چوققىلانغان يازمىلار

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (پوۋېست)

m9

1 سىز بىر كىنو كۆرۈۋاتىسىز، ۋەقەلىكى يالغان، ئەمما كۆرۈنۈشلىرى راست. ئەگەر كىنو كۆرمەيۋاتقان بولسىڭىزمۇ مەلۇم بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بۇ شەھەردە مانجۇلار ھاكىمىيەت قۇرغان، ئىپارخان راۋاققا چىقىپ غەربكە نەزەر تاشلاپ يۇرتىنى سېغىنغان، جىگدە پۇراقلىرىغا تەشنا بولغان. ئارىدىن يۈز نەچچە يىل ئۆتتى، زامانىۋى ئىپارخانلار بەدەنلىرىگە چىپپىدە كېلىدىغان ئۇسسۇل كىيىملىرى بىلەن سەھنىلەردە جىلۋە [...]

ئورخان پامۇك ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى

th

تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ 30 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىيەت ھاياتى ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپلەرگە تولغان ھايات بولۇپ، تۇنجى رومانىدىن باشلاپ ھازىرغىچە تۈركىيە ۋە خەلقئارادا 24 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 2006-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالدى ۋە بۇ مۇكاپاتنى ئالغان تۇنجى تۈرك ھەمدە ئەڭ ياش ئىككى كىشىدىن بىرى بولدى. ئەسەرلىرى 60 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى، يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتتە نەشىر قىلىندى، [...]

يوق دېسۇن

يوق دېسۇن كېتەي بۇ دۇنيادىن يالغۇز يالىڭاچ، بىر ياماق جەندىسى يوق ئۇنىڭ دېسۇن. گېلىمغا يوقلۇقتىن پىچاق تەڭلەنسۇن، ئىچ-قارنى ئاچلىقتىن پۇراپتۇ دېسۇن. دېمىسۇن دۇنيانى قارنىغا يەپتۇ، يېنىدا بىر تيىن پۇلى يوق دېسۇن. دۇنياغا قارنى توق قۇرت كەبى ئىدى پەقەت بىر خىيالغا بېرىلگەن دېسۇن. ماختىناي پەقەتلا ئىمانىم قالسۇن، نامەرتلەر قولىدىن يىرگىندى دېسۇن. پەسكەشلەر ھەق دېسە مەن ئازغۇن [...]

مۇھەببەتنى قانداق يېزىش كېرەك؟

20150323_183027000_iOS

(ئوبزور) غالىپ مۇھەممەد قارلۇق مۇھەببەت ئۇلۇغ ۋە ئۆلمەس تېما. ئۇ دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈچ چوڭ تېمىسىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىدۇ. بىز مۇھەببەتتىن تۆرەلدۇق، مۇھەببەت ئارقىلىق ئاۋۇپ بۈگۈنگىچە كەلدۇق، مۇھەببەت ئارقىلىق يەنە «ئەسلىمىز»گە قايتىمىز. قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەتئەللەرگىچە مۇھەببەت تېمىسىدا قەلەم تەۋرىتىپ باقمىغان يازغۇچى، شائىر بولمىسا كېرەك. مۇھەببەت ھەم كونا تېما، ھەم يېڭى تېما. «چىڭگىزخان» فىلىمىدە تۆمۈرچىننىڭ [...]

ۋالتېرنىڭ سۆزلىرى

voltaire

ياۋروپا ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى، فرانسىيەلىك يازغۇچى، تارىخچى ۋە پەيلاسوپ ۋالتېر (1694-1778) ئۇنتۇلغۇسىز پىكىرلىرى ۋە بۇلارنى ئىپادىلەش قابىلىيىتى بىلەن داڭ قازانغان شەخستۇر. ئۇ ئۆمۈر بويى مۇتئەسسىپلىك ۋە زوراۋانلىق بىلەن ئېلىشقان. ئۇنىڭ زامانداشلىرىدىن ئېشىپ چۈشكەن ئەقلى ۋە ئۆتكۈر تەنقىدىي پىكىرلىرى ياۋروپانىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن. تۆۋەندە ئۇنىڭ تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن ئۈچۈن نېمە دېگەنلىكىگە قاراپ باقايلى. 1. پۇلغا [...]

دۇنيا جەھەننىمىدە جەننەت بەرپا قىلىش

20150422_131908000_iOS (2)

مال-دۇنياغا باغلىنىپ، مەنىۋىيەت باغچىسىنى قۇرۇتۇپ قويغان ئەخمەقلەرنىڭ سېپىگە قېتىلدىم. ئەمما بۇ جەمئىيەت مەنىۋىيەنى پۇلغا باغلاپ قويدى. روھىمىزدىكى جەننەت باغچىسىنى ياۋا ئوت-چۆپلەر قاپلاپ كەتتى. ئاچكۆز «چوشقىلار» ئەتراپتا خىرىس قىلىۋاتقاندا ئۆزىمىزنى قوغداش، باغچىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئادەمدەك كۈرەش قىلايلى دېدۇق. ئەمما نەپسىمىز بىزنى چوشقىلارغا ھەۋەس قىلىش، ھەتتا ئۇلارنى دوراشقا ئۈندىمەكتە. قىستاپ كەلگەن ماددىي ئېھتىياج بىزنى «چوشقا» قىلالماي ئاۋارە، [...]

ياشاپتىمەن، بىلمەپتىمەن (پوۋېست)

2010051522422494 تۈرمىگە كىرگەندىن باشلاپ ئۆزەمنى قەپەزگە سولانغان ھايۋاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، قورسىقىم ئېچىپلا تۇرىدۇ،ئۇ پاسكىنا ھازىر نەلەردە ئويناپ يۈرىدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ غۇرۇرى مېنى مۇشۇنداق پايخان قىلىۋەتسە بولامدۇ؟ مەن ئۇنى خېمىردەك ئەيلىگەندە ئۇنىڭ غۇرۇرى نەگە كەتكەن بولغىيدى؟ بۇ قىسمەتنى ئۆزەمنىڭ دۆتلۈكىدىن كۆرۈشمۇ مېنى ئازابلايدۇ، چۈنكى...

كۆز پارقىراپ تۇرغان بىلەن…

hezi bol كۆز قەلبنىڭ ئەينىكى، گۈزەل قەلب كۆزدە ئەكس ئېتىدۇ، قەلب قاساۋەتلەشسە كۆزدىن ئىمان نۇرى، ئۈمىد نۇرى، شادلىق نۇرى ئاستا-ئاستا يوقايدۇ. كۆز چىراينىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسىدۇر، كۆزدە ئەكس ئەتكەن خاتىرجەملىك، خۇرسەنلىك ۋە خۇشاللىق چىراينى ئاپتاپتەك يورۇق قىلىدۇ؛ ئەمما بۇنداق پەيتلەر قىشنىڭ ئاپتىپىدەك تولىمۇ قىسقا بولىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ...

كونا كادىر (ھېكايە)

1358694718 ئازاد شاڭجاڭ كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، مۇئاۋىنلىقتىن باش شاڭجاڭلىققا ئۆستى، بويى گويا بىر غېرىچ ئۆستى، ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كەتتى، قورساق سالدى، زۇۋانى چوڭايدى، مەجلىس ئاچسا مەيدىسىنى كېرىپ، ياقىسىنىڭ تۈگمىسىنى كەڭ ئېچىۋېتىدىغان بولدى. ئۇنى ئەمدى ھېچكىم قوڭالتاق يېزا كادىرى ياكى مۇئاۋىن غالچا دېيەلمەيتتى. خەقنى مۇشۇنداق دېگۈزمەسلىك ئۈچۈن قانچىلىك...

ئۆگەنمەستىن ئىملانى، قانداق يازدىڭ ئىنشانى

1342894328 ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسى دەسلەپتە تۈزۈلگەندە مورفولوگىيىلىك تۈرلىنىشنى، يەنى سۆز يىلتىزىنى ئاساس قىلاتتى. ئەمما تىلىمىزدا ئا ئە تاۋۇشلىرىنىڭ تۈرلەنگەندە ئې ئى غا ئاجىزلىشىشى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە بولغاچقا نۇرغۇن سۆز-ئىبارىلەر بۇ قائىدىگە چۈشمىدى، مەسىلەن، ئاتا، ئانا، ئاچا، داپ، ئەمگەك، گەپ دېگەندەك نۇرغۇن سۆزلەر ئۈچىنچى...

3 مىليون يۈەنلىك دەرس

1357483311 بىرىنچى دەرس، بىر ئەر ئايالى يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن مۇنچىغا كىرمەكچى بوپتۇ. بۇ چاغدا ئىشىك جىرىڭلاپتۇ. ئايال دەرھال بەدىنىنى يۆگەپ ئىشىك ئالدىغا بېرىپتۇ. ئىشىكنى ئېچىپ قارىسا قوشنىسى جورج. ئايال گەپ قىلىپ بولغىچە جورج ئېغىز ئېچىپتۇ: −بەدىنىڭىزنى كۆرسەتسىڭىز 800 دوللار بېرىمەن. ئايال بىر دەم تۇرۇپ كېتىپ، بەدىنىنى ئېچىپتۇ. بىر نەچچە مىنۇتتىن...

ئوبدان ئويلاڭ

soal بىز بۈگۈن ئېگىز بىنالار، كەڭ يوللارغا ئىگە بولغان بىلەن، مىجەزىمىز بارغانچە چۇسلىشىپ، نەزەر دائىرىمىز تارىيىپ كەتتى. نۇرغۇن جاپا تارتقان بىلەن ئېرىشكەنلىرىمىز ئاز بولدى. ئۆيىمىز چوڭايغان بىلەن، ئائىلىمىز كىچىكلەپ كەتتى. ۋەدىلەشكەن ۋاقىتلىرىمىز كۆپ بولغان بىلەن ۋاقتىمىز ئازىيىپ كەتتى. نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولغان بىلەن، پەملەش ئىقتىدارىمىز...

يۈرەك كېسىلى (ھېكايە)

ئۇ دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرۈپ يۈرەكلىرى سېلىپ كەتتى، قەغەزگە ئىشەنمەي دوختۇرنىڭ ئۆزىدىن سورىدى: __ يۈرەك يوغىناش دېگەن نېمە؟ __ يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ بىر تۈرى،_ دېدى دوختۇر كېسەل تەگكەن قوينىڭ يېنىدا پىچىقىنى بىلەپ تۇرغان قاسساپتەك بىخارامان،- قان-تومۇر ياكى نەپەس راۋان بولمىسا، يۈرەككە بېسىم چۈشۈپ، يۈرەك يوغىناپ كېتىدىغان گەپ. __...

ھېكايە سۆزلىگۈچى

moyan مويەننىڭ نوبېل مۇكاپاتى ئېلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن سۆزى شېۋىتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئاكادېمىكلىرى، خانىملار، ئەپەندىلەر: مەن ئويلايمەنكى، مەشەدە ئولتۇرغان مېھمانلار تېلىۋىيە ياكى تور ئارقىلىق يىراقتىكى گاۋمى ناھىيەسى دۇڭبېي يېزىسى ھەققىدە ئاز-تولا تەسىراتقا ئىگە بولدۇڭلار. سىلەر توقسان نەچچە ياشلىق دادامنى كۆرگەن بولۇشۇڭلار...

يازغۇچى مويەننىڭ خۇشاللىقى ۋە قورقۇنچى

moyan خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مويەن بۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، قاتتىق خۇشال بولغان ھەم قورققان. خۇشاللىقىنى چۈشەنمەك ئاسان، چۈنكى ئۇ 30 يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىنىڭ ھاردۇقىنى چىقاردى، مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئەسەر يازىدىغان ھۇجرىسىدىن چىقىپ، مېديا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خەلققە گەپ قىلىدىغان كاتتا شەخسكە، جۇڭگولۇقلارنىڭ...

نېمىگە ئالدىرايمىز؟

بەزىدە تولىمۇ ئالدىراپ كېتىمىز، پۇل تېپىشقا ئالدىرايمىز، مېڭىشقا ئالدىرايمىز، يەپ-ئىچىشكە ئالدىرايمىز، گەپ قىلىشقا ئالدىرايمىز، ئۆزىمىزنى كۆرسىتىشكە ئالدىرايمىز، تۈزۈك ياشىيالماي قالدىممىكىن دەپ قالتىس ياشاش خىياللىرىنى سۈرۈپ، ئەتراپقا قاراپ، ئاللىكىملەرگە ھەۋەسلىنىپ تىپىرلاپ كېتىمىز، قېرىغانچە ئۆمۈر ئاز قالدى دەپ، كۆڭۈلدىكىدەك...