چوققىلانغان يازمىلار

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (پوۋېست)

m9

1 سىز بىر كىنو كۆرۈۋاتىسىز، ۋەقەلىكى يالغان، ئەمما كۆرۈنۈشلىرى راست. ئەگەر كىنو كۆرمەيۋاتقان بولسىڭىزمۇ مەلۇم بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بۇ شەھەردە مانجۇلار ھاكىمىيەت قۇرغان، ئىپارخان راۋاققا چىقىپ غەربكە نەزەر تاشلاپ يۇرتىنى سېغىنغان، جىگدە پۇراقلىرىغا تەشنا بولغان. ئارىدىن يۈز نەچچە يىل ئۆتتى، زامانىۋى ئىپارخانلار بەدەنلىرىگە چىپپىدە كېلىدىغان ئۇسسۇل كىيىملىرى بىلەن سەھنىلەردە جىلۋە [...]

ئورخان پامۇك ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى

th

تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ 30 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىيەت ھاياتى ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپلەرگە تولغان ھايات بولۇپ، تۇنجى رومانىدىن باشلاپ ھازىرغىچە تۈركىيە ۋە خەلقئارادا 24 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 2006-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالدى ۋە بۇ مۇكاپاتنى ئالغان تۇنجى تۈرك ھەمدە ئەڭ ياش ئىككى كىشىدىن بىرى بولدى. ئەسەرلىرى 60 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى، يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتتە نەشىر قىلىندى، [...]

يوق دېسۇن

يوق دېسۇن كېتەي بۇ دۇنيادىن يالغۇز يالىڭاچ، بىر ياماق جەندىسى يوق ئۇنىڭ دېسۇن. گېلىمغا يوقلۇقتىن پىچاق تەڭلەنسۇن، ئىچ-قارنى ئاچلىقتىن پۇراپتۇ دېسۇن. دېمىسۇن دۇنيانى قارنىغا يەپتۇ، يېنىدا بىر تيىن پۇلى يوق دېسۇن. دۇنياغا قارنى توق قۇرت كەبى ئىدى پەقەت بىر خىيالغا بېرىلگەن دېسۇن. ماختىناي پەقەتلا ئىمانىم قالسۇن، نامەرتلەر قولىدىن يىرگىندى دېسۇن. پەسكەشلەر ھەق دېسە مەن ئازغۇن [...]

مۇھەببەتنى قانداق يېزىش كېرەك؟

20150323_183027000_iOS

(ئوبزور) غالىپ مۇھەممەد قارلۇق مۇھەببەت ئۇلۇغ ۋە ئۆلمەس تېما. ئۇ دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈچ چوڭ تېمىسىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىدۇ. بىز مۇھەببەتتىن تۆرەلدۇق، مۇھەببەت ئارقىلىق ئاۋۇپ بۈگۈنگىچە كەلدۇق، مۇھەببەت ئارقىلىق يەنە «ئەسلىمىز»گە قايتىمىز. قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەتئەللەرگىچە مۇھەببەت تېمىسىدا قەلەم تەۋرىتىپ باقمىغان يازغۇچى، شائىر بولمىسا كېرەك. مۇھەببەت ھەم كونا تېما، ھەم يېڭى تېما. «چىڭگىزخان» فىلىمىدە تۆمۈرچىننىڭ [...]

ۋالتېرنىڭ سۆزلىرى

voltaire

ياۋروپا ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى، فرانسىيەلىك يازغۇچى، تارىخچى ۋە پەيلاسوپ ۋالتېر (1694-1778) ئۇنتۇلغۇسىز پىكىرلىرى ۋە بۇلارنى ئىپادىلەش قابىلىيىتى بىلەن داڭ قازانغان شەخستۇر. ئۇ ئۆمۈر بويى مۇتئەسسىپلىك ۋە زوراۋانلىق بىلەن ئېلىشقان. ئۇنىڭ زامانداشلىرىدىن ئېشىپ چۈشكەن ئەقلى ۋە ئۆتكۈر تەنقىدىي پىكىرلىرى ياۋروپانىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن. تۆۋەندە ئۇنىڭ تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن ئۈچۈن نېمە دېگەنلىكىگە قاراپ باقايلى. 1. پۇلغا [...]

دۇنيا جەھەننىمىدە جەننەت بەرپا قىلىش

20150422_131908000_iOS (2)

مال-دۇنياغا باغلىنىپ، مەنىۋىيەت باغچىسىنى قۇرۇتۇپ قويغان ئەخمەقلەرنىڭ سېپىگە قېتىلدىم. ئەمما بۇ جەمئىيەت مەنىۋىيەنى پۇلغا باغلاپ قويدى. روھىمىزدىكى جەننەت باغچىسىنى ياۋا ئوت-چۆپلەر قاپلاپ كەتتى. ئاچكۆز «چوشقىلار» ئەتراپتا خىرىس قىلىۋاتقاندا ئۆزىمىزنى قوغداش، باغچىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئادەمدەك كۈرەش قىلايلى دېدۇق. ئەمما نەپسىمىز بىزنى چوشقىلارغا ھەۋەس قىلىش، ھەتتا ئۇلارنى دوراشقا ئۈندىمەكتە. قىستاپ كەلگەن ماددىي ئېھتىياج بىزنى «چوشقا» قىلالماي ئاۋارە، [...]

يېزىڭ ۋە ئارتۇق ئويلىماڭ

kathryn-2-290x218 يازغۇچى كەترىن ھاررىسون بىلەن سۆھبەت Kathryn Harrison داڭلىق رومان يازغۇچىلىرىدىن بولۇپ، «ھەسەت»، «ئەسەبىي شادلىق»، «پېچەتلەنگەن خوتۇن»، «سۇدىن قېلىن» قاتارلىق رومانلىرى ۋە «ئانا رىشتى»، «ساندىياگو يولى» ناملىق ئەسلىمىلىرى بار. ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق كىتابى 1997-يىل نەشر قىلىنغان «سۆيۈش» ناملىق ۋەھىمىلىك  ئەسلىمىسى بولۇپ، ئاتىسى تەرىپىدىن مەجبۇرلانغان،...

ئىشنىڭ بېشى تالانتتۇر، كۈچ-ماغدۇرۇڭ قاناتتۇر

Haruki-Murakami   مۈشۈككە ئامراق قۇلاق موللىسى يازغۇچى  خارۇكى مۇكارامى بۇ يىل 70 ياشقا كىردى. 70 يىل! ياپونىيە ۋە خەلقئارادا داڭ قازانغان بۇ يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى ياشلىقنىڭ شادىيانە چۇقانلىرى ۋە ئىجادىيلىقنىڭ سېھرىي كۈچىگە تولغان بولۇپ،  14 رومانى ۋە ھېكايىلەر توپلىمى  ئەڭ بازارلىق كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.  بىز ئۇنىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش...

ئايلار ۋە يىللار

- halloween pumpkins in the moonlight بىز سانىغان يىل، ئاي، كۈنلەر بىزنىڭ ھاياتلىق دەپ ئاتايدىغان بۇ ئاڭ ئېقىنىمىزدا ئۈزۈلمەي ئاقىدۇ، ساناپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايمىز. ئاخىرقى كۈندىكى ئاپتاپ ۋە شامال، يەيمىز ئىچىمىز دەپ كۆتۈرۈپ كەلگەن تورت ۋە شاراپ، ئۇلاپ-ئۇلاپ ئوقۇغان ناخشىلار، بىر دەملىك ھۇزۇر ئىچىدە ئېرىپ كەتكەن بېسىملار، غەم-قايغۇلار، يېمەك لەززىتى ئىچىدە كۆڭۈلنى خوش قىلىپ،...

ئازادە ھويلا

human ئازادىلىك تۈگىدى، ئەتە يەنە بېسىم، تەشۋىش كۈنلىرى باشلىنىدۇ. بوش نېرۋا چىڭىيدۇ، مېڭىدىن تارتىپ كۆڭۈلگىچە ھەممە نەرسە بىر قېلىپقا كىرىپ قالدى، ئۇ بولسىمۇ بېسىم ۋە ئازادىلىك. بىر كۆنۈپ قالساق ئۆلگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ مۇشەققەت ۋە راھەت ئايلانمىسى يەر شارىنىڭ ئايلىنىشىدەك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشىدەك تەبىئىي ئىشقا ئايلىنىپ قالدى....

مۇشەققەت ۋە سەنئەت

sunset نەقەدەر ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن غەم قىلىپ، جان قاقشىتىپ يۈرگەنلىكىمنى دائىم ھېس قىلىمەن. ئەسلىدە بىرەر قازا كەلمىگەنلا بولسا شۈكۈر قىلىش ۋە داۋاملىق خۇرسەنلىك ئىچىدە ياشاش كېرەك ئىدى. ھەر ئىشقا، ھەتتا ئۆلۈمگە تەنھا يۈزلىنىمىز، ھېچكىم بىز بىلەن تەڭ كەتمەيدۇ، يىغلاپ ئۇزىتىپ قالىدۇ ۋە ئاخىر ئۇنتۇپ كېتىدۇ. قىزىقچىلىق ۋە قايغۇ بىر يەرگە كېلەلمەيدۇ،...

كىتاب ئوقۇش ھەققىدە

kitab يازغۇچىلىق ئىستاكانىنى تولدۇرۇشنىڭ ئەڭ ئەپچىل چارىسى ئوقۇماقتۇر. كىتابلىرىم ماڭا كۇپايە بۈيۈك پادىشاھلىقتۇر. – شېكىسپىر مەن كۆپ ياشىمىدىم، كۆپ ئوقۇدۇم. -بورخس كىتاب ئوقۇش ئۆمۈرنى ئۇزارتقانلىققا باراۋەر. ئوقۇماق باشقا بىرىنىڭ كاللىسى بىلەن ئويلاش دېمەكتۇر. -شوپىنخاۋىر ئەگەر ئوقۇشنى بىلسەڭ، ھەر ئىنساننىڭ بىر كىتاب ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيسەن! -ۋىليام...

بۇ مېڭە گويا 18مىڭ ئالەمدۇر

brain ۋەھدەت دېگىنىمىز تەشبىھ بىلەن تەنزىھنىڭ بىرلىكىدۇر. روھنىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگار بەندىلىرىگە ئاجايىپ تەسۋىرلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، بېشارەتلەر ۋە ئىشارەتلەر بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ يەككە-يىگانە ۋە چەكسىز بارلىقتۇر. مېڭە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ مېڭىسى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئورگان بولۇپ، مېڭىمىزنىڭ ئەڭ ئاستى قىسمى،...

ئۈمىدۋارلىق توغرىسىدا

tonuxux ئاجىزلار ئۆزىگە تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن قەھرىمانلىق خىيالى ئىچىدە ياشايدۇ. ئەمما ئەمەلىيەت رەھىمسىز، رېئاللىق ئۆزىنىڭ مۇزدەك چىرايى بىلەن بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، روھسىزلاندۇرىدۇ؛ ئەمما ئۈمىدسىزلىك تەسلىمىيەتچىلىكتۇر، ئۆلمىگەن جانغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر، خىيانەتتۇر. بېسىمنىڭ بارلىق مەنبەسى قورقۇنچ؛ ئۆلۈمدىن قورقۇش، كېسەللىكتىن قورقۇش،...

دىلنۇر (پوۋېست)

dilnur 1 ئەسلىمىدىن ئەسلىمە تۇغۇلىدۇ، ئەپسۇس-نادامەتتىن ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ، شۈكۈر-قانائەتتىن خۇرسەنلىك تاپىمەن. ئۇنى تۇنجى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭ ئانچە چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس كۆز جۇلاسىدىن ئەندىككەنىدىم، ئۇ مېنى تونۇمايتتى، دەل شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭغا قاراپ سالغانىدىم، ئۇنىڭ نەزىرى ئالدى تەرەپتە بولسىمۇ يەنىلا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ماڭا قاراۋاتقانلىقىنى...

يېڭى ھايات(8)

new life3 15 بىر كېچە بۇ تىۋىشنى ئاڭلاش ئارزۇسىغا شۇنچىلىك بېرىلدىمكى، تېلېۋىزورنى ئۆچۈردۈم، بۇرۇنلا ئۇخلىغان ئايالىمنى ئويغاتماستىن كىتابنى كارىۋىتىمنىڭ بېشىدىن ئاستا ئالدىم ۋە ھەر ئاخشىمى تېلېۋىزور كۆرگەچ تاماق يەيدىغان شىرەگە كېلىپ، يېڭى بىر ئىشتىياق بىلەن ئوقۇشقا باشلىدىم. قىزىم ھازىر ئۇخلاۋاتقان ھۇجرىدا نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا بۇ كىتابنى...