۇن ئىككىنچى كىشىنى، ئۇ كىشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن دۇنيانى نەچچە يىل سەۋر-تاقەت بىلەن تىرىشىپ بايقىشىدۇر: ئەسەر دېگەندە ئاۋۋال رومانلار، شېئىرلار، ئەدەبىيات ئەنئەنىسى ئەمەس، بىر ئۆيگە بېكىنىپ، ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز ئۆز ئىچىگە كىرىپلا كەتكەن ۋە بۇنىڭ سايىسىدا سۆزلەر بىلەن يېڭى بىر دۇنيا قۇرغان ئىنسان كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.
يېزىقچىلىق قىلىش ئىچكى نەزەرنى تىلغا سىڭدۈرۈش، ئىچكى دۇنيانى كۆڭۈلدىن ئۆتكۈزگەچ يېڭى بىر دۇنيانى سەۋر، جاھىللىق ۋە شادلىق بىلەن تەتقىق قىلىشتۇر. مەن ئۈستىلىمدە ئولتۇرۇپ بوش بەتكە يېڭى سۆزلەرنى بىر-بىرلەپ قوشقانچە، كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتكەنسېرى، ئۆزۈمگە يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇۋاتقانلىقىمنى، ئۆز ئىچىمدىكى باشقا بىر ئىنساننى خۇددى بىر كۆۋرۈكنى ياكى بىر قۇببىنى بىر تاش، بىر تاشتىن قوپارغاندەك روياپقا چىقىرىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىپ كەلدىم، بەزىدە يىراقتىن كۆزىتىپ، بەزىدە بارماقلىرىمىز ۋە قەلىمىمىزنىڭ ئۇچى بىلەن ئۇلارنى ئوڭشاپ، سۆزلەرنى ئۇلارنىڭ سالمىقىنى دەڭسىگەچ جايى-جايىغا قويۇپ، يىل بويى، سەۋر ۋە ئۈمىد بىلەن يېڭى دۇنيا قۇرىمىز.
يازغۇچى ئۆز ھاياتىنى باشقىلارنىڭ ھېكايىسى سۈپىتىدە بىر-بىرلەپ بايان قىلالىشى، بۇ بايان كۈچىنى ئۆز ئىچىدە ھېس قىلالىشى ئۈچۈن يېزىقچىلىق ئۈستىلىگە چۆكۈپ، ئۆمرىنى بۇ سەنئەتكە، بۇ ھۈنەرگە سەۋر-تاقەت بىلەن بېغىشلىشى، ئۈمىدۋارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. بەزىلەرگە پەقەت يولىمايدىغان، بەزىلەرگە پات-پات كېلىۋالىدىغان ئىلھام پەرىشتىسى بۇ ئىشەنچ ۋە ئۈمىدۋارلىقنى ياخشى كۆرىدۇ ؛ يازغۇچى ئۆزىنى ئەڭ يالغۇز ھېس قىلغان، چەككەن جاپالىرى، خىياللىرى، يازغانلىرىنىڭ قىممىتىدىن گۇمانلانغان پەيتتە، يەنى ھېكايىسىنى پەقەت ئۆز ھېكايىسى دەپ قارىغان چېغىدا ئۇ پەرىشتە يەنە ئۇنىڭغا(يازغۇچىغا)ئۇنىڭ ئىچىدىن چىققان دۇنيا بىلەن قۇرماقچى بولغان دۇنيانى بىرلەشتۈرىدىغان ھېكايىلەرنى، رەسىملەرنى، خىياللارنى تۇيۇقسىز ئاتا قىلىدۇ. پۈتۈن ھاياتىمنى بېغىشلىغان بۇ يازغۇچىلىقتا مېنى تولىمۇ خۇشال قىلغان جۈملىلەرنى، خىياللارنى، سەھىپىلەرنى مەن ئەمەس، باشقا بىر كۈچ تېپىپ ماڭا مەردلەرچە سۇندى دەپ ئويلىغىنىم ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان تۇيغۇ بولدى.
نېمە ئۈچۈن ئەسەر يازىمەن؟ يازغۇم كەلگەنلىكى ئۈچۈن يازىمەن. باشقىلاردەك نورمال ياشىيالمىغانلىقىم ئۈچۈن يازىمەن. باشقىلارمۇ مېنىڭكىگە ئوخشاش رومانلارنى يازسۇن-دە، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇي دەپ يازىمەن. ھەممىڭىزگە، ھەر بىرىڭىزگە ئاچچىقىم بولغانلىقى ئۈچۈن يازىمەن. بىر ئۆيگە بېكىنىپ كۈنبويى ئەسەر يېزىشتىن ھۇزۇرلانغىنىم ئۈچۈن يازىمەن. مەن، باشقىلار، بىزلەر ئىستانبۇلدا، تۈركىيەدە قانداق ياشىدۇق، قانداق ياشاۋاتىمىز، پۈتۈن دۇنيا بۇنى بىلسۇن دەپ يازىمەن. قەغەز، قەلەم، سىياھنىڭ پۇرىقىنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن يازىمەن، ئەدەبىياتقا، رومانغا، سەنئەتكە ھەممىدىن بەك ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن يازىمەن. بۇ ئىشقا كۆنۈپ قالغانلىقىم ۋە سەۋدا بولغانلىقىم ئۈچۈن يازىمەن. كىشىلەرنىڭ مېنى ئۇنتۇپ كېتىشىدىن قورققانلىقىم ئۈچۈن يازىمەن. يازغۇچىلىق ئېلىپ كەلگەن شان-شۆھرەت ۋە ھۆرمەتتىن سۆيۈنگەنلىكىم ئۈچۈن يازىمەن. يالغۇز قېلىش ئۈچۈن يازىمەن، ھەممىڭىزگە، ھەر بىرىڭىزگە نېمىشقا ئۇنداق ئاچچىقلىنىدىغانلىقىمنى چۈشىنىش ئۈچۈن يازىمەن. ئەسەرلىرىمنى باشقىلارنىڭ ئوقۇشىدىن زوقلىنىدىغانلىقىم ئۈچۈن يازىمەن. باشلاپ قويغان شۇ روماننى، شۇ ئەسەرنى، شۇ سەھىپىنى ئەمدى تاماملاي دەپ يازىمەن. ھەممەيلەن بۇنى مەندىن كۈتۈۋاتىدۇ دەپ يازىمەن. كۈتۈپخانىلارنىڭ ئەبەدىيلىكىگە، كىتابلارنىڭ كىتاب جاھازىسىدا ئەبەدىي قالىدىغانلىقىىغا بالىلارچە ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن يازىمەن. ھاياتلىق، دۇنيا، ھەممە نەرسە كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك دەرىجىدە گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن يازىمەن. ھېكايە بايان قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ھېكايە توقۇماق ئۈچۈن يازىمەن. مېنى ساقلاۋاتقان گۈزەل بىر ماكان باردەك، ئەمما چۈشۈمگە ئوخشايدىغان شۇ ماكانغا زادىلا بارالمايۋاتقاندەك بىر تۇيغۇدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يازىمەن. ھەر قانچە قىلساممۇ بەختلىك بولالمايۋاتقانلىقىم ئۈچۈن يازىمەن، بەختلىك بولۇش ئۈچۈن يازىمەن. (ئورخان پامۇكنىڭ ”دادامنىڭ چامادىنى“ نۇتقىدىن ئۈزۈندە).

ئايال كېتىدۇ ۋە بۇ شېئىر دېيىلىدۇ
ئايال كېتىدۇ، بىر شائىر تۇغۇلىدۇ ئۇنىڭدىن
(مەن قايسى ئايالدىن تۇغۇلغان شائىر ئىكەنلىكىمنى بىلىمەن)
يازنىڭ كېتىپ قېلىشى بىلەن ھەممە يەردە گەپ بولسا
ئايالنىڭ كېتىپ قېلىشى بىلەنمۇ ھەممە يەردە گەپ بولىدۇ
ئايال ئۆزى بارغان يەرلەردە شېئىر دېيىلىدۇ
ئايال كەتسە يازمۇ ئاياغلىشىدۇ ئۇ يەردە
ياز كېتىپ، ئايالمۇ كەتسە بۇنىڭ ئاقىۋىتى شېئىردۇر
يازنىڭ ئاخىرى شېئىردۇر، مۇھەببەتنىڭ ئاخىرى شېئىردۇر
شەھەر كوچىلىرى يازنىڭ ئارقىسىدىن ماڭسا
ياز يىراقلىشىدۇ، مۇھەببەتمۇ ئۇنىڭدىن شادلىنىدۇ
يازنىڭ ئارقىسىدا شەھەر، ئايالنىڭ ئارقىسىدا شېئىر
كۈز پەسلى كوچىسىغا قەدەر بۇ يول مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ
بىر كۈنى كېچىدە ئىيۇندىن سىنتەبىرگىچە مېڭىۋىدىم
كۈز پەسلى يازنى، ياز پەسلى شېئىرنى تەرك ئەتتى
شائىرمۇ بىر ئايال تەرىپىدىن تەرك ئېتىلدى شېئىرگە
بارلىق ئوغۇللار ئانىسىنى بىر شېئىر ئۈچۈن تەرك ئېتىدۇ!
ئۇ ئايال مېنى تەرك ئەتسە شائىر بولىمەن
ئانام بولغان ئەي ئايال، مېنى تەرك ئەتمە
شېئىرلار ئوقۇلىدۇ، ياز كېتىدۇ، ئايالمۇ كېتىدۇ
بارلىق ئاياللار شېئىرنى بىر ئايالغا تاشلاپ كېتىدۇ.
__ ئورخان پامۇكنىڭ ”سىنتەبىر“ ناملىق شېئىرى

++++++++++++++
پايدىلىنىغان قوشۇمچە مەنبەلەر:
1. تۈركچە ۋىكىپىدىيا: ئورخان پامۇك ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى
2. ”بىر يۇتۇم ئادەم“ : ئورخان پامۇك ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك ڧىلم
3. “ كەڭ زامان“: ئورخان پامۇك بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت پروگراممىسى
4. ”ساددا ۋە ئەقىللىق يازغۇچى“: تېلىۋىزىيە سۆھبىتى
5. ئورخان پامۇكنىڭ ئىنگىلىزچە شەخسىي تور بېكىتى

]]>
http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1692.html/feed 0
تىللا سۆزلەر، دۇردانىلەر، ئەپسانىلەر http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1682.html http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1682.html#comments Mon, 11 Sep 2017 01:53:47 +0000 ئەرتۈرك http://www.tepekkur.com/?p=1682 مىجەزدىكى ئېسىللىكنى ياسالمىلىق بىلەن پەيدا قىلغىلى بولمايدۇ، ھەم كىيىمگە ئوخشاش خالىغانچە كىيگىلى ياكى سېلىپ تاشلىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئۇ خۇددى دەرەخنىڭ غولىدىكى يىل ھالقىلىرىدەك تەدرىجىي شەكىللىنىدۇ.  تەقدىرىمىزنى ھەر كۈنى بىر-بىرلەپ يېزىپ ماڭىمىز، چۈنكى  قىلمىش-ئەتمىشلىرىمىز تەقدىرىمىزنى ھەر ۋاقىت بەلگىلەپ تۇرىدۇ. مەن بۇنىڭ ھاياتلىقتىكى ئەڭ ئالىي مەنتىقە ۋە قانۇنىيەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. — سۇڭ مېيلىڭ

ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ئۆزىنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىشى كېرەكلىكى ۋە كىمنى ياخشى كۆرۈشى كېرەكلىكىنى بىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

«montmartreنەسىھەتلىرى»

   بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساڭ، ئۇلارنىڭ بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ۋە بوش ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىغا قارىساڭ كۇپايە. —خۇشى

ئىدىيەڭگە دىققەت قىل، چۈنكى ئۇ سېنىڭ سۆزۈڭگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ سۆزۈڭگە دىققەت قىل، چۈنكى ئۇ سېنىڭ قىلىق-ھەرىكىتىڭگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ ھەرىكىتىڭگە دىققەت قىل، چۈنكى ئۇ سېنىڭ ئادىتىڭگە ئايلىنىپ قالىدۇ، ئادىتىڭگە دىققەت قىل، چۈنكى ئۇ سېنىڭ مىجەزىڭگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ مىجەزىڭگە دىققەت قىل، چۈنكى ئۇ سېنىڭ تەقدىرىڭگە ئايلىنىپ قالىدۇ. — ساچىر خانىم

بەزىلەر بىر كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى، شۇڭا كۈتۈش ۋە ئارىسالدىلىق دۇنيادىكى ئەڭ رەھىمسىز قاتىلدۇر. — سەن ماۋ

ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل ئىش ئۆزىنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىش ۋە تەۋەككۇل قىلىشتۇر. ئەمما تولا ئادەم نېمە ئىش قىلسا خەقنىڭ كۆزىگە قاراپ ئىش قىلىدۇ-دە، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى توسۇپ قويىدۇ.

ئاچچىقىڭنى كۈچكە ئايلاندۇرساڭ، مانا بۇ قابىلىيەتتۇر؛ ئاچچىقىڭنى بېسىۋالساڭ، مانا بۇ نوچىلىقتۇر.

ۋەسۋەسە گويا گۈلگە ئوخشايدۇ، خۇشپۇراقلىرى سېنى مەست قىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدا زەھەر بولسىمۇ كارىڭ يوق، ئۇنى ئۈزۈۋېلىشنى ئويلايسەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆزەڭنى تۇتالماي قىلتاققا چۈشىسەن. شۇڭا بىر ئادەمنىڭ قىممىتىنى ئۆلچەشتە، ئۇنىڭ ئىقتىدارىغىلا ئەمەس، ۋەسۋەسىلەرگە قانچىلىك تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

دائىم غەزەبلىنىسەن، چۈنكى قورسىقىڭ ئانچە كەڭ ئەمەس؛ دائىم ئىچىڭ سىقىلىدۇ، چۈنكى ئانچە خۇشخۇي ھەم مەردانە ئەمەسسەن؛ دائىم تەشۋىشلىنىسەن، چۈنكى قىلدەك غەمنى پىلدەك يوغانتىسەن؛ دائىم ئازابلىنىسەن، چۈنكى ئانچە چىداملىق ئەمەسسەن؛ دائىم قايغۇرىسەن، چۈنكى ئاپتاپتىن كۆرە، قارا بۇلۇتنى بەكرەك كۆرىسەن؛ ھەسەت قىلىسەن، چۈنكى ئۆزەڭگە ئانچە شۈكۈر قىلمايسەن… دېمەك، خىلمۇ خىل بىئاراملىقنىڭ مەنبەسى ئۆزەڭدە، شۇڭا ھەر قېتىم بىئارام بولغىنىڭدا ئۆزەڭدىن بىر كەمچىلىك ئىزدەپ باق.

ئىنساننىڭ مەقسەت-مۇددىئاسى مۇھەببەت ياكى قورقۇنچتىن كېلىدۇ.

]]>
http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1682.html/feed 0
ۋاقىت http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1675.html http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1675.html#comments Mon, 19 Jun 2017 05:30:46 +0000 ئەرتۈرك http://www.tepekkur.com/?p=1675 ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئەمەسمەن
ياكى تامامەن سىرتىدا،
ئۇزۇن بىر پەيتنىڭ
بۆلۈنمەس ئېقىشىدا.
غەلىتە چۈش رەڭگىدە
قېتىپ قالغان شەكىللەر،
ھەتتا مەندەك يەڭگىل ئەمەس،
شامالدا ئۇچۇۋاتقان تۈكلەر.
بېشىم سۈكۈتلەرنى ئېزىپ
توختىماي ئايلىنىۋاتقان تۈگمەن.
قەلبىم يالىڭاچ دەرۋىش
مۇرادىغا يەتكەن.
يىلتىزى ماڭا تۇتاشقان
ماڭا چىرماشقان بىر دۇنيانى سېزىۋاتىمەن،
ئەتراپىمدا كۆپكۆك نۇر
ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈۋاتىمەن…
(ئەھمەد ھەمدى تانپىنار)

شەرھى: ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم ئوتتۇرىسىدىكى پىچاق بىسىدەك ئۆتكەلدە دەلدۈگۈنۈپ كېتىۋاتقان ئىنسانلار، بولۇپمۇ يازغۇچى، شائىر، رەسسام، مۇزىكانتلار ۋاقىتقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆمۈر بويى ئىجات قىلغان ئەسەرلىرى ياكى ئىجات قىلماقچى بولغانلىرى ۋاقىت بىلەن تىركىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. يازغۇچى-شائىرلار ئەسەر يېزىش، شۇ پەيتتىكى رۇھ ھالىنى، تۇيغۇلىرىنى، خىياللىرىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق ۋاقىتنى توختىتىشقا، ئۇنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. شائىرلار ئۆز شېئىرلىرىدە «ۋاقىت» ئۇقۇمىنى شېئىرلاشتۇرۇشقا، ئاندىن شېئىردىن ئىبارەت بۇ ۋاسىتىنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. نەتىجىدە، شېئىر شائىرلار تەرىپىدىن زامان (ۋاقىت) ئۇقۇمىنى كونكرېتلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. ئەھمەد ھەمدى تانپىنارمۇ شېئىرلىرىدا ۋاقۇت ئۇقۇمىغا ئورۇن بەرگەن، ۋاقىت بىلەن شېئىرنى يۇغۇرۇشقا تىرىشقان شائىرلاردىن بىرىدۇر.
بېشىم تۈگمەن (تېشى)
ئىچىم دەرۋىش
ۋاقىتنىڭ ئىچىدە
ۋە يا تېشىدا ئەمەسمەن
كۆك نۇر ئىچىدە ئۈزمەكتىمەن…

ئەھمەد ھەمدى تانپىنار (1901–1961) تۈركىيەنىڭ يېقىنقى زامان مەشھۇر شائىرى، يازغۇچىسى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى بولۇپ، تۈركىيە مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ پېشىۋالىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ «ھۇزۇر»، «سائەت تەڭشەش ئىنستىتۇتى» قاتارلىق رومانلىرى، «ئايدىكى ئايال» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «19-ئەسىر تۈرك ئەدەبىياتى تارىخى» ناملىق كىتابى تۈرك ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

]]>
http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1675.html/feed 0
ھالاك بولغان شەھەر http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1661.html http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1661.html#comments Tue, 23 May 2017 03:24:31 +0000 ئەرتۈرك http://www.tepekkur.com/?p=1661 ئىتالىيەنىڭ ناپولى شەھىرىگە 30 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر يەردە پومپېي دەپ ئاتالغان قەدىمىي بىر شەھەر بولۇپ، مىلادىيەدىن بۇرۇن 5000 يىل ئىلگىرى بەرپا قىلىنغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ۋىزۇ يانارتېغىنىڭ يېنىغا دېگۈدەك جايلاشقان بۇ شەھەر مىلادىيەدىن ئاۋۋالقى 79-يىلدا يانارتاغنىڭ پارتىلىشى بىلەن ئوت-لاۋىغا، ماگمىلارغا كۆمۈلگەن بولۇپ، شەھەر ئاھالىسى ھەش-پەش دېگۈچە تاش قاتمىلارغا ئايلىنىپ كەتكەن.

ئەينى ۋاقىتتا پومپېي شەھرىگە رىم ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى، پادىشاھ گالىگۇلا ناھايىتى زالىم ۋە ئازغۇن پادىشاھ ئىدى، بۇ شەھەردىكى ئادەملەر بۇزۇقچىلىققا بېرىلىپ كەتكەن بولۇپ، بەچچىۋازلىقنى نورمال ھېسابلايتتى. پادىشاھ ئۆزىنىڭ سىڭلىسىغا ئاشىق بولغان بولۇپ، پەردىشەپ، ھايا-نومۇس ئېڭى يوقالغان. پۇقرالىرىمۇ بۇزۇقچىلىقتا بەسلىشىش دەرىجىسىگە يەتكەن، شەھەر پاھىشخانىلارغا تولۇپ كەتكەن، بەچچىۋازلىق، ھەمجىنسلىق ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك بۇزۇقچىلىقلار ئەۋج ئالغان.

ئاقسۆڭەكلەر ناھايىتى ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرەتتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇلار ھەر قېتىم تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن غاز پېيىنى ئىشلىتىپ قۇساتتى، قۇسۇپ بولۇپ يەنە يەيتتى. شۇنداق قىلسا كۈندە كۆپ قېتىم تائام لەززىتى تېتىيالايتتى.

ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى شەھەردە نورمال تۇرمۇش داۋاملىشىۋاتاتتى، ھاۋا باشقا كۈنگە قارىغاندا سەل دىمىق بولۇپ، يەڭگىل يەر تەۋرەشلەرنى سەزگىلى بولاتتى، ئەمما ئۇلار بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى. بىر ئازدىن كېيىن ئاسماندىن كۈل يېغىشقا باشلىدى، ئۇلار يەنە پىسەنت قىلمىدى، بەلكى بۇ ئالامەتلەر ۋىزۇ يانار تېغى پارتلاشتىن ئاۋۋالقى ئىشارەتلەر ئىدى.

ئەمما ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى، بالا-قازا ھەقىقەتەن يېتىپ كەلدى. ھودۇقۇپ كەتكەنلەر دېڭىزدىكى كېمىگە قاراپ قاچتى، بەزىلىرى ئۆيىگە كىرىۋالدى. دېڭىزغا قاراپ قاچقانلار ئاجايىپ بىر ئىشقا دۇچ كەلدى: دېڭىز سۈيى بىردىنلا ئۆرلىگەن بولۇپ، شىددەتلىك دولقۇنلار كېمىلەرنى قىرغاققا، ئوت-يالقۇنغا قارىتىپ ئاتاتتى. ئاسماندىن ئۇششاق-ئۇششاق تاشلار ئوت-چوغ بولۇپ يېغىشقا باشلىغانىدى. بۇ دەھشەتلىك ئاپەتتىن ھېچكىم قۇتۇلالمىدى. 18 كىلومېتىر دائىرىدىكى پومپېي شەھرى ئوت-لاۋىلار ئىچىدە قالدى. 16مىڭ نوپۇسنىڭ زور كۆپ قىسمى تاش قاتمىغا ئايلىنىپ كەتتى. ۋىزۇ يانار تېغى شۇ قەدەر شىددەتلىك پارتىلىدىكى، كۈل بۇلۇتلىرى بۇ ئاپەتتىن خەۋەر بېرىۋاتقاندەك ئاناتولىيە، سۇرىيە، ھەتتا مىسىرغىچە يېتىپ باردى.

پومپېي ئاھالىسى پۈتۈن بايلىقلىرى، مەنسەپ-مەرتىۋىلىرى، گۈزەللىكلىرى بىلەن بىرلىكتە تاشقا ئايلاندى. ئۇلار بۈگۈن ئىتالىيەدە ئۈستى ئوچۇق موزېي ھالىتىدە ساقلانماقتا.

گىئولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلار گۈڭگۈرت گازىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان ماگما تۇزىنىڭ قېتىشىشى سەۋەبىدىن بەدەنلىرى تاش قاتمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. يەنى، يانار تاغدىن چىققان ماگما ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلىگە ئاساسەن تاش قېلىپ (تاش ھەيكەل) شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قېلىپ ئىچىدىكى بەدەن چىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، قېلىپنىڭ ئۆزى ساقلىنىپ قالغان.

بۇ شەھەر ئاھالىسىنىڭ بۇزۇقچىلىققا پېتىپ كەتكەنلىكى تۈپەيىلىدىن ھالاك قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. قۇرئاندا خەۋەر بېرىلىشىچە، تارىختىكى ئاد، سەمۇد قەۋمى گۇناھقا پاتقانلىقى، لۇت قەۋمى بولسا زىناكارلىقتا ھەددىدىن ئاشقانلىقى تۈپەيلىدىن ھالاك بولغان.

]]>
http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1661.html/feed 0
رومانغا بولغان قارىشىم http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1586.html http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1586.html#comments Fri, 21 Apr 2017 15:03:36 +0000 ئەرتۈرك http://www.tepekkur.com/?p=1586 ۋاڭ شياۋبو

مەن كىچىكىمدىنلا ھېكايە-رومانلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم ھەم ئۆزەممۇ رومان يازالايمەن دەپ ئويلايتتىم. 27 ياشقا كىرگەن چېغىمدا تورنېرنىڭ بىر رومانىنى ئوقۇپ بۇ قارىشىمنى ئۆزگەرتتىم. مەن ئۇقماي يۈرگەن بىلەن، رومانچىلىق بەكلا ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ. ھازىرقى رومانلار بىلەن قەدىمكى رومانلارنىڭ پەرقى ماشىنا بىلەن ئات ھارۋىسىنىڭ پەرقىدەك چوڭ ئىدى. ھازىرقى ئېسىل رومانلارنى ئابزاسمۇ ئابزاس كۆز يۈگۈرتۈپلا ئوقۇغىلى بولمايتتى. كۆپچىلىكنىڭ بۇ پىكىرنى ماقۇللىشى ئۈچۈن تۆۋەندە بىر مىسال كەلتۈرەي: دۇراسنىڭ ”ئاشنا“ ناملىق رومانى ”مەن قېرىپ قالدىم“ دېگەن جۈملىدىن باشلىنىدۇ. بۇ جۈملىدە چەكسىز سولغۇنلۇق بار. ئەگەر يەنىمۇ تەپسىلىي ئوقۇيدىغان بولسىڭىز، روماننىڭ باشقا جۈملىلىرىدىكى ئۇسلۇبنىڭ ئاساسەن مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ھازىرقى رومانلارغا بولغان قارىشىم مەزكۇر روماننى ئوقۇغاندىن كېيىن مۇقىملاشتى. ھازىرقى داڭلىق رومانلار ئومۇمەن ناھايىتى مول ئۇچۇرلارنى سىغدۇرۇۋەتكەن بولۇپ، ئۇسلۇبى بەك گۈزەل، ئوقۇغان ئادەمنى تەلۋىلەرچە ھاياجانغا سالىدۇ، ھەمدە رومان يازماقچى بولغانلارنى تەمتىرىتىپ قويىدۇ. كىلاسسىك يازغۇچىلار ئىچىدە رۇسىيە يازغۇچىسى چېخوپنىڭ بىر قانچە ئەسىرىدىلا ئاشۇنداق قالتىس يېزىۋەتكەن يەرلەر بار، لېكىن ھەممىلا يېرى كىشىدە ھەيرانلىق ۋە ھۆرمەت قوزغىيالمايدۇ. جەزمەن ئېتىراپ قىلىشىم كېرەككى، ھازىرقى زامان رومانچىلىرى مېنى بەكلا چۆچۈتكەن. تورنېرنىڭ مەن ئوقۇغان ”قىز ۋە ئۆلۈم“ ناملىق رومانى ئەنە شۇنداق چۆچۈش ۋە تەمتىرەشلىرىمنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.
دەل شۇ سەۋەپتىن مەن رومان يېزىشتىن ۋاز كېچىپ، توپتوغرا 10 يىل باشقا ئىشلارنى قىلدىم. 40 ياشقا يېقىنلاپ قالغاندا ئاندىن رومان يېزىشنى سىناپ باقتىم. بۇ ۋاقىتتا شۇنى بايقىدىمكى، داڭلىق رومانلارنى يازغان يازغۇچىلارمۇ ئادەتتىكى ۋاقىتلىرىدا ئادەتتىكىچە رومانلارنى يازىدىكەن. شېۋىتسارىيەلىك يازغۇچى دوررېنمات داڭلىق رومانى ”سوتچى ۋە ئۇنىڭ جاللىتى“ نى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ”بۇ رومان مېنىڭ نەچچە يىللىق ۋاقتىمنى ئالدى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز بۇنداق يازمايمەن“ دەپ ئوچۇق ئېيتقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ خېلى كۆپ رومانلارنى يازغان ۋە ھەممىسى دېگۈدەك ياخشى رومانلار بولسىمۇ لېكىن ”سوتچى ۋە ئۇنىڭ جاللىتى“ ناملىق رومانىنىڭ پەللىسىگە يېتەلمىگەن. دۇراسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇمۇ ”ئاشنا“ ناملىق رومانىنى قايتا-قايتا ئۆزگەرتكەن، ھەر بىر ئابزاس، ھەر بىر جۈملىنىڭ ئورنىنى يېڭىۋاشتىن بېكىتكەن. مەنچە بولغاندىمۇ ئۇنىڭ بۇ رومانى باشقا رومانلىرىدىن ئېسىل.
ئۇلارنىڭ سۆزلىرى كىشىگە تەسەللىي بېرىدۇ، دېمەك ئۇلارمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى يازغۇچىلار ئەمەس؛ ئۇلارنىڭ دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان رومانلىرى كۆپ ئەمەس، ھەجمىمۇ چوڭ ئەمەس. شۇنداق ئويلايمەنكى، ھەجىمى پوۋېسستەك كېلىدىغان ”ئاشنا“ دېگەندەك بىر قانچە روماننىڭ ۋەزنى داڭلىق كىلاسسىك رومانلارنىڭكىدىن كەم ئەمەس. كىلاسسىك رومانلارنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر بۇ پىكرىمگە قوشۇلماسلىقى مۇمكىن، مېنىڭمۇ ئۇلارنى قايىل قىلىش نىيىتىم يوق. شۇنداقتىمۇ دەپ قويۇشۇم كېرەك، مەنمۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرۈپ باققان. ئەگەر مودېرنىزملىق رومانلار بولمىغان بولسا، كىنوچىلىق تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە لېۋ تولستوي بەلكىم مېنى رومان ئوقۇشتىن زېرىكتۈرگەن بولاتتى.
مەنچە، مودېرنىزملىق رومانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىر قانچە داڭلىق ئەسەرگە مەنسۇپ. بۇ ئەسەرلەرنىڭ يازغۇچىلىرى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، مەزكۇر ئەسەرلەر مودېرنىزملىق سەنئەتنىڭ چوققىسى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. مەنمۇ بىر-ئىككى پارچە ئەسىرىمنى مۇشۇ سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋالدىم. مەنمۇ 60 مىڭ خەتلىك ئۇزۇن پوۋېست يېزىشنى ياخشى كۆرىمەن. ”كەلگۈسى دۇنيا“ ناملىق ئەسىرىم بۇنىڭ مىسالى. ”ئاشنا“، ”سوتچى ۋە ئۇنىڭ جاللىتى“ ناملىق داڭلىق رومانلارنىڭ ھەجمىمۇ شۇنچىلىك. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشتا دورامچىلىق قىلىمەن دەپ كۈلكىگە قالساق بولمايدۇ. يازغان ئەسەرلىرىم ئىچىدە ”ئالتۇن دەۋر“ (”بىرلەشمە گېزىت“ 13-نۆۋەتلىك پوۋېست مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن) مېنى ئەڭ رازى قىلىدۇ. لېكىن مەن تېخى يەتمەكچى بولغان ئارزۇيۇمغا يەتمىدىم، شۇڭا داۋاملىق تىرىشىشىم كېرەك.

]]>
http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1586.html/feed 0
نېمە ئۈچۈن يازىمىز؟ http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1481.html http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1481.html#comments Sat, 17 Dec 2016 13:55:13 +0000 ئەرتۈرك http://www.tepekkur.com/?p=1481 يېزىش ياكى يازماسلىق! بارلىق مەسىلە مانا شۇ – شېكىسپىر.
سۆزلىيەلىگەن ئادەمنىڭ ھەممىسى يازغۇچى بولالايدۇ. يېزىش بىر قابىلىيەتتۇر، ۋاقىت مەسىلىسى، ساپا مەسىلىسى، دىت پاراسەت مەسىلىسىدۇر. يازغۇچى بولالمايمەن دەيدىغان بىر تەرەپلىمە قارىشىڭنى تۈزەت. بىر تەرەپلىمە قاراشلار بىزنىڭ كويزا كىشەنىمىز، ھەتتا تۈرمىمىزدۇر. باشتىكى تۈگمىنى خاتا ئەتسەڭ، قالغان تۈگمەڭمۇ خاتا ئېتىلىدۇ. شۇڭا خاتا ۋە قاتمال قارىشىڭنى باشتىلا توغرىلا. بىر ئىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىغا ئىشەنسەڭ، كاللاڭمۇ بۇ ئىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا كۈچەيدۇ؛ ئەگەر بىر ئىشنى قىلالايدىغىنىڭغا ئىشەنسەڭ، كاللاڭمۇ شۇنىڭغا بېقىپ ئىشلەيدۇ ۋە ساڭا ياردەم قىلىشقا باشلايدۇ.
سۆز ئۇچىدۇ، يېزىق قالىدۇ. ئەمما سۆزنىڭ قاناتلىرى باردۇر. بىز نېمىشقا يازىمىز؟
1. ئىلاھىي ئەمىر بولغىنى ئۈچۈن يازىمىز. ”ئۇ قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگەتتى، ئىنسانغا بىلمىگەننى بىلدۈردى“ (سۈرە ئەلەق، 4-5-ئايەت) قىسقىسى، ئاۋۋال ئىنسان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن يازىمىز.
2. ئۆزىمىزنى ئىسپاتلاش، قابىلىيىتىمىز ۋە مەنىۋى گۈزەللىكلىرىمىزنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن يازىمىز. يېزىش روھىمىزدىكى ئۇچقۇنلارنى چاقنىتىش ۋە ئۇنى بىراۋغا كۆرسىتىش ھەرىكىتىدۇر؛ بەزەن ئۆز ئىچىمىزدىكى زۇلمەتنى يورىتىش، تەسەللىي ئىزدەش ئۈچۈن يازىمىز.
3. جەمئىيەتكە ئارىلىشىش، كىشىلەرگە قېتىلىش ئۈچۈن يازىمىز. ئىنسان بازارچىدۇر، ماللىرىنىڭ باشقىلارنى جەلپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
4. بىرەر تېمىدا يېڭى گەپ قىلماق، بىرەر ساھەگە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن يازىمىز. ئىنسان ئۆزى ۋە دۇنيا ھەققىدە بىر نەرسە دەۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
5. دەردىمىزنى ئېيتىۋېلىش، ئىچ-قارنىمىزنى بوشىتىۋېلىش ئۈچۈن يازىمىز.
6. ئىچىمىزدىكى ۋولقاننى ئۆچۈرۈش ياكى بۇ ۋولقاننى پارتىلىتىش ئۈچۈن يازىمىز.
7. دۇنيانى چۈشىنىش، چۈشەندۈرۈش (مەنىدار قىلىش)، ئىچكى دۇنيايىمىزدىكى داۋالغۇشلارغا شاھىت بولۇش ئۈچۈن يازىمىز.
8. مەۋجۇتلۇقىمىزنى ھېس قىلىش ئۈچۈن يازىمىز.
9. ئۆزىمىزنى ئاق قەغەزدە (ياكى ئېكراندا) كۆرۈش، ئۆزىمىزنى سىناش ئۈچۈن يازىمىز. ئىنسان ھەممىدىن بەك ئۆزىنى سىناق قىلالايدۇ.
10. ياشىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاش، ھاياتىمىزدىن ئىز قالدۇرۇش ئۈچۈن يازىمىز.
11. دۇنيا بىلەن قارشىلاشماسلىق، ئۇنىڭ رەھىمسىزلىكىنى، قاتتىق قوللۇقىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن يازىمىز. يېزىش جەريانىدا دۇنيانى ئۆزىمىزگە دوست قىلىۋالىمىز.
12. ساراڭ بولۇپ قالماسلىق ياكى ئىچىمىزدىكى ساراڭلىقنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن يازىمىز.
13. ياشاش ھەم ھايات قېلىش ئۈچۈن يازىمىز. ”ياش ۋېرتېرنىڭ ئۆلۈمى“نى يازغان گىيۇتى: ۋېرتېرغا ئۆزىنى ئۆلتۈرگۈزمىگەن بولسام ئۆزەم ئۆلۈۋالاتتىم، دېگەن.
14. يېزىشنى بىر خىل تۇرمۇش ئادىتى ۋە ھاياتنىڭ قىممىتى دەپ قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن يازىمىز. يېزىش ئۈچۈن ياشىدىم، ياشاش ئۈچۈن يازدىم، دەيدۇ سامۇئېل جونسون.
15. سۈكۈتىمىزنى، جىمغۇرلۇقىمىزنى، دەرت-ھەسرىتىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يازىمىز.
16. ئىنكاس قايتۇرۇش، نارازىلىق بىلدۈرۈش، پىكرىمىزنى كۆپچىلىككە سۇنۇش ۋە جامائەت پىكرى توپلاش ئۈچۈن يازىمىز.
17. مەشھۇر بولۇش، شۆھرەت نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن يازىمىز.
18. جان بېقىش ئۈچۈن ئەمەس، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئۈچۈن يازىمىز.
19. پىكىر قىلىش، ئويلىنىش ئۈچۈن يازىمىز. ئەڭ ياخشى ئويلىنىش ۋاسىتىسى يېزىقچىلىقتۇر. پىكىرلىرىڭ جۈملە ھالىتىگە كەلگەندە ئۇنىڭ توغرا-خاتالىقى، ئېسىللىكى ياكى ناچارلىقى مەلۇم بولىدۇ.
20. مەنىۋى قانائەت ئۈچۈن يازىمىز.
21. بېسىمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يازىمىز.
22. تىلنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى قېزىپ، مەنە خەزىنىلىرىنى ئىزدەش ھەم بايقاش ئۈچۈن يازىمىز.
23. ئويۇن ئويناش ئۈچۈن يازىمىز.
24. ئەلۋەتتە بەزىدە مۇئەللىملەرنىڭ زورى بىلەن يازىمىز، ئەمما يازغانلىرىمىز ئومۇمەن ئۆلۈك چىقىدۇ.
يازغۇچى بولۇشنىڭ ئەڭ ئەپچىل چارىسى ئوقۇماقتۇر. كىتابلىرىم ماڭا يېتىپ ئاشىدىغان بۈيۈك پادىشاھلىقتۇر دەيدۇ شېكىسپىر. مەن كۆپ ياشىمىدىم، كۆپ ئوقۇدۇم دەيدۇ بورگېس. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، كىتاب ئوقۇش، يېزىقچىلىق قىلىش ئۆمۈرنى ئۇزارتقانلىققا باراۋەر.
ۋاھالەنكى، ئوقۇماق باشقا بىرىنىڭ كاللىسى بىلەن ئويلاش دېمەكتۇر. شۇڭا يېزىش كېرەك، باشقىلارغا ئۆزەڭنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭنى، نېمىدىن تەسىرلەنگىنىڭنى، نېمە خىيال سۈرۈۋاتقانلىقىڭنى، نېمە پىلانلار سوقۇۋاتقانلىقىڭنى، دۇنيادا مەقسەتسىز ياشىمايۋاتقانلىقىڭنى، بىر كىملەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى، سۈكۈت ئىچىدىلا ئۆلۈپ كېتىشنى خالىمايدىغانلىقىڭنى بىلدۈرۈشىڭ كېرەك. يېزىقچىلىق مۇنداقچە ئېيتقاندا سۈكۈت ئىچىدە ۋاقىراش دېمەكتۇر.
(تۈركچە «يازغۇچىلار مەكتىپى»ناملىق كىتابتىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى)

]]>
http://www.tepekkur.com/index.php/archives/1481.html/feed 0
友情连接:博狗娱乐 博狗开户