چوققىلانغان يازمىلار

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (پوۋېست)

m9

1 سىز بىر كىنو كۆرۈۋاتىسىز، ۋەقەلىكى يالغان، ئەمما كۆرۈنۈشلىرى راست. ئەگەر كىنو كۆرمەيۋاتقان بولسىڭىزمۇ مەلۇم بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بۇ شەھەردە مانجۇلار ھاكىمىيەت قۇرغان، ئىپارخان راۋاققا چىقىپ غەربكە نەزەر تاشلاپ يۇرتىنى سېغىنغان، جىگدە پۇراقلىرىغا تەشنا بولغان. ئارىدىن يۈز نەچچە يىل ئۆتتى، زامانىۋى ئىپارخانلار بەدەنلىرىگە چىپپىدە كېلىدىغان ئۇسسۇل كىيىملىرى بىلەن سەھنىلەردە جىلۋە [...]

ئورخان پامۇك ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى

th

تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ 30 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىيەت ھاياتى ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپلەرگە تولغان ھايات بولۇپ، تۇنجى رومانىدىن باشلاپ ھازىرغىچە تۈركىيە ۋە خەلقئارادا 24 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 2006-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالدى ۋە بۇ مۇكاپاتنى ئالغان تۇنجى تۈرك ھەمدە ئەڭ ياش ئىككى كىشىدىن بىرى بولدى. ئەسەرلىرى 60 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى، يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتتە نەشىر قىلىندى، [...]

يوق دېسۇن

يوق دېسۇن كېتەي بۇ دۇنيادىن يالغۇز يالىڭاچ، بىر ياماق جەندىسى يوق ئۇنىڭ دېسۇن. گېلىمغا يوقلۇقتىن پىچاق تەڭلەنسۇن، ئىچ-قارنى ئاچلىقتىن پۇراپتۇ دېسۇن. دېمىسۇن دۇنيانى قارنىغا يەپتۇ، يېنىدا بىر تيىن پۇلى يوق دېسۇن. دۇنياغا قارنى توق قۇرت كەبى ئىدى پەقەت بىر خىيالغا بېرىلگەن دېسۇن. ماختىناي پەقەتلا ئىمانىم قالسۇن، نامەرتلەر قولىدىن يىرگىندى دېسۇن. پەسكەشلەر ھەق دېسە مەن ئازغۇن [...]

مۇھەببەتنى قانداق يېزىش كېرەك؟

20150323_183027000_iOS

(ئوبزور) غالىپ مۇھەممەد قارلۇق مۇھەببەت ئۇلۇغ ۋە ئۆلمەس تېما. ئۇ دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈچ چوڭ تېمىسىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىدۇ. بىز مۇھەببەتتىن تۆرەلدۇق، مۇھەببەت ئارقىلىق ئاۋۇپ بۈگۈنگىچە كەلدۇق، مۇھەببەت ئارقىلىق يەنە «ئەسلىمىز»گە قايتىمىز. قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەتئەللەرگىچە مۇھەببەت تېمىسىدا قەلەم تەۋرىتىپ باقمىغان يازغۇچى، شائىر بولمىسا كېرەك. مۇھەببەت ھەم كونا تېما، ھەم يېڭى تېما. «چىڭگىزخان» فىلىمىدە تۆمۈرچىننىڭ [...]

ۋالتېرنىڭ سۆزلىرى

voltaire

ياۋروپا ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى، فرانسىيەلىك يازغۇچى، تارىخچى ۋە پەيلاسوپ ۋالتېر (1694-1778) ئۇنتۇلغۇسىز پىكىرلىرى ۋە بۇلارنى ئىپادىلەش قابىلىيىتى بىلەن داڭ قازانغان شەخستۇر. ئۇ ئۆمۈر بويى مۇتئەسسىپلىك ۋە زوراۋانلىق بىلەن ئېلىشقان. ئۇنىڭ زامانداشلىرىدىن ئېشىپ چۈشكەن ئەقلى ۋە ئۆتكۈر تەنقىدىي پىكىرلىرى ياۋروپانىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن. تۆۋەندە ئۇنىڭ تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن ئۈچۈن نېمە دېگەنلىكىگە قاراپ باقايلى. 1. پۇلغا [...]

دۇنيا جەھەننىمىدە جەننەت بەرپا قىلىش

20150422_131908000_iOS (2)

مال-دۇنياغا باغلىنىپ، مەنىۋىيەت باغچىسىنى قۇرۇتۇپ قويغان ئەخمەقلەرنىڭ سېپىگە قېتىلدىم. ئەمما بۇ جەمئىيەت مەنىۋىيەنى پۇلغا باغلاپ قويدى. روھىمىزدىكى جەننەت باغچىسىنى ياۋا ئوت-چۆپلەر قاپلاپ كەتتى. ئاچكۆز «چوشقىلار» ئەتراپتا خىرىس قىلىۋاتقاندا ئۆزىمىزنى قوغداش، باغچىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئادەمدەك كۈرەش قىلايلى دېدۇق. ئەمما نەپسىمىز بىزنى چوشقىلارغا ھەۋەس قىلىش، ھەتتا ئۇلارنى دوراشقا ئۈندىمەكتە. قىستاپ كەلگەن ماددىي ئېھتىياج بىزنى «چوشقا» قىلالماي ئاۋارە، [...]

رومانغا بولغان قارىشىم

ۋاڭ شياۋبو مەن كىچىكىمدىنلا ھېكايە-رومانلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم ھەم ئۆزەممۇ رومان يازالايمەن دەپ ئويلايتتىم. 27 ياشقا كىرگەن چېغىمدا تورنېرنىڭ بىر رومانىنى ئوقۇپ بۇ قارىشىمنى ئۆزگەرتتىم. مەن ئۇقماي يۈرگەن بىلەن، رومانچىلىق بەكلا ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ. ھازىرقى رومانلار بىلەن قەدىمكى رومانلارنىڭ پەرقى ماشىنا بىلەن ئات ھارۋىسىنىڭ پەرقىدەك...

نېمە ئۈچۈن يازىمىز؟

boy-writing-clip-art يېزىش ياكى يازماسلىق! بارلىق مەسىلە مانا شۇ – شېكىسپىر. سۆزلىيەلىگەن ئادەمنىڭ ھەممىسى يازغۇچى بولالايدۇ. يېزىش بىر قابىلىيەتتۇر، ۋاقىت مەسىلىسى، ساپا مەسىلىسى، دىت پاراسەت مەسىلىسىدۇر. يازغۇچى بولالمايمەن دەيدىغان بىر تەرەپلىمە قارىشىڭنى تۈزەت. بىر تەرەپلىمە قاراشلار بىزنىڭ كويزا كىشەنىمىز، ھەتتا تۈرمىمىزدۇر. باشتىكى تۈگمىنى خاتا...

مويەن مۇنداق دەيدۇ

Img361236999 1. بىر يازغۇچى ئۆز خاراكتېرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى، تىلدىكى يېڭىلىقىنى، يازماقچى بولغان نەرسىلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى چوقۇم ساقلىشى، ئېقىم-مودىلاردىن بىر ئاز يىراق تۇرۇشى لازىم. 2. مېنىڭچە، ئۇلۇغ ئەسەرلەر ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق خىسلىتى ۋە كەمچىلىكىنى ئېچىپ بېرەلىگەن، ئىنسانىيەتنىڭ ئارتۇقچىلىقى ياراتقان پارلاق نەتىجە ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئاجىزىلىقىدىن...

«قىزىل چاچلىق ئايال»نىڭ سېھرى كۈچى

kirmizi-sacli-kadin ئەسلىدە رەسسام بولاي دېگەن، يازغۇچى بولۇپ قالدىم. ئەمما بۇ ئىككى كەسىپ ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك بولۇشنى، رەڭلەر ئاتا قىلغان تۇيغۇلارنى سۆز-جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىمەن. رەڭلەرنى ئاڭلاشنى، سۆز-جۈملىلەرنى كۆرۈشنى سىناپ بېقىۋاتىمەن.   – ئورخان پامۇك ئورخان پامۇكنىڭ  200 نەچچە بەتلىك بۇ رومانىنىڭ ئۆزگىچە دۇنياسىغا بېشىمچىلاپ...

ئورخان پامۇك ۋە مويەن

pic_108498 2006-يىلى تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇك نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، رومانلىرى تېز سۈرئەتتە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بازارغا سېلىندى. بۇ رومانلارنىڭ ئىچىدە «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىنغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلىرى ئاساسەن ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىندى. 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭ شىدەن كىتابخانىسىدا...

شاھ بىلەن مالاي

IMG_3447 بىر پادىشاھ ئۆزىنىڭ مالىيىدىن ناھايىتى رازى ئىكەن. مالايمۇ پادىشاھقا ئۆزىنى ئاتىغانىكەن، ھەتتا پادىشاھ ئۈچۈن جېنىدىن كېچىشكە تەييار ئىكەن. دېمىسىمۇ مالاي ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدا بىر قانچە قېتىم ئۆزىنى خەتەرگە ئېتىپ، پادىشاھنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالغانىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پادىشاھنىڭ مۇھاپىزەتچىسىمۇ بوپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ئۇنى يېنىغا چاقىرىپ: __...

ئادەم بولماق تەس

portret مەرھۇم شائىر روزا سايىت «دېھقان بولماق تەس» دەپ بىر شېئىر يېزىۋىدى، «موللام بولماق تەس»، «ھاراق ئىچمەك تەس» دېگەندەك تەقلىد شېئىرلار، ھەتتا ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدىغان ئەپسانە شېئىرلار مەيدانغا كەلدى، بىرسى چىقىپ «ئادەم بولماق تەس» دېگەندەك شېئىر يازدىمۇ يوق، ئۇقمايمەن. ئەمما «ئالىم بولغىچە ئادەم بول»، «ئادەم بولماق ئەڭ چوڭ شەرەپ، ئەڭ...

رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزدا نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟

1315005836orhanpamuk رومان ئىككىنچى ھاياتتۇر، فرانسۇز شائىر گېرارد نېرۋالنىڭ چۈشلىرىدەك، رومانلار ھاياتىمىزنىڭ رەڭگا رەڭ ھالىتى ۋە مۇرەككەپلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇ بىز تونۇيدىغان كىشىلەر، چىرايلار ۋە نەرسىلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بولىدۇ. رومان ئوقۇۋاتقىنىمىزدا خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك، ئۆزىمىز يولۇققان ئىشلارنىڭ ئاجايىپلىقى بىزنى شۇنچىلىك ھەيران...

مەن 37 يىلدا بىلگەن 37 ئىش

d3fcc1331f6c9a8ba46a24b7fd224e97 يەنە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، قېرىپ كېتىۋاتىمەن. بۇنى ئانچە ئويلاپ كەتمىگەنىدىم ھەم ۋاقىتنىڭ بۇنچىلىك تېز ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلمىغانىدىم. قېرىش داۋامىدا مەيدانغا كەلگەن ئاجايىپ ئىش شۇكى، ھەر يىلى ئۆزگىرىۋاتقان ئۆزەم بىلەن چىقىشىپ ئۆتىدىغان ھالغا كەلدىم. بىر ئىشنى قارار قىلسام ئىشەنچ بىلەن قارار قىلىدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ئانچە...

ئەقىل بولمىسا ساقالنىڭ نېمە ئىشى؟

link ئاتىللا فىكرى ئەرگۈن كونىلار، ئەقىل بولمىسا ساقالنىڭ نېمە ئىشى دېگەن چاغلىرىدا بۇ گەپنى ئەلۋەتتە ھېكمەت بىلەن ئېيتقان. تاپتىن چىقىپ كەتكەن دىنىي چۈشەنچىلەرنىڭ داۋراڭچىلىرىدىن بولماي، بۇرۇنقى ھېكمەتلەرگە قۇلاق سېلىپ قويغان بولساق تۈزۈك ئىش قىلغان بولاتتۇق. مەنىۋىيەت ۋە ئەخلاقنى چۆرىۋېتىپ، ئىدىئولوگىيەگە مەھكەم يېپىشقان دىنىي چۈشەنچە...