چوققىلانغان يازمىلار

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (پوۋېست)

m9

1 سىز بىر كىنو كۆرۈۋاتىسىز، ۋەقەلىكى يالغان، ئەمما كۆرۈنۈشلىرى راست. ئەگەر كىنو كۆرمەيۋاتقان بولسىڭىزمۇ مەلۇم بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بۇ شەھەردە مانجۇلار ھاكىمىيەت قۇرغان، ئىپارخان راۋاققا چىقىپ غەربكە نەزەر تاشلاپ يۇرتىنى سېغىنغان، جىگدە پۇراقلىرىغا تەشنا بولغان. ئارىدىن يۈز نەچچە يىل ئۆتتى، زامانىۋى ئىپارخانلار بەدەنلىرىگە چىپپىدە كېلىدىغان ئۇسسۇل كىيىملىرى بىلەن سەھنىلەردە جىلۋە [...]

ئورخان پامۇك ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى

th

تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ 30 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىيەت ھاياتى ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپلەرگە تولغان ھايات بولۇپ، تۇنجى رومانىدىن باشلاپ ھازىرغىچە تۈركىيە ۋە خەلقئارادا 24 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 2006-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالدى ۋە بۇ مۇكاپاتنى ئالغان تۇنجى تۈرك ھەمدە ئەڭ ياش ئىككى كىشىدىن بىرى بولدى. ئەسەرلىرى 60 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى، يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتتە نەشىر قىلىندى، [...]

ئۈمىدۋارلىق توغرىسىدا

tonuxux

ئاجىزلار ئۆزىگە تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن قەھرىمانلىق خىيالى ئىچىدە ياشايدۇ. ئەمما ئەمەلىيەت رەھىمسىز، رېئاللىق ئۆزىنىڭ مۇزدەك چىرايى بىلەن بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، روھسىزلاندۇرىدۇ؛ ئەمما ئۈمىدسىزلىك تەسلىمىيەتچىلىكتۇر، ئۆلمىگەن جانغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر، خىيانەتتۇر. بېسىمنىڭ بارلىق مەنبەسى قورقۇنچ؛ ئۆلۈمدىن قورقۇش، كېسەللىكتىن قورقۇش، دۈشمەنلەرنىڭ قەستىدىن قورقۇش، مەسخىرىدىن قورقۇش، نامراتلىقتىن قورقۇش، خارلىق ۋە مۇھتاجلىقتىن قورقۇش ۋاھاكازالار… ئەمەلىيەتتە ئىنسان يۇقىرىقى قورقۇنچ، ۋەھىمىلەردىن قۇتۇلالمايدۇ؛ قۇتۇلالمىغانلىقى [...]

دىلنۇر (پوۋېست)

dilnur

1 ئەسلىمىدىن ئەسلىمە تۇغۇلىدۇ، ئەپسۇس-نادامەتتىن ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ، شۈكۈر-قانائەتتىن خۇرسەنلىك تاپىمەن. ئۇنى تۇنجى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭ ئانچە چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس كۆز جۇلاسىدىن ئەندىككەنىدىم، ئۇ مېنى تونۇمايتتى، دەل شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭغا قاراپ سالغانىدىم، ئۇنىڭ نەزىرى ئالدى تەرەپتە بولسىمۇ يەنىلا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ماڭا قاراۋاتقانلىقىنى پەملىدىم، ھېچ بولمىسا شۇنداق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭدىن ئۆتۈشۈپ كەتكەندىن كبيىن ئىختىيارسىز كەينىمگە [...]

يېڭى ھايات(8)

new life3

15 بىر كېچە بۇ تىۋىشنى ئاڭلاش ئارزۇسىغا شۇنچىلىك بېرىلدىمكى، تېلېۋىزورنى ئۆچۈردۈم، بۇرۇنلا ئۇخلىغان ئايالىمنى ئويغاتماستىن كىتابنى كارىۋىتىمنىڭ بېشىدىن ئاستا ئالدىم ۋە ھەر ئاخشىمى تېلېۋىزور كۆرگەچ تاماق يەيدىغان شىرەگە كېلىپ، يېڭى بىر ئىشتىياق بىلەن ئوقۇشقا باشلىدىم. قىزىم ھازىر ئۇخلاۋاتقان ھۇجرىدا نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا بۇ كىتابنى ئوقۇغانلىقىمنى مۇشۇنداق خاتىرىلىدىم. ئاشۇ نۇرنىڭ كىتابتىن بالقىپ يۈزۈمگە چۈشۈشىگە شۇنچىلىك تەشنا [...]

يېڭى ھايات(7)

new life5

13 تالاغا چىقار چىقماي يېنىك بىر شامال گەجگەمدىن كىرىپ، پۈتۈن بەدىنىمنى كېزىپ، تۈكلىرىمنى تىكەنلەشتۈردى. كېلەچەكتىكى يۇرتداشلىرىم گۇمانلىق دۈشمەنلەرگە ئايلاندى. يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقاندا تاپانچامنىڭ يانپىشىمدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاچ، تاماكام بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ئىسلاۋاتاتتىم. قوڭغۇراق چېلىندى، ئىچكىرىگە قارىدىم، ئۇ گېزىتىنى تېخىچە ئوقۇۋاتاتتى. تاماشىبىنلار بىلەن بىرلىكتە چېدىرغا قايتىپ ئۈچ رەت ئارقىدا ئولتۇردۇم، ”پروگرامما“ باشلاندى، بېشىم ئايلاندى. نېمە كۆرگىنىمنى، [...]

رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزدا نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟

1315005836orhanpamuk رومان ئىككىنچى ھاياتتۇر، فرانسۇز شائىر گېرارد نېرۋالنىڭ چۈشلىرىدەك، رومانلار ھاياتىمىزنىڭ رەڭگا رەڭ ھالىتى ۋە مۇرەككەپلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇ بىز تونۇيدىغان كىشىلەر، چىرايلار ۋە نەرسىلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بولىدۇ. رومان ئوقۇۋاتقىنىمىزدا خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك، ئۆزىمىز يولۇققان ئىشلارنىڭ ئاجايىپلىقى بىزنى شۇنچىلىك ھەيران...

مەن 37 يىلدا بىلگەن 37 ئىش

d3fcc1331f6c9a8ba46a24b7fd224e97 يەنە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، قېرىپ كېتىۋاتىمەن. بۇنى ئانچە ئويلاپ كەتمىگەنىدىم ھەم ۋاقىتنىڭ بۇنچىلىك تېز ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلمىغانىدىم. قېرىش داۋامىدا مەيدانغا كەلگەن ئاجايىپ ئىش شۇكى، ھەر يىلى ئۆزگىرىۋاتقان ئۆزەم بىلەن چىقىشىپ ئۆتىدىغان ھالغا كەلدىم. بىر ئىشنى قارار قىلسام ئىشەنچ بىلەن قارار قىلىدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ئانچە...

ئەقىل بولمىسا ساقالنىڭ نېمە ئىشى؟

link ئاتىللا فىكرى ئەرگۈن كونىلار، ئەقىل بولمىسا ساقالنىڭ نېمە ئىشى دېگەن چاغلىرىدا بۇ گەپنى ئەلۋەتتە ھېكمەت بىلەن ئېيتقان. تاپتىن چىقىپ كەتكەن دىنىي چۈشەنچىلەرنىڭ داۋراڭچىلىرىدىن بولماي، بۇرۇنقى ھېكمەتلەرگە قۇلاق سېلىپ قويغان بولساق تۈزۈك ئىش قىلغان بولاتتۇق. مەنىۋىيەت ۋە ئەخلاقنى چۆرىۋېتىپ، ئىدىئولوگىيەگە مەھكەم يېپىشقان دىنىي چۈشەنچە...

شۆھرەت ئويۇنى

پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا قارىساڭ شۇ گەپ، ئەگەر تونۇلمىساڭ ياشىغاننىڭ پايدىسى يوق. قىلىۋاتقان ئىشىڭ مۇھىم ئەمەس، تونۇلۇش مۇھىم. ئاتالمىغان ئەردىن ئاتالغان دۆڭ ياخشى، مۇشۇ ئىدىيە ھەممىنى بەربات قىلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە قىلىۋاتقان ئىشىمىز ۋە بۇ ئىشتىن ھۇزۇر ئېلىشىمىز مۇھىم ئىدى، تونۇلمساق-تونۇلمىساق كارىيىتى چاغلىق ئىدى. قولىمىزدىن ئىش...

نوچىلىقنىڭ بەلگىسى (ھېكايە)

IMG_0330 - بۈگۈن مەھەللەڭگە كەتمىسەڭ، ئەتە زىباگۈل بىلەن كۆرۈشىسەن،-دېدى ئۇ تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلەپ،- كەتسەڭمۇ نېمە ئىش قىلىسەن؟ - بولدىلا، كۆرۈشۈپ نېمە قىلاي. - گېپىڭنى يۈز تۇرانە دېمەمسەن، مۇشۇنداقلا بولدى قىلامسەن؟ - نېمە دەيمەن، ئىشقىلىپ ئۇ مېنى ياراتمايدۇ. - ياراتمايدىغىنىنى بىلگەن ئادەم نېمىشقا خەت يازغان؟ خېتىڭنى ئۆزەڭ ئاپىرىپ بېرەلمەي مېنى...

ئادەتلىنىش ۋە قۇللۇق

POP_Art_Oil_painting ھەر قانداق ھەرىكەت ۋە خىيال تەكرارلىنىدۇ. بۇلارغا كۈچ-قۇۋۋىتىڭنى سەرپ قىلىسەن. نەتىجىدە بۇ سېنىڭ ئادىتىڭگە ئايلىنىدۇ. بىر ئىشلارنى قىلىسەن، ئەمما بۇ ئىشلارنى مۇستەقىل روھ بىلەن ئەمەس، بەلكى ئادەتلىنىپ قالغىنىڭ ئۈچۈن قىلىسەن. ئادەتلىنىپ قېلىش ئىككىنچى مىجەزدۇر، مەسىلەن، بەڭگىلەرنىڭ تاماكا چېكىشى ئىككىنچى مىجەزگە ئايلانغان ئادەتنىڭ بىر...

تىللا سۆزلەر

Tulips گەپنى جايىدا قىلىشنى بىلىدىغان ئادەم كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر قالمايدۇ. (سۇلتان مۇھەممەد پاتىھ) مۇناردىن يىقىلغان ئادەمنىڭ پارچىسى تېپىلىدۇ، ئەمما كۆڭۈلدىن چۈشكەن ئادەمنىڭ پارچىسى تېپىلمايدۇ. (جالالىدىن رۇمى) چىرايلىق گۈلنى، چىرايلىق كېچىنى، ياخشى دوستنى ھەممە ئادەم خالايدۇ. ئەمما گۈلنى تىكىنى بىلەن، كېچىنى ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن، دوستنى...

باشلىق بىلەن ئولتۇرىدىغان سورۇن (ھېكايە)

baxlik باشلىق بىلەن ئولتۇرۇش بەزىلەر ئۈچۈن قاتتىق پەخىرلىنىدىغان بىر ئىش. پەخىرلەنمەيمەن دېگۈچىلەرمۇ ئىختىيارسىز پەخىرلىنىپ كېتىدۇ، ئۆزىنىڭ سۈپىتىنى ساقلاپ، غۇرۇرىنى قوغداپ بىر دەم ئولتۇرۇپ باقىدۇ، ئەتراپىغا قاراپ باقسا قىزغىنلىق باشلىنىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي بۇ ئېقىمغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. بىر سورۇندا يېنىمدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى...

تاش ۋە قەلب (ھېكايە)

kalb مۇھەببەت تېمىسى مەڭگۈلۈك بولغىنىدەك، خوتۇن تېمىسىمۇ كونىراپ قالمايدۇ. «خوتۇنى يوقنىڭ خۇدى يوق» دېگەن ھېكمەتتىن تەلىم ئېلىپ، ئۇز بولسىمۇ، سەت بولسىمۇ بىر خوتۇن ئېلىپ چىرايلىق ئۆي تۇتۇۋالغانلارنىڭ كۈنى ئوبدان، ھەر خوتۇندىن كېلىدىغان خۇشاللىق ۋە دەرت-ئەلەملەرنى يېزىپ كەلسە يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، نوقۇل ۋەقەلىكنى دېگەندىمۇ بىر-بىرىگە...

تىلىمىزدىكى بەزى سۆزلەر ۋە قوشۇمچىلار

Elipbe پارسچە «سەر»(باش) دېگەن سۆزدىن ياسالغان سۆزلەر: سەركەردە، سەردار، سەركە، سەرخۇش، سەرتەراچ (ساتىراش)، سەرگۈزەشت (باشتىن ئۆتكەن ئىشلار)، سەرخىل، سەرمايە پارسچە «پۇرۇش» (ئەھلى كەسىپ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ) قوشۇمچىسى قوشۇلغان سۆزلەر: كىتابپۇرۇش، دوراپۇرۇش، كۇسپۇرۇش (بۇ سۆزنىڭ پارسچىدىكى ئەسلى مەنىسى ئەۋرەز لاتىسى بولۇپ، پۇرۇش «لاتا-پۇرۇچ» دېگەن...