چوققىلانغان يازمىلار

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (پوۋېست)

m9

1 سىز بىر كىنو كۆرۈۋاتىسىز، ۋەقەلىكى يالغان، ئەمما كۆرۈنۈشلىرى راست. ئەگەر كىنو كۆرمەيۋاتقان بولسىڭىزمۇ مەلۇم بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بۇ شەھەردە مانجۇلار ھاكىمىيەت قۇرغان، ئىپارخان راۋاققا چىقىپ غەربكە نەزەر تاشلاپ يۇرتىنى سېغىنغان، جىگدە پۇراقلىرىغا تەشنا بولغان. ئارىدىن يۈز نەچچە يىل ئۆتتى، زامانىۋى ئىپارخانلار بەدەنلىرىگە چىپپىدە كېلىدىغان ئۇسسۇل كىيىملىرى بىلەن سەھنىلەردە جىلۋە [...]

ئورخان پامۇك ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى

th

تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ 30 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىيەت ھاياتى ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپلەرگە تولغان ھايات بولۇپ، تۇنجى رومانىدىن باشلاپ ھازىرغىچە تۈركىيە ۋە خەلقئارادا 24 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 2006-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالدى ۋە بۇ مۇكاپاتنى ئالغان تۇنجى تۈرك ھەمدە ئەڭ ياش ئىككى كىشىدىن بىرى بولدى. ئەسەرلىرى 60 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى، يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتتە نەشىر قىلىندى، [...]

يوق دېسۇن

يوق دېسۇن كېتەي بۇ دۇنيادىن يالغۇز يالىڭاچ، بىر ياماق جەندىسى يوق ئۇنىڭ دېسۇن. گېلىمغا يوقلۇقتىن پىچاق تەڭلەنسۇن، ئىچ-قارنى ئاچلىقتىن پۇراپتۇ دېسۇن. دېمىسۇن دۇنيانى قارنىغا يەپتۇ، يېنىدا بىر تيىن پۇلى يوق دېسۇن. دۇنياغا قارنى توق قۇرت كەبى ئىدى پەقەت بىر خىيالغا بېرىلگەن دېسۇن. ماختىناي پەقەتلا ئىمانىم قالسۇن، نامەرتلەر قولىدىن يىرگىندى دېسۇن. پەسكەشلەر ھەق دېسە مەن ئازغۇن [...]

مۇھەببەتنى قانداق يېزىش كېرەك؟

20150323_183027000_iOS

(ئوبزور) غالىپ مۇھەممەد قارلۇق مۇھەببەت ئۇلۇغ ۋە ئۆلمەس تېما. ئۇ دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈچ چوڭ تېمىسىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىدۇ. بىز مۇھەببەتتىن تۆرەلدۇق، مۇھەببەت ئارقىلىق ئاۋۇپ بۈگۈنگىچە كەلدۇق، مۇھەببەت ئارقىلىق يەنە «ئەسلىمىز»گە قايتىمىز. قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەتئەللەرگىچە مۇھەببەت تېمىسىدا قەلەم تەۋرىتىپ باقمىغان يازغۇچى، شائىر بولمىسا كېرەك. مۇھەببەت ھەم كونا تېما، ھەم يېڭى تېما. «چىڭگىزخان» فىلىمىدە تۆمۈرچىننىڭ [...]

ۋالتېرنىڭ سۆزلىرى

voltaire

ياۋروپا ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى، فرانسىيەلىك يازغۇچى، تارىخچى ۋە پەيلاسوپ ۋالتېر (1694-1778) ئۇنتۇلغۇسىز پىكىرلىرى ۋە بۇلارنى ئىپادىلەش قابىلىيىتى بىلەن داڭ قازانغان شەخستۇر. ئۇ ئۆمۈر بويى مۇتئەسسىپلىك ۋە زوراۋانلىق بىلەن ئېلىشقان. ئۇنىڭ زامانداشلىرىدىن ئېشىپ چۈشكەن ئەقلى ۋە ئۆتكۈر تەنقىدىي پىكىرلىرى ياۋروپانىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن. تۆۋەندە ئۇنىڭ تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن ئۈچۈن نېمە دېگەنلىكىگە قاراپ باقايلى. 1. پۇلغا [...]

دۇنيا جەھەننىمىدە جەننەت بەرپا قىلىش

20150422_131908000_iOS (2)

مال-دۇنياغا باغلىنىپ، مەنىۋىيەت باغچىسىنى قۇرۇتۇپ قويغان ئەخمەقلەرنىڭ سېپىگە قېتىلدىم. ئەمما بۇ جەمئىيەت مەنىۋىيەنى پۇلغا باغلاپ قويدى. روھىمىزدىكى جەننەت باغچىسىنى ياۋا ئوت-چۆپلەر قاپلاپ كەتتى. ئاچكۆز «چوشقىلار» ئەتراپتا خىرىس قىلىۋاتقاندا ئۆزىمىزنى قوغداش، باغچىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئادەمدەك كۈرەش قىلايلى دېدۇق. ئەمما نەپسىمىز بىزنى چوشقىلارغا ھەۋەس قىلىش، ھەتتا ئۇلارنى دوراشقا ئۈندىمەكتە. قىستاپ كەلگەن ماددىي ئېھتىياج بىزنى «چوشقا» قىلالماي ئاۋارە، [...]

شۆھرەت ئويۇنى

پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا قارىساڭ شۇ گەپ، ئەگەر تونۇلمىساڭ ياشىغاننىڭ پايدىسى يوق. قىلىۋاتقان ئىشىڭ مۇھىم ئەمەس، تونۇلۇش مۇھىم. ئاتالمىغان ئەردىن ئاتالغان دۆڭ ياخشى، مۇشۇ ئىدىيە ھەممىنى بەربات قىلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە قىلىۋاتقان ئىشىمىز ۋە بۇ ئىشتىن ھۇزۇر ئېلىشىمىز مۇھىم ئىدى، تونۇلمساق-تونۇلمىساق كارىيىتى چاغلىق ئىدى. قولىمىزدىن ئىش...

نوچىلىقنىڭ بەلگىسى (ھېكايە)

IMG_0330 - بۈگۈن مەھەللەڭگە كەتمىسەڭ، ئەتە زىباگۈل بىلەن كۆرۈشىسەن،-دېدى ئۇ تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلەپ،- كەتسەڭمۇ نېمە ئىش قىلىسەن؟ - بولدىلا، كۆرۈشۈپ نېمە قىلاي. - گېپىڭنى يۈز تۇرانە دېمەمسەن، مۇشۇنداقلا بولدى قىلامسەن؟ - نېمە دەيمەن، ئىشقىلىپ ئۇ مېنى ياراتمايدۇ. - ياراتمايدىغىنىنى بىلگەن ئادەم نېمىشقا خەت يازغان؟ خېتىڭنى ئۆزەڭ ئاپىرىپ بېرەلمەي مېنى...

ئادەتلىنىش ۋە قۇللۇق

POP_Art_Oil_painting ھەر قانداق ھەرىكەت ۋە خىيال تەكرارلىنىدۇ. بۇلارغا كۈچ-قۇۋۋىتىڭنى سەرپ قىلىسەن. نەتىجىدە بۇ سېنىڭ ئادىتىڭگە ئايلىنىدۇ. بىر ئىشلارنى قىلىسەن، ئەمما بۇ ئىشلارنى مۇستەقىل روھ بىلەن ئەمەس، بەلكى ئادەتلىنىپ قالغىنىڭ ئۈچۈن قىلىسەن. ئادەتلىنىپ قېلىش ئىككىنچى مىجەزدۇر، مەسىلەن، بەڭگىلەرنىڭ تاماكا چېكىشى ئىككىنچى مىجەزگە ئايلانغان ئادەتنىڭ بىر...

تىللا سۆزلەر

Tulips گەپنى جايىدا قىلىشنى بىلىدىغان ئادەم كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر قالمايدۇ. (سۇلتان مۇھەممەد پاتىھ) مۇناردىن يىقىلغان ئادەمنىڭ پارچىسى تېپىلىدۇ، ئەمما كۆڭۈلدىن چۈشكەن ئادەمنىڭ پارچىسى تېپىلمايدۇ. (جالالىدىن رۇمى) چىرايلىق گۈلنى، چىرايلىق كېچىنى، ياخشى دوستنى ھەممە ئادەم خالايدۇ. ئەمما گۈلنى تىكىنى بىلەن، كېچىنى ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن، دوستنى...

باشلىق بىلەن ئولتۇرىدىغان سورۇن (ھېكايە)

baxlik باشلىق بىلەن ئولتۇرۇش بەزىلەر ئۈچۈن قاتتىق پەخىرلىنىدىغان بىر ئىش. پەخىرلەنمەيمەن دېگۈچىلەرمۇ ئىختىيارسىز پەخىرلىنىپ كېتىدۇ، ئۆزىنىڭ سۈپىتىنى ساقلاپ، غۇرۇرىنى قوغداپ بىر دەم ئولتۇرۇپ باقىدۇ، ئەتراپىغا قاراپ باقسا قىزغىنلىق باشلىنىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي بۇ ئېقىمغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. بىر سورۇندا يېنىمدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى...

تاش ۋە قەلب (ھېكايە)

kalb مۇھەببەت تېمىسى مەڭگۈلۈك بولغىنىدەك، خوتۇن تېمىسىمۇ كونىراپ قالمايدۇ. «خوتۇنى يوقنىڭ خۇدى يوق» دېگەن ھېكمەتتىن تەلىم ئېلىپ، ئۇز بولسىمۇ، سەت بولسىمۇ بىر خوتۇن ئېلىپ چىرايلىق ئۆي تۇتۇۋالغانلارنىڭ كۈنى ئوبدان، ھەر خوتۇندىن كېلىدىغان خۇشاللىق ۋە دەرت-ئەلەملەرنى يېزىپ كەلسە يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، نوقۇل ۋەقەلىكنى دېگەندىمۇ بىر-بىرىگە...

تىلىمىزدىكى بەزى سۆزلەر ۋە قوشۇمچىلار

Elipbe پارسچە «سەر»(باش) دېگەن سۆزدىن ياسالغان سۆزلەر: سەركەردە، سەردار، سەركە، سەرخۇش، سەرتەراچ (ساتىراش)، سەرگۈزەشت (باشتىن ئۆتكەن ئىشلار)، سەرخىل، سەرمايە پارسچە «پۇرۇش» (ئەھلى كەسىپ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ) قوشۇمچىسى قوشۇلغان سۆزلەر: كىتابپۇرۇش، دوراپۇرۇش، كۇسپۇرۇش (بۇ سۆزنىڭ پارسچىدىكى ئەسلى مەنىسى ئەۋرەز لاتىسى بولۇپ، پۇرۇش «لاتا-پۇرۇچ» دېگەن...

كېسەللىك

كېسەللىك ۋە خۇمار ئىنساننىڭ بىر يېرىگە كىرىۋالىدۇ ۋىرۇستەك، قۇرتتەك، جىندەك، شەيتاندەك، تومۇرلاردا قان بىلەن تەڭ يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ، بوۋاقلار قولىنى ئېمىدۇ، يوغانغاندا تاماكا شورايدۇ، بىر ئۆلگۈر لەززەت نېرۋىنى بويلاپ مېڭىگە بارىدۇ، ھۇزۇردەك تۇيۇلىدۇ بەزى سەزگۈلەر، گويا جان يايرايدۇ، قان يەنە تومۇرلاردا قاينايدۇ. بەدەندىن ئىبارەت غايەت...

ئۇلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەۋەندازلىرى ئىدى

cuqan 2013-يىل ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن جۇدالىق بىر يىل بولدى، ئەسەرلىرىدە، تەرجىمىلىرىدە ئۇيغۇر تىلىنى يۇقىرى سەنئەت پەللىسىگە كۆتۈرگەن ئۈچ شەخس ئارقا-ئارقىدىن ۋاپات بولدى. شائىر چىمەنگۈل ئاۋۇت «ئاھ، ئوسمانجان ئاكا، بۇ دۇنيادىن خوشلىشىش ئالدىدا يېنىڭدا بولالمىدۇق» دەپ نالە-پەرياد قىلسا، مۇھەممەد باغراشنىڭ زوقمەنلىرى ئۇنىڭ 80-يىللاردىكى ئاۋانگارت ئەسەرلىرىنى...

40 ياشتا چەكتىم ئىزتىراپ

portret2 2013-يىلنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنىدە ئالدىراپ بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن، نېمىشقىدۇر ئىچىمدە بىر ئىزتىراپ بار، ياش قىرىققا بېرىپ قالدى، قىلغان ئىشنىڭ تايىنى يوق، ئارزۇلار بىر-بىرىدىن يۈكسەك، يۈرەكنى بېسىپ تۇرۇپ، سۈكۈت ئىچىدە ئويلانغىنىمدا «قانائەت قىل» دەيمەن ئۆزۈمگە، ئەمما بىر دەمدىن كېيىن يەنە قانائەتسىزلىشىشكە باشلايمەن، مال-دۇنيا قانچە كۆپ بولسا...