چوققىلانغان يازمىلار

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (پوۋېست)

m9

1 سىز بىر كىنو كۆرۈۋاتىسىز، ۋەقەلىكى يالغان، ئەمما كۆرۈنۈشلىرى راست. ئەگەر كىنو كۆرمەيۋاتقان بولسىڭىزمۇ مەلۇم بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بۇ شەھەردە مانجۇلار ھاكىمىيەت قۇرغان، ئىپارخان راۋاققا چىقىپ غەربكە نەزەر تاشلاپ يۇرتىنى سېغىنغان، جىگدە پۇراقلىرىغا تەشنا بولغان. ئارىدىن يۈز نەچچە يىل ئۆتتى، زامانىۋى ئىپارخانلار بەدەنلىرىگە چىپپىدە كېلىدىغان ئۇسسۇل كىيىملىرى بىلەن سەھنىلەردە جىلۋە [...]

ئورخان پامۇك ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى

th

تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ 30 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىيەت ھاياتى ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپلەرگە تولغان ھايات بولۇپ، تۇنجى رومانىدىن باشلاپ ھازىرغىچە تۈركىيە ۋە خەلقئارادا 24 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 2006-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالدى ۋە بۇ مۇكاپاتنى ئالغان تۇنجى تۈرك ھەمدە ئەڭ ياش ئىككى كىشىدىن بىرى بولدى. ئەسەرلىرى 60 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى، يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتتە نەشىر قىلىندى، [...]

چۈشكۈنلۈك ھەققىدە

Man with uniform writes a letter - 1896

Tim Parks نېمىشقا بىز تولىمۇ چۈشكۈن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيمىز؟ كۈندىلىك مەنىسىز ھاياتىمىزدا ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ مەن دەۋاتقان ئۈمىدسىزلىك قانداقتۇر بىرەر پرېزىدېنتنى سايلىغاندىن كېيىنكى ئۈمىدسىزلىك، ياكى دۇنيادىكى ئاچارچىلىق ۋە يەر شارىنىڭ ئسسىپ كېتىشى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولماسلىقىدىن كېيىنكى  ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك ئەمەس، بەلكى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىتالىيەدە «ئالەمچە ئۈمىدسىزلىك» دەپ ئاتالغان چۈشكۈنلۈكتۇر.  بۇ ئىبارە 19-ئەسىردە [...]

ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۆت ئىستەك

Rossu

  Maria Popova بېرتراند رۇسسېل (1872–1970) داڭلىق مۇتەپەككۇر، يازغۇچى بولۇپ، 1950-يىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ بەختلىك ھاياتنىڭ نېمىلىكىنى، مۇھەببەت، جىنسىيەت، ئەخلاقنىڭ بەختنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.   «ئىنسانلارنىڭ بارلىق ھەرىكىتىنى ئۇنىڭ نەپسى باشلاپ ماڭىدۇ.  بۇ يەردە بەزى سەمىمىي ئەخلاقشۇناسلار تەرغىپ قىلىدىغان، ئەخلاققا ۋە ساۋاب قازىنىشقا پايدىلىق بولغان ، ئەمما نەپسانىيەتنى چەكلەيدىغان بىمەنە نەزەرىيەلەر بار. [...]

يازغۇچى، پەيلاسوپلارنىڭ مۇزىكا ھەققىدە ئېيتقانلىرى

tanbur

Maria Popova مۇزىكا بىزنىڭ ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتىمىزدۇر. مۇزىكا روھىمىزدىكى تەۋرىنىشنىڭ ئاۋازىدۇر. پىسخولوگلار باشقا ھەرىكەتكە قارىغاندا مۇزىكا چېلىشنىڭ  مېڭىگە تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ مېڭىنى ئارام ئالدۇرىدىغانلىقى ۋە كۆڭۈلنى شادلاندۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى. ۋاھالەنكى، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغىنى مۇزىكا ئىنسان روھىنىڭ ماددىي دۇنيادىن ھالقىغان ساداسى ۋە ئىنسانىيلىقنىڭ يۈكسەك سەنئەت شەكلىدە ئىپادىلىنىشىدۇر. تۆۋەندە ئۇلۇغ يازغۇچىلار ۋە پەيلاسوپلار مۇزىكا [...]

يېزىڭ ۋە ئارتۇق ئويلىماڭ

kathryn-2-290x218

يازغۇچى كەترىن ھاررىسون بىلەن سۆھبەت Kathryn Harrison داڭلىق رومان يازغۇچىلىرىدىن بولۇپ، «ھەسەت»، «ئەسەبىي شادلىق»، «پېچەتلەنگەن خوتۇن»، «سۇدىن قېلىن» قاتارلىق رومانلىرى ۋە «ئانا رىشتى»، «ساندىياگو يولى» ناملىق ئەسلىمىلىرى بار. ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق كىتابى 1997-يىل نەشر قىلىنغان «سۆيۈش» ناملىق ۋەھىمىلىك  ئەسلىمىسى بولۇپ، ئاتىسى تەرىپىدىن مەجبۇرلانغان، ئەمما جاسارەتكە تولغان  ئىشقىۋازلىقلىرى ئەدەبىي شەكىلدە بايان قىلىنغان. ئەرلەردىن  بىر نەچچە داڭلىق [...]

سوغۇق شامال (پوۋېست)

sad ئۇ چۈشىدە ئۆزىنى مۇخبىرلار زىيارەت قىلىۋاتقان ھالەتتە كۆردى. مۇخبىرلار سوئال سورىغاندا ئۇ كۆزەينىكىنى سۈرتكەچ جاۋاب بېرەتتى، يېنىدا گەپكە قوشۇق سېلىۋاتقان خوتۇنىغا پات-پات ئالىيىپ قاراپ قوياتتى، ناۋادا بۇ خوتۇنى بولمىغان بولسا تېخىمۇ ئەركىن گەپ قىلالايتتى-دە. − مەن،−دەپ گەپ باشلىدى ئۇ ياشلىقىنى ھاياجان بىلەن ئەسلىگەچ،− 55-يىلى بېيجىڭغا...

200 يىللىق نادىر ئەسەرلەر

tolstoy1 ”ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيىلىك 125 يازغۇچى باھالاپ چىققان،  تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كاتتا ئەسەرلەر“ دەرىجىسىگە قارىغاندا لېۋ تولىستوينىڭ «ئاننا كارىننا»، نابوكوۋنىڭ «لولىتا» ناملىق رومانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 19-ئەسىر ۋە 20-ئەسىردىكى ئەڭ نادىر ئەسەر بولۇپ باھالانغان، نابوكوۋ گەرچە ئامېرىكىلىق بولسىمۇ قېنى رۇسلارغا تەۋە بولغاچقا  رۇسلار ئۈستۈنلۈكنى...

يازغۇچىدىكى ئىشق ۋە دەرد

writer2 يازغۇچى ئۆز بىچارىلىكىنى كۆرۈپ يەتكۈچى، گۈزەللىكنى ئۇلۇغلايدۇ، تەبىئەتنى سۆيىدۇ. بىر دەقىقە تەپەككۇرىغا ئالەمچە ئىشلار سىغىدۇ، باشقىلار ئۇنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ، ئەمما ئۇ ئاسان تەسىرلىنىدۇ، ھەرىنىڭ ئۇۋىسىدەك چۇۋۇلۇپ كەتكەن پىكرىنى ئىپادىلەشنى ئويلايدۇ،  قەغەز، قەلەم، كومپيۇتېر بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، پۈتۈن مەۋجۇتلۇقىنى تەپەككۇرىغا...

سەن يەنىلا «ئىزدىنىش» تا يۈرەمسەن؟

ئۇ يېنىمغا كېلىپ ماڭا ئېچىنىپ قارىدى: _ يەنە شۇ ”ئىزدىنىش“… _ قانداق قىلاي، باشقا تور بەتلىرى تېتىمايدۇ. _ 8 يىللىق كونا ئەزاكەنسەن، بالاڭمۇ 8 ياشقا كىردى، ئەمدى بولدى قىلساڭ بولمامدۇ؟ شۇ كەتكەن ۋاقىتلىرىڭغا ئىچىڭ ئاغرىمامدۇ؟ تېما يازىمەن، ئىنكاس يازىمەن دەپ زېھنىڭ كەتتى، كۆز نۇرۇڭ كەتتى، مۇشۇ ۋاققىچە تورغا يوللىغان نېمەڭگە يا بىر...

پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت…

pul يېقىندا بېيجىڭدىكى مېترودا يانمۇ يان ئولتۇرغان ئىشلەمچى ئاشىق مەشۇقلار گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قاپتۇ، ئايال ئەرنى توختىماي ئەيىبلەپتۇ، ئۇ گۆشۋاشنىڭ بىرەر ئىشتا تىلى تۇتۇق بولسا كېرەك، گۈشىيىپ قاراپ ئولتۇرىۋېرىپتۇ، غەزىۋى كەلگەن ئايال توساتتىن ئەتراپتىكىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر گەپنى قىلىپتۇ: پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت! بۇ گەپنى...

ئەرتۈرك بلوگى يېڭىلاندى

كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، بۇ بلوگ ئون كۈندىن بېرى pJ blog دىن wordpress قا كۆچۈپ كىردى، ئەسلىدە كۆچمەي دېگەن، بۇرۇنقىسىغا كۆنۈپ قاپتىكەنمەن، ئەمما بلوگنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىلقۇت، مۇشاۋىر ئەپەندىلەرنىڭ يېڭىلىققا ۋە مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغان روھى مېنى تەسىرلەندۈردى، ئۇلارنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە...

نەچچە ۋاقىتتىن بېرى…

نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قانداق ياشىدىم؟  ھاياتتا بۈيۈك غايىلىرىم، تۇرمۇشتا ئاجايىپ پىلانلىرىم بار ئىدى، ئەمما ھەر كۈنى ئۇششاق ئىشلار، كەچمىشلەر بىلەن ھەرە كېپىكىدەك ھەرىدىلىپ، ۋاقىت شامىلىدا ئۇچۇپ تۇردۇم. تۇرمۇش ھەقىقەتەن كاتتا ئىشلاردىن ئەمەس، ئۇششاق-چۈششەك كەچمىشلەردىن، ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان تۇيغۇ-تەسىراتلاردىن، ئۆلگەندە تۈگەيدىغان پانىي...

ئەلكۈيى خەۋەرلىرىدىكى بەزى مەسىلىلەر

ئەلكۈيى خەۋەرلىرى ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەڭ ئاۋات سەھىپىسى. خەۋەرلەرنىڭ يېڭىلىنىشى تېز، جەلىپكارلىقى يۇقىرى، گېزىتخۇمار ئادەم ھەر كۈنى گېزىت ئوقۇپ ئارقىدىن بىر تال تاماكا چېكىشكە خۇمار بولغاندەك، تورخۇمار ئادەممۇ خەۋەرلەر سەھىپىسىگە كۆز يۈگۈرتۈشكە خۇشتار بولۇپ قالىدىكەن. ئەلكۈيىدىكى خەۋەرلەر ئاساسەن سىياسىي خەۋەرلەر، قىززىق نۇقتىلار، قىزىقارلىق...

تىرىكلىك نىشانى (5)

39 ھازىردىن باشلاپ، تۈنۈگۈندىن باشلاپ، بەلكىم تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئاللاھ دەرگاھىغا كېتىۋاتىمەن. ئەسلىمىلەر يوقالدى، ھالبۇكى ياخشى-يامان ئەمەللىرىمىزنى مالائىكىلەر خاتىرىلەپ تۇرىدۇ؛ بىھۇدە سۆز، ئوسال قىلىق، ئىتائەتسىز خىيال ۋە ئىسيانكارلىقلىرىمىزنى ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسام گۇناھلىرىم تاغدەك دۆۋىلىنىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى پەخەس بولۇپ...

تىرىكلىك نىشانى (4)

31 ئىشتىياق باغلىدىم خەۋەرلەرگە، ھەقىقىي ۋەقەنى بىلگۈچى ئاللاھ، نىجاتكارىمىز ئاللاھ، بەختكە بىر ۋەسىلىنى بەرگۈچىمۇ ئاللاھ، پەرۋەردىگارىمىز بۇ دەۋرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ئىنسان ھەقىقەتنى بىلىشكە شۇنچىۋالا ھېرىسمەن، ئەمما غەيبىي مەسىلىلەرگە كاللىسى يەتمىگەچكە، ھېس- تۇيغۇسى رېئاللىقتىن، ماددىدىن چەتنەپ كېتەلمەي، نەق...