چوققىلانغان يازمىلار

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (پوۋېست)

m9

1 سىز بىر كىنو كۆرۈۋاتىسىز، ۋەقەلىكى يالغان، ئەمما كۆرۈنۈشلىرى راست. ئەگەر كىنو كۆرمەيۋاتقان بولسىڭىزمۇ مەلۇم بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بۇ شەھەردە مانجۇلار ھاكىمىيەت قۇرغان، ئىپارخان راۋاققا چىقىپ غەربكە نەزەر تاشلاپ يۇرتىنى سېغىنغان، جىگدە پۇراقلىرىغا تەشنا بولغان. ئارىدىن يۈز نەچچە يىل ئۆتتى، زامانىۋى ئىپارخانلار بەدەنلىرىگە چىپپىدە كېلىدىغان ئۇسسۇل كىيىملىرى بىلەن سەھنىلەردە جىلۋە [...]

ئورخان پامۇك ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى

th

تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ 30 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىيەت ھاياتى ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپلەرگە تولغان ھايات بولۇپ، تۇنجى رومانىدىن باشلاپ ھازىرغىچە تۈركىيە ۋە خەلقئارادا 24 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 2006-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالدى ۋە بۇ مۇكاپاتنى ئالغان تۇنجى تۈرك ھەمدە ئەڭ ياش ئىككى كىشىدىن بىرى بولدى. ئەسەرلىرى 60 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى، يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتتە نەشىر قىلىندى، [...]

چۈشكۈنلۈك ھەققىدە

Man with uniform writes a letter - 1896

Tim Parks نېمىشقا بىز تولىمۇ چۈشكۈن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيمىز؟ كۈندىلىك مەنىسىز ھاياتىمىزدا ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ مەن دەۋاتقان ئۈمىدسىزلىك قانداقتۇر بىرەر پرېزىدېنتنى سايلىغاندىن كېيىنكى ئۈمىدسىزلىك، ياكى دۇنيادىكى ئاچارچىلىق ۋە يەر شارىنىڭ ئسسىپ كېتىشى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولماسلىقىدىن كېيىنكى  ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك ئەمەس، بەلكى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىتالىيەدە «ئالەمچە ئۈمىدسىزلىك» دەپ ئاتالغان چۈشكۈنلۈكتۇر.  بۇ ئىبارە 19-ئەسىردە [...]

ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۆت ئىستەك

Rossu

  Maria Popova بېرتراند رۇسسېل (1872–1970) داڭلىق مۇتەپەككۇر، يازغۇچى بولۇپ، 1950-يىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ بەختلىك ھاياتنىڭ نېمىلىكىنى، مۇھەببەت، جىنسىيەت، ئەخلاقنىڭ بەختنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.   «ئىنسانلارنىڭ بارلىق ھەرىكىتىنى ئۇنىڭ نەپسى باشلاپ ماڭىدۇ.  بۇ يەردە بەزى سەمىمىي ئەخلاقشۇناسلار تەرغىپ قىلىدىغان، ئەخلاققا ۋە ساۋاب قازىنىشقا پايدىلىق بولغان ، ئەمما نەپسانىيەتنى چەكلەيدىغان بىمەنە نەزەرىيەلەر بار. [...]

يازغۇچى، پەيلاسوپلارنىڭ مۇزىكا ھەققىدە ئېيتقانلىرى

tanbur

Maria Popova مۇزىكا بىزنىڭ ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتىمىزدۇر. مۇزىكا روھىمىزدىكى تەۋرىنىشنىڭ ئاۋازىدۇر. پىسخولوگلار باشقا ھەرىكەتكە قارىغاندا مۇزىكا چېلىشنىڭ  مېڭىگە تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ مېڭىنى ئارام ئالدۇرىدىغانلىقى ۋە كۆڭۈلنى شادلاندۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى. ۋاھالەنكى، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغىنى مۇزىكا ئىنسان روھىنىڭ ماددىي دۇنيادىن ھالقىغان ساداسى ۋە ئىنسانىيلىقنىڭ يۈكسەك سەنئەت شەكلىدە ئىپادىلىنىشىدۇر. تۆۋەندە ئۇلۇغ يازغۇچىلار ۋە پەيلاسوپلار مۇزىكا [...]

يېزىڭ ۋە ئارتۇق ئويلىماڭ

kathryn-2-290x218

يازغۇچى كەترىن ھاررىسون بىلەن سۆھبەت Kathryn Harrison داڭلىق رومان يازغۇچىلىرىدىن بولۇپ، «ھەسەت»، «ئەسەبىي شادلىق»، «پېچەتلەنگەن خوتۇن»، «سۇدىن قېلىن» قاتارلىق رومانلىرى ۋە «ئانا رىشتى»، «ساندىياگو يولى» ناملىق ئەسلىمىلىرى بار. ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق كىتابى 1997-يىل نەشر قىلىنغان «سۆيۈش» ناملىق ۋەھىمىلىك  ئەسلىمىسى بولۇپ، ئاتىسى تەرىپىدىن مەجبۇرلانغان، ئەمما جاسارەتكە تولغان  ئىشقىۋازلىقلىرى ئەدەبىي شەكىلدە بايان قىلىنغان. ئەرلەردىن  بىر نەچچە داڭلىق [...]

مەڭگۈلۈك غېرىبلىق يوق

ئەمدى مەن بۇ قېتىملىق ئۇزۇن سەپىرىمنى سۆزلەپ بېرەي. مەن يىراق دۆلەتتىن كەلدىم، ئۇ يەر دۇنيانىڭ يەنە بىر چېتىدە شېۋىتسىيە بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، ئۇ يەردىكى مەنزىرە ۋە جۇغراپىيەلىك بېكىنمە مۇھىت شېۋىتسىيە بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇ مېنىڭ دۆلىتىم چىلى، ئۇ شىمالدىن جەنۇبقا، يەر شارىنىڭ جەنۇب چېگرىسىغا سوزۇلىدۇ، ھەتتا جەنۇبىي قۇتۇپقا تۇتىشىپ...

«ئەپەندى لەتىپىلىرى»

151 nasrettin hoca 1 ئەپەندىنى جۇڭگودىكى ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلىدۇ. شىنجاڭدىن چىققان بۇ مەشھۇر نام خەنزۇ تىللىقلار دۇنياسىغا كىرىپلا كەڭ تارالدى.ئەمما دۇنيادا، ياۋروپالىق ياكى لاتىن ئامېرىكىلىق بولسۇن ئۇنى كۆپىنچە ”خوجا نەسىردىن“ دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ھەقتىكى خەنزۇچە تەرجىمە ئەسەرلەرمۇ ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، گې باۋچۈەن ئەپەندى رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغان «نەسىردىن...

مەلىكە بىلەن يەتتە پالۋان

images ئۈچىنچى ئاي كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئاسماندىن ئاق پەيلەر تۆكۈلگەندەك لەپىلدەپ ياققان قارلار دالىنى ئاق لىباسقا پۈركەپتۇ، يەر-جاھان تولىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىپتۇ. بىر خانىش ياغاچ رامكىلىق دېرىزىنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ، جەڭگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغان پادىشاھقا كىيىم تىكىۋاتقانىكەن. توساتتىن بىر سوغۇق شامال چىقىپ، خانىش ئىختىيارسىز تىترەپ كېتىپتۇ-دە،...

بېلىقچى بوۋاي بىلەن ئالتۇن بېلىق

is (3) بۇرۇنقى زاماندا بىر بېلىقچى بوۋاي بوۋاي ئۆتكەن بولۇپ، دېڭىز بويىدا كەمپىرى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن، 33 يىل شۇنداق ياشاپتۇ. 33 يىلدىن بېرى تۇرمۇشى گەرچە نامرات ئۆتسىمۇ ناھايىتى خاتىرجەم، قانائەتچانلىق بىلەن ياشاپ كەپتۇ. بوۋاي ھەر كۈنى بېلىق تورىنى ئېلىپ دېڭىز بويىغا بېلىق تۇتقىلى چىقىدىكەن، كەمپىرى بولسا كونا كەپىسىدە يىپ ئېگىرىدىكەن....

ئالتۇن خورازنىڭ ھېكايىسى

is (1) بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدە، بىپايان ياۋروپا-ئاسىيا تۈزلەڭلىكىدە توپ-توپ قوي-كالىلار ئوتلايدىكەن، سېپىل-قورغانلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىكەن. بۇ زېمىندا ياش بىر ھۆكۈمران غەيرەتكە كېلىپ قۇدرەتلىك بىر دۆلەت قۇرماقچى بوپتۇ، ھە دېگەندە سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، بىپايان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈزلەڭلىكىنى بويسۇندۇرۇپ، دارتون چار...

قانداق يېزىش مەسىلىسى

literature رومان بىر مىللەتنىڭ مەخپىي تارىخىدۇر. –بالزاك رومان- قۇرۇلما سەنئىتىدۇر. تۇرمۇشتىن قالسا، يازغۇچى ئۈچۈن مۇھىم بولغان نەرسە كىتاب ئوقۇش. كىتاب ئوقۇش ئەسلىمە ۋە تەسەۋۋۇرنى قوزغىتىدۇ، ئىلھام پەيدا قىلىدۇ. ئەدەبىيات رەھىمسىز نەرسە. تالانت بولمىسا ئاقمايدۇ. تۇخۇنىڭ پوكىنىدا تۇخۇم بولمىسا ئۇ ھەر قانچە ئىنجىقلىغان، قەقەسلىگەن بىلەن تۇغالمايدۇ....

دۇنياغا داڭلىق پىسخولوگلار ھاياتلىققا قانداق قارايدۇ؟

سىگموند فروئىد (Sigmund Freud): 1. چاقچاق پەقەت چاقچاقلا ئەمەس، ئۇنىڭ راست تەرەپلىرى بولىدۇ. 2. روھى ساغلام ئادەم تىرىشىپ ئىشلەيدۇ ۋە باشقىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. مۇشۇ ئىككى ئىشنى ئورۇنلىيالىغانلارغا قالغان ئىشلار ئېغىر كەلمەيدۇ. 3. ئېغىزدىن كېتىپ قېلىش دەيدىغان ئىش يوق، خاتا كېتىپ قالغان ھەر قانداق گەپ يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسىدۇر. 4. ھاياتلىقتا...

«ئالتۇن باش» ستىفېن خاۋكىڭ

1459318486105161 داڭلىق ئالەمشۇناس، فىزىكا پروفېسسورى ستىفېن خاۋكىڭ 76 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇ ئالبېرت ئېينىشتيىندىن قالسا دۇنيادا ئەڭ كۆپ تونۇلغان فىزىكا ئالىمىدۇر. ئۇنىڭ كۋانتۇم فىزىكسى ۋە قارا ئۆڭكۈر ھەققىدىكى قاراشلىرى ئالىملار ئىچىدە زور تەسىر قوزغىىدى، كىتابلىرى 40 نەچچە خىلغا تەرجىمە قىلىندى، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن پۇل تېپىپ باياشات ياشىدى، ئۇنىڭدىن ئېشىنىپ...

كارخانىچى دېگەن قانداق بولىدۇ؟

78991239575735953 يۈ يىڭ(سۇمرۇغ تېلىۋىزىيەسى رىياسەتچىسى) رېن جىچياڭ (ئۆي-مۈلك ساھەسىدىكى داڭلىق كارخانىچى، ئىقتىسادشۇناس) يۈ يىڭ: ئولتۇرغانلاردىن سوراپ باقاي، رېن جىچياڭنى تونىمايدىغانلار بارمۇ؟ قول كۆتۈرۈڭلار، دېمەك يوق، رېن لىدېرنىڭ نامى مەشھۇر، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىلىدىكەن. رېن لىدېر خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ماگېستېرلىقىنى ئالغان، قانۇن...

ئورخان پامۇك ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى

th تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ 30 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىيەت ھاياتى ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپلەرگە تولغان ھايات بولۇپ، تۇنجى رومانىدىن باشلاپ ھازىرغىچە تۈركىيە ۋە خەلقئارادا 24 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 2006-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالدى ۋە بۇ مۇكاپاتنى ئالغان تۇنجى تۈرك ھەمدە ئەڭ ياش ئىككى كىشىدىن بىرى بولدى. ئەسەرلىرى 60 خىل تىلغا تەرجىمە...